تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 10
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    20- ئەسىردىكى كوممۇنىزىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 00:10:26 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    20- ئەسىردىكى كوممۇنىزىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى
    زبىگنېۋ برېزنىسكىي
    تەرجىمانلار: شەھىدە )كەڭساي مۇنبىرىدىن(، تۇنيۇقۇق )لوپنۇردىن(، نەپرەت 0222 )ئوكيان
    تورىدىن(، نوشىرىۋان )ئەلبەھرە تورىدىن(، ئايسۇلتان )باغداش مۇنبىرىدىن(، شاكىرە
    )باغداش مۇنبىرىدىن(، نۇرئەخمەت نامەزور مەغلۇبىيەت
    ت )يوپۇرغا ناھىيە ئەشمە بازار ئوتتۇرا مەكتەپتىن(،
    سەھران )قەشقەردىن(، ئابدۇۋەلى ئالىم ئويتاغ )ئاقتۇ ناھىيىسىدىن(، تۇرسۇنجان ھىمىت
    )يوپۇرغا ناھىيە باي ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپتىن(، باسمىل )ئۈرۈمچىدىن(، سەۋرىيار )باغداش
    مۇنبىرىدىن(؛ )يەنە بىر تورداش بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقتىن ئىسمى بېرىلمىدى، كېيىن
    ئالاقە قىلالىسام تولۇقلاپ قويىمەن(.
    زور مەغلۇبىيەت: 02 -ئەسىردىكى كوممۇنىزمنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك « زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىينىڭ
    ناملىق داڭلىق ئەسىرىنى 9292 -يىلى نيۇيورك ماكمىللان نەشرىياتى نەشىر قىلغان. » بولىشى
    خەنزۇچە نەشرى موشۇ نەشرىياتنىڭكىگە ئاساسەن 9292 -يىلى تەرجىمە قىلىنغان، جۇڭگو ھەربىي
    ئىشلار پەن-تېخنىكا نەشرىياتى نەشر قىلغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى جۇڭگو ھەربىي ئىشلار
    پەن-تېخنىكا نەشرىياتى نەشر قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى، نيۇيورك
    ماكمىللان نەشرىياتى نەشر قىلغان ئېنگىلىزچە نەشرىگە سېلىشتۇرۇلدى.
    تەھرىرلىگۈچى: نەپرەت
    ئاپتور ھەققىدە:
    زېبىگنېۋ برزنىسكى - ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئىستراتىگىيىچىسى، جۇغراپىيىۋى سىياسەتچىسى، سو
    ۋىت ئىتتىپاقىنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ ئېستراتىگىيىلىك نەزەرىيە ئاساسىنى ياراتقۇچىسى زېبىگنېۋ برز
    ېنسكىي 9209 -يىلى 3-ئاينىڭ 09 -كۈنى پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا تۇغۇلغان. 9239 -يىلى
    ئاتا-ئانىسى بىلەن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ بارغان. 9292 -يىلى كانادا مونتىرىئال شەھىرىدىكى
    مجىل ئۇنۋېرسىتىتى) McGill University ( نى پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكا خارۋاد ئۇنۋې
    رسىتىتىغا كىرىپ ئوقۇغان، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 9299 -يى
    لى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 9292 -يىلى، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن ۋە ھۆكۈمەت ئىل
    مىنىڭ مۇئاۋىن پراففىسورى بولغان. 9299 -يىلى،پرېزىدېنت كېنىندى بېرزېنسكىينى دېپلوماتىيە س
    ىياسىتى مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان. 9290 -يىلى، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسورى
    بولغان، بىرلا ۋاقىتتا كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتى كوممۇنىزم مەسىلىلىرى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۇدىرى
    9299 يىللىرى، جونسۇن ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي پى - بولغان. 9299
    9299 يىللىرى، پرىزدېنت كارتېرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك - لان كومىتىتنىڭ ئەزاسى بولغان. 9211
    ئىشلىرى ياردەمچىسى بولغان. سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتى
    سىياسەت فاكولىتىتنىڭ پراففىسورى ،ئامېرىكا جورجى شەھىرى ئۇنۋېرسىتى) Georgetown Unive)
    خەلقئارالىق ئېستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولغان.
    2ئاساسلىق ئەسەرلىرى:;
    9.مەڭگۈلۈك تازىلاش_سوۋىت ھاكىم مۇتلەقلىقىدىكى سىياسەت
    The Permanent Purge: Politics in Soviet Totalitarianism)(1956 )y9 l7 S 0.سوۋىت گۇرۇھى:بىرلىك ۋە ئىختىلاپ
    &Soviet Bloc :Unity and Conflict)
    3.ئىككى دەۋر ئارىسىدا:ئامېرىكىنىڭ ئېلىكترون تېخنىكىسى دەۋرىدىكى رولى
    Between Two Ages : America's Role in the Technetronic 9.ھوقۇق ۋە پىرىنسپ:دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ ئەسلىمىسى /
    (Power and Principle: Memoirs of the National Security Adviser 9.مۇسابىقە لاھىيىسى:ئامېرىكا سوۋىت رىقابىتىدىكى جۇغراپىيىۋى ئېستراتىگىيە تۈزۈلمىسى
    (Game Plan: A Geostrategic Framework for the Conduct of the U.S.-Soviet Contest)(1986 )
    $D2 L0 X4 \0 m, D h2 k 9.زور مەغلوبىيەت: 02 -ئەسىردىكى كوممۇنىزمنىڭ گۈللىنىشى ۋە
    ھالاك بولىشى
    MGrand Failure: The Birth and Death of Communism in the Twentieth Century
    1.كونتروللىقنى يوقىتىش: 09 -ئەسىر ھارپىسىدىكى دۇنياۋى قالايمىقانچىلىق ,
    (Out of Control: Global Turmoil on the Eve of the 21st Century)
    9.چوڭ شاھمات تاختىسى-ئامېرىكىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئورنى ۋە جۇغراپىيىۋى
    ئېستراتىگىيىسىنىڭ مۇھىملىقى -
    (The Grand Chessboard: American Primacy and Its Geostrategic Imperatives)
    2.تاللاش-يەرشارىۋى ھۆكۈمرانلىق ياكى يەرشارىۋى رەھبەرلىك ; ) The Choice: Global
    Domination or Global Leadership)(2004 )
    92 .ئىككىنچى قېتىملىق پۇرسەت-ئۈچ پرىزدېنت ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتتىكى كىرزىس
    (Second Chance:Three Presidents and the Crisis of American Superpower كىرىش سۆز
    بىرىنچى قىسىم .....زور مەغلۇبىيەت
    بىرىنچى باب........لېنىنىزمنىڭ مىراسى
    ئىككىنچى باب.......سىتالىنزمنىڭ ئاپىتى
    ئۈچىنچى باب.......قاتماللاشقان سىتالنىزم
    تۆتىنچى باب.......ئىسلاھات قىيىنچىلىقلىرى
    ئىككىنچى قىسىم......سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى'
    بەشىنچى باب.......خام خىيالدىن رېۋىزىئونىزمغىچە
    ئالتىنچى باب........پارچىلىنىشنىڭ ئون چوڭ سەۋەبى
    يەتتىنچى باب........كوممۇنىزىم تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ ياكى يىمىرىلىۋاتامدۇ
    ئۈچىنچى قىسىم.......ئورگاننىڭ يەكلىنىشى
    سەككىزىنچى باب......ئېدىئولوگىيىنىڭ كۆچۈشى ۋە ئۆزگىرىشى
    توققۇزىنچى باب.......پولشا جەمئىيىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئازاد قىلىشى
    ئونىنچى باب.........ئىجتىمائىي ئىتتىپاقلىقتىن سىياسىينىڭ كۆپ خىللىقىچە'
    ئون بىرىنچى باب......رايونلۇق مالىمانچىلىقنىڭ كۆرۈلىشى
    ئون ئىككىنچى باب.....ئىمپىرىيىنىڭ تارىيىشى
    تۆتىنچى قىسىم.........سودا كوممۇنىزىمى
    ئون ئۈچىنچى باب......جۇڭگو ئىككى قېتىم يولغا قويغان ئۈچ قېتىملىق سىناق
    ئون تۆتىنچى باب......سىياسىي توقۇنۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ دۇنياغا كېلىشى
    ئون بەشىنچى باب......ئىسلاھات ئىستراتىگىيىسى ۋە ئېدىئولوگىينىڭ جانلىقلىقى" ئون ئالتىنچى
    باب.......ھەقىقىي مەدەنىيەت ئىنقىلابى
    بەشىنچى قىسىم........سېسىق نامى پۇر كەتكەن كوممۇنىزىم ئەمەلىيىتى
    ئون يەتتىنچى باب.....ئىنقىلابىي كوممۇنىستىك ئىنېترناتسىئونالدىن يىللىق پارلامېنتقىچە
    ئون سەككىزىنچى باب...كوممۇنىزىم بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە
    ئادا-جۇدا بولىشى
    ئون توققۇزىنچى باب....كوممۇنىزىمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى
    مەغلۇبىيىتى
    يىگىرمىنچى باب........يەر شارىۋى ئېدىئولوگىينىڭ زور بۆلۈنىشى
    ئالتىنچى قىسىم.. . . .كوممۇنىزىمنىڭ ئازابلىق تىركىشىشى
    يىگىرمە بىرىنچى باب....كوممۇنىزىمنىڭ ئومۇمىي كىرزىسى.
    يىگىرمە ئىككىنچى باب...تارىخىي خاتىرىلەر
    يىگىرمە ئۈچىنچى باب....كەلگۈسىگە نەزەر
    يىگىرمە تۆتىنچى باب.....كېيىنكى كوممۇنىزىم
    قوشۇمچە.
    ئىنگىلىزچە مۇندەرىجىسى
    The Grand Failure The Grand Failure…..13 The Leninist Legacy……17 The Stalinist Catastrophe……22 Stagnant Stalinist……33 The Paradox of Reform….41
    Ⅱ The Soviet Disunion
    From Vision to Revisionism……55 The Ten Dynamics of Disunion …..65 An Evolving or Decaying Communism…..95 Ⅲ Organic Rejection….103
    Ideological Transplantation and Transmutation….107 Polish Society’s Self-Emancipation…..114
    From Social Solidarity to Political Pluralism….120 The Emerging Regional Unrest….129 Imperial Retrenchment….140 Commercial Communism….145 China’s Double Three Tries992.…
    9d) \9 G' Z) |: h0 N Political Conflict and the Birth of Reform…..157 Reform Strategy and Ideological Flexibility…..164 The Real Cultural Revolution…..175
    Ⅴ Discredited Praxis
    From Revolutionary Comintern to Annual Convention ….192
    Political Irrelevance in the Developed World ….200
    Socioeconomic Failure in the Developing Countries….210 Global Ideological Disintegration….225
    Ⅵ The Agony of Communism…229 The General Crisis … . 030
    The Historical Record…..236 Future Prospects…..243 Post-Communism…..252
    كىرىش سۆز
    بۇ كوممۇنىزىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىرزىسىنى بايان قىلغان كىتاب. كىتابتا كوممۇنىزم تۈزۈمى ھەمدە
    ئەقىدىسىنىڭ پەيدىنپەي يىمىرىلىش باسقۇچى، كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى
    تەسۋىرلىگەن ھەم تەھلىل قىلىنغان. كىتابتا كېسىپ ئېيتىدۇكى، كېلەركى ئەسىرگە بارغاندا،
    كوممۇنىزم ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان دەرىجىدە تارىختىن يوقىلىدۇ، كوممۇنىزمنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن
    ئەقىدىسى ئىنسانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى قالمايدۇ. كوممۇنىزم پەقەت ئۆزىنىڭ ئىچكى
    ماھىيىتىدىن )گەرچە بەزى سىرتقى بەلگىلىرىنى ساقلاپ قالسىمۇ( ۋاز كەچكەندە ئاندىن گۈللىنىپ
    تەرەققىي قىلىدۇ، كوممۇنىزم 02 -ئەسىردىكى ئەڭ غەيرىي بولغان سىياسىي بىلەن ئىدراكنىڭ
    ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى.
    مەزكۇر كىتابتا ئالتە تەرەپتىن ئىسپاتلاش قىلىنغان. بىرىنچى قىسىمىدا كوممۇنىزمنىڭ تارىخىي
    كىرزىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە ئىجتىمائىي
    ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى مەغلۇپ بولغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئىككىنچى قىسىمدا سوۋېت
    ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھات قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن
    تىرىشچانلىقلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىنىڭ
    ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئىچكى يىمىرىلىش ياكى مالىمانچىلىقنىڭ
    داۋاملىشىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتىدۇ. ئۈچىنچى قىسىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا
    مەجبۇرىي تاڭغان كوممۇنىزم تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلەر ئەسلەپ
    ئۆتۈلۈپ، شەرقىي ياۋروپا پولشانىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئازاد قىلىشىنى يول باشچى قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى
    مەجبۇرىي تاڭغان كوممۇنىزم تۈزۈلمىسىنى ئەيىبلەش مۇقەددىمىسىنى ئاچتى دەپ قارايدۇ. تۆتىنچى
    قىسىمىدا جۇڭگونىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كوممۇنىزم سەرگۈزەشتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق،
    جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ھەمدە بۇرۇنقى تەلىماتلىرىدىن ۋاز كېچىشى سەۋەبلىك،
    جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ مۇۋەپپقىيەت قازىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ئاشماقتا دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ. بەشىنچى
    قىسىمدا خەلقئارالىق كوممۇنىزمنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە
    زەئىپلىشىشىنى نۇقتىلىق شەرھىيلەيدۇ. ئالتىنچى قىسىمىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كوممۇنىزمنىڭ
    قىيامىتىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، كېيىنكى كوممۇنىزم دەۋرىدىكى
    كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھادىسىلەرگە نەزەر سالىدۇ.
    كوممۇنىزم 02 -ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا دەۋر سۈرۈشىنىڭ سەۋەبى كوممۇنىزم
    ئېلىپ باردى. كوممۇنىزم مال-مۈلۈكنى » زور ئىخچاملاش « زاماننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا
    شەخسلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى رەززىلىكنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۆزىچە مال-مۈلۈكنى
    شەخسلەشتۈرۈشنى بىكار قىلسا ھەقىقىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئىنسانىي پەزىلەتنى
    مۇكەممەللىكە يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل كەلگۈسى نەچچە مىليونلىغان خەلقنىڭ قوللىشى ۋە
    تەلپۈنىشىگە ئېرىشتى، ئۇلارغا ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇڭا، كوممۇنىزم پىسخىك جەھەتتە سىياسىيدا
    يېڭىلا ئويغانغان ئاممىنىڭ ھېسىياتىغا دەل ماس كەلگەن ئىدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كوممۇنىزم
    بىلەن نەچچە چوڭ دىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدە مەلۇم ئوخشاشلىقى بار. نەچچە چوڭ دىننىڭ ھەر
    بىرى بىر خىل مەركەز تەلىماتىنى يارىتىپ، ھاياتنىڭ ئۆزلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ.
    چۈشەندۈرۈش ئەتراپلىق ھەم ئىخچام بولۇپ، ئىنتايىن چاقىرىق قىلىش كۈچىگە، تەسەللى بېرىش
    كۈچىگە.
    كوممۇنىزم تەلىماتى نەچچە چوڭ دىنغا ئوخشاش، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرگەن ئوخشىمىغان
    شەرھىيلەرنى بېرىدۇ، ئەڭ ئاددىي يەشمىسى بار، خېلى مۇرەككەپ پەلسەپىۋى ئۇقۇملىرى بار.
    مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىنىپىي كۈرەش ھاياتنىڭ
    بارلىق قىسىمى ھەمدە كوممۇنىزم جەمئىيىتى كىشىلەرگە غايەت زور بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى
    گە قارشى » خەلقنىڭ دۈشمەنلىرى « ، بىلسىلا يېتەرلىك. پىسخىكا ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا
    تۇرۇشتەك دەھشەتلىك زوراۋانلىقنىڭ ھەققانىي قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش نۇقتىئىنەزىرى
    دەل ئۆتمۈشتە » خەلق دۈشمەنلىرى « . ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەرنى ئالاھىدە خوش قىلىدۇ
    نۇرغۇن ماددىي بايلىقى بولغان، ھازىر كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىۋاتقان، ئېزىلىۋاتقان ۋە
    يوقىتىلىۋاتقان كىشىلەردۇر.
    ئەمما، كوممۇنىزم كىشىلەر قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ كۆز قارىشى كەسكىن جاۋابى
    بولۇپلا قالماي، ئۆزىنى جەمئىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئەقىدە دەپ قاراپلا قالماي، يەنە بىر خىل
    ئاممىباب ئىدىيە سىستېمىسى، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى ئۆزگىچە چۈشەندۈرىدۇ. كوممۇنىزم يېقىندا
    بىلىمگە ئېرىشكەن قاتلامنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنيانى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ بېقىش ئارزۇسىنى
    قانائەتلەندۈردى. شۇڭا، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە زىيالىيلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ماركىسىزم
    نەزىرىيىسى ئىنسانىيەت تارىخىنى چۈشىنشنىڭ ئاچقۇچىنى تەمىن ئەتكەندەك بولدى، ئىجتىمائىي ۋە
    سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبلىرىگە باھا بېرىشتىكى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، بىر خىل ئىقتىسادىي
    تۇرمۇش سىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان زىل نەزەرىيە ۋە بىر قاتار ئىجتىمائىي مەقسەت ئامىللىرىغا ئالاقىدار
    نىڭ نۇقتىئىنەزىرى قارىماققا رېئالىي زىددىيەتلەرنى بىر » تارىخىي دېئالېكتىكا « . چۈشەنچە ئىدى
    تەرەپ قىلىشتىكى قىممىتى بار ئۇسۇلدەك قىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، سىياسىي ھەرىكەت ئارقىلىقدۇنيادىنى
    نى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دۆلەت كونترولى » ئىنقىلاب « قۇتقۇزىدىغان
    ئارقىلىق مۇۋاپىق پىلانلانغان ھەققانىي جەمئىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان، ئىدراكنى
    ئاساس قىلغان ھەرىكەت قوللىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان زىيالىلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە جەلپ قىلىش
    كۈچى بار.!
    شۇڭا، كوممۇنىزم كاللىسى ئاددىي ۋە كاللىسى مۇرەككەپ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئوخشاشلا جەلب
    قىلىش كۈچىگە ئىگە. ھەر بىر كىشى كوممۇنىزمدىن نىشان تۇيغۇسى، رازى بولغان چۈشەنچىگە ۋە
    بىر خىل مەنىۋى ئىشەنچە ئېرىشكەندەك بولىدۇ. كوممۇنىزم بۇ ئىشەنچ كوممۇنىزم مۇرىتلىرىغا
    ئۆزىنىڭكىنى توغرا ھېسابلايدىغان، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان، ئىشەنچكە تولغان
    تۇيغۇغا چۆمدۈرىدۇ. كىشىگە ھەممە ئىشلار شەكسىز دەپ ھېس قىلدۇرىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنى
    پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن دەپ جاكارلىدى. شەخسنىڭ ئەقلىي تەربىيلىنىشى قانداق بولۇشىدىن
    قەتئىينەزەر ياكى تەربىيلىنىشى ئەسلىدىنلا كەمچىل بولسۇن، كوممۇنىزم دەل ۋاقتىدا يېتەكچىلىك
    ۋە تارىخىي تەسەللى بېرىدۇ، ئىنتايىن مۇھىم بولغىنى، كوممۇنىزم بىۋاستە سىياسىي ھەرىكەت
    ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرغان.
    بۇنىڭدىن سىرت، كوممۇنىزم نەزەرىيىسى قايناق ھېسىيات بىلەن ئىدراكنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنسانلار
    قىلمىشىنىڭ بۇ ئىككى خىل مەركىزىي مەنبەسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر قىلغان. سىياسىي ھېسىيات
    ئېھتىمال غايەت زور سىياسىي كۈچكە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بىلىم ساھەسىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش
    نەزەرىيىلىرى تەرىپىدىن جەلب قىلىندى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش يەنە سىياسىي كۈچنى تەڭشەشنىڭ
    باشلىنىش نۇقتىسى. سىياسىي ھېسىيات بىلەن ئىدراك بىرلىكتە غايەت زور، كوممۇنىزمنىڭ ئەڭ روشەن
    ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن دۆلەت ھاكىممۇتلەقلىكىنى بەرپا قىلىدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، 02 -ئەسىر دۆلەتلەر ئەسىرى بولۇپ قالدى. بۇ تەرەققىياتنى ئاساسىي جەھەتتىن
    ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمىگەن. دەرۋەقە، ئەينى چاغدىكى داڭلىق كىشىلەرمۇ سەرگەردان گېرمانىيىلىك
    كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچى ئىنچىكىلىك بىلەن شەرھىيلىگەن، 92 -ئەسىر بىلەن 02 -ئەسىر ئالمىشىش
    پەيتىدە ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان روسىيىلىك رىسالە يازغۇچىسىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل
    قىلغان كۆز-قاراشنىڭ 02 -ئەسىردە بىر مەھەل گۈللەنگەن تەلىماتقا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ
    باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپامۇ بۇ تەلىماتنىڭ ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تۈزۈلمىنىڭ
    ماھىيىتىگە ئېدىئولوگىيە جەھەتتىن خىرىس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، ھازىرقى
    پەلسەپە ئاساسى ئادەتتە مۇستەھكەم، ھەتتا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
    خۇددى ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك، 9222 -يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى كېلىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر
    قايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى مىڭ يىلنىڭ ئاخىرقى بىر ئەسىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان
    ئادەتلەنگەن پەرەزلىرى تولۇپ كەتتى. پەرەزلەر تەبىئىيلا ھەر خىل بولىدۇ. ئىككى ئەسىر ئالمىشىش
    پەيتىدە، غەرب دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق ژورناللىرى ۋە سىياسىئونلىرى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاساسىي مۇقام
    چوڭ جەھەتتىن كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدى، ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولسا ھازىرقى ھالەتكە بولغان بىر
    خىل ئۆز ئۆزىدىن كۆرەڭلەش، گۈللەپ ياشنىغان كەلگۈسىگە بولغان مەستلەرچە مەدھىيە، ئىقتىساد
    ۋە سىياسىي ئەمەلىي كۈچنى زورايتىشقا بولغان )ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا( زور ئۈمىدلەر ئىدى.
    » سودىغا نەزەر « -9222 يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى » نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى «
    گۈللىنىش ئامېرىكا سانائىتىنىڭ ھەر بىر كەسپىگە كىردى. دېھقانلار كان، زاۋۇت ۋە «: سەھپىسىدە
    ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارغا ئوخشاش ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان
    نىڭ تەكشۈرۈش ئانالىزى ئەڭ » نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى « . دەپ جاكارلىدى » گۈللىنىشكە ئېرىشتى
    ئامېرىكىدا، بىز ئىلگىرلەش مۇساپىسىدا چەكسىز گۈللىنىشكە ئېرىشەلەيمىز، «: ئاخىرىدا كېسىپلا
    دېگەن ئىدى. » گۈللىنىش دۆلىتىمىزنى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزىدۇ
    ئامېرىكا پېرزىدېنتى ۋىليام ماككىنلىي 9222 -يىلى 90 -ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى
    سېئودورې روزىلىۋېت 9220 -يىلى 90 -ئاينىڭ 0-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلان قىلغان دۆلەت
    ئەھۋالى دوكلاتىدىمۇ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان مۇقام توۋلانغان ئىدى. ئەمما سېئودورې
    -02 ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، بىز نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئېغىر تاشقى مەسىلىلەر «: روزىلىۋېت بىرلا ۋاقىتتا
    دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما ئۇمۇ » ۋە تېخىمۇ ئېغىر دۆلەت ئىچى مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىمىز
    خەلقىمىزدە ماددىي پاراۋانلىق ئەزەلدىن ھازىرقىدەك مۇنداق ئومۇملىشىپ باققان «: تەكىتلەپ
    ئەمەس......ئەلۋەتتە، ئوبيېكتىپ شەرت مۇنداق كۆپ نەرسىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق
    بولغاندا، ھەم بەزى نۇقسانلارنىڭ پەيدا بولىشىغا پايدىلىق......بۇ نۇقسانلار ئەمەلىي مەۋجۇت،
    بەزىلىرىنىڭ تەھدىتى بار. ئەمما بۇلار ئازاب-ئوقۇبەت ۋە چۈشكۈنلىكنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس،
    دېدى. » بەلكى گۈللىنىشنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى
    ;
    ئاخبارات ساھەسىنىڭ باش ماقالىسى قارىغۇلارچە ئەگىشىشى بۇ خىل كەيپىيات بىلەن قوشۇلۇپ
    شىمالىي « . كەتكەن ئىدى. دېموكراتىيەگە ئىشىنىش بىلەن ئامېرىكىغا ئىشىنىش بىر ئىش دەپ قارالدى
    ناملىق ماقالىدە كەلگۈسىدىكى » -02 ئەسىرنىڭ يۈكى « ئېلان قىلغان » ئامېرىكا ئوبزورلىرى
    دېموكراتىيەلىشىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك بايان قىلغان. مەزكۇر ژۇرنال ئىنتايىن ئىشەنگەن
    بىز چوقۇم ئامېرىكىغا ئۈمىد باغلىشىمىز كېرەك ھەمدە پەقەت ئامېرىكىغىلا ئۈمىد باغلىغىلى «: ھالدا
    بولىدۇ......بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقى ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قانچە
    كۆپتۈرسەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، 9222 -يىلى
    ياكى 0222 -يىلى ئىنسانلار ئارىسىغا قايتىپ كېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇ چاغدا ئاڭلىغان
    جاۋابىمىزنىڭ دېموكراتىيەگە پايدىلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ جاۋابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋاب
    ۋاشىنگىتون « ، دېگەن ئىدى. 9222 -يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى » بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
    كۆرەڭلىگەن ھالدا ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى مۇستەملىكىلىرىدىكى بۇرچىنى » پوچتا گېزىتى
    تەكىتلىدى، بۇ ئارقىلىق يېڭى ئەسىرنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋالماقچى بولدى. مەزكۇر گېزىت
    مۇستەملىكىلەر بىزنىڭ، كېڭىيىشكە قارشى تۇرىدىغان بارلىق گەپلەر «: خوشال-خورام ھالدا
    دېدى. » سېغىزخاننىڭ قاقىلدىغىنىدەك يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ
    ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا، كىشىلەر ئوخشاشلا ئىشەنچە تولغان، كەلگۈسىگە قارىتا ئوخشاشلا ئۈمىدكە
    بۇ گېزىت تېخىمۇ توغرا ھالدا 9229 -يىلى ( » لوندون ۋاقىت گېزىتى « ، تولغان ئىدى. ئەنگلىيەدە
    -9 ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭى ئەسىرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۈتىۋالغان( ئېلان قىلغان ئوبزوردا ئۈمىدۋار
    بىزنىڭ ئىشىنىشكە ئاساسىمىز بار، ئەنگلىيە ۋە ئەنگىليەنىڭ «: شوۋىنىزم تۈسىگە تولغان بولۇپ
    ئەۋلادلىرى 02 -ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا 92 -ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكىگە ئوخشاش ئېغىر سىناقلاردىن
    مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتەلەيدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇلار ئىتتىپاقلاشقان بىر ئىمپىرىيىۋى مىللەت بولۇش سۈپىسى
    » بىلەن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشايدۇ ۋە گۈللىنىدۇ، 'ئىنسانىيەت ئىشلىرىنىڭ قورغىنى' بولۇپ قالىدۇ
    دېگەن. ئەمما، ئامېرىكا سانائەت كۈچىنىڭ گۈللىنىشى ئەكسىچە ئەنگلىيىنىڭ زومىگەرلىك ئورنى
    قارىتا پەيدا قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىتى مەسىلىسىدە، مەزكۇر گېزىتنىڭ ھۆكۈمى كۆپ
    لوندون « » نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى « سوغۇققان ئىدى. 9222 -يىلى 90 -ئاينىڭ 39 -كۈنىدىكى
    دىن نەقىل قىلغان بىر جۈملە سۆزدىن ئەنگلىيەنىڭ ئەندىشىسىنى كۆرۈۋالغىلى » ۋاقىت گېزىتى
    » ئەنگلىيەنىڭ كۆپ ئارقىسدا قالغانلىقىدەك رېئاللىقنى يوشۇرۇشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق « . بولىدۇ
    دېگەن جۈملە نەقىل قىلىنغان ئىدى.
    فرانسىيە ۋە گېرمانىيەدە، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۈمىدۋارلىق شۇ چاغدىكى ئاساسىي مېلودىيە بولۇپ
    نىڭ ھەممە ماقالىسىدە مۇھاكىمە قىلغىنى دېموكراتىيەدىن ئىبارەت » مۇنبەر گېزىتى « . قالدى
    ساقلانغىلى بولمايدىغان مەركىزىي تېما ئىدى. 9229 -يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەزكۇر
    بۈگۈن، ئۈچتىن بىر قىسىم ئىنسانلار قانۇن ئىتراپ قىلىدىغان ۋە كاپالەت بەرگەن «: گېزىت
    ئوبزور ئېلان قىلدى، » فىگارو گېزىتى « ، دېدى. ئوخشاش بىر كۈنى » ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئېرىشتى
    ئوبزوردا سۆزلىگىنىنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن بولۇپ، ھەتتا سىياسىي ساھەدىكى ئىلىم-پەننىڭ
    ئىلىم-پەن «:» فىگارو گېزىتى « . ئىنسانلارغا ئاتا قىلىدىغان ئۈمىدلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى
    ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلىۋېلىشىغا ياردەم بەردى، ئىلىم ئارقىلىق كۆكسى-قارنى
    دېگەن ئىدى. » كەڭلىدى
    گېرمانىيەدە، ئېھتىمال ياۋروپانىڭ مەركىزىدە تۇرغانلىقىدەك سەۋەبلىك، گېزىتلەردە ئادەتتە خەلقئارا
    ئىشلاردىكى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن ھوزۇرلىنىش ھەمدە قەد كۆتۈرۈۋاتقان گېرمانىيەگە
    كۈندىلىك ئوبزورلار « دىققەت قىلىش ئىپادە قىلغان ئىدى. 9222 -يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېرلىن
    مۆمىنلىك بىلەن باش ئېگىپ تۇرىدىغان ۋە ئۆز ئارا تالان-تاراج «: باش ماقالە ئېلان قىلىپ » گېزىتى
    قىلىدىغان دەۋرنىڭ ئاللىقاچان ئاخىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇق، ئەنگلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،
    پايدىلىق بىر ساۋاق. ۋاقتى كەلگەندە، بىز پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان قىياپەتتە ئەنگلىيەگە يۈزلىنىمىز،
    ئالغا « دېدى. پەقەت سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ » تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمىز
    لا دوستانە بولمىغان ئېدىئولوگىيىنىڭ نوتىسىنى يازدى. يېڭى يىل ۋە يېڭى ئەسىرگە بولغان » گېزىتى
    تەبرىك سۆزى كاپىتالىزىم مۇقەررەر يوقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمما بۇ گېزىتمۇ
    بىزگە ئېنىقكى، ھازىرقى زامان كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ يوقىلىشى سىنىپىي ئاڭغا «: ئاگاھلاندۇرۇپ
    ئىگە پرولېتارىيات ياكى داڭلىق سوتسىيالىزم مۇتەپەككۇرلىرى 32 يىل ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك
    دېدى., » ئۇنداق تېز بولمايدۇ
    كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن لاھىيلەنگەن بۇ كەلگۈسى مەنزىرىلەردە، دەرۋەقە ئېدىئولوگىيە
    ياكى تۈزۈلمە تەلىماتىغا قارىتىلغان ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. فرانسىيە ۋە گېرمانىيەدە،
    سوتسىيالىزم پارلامېنت ئورگانلىرىدا ئاللىقاچان پەيدا بولغانلىقتىن، سوتسىيالىزم ئاندىن ئەستايىدىل
    مۇئامىلە قىلىشقا سازاۋەر بولدى. ئەمما، دەل فرانسىيە ۋە گېرمانىيەدە كىشىلەرنىڭ ئاشكارا
    گەپ-سۆزلىرىدە ئېدىئولوگىيە ئۆزگىرىشىدىكى ھەر قانداق ئېھتىماللىقنى ئويلاشمىغان ئىدى،
    » فىگارو گېزىتى « ، ئېدىئولوگىيىنىڭ توقۇنۇشىنى تىلغا ئېلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ئەكسىچە
    نىڭ پارىژلىق ئوبزورچىسى ئەينى چاغدا مودا بولغان قاراشلارنى دەل جايىدا ئىپادىلىدى. ئۇ يېڭى
    ئەسىرنىڭ قايناق ھېسىياتقا ئەمەس بەلكى ئىدراكقا تولغان ئەسىر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدى.
    -02 ئەسىرنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغىنى ئىلىم-پەننىڭ جەمئىيەت ۋە شەخسكە سىڭىپ كىرىشى «: ئۇ
    بولۇپ، ئىلىم-پەن بىزگە ھەرىكەت مىزانى بېرىدۇ، سانلىق ۋە پارلاق كەلگۈسى، مەن شۇ پەيتنىڭ
    كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز 92 -ئەسىردىكى ئەخمىقانە ئۆچمەنلىك، تېتىقسىز كۈرەش ۋە نومۇسسىز
    تۆھمەت قىلىش ئەنئەنىمىزنى چۆرۈۋېتىپ، ئەسىرنىڭ تېگى يوق ھاڭلىرىغا تاشلىۋېتىشىنى ئۈمىد
    قىلىمىز. بۇ نەرسىلەر 92 -ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى غۇۋالىشىدۇ، ئىداركلىق كىشىلەر ئۇ
    دېگەن ئىدى. » نەرسىلەرگە قاراپمۇ قويمايدۇ
    ئەمما، كېيىن ئىپادە قىلغىنىغا ئوخشاش، 02 -ئەسىرنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىغا ئېدىئولوگىينىڭ
    قايناق ھېسياتلىرى يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنى ئىلمىي نەزىرىيە
    دەپ ئاتىۋالغان كوممۇنىزمنىڭ قايناق ھېسىياتى يېتەكچىلىك قىلدى. دەرۋەقە، 02 -ئەسىرنىڭ
    ئوتتۇرىغا قەدەر، ئېلبې ) Elbe ( دەرياسىدىن كامچاتكا يېرىم ئارىلى ۋە شاڭخەيگىچە بولغان
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا كوممۇنىزم پەيدىنپەي كەڭ تارقالدى، بىر مىلياردتىن ئارتۇق خەلق
    كوممۇنىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاشقا باشلىدى. غەربىي ياۋروپادا كوممۇنىزم ھاكىمىيەتنى
    تارتىۋېلىشقا باشلىدى. لاتىن ئامېرىكىسىدا، كوممۇنىزمنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە ئامېرىكىغا قارشى
    مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى بىرىكىپ كەتتى. غەرب دۇنياسىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا، مۇستەملىكىگە
    قارشى ھەرىكەتلەردە ماركىسىزم كەڭ تارقالدى، خاراكتېرى ئۆزگەرگەن ھەرىكەت بولۇپ قالدى.
    سىياسىي ھوقۇقتىن پايدىلىنىش، يېڭىدىن ئېرىشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش )سانائەتچىلىكنىڭ
    گۈللىنىشى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى( قورالىنى ئىشلىتىشى بىلەن، دۆلەت
    ئىجتىمائىي تۇرمۇش، جەمئىيەت بوي سۇنىدىغان ۋە شەخس ساداقەتمەنلىكنىڭ مەركىزىگە ئۆزگىرىپ
    قالدى. گەرچە بۇ خىل تەرەققىيات دۇنيا دائىرىسدە بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەرەققىيات ئەڭ كەسكىن
    شەكىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆرۈلدى. مەسخىرە تۈسىگە ئىگە بولغىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت ئەڭ
    دېگەنگە ئىشىنىدىغان ھاكىم مۇتلەقلىق دۆلەت. » ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ « ئاخىرى
    كوممۇنىزم 02 -ئەسىردىكى مۇھىم سىياسىي ھادىسە سۈپىتىدە كۆرۈلىشى فاشىزم ۋە ناتسىتزمنىڭ
    گۈللىنىشى بىلەن باش ئاخىرى ماسلاشقان مۇناسىۋىتى بار. ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىزم، فاشىزم ۋە
    ناتسىتسزم تومۇرداشتۇر، تارىخىي مۇناسىۋىتى بار. سىياسىي جەھەتتە ھەم ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ.
    سانائەت دەۋرىنىڭ جاراھىتى، بىرىنچى ئەۋلاد ھېچنىمىسى يوق سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ پەيدا
    بولىلىشى، دەسلەپكى كاپىتالىزمنىڭ رەزىل قىلمىشى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك پەيدا بولغان كۈچلۈك
    سىنىپىي ئۆچمەنلىك يۇقىرىقى ئۈچ ئىزىمنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىرىنچى دۇنيا
    ئۇرۇشى چارروسىيە ۋە گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي
    تەرتىپىنى يىمىرىپ تاشلىدى، بىرلا ۋاقىتتا يېڭىدىن سانائەتلىشىشنى يولغا قويغان ئىتالىيەدە
    شىددەتلىك ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۇقىرىقى بارلىق ئامىللار ئىجتىمائىي
    ھەرىكەتلەرنى قوزغىۋەتتى، بۇ ھەرىكەتلەر جەمئىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكنى جەمئيەتكە
    سىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدىيىنىڭ سىرتىغا يوشۇردى ھەمدە تەشكىللىك دۆلەت زوراۋانلىقىنى
    جەمئىيەتنىڭ قۇتقۇزۇشنىڭ قورال دەپ جار سالدى.
    گىتلېرنىڭ ناتسىت گېرمانىيىسى بىلەن سىتالىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا پارتلىغان ئۇرۇشتا،
    نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ بىر خىل ئورتاق ئېتىقادنىڭ ئىككى مەزھىپى ئارىسىدىكى
    ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدى. دەرۋەقە، بىرى بولسا ئۆزىنى بۇرۇنقىغا
    ئوخشاشلا ماركىسىزمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مىللىي
    ئۆچمەنلىكنى تەرغىپ قىلدى، يەنە بىرى ئۆزىنى ماركىسىزمنىڭ بىردىنبىر ھەقىقىي ۋارىسى دەپ قاراپ،
    ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سىنىپىي ئۆچمەنلىكىنى قۇتراتتى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت دۆلەتنى
    كوللىكتىپ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى دەپ قاراپ، دەھشەتلىك تېرورلۇقنى جەمئىيەتنى باش
    ئەگدۈرۈشتىكى ۋاستە قىلدى، ئككىسىلا ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ قىرغىنچىلىق
    قىلدى. ئىككى دۆلەت يەنە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋاستە بىلەن جەمئىيەتنى كونترول قىلدى، مەسىلەن
    ياش كوللىكتىپ قۇردى، قوشنىلار ئارا مەخپىيەتلىك يەتكۈزگۈچىلەرنى تەربىيلىدى، ئاممىۋى
    تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويدى. ئەڭ
    دۆلىتى قۇرۇۋاتقانلىقىنى » سوتسىيالىزم « ئاخىرىدا، ئىككىلا دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك
    جاكارلىدى.
    بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، گىتلېر سىتالىن ۋە مۇسسولىنى باشلىغان سىياسىي
    پائالىيەتلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىۋالغان ئىدى. لېنىن ۋە مۇسسولونى
    گىتلېرنىڭ ئۇستازى، ئۇلار يېڭى تەشۋىقات ۋاستىسى ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە يېڭىلا ئويغانغان
    ئاممىنى ھەرىكەتكە ۋە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەمما، ھاكىم مۇتلەقلىقنى
    قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە ئۈچىسىلا ئەڭ ئاۋانگارتتۇر، بولۇپمۇ سىياسىي قىزغىنلىقتىن پايدىلىنىپ
    ئىنتىزامى قاتتىق سىياسىي كوللىكتىپ قۇرۇشقا ماھىر. ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىش
    ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئىدى. شۇڭا، ھاكىم مۇتلەق
    دۆلەتلەردە يېڭى تىپتىكى سىياسىي تەرتىپ بارلىققا كەلدى.
    پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، لېنىن بىلەن گىتلېر دارۋاڭ قىلغىنى ئوخشاش بىر ئىدىيە، بۇ ئىدىيە
    جەمئىيەتكە كەڭ كۆلەملىك، پىلانلىق كونترول يۈرگۈزۈشنى، ئۆزىنى ھەقىقەتنىڭ كېسىم
    چىقارغۇچىسى، جەمئىيەتنى ئىدىيىۋى ئەخلاققا بوي سۇنۇشى )لېنىننىڭ ئەخلاق قۇرۇلىشى سىنىپىي
    كۈرەش نەزەرىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، گىتلېرنىڭ بولسا مىللىي ئۈستۈنلۈك نەزەرىيىسى ئاساسىدا
    قۇرۇلغان( ھەمدە ئۇلارغا بېرىلگەن تارىخىي بۇرچنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق ھەرىكەت
    قوللانسا ھەققانىي بولىدۇ دەپ قاراشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىياسىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ۋە جەمئىيەتنى
    ئۆزگەرتىش جەھەتتە، گىتلېر بولسا بولشىۋېك ۋە لېنىننىڭ ئەستايىدىل ئوقۇغۇچى، ئۇ
    بولشىۋېكلارنىڭ ھەربىيلەشكەن ئاۋانگارت پارتىيە قۇرۇش ئىدىيىسىنى ۋە لېنىننىڭ
    ئىستراتىگىيىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە قوللانغان تاكتىكىلىق مۇرەسسە قىلىش
    ئىدىيىسىنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى. تۈزۈم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، گىتلېرنىڭ لېنىننىڭ دۆلەتنى قانداق
    قىلىپ تېرورىزىم ئاساسىدا قۇرۇشنى، يەنە مەخپىي ساقچى ئاپاراتىنى، ئەدلىيەدىكى چېتىپ جازالاش
    قانۇنى ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوچۇق سوت ئارقىلىق دۆلەت ئورگىنىنى ياخشىلاشنى
    ئۆگىنىۋالغان ئىدى.
    بۇنىڭدىن سىرت، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق
    سەپسەتىلىرى ۋە بەلگىلىرىنى قوللاندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سىتالىن مىللەتچىلىك
    چوڭ دۆلەت « شوئارىدىن پايدىلاندى. مۈلكىي ئەمەلدارلارغىمۇ ساختا ھەربىي كىيىم كىيگۈزدى ۋە
    نىڭ ئۇلۇغ جاسارىتى ھەققىدە گەپ سېتىش )بۇ كىشىگە ناتسىتلارنىڭ ئۇسۇلىنى » ھاكىمىيتى
    ئەسلىتىدۇ( ئۇسۇلىنى قوللاندى، ئۆزىنىڭ يېڭى ھۆكۈمرانلىق باسقۇچىنى ئۈزلۈكسىز قانۇنلاشتۇردى.
    بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مۇستەبىتى ھېچ » مەخلۇق « گىتلېرمۇ گەرچە سىتالىن بىر
    تالانلىق « بولمايدىغان » چەكسىز ھۆرمەتلىمىسە « مەخلۇق، كىشىلەر » ئۇلۇغ « بولمىغاندا بىر
    دۇنيادىكى « 99 يىل قولىدا تۇتسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنى - ئەگەر ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ يەنە 92 ،» شەخس
    كە ئايلاندۇرىدۇ، دېگەن سۆزلەرنى پات-پات دەپ قوياتتى. 9299 -يىلى » ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت
    گىتلېرغا قارشى ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ناتسىي ھاكىمىيەت سوۋېت
    ئىتتىپاقى بىلەن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان سىنىپىي ئۆچمەنلىك سۆزلىرى بىلەن گېرمانىيە ئاقسۆڭەكلىرىنى
    يوقىتىشنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. سىتالىن لېنىنىزمغا لوگىكىغا ئۇيغۇن نەتىجە چىقارغان
    مەن سىتالىنغا ئوخشاش «: ئىدى. گىتلېر ھەتتا ئەكسىچە ھالدا سىتالىنغا ھەۋەس قىلدى. ئۇ
    دېگەن.: » ئوفىتسېرلار قوشۇنىنى تازىلىمىغانلىقىمغا ناھايىتى ئېچىنىشلىق پۇشايمان قىلىمەن
    ئەمەلىيەتتە، گىتلېرنى لېنىنىزمچى ياكى سىتالىننى ناتسىت دېسەك قىلچە ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
    تىپىك ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي مەنبەسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى مۇستەبىت داھىينىڭ قىزىقىشى
    ھەقىقەتەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىككى زالىم يېڭى ئۇتوپىيە تەرتىپى قۇرۇشتىكى دوگماتىك ۋە مۇجمەل
    ئۇقۇمغا ئاساسەن، ئۆزىدىن باشلاپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئاشكارا
    تەشۋىقاتىنىڭ نىشانى قىلدى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق يۈرگۈزدى.
    پەقەت دۆلەت ئاپاراتلىرىنىڭ كۈچىنى بىۋاستە ئىشلىتىش ئارقىلىق بولىدىغان ئۆزگەرتىشتىلا،
    ئەنئەنىۋى جەمئىيەت شەكلىنى پاچاقلاش ۋە ھەر قانداق جەمئىيەتنىڭ يوقىلىشى سىتىخىيىلىك
    ھادىسىسى ئاندىن مۇۋەپىقىيەتلىك بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھاكىم مۇتلەقلىق ئەڭ مۇكەممەل
    دۆلەتچىلىكنىڭ مەنىداش سۆزى بولۇپ قالدى.
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دۆلەتنى تارىخ ئۈچۈن مەدھىيلەيدىغان ئەڭ ئالىي ۋاكالەتچىدىكى مۇھىم
    بىر شەخسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەمما، ئۇرۇش يەنە بىر مۇھىم شەخسنىڭ ھوقۇقى
    ۋە تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. 9291 -يىلدىن بۇيان ئاساسلىقى سابىق
    چارروسىيە ئىمپىرىيىسى زېمىنىدىلا يولغا قويۇلغان كوممۇنىزم تۈزۈمى ئۇچقاندەك كېڭىيىشكە
    باشلىدى. 9291 -يىلغا كەلگەندە، ئوتتۇرا ياۋروپا ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش
    جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قالدى. 9292 -يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپتە
    سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندىزىسىدىكى كوممۇنىزم تۈزۈمىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
    -9299 يىلى شىمالىي كورىيەدە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت بارلىققا كەلدى. 9299 -يىلى شىمالىي
    ۋېيتنامدىمۇ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت بارلىققا كەلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن
    كېيىنكى 92 يىلدا، بىر مىلياردتىن كۆپ ئادەم كوممۇنىزم تۈزىمىدە ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى.
    پۈتكۈل ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقى دېگۈدەك كوممۇنىزمنىڭ زېمىنى بولۇپ قالدى، پەقەت ياۋروئاسىيا
    قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى ئۇچىدىكى رايون يەنىلا ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ قوغدىشىدا تۇردى.
    غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ئېھتىمال ئامېرىكا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىغا زور مىقداردا
    مەبلەغ ۋە ھەربىي كۈچ سالغانلىقتىن، كوممۇنىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان
    بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىنىڭ ۋاستىلىق
    تارقىلىشىدۇر. ئۆتكەن 92 يىلدا، دۆلەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىغا تايىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي
    نۇقسانلارغا تاقابىل تۇرۇش خاھىشى ھەممە ياققا تارقالدى. دەرۋەقە، مۇستەھكەم دېموكراتىك
    ئەنئەنىگە ئىگە جەمئىيەتتە، كىشىلەر سىياسىي ھوقۇقنىڭ زىيادە مەركەزلىشىشى ۋە قالايمىقان
    ئىشلىتىشىنى توساشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. تاللىغان ئەركىنلىكى ئاشكارا سىياسىي رىقابەت ۋە
    ئاساسىي قانۇننىڭ قوغدىشىدا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەمما، ھەتتا يۇقىرى دېموكراتىيەگە ئىگە جەمئىيەتتە
    دۆلەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشى ئىقتىسادىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ھەقىقەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى
    ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قاراشمۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق كۆزقارىشى بولۇپ قالدى.
    بۇ دېموكراتىك سوتسىيالىزم ياكى پاراۋان دۆلەت كوممۇنىزمنى تارقىتىشتىكى قەبىھ نىقاب دېگەنلىك
    ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، دېموكراتىك سوتسىيالىزم ۋە پاراۋان دۆلەت ھەمىشە كوممۇنىزم تەلىماتىنىڭ
    جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ ۋە كوممۇنىزم ئەندىزىسى ئۈچۈن باشقا بىر دېموكراتىك
    تاللاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئامال تەمىنلەيدۇ. ئەمما، دۆلەتنى جەمئىيەتنى قۇتقۇزۇشتىكى ئاساسلىق
    ۋاستە قىلىش ئۇسۇلى ۋاستىلىق ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى، چۈنكى
    سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈمى دۆلەت پىلانلايدىغان ۋە دۆلەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ
    يېڭىلاشتىكى ئەڭ تىپىك نەمۇنە.
    ;
    بۇ يۈزلىنىش يېڭى قۇرۇلغان نەچچە ئون سابىق مۇستەملىكە دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ھەر خىل
    دۆلەت سوتسىيالىزمنى قۇرۇش لاھىيىسىنى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر دەسلەپتە
    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىسىنى
    دورايدىغان ئۈلگە قىلماقچى بولدى، يۇقىرى يۈزلىنىش بۇ ئۇسۇلنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
    -92 يىللار ۋە 92 -يىللاردا، نۇرغۇن ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندىزىسى
    زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز يول دەپ
    مەدھىيلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى چەتئەللەردە ساياھەتتە بولغاندا مەدھىيە سۆزلىرى ۋە
    خوشامەت سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى، باشقىلارغا سوۋېت ئىتتىپاقى
    سوتسىيالىزمى يولىدا قانداق مېڭىش تەكلىپلىرىنى ئۆز مەيلىچە بەردى. 1
    ئىلغار دۆلەتلەردە، ئوخشاش ئىدىيە ئېقىمى ئىلىم ئەھلىدىمۇ ناھايىتى مودا بولدى. پائۇل خوللەندېر
    (Paul Hollander دە تەسۋىرلىگىنىدەك، 02 ۋە » سىياسىي تاۋاپچى « ( دەل ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى
    -32 يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان زىيالىيلار كوممۇنىزم تەمىنلىگەن ئىخچاملاشقان نەزرىيىنى
    چۈشەنمەيلا تولۇق قوبۇل قىلدى. گېرمانىيە يازغۇچىسى لېئون فىشتۋانگېر ) Lion Feuchtwanger پەقەت ئېدراكقا تايىنىپلا دۆلەت قۇرىدىغان بۇ تەجرىبىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق «
    دەپ يازغان. نۇرغۇن ئاكىتىپ دىنىي داھىيلارغا ئوخشاش، ئامېرىكا دوستلار » قىلماي تۇرالمىدىم
    جەمئىيىتى مۇرىتى ھېنرى خودكىڭ ) Henry Hodgking ( سوۋېت ئىتتىپاقى بۈيۈك بىرلىك دېگەن
    بىز روسىيەنىڭ بۇ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى «: ياغلىما گەپلەرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى. ئۇ
    ئۇلۇغ تەجرىبىسىنى كۆرگەندە، تەجرىبىنى پۈتۈنلەي نامەلۇم، ئەيسا پەيغەمبەرچە شەكىلدە
    دېگەن ئىدى. ئېدمۇند ۋېلسون ) » قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىنەر بىلىنمەس ھېس قىلىمىز Edmund Wilson سوۋېت ئىتتىپاقىدا، سەن دۇنيا «: ( نىڭ كۆرگىنى بولسا تېخىمۇ ھەقىقىي ئوتوپىيە ئىدى، ئۇ
    ئەخلاقىنىڭ چوققىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىسىەن، ئۇ يەردە نۇر ئەزەلدىن ھەقىقىي ئۆچۈپ
    دېگەن. » باققان ئەمەس
    غەربنىڭ دېموكراتىيىسى بىلەن ئوخشاشلا ئەقىلگە » دېموكراتىيە « بۇ زىيالىيلاردا، سوۋېت ئىتتىپاقىچە
    مۇۋاپىق )ھەتتا تېخىمۇ مۇۋاپىق( دەپ قارالدى، ھېچكىم سىتالىننىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىنى تىلغا ئېلىپ
    باقمىدى، ئەيىبلەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. سىدنېي ) Sidney ( ۋە بىئاترس ۋېب ) Beatrice Webb ئۇنىڭ « ، ( سىتالىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى زالىم ھۆكۈمرانلىق ئەمەسلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ
    ھوقۇقى ھەتتا ئامېرىكا پارلامېنتى رېزۋېلىتقا ۋاقىتلىق ھوقۇق بەرگەندەك ئۇنداق چوڭ ئەمەس،
    ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا ھەر بىر پرېزىدېنتنىڭ 9 يىلدا بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇقلىرىدەك ئۇنچە
    دېگەن ئىدى. » چوڭ ئەمەس
    سىتالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بولغان توققۇز تەزىم قىلغۇدەك
    لاگىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ئامېرىكا سوتسىئولوگىيە كېڭىشىنىڭ » گۇلاگ « قايىللىق ھەتتا
    رەئىسى بولغان ج ل گىللىن ) J.L.Gillin ئېنىقكى، مۇنداق تۈزۈمنىڭ تەسىس قىلىنىشى « : (دوكتور
    دەپ يازغان ئىدى. » جىنايەتچىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئۇنى جەمئىيەتكە يېڭىدىن قايتۇرۇپ كېلىش
    ئەنگلىيە سىياسىي ئىقتىسادشۇناسى خارولد لاسكى ) Harold Laski ( سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈمىدىن
    كىشىلەر قەتئىي تەشەببۇس قىلىدۇكى، پەقەت شارائىت يار «: بايقىغانلىرىنى قۇۋۋەتلىگەن ھالدا
    دەپ يازغان. » بەرسە، مەھبۇس چوقۇم مۇكەممەل ھەمدە قەدىر-قىممەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ
    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇزۇن مۇددەت خەۋەر قىلغان مۇخبىر مائۇرس ھىندۇس ) Maurice Hindus ئۆچ ئېلىش، جازالاش، قىيناش، «: ( بۇ مەسىلىدە ھەقىقەتتىن تېخىمۇ يىراق بولۇپ
    دېگەن. جورجى » شەپقەتسىزلىك ۋە ھاقارەت قىلىش بۇ تۈزۈمدە قەتئىي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
    بېرنارد شوۋ ) George Bernard Show ( ھەتتا سىتالىننىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى
    ئەنگلىيەدە، جىنايەت ئۆتكۈزگەن «: تۈزىمىدىن ئۆز رازىلىقى بىلەن بولغان تەركىبلەرنى بايقىغان، ئۇ
    ئادەم تۈرمىگە كىرگەندە نورمال ئادەم، چىققاندا بولسا جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ. سوۋېت
    ئىتتىپاقىدا، ئادەم تۈرمىگە كىرگەندە بىر جىنايەتچى، چىققاندا بولسا نورمال ئادەمگە ئايلىنىدۇ،
    ئۇنى تۈرمىدىن چىقىشقا نەسىھەت قىلىش ناھايىتى تەس ئىش. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇلار تۈرمىدە
    دەپ يازغان. » قانچىلىك تۇرۇشنى خالىسا شۇنچىلىك تۇرسا بولىدۇ
    , سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 32 -يىللاردىكى يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇش تىرىشچانلىقىدىكى ئەڭ دەسلەپكى
    سېھرىي كۈچ دەل بۇ كىشىلەرنىڭ تۇيۇق يولغا باشلايدىغان كۆزقاراشلىرىدىن ئەكس ئەتكەن ئىدى،
    سىتالىننىڭ گىتلېرنى مەغلۇپ قىلىشى بۇ سېھرىي كۈچنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ھەتتا كېيىنكى
    سوغاق ئۇرۇشمۇ نۇرغۇن غەربلىك زىيالىيلارنى كوممۇنىزم ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش خام
    خىيالىدىن ئويغىتالمىدى. پۈتكۈل 92 -يىللاردا، ھەتتا 92 -يىللارغا كىرگەندىن كېيىنمۇ، نۇرغۇن
    غەرب ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا مودا بولغان ئىجتىمائىي كۆزقاراشلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم شەكىلدىكى
    لار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا دۆلەت رەھبەرلىك قىلغان ئىجتىمائىي تەجرىبە » سولچىل قاراش «
    زىيالىيلارغا قارىتا غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچى بولغاچقا، ئۇلار ھەمىشە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ
    گۇمانلىق جايلىرىغا خەيرخاھلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش بەردى.
    تېخىمۇ دائىملىق كۆرىلىدىغان ئەھۋال بولسا، ئورسودوكس ئىلمى ئالدى بىلەن سىياسىي ئارقىلىق
    ئىجتىمائىي پىلانغا يېتەكچىلىك قىلىشنى پىلانلايدۇ. دۇنيا چوڭ ئىقتىسادىي كىرزىس ۋە ئىككىنچى
    دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن يېڭى دەۋرگە قاراپ قەدەم باستى.
    ئۇ چاغدا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىجتىمائىي قىلمىش پەيدىنپەي سىياسىي ۋاستە ئارقىلىق
    راۋانلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي پائالىيەت پىلانلىق سىياسىي يۆلىنىشكە بوي سۇندى. ئورسودوكس
    تەلىماتىنىڭ نۇرغۇن دارۋاڭ قىلغۇچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رېئاللىقى كۆرىنەرلىك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ
    غايىسىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا غايىنى ئەمەلگە
    ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىگە يوشۇرۇنغان، شۇڭا،
    سوۋېتلەر ئىتتىپاقى كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىدى.
    سوۋېت ئىتتىپاقى ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىنىڭ يۈزەكى غەلىبىسى پەندىنپەي پەيدا قىلغان مۇھىم
    تەسىرى 02 -ئەسىردىكى كوممۇنىزمنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاساس قىلغان دەۋرگە
    ئايلاندۇرىۋەتكەندەك بولدى. گەرچە ئامېرىكا 02 -ئەسىردە ئەڭ قۇدرەتلىك دۇنياۋى چوڭ دۆلەت
    بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تۇرمۇش شەكلىمۇ تەڭداشسىز زور سېھرىي كۈچ تارقاتسىمۇ،
    ئەمما كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھەم ئادىل بولمىغان ھالدا ئامېرىكا بىر مەيدان مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى
    پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، ساقلانغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىمنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن بىكار
    ئاۋارە بولماقتا دەپ قارىدى. كوممۇنىزم ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە جۇڭگوغا تارقالغانلىقتىن، ئاندىن
    دۇنيانىڭ سىياسىي ئەندىزىسى تۈپتىن ئۆزگەردى. كوممۇنىزم ئىلىم ئەھلى مۇزاكىرە قىلىدىغان
    ئاساسلىق تېما بولۇپ قالدى ھەمدە تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىگە ۋەكىللىك
    قىلغاندەك بولدى.
    ئەمما، كوممۇنىزم بارلىققا كېلىپ 922 يىل بولمايلا زاۋالىققا يۈزلىنىشكە باشلىدى. كوممۇنىزمنىڭ
    ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى كوممۇنىزم دۇنياسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا پۇر كەتتى. 92 -يىللارنىڭ ئاخىرىغا
    كەلگەندە، ئالغا باسالمىغان ئىقتىسادنى قوزغىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنىمىگە ئىگە
    بولۇش، ئىشچىلارنىڭ ئاكىتىپلىقىنى تولۇق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو
    ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويغان
    تەشەببۇسلىرى ئامېرىكا ياساش سودىگەرلىرى كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان
    تەشەببۇسلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. 9299 -يىلى 9-ئاينىڭ 99 -كۈنىدىكى
    نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالكساندىر ياكوۋلېۋ ) » ھەقىقەت گېزىتى «Aleksandr Yakovlew )
    )ئەينى چاغدا ماركىسزم-لېنىنىزم نەزىرىيىسى مەركىزىي سىياسىي بۇيرۇنىڭ كومىسسارى ئىدى(
    خوجاينلارنىڭ ئىدىيىسى چوقۇم ھەممىنى بېسىپ چۈشىشى « سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشچىلىرىغا بۈگۈنكى
    ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېڭى ئەسلى «: دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئۇ يەنە » كېرەك
    ياخشى ئىش، چۈنكى بىر ئىشچى بىلەن مەلۇم ئىشنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولسا، ئۇ تاغنى
    تالقان-چۆلنى بوستان قىلىۋېتىدۇ، ئەگەر ئىشچى بىلەن ھېچقانداق پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى
    دېگەن. سىياسىي بۇيرونىڭ ھەيئىتى ستانلىسلوۋ كوسىك » بولمىسا، ئۇنىڭ ھەرگىز كارى بولمايدۇ
    (Stanislaw Ciosek ھەر بىر ئادەمنىڭ «: ( بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك پولشا ئىشچىلىرىغا ئەسكەرتىپ
    تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئوخشاش دەرىجىدە ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەس. دۆلەت ئىقتىسادى ئۈچۈن كۆپ
    تۆھپە قوشقان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك، تېخىمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ئېلىشى
    بۇ دەل «: دېدى. بۇ ئىدىيىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، ستانلىسلوۋ تولۇقلاپ » كېرەك
    دېدى. دەل بۇنىڭدىن نەچچە ئاي ئىلگىرى، كوممۇنىزم » ئىقتىسادنىڭ شەپقەتسىز قانۇنىيىتى
    دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىدە، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سىياسىي بۇيرۇنىڭ خادىمى خۇچىلى ئىدىيە
    ئىشلەپ چىقرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا «: جەھەتتىن جۇڭگو ئىشچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ
    دېگەن » پايدىلىق بارلىق نەرسىلەر دەل سوتسىيالىزم ئېھتىياجلىق ياكى رۇخسەت قىلىدىغان نەرسىلەر
    ئىدى.
    -02 ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 92 يىلىنىڭ ھارپىسىدا، ھەر بىر كوممۇنىستىك پارتىيە دۆلىتى دېگۈدەك
    ئىسلاھات ھەققىدە تىمىسقىلاپ يۈردى، بۇ ئەمەلىيەتتە ماركىسىزم-لېنىنىزم تەجرىبىسىنى
    ئەيىبلىگەنگە باراۋەر ئىدى. ئەڭ مۇھىمى پەلسەپە جەھەتتىن كوممۇنىزمنىڭ تۈپكى ئاساسىغا قارشى
    تۇردى. دۆلەتنى مەدھىيلەش ھەممە يەردە شەخس، ئىنسانىي ھوقۇق، شەخسنىڭ ئىجادىيەت كۈچى،
    ھەتتا شەخسىي كارخانىلارنى مەدھىيلەشكە ئورۇن بەردى.
    دۆلەتچىلىكتىن ئەڭ ئاخىرى يۈز ئۆرۈش، ئىنسانىي ھوقۇققا ئۈزلۈكسىز ئەھمىيەت بېرىش، ئىقتىسادىي
    سۈيىئىستېمالچىلىقنىڭ كېچىكىپ قوللىنىشلارنىڭ ھەممىسى كۆزقاراش ۋە ئاساسىي تۇرمۇش
    پەلسەپەسىدىكى غايەت زور ئىنقىلابتىن بەلگە بېرەتتى. بۇ ئىنقىلاب ئېھتىمال چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ۋە
    ئۇزۇن تەسىرگە ئىگە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشۇ مۇمكىن. دۇنيانىڭ سىياسىيسى بىلەن ئىقتىسادىغا
    تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئاۋام ئارسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىن كۆرۈشىچە، 0222 -يىلى
    -9 ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە، كوممۇنىزم تەلىماتى 09 -ئەسىرنىڭ كەلگۈسى بىلەن قىلچە
    مۇناسىۋىتى قالمايدىكەن، كەلگۈسىنى پەرەز قىلغۇچىلارنىڭ مۇنداق پەرەزلەرنى قىلىشىنىڭ تولۇق
    ئاساسى بار، 922 يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرى چىقارغان پەرەزلەرنىڭ تولۇق ئاساسى
    يوق ئىدى.:
    بۈگۈنكى دەۋردىكى كوممۇنىزمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىرزىسى تۇيۇقسىزلا كەلدى، شۇڭا تارىخىي
    كومىدىيەگە تېخىمۇ باي بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر مۇنداق بىر سوئالنى قويۇشنىڭ ۋاقتى
    كەلدى: زادى نېمە 02 -ئەسىرنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقتىدا كەلگۈسى ئېقىم بولۇپ قالاي دېگەن بۇ
    تەلىمات بىلەن ئەمەلىيىتىنى يىمىرىپ تاشلىدى؟ ئۈمىدسىزلىك، مەغلۇبىيەت، بولۇپمۇ جىنايەت ئەڭ
    دەسلەپتە بۇ دۇنيادىن ھالقىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلنىڭ ئىدىيىسى، سىياسىي ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي
    تەجرىبە دەپ قارىلىپ يۈزى تۆكۈلگەن ئىدى. ئۇنداقتا، زادى نېمە سەۋەب بۇ ئۈمىدسىزلىك،
    مەغلۇبىيەت ۋە جىنايەتلەرنى پەيدا قىلدى؟
    داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ، داۋاملىق ئوقۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!!!
    :
    ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە:
    9. مەزكۇر ئەسەر پەقەت شەخسىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تەرجىمە قىلىندى، شۇڭا بارلىق مەسئولىيەتنى
    ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالىمەن، باشقا تەرجىمانلار ۋە قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى ھەمكارلاشقۇچى ۋە ئېلان
    قىلىشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرگۈچى بولۇپ، ھېچقانداق مەسئولىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە
    ئالمايدۇ.
    0. مەزكۇر كىتابنى جەمئىي 93 ئادەم ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلدۇق، تەھرىرلەشنى ئۆزۈم قىلدىم،
    مەن كەسپىي تەرجىمان ۋە تەھرىر بولمىغانلىق سەۋەبلىك ئىملا خاتالىقى ۋە تەرجىمە خاتالىقى بولۇشى
    مۇمكىن، تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ كىتابتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ۋە ئادەم،
    يەر-جاي ناملىرى ئېنگىلىزچە ئەسلى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇلدى، ئېنگىلىزچىسى بېرىلدى.!
    3. كىتاب ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، قىزىقىش ۋە ھەمكارلىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈش
    ئۈچۈن تەرجىمە قىلىنغان، باشقا ئالاھىدە مەقسەت يوق، باشقا شەخس، تور بەت ياكى ئورگانلارنىڭ
    پايدا ئېلىش ۋە تەشۋىقات غەرىزىدە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، تەرجىمىسىنىڭ بارلىق ھوقۇقى
    قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىغا تەۋە.
    9. كىتاب تەرجىمىسىگە قاتناشقان تورداشلار ناھايىتى ئاكىتىپ بولۇپ، ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن
    ۋەزىپىنى چىن دىلىدىن تاماملاپ، ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بەردى. تەرجىمانلارغا تېخىمۇ كۆپ
    غەيرەت-جاسارەت، ئائىلىسىگە تىنچلىق، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. بىرلا ۋاقىتتا،
    تەرجىمىگە قاتنىشىش باھانىسىدە كىتابنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن، ۋەزىپىنى ئېلىۋېلىپ ئۈن-تۈنسىز
    يوقاپ كەتكەن، تەرجىمىگە قاتناشقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قەستەن بىلمەسكە سېلىۋېلىپ، كىتابنىڭ
    ئېلان قىلىنىشىنى كەينىگە سۆرىگەن كىشىلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.
    9. كىتاب ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ، ئېلان قىلىش تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلكىتاب
    قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ، تارقىتىلغاندا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ..
    تاللاش: يەر شارىۋى ھۆكۈمرانلىق ياكى يەر « 9. زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىينىڭ يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى
    ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسىمۇ پۈتۈش ئالدىدا، پات ئارىدا قۇتادغۇبىلىك » شارىۋى رەھبەرلىك
    مۇنبىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ، داۋاملىق ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 16:52:12 |ئايرىم كۆرۈش
    بۇ يىل - ئاي كۈنلىرى ھاجايىپ كەنا، تازا چۈشۈنەلمىدىم بولسا ئوڭشاپ قويسا بوپتىكەن،

    0

    تېما

    3

    دوست

    604

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 17:04:43 |ئايرىم كۆرۈش
    نىمانداق چۈشۈنىكسىز تىما بۇ ؟......... رەتلەپ يوللاڭ

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 19:17:29 |ئايرىم كۆرۈش
    بۇ  تىمىنىڭ  يىل  نامىسى  راسلا   ئۆزگۇرۇپ  كىتىپتۇ ؟   بۇ  تىمىمۇ   ھىتلېر  تەرجىمالىغا  ئوخشاش    ناھايتى ئۇزۇن  تىما    ،  ناۋادا   ئوقۇرمەنلەرنىڭ  چۇشۇنىشى يىتەرسىز  بولسا  ئاخىرىنى يوللاش  توختىلىدۇ  .   بۇ  تىمىنى   ئۆزگەرتىپ  قوياي

    3

    تېما

    0

    دوست

    355

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    5#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 01:32:46 |ئايرىم كۆرۈش
    ئەسلىدە تىما قىممىتى بار ياخشى تىما ئىكەن . مەن ئاخىرىغىچە تەرجىمە قىلىپ يوللۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
    بىراق تىما ئىگىسى ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ بېقىڭا ؟ 1 . سانلار پۈتۈنلەي ئۇققۇلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە قالايمىقان .
    2 . ھەتتا ئابزاسلار ئاستى - ئۈستۈن ، مەزمۇن باغلاشمايدۇ . شۇنىڭدىن قارىغاندا ئابزاس ، بۆلەكلەرمۇ ئالمىشىپ كەتكەندەك تۇرۇدۇ .

    تەكلىپ : تەھرىرلىگەندىكىن تۈزۈكرەك تەھرىرلىگەن بولسىڭىز ، ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىڭ .

    بۇ تىما ئەسلىدە بىز ئوقۇيدىغان تىما . چۈنكى ئىچكىرىلەردە سوتسىيالىزىم ، كومۇنىزىم دىگەن گەپلەر ئاساسەن يوق . بىراق بىزنىڭ ماۋۇ تەردە ، ھازىرغىچە خەن ئەمەلدارلارنىڭ سوغۇق كۈلكىسىنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرغىنى بىلەلمەي ، ئۇيغۇر ئەمەلدارلار مۇشۇنداق بىرنىمىلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ نۇتۇق ئورگىناللىرىنى تۈزۈپ يۈرمەمدۇ .
    ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىمۇ شۇنداق نادانلار ساماندەك ، ئوقۇغۇچىنىڭ ۋاقتىنى ئېلىشى يەتمىگەندەك ، مۇشۇ مۇنبەرگىمۇ تىما يوللاپ ھازىرغىچە ماركىسنىڭ سايىسىدە ، شۇنىڭ ئۈزۈندىللىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ ئادەمگە قوقاق سېلىپ يۈرمەمدۇ .

    شۇڭا ئەجر قىلغان بۇ تىمىنى ئاخرىىغا چىقىرىڭلار ، ئېدولوگىيە دىگەن يامان نەرسە ، شۇ ۋاقتى ئۆتكەن ، خاتا ئىكەنلىكى قانلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ، ھەتتا مۇشۇ يولنى دەپ ھاياتىدىن خۇشاللىق بىلەن ئايرىلغان بايقۇشلار كۈرمىڭ .
    چۈش كۆرگۈچىلەر چۈشىدىن ئويغىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .  

    باھا سۆز

    جاۋاپ  دادىل پىكىر  يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 01:42

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    6#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 22:28:11 |ئايرىم كۆرۈش
    .......

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    7#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 22:30:49 |ئايرىم كۆرۈش
    مۇشۇ  ئەسەرنىڭ    تولوق  نۇسقىسى

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    8#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 22:34:01 |ئايرىم كۆرۈش
    كەچۇرۇڭلار   تىمىنى  تەھرىرلەش   ئىشىنى  قىلالماي   تىمىنىڭ  ئۆزىنىلا   ئىلىكتۇرۇنلۇق    كىتاپ     شەكلىگە   كەلتۇرۇپ   يوللىۋەتتىم   

    6

    تېما

    0

    دوست

    233

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    9#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 23:47:52 |ئايرىم كۆرۈش
    كىتاپخۇمار بىلوگىدىن بۇرۇن چۈشۈرۋالغان قېرىنىداشلار بارمۇ؟ بولسا شۇ كىتابنى يوللاپ قۇيۇڭلار!

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    10#
    يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    turan1001 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 23:47
    كىتاپخۇمار بىلوگىدىن بۇرۇن چۈشۈرۋالغان قېرىنىداشلار  ...

    、ئىنكاس   شەكلىدە   تولۇقى  بىلەن  ئەلكىتاپ  شەكلىنى  يوللاپ   قويدۇم

    باھا سۆز

    turan1001  بۇ نۇسخىسى ئانچە سۈپەتلىك چىقماپتۇ، كىتاپخۇمار بىلوگىدىن چۈشۈرۋالغان قېرىنداشلار بولسا، شۇ سۈپەتلىك نۇسخىس  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 09:50 , Processed in 0.250903 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش