تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 17
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى توققۇز قېتىملىق ئۇرۇش

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    113

    تېما

    2

    دوست

    886

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى ساداقەت

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 17:04:45 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

      جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر، ئاساسەن تېنىچ قۇرۇلۇش قىلىش مۇھىتىدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بىرقانچە مەيدان قىسقا مۇددەتلىك، كىچىك دائىرىلىك ئۇرۇش ۋە ھەربىي توقۇنۇشنى باشتىن كۆچۈردى. بۇ ئۇرۇشلار ئاساسەن: ۋېتنامغا يارىدەم بىرىپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى؛ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشى؛ ۋېتنامغا يارىدەم بىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئوروشى؛ لائوسقا يارىدەم بىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى؛ جوڭگۇ – ھىندىستان چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى؛ جېنباۋداۋ ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى؛ شىشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى؛ جوڭگۇ – ۋېتنام چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى ۋە نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

         نىگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ توققۇز قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ھەممىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ جوڭگۇغا ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپىتى. شۇنداقلا جوڭگۇنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا بولغان ئېغىر تەھدىتى ھىساپلىنىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، جوڭگۇ ھەربىي ئىشلار ئىستىراتىگىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىشنى يىتەكچى فاڭجىن قىلىپ، ھەر بىر مەيدان كىچىك دائىرىلىك ئۇرۇش ياكى توقۇنۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى قوغدىدى.


    ۋېتنامغا يارىدەم بىرىپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى: 1950- يىلى 1- ئايدا ھىندى چىنى كومپارتىيەسى (ياندۇرقى يىلى ۋېتنام ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ رەئىسى خۇجىمىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بۇلۇپ، سىتالىن ۋە شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بۇلۇۋاتقان ماۋزېدوڭ بىلەن ۋېيتنام ئىنقىلاۋىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىللەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. 2- ئايدا خۇجىمىن ۋېيتنامنىڭ فرانسىيەگە قارشى تۇرۇش ئۇرشىغا يارىدەم بىرىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومېتېتىدىنھەربىي ماددىي ئەشيا يارىدىمى بىرىش ۋە ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەزگىل جوڭگۇ ئىنقىلاۋى ئەمدىلا مەملىكەت خەرەكتىرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن مەزگىل بۇلۇپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋېيتنامنىڭ دۆلەت مۇستەققىللىقى ۋە مىللەتنىڭ خوشاللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يارىدەم بىرىش ئۈچۈن، جوڭگۇ دەرھال خۇجىمىننىڭ تەلەپىگە قۇشۇلدى.

         1950- يىلى 8- ئايدا ۋېيتنامغا بارغاندىن 1954- يىلى ۋېيتنامنىڭ فرانسىيەگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر جوڭگۇ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئىلگىر – كېيىن بۇلۇپ ۋېيتنام خەلق ئارمىيەسىگە يارىدەملىشىپ، چېگرا، خوڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى، شەرقىي شىمال (18- نومۇڭرلۇق تاش يول)، گاپىڭ، غەربىي شىمال، شاڭلياۋ، ديەنبيەنفۇدىن ئىبارەت كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ يەتتە قېتىملىق جەڭنى تەشكىللىدى ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلدى.


    ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشى: 1950- يىلى 10- ئايدىن 1951- يىلى 6- ئايغىچە پىدائىلار قىسمى ھىركەتچان ئۇرۇش قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىستىكام ئۇرۇشى، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۇرۇش فاڭجىنىنى يولغا قۇيۇپ، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىشىگە يارىدەم بىرىپ، ئارقا ئارقىدىن كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان بەش قېتىملىق جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «ب د ت ئارمىيەسى»نى يالۇجياڭ دەرياسى بۇيىدىن 38- پاراللىل سىزىقىغا قوغلىۋەتتى. 1951- يىلى 7- ئايدىن 1953- يىلى 7- ئايغىچە پىدائىلار قىسمى «ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش قىلىش، ئاكتىپ مۇداپىيەلىنىش» تەك ئۇرۇش قىلىش فاڭجىنىنى قوللۇنۇپ، ئۇرۇش قىلىش بىلەن سۆھبەتلىشىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىكام ئۇرۇشىنى ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش شەكلى قىلىپ، ماددى ئەشيا ئوبۇرت تۇلۇقلىمىسى بىرىش ۋە مۇداپىيەلىنىشتە چىڭ تۇرۇش مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىپ، ئاخىرى ئامېرىكىنى ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، چاۋشيەن ئۇرۇشىنى توختۇتۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۇردى.

      ۋېيتنامغا يارىدەم بىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئوروشى: 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فرانسىيە ۋېيتنامدىن چىكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋېيتنامنىڭ بىرلىككە كىلىشىنى كۈچىنىڭ بارىچە توستى. 1960- يىللىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋېيتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ ئۇرۇش قوزغاپ، جوڭگۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى. ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، جوڭگۇ ۋېيتنامنى قوللاپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى ئۇرۇش خەۋپىدىن ساقلاشقا قەتئى ئىرادە باغلىدى. 1965- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە جوڭگۇ ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتە ۋېيتنامنى زور خالىس يارىدەم بىلەن تەمىنلىدى

      لائوسقا يارىدەم بىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى: 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئامېرىكا ۋېيتنامنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندىن باشقا يەنە فرانسىيە كونتۇرۇللىقىدىكى لائوسنى ئۆتكۈزىۋالدى. لائوس خەلقى خەلق پارتىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك فرونتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قوراللىنىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. لائوسنىڭ قورال كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن جوڭگۇدىن يارىدەم تەلەپ قىلدى. لائوس جوڭگۇنىڭ يېقىن خوشنىسى بولغاچقا لائوسقا يارىدەم بىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشتەك باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.

    جوڭگۇ – ھىندىستان چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى: 1951- يىلىدىن باشلاپ ھىندىستان يېڭى جوڭگۇنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جوڭگۇ – ھىندىستان چېگراسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى «مىكىماخۇن سىزىقى» نىڭ جەنۇبىدىكى 90 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىرلىق جوڭگۇ زىمىنىنى ئىگىلىۋالدى. ئارقىدىنلا يەنە ئارقا – ئارقىدىن جوڭگۇ – ھىندىستان ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇۋا، چۈرې، بولىنسەندو ۋە غەرىبىي بۆلىكىدىكى بارىجاس قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. 1961- يىلىدىن باشلاپ ھىندىستان تەپتارتماي «ئالغا ئىلگىرلەش سىياسىتى» نى يولغا قۇيۇپ، جوڭگۇ زىمىنىنى يۈتۈۋېلىپ، جوڭگۇنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان.

    1962- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى ھىندىستان ئارمىيەسى شەرقىي بۆلەكتىكى «مىكماخۇن سىزىقى» دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كوديېران رايۇنىغا بۆسۈپ كىرىپ، جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە قىسىمىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، «زېراۋچياۋ» قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. 10- ئاينىڭ 10- كۈنى ھىندىستان ئارمىيەسى جوڭگۇنىڭ چىدوڭ قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يەنە بىر قېتىم قانلىق ۋەقە سادىر قىلدى. زىمىن پۈتۈنلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتىتى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرشى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇرۇش بىر ئاي داۋاملاشتى.

    جېنباۋداۋ ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى: جېنباۋداۋ ئارىلى ئۇسسۇرى دەرياسىدىكى ئاساسلىق سۇ يۇلى مەركىزىي لىنىيەسىنىڭ جوڭگۇ تەرىپىگە جايلاشقان. كۆلىمى 0.74 كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدىغان بۇلۇپ، ئەزەلدىن جوڭگۇنىڭ زىمىنى ئىدى. يەرلىكلەر ئەۋلاتمۇ – ئەۋلاد بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن. جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە ئارمىيەسىمۇ ئىزچىل تۈردە مۇشۇ رايۇندا چارلاش ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. 60- يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن كېيىن جوڭگۇ – سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسدىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، جوڭگۇ – سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىدا نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بىرىشكە باشلىغان.

      1967- يىلىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىيە قىسمى جوڭگۇ زىمىنى بولغان جېنباۋداۋ ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ،جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە قىسمى چارلاش ئەترىتىنىڭ ئارالدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ھەمدە نۇرغۇن قېتىم قانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ، جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە قىسىملىرىنىڭ چارلىغۇچى ئوفېتسىر – ئەسكەرلىرىدىن نۇرغۇن ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ۋە يارلاندۇرۇپ، جوڭگۇلۇق بېلىقچىلارنى تۇتۇۋالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قارىتا جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە قىسمى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ۋە مەركىشىي ھەربىي كومېتىتنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ، يول قۇيۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن ئىتىراز بىلدۈرۈشى ۋە ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىماي، تەپتارتماي چېگرادا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى.

    1969- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 8 دە جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە قىسمىنىڭ چارلاش تارماق ئەترىتى ئارالدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال 70 تىن ئارتۇق ئادەم، ئىككى بىرونىۋىك، ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان بىر دانە ئاپتومۇبىل ۋە بىر دانە قوماندانلىق قىلغۇچى ئاپتومۇبىلنى ئاجرىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىدىن بۆلۈنۈپ، جېنباۋداۋ ئارىلىغا جىددىي يۈرۈش قىلىپ، ئۇرۇش سېپى شەكىللەندۈرۈپ، جوڭگۇنىڭ چېگرا مۇداپىيە چارلاش ئەترىتىگە قىستاپ كەلدى ھەمدە بىر قىسىم ئەسكىرىي كۈچنى جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە چارلاش ئەترىتىگە قارىتىپ، يەنە بىر قىسىم ئەسكىرىي كۈچنى چارلاش ئەترىتىنىڭ ئارقا سېپىگە ئۆتكۈزدى. تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە چارلاش ئەترىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا پىسەنت قىلماي، تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىپ، ئالتە نەپەر جوڭگۇلۇق چېگرا مۇداپىيە چارلاش خادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ چېگرا مۇداپىيە چارلاش ئەترىتىدىكىلەر ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىشكە مەجبۇر بولدى.

    شىشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى: شىشا تاقىم ئارىلى جوڭگۇنىڭ نەنخەيدىكى تۆت تاقىم ئارالنىڭ بىرى بۇلۇپ، ىەينەن ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 330 كىلومىتىر كىلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. بۇ ئارال شۇەندې ۋە يوڭلىدىن ئىبارەت ئىككى تاقىم ئارال ۋە باشقا مارجان خادا تاشلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئومۇمى كۆلىمى تەخمىنەن 10 كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ. ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ، جوڭگۇ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز قاتنىشىنىڭ مۇھىم يۇلى، شۇنداقلا ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىگە تۇتىشىدىغان دېڭىز قاتنىشىنىڭ مۇھىم پورتى ھىساپلىنىدۇ.

         1956- يىلى ھىندى چىنى ئۇرۇشى توختىغاندىن كېيىن، فرانسىيە يامان نىيەتتە بۇلۇپ، ئۆزى ـاجاۋۇز قىلغان مارجان تاش ئاراللىرىنى جەنۇبىي ۋېيتنام ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. جەنۇبىي ۋېيتنام مەسئۇل دائىرلىرى جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىشى ۋە قاتتىق ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي، ئاراللارنى ئىگەللىۋېلىشنى توختاتماي، جوڭگۇنىڭ بېلىقچىلىق كىمىلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. 1973- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ۋېيتنام ئارمىيەسى جوڭگۇنىڭ نەنشا، شىشا تاقىم ئارىلىدىكى ئالتە ئارالنى ئىگىلىۋالدى. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش، جەنۇبىي ۋېيتنام ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتىتى چارلاشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىپ ھەربىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. 1974- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومېتىتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نەنخەي فلوتىغا دەرھال ھەربىي پاراخوت ئاجرىتىپ، شىشا يوڭلې تاقىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىنى چارلاش، خەينەن ھەربىي رايۇنىغا خەلق ئەسكەرلىرى چىقىرىپ، دېڭىز ئارنىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن شىشا يوڭلې تاقىم ئارىلىدىكى جىڭچىڭ، شىنخاڭ، گۇاڭجىندىن ئىبارەت ئۈچ ئارالغا كىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. 1- ئاينىڭ 19- كۈنى دېڭىز ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەنخەي فلوتى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنى جەنۇبىي ۋېيتنامدىن قايتۇرىۋېلىنغان ئاراللارغا ئاپىرىپ قۇيۇش ۋە جەنۇبىي ۋېيتنام ھەربىي پاراخوتلىرىغا زەربە بىرىش ئۈچۈن، قىسىم تەشكىللەپ ئۇرۇش رايۇنىغا كىردى.



    جوڭگۇ – ۋېيتنام چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى: ۋېيتنامدىكى ئامىرىكىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، رايۇن زوراۋانلىقى ئوتتۇرغا چىقتى. 1974- يىلىدىن باشلاپ ۋېيتنام مەسئۇل دائىرلىرى چېگرادا توختىماي ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىپ، جوڭگۇلۇق مۇھاجىرلار ۋە جوڭگۇلۇقلارنى قوغلاپ چىقاردى. 1978- يىلى 200 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ كامبۇدژاغا تاجاۋۇز قىلىپ، جوڭگۇ – ۋېيتنام چېگراسىدىكى سۈركۈلۈشنى كۈچەيتىۋەتتى. 1978- يىلى 9- ئايدىن 1979- يىلى 2- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ۋېيتنام جوڭگۇنىڭ 160 تىن كۆپرەك يىرىنى ئىگىلىۋالدى. مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە ج ك پ مەركىزىي كومېتىتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومېتىتى ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىشنى قارار قىلدى. 1979- يىلدىن 1989- يىلىغىچە جوڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى چېگرا مۇداپىيە قىسمى ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قىلدى.

    نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى: 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن بۇرۇن، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بايانات ۋە رەسمىي ھۆججەتلەر، نەشىر قىلغان خەرىتە ۋە دەرىسلىك كىتابلاردا نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ جوڭگۇنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلىنغان. لېكىن ۋېيتنام ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ئۆز گېپىدە تۇرماي، جوڭگۇنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىشقا باشلاپ، جوڭگۇنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ئاۋارچىلىق تۇغدۇرغان. 1980- يىلىغا قەدەر ۋېيتنامنىڭ قالايمىقانچىلىق پائالىيەتلىرى كۈنسىرى ئېغىرلاپ، ئاخىرى ھەربىي توقۇنۇش پەيدا قىلغان.

         1988- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 6 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋېيتنام دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 604-، 605- نومۇرلۇق تىرانسىپورت پاراخوتى ۋە 505- نومۇرلۇق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى تۇيۇقسىز نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى چىگۇاجياۋ سېڭىز رايۇنىغا ئۇسسۈپ كىرىپ، بۇ يەردە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. ۋېيتنام ئارمىيەسىدىن 43 كىشى يىنىك تىپتىكى پىلىموت، ئاپتوماتلار بىلەن چىگۇاجياۋغا مەجبۇرىي چىقىپ، جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر تەكشۈرگۈچى خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ دېڭىز ئارمىيەسى دەرھال ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىشكە ئاتلاندى. ئۇرۇش 28 مىنۇت داۋاملىشىپ، ۋېيتنامنىڭ 604- نومۇرلۇق تىرانسىپورت پاراخوتى چۆكتۈرۈۋىتىلدى. 605- نومۇرلۇق تىرانسىپورت پاراخوتى ۋە 505- نومۇرلۇق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.



    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 21:48:17 |ئايرىم كۆرۈش
    خوشاللىق ئارمىيە ۋەتەننىڭ بىرلىگى، خەلىقنىڭ ئەمىنلىگى ئۈچۈن پىداكارلىق روھىي قالتىس جۇمۇ، ئەمدى ئېۋۇ ياپۇنلىققا بىر تەككۈزۈپ قويسا بۇلاتتى.

    15

    تېما

    13

    دوست

    2287

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    يۈز بېشى لەشكەر مىڭ بېشى

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 23:06:02 |ئايرىم كۆرۈش
    جوڭگۇ – ھىندىستان چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشىدىن باشقا ھەممىسى ناھايتتى زور ئادەم قۇربان قىلىش  بەدىلىگە يەڭگەن

    0

    تېما

    3

    دوست

    523

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 23:26:34 |ئايرىم كۆرۈش
    9 قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئىككى قېتىملىقى ۋېيتنامغا ياردەم بىرىش، ئىككىسى ۋېيتنامغا قارشى تۇرۇش. دىمەك ۋېيتنام سەۋەپلىك تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلغان. لېكىن ئاۋۇ ۋېيتناملىقلار ئاجايىپ يۈزى قېلىنكەن.

    0

    تېما

    3

    دوست

    523

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    5#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 23:27:42 |ئايرىم كۆرۈش
    بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشۇش ئەمەس تىللىشىش ئوخشىمامدۇ، ئۆلگەن، يارىدار بولغانلارنىڭ سانى بىرىلمەپتىغۇ.

    0

    تېما

    0

    دوست

    16

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    6#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 23:47:45 |ئايرىم كۆرۈش
    چاۋشەن ئۇرىشىدا جۇڭگۇ ئارمىيىسىدىن 145مىڭ ئادەم ئۆلگەن

    باھا سۆز

    seyyah  كىم شۇنداق دەيدۇ؟ ئاۋۋال خەنزۇچە ھەربى ئىشلار مۇنبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ بېقىپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزمۇ كېچ  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 15:35

    6

    تېما

    15

    دوست

    506

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    7#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 23:59:34 |ئايرىم كۆرۈش
    جۇڭگۇ-ھىندىستان چىگرا ئۇرۇشىنىڭ غەربى بۇلىكىدە بولغان ئۇرۇشتا  قانچىلىك ئادەم ئولگەن بولغۇيتتى؟

    0

    تېما

    3

    دوست

    604

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    8#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 02:25:20 |ئايرىم كۆرۈش
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 21:48
    خوشاللىق ئارمىيە ۋەتەننىڭ بىرلىگى، خەلىقنىڭ ئەمىنلىگ ...

    بۇلار ئۇنداق دۆت ئەمەس ، ئامىرىكا ، ياپۇننى ئالدىغا چىقىرىپ قۇيۇپ ، ئۇكام بەسەيلىگە قورۇقماي شىلتىڭ ئاتە ، بىر نىمە دىسە مەن با قورۇقما ، دەۋاتقىننى بۇلارنى بىلمەيدۇ دەمسىز . يامان خەخ بۇ . ھىلىغۇ ياپۇنغا تەككۈزۈشكەن ، ياپۇن ئىكى ئۈچ پاراخۇتىنى چۆكتۈۋەتسىمۇ ، سەنلەر پاراخۇتنى نىمىشقا ياخشى ياساشمىدىڭ ، ياپۇننى يىڭەي دەپ قالغانتۇق ، ئەپسۇس پاراخۇتىمىزنىڭ ماتۇرى كۆيۈپ كىتىپ قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر بولدۇق . ھۇ يارىماسلار دەپ ھەل قىلىدۇ . قوساق توق ، دۆلەت باي - قۇدىرەتلىك لىكىن يۈرەك يوق ،  مۇشۇنداق كۈندە بۇلار ياپۇننىغا تەككۈزەرمۇ ؟ ....مۇقۇملۇق بىرىنجى .

    0

    تېما

    3

    دوست

    604

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    9#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 02:34:00 |ئايرىم كۆرۈش
    تۇنجى يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 23:06
    جوڭگۇ – ھىندىستان چېگراسىدىكى ئۆزىنى قوغداپ، قايتۇرما ...

    توغرا دىدىڭىز . 1950 - يىلى شىمالى كورىيەگە ياردەم بىرىپ ئامىرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۇرشى باشلىندىغان چاغدا ، موزەيدۇڭ ، سىتالىنغا تىلگىرامما يوللاپ جۇڭگۇ 200 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ئامىرىكا بىلەن ئۇرىشىمىز ، سەن 100 مىڭ ئەسكەر چىقارغىن دەپ تىلگىرامما يوللاپتىكەن . لىكىن سىتالىن بۇ ئۇرۇشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى ( ئامىرىكا بىلەن يامانلىشىپ قىلىش مەخسىتى يوق )شۇڭا بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ تىلگىرامما يوللىغان .  كىيىن جۇڭگۇ ئۆزى يالغۇز بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان . كىيىن ئامىرىكىنىڭ ئەسكەر سانى ئاز ، ياردەملەر كەمچىل پەيىتتە بۇلار ئامىرىكىنى تەسلىم قىلغان . كىيىن جۇڭگۇدا ئامىرىكا قەغەز يولۋاس دىگەندەك شۇئارلار بىرمەھەل دەۋىر سۈرگەن .

    0

    تېما

    1

    دوست

    348

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    10#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 03:20:40 |ئايرىم كۆرۈش
    ئامىرىكىنى تەسلىم قىلغان دىگەن گەپنى خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ ياكى يازمىغا خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ

    باھا سۆز

    ئىمىنوف  شىمالى كورىيە ئۇرشىدا ئامىرىكىنى تەسلىم قىلغان .  يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 11:35
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 09:51 , Processed in 0.121153 second(s), 29 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش