• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 2128|ئىنكاس: 4

    ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى
    (866-يىلىدىن -1393-يىلى)
       ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئالىپ تېكىن ئارسلانخاننىڭ بەشبالىق رايونىدىكى قوماندانى بۆكۈ تېكىن تەرىپىدىن ئاساس سېلىنغان ، مىلادى 866-يىلى بۆگۈ تېكىن تىبەتلەر كونتىرۇل قىلىۋالغان بىشبالىق ئەتراپىنى قايتۇرىۋالغان ھەمدە ئۆزىنى باسمىللارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئىدىقۇت(بەخت ئىگىسى) دەپ ئاتىغان. بۇنىڭ بىلەن خانلىق ئىدىقۇت خانلىقى( باشقا مىلەتلەرنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە  توققۇز ئوغۇز خانلىقى، توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى، قۇچۇ خانلىقى دەپمۇ ئېلىنىدۇ) دەپ ئاتالغان. ئىدىقۇت خانلىقى دەسلەپكى يىللىرى قاراخانىلارغا بېقىندى ھالەتتە بولۇپ، 981-يىلىغا كەلگەندە مۇستەقىللىك جاكارلىغان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم بىر  خانلىق.
        ئارىلىقتا بىر مەزگىل قارا قىتانلارنىڭ يېرىم ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بارچۇق تېكىن دەۋرىدىن كېيىن مۇستەقىللىكنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما خانلىق زىمىنى چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قۇبلاي، ئوگداي، چاغاتاي خانلىرىنىڭ زىمىنىنى تۇتاشتۇرىدىغان جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن گاھىدا ئوگداي پەرەست بولغانلىقتىن چاغاتاينىڭ غەزىپىگە يولۇقسا، گاھىدا قۇبلايپەرەست بولغانلىقتىن ئوگداي ۋارىسلىرىنىڭ قىرغىنچىلقىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر بىر ماجرادا ئەڭ ئاۋال زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالغان. خانلىق ئۇرۇشتىن ئۆكسۈمىگەن، نۇرغۇن ئۇيغۇر موڭغۇل خانلىقلىرىدا ئەمەل تۇتۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكتىن خانلىقتا نوپۇس ئازلاپ كەتكەن.
         ئىدىقۇت خانلىقى دەسلەپتە شەرقتە قۇمۇلدىن تارتىپ  شىمالدا ئالتاي ۋادىسىغىچە، غەرپتە ئىلى ۋادىسى ۋە  مۇزداۋاندىن تەڭرىتاغنى بويلاپ جەنۇپتا ئۇدۇنغىچە بولغان زىمىنغا، كېيىن كۇچاردىن باشقا زىمىنغا  مىلادى 1393-يىلى سۇلتان خىزىرخان خوجا بۇ رايوننى بويسۇندۇرۇپ ئىسلاملاشتۇرغانغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    0

    تېما

    0

    دوست

    9

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 12:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەپسىلىي تارىخىي تەتىقىق قىلىنغان مەخسۇس كىتاب يوقمىدۇ؟

    1

    تېما

    3

    دوست

    138

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 18:36:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    راست ئۇيغۇرلارشانلىق تارىخنىڭ ئىگىسى!!!!!!!!!!

    1

    تېما

    3

    دوست

    138

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 18:40:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەپسىلىي تارىخىي تەتىقىق قىلىنغان مەخسۇس كىتاب بار دوستۇم سىز ،،ئىدىقۇت يۇلتۇزى،،دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ بېقىڭ ھە

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 17:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇر تارىخىدا نۇرغۇن مۇجمەللىكلەر مەۋجۈت . پان تىگىن ئالدى بىلەن بېشبالىققا كېلىپ ، ئاندىن قوجۇ ئارقىلىق قاراشەھەرگە كېلىپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكالىغان تۇرسا ، ئارىدىن 26 يىل ئۆتكەندىن كېيىن نەدىن پەيدا بولغان بۆكە تىگىن تىبەتلەرنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆزىنى ئېدىقۇت جاكالايدۇ ، تەڭرى قاغان مىلادى 800 - يىلىدىن كېيىنلا بشبالىقتىكى تۈبۈتلەرنى قوغلاپ چىقارغان تۇرسا نەدىكى تۈبۈتكەن بۆكە تىگىن ئۇرىشىدىغان . ئېھتىمال بۇ ئۇرۇش كەڭسۇ ئەتراپىدا بولغان بولۇشى مۈمكىن ، شۇنىڭ بىلەن كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا ئاساس سېلىنغانمىكىن
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 00:37 , Processed in 0.280921 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش