(1) فەتھۇللاھ گۈلەن كىم ؟
فەتھۇللاھ گۈلەن، 1941 – يىل تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئارزۇما ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق زامانىۋى ئىسلام مۇتەپەككۇرى، يازغۇچى ۋە شائىر. ئۇ بىر نەچچە داڭلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن دىنىي تەلىم ئالغان، زامانىۋى ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە تەبىئىي پەنلەر تەتقىقاتىغا تېخىمۇ قىزىققان. ئۇ ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، تىرىشچان، تەپەككۇرى تېز ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن خېلىلا ئالدىدا ماڭاتتى، ئۇ ئىسلام روھىنى ئوبدان چۈشەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەتتى. ياشلىق دەۋرلىرىدە، 1958 – يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىسلام تەشۋىقاتچىسى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى ئىزمىرغا ئەۋەتىلىپ، ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىسلام روھىنى تەشۋىق قىلىپ، مەملىكەتتىكى مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، دەل ئۇنىڭ نادىر ئەسىرى «ئىدىيە» دە ئىپادىلەنگىنىگە ئوخشاش، ئۇ ياش ئەۋلادلاردىن ئاقىلانە روھ ۋە مېھىر شەپقەت بىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان. مانا بۇ دەل بىز ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «گۈلەن ھەرىكىتى» دۇر. ئۇ ھازىرقى تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە بىلەن ئادىل پارتىيەنى قوللىغۇچى، جەمئىيەتنى ياخشىلاش، ئىسلام مەدەنىيىتى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش، غەرب ئەللىرىدىن كىرگەن ئادەت ۋە سىياسىينىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ تەشەببۇسچىسى. ئۇ 1998 – يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىسلام تەربىيەسى ھەرىكىتى خەلقئارالىق سىستېما شەكىللەندۈرگەن، ئۇ تىنچلىق ۋە كەڭ قورساق بولۇشتەك روھنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2006 – يىل، تۈركىيەدە بىر فىلىم ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ فىلىمدە گۈلەن تۈركىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەخپىي پىلانلاشقا قاتناشقانمىش، كېيىن ئۇ ئوچۇق ئاشكارا ھالدا بۇ سۆز چۆچەكلەرگە رەددىيە بېرىپ، ئۆزىنىڭ فىلىمدىكى ئوبرازىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن. گۈلەننىڭ ھازىرقى ئىسلام ئىدىيىسى ، تەسىر دائىرىسى ئۇنىڭ دۆلىتى تۈركىيەدىن ھالقىپ چىقىپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى، يېتەكچىسى بولۇپ قالغان.
(2) نۇرچىلار
بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم سەئىيد نۇرسى 1878-يىلى تۈركىيىدە ئاناتولىيىنىڭ شەرقى بىتلىس ۋىلايىتىگە تەۋە نۇرس يېزىسىدا پەزىلەت ۋە دىيانەت بىلەن تۇنۇلغان بىر كۈرد ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. توققۇز يېشىدىن تارتىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا يۈزلەنگەن. تىز يېتىلىپ كاتتا ئالىم بولۇپ زامانىدىكى ئالىملار بىلەن مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ شۆھرىتى پۇر كەتكەن. 1897-يىلى ۋان ۋىلايىتىگە كېتىپ شۇ جايدا ئەلجەبەر، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە، تارىخ ۋە پەلسەپە قاتارلىق پەنلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا بېرىلىپ ئۇ پەنلەردە ئەسەرلەرنى يازىدىغان دەرىجىدە مۇھەققىق ئالىم بولۇپ يېتىشكەن بولغاچقا، زامانىدىكى ئۆلىمالار ئۇنىڭ زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ۋە بىلىمىنىڭ موللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭغا ”بەدىئۇززامان“ دەپ نام بەرگەن.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى ئىنگىلىزلەرنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى قۇرئاندىن ئايرىپ تاشلاش پىلانى ھەققىدە توختۇلۇپ نۇر جامائىتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: ”بۇ خەتەرلىك سۇيىقەستكە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىپ، چارە-تەدبىرلەرنى ئىزدىسەم، قەلبىم بىلەن ئىمانىم مېنى مۇسۇلمانلارغا دىنلىرىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگىتىدىغان، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئىسلامغا تارتىدىغان، ئارىلىرىدا قېرىنداشلىق ۋە سۆيگۈ رىشتىلىرىنى كۈچەيتىدىغان بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇپ چىقىش يولىغا باشلىدى.“
بۇنىڭ بىلەن بىللە شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى ئەينى چاغلاردا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ گەۋدىسىدە ئۇلغىيىپ كېتىۋاتقان ئىرقى ئايرىمىچىلىقنى ئاساس قىلغان مىللەتچىلىك ئېقىمىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، مىللەتچىلىك تۈركلەرنى ئەرەبلەردىن ئايرىۋەتكەن ئىدى.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى يۇقىرىقىلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك چارە قوللانغان:
1. ئىيمان بىلەن قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدىغان نۇر رىسالىلىرىنى يازغان.
2 . ئافرىقىدا ئەزھەر بولغىنىدەك ئاسىيادا زەھرائ ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى 1907-يىلى خەلىپە سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھەزرەتلىرىگە سۇنغان.
ئەينى چاغدا تۈركىيە سيونزم ۋە ماسون ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان، مىللەتچىلىك كېسىلى تۈركىيەدىن چىققان بولغاچقا كۈچىنى تۈركىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ھۆكۈمىتىگە ئىسلام دىنى ئىبادەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بولۇپمۇ نامازنى چىڭ تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان، غەرب ئەللىرىگە ئەگىشىپ مېڭىش ئۈممەتكە خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا تىرىشقان.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى پۈتۈن كۈچىنى مۇسۇلمان خەلقنى ئىلمىي ۋە پىكرىي جەھەتتىن ئاقارتىپ، ئۇلارنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىۋەتمەكچى بولغان سېكولارىزم (ھاكىمىيەت بىلەن سىياسەتنى دىندىن ئايرىۋېتىش ئېقىمى) ھۇجۇملىرىغا قارىتا مۇستەھكەملەشكە، شەرئى بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي پەننى بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشكە تەرغىب قىلىشقا سەرپ قىلىپ، ئاتېستلارغا قۇرئانى ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغالغاندا ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىدىن بىر گۇرۇپ مۇجاھىدلار قوشۇنى تەشكىللەپ كاۋكازدا ئالدى سەپتە رۇسلارغا قارشى جان تىكىپ جەڭ قىلغان. رۇسلار بىلەن بولغان جەڭدە يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. چالا ئۆلۈك ھالىتىدە سىبىرىيىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل تۆت ئاي تۇرۇپ روسىيىدە بولشىۋېكلار ئىنقىلابى بولغاندا قۇتۇلۇپ 1918-يىلى رامزاندا ۋەتىنىگە قايتقان. خەلىپە، شەيخۇل ئىسلام، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە تالىپلىرى تەرىپىدىن كاتتا ئالقىش بىلەن كۈتۈۋېلىنغان.
1922- يىلىدىن تارتىپ تۈركىيىدە ئىسلامنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن نۇرغۇن قانۇن-تۈزۈملەر چىقىرىلىپ، 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوسمان ئىمپېرىيىسى، ئارقىدىن 1924-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىسلام خىلاپىتى يىقىتىلغان. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ دىنى ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش چەكلەنگەن، دۆلەت كادىر-خىزمەتچىلىرىنىڭ شەپكە كىيىشى بەلگىلەنگەن. دىنىي مەكتەپلەر تاقىلىپ، ۋەقپىلەر مۇسادىرە قىلىنغان. تەرەققى قىلىش ۋە ئەركىنلىك نامىدا ئاياللارنىڭ يېرىم-يالىڭاچ يۈرۈشى تەشۋىق قىلىنغان. خرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارغا ياتلىق بولۇشقا يول قويۇلغان. ئەرەبچە ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدىغان ئوسمانىيە كونا يېزىق لاتىنچە يېزىققا ئالماشتۇرۇلغان……..
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى ئۆلىمالارنىڭ بېشىغا كۈلپەتلىك كۈنلەر كەلگەن ئاشۇنداق قىيىن پەيتلەردە غەربلەشتۈرۈش دولقۇنىغا قاتتىق قارشى تۇرغاچقا، دۆلەتنىڭ زۇلمىغا كۆپ ئۇچراپ، 1926-يىلدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇرمىلاردا ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى دەۋردە تۈركىيە ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دىنىي روھنىڭ قايتىشىدا چوڭ رول ئوينىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. 1926-يىلدىن تارتىپ 1950-يىلغا قەدەر بىر تۇرمىدىن بىر تۇرمىغا، بىر مەھكىمىدىن يەنە بىر مەھكىمىگە يۆتكىلىپ تۇرۇش جەريانىدا يېزىپ قالدۇرغان رىسالىلىرى 130 دىن ئاشقان بولۇپ، بۇ رىسالىلەر ”نۇر رىسالىلىرى كۇللىياتلىرى“ دېگەن نامدا توپلۇنۇپ 1954-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ رىسالىلەردە ئاساسەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى زامانىۋى ئىلمىي ئۇسلۇبتا تەپسىر قىلىنغان. شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەرەبچە مەسنەۋىي نۇرى دېگەن ئەسەر بىلەن ئىشاراتۇل ئىئجاز دېگەن تەپسىر قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى 1960-يىلى رامزاندا ۋاپات بولۇپ ئۇرفە شەھرىگە دەپنە قىلىنغاندىن تۆت ئاي كېيىن تۈركىيەدىكى ھەربىي ھاكىمىيەت ئۇنىڭ قەبرىسىنى نامەلۇم بىر جايغا يۆتكىۋەتكەن.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاجىزلاپ يېقىلىشى بىلەن يېڭى تۈركىيە قۇرۇش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنى غەربلەشتۈرۈش، ئۆلىمالارنى قىرىپ تۈگىتىش، ئىسلام ئەقىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش دەۋر سۈرگەن بىر ئەسىردە مۇسۇلمانلار كىملىكىنى ئېرىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى كاتتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى ۋاپاتىدىن كېيىن تالىپلىرى ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىشقا تىرىشقان بولۇپ، نەتىجىدە نەچچە تارماق جامائەتلەر شەكىللەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگىنى فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى جامائىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقىنى مۇشۇ جامائەتتۇر.
فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەز-نەسىھەتتە بولغاچقا، ئۇنىڭ پىكرىدىن تەسىرلەنگەنلەر، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تەشكىللىنىپ ھىممەت قىلىپ پۈتۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن تارتىپ بۇ جامائەتنىڭ قۇرغان مەكتەپلىرى تۈركىيە سىرتىغا قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىر تۈركىيىدە نەچچە يۈزلىگەن مەكتەپلىرى، پۈتۈن دۇنيادا ئىككى مىڭغا يېقىن مەكتەپلىرى بار.
بۇ جامائەتنىڭ يەنە نەچچە ئونلىغان گېزىت-ژورناللىرى، رادىئو ئىستانسىلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى، بانكىلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بار.
بۇ جامائەتكە ئەزا بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاساسەن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا جامائەتنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن ياشلار بىلەن تىجارەتچىلەر تەشكىللەيدۇ. بۇلار جامائەتكە تولۇق ئىتائەت قىلىش ۋە ”خىزمەت“ ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش روھىغا ئىگە.
تۈركىيەدىكى باشقا جامائەتلەرگە ئوخشاش بۇ جامائەتتىمۇ سوپىزم خاھىشى كۈچلۈك، سىياسى جەھەتتىن تۈرك ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئىسلام خىلاپىتىنى تىكلەشنى كۆزلەيدۇ. لېكىن زوراۋانلىققا، تېرورغا قارشى تۇرۇپ، تىنچ ئۇسۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز، دەپ تەكىتلەيدۇ. جامائەت ئەزالىرى سۆھبەتلىرىدە ئاساسەن شەيخ بەدىئۇززامان سەئىيد نۇرسى رىسالىلىرى دەرسلىك قىلىنىدۇ.
قىسقىسى بۇ جامائەتمۇ باشقا ئىسلامىي جامائەتلەرگە ئوخشاش بىر تەرەپتىن ياخشى باھالارغا ئېرىشسە يەنە بىر تەرەپتىن ئەقىدە، ئەھكام ۋە سىياسەت جەھەتلەردە نۇرغۇن ئېغىر تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان. بۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئەلۋەتتە ياخشى باھالانغان نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بار.
مەنبە:تور دۇنياسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلاردىن قىسقارتىپ ئىلىندى |