تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 566|ئىنكاس: 10
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    بارلىق تورداشلارغا جىددى بىلدۈرگۈ، چوقۇم كۆرۈڭ

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    305

    تېما

    29

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-16 13:07:22 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

    بارلىق تورداشلارغا جىددى بىلدۈرگۈ، چوقۇم كۆرۈڭ

    ************************************

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ

    «تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگۈلىمىسى»





    1-ماددا: تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسىغا تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش توغىرسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرى نىزاملار بويىچە بۇ بەلگۈلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.


    2.ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى چېگرىسى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىنغان، ئىشلىتىلىۋاتقان تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشقا بۇ بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ.

    بۇ بەلگۈلىمىدە كۆرسىتىلگەن تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش، ئورگان ياكى شەخسىلەرنىڭ بلوگ، مىكرو بلوگ، ئالاقە ۋاستىلىرى، تور، مۇنبەرلەردە تېما يوللاش، ئىنكاس-باھا يېزىش ئۈچۈن تىزىملانغان ھېساۋات نومۇرى ۋە تور ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.


    3.ماددا: دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسى، پۈتۈن دۆلەتتىكى تور ئابونىتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان تارماقلار ئۆز رايونلىرىدىكى تور ئابونىتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.


    4.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن بىخەتەر باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئابونىتلار بىلەن بولغان مۇلازىمەت كېلىشىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا تەرجىمھالى قاتارلىق تىزىملاش ئۈچۈرلىرىدا قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى، مۇلازىمەت كۆلىمىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى سەپلەپ، ئابونىتلار تەمىنلىگەن ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا ۋە تەرجىمھاللىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا بولغان تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى، قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار بايقالسا ئابونىت نامىنى تەستىقلىماسلىقى، ئابونىتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قوغدىشى، ئاڭلىق ھالدا ئاۋامنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئاۋام پاش قىلغان ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا ۋە تەرجىمھاللىرى قاتارلىق ھالقىلاردىكى قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.


    5.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر «‹ئارقا سۇپى› دا(ئارخىپ) ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بولۇش، ‹ئالدى بەت› (تورنىڭ كۆرۈنمە يۈزى) دە ئىختىيارى بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقى سالاھىيىتىنى ئېنىق تاپشۇرۇپ، تورغا تىزىملىنىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.

    تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر تورغا تىزىملانماقچى بولغاندا، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، دۆلەت مەنپەئەتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئاممىۋىي تەرتىپكە بويسۇنىدىغانلىقىنى،ئىجدىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


    6.ماددا: ھەرقانداق ئورگان ياكى شەخسىنىڭ تورلارغا تىزىملانغاندا ۋە تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.


    (1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىمىزگە خىلاپ مەزمۇنلار.

    (2) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارلايدىغان،دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.

    (3) دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەركۈزىدىغان، ئاممىۋىي مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.

    (4)مىللى ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش تارقىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.

    (5) دۆلەتنىڭ دىننىي سىياسەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،بىدئەتلىك ۋە خۇراپاتلىقنى تارقىتىدىغان مەزمۇنلار.

    (6) ئىغۋا تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىجدىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.

    (7) شەھۋانى، سېرىق، قىمار، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېرورلۇق ۋە جىنايەتكە قۇترىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار.

    (8)باشقىلارغا ھاقارەت قىلىپ، تۆھمەت چاپلاپ، باشقىلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.

    (9) قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملىرىمىز يول قويمايدىغان باشقا مەزمۇنلار.


    7.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق تىزىملانغانلىقى ۋە باش سۈرىتى، ئىمزا، تەرجىمھاللىرى قاتارلىقلاردا قانۇنسىز ياكى ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار بايقالغاندا تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئىشلىتىشنى مەجبۇرى توختىتىش، نامىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بولىدۇ.


    8.ماددا: ئورگانلار ۋە جەمىئىيەتتىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ تور ھېساۋاتى ۋە تور ناملىرىنى قارىسىغا ئىشلىتىۋالغانلار سېزىلگەن ھامان تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇلارنىڭ ھېساپ نومۇرى ۋە تور نامىنى دەرھال بىكار قىلىپ، مەسئۇل باشقۇرغۇچى تارماقلارغا دوكىلات قىلىشى لازىم.


    9.ماددا: بۇ بەلگۈلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.


    10.ماددا: بۇ بەلگۈلىمە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


    دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ قارمىقىدىكى پاش قىلىش مەركىزى 24 سائەت پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    پاش قىلىش تېلىفۇن نومۇرى --- 12377

    پاش قىلىش تور ئادېرىسى---- www.12377.cn

    پاش قىلىش خەت ساندۇقى----- jubao@12377.cn



    ***************************************


    تېما يوللۇغۇچىنىڭ تەۋسىيەسى:

    بارلىق تورداش دوسىتلارنىڭ رايۇنىمىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى ئىنىق تۇنۇپ يەتكەن ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزىمىز بىلەن ھەرخىل ئىجتىمائىي موناسىۋىتى بار بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ تىنىچ-خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ، ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچۇرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تور ساھەسىدە بىخەتەر، قانۇنلۇق تور پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىڭلارنى، ئائىلىدە ۋە باشقا جايلاردا ئۆز ئالدىڭلارغا تور ئابۇنىتى بولۇپ ئۆز كىملىكىمىز نامىدا تور لىنيىسى ئاچقان ،ئۆز ئالدىغا ھەرقانداق شەكىل،ھەر قانداق خاراكتېردىكى تور بەت،شەخسىي بىلوگ ئاچقۇچى ھەم ھەرخىل تور بەت-مۇنبەرلەرگە ئەزا بولغۇچى تورداشلارنىڭ يۇقارقى بەلگۈلىمىنى ئۆزۈڭلارغا يولباشچى قىلىپ قانۇن بىلەن ئويناشماسلىقىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.



    ئەجداد  تارىخ  تورى  ئالاھىدە  ئەسكەرتتى

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-16 13:17:27 |ئايرىم كۆرۈش
    شۇڭا   قىرىنداشلار   ئىنكاس   يازغاندا      ھاياجاننى  بىسىۋىلىپ   سەزگۇر   گەپلەرنى  قىلىشتىن  ئىھتىيات  قىلساق

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-16 15:28:15 |ئايرىم كۆرۈش
    بۇ ناھىيتى ئىنچىككە ، تەلەپلەركەن شۇڭا بۇندىن كيىن ئىنكاسلارغا ئالاھىيدە دىقەت قىلساق بولغىدەك، دۆلەت تور ئىشخانىسىمۇ ھەربىر ئابونىت نىڭ بيخەتەرلىگىنى ئويلايدۇ ئەمەسمۇ، شەخسەن ئۈزۈم قاتتىق رائىيە قىلىمەن.........

    157

    تېما

    22

    دوست

    8349

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 14:43:08 |ئايرىم كۆرۈش
    قوللايمەن ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قىلىشتىن ساقلىنىپ ئىنكاسنى ھاياجان بىلەن ئەمەس ئەقلىمىز بىلەن يازايلى!! بۇ ھەممىمىز ئۈچۇن ياخشى.

    1

    تېما

    2

    دوست

    401

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    5#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 21:18:41 |ئايرىم كۆرۈش
    ياخشى بوپتۇ ....ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەر ئىكەن ....دولىتىمىز قانۇنىنى قوغديلى ،،،،،

    0

    تېما

    2

    دوست

    897

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    6#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 21:21:18 |ئايرىم كۆرۈش
    ئالاھىدە.ئەسكەرتىپ.قويغىنىڭىزغا.كوپ.تەشەككۇر.

    باھا سۆز

    تۇران520  ئوخخو....  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 23:56

    8

    تېما

    4

    دوست

    360

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يۈز بېشى

    7#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 23:56:42 |ئايرىم كۆرۈش
    يۇسەن يوللىغان ۋاقتى  2015-4-17 21:21
    ئالاھىدە.ئەسكەرتىپ.قويغىنىڭىزغا.كوپ.تەشەككۇر.

    ئوخخو....

    0

    تېما

    11

    دوست

    462

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    8#
    يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئۇبدان  قۇللايمىز

    1

    تېما

    0

    دوست

    253

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    9#
    يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    قوللايمەن

    11

    تېما

    5

    دوست

    709

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    10#
    يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:02 |ئايرىم كۆرۈش
    شۇنداق بىردەملىك ھېسياتنى دەپ كىيىنكى پۇشايماننى ئالدىغان قاچا تاپالماي قالساق بولمايدۇ .
    دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى مۇقەددەس ،قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇريىتى .
    ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنمەن!
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 06:54 , Processed in 0.130481 second(s), 32 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش