بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan1001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-16 02:23
ئاپئاق خوجىنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا
ئىشەنچلىك تارىخىي خاتىرىلەردىن بىلىشىمىزچە، ئاپئاق خوجىنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا خوجا بولۇپ، مىلادى 1626 - يىلى قۇمۇلدا ئەسلى پۇشتى - ھىراتلىق خوجا ئەھمەدنىڭ نەۋرىسى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئىشاندىن تۆرەلگەن. ئانىسى قەشقەرلىك مىرسەىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى _ زۇلەيخان ئىسىملىك خوتۇندۇر. ئاپئاق خوجا قەشقەردە يېڭىدىن دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۆزىنى « ئىشقىيە » سۈلۈكىنىڭ « داھىي » سى دەپ يۈرگەن چاغلاردا بۇ مەزلۇمەمۇ ئۆز ئىسمى - شېرىپىنى « زۇلەيخا بىكىم » دەپ قوللانغان. مىلادى 1664 - يىلى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاپئاق خوجىنىڭ دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ ئىشان بولسا مىلادى 1644 - ، 1645 - يىللىرى ئەتراپىدا قەشقەردە ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن ھوقۇق ئاداۋىتى تۈپەيلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. جەسىتى قەشقەر نۇرباغ يەنى ياغدۇ ( ھازىرقى ھەزرەت ئاپئاق ) مازىرىغا دەپنە قىلىنغان.
ئاپئاق خوجا مىلادى 1640 - يىلىدىن 1670 - يىللىرىغىچە قەشقەر، سېرىققول، يەكەنلەردە مەدرىسە، خانىقا بىلىملىرى ئۆگىنىش، مۇتالىە قىلىش ۋە تىل بىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، خۇددى « تەزكىرى ھىدايەت » تە تەكىتلەنگەندەك: « تاجىك، پارس، تۈرك تىللىرىدا يازىدىغان، تەلىم بېرەلەيدىغان مۇرەتتەپ بىلىم ئىگىسى... » بولۇپ يېتىشكەن. قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، بۇخارا، سەمسەرقەنت، ئەنجان، پەرغانە، نەمەنگان، قوقان، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، قاغىلىق، يېڭىسار، ئىلى قاتارلىق جايلارنى كېزىپ بەزى جايلاردا « ئىشقىيە » سۈلۈك تورلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ياكى « تەزكىرە ھىدايەت » تە تەكىتلەنگەندەك: « 30 مىڭدىن 100 مىڭچە... » مۇرىت - ياران قوبۇل قىلغان. يۇقىرىقى جايلارنىڭ بەزىلىرىدە « ئىشقىيە » پىرىملىرى خانىقالىرىنى چۆرىگەن، خالايىققا مازارلارنى تاۋاپ قىلىشنى تەرغىب ۋە ئىشارە قىلغان. مىلادى 1671 - يىلى 8 - ئايلاردا سەىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى خانى ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك، خۇنخورلۇق جىنايەتلىرى ئارتىلىپ، قەشقەرىيىدىن بىر قىسىم شېرىكى بىلەن ھەيدەپ چىقىرىلغان. 1676 - يىلىغىچە بەدەخشان، خۇراسان، كەشمىر، راجىدان، ۋاخان، پەرغانە، كاسان، ھىرات، تىبەت، ھازىرقى گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا سۈرگۈن « خۇدايى ئىسلامنى جانلاندۇرۇش » مۇرىت ئېلىش، كۆپەيتىش، يېتەكلەش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئاپئاق خوجىنىڭ گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا مۇساپىر بولۇپ يۈرۈپ « دىن » تارقاتقانلىقى توغرىسىدا تارىخچى خۇيزۇ ئەدىب ماتۇڭ ئەپەندى تەرىپىدىن 1982 - يىلى يېزىلغان « مۇفتى مەزھىپى ۋە ھىدايىتۇللا » دېگەن ئەسەردە مۇنداق يېزىلىدۇ: « كاڭشىنىڭ 11 - يىلى ( مىلادى 1672 - يىلى ) مۇھەممەدنىڭ 25 - ئەۋلادى خوجا ھىدايىتۇللا ئىسىملىك دىن تارقاتقۇچى ئۇستاز ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ شىنجاڭ ئارقىلىق چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ، فېڭخۇاڭشەن دېگەن يېرىگە كېلىپ دىن تارقاتقان... مۇھەممەدنىڭ 25 - ئەۋلاد نەۋرىسى _ ھىدايىتۇللا چىڭخەينىڭ شىنىڭ دېگەن يېرىدە ئىسلام دىنىنىڭ سوپىلىق تەلىماتىنى تارقىتىپ، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەنىدى... ماشۇجىن شەنشىنىڭ شىكاڭ دېگەن يېرىدىن گەنسۇنىڭ خېجۇ دېگەن يېرىگە چاي سېتىش ئۈچۈن بارغاندا يول ئۈستىدە مۇھەممەدنىڭ 25 - ئەۋلاد نەۋرىسى ھەزرىتى ھىدايەت خوجىنىڭ خېخۇاڭ رايونىغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقان... ھىدايەت خوجىنىڭ چىڭخەيدە دىن تارقىتىۋاتقان چاغدا مۇشۇجىن خۇاڭجۇڭغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن... »
« قادىرىيە چوڭ گۈمبىزىنىڭ تەزكىرىسى » دە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: « كاڭشىنىڭ 11 - يىلى مۇھەممەدنىڭ 25 - ئەۋلاد نەۋرىسى ھىدايىتۇللا ئاسىيانىڭ بۇخارا شەھىرىدىن شىزاڭ ئارقىلىق چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىگە كېلىپ دىن تارقاتقان... سالا شەھىرىدە ئالتە ئاي تۇرغان. خانىقا سالدۇرۇپ مەخسۇس دەرس ئۆتۈپ دىن تارقاتقان؛ سالالىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ بەيئەت قىلغان. بىرنەچچە كىشى مىسىتېتىزم يولى ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىپ يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەردىن بولۇپ قالغان. بەزىلىرى بەگ بولغان. ئالتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن ئۇ بىر كىشىنى ئۆز ئورنىدا خەلىپە بولۇشقا تەيىنلىگەن. ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى < ۋېكايتۇللا > ئاخۇن بولۇپ لەقىمى ئالتۇنباش ئاخۇننۇم... ئىدى... »، « خۇفىيە مەزھىبىنىڭ تەزكىرىسى » دىمۇ: « ... شاڭ ئېرچى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى تاي بابا، خۇاس مەسچىتىدىكى مالەيچىنىڭ ئاتىسى ماشۇەن، چېئەرتەي، چوڭ گۈمبەزدىكى چىجىڭيې ۋە ليۇ ھەزرەت قاتارلىق كىشىلەر... ھىدايىتۇللادىن < شeرiئeت > ۋە < تeرiقeت > توغرىسىدىكى تەلىماتنى قوبۇل قىلغان... قايتىپ بارغاندىن كېيىن چېدىر تىكىپ دەرس ئۆتۈپ < خۇفiيe > مەزھىبىنىڭ كۆز قارىشىنى تارقاتقان... » ئاپئاق خوجا مىلادى 1677 - يىلى سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن تىبەتنىڭ ھازىرقى لىخاسا شەھىرىگە بېرىپ « بۇددا لاگۇڭ » ئىبادەتخانىسىدا دالاي لاما 5 بىلەن باش ئۇرۇپ كۆرۈشۈپ سەىيدىلەر خانلىرىدىن ئۇيغۇر ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ياردەم سوراپ، ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن. مىلادى 1677 - يىلنىڭ ئاخىرى 1679 - يىلنىڭ بېشىدا، شۇ ئىلتىپاتنىڭ تەسىرى بىلەن جۇڭغارلارنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى باشلاپ كېلىپ ئىسمائىلخان، مۇھەممەد ئىمىن خانلار ھاكىمىيەتلىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقان ھەم جۇڭغارلارغا بېقىنىدىغان قەشقەرىيە ئاپئاق خوجا « خان » لىقىنى قۇرغان. مىلادى 1694 - يىلىغىچە 15 يىل « خان » لىق قىلىپ، شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۆزىنىڭ 3 - ئەجداد تاغىسى خوجا ئىسھاقى ۋەلى تەرەپتارلىرى - « ئىسھاقىيە » كۈچلىرى تەرىپىدىن يەكەندىكى « ئوردا » سىدا 68 يېشىدا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاپئاق خوجا ئۆلۈمىدىن كېيىن خوتۇن - بالىلىرى ھوقۇق تالىشىپ 1697 - يىلىغا كەلگەندە ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجا ۋارىسلىرى نامىدىكى « ئىشقىيە » چىلەر « ئىسلام ھاكىمىيىتى » تەلتۆكۈس گۇمران بولغان. ئاپئاق خوجىنىڭ تارىختىكى نام - ئىسىم سۈپەتلىرىنى بىز ھازىرغىچىلىك ھەر يەردە ھەر خىل ئاتاقلار بىلەن ئۇچرىتىپ كەلمەكتىمىز. بۇنىمۇ ئاپئاق خوجىنىڭ تارىخىدىن تۆكۈلۈپ كەلگەن غەلىتە نىقاب، غەلىتە پەردازلار دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئاپئاق خوجا ھازىرقى گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلارغا ھىجرەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ « ئىشقىيە » دىنىي تەرىقىتىنى خۇيزۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقاتماقچى، يايماقچى بولۇپ ھەرىكەتلەنگەندە ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 25 - ئەۋلادى، « قۇتبىل ئەقتاب ۋەلىۇللا » دەپ ئېلان قىلغان. ئۆزىگە ئىخلاس قىلغان بىر قىسىم خۇيزۇ مۇرىتلارنى ئۆزىنى « ھەزرەت ھىدايىتۇللا خوجا مەسئۇل » دەپ ئاتاشنى ئادەتلىنىشكە دەۋەت قىلغان ھەم ئۇلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ « مۇفتى » سۈلۈكۈنى پەيدا قىلغان. بۇ يەردىكى « ھەزرەت»، « ھىدايەت »، « تۇللاھ »، « مەسئۇل » دېگەن بەش دىنىي سۈپەت ئاتالغۇسى - ئاساسەن تارىختا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوللانغان ياكى زات شەرىپىگە باشقا ساھابىلەر ئىشلەتكەن خاس ئاتالغۇلاردۇر. ئاپئاق خوجا بۇ ئاتالغۇنى ئۆزىنىڭ « مەزھەپ ئۇستازىمەن »، « ئەۋلىيا مەن » دېگەن قارىشىنى باشقىلارغا بېشارەت قىلىش نىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ھازىرقى سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى، شىنجاڭ، ئافغانىستان، كەشمىر... لەردە قوللانغان ناملىرى: « ئەۋلىيا خوجام »، « سەىد خوجام »، « ئاپئاق خوجام »، « ھىدايىتۇللا خوجام »، « ئاللاھ خوجام »، « پېشۋاھى ھەزرەت »، « ھىدايىتۇللا بۇرھانەھۇ» دېگەندەك ناملارنى قوللانغان، قوبۇل قىلغان. تاڭغۇت، موڭغۇللار ئارىسىدا « ئاباخ خوجا »، « تورلوگ ئاباخ »، « قۇن ئاباخ » دېگەندەك ئاتاقلار بىلەن شەرەپلەنگەن. ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا بولسا، ئادەتتە بىردەك « ئاپئاق خوجا » دېيىلىپ كەلگەن. ئاپئاق خوجا 1660 - يىلى 34 يېشىدا يەكەندە ئوبۇل ھادى بەگ دېگەن كىشىنىڭ قىزى خ خ خ گە، 1679 - يىلى مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ سىڭلىسى مۆھنەرەم خېنىمغا ئۆيلەنگەن. « تەزكىرە ھىدايەت » تە: « ھەزرىتى ئىشاننىڭ خوتۇنلىرى بولسا موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ قىزلىرى ئىدى. ھېچ كىشى كۆز تىكىپ قارىيالمايتتى. قاراپ قالسا كۆزلىرى ئېقىپ كېتەر ئىدى... تۆت ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنت كۆرگەنىدى... » دەپ يېزىلغان. بىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ھەزرىتى مۇھەييىددىن خوجا يەھيا خوجىدۇر. « تەزكىرە ھىدايەت » نىڭ مۇئەللىپى ئۇ كىشى توغرىسىدا: « ئۆز زامانىسىدىكى 18 شەھەرنىڭ ئەركەك شىرى ئىدى. ئىشانلىقى يەتتە ئىقلىمغا تونۇلغانىدى. پەلەكنىڭ نەزەر ئاپىتىگە ئۇچراپ ئۆگەي ئانىسىنىڭ قولىدا شېھىد بولدى... » دېيىلگەن. ئىككىنچى ئوغلى ھەزرىتى خوجا ھەسەن خوجىدۇر. « تەزكىرە ھىدايەت » تە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا قازاغا ئۇچراپ ئۆلۈشتىن ئازراق ئىلگىرى 15 ياشلىق بۇ ئوغلىغا: « ... پادىشاھلار ئولتۇرغان تەختتە پادىشاھلاردىن كېيىن شاھزادىلەر ئولتۇرىدۇ. بۇ تەختتە سەن ئولتۇرۇپ دەۋران سۈرگىن... » دەپ ۋەسىيە قىلغانمىش. بۇ ئوغۇل ئانىسى مۆھتەرەم خېنىم بىلەن بىرەر يىلدەك « پادىشاھ » لىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆز رەقىبلىرى تەرىپىدىن ئەمىن تاپالماي قەشقىرىيەدىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن. بەزى خاتىرىلەردە شىك روھانىيلىرىنىڭ قېشىدا پاناھلىنىپ، ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىمۇ قەيت قىلىنىدۇ. ئاپئاق خوجىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئىنايىتۇللا خوجا كارامىتۇللا خوجىدۇر. « تەزكىرە ھىدايەت » تە: « ئۇ كىشى ئۈچ ياش چاغدا شاراب ئېچىدىغان شارابخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتىكەن. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شاراب ئىچكىنىنى كۆرۈپ، بىر دۇئا بىلەنلا ئۇلارنى ھىدايەت يولىغا باشلىۋەتكەن... » دېيىلىدۇ. بۇ كىشى دادىسىدىن قېلىپ گەنسۇ، چىڭخەي، سەمەرقەنت، تاشكەنتلەردە خۇدايى ئىشان بولۇپ يۈرۈپ، 10 مىڭلىغان مۇرىت ئەگەشتۈرگەن. مىلادى 1730 - يىللىرى ئەتراپىدا خۇراساننىڭ ھىندىۋان دېگەن يېرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاپئاق خوجىنىڭ ئىككى قىزى - بۈۋى پاتىمە، بۈۋى ئائىشەلەر ئاپئاق خوجا پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىنچى، ئۈچۈنچىلىرى بولۇپ، ياتلىق بولۇپ ھەر ئىككىلىسى قاياشلىرى بىلەن كېيىنكى چاغلاردا « ئىسھاقىيە » چىلەر تەرىپىدىن قەشقەردىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىۋېتىلگەن. جاھالەت تىرىلگەن دەۋر:ئاپئاق غوجا دەۋرى
1682-يىلى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ باشلىقى ئاپئاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا) جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالداننىڭ ياردىمىدە يەكەن سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى يەكەننى ئىگىلەپ،ئىسمائىل خاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ خوخىلار ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى.شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن سۇلتان سەدخان قۇرغان يەكەن سەئىدىيە خانلىقى(1541-1682)گۇمران بولدى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ،يەكەن سەئىدىيە خانلىقىدا قار تاغلىق خوجىلارنىڭ تەسىرى كۈچەيگەن. سۇلتان ئىسمائىل خان قارا تاغلىقلارنى قوللاپ ،ئاق تەاغلىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئاپئاق خوجىنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقارغان. 1670-يىلى ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭدىن قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن،دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرىدە دىنى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.كېيىن شىزاڭغا بېرىپ دالاي لاما دىن مەدەت تىلىگەن. دالاي لاما ئاپئاق خوجىنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن،شۇ چاغدىكى جۇڭغار خانى غالدانغا ئاپئاق خوجىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا غالدانغا خەت يازغان. ئاپئاق خوجا شىزاڭدىن قايتىشىدا چىڭخەي، گەنسۇدىن ئۆتكەن. گەنسۇنىڭ سۇجۇ رايوندىكى راھىپىمۇ ئاپئاق خوجىنى غالدانغا تونۇشۇترۇپ خەت يېزىپ بەرگەن. ئاپئاق خوقا بۇ خەتلەرنى ئېلىپ 1679-يىلى جۇڭغار خانلىقى ئوردىسىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا جۇڭغار خانلىقى خېلى قۇدرەت تاپقان،ئالدىنقى يىلى ياز ئايلىرىدا تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە ئالغان ئىدى.ئاپئاق خوجا غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭغا قەشقەر،يەكەنلەردە مۇرۇتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى،ياردەمگە ئېرىشسىلا ئاسانلا غەلىبە قىلىشقا ئىشەنجىسى كامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىمۇ جەنۇبى شىنجاڭنى تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىشنى ئاللىبۇرۇنلا پىلانىغا كىرگۈزگەن ۋە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. يەنەشۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى،غالدان ياش ۋاقتىدا دالاي لاما غا
ئېتىقاد قىلىپ،بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئۆگەنگەن،تىبەتتە چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىب بولغان. دالاي لاما ئۇنىڭغا «بوش خۇتۇغتۇ»دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇڭا ئۇ دالاي لاما نىڭ خېتى بويىچە ئاپئاق خوجىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە بىر يىل تىيانشاننىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. 1680يىلى غالدان 12مىڭ ئاتلىق قۇشۇننى باشلاپ،ئاپئاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئاقسۇ،ئۈستۈن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ،ئالدى بىلەن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.يەكەن خانلىقىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانى باباق سۇلتان بىر مەھەل قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ جەڭدە ئۆلىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەكەنگە يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى مۇھاپىزەتچى قوشۇن قوماندانى ئىۋەر بەگ تاقابىل تۇرۇپ باققان بولسىمۇ،ئاخىرى ھوجۇمنى توسالماي ئۆزىمۇ جەڭدە شېھىت بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمائىل خان مادارا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللا خوجا ھىندىستانغا كېتىدۇ.ئىسمائىل خان شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ تەسلىم بولىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،ئىسمائىل خان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تابەتلىرىنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىپ،ئىلىدىكى ئىرەن قابۇرغا دېگەن جايغا نەزەربەنىت قىلىدۇ. غالدان دەسلەپتە تۇرپاندىن كەلگەن ئابدىرشىتنى يەكەن خانى قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئوغلى ئېرىك ئاقسۇغا ھاكىم بولىدۇ. ئاپئاق خوجا بولسا دىنى ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.لېكىن ئابدىرشىت بىلەن ئاپئاق خوجا ھوقۇق تالىشىپ قالىدۇ.ئاپئاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولۇپ،دىنى كۈچكە تايىنىپ ئابدىرشىت خاننى چەتكە قېقىپ،1682-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئابدىرشىت خاننى يەكەندىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.ئەركنىمۇ غالدان ئىلىغا ئالداپ ئاپىرىپ تەقىب ئاستىغا ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاپئاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا،ئاقسۇ،قەشقەر،يەكەن ۋە خوتەن قاتارلىق تۆت شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ.ئاپئاق خوجا ئۆزى يە كەندە تۇرۇپ، چوڭ ئوغلى يەھيانى قەشقەرنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. باشقا شەھەرلەرنىڭ ھاكىملىرىنىمۇ ئاپئاق خوجا ئۆزى تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن فېئودال خوجىلارنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىدۇ.بۇ ھۆكۈمرانلىق 77يىل داۋام قىلىدۇ. ئاپئاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن،جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ، جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولىدۇ.غالدان ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئالدىدا،ئاپئاق خوجا ئۇلارغا نۇرغۇن مال-دۇنيا سوغا قىلىدۇ.يا لغۇز غالداننىڭ ئۆزىگە تۆت مىڭ سەر تەڭگە ھەدىيە قىلىدۇ ۋە ھەر ئايدا شۇنچىلىك تەڭگە ئەۋەتىپ تۇرماقچى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە100مىڭ سەر تەڭگە،15مىڭ چارەك بۇغداي ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى تاپشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. ئاپئاق خوجا شىزاڭدىكى دالاي لاما نىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،لاسا غىمۇ تارتۇق يوللاپ تۇرىدۇ .غالدان ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپ قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ. ئاپئاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ،يەكەن سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنى بىكار قىلىپ،دىنى قانۇن تۈزۈپ ھاكىمىيەت سورايدۇ.«قازى قۇززات»،«مىر ئادىل».«مۇھتەسىب» قاتارلىق ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلىپ،«شەرىئەت»،«تەرىقەت» ئاساسىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزىدۇ. ئاپئاق خوجا تەسەۋۇپچىلىقنى كۈچەپ تەرغىب قىلىپ،سۇپىزىمنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.مازارغا تاۋاپ قىلىشنى يۇقىرى دولقۇنغا چىقىرىدۇ. قەشقەر،يەكەن ،خوتەن،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەر بۇ قىرغىنچىلىقتىن پانالىنىش ئۈچۈن ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئاپئاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ئولپان-سېلىق تۆلەش ئۈچۈن،جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى ئىكىسپۇلاتتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.مەسىلەن:يەر بېجى،چارۋا بېجى، باغ بېجى، ئوت-چۆپ بېجى،سۇ بېجى قاتارلىق 20نەچچە تۈرلۈك باج-سېلىق ئەمگەكچى خەلقنى كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. خوجىلارنىڭ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسەۋۇپچىلىقنىڭ ئاسارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغىمۇ زور توسقۇن بولىدۇ.يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مەدەنىيىتى خېلى روناق تاپقان.قەشقەر،يەكەن قاتارلىق جايلاردا «خانلىق مەدرىسە» گە ئوخشاش ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرى،دىن،ئەدەبىيات،تارىخ،ئىلمى نۇجۇم(ئاستىرۇنۇميە) ،ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەرنى تەھسىل قىلىش مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى.ئىستانبۇل،ئىراق،ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىن بىر مۇنچە كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.قەشقەردىكى تۈشۈكتاغ رەسەتخانىسمۇ خېلى داڭ چىقارغان ئىدى. ئاپئاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، بۇ رەسەتخاننى بۇزدۇرۋەتكەن. ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرىنى سۇپىزىمنىڭ ئىستىقامەت سورۇنىغا ئايلاندۇرغان.«خانلىق مەدرىسە»تە ساقلىنىۋاتقان نەچچە 10مىڭ پارچە كىتاب ۋە قوليازمىلارغا ئوت يېقىپ ئۈچ كېچە -كۈندۈز كۆيدۈرگەن .نۇرغۇن ئالىملار،مەشھۇر زاتلار باشقا يۇرۇتقا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر «ئاپئاق خوجا توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتقاندەك ،شۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ جەميىتىنڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بىر ئىزىدا توختاپ قالغان»خوجىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ،مىللىي زىددىيەت،سىنىپى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقى،فېئودال خوجىلارنىڭ زۇلۇمى ۋە ئىكىسپۇلاتاتسىيەسى دەستىدىن خەلقنىڭ غەزپى چېكىگە يەتكەن. مەزھەپلەر ۋە تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ كۈرىشى ئەۋجىگە كۈتۈرۈلگەن.1692-يىلى قارا تاغلىقلار جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى يىغلىغىدىن پايدىلىنىپ قاغىلىق،پوسكام،يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا ئىسيان كۆتۈرگەن.بۇ ئىسيان تېزلىكتە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن. يەكەندىن باشقا جايلار ئاپئاق خوجىغا بوي سۇنمايدىغان بۆلىۋالغان. بۇ چاغدا غالدانغا بەيئەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلى ئامما ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان مەمەت ئىمىن(ئاپئاق خوجىنىڭ خوتۇننىڭ ئاكىسى) ئاپئاق خوجىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئاپئاق خوجا جۇڭغارلار كونترول قىلىپ تۇرغان قۇمۇل رايۇننىغا قېچىپ كېتىدۇ.لېكىن مۇھەممەت ئىمىن ئاق تاغلىقلار بىلەن غالدان قۇشۇننىڭ زەربىسىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئاپئاق خوجا يەنە تەخىتكە چىقىپ قارا تاغلىقلاردىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ.ئامما دىنى مەزھەپ كۈرىشى يەنىلا بېسىقمايدۇ. قارا تاغلىقلاردىن شادى جوجا يەكەندە ئىسيان كۆتۈرۈپ ئوردىغا بېسىپ كىرىپ،ئاپئاق خوجىنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاپئاق خوجىنىڭ خوتۇنى خانىم پادىشاھ ئىسيانچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ شادى خوجىنى قەتلى قىلىدۇ.ئۇ يەكەندە،ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا قەشقەردە تۇرۇپ ھاكىمىيەت سورايدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي خانىم پادىشاھ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.خانىم پادىشاھ جۇڭغارلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەھيا خوجا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ. 1696-يىلى ئابدىرشىتخاننىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ئاقباشخان ئاق تاغلىقلارنىڭ يېغلىقىدىن پايدىلىنىپ يەكەنگە بېسىپ كىرىپ خانىم پادىشاھنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئاق تاغلىقلاردىن قىساس ئالىدۇ. 1697-يىلى قەشقەردىكى ئەھمەت خوجا قىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ،يەكەندىكى ئاق باش خاننى مەغلۇپ قىلىدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي دانىيال خوجا قازاقلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەكەندە تەخىتكە چىقىدۇ. 1713-يىلى جۇڭغار خانى سېۋان ئارابتان قوشۇن باشلاپ كېلىپ جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى دانىيال خوجا جۇڭغار قۇشۇنىغا تەسلىم بولىدۇ ۋە جۇڭغار قۇشۇنىنىڭ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلاپ بېرىدۇ.قەشقەردىكى ئەخمەت خوجىنىڭ قوشۇنى بىر نەچچە كۈن قارشىلىق كۆرسىتىپ باققان بولسىمۇ ،ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ.ئەخمەت خوجا ئەسىر ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.دانىيال خوجا ئائىلە-تاباتلىرى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن 1720-يىلغىچە مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى ئىك خوجا ھاكىمىيەت باشقۇرىدۇ. 1720-يىلى جۇڭغارلار دانىيال خوجىنى جەنۇبى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.ئۇ جۇڭغارلارغا ھەر يىلى 100مىڭ تەڭگە يوللاپ تۇرىدۇ.1735-يىلى دانىيال خوجا كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.دانىيال خوجا ئۆلگەندىن كېيىن جۇڭغار خانى غالدان سېرىن دانىيالنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا جاھاننى يەكەن ھاكىمى،ئۈچىنچى ئوغلى خوجا يۈسۈپنى قەشقەر ھاكىمى،تۆتىنچى ئوغلى خوجا خامۇشنى ئاقسۇ ھاكىمى،كىچىك ئوغلى خوجا ئابدۇللانى خوتەن ھاكىمى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي غالدان سېرىن ئۇلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ باشقىلارنى مەنسەپكە قويىدۇ.كېيىن خوجا يۈسۈپ كۈچ توپلاپ جۇڭغارلارغا قارشى چىققان بولسىمۇ،خانلىق تەخىتكە چىقىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. بەزى جايلار جۇڭغار خانلىقىغا بەيئەت قىلسا ،بەزى جايلار چىڭ سۇلالىسىگە نەيئەت قىلىدۇ. يەكەن ،خوتەنلەردە بولسا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت سورايدۇ.شۇنداق قىلىپ خوجىلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ. خوجىلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋال تېپىشىنى ئاساسان خوجىلارنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە بېقىنىپ خەلققە ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقى؛ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پايدا-مەنپەت ۋە دىنى مەزھەپ كۈرىشى كەسكىنلەشكەنلىكى؛ سىنىپى زىددىيەت كۈچەيگەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»1992-يىللىق2-سان
|