تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 560|ئىنكاس: 13
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    خوتەن شەھىرى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    8

    تېما

    12

    دوست

    394

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 03:21:43 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىر، شەرقىتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 11.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 189 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار ئۈچ يېزا، تۆت مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، 28 ئاھالە كومىتېتى، 58 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1500 كىلومېتىر. 1995 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 148 مىڭ 400 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 85.29% نى، خەنزۇلار 14.30% نى، باشقا مىللەتلەر 0.41% نى تەشكىل قىلىدۇ. 1984 – يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئايرىلىپ چىقىلىپ خوتەن شەھىرى تەسىس قىلىنغان ھەم خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر خوتەن شەھىرى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبەرلىك ئورگىنى تۇرۇشلۇق جايدۇر. يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىك 1350 مېتىر. يۇرۇڭقاش دەرياسى خوتەن ناھىيىسى بىلەن لوپ ناھىيىسىگە ئورتاق دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى ئىككى مىليارد 240 مىليون كۇب مېتىر. خوتەن شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى – 21.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2610.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 33.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2602.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش – بوران چىقىش ۋاقتى 32.9 كۈن. بۇ شەھەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 4500 گېكتار ( 68 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، يەنە 9300 گېكتار ( 139 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر. 4600 گېكتار ( 69 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. دېھقانلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كۆممىقوناق، بۇغداي، كېۋەز، مېۋە – چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتاتچىلىق بىلەن باغۋەنچىلىك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئەڭ ئىگە. چارۋىچىلىقتا شەھەر ئەتراپى چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، توخۇ قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن يېپەكچىلىك، پاختا توقۇمچىلىقى، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، يېمەكلىك ۋە سۇلياۋ بۇيۇم ئىشلەش قاتارلىقلار بار. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 – لىنىيىسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر ئەتراپىدىكى تاشيوللار گىرەلىشىپ تور شەكىللەندۈرگەن. شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ تىپتىكى ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان قەرەللىك ئايروپىلان بار. 4300 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلۈپ بولدى. ئۇزۇن يوللۇق ئالاقە شىفىرلاشتۇرۇلدى. سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.شەھەردە قۇملۇقتىكى بوستانلىق، ئۈزۈم كارىدورى، يىپەك يولى قەدىمىي ئىزى قاتارلىق ئېتنوگرافىيىلىك مەنزىرىلەر بار.
    مەنبەسى: «خوتەن تەزكىرىسى»
    www.uyghurmail.com




    ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تىللا قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
    جەڭۋاز + 5 + 5 + 5 جاپا چەكتىڭىز

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 5  تىللا + 5  قىزغىنلىق + 5   باھا خاتىرىسى

    7

    تېما

    0

    دوست

    87

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 13:03:05 |ئايرىم كۆرۈش
    قارمىقىدا بىر بازار ئۈچ يېزا، تۆت مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى،
    مۇشۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلىۋالساق؟
    يەنە بىرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىچىدە بەزى ناھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرى باركەن ؟نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟بىقلىدىغانلار بۇلارنى ئىسمى بىلەن دەپ بەرسەڭلار؟

    باھا سۆز

    شىركەت  ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم سىز سۇئال سوراشقا بەك قىزىقىدىكەنسىز- ھە، خېلى كۆپ تېمىدا سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزنى كۆرىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 15:37

    0

    تېما

    3

    دوست

    523

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 15:34:19 |ئايرىم كۆرۈش
    ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى، ياخشى بىر تېما ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت، تورداشلارنىڭ خوتەن شەھرىنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىغا مەزمۇن ھازىرلاپسىز.

    بۇ تېمىنىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرى سەل ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئاساس قىلىپ يېزىلغاچقا ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى لايىق تاپتىم، توغرا چۈشەنگەيسىز.
    خوتەن شەھرى تەرەققىياتقا ماسلىشىش، شەھەر رايۇنىنى كېڭەيتىش سەۋەپلىك كۆلەم ۋە باشقۇرۇش دائىرىسى ئىلگىرىكىدىن چوڭايغان.
    شەھەرنىڭ ھازىرقى يەر مەيدانى 585.11 كۇادرات كىلومىتېر، نوپۇسى 380 مىڭ 200 نەپەر،
    مەمۇرى جەھەتتىن:
    ئىككى بازا- لاسكۇي بازىرى، يۇرۇڭقاش بازىرى
    ئالتە يېزا- ئاقچال يېزىسى، تۇساللا يېزىسى، شورباغ يېزىسى، ئىلچى يېزىسى، گۇجەنباغ يېزىسى، جىيا يېزىسى.
    بىر رايۇن- بېيجىڭ خوتەن سانائەت رايۇنى

    توردىشىمىز «سۇنماس»نىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىۋېتەي
    1. خوتەن شەھرىنىڭ مەمۇرى رايۇنلىرىنى ئۈستىدە دەپ بولدۇم، شۇنىڭدىن كۈرىۋېلىڭ.
    2. خوتەن شەھرىدە بەزى ناھىيلەرنىڭ ئەمەس، پەقەت خوتەن ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بار.
    مىنىڭچە سەۋەبى: تېما مەزمۇنىدا دىيىلگەندەك خوتەن شەھرى خوتەن ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ تەسىس قىلىنغان بولغاچقا ئەسلىدىكى خوتەن ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرى خوتەن شەھرى بولغان، ھازىر خوتەن ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى خوتەن شەھرىنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان، خوتەن شەھەر رايۇنى بىلەن تۇتاش. خوتەن شەھرى تەرەققىيات قەدىمىنى تىزلەتكەنسىرى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بەزى يېزا- بازارلىرىنى ئۆزىگە قۇشۇۋېلىپ شەھەر رايۇنىنى چوڭايتىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.
    مەن مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن.

    باھا سۆز

    ئۇيزار97  ئەسلىدە يۇرۇڭقاش بازىرى بىلەن جىيا ېزىسى لوپ ناھىيسىگە تەۋە ئىدى.شەھەر رايۇنىنى چوڭايتىش ئۇچۇن خوتەن شەھىرى  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 00:26

    0

    تېما

    3

    دوست

    523

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 15:37:57 |ئايرىم كۆرۈش
    سۇنماس يوللىغان ۋاقتى  2015-4-17 13:03
    قارمىقىدا بىر بازار ئۈچ يېزا، تۆت مەھەللە ئىش بېجىرىش  ...

    ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم
    سىز سۇئال سوراشقا بەك قىزىقىدىكەنسىز- ھە، خېلى كۆپ تېمىدا سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزنى كۆرىمەن. قارىشام سۇئاللىرىڭىزنىڭ خېلى ئاساسى باردەك، سىز مۇشۇنداق سۇئاللارنى ھەقىقى بىلىش، ئىزدىنىش مەقسىتىدە سۇرامسىز- يا...؟

    سىز قەيەردىن؟

    1

    تېما

    2

    دوست

    401

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    5#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 20:42:51 |ئايرىم كۆرۈش
    رەسىملەرنى كۆرەلمىدىم .....ھەي ....

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    6#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 13:40:21 |ئايرىم كۆرۈش
    خوتەن شەھىرى دە ئۆچىكە گۆشتى يىمەيدۇ ھە؟ جىننىڭ ئەكسى سۈرىتى دەمدىكېن بىلمىدىم

    0

    تېما

    0

    دوست

    60

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    7#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 01:43:58 |ئايرىم كۆرۈش
    ئېۋۇ  نوپۇس سانى خاتا بوپقالدىمۇ قانداق ؟

    باھا سۆز

    رۇھدار  شۇ ئازراق خاتالىق بار مەنمۇ ..بىر مەلۇماتتا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 3 مىلىيۇن دىن ئاز ئەمەس دەپ ئاڭلىغ  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 02:04

    3

    تېما

    0

    دوست

    355

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    8#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 01:57:47 |ئايرىم كۆرۈش
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساۋدا571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-19 02:01  
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى  2015-4-18 13:40
    خوتەن شەھىرى دە ئۆچىكە گۆشتى يىمەيدۇ ھە؟ جىننىڭ ئەكسى  ...


    يەيمىز . سىز خاتا ئاڭلاپسىز ، پەقەت ئەچكۈنى « جىنلىق » دەيمىز . بۇ بىر ئوخشۇتۇش خالاس ، چۈنكى ئەچكۈ كىچىللىرىمۇ تولا Jىم تۇرمايدۇ ، تام ئۈستى ھەتتا تال جازىللىرىغىمۇ چىقىۋالىدۇ ، شۇڭا جىنغا ئوخشۇتۇمىز .
    يەنە بىرسى ئەچكۈنىڭ گۆشى بەك تەستە پىشىدۇ ، شۇڭا چوڭلىرىنى يىمەيمىز ئوغلاق ئېلىش ئۈچۈن ، سۈتىنى ئىچىش ئۈچۈن باقىمىز ، پەقەت ئوغلىقىنى كاۋاپ قىلىپ يەيمىز .   

    0

    تېما

    0

    دوست

    16

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    9#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 23:59:19 |ئايرىم كۆرۈش
    خوتەننىڭ كاۋاپلىرى بەك يىيىشلىك.

    6

    تېما

    15

    دوست

    506

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    10#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-20 00:26:34 |ئايرىم كۆرۈش
    شىركەت يوللىغان ۋاقتى  2015-4-17 15:34
    ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى، ياخشى بىر تېما ئېلىپ  ...

    ئەسلىدە يۇرۇڭقاش بازىرى بىلەن جىيا ېزىسى لوپ ناھىيسىگە تەۋە ئىدى.شەھەر رايۇنىنى چوڭايتىش ئۇچۇن خوتەن شەھىرىگە قۇشۇۋېتىلگەن.
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 06:55 , Processed in 0.115140 second(s), 34 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش