• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 2036|ئىنكاس: 4

    «دۇنيا تارىخى تىزىسلىرى» كىتابىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «دۇنيا تارىخى تىزىسلىرى — جانلىقلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ئەنگىلىيەلىك ئەپەندى (1866~ 1946) نىڭ ئەسىرى بولۇپ، كىتاپتا يەر شارىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىدىن تارتىپ 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان تارىخ، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى مۇھىم مەدىنىيەتلەرنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات جەريانى، ئىنسانلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەققىيەتلەرى ۋە دۇچار بولغان مەغلۇبىيەتلىرى چۈشىنىشلىك ئۇسۇلدا بايان قىلىنغان، ئىنسانىيەت ئۇچراۋاتقان ئاساسى خەۋپلەر كۆرسىتىلگەن، ۋېللس خۇددى بىر ساياھەت يېتەكچىسىگە ئوخشاش، سىزگە مەدىنىيەت لىنىيەسىنى بويلاپ يىراق قەدىمى دەۋرنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرقى زامانغىچە بولغان ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى، تۈزۈملىرىنىڭ يېتىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى يارقىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ كىتاپ قىسقىچە تارىخى ئەسەرنىڭ يەتكىلى بولىدىغان ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىققانلىقى بىلەن «دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر» قاتارىدا سانىلىدۇ. كىتاپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى دەسلەپكى نۇسخىسى قولدىن چىققان، كېيىن داۋاملىق قايتا تۈزىتىلىپ نەشر قىلىنغان ۋە جوڭگودىكى مەشھۇر مەدىنىيەت كىشىلىرى لىئاڭ سىچېڭ، شاڭدا ئەپەندىلەر تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئەڭ يېقىنقى خەنزۇچە نەشرى بۇ ئەسەرنىڭ 15- نەشرىگە ئاساسەن ۋۇ ۋېن زاۋ، شئې بىڭشىن، فېي شاۋ توڭ ئەپەندىلەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى .
    X. G. Wélls
    بۇ كىتاپنىڭ ئىككىنچى قىسمى 7 – بۆلىمى ” قۇرۇقلۇق يۆلىنىشىدىكى ھەرقايسى موڭغۇل ئىمپىرىيەلىرى ۋە دېڭىز يۆلىنىشىدىكى ھەرقايسى يېڭى ئىمپىرىيەلەر” مەزمۇنىغا ” ئۇيغۇرلار ھەققىدە” ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس، تارىخ ئالىمى سىر دېنىسون. روسس ئەپەندى ئىزاھ يېزىپ بەرگەن. ئەنگىلىيە لوندون ئۇنۋېرسىتى شەرقشۇناسلىق ئېنستىتۇتىنىڭ 20-، 30- يىللاردىكى مەكتەپ باشلىغى، دۇنيا مىقياسىدىكى شەرقشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇك ئەرباپ، ئاتاقلىق تىلشۇناس. ئۇ نۇرغۇن شەرق تىللىرىغا پىششىق بولۇپ مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگانىنىڭ «تارىخى رەشىدى» ئەسىرىنى پارىسچىدىن ئېنگىلىسچىغا تەرجىمە قىلغان، پارىسچىغا ئىنتايىن پىششىقلىغىدىن تەرجىمىسىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى چىقىپ، دۇنيا ئالىملىرى بۇ تەرجىمىنى بەئائۇتىفۇل ترانسلاتىئون دەپ تەرىپلەشكەن. روسس ئەپەندى 1871- يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان، ئۇ 1936- يىلى 8- ئايدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ۋاقتىدا، شۇ مەزگىللەردە ئەنقەرەدە قەدىمى ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان گابائىن خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ھەم بۇ ياش (ئۆز ۋاقتىدا گابائىن خانىم 35 ياش) تالانتلىق ئالىمە بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس روسس ئەپەندى 1940-يىلى ۋاپات بولغان.
    تۆۋەندىكى مۇشۇ ئەپەندىنىڭ يۇقۇرىدىكى كىتاپقا يېزىپ بەرگەن ئىزاھى تەرجىمىسى :
    “ئۇيغۇرلار” نامى مىلادى 6- ئەسىردە جوڭگونىڭ تارىخنامىلىرىدا كورۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا قاڭقىل (ئىگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتالغان. موڭغۇلىيەنىڭ شىمالى ۋە ئەتراپىدىكى رايۇنلاردىكى تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق 2 بولىگىدىن بىرى. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل زورايغان ۋاختى 750- 850- يىللىرى بولۇپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.
    ئۇيغۇرلار مەدىنىيەتتە ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن، يېقىنقى يىللاردىكى ئارخېلوگىيىلىك تەتقىقاتلار كورسىتىپ بەرگەن ناھايىتى كوپ ئۇيغۇر ئەدىبى ۋە سەنئەت بايقالمىلاردىن، بىز خىرىستىيان دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنىنىڭ ئۇلار خانلىغىدا ئېتىقاتچىلىرى بارلىغىنى بىلدۇق. ئۇلار مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا دىنلارغا ئىنتايىن كەڭ- قۇرساقلىق پوزىتسىيەدە بولغان. شۇنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار شۇ چاغدىكى جوڭخۇا ئىمپىرىيىسىنىڭ شىمالىي خوشنىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مەدىنىيەتلىكلىرى، ئۇلارنىڭ خانلىغى 840- يىلى شىمالى تەرەپتىكى تۈركى قەبىلە قىرغىزلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تارىختىن يوقاپ كەتكىنى يوق، 15، 16- ئەسىرلەرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىقلىرى ياكى ھامىيلىقىدىكى كىچىك دولەتلىرىنىڭ كوتۈرۈلۈپ چىققانلىغىنى دائىم بايقايمىز. شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتكۈل مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دولەت ئورگانلىرىدا ناھايىتى كوپلەپ ياللاپ ئىشلىتىلگەن، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى تۈركىستان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى رولى، دېھلى- موغۇللار ھوكۈمرانلىغىدىكى ھىندىلارنىڭ ۋە ئەنگىلىيە ھوكۇمرانلىغىدىكى بېنگاللىقلارنىڭ رولىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
    چىڭگىزخاننىڭ 13- ئەسىردىن باشلاپ باش كوتۈرىشىدىن تارتىپ ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئىستىلاسى بىلەن ئاياغلاشقان بۇ مەزگىلدىكى شەرق تارىخى بىزگە ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە پېرسىيەلەردە نۇرغۇن تۈرك خانلىقلىرىنىڭ گۈللەنگىنىنى ۋە ھالاكىتىنى ئەسكەرتىدۇ؛ ئەجەپلىنەرلىگى بىز شۇنىڭغا دىققەت كىلدۇقكى، نۇرغۇن ئەھۋاللار ئاستىدا بۇ سۇلالىلەرنى قۇللۇقتىن چىققان ياكى سالاھىيىتى قۇل بولغان كىشىلەر قۇرۇپ چىققان. بىر پارچە تېخى ئېلان قىلىنمىغان. 13- ئەسىرگە تەئەللۇق پارىسچە قوليازمىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئائىت توۋەندىكىدەك قىزىقارلىق ئابزاستلار بار.
    ئادەتتىكى ساۋات بىلەن ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىرقى- مىللەتلەر ۋە سىنىپلار، پەقەت ئوزلىرىنىڭ قوۋمى ئىچىدە ۋە ئوزلىرىنىڭ دولىتىدە ئەزىزلىنىدۇ ۋە ھورمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئوز مىللىتى ئىچىدە نۇرغۇن باشقا قەبىلىلىرىگە ئوخشاش ئادەتتىكى بىر قەبىلە، ھەرگىز ئالاھىدە ھوقۇق ياكى ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمىغان. لېكىن ئوزلىرىنىڭ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ باشقا ئىسلام ئەللىرىگە كېلىشى بىلەنلا ئوز يۇرتلىرىدىن ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن قانچە يىراققا بارغانسېرى ئۇلار ئېرىشكەن ھورمەت ۋە باھا شۇنچە يۇقۇرى، ئۇلار ئەمىرلەرگە ۋە چوڭ مارشاللارغا ئايلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھۇ ۋەسسەلەم دەۋرىدىن ھازىرغىچە، تۈرك ئۇيغۇرلاردىن باشقا پۇلغا سېتىۋېلىنغان قۇللاردىن پادىشا چىقىپ باققان مىللەتلەر يوق. ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بىر ئۇيغۇر خانى ئەفراسىياب (ئالپ -ئەرتۇڭا) نىڭ ئۈزۇندىلىرىدە مۇنداق بىر ئەقلىيە سوز بار: تۈركلەر دېڭىز تېگىدىكى قۇلۈلە قېپى ئىچىدىكى بىر دانە مارجان، پەقەت ئۇ دېڭىزدىن ئايرىلىپ خان تاجىغا قوندۇرۇلغاندىلا ياكى كېلىنچەكنىڭ قۇلىغىغا تاقالغان ۋاقتىدىلا ئۇ گوھەرگە ئايلىنىدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 17:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يادىڭدا باركەنمەن دۇنيا

    70

    تېما

    11

    دوست

    1318

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 02:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇرلار ياۋروپاغا بارسا ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقى كىملىكنى تولۇق چۈشنەرمىكىن دەيمەن.

    1

    تېما

    8

    دوست

    942

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 21:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھە  ئەمسە ئۇيغۇرلار قانداق  ۋاقىتتا قەيەردى شەكىللەنگەن  قەيەردە ئەجدادمۇ ئەجداد ياشاپ كەلگەن قانداق شانلىق ھاكىميەتلەرنى قۇرغان دىگەندەك مەزمۇنلار يوققۇ ..

    ئىشەنچىسىز .........

    9

    تېما

    21

    دوست

    2635

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 00:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ  تېمىغا بەك كېچىكىپ كىرىپتىمەن .   ئۇيغۇرلار  ئۆزىنىڭ قانداق مىللەتلىگىنى بىلىش ئۈچۈن
    ياۋروپا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلسا ، بەك ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىكەن ..........
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 05:53 , Processed in 0.237359 second(s), 29 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش