تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 920|ئىنكاس: 29
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.؟

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    6

    تېما

    15

    دوست

    506

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 23:55:57 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    يىپەك يولىدىكى ئاتەش ماكان تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىندى
    باش مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر : ئامانگۈل


    جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم شەھەر تەسىس قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى


        ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى رەسمىي تەسىس قىلىندى!››. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 12 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تۇرپاندا بۇ خەۋەرنى جاكارلىدى.
       بۈگۈن تۇرپاندىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق ئۆزلىرى ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدى. گوۋۇيۈەن تۇرپاندا ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، تۇرپان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت ئىشتاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تەسىس قىلىنغان تۇنجى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ قالدى.
       تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى جاكارلاش يىغىنى 12 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تۇرپان شەھىرىدە ئېچىلدى، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ھەر مىللەت كادىر، ئامما بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ تارىخىغا يېزىلىدىغان بۇ تارىخىي ئىشقا شاھىت بولدى.
       مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمى بويىچە، تۇرپاننىڭ ۋىلايەت ئىشتاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلىندى، تۇرپان شەھىرىنىڭ (ناھىيە دەرىجىلىك) شەھەر ئىشتاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قۇچۇ رايونىغا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرىدە شەھەر رايونغا، ناھىيەگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلۇپ، تەۋەلىكىدە بىر رايون، ئىككى ناھىيە، يەنى قۇچۇ رايونى، پىچان ناھىيەسى ۋە توقسۇن ناھىيەسى بولىدۇ، ئىككى ناھىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپپارات سانى، خادىملار ئىشتات سانى قاتارلىقلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ، ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئاپپاراتلار ۋە سەپلىنىدىغان خادىملار مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنىشى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە تۇرپاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، تارىخ ئالدىدا مەسئۇل بولۇش، مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەلگۈسىنى كۆزلەش مەقسىتىدە چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر؛ بۇ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق؛ ‹‹بىر بەلباغ بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى ياراتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى؛ بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولغان، ئىتتىپاقلاشقان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.
       شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش مەمۇرىي ئاپپارات ۋە رەھبەرلىك ئۇسۇلىدىكى زور ئىسلاھات بولۇپ، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بويسۇنۇش، قەتئىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ لايىھەلەش، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش كېرەك.
       تۇرپان ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇقلۇق يىپەك يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولغان. تۇرپان ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىزچىل ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارنى تۇتاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. ھازىر تۇرپان ۋىلايىتىدە 37 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ، رايون ئورنى، قاتناش ئەۋزەللىكى روشەن، بايلىقى مول، ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ.
       يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىشىغا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقىنى تارقاتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش››نى ئوقۇپ ئۆتتى.
       يىغىنغا بەي جىجيې، جاپپار ھەبىبۇللا، ماۋكەن سېيتقامزا، سەلىمجان سەيدۇللا، شۈ ۋېيخۇا قاتارلىقلار قاتناشتى.

                                  
                                                 تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە توردىن ئېلىندى

    0

    تېما

    3

    دوست

    604

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 12:45:28 |ئايرىم كۆرۈش
    نىمە پايدىسى باركەن ئەمدى ۋىلايەتنى شەھەر قىلىپ قويغاننىڭ ؟

    46

    تېما

    45

    دوست

    8147

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    سەردار لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 12:53:16 |ئايرىم كۆرۈش
    ئىمىنوف يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 12:45
    نىمە پايدىسى باركەن ئەمدى ۋىلايەتنى شەھەر قىلىپ قويغا ...

    كومپارتىيە زىيانلىق ئىش قىلمايدىغىنىنى بىلىسىزغۇ.

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 14:16:19 |ئايرىم كۆرۈش
    يېساپ يەڭ ئىچىدە دەيمەن، ئورگان ئاپارتلاردا ئانچە چوڭ پەرىق بولمايدۇ ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ گەپ قالتىس، نېمىلا قىلغان بىلەن تۇرپان يەنىلا بىر تۇرپان.

    1

    تېما

    0

    دوست

    159

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    5#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 14:26:09 |ئايرىم كۆرۈش
    ۋىلايەتنى شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار.

    0

    تېما

    3

    دوست

    523

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    6#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 15:26:53 |ئايرىم كۆرۈش
    غۇرۇر يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 14:26
    ۋىلايەتنى شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار ...

    ئەھمىيىتى بار، بۇنىڭ ئەھمىيەتلىرىنى چۈشىنىمەن، لېكىن چۈشەندۈرۈپ بىرىشكە سەۋىيەم يىتىشمىگۈدەك، ئاستا- ئاستا چۈشىنىپ قالىسىز.
    ئادەتتە مەمۇرى جەھەتتىن ئۆلكە (ئاپتۇنۇم رايۇن)، شەھەر (ناھىيە)، يېزا (بازار) سەپ ئۈچ دەرىجىگە بۈلۈنىدۇ. ۋىلايەت، خۇشۇن بولسا بىر قىسىم ئاپتۇنومىيىلىك جايلارنى ئاساس قىلىپ يولغا قۇيۇلغان.

    ئەمدى دىيارىمىزدا تۆت ۋىلايەت قاپتۇ. ---خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قۇمۇل.

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    7#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 22:27:07 |ئايرىم كۆرۈش
    شىركەت يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 15:26
    ئەھمىيىتى بار، بۇنىڭ ئەھمىيەتلىرىنى چۈشىنىمەن، لېكى ...


    قەشقەرمۇ  كونا شەھەر  بىلەن  يىڭى  شەھەرنى  قىتىۋىلىپ  ئاپتونۇم  رايونغا   بىۋاستە  قاراشلىق  شەھەر  بولىدىكەن  دىگەن  گەپلەرنى  ئاڭلىغانتىم  ،    بۇنداقمۇ  بولۇپ  كەتمەس ھە   !    بۇ  ئۇچۇرنى  ئاڭلىغان  ۋاقتىمدا  يەكەنلىك  ساۋاقداشلىرىم  خوش  بولۇپ  كەتكەنتى  چۇنكى  قەشقەر  بىۋاستە
    قاراشلىق  شەھەر  بولسا   يەكەن  ۋىلايەت  بولۇپ   قەشقەرنىڭ  باشقا  ناھىيەلىرىنى  باشقۇرامىش  دەپ !

    6

    تېما

    15

    دوست

    506

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    8#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 23:19:00 |ئايرىم كۆرۈش
    ئىمىنوف يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 12:45
    نىمە پايدىسى باركەن ئەمدى ۋىلايەتنى شەھەر قىلىپ قويغا ...

    شىنجاڭنى جۇملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنى بۇلۇپ،تارقاقلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىشنىڭ يىڭى بىر تەدبىرى بولسا كىرەك.كىيىنچە شىنجاڭنىمۇ  جەنۇبى، شىمالى دەپ ئىككىگە بۇلىۋاتمىسىغۇ بۇلاتتى(ئاللا ساقلىسۇن بۇنداق قىلىۋېتىشتىن)كوڭلىگە ئىنساپ بىرە ھېلىمۇ ئىنسابى با بۇلانىڭ.

    باھا سۆز

    شىركەت  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بۈلۈنۈپ كىتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 11:11

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    9#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 00:10:27 |ئايرىم كۆرۈش
    شىركەت يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 15:26
    ئەھمىيىتى بار، بۇنىڭ ئەھمىيەتلىرىنى چۈشىنىمەن، لېكى ...

    تۆت ئەمەس، چۆچەك، ئالتاي، ئىلى ۋىلايىتى ( ئىلى ئوبلاستى) بارغۇ ئۇلار دىيارىمىز غا كىرمەمدۇ؟

    باھا سۆز

    شىركەت  مەن ئاپتۇنۇم رايۇنغا بىۋاستە قارايدىغىنىنى دىدىم،  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 10:58

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    10#
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 00:16:48 |ئايرىم كۆرۈش
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى  2015-4-15 00:10
    تۆت ئەمەس، چۆچەك، ئالتاي، ئىلى ۋىلايىتى ( ئىلى ئوبلاس ...

    سىز  دەۋاتقان   رايونلار  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا   قارايدۇ .  ئىلى قازاق ئوبلاستى ئالتاي ۋىلايىتى ،ئىلى قازاق ئوبلاستى ئىلى ۋىلايىتى  دىگەندەك .   بۇ  ئىلى  قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ  مەركىزى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ  بىر  شەھىرىدە .  مەن  بەك ھەيران  ئوبلاست بىلەن ۋىلايەت  تەڭ  دەرىجىلىك ئورۇن   نىمىشقا  ئىلى  قازاق ئاپتونوم  ئوبلاستى   ئالتاي  چۆچەك    ئىلىنى  ئۆز  ئىچىگە ئالىدۇ  ؟  بىلىدىغانلار  دەپ  بەرسەڭلار ؟

    باھا سۆز

    شىركەت  ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەۋەلىكىدە ئەمەس، بەلكى غولجا شەھرى، مەن شۇنداق  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 11:31
    شىركەت  ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم، ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى دىگەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئۇرۇن، ئۇ ۋىلايەت ۋە شەھەرد  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 11:07
    ئىمىنوف  مۇشۇ ئوبۇلاسنى بەك خاتا قۇرۇپتىكەن . قازاق ، قىزغىز ،تاجىكلارغا نىمە ئوبۇلاس دەيمەن . ئورۇسنىڭ قىرغىنچىلىقىد  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 00:30
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 09:50 , Processed in 0.123661 second(s), 34 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش