بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گېتلېر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-20 23:39
قالماقىيە جۇمھۇرىيتى (رۇسىيە)
زېمىن ۋە ئاھالە ئەھۋالى:
قالماقىيە جۇمھۇرىيىتى (卡尔梅克، Калмыкия) رۇسىيە فېدراتسىيەسى ئىچىدىكى جەنۇبىي فېدراتسىيە رايونىغا تەۋە جۇمھۇرىيەت بولۇپ، شەرقتە كاسپىي دېڭىزى ۋە ئاستراخان ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇپتا بولسا داغىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ياۋرۇپادىكى بىردىنبىر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان رايون بولۇپ، موڭغۇل تىلىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئۇيرات تىلىدا سۆزلىشىدۇ، سىرىل يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
جۇمھۇرىيەت دائىرىسى 76 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 289 مىڭدىن ئاشىدۇ (2010-يىللىق)، پايتەختى ئەلىستا. پايتەختتىكى ساكيامونى ئالتۇن ئىبادەتخانىسى بولسا ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەلىستادا 33-نۆۋەتلىك دۇنيا شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شاھمات شەھىرى دەپمۇ نامى بار. مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتە ئاساسلىقى قالماقلار بۇددا دىنىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئومومىي جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ %57.4نى ئىگىلەيدۇ، ئورۇسلار %30.2 ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قازاق، تۈرك، ئاۋار، ئۇكرائىن ۋە گېرمان قاتارلىق مىللەتلەر بار.
قىسقىچە تارىخى:
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇيرات موڭغۇللىرى مۇسۇلمان تۈركىي قەۋملەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدىمۇ، ئىسلام دىنىغا كىرمەي، يەنىلا ئۆز دىنىدە قالغانلىقى ئۈچۈن، تۈركلەر تەرىپىدىن«قالماق» دەپ ئاتالغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن، مەزكۇر نام ئۇيرات موڭغۇللىرىغا ئىسىم بولۇپ قالغان ئىكەن.
17-ئەسىرلەردە، ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ 4 قەبىلىسى بولغان خوشۇت، جۇڭغار، دۆربۈت ۋە تۇرغۇت قەبىلىلىرى ئىلى رايونىنى مەركەز قىلىپ كۈچەيگەندىن كېيىن، جۇڭغارلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. لېكىن تۇرغۇتلار بۇنىڭغا قايىل بولماي، جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلمىغان، ھەمدە 1616-يىلى تۇرغۇتلار قىرغىز يايلاقلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، غەرب تەرەپكە قاراپ كۆچكەن. ئۇلار ئورۇسلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، خارازىم خانلىقىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى بېسىۋالغان.
1643-يىلى، ۋولگا دەرياسىىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋە ئاستراخانغا يېقىن جايلاردا ياشىغان، نوغايلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئورۇسلاردىن ئايرىلماقچى بولغان. 1673-يىلى، دون دەيارسى ۋە ۋولگا دەرياسى ئارىلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيراتلار ئاقساقىلى ئايۇچ ئورۇسلارنىڭ مول ئىنئاملىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چار پادىشاھقا ساداقەت بىلدۈرگەن، لېكىن ئۇيراتلار قىرىم خانلىقى، دالاي لاما ۋە چىڭ خاندانلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىغان. كېيىن چار پادىشاھ ئوسمانىي ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۇيراتلاردىن توختىماي ئەسكەر قوبۇل قىلىۋەرگەچكە، ئۇيراتلارنىڭ قاتتىق قارشلىقىنى قوزغىغان. 1771-يىلى بىر قىسىم ئۇيراتلار قەبىلە ئاقساقىلى ئوباي (ئايۇچنىڭ نەۋرىسى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەرق تەرەپكە، يەنى قەدىمىي ئانان ماكانىغا قايتماقچى بولغان. كۆچۈش يولدا ئۇلار چارۇسىيە قوشۇنلىرى ۋە قازاقلارنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئادەم نابۇت بولغان ۋە يارىلانغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئاران نەچچە تۈمەن ئادىمى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەن. چىڭ خاندانلىقى ۋەتەنگە قايتقان ئۇيراتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئايرىم يەرلەرنى ئاجراتقان.
شەرقكە كۆچمەي، چاررۇسىيە تەۋەسىدە قېلىپ قالغان ئۇيراتلار داۋاملىق ۋلگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ياشاپ، چار پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە تەدرىجى ھالدا ھازىرقى قالماقلارنى شەكىللەندۈرگەن.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قازىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1920-يىلى قالماقىيە ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلغان، 1935-يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1943-يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1957-يىلى قايتىدىن ئوبلاست بولغان. 1958-يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە فېدراتسىيەسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قالغان.
ھازىرقى قالماقىيە جۇمھۇرىيىتى دائىرىسى 13-ئەسىرلەردە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە زېمىنلار ئىدى، 15-ئەسىردە ئاستراخان خانلىقىغا تەۋە بولۇپ، ئاستراخانا خانلىقى 1556-يىلى چاررۇسىيەگە قوشۇلۇپ كەتكەن. قالماقلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئۇيرات موڭغۇللىرى 17-ئەسىردە كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىدىكى رايونلارغا شەرق تەرەپتىن كۆچۈپ كەلگەن. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۇيراتلار ئۆزلىرىگە بەزى تۈركىي قەۋىملەر، ئورۇسلار ۋە باشقا كىشىلەرنى قوشىۋېلىش ئارقىلىق، ھازىرقى قالماقلار بولۇپ شەكىللەنگەن. 17-ئەسىردىن باشلاپ، قالماقلارنىڭ ئارىسىدا لاما دىنى ئىنتايىن ئەۋج ئالغان. ئۇلار تاكى 19-ئەسىرلەرگىچە كۆچمەن چارۋىچى ھالەتتە ياشاپ كەلگەن.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، قالماقىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1943-يىلى قالماقلار «نېمىس تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان» دېگەن بەتنام بىلەن، مەجبۇرى ھالدا غەربىي سىبىرىيە ۋە شىمالىي قازاقىستانغا پالانغان. 1958 -يىلى پالاش بۇيرۇقىدا خاتالىق بار دەپ قارىلىپ، بۇيرۇقنى ئۆزگەرتكەن، ھەمدە قايتىدىن قالماقىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قىلىنغان. پالانغان قالماقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.
ئىقتىسادى ئەھۋالى:
قالماقىيەنىڭ تەبئىي گاز، نېفىت، ئورمان قاتارلىق تەبئىي بايلىقلىرى مول. يېزا- ئىگىلىك ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە قوي بورداقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. كاسپىي دېڭىزىدا يەنە كىچىك كۆلۈمدىكى بېلىقچىلىق كەسىپى بار. سانائەت تەرەققىياتى ئاجىز بولۇپ، ئاساسلىقى يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ماسلاشقان.
گۆش، قوي يۇڭى، سېرىق ماي، كۆن- خۇرۇم، كونسىرۋا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى رۇسىيە فېدراتسىيەسى ۋە باشقا رايونلارغا ئېكىسپورت قىلىدۇ. مېتال، ماشىنا، ئۈسكۈنە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە كۈندىلىك بۇيۇملارنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. ئاتسىپېنسېر بېلىقى ئىكرا قىيامى بولسا قالماقىيەنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت مەھسۇلاتى ھېساپلىنىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئومومىي ئىكىسپورتنىڭ %80نى ئىگىلەيتتى.
مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى جەھەتتە، فېدراتسىيەنى خامچوتى %22.3، فېدراتسىيە غوللۇق خامچوت ۋە يەرلىك خامچوت مەبلىغى %2.0، شەخسىي كارخانا ۋە ئورۇنلارنىڭ بولسا %60.7نى ئىگىلەيدۇ.
مەنبە نۇر تورى
|