• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 3232|ئىنكاس: 9

    ئەرەپچە يىزىلغان ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 10:51:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىلادى 7-ئەسىردە ئەرەپ يىرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام دىنى 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئوتتورا ئاسىيا رايونىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، مىلادى 935-يىلى قاراخانىلار خانى سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ كۇلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان. كىيىنكى مەزگىللەردە قاراخانىلار ۋە سالجۇق تۇركلىرىنىڭ ئوتتورا ۋە غەربى ئاسىيا رايونىدا سىياسى جەھەتتىن ھۆكۇمران ئورۇنغا ئۇتۇشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركى تىللىق خەلقلەر بىلەن ئەرەپلەر ئوتتورسىدىكى مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش تىخىمۇ يوقۇرى بالداققا كۆتۇرۇلگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار(ۋە باشقا تۇركى تىللىق خەلقلەر) ئارىسىدىن كۆپلىگەن ئالىم- يازغۇچىلار يىتىشىپ چىقىپ ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يازغاندىن باشقا، يەنە ئەرەپ تىلىدىمۇ ئاز بولمىغان دۇنياۋى مەشھور ئەسەرلەرنى يىزىپ، ئەرەپ مەدىنىيىتى شۇنداقلا  پۇتكۇل ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ئۇتۇشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى فارابى تەرىپىدىن يارىتىلغان ئەقلىچىلىك پەلسەپە سىستىمىسى(تەبىئەتنى چۇشۇنۇش ۋە ئۆزگەرتىش) ئەرەپ-پارىس دۇنياسىدا ھۆكۇمران ئورۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىسلام كالامچىلىقىنى(تەقدىرچىلىك ۋە مەۋجۇدىيەتكە قارىتا گۇمانخورلۇق قارىشىنى) قاتتىق تەنقىتلەپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ  ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۇچلۇك ئىدىيىۋى قورال بىلەن تەمىنلىگەن.

    ئەل فارابىنىڭ ئەسەرلىرى: فارابى(870-950) يەتتەسۇ رايونى فاراب شەھرىدىكى  تۇرك-قارلۇق سەركەردىسى ئۇزلۇغ ئوغلى تارخان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنيا پەيلاسۇپلىرى ئىتىراپ قىلغان ئارىستوتىلدىن كىيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز»، پۇتكۇل شەرق پەلسەپىسىنىڭ ئاتىسى، تۇركى خەلقلەر ئىلىمپەن تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم. فارابى ئۆز ھاياتىدا 160 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولسىمۇ،  ئەمما ئالىمنىڭ ئەقلىچىلىك پەلسەپىسى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇتەئەسسىپ دىنى روھانىلار تەرىپىدىن بىدئەتچىلىك دەپ قارىلىپ، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى قاتتىق تەقىپ قىلىنغان ۋە كۆيدۇرۇلگەن. شۇ سەۋەپلەردىن ئاز بىر قىسىم ئەسەرلىرىلا دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كىلەلىگەن، يەنە  بىر قىسمى ياۋروپا ئەللىرىدە تەرجىمە نوسخىسى ئاساسىدا ساقلىنىپ قالغان. ئالىمنىڭ پەلسەپە قارىشى ۋە ئىلىمپەن روھىغا كىينچە  برونى، ئىبىن سىنا، يۇسۇپ خاس ھاجىپ  قاتارلىق ئالىملار ۋارىسلىق قىلغان.

    1. ئىھسال ئۇلۇم (پەنلەرنىڭ تۇرلەرگە بۇلۇنۇشى)
    2. خۇسۇسۇل ھىكەم (پەلسەپە گۆھىرى)
    3. ئەل سياسەتۇل مەدەنيە (شەھەر گىراژدانلىق سىياسىتى)
    4. كىتابۇل مەنتەقول كەبىر (ئۇلۇغ لوگىكا كىتابى)
    5. ئىيونۇل مەسائىل (مەسىلىلەر بۇلاقلىرى)
    6. ئارا ئەھلۇل مەدىنە تول فەزىلە (پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلى قاراشلىرى)
    7. كىتابۇن فى ئىقسە ئىلولۇمى ۋەتتەرىپ (ئىلمپەننىڭ تۇرلىرى ۋە چۇشەندۇرلىشى)
    8. كىتابول مۇسقۇل كەبىر (ئۇلۇغ مۇزىكا كىتابى)
    9. كالام فى ئەل مۇسقى (مۇزىكا توغرىسىدا)
    10. كالام فى ئەل شەھىر ۋەل قافى (شىئىر ۋە قاپىيە توغرىسىدا)
    11. كىتابۇل جەمئى
    12. ئىھسال مۇغەينى
    13. رىسالەئى مۇغەينى

    خارەزمىنىڭ ئەسەرلىرى: مۇھەممەد موسا خارەزمى(780-850) خارەزىمگە قاراشلىق خىۋە شەھرىدە تۇرك-ئۇغۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنيا بۇيىچە تونجى بولۇپ ئالگىبرا ئىلمىنى ياراتقان، قەدىمقى ھىندى رەقەملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ پۇتۇن دۇنياغا تونۇتۇش ئارقىلىق ھازىرقى زامان رەقەم سىستىمىسىغا ئاساس سالغان ئۇلۇغ ئالىم.(گەرچە بۇ رەقەملەر ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن خاتا ھالدا ئەرەپ رەقىمى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇ تۇركى خەلقلەرنىڭ دۇنيا مەدىنىيىتىگە قوشقان يەنە بىر تۆھپىسى ھىساپلىنىدۇ.) ياۋروپالىقلار خارەزمىنىڭ ماتىماتىكىغا قوشقان ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئالگارىتوس دەپ نام بەرگەن ، ئالىمنىڭ بۇ نامى ھازىرمۇ «ئالگول تىپىدىكى تىل» دىگەن نامدا كومپيوتىر-ئىلىكترونلۇق ھىساپلاش ساھەسىدە قوللىنىلماقتا.

    1. مۇختەسەر سىن- ھىند (ھىندى رەقەملىرىنى دۇنياغا تونۇتقان، ھازىرقى زامان رەقەم سىستىمىسىغا ئاساس سالغان مەشھور ئەسەر)
    2. ئەلجەبىر ۋە مۇقالات (تارىختىكى تۇنجى تەڭلىمە يىشىشكە ئائىت ئەسەر بولۇپ، ئالگىبرا ئىلمىغا ئاساس سالغان.)
    3. ھىساپ ئىلمى (كىيىنكى دەۋرلەردىكى ياۋروپا ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا كۇچلۇك تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەر)
    4. يىڭى ئاسترونومىيىلىك جەدۋەل (ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ تەرەقىقىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن قورال خاراكتىرلىق كىتاپ)
    5. ئاستروليەبيە ھەققىدە رىسالە
    6. قوياش سائىتى ھەققىدە رىسالە
    7. كىتابۇس سۇرەتول ئەرز (دۇنيا خەرىتىسى بىرىلگەن،جۇغراپىيەگە ئائىت مەشھور ئەسەر)
    8. يەھۇدىلار تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى بەلگىلەش (يەھۇدىلار تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم ئەسەر)

    ئەل فەرغانى ئەسەرلىرى: ئەل فەرغانى (؟-861-يىلى)  پەرغانە رايونىدىكى ئۇغۇز-ياغما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان مەشھور تەبىئى پەن ئالىمى.
    1. كىتاب فى ئۇسۇل ئىلمۇننۇجۇم (ئاسترونومىيە ئۇسۇللىرى)
    2. ئەل فەرغانى جەدۋەللىرى
    3. ئاي يەرنىڭ ئۇستىدە ۋە ئاستىدا بولغاندا ۋاقىتنى ئىنىقلاش رىسالىسى
    4. ئۇستۇرلاپ بىلەن ئەمەل قىلىش ھەققىدىكى كىتاب
    5. يەتتە ئىقلىم ھىسابى

    ئەل بىرونى ئەسەرلىرى: ئەل برونى(973-1048) خارەزىمنىڭ مەركىزى قىيان شەھرى بىرونى يىزىسىدا تۇرك ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، شەرق ئىلىمپەن ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مەشھور ئالىم.

    1. ئەلسەرەل باقىيە ئەنەل قۇرۇنەلھالىيە (ئۆتمۇشتىن قالغان يادىكارلىقلار)
    2. خارەزىم تارىخى
    3. ھىندىستان
    4. ئەل قانۇن مەسئودى
    5. مىنىلورگىيە
    6. فارما لوكنوزىيە
    7. گىئودىزىيە


    باشقا ئەسەرلەر:

    1. دىۋانۇل ئەدىب – ئىبراھىم ئىسھاق ئەل فارابى(966-؟)
    2. دىۋانۇ لوغەتىت تۇرك – مەھمۇد قەشقىرى (1020- 1117)
    3. مىفتاھۇل ئولۇم (ئىلىم تارماقلىرى) – يۇسۇپ سەككاكى(1160-1228)
    4. مۇلاقات ئەل سۇراھ – جامال قارشى 1302-يىلى يازغان.
    5. تاجۇل سائادەت ۋە ئەنۋانۇلسىيادات(سائادەت تاجىلىرى ۋە ھاكىمىيەت ئۇنۋانلىرى)- ئىبنى مۇھەممەد قەشقىرى 1363-يىلى يازغان.
    6. ناۋايىنىڭ ئەرەپچە يىزىپ قالدۇرغان 40 پارچىدىن ئارتۇق روبائىلىرى
    7. مۇكاشفۇل لوغەت – مۇھەممەد سىدىق قەشقىرى(1740-1849)
    8. دىۋان ئەرەبى – ھۆسۇيۇنخان تەجەللى(1850-1930)
    9. تۆھبەتۇل بەھرەيىن – تەجەللى
    10. مىفتائۇل ئەرەپ – ئابدۇقادىر داموللا(1862-1924)
    11. ئەرەبى دىۋان – سالىھ داموللا ھاجى(1895-1957)
    12. دىۋانى مۇھەسسە – مۇھەممەد روزى(1907-1978)

        ئەبۇناسىر مۇھەممەد ئاسسالىبىن(961-1038) نىڭ «يەتىمە تەددەھرفى ماھاسىن ئەھلىل ئەسىر»(ئەسىرىمىز ئەھلىنىڭ يىگانە دۇردانىلىرى) دىگەن كىتابىدا ئەينى ۋاقىتتىكى تۇركى خەلقلەردىن چىققان 124 نەپەر يازغۇچىنىڭ ئەرەپ تىلىدا ئەسەر يازغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر قالدۇرۇلغان.
    1911-يىلى ئەنگىلىيىلىك گىئورگى ماكارتىنى يەكەن،خوتەن رايونلىرىدىن ئەرەپ تىلىدا يىزىلغان بىر قىسم ئىجتىمائى ھۆججەت ۋە خەت چەكلەرنى ئىلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ۋاقتى  قاراخانىلار دەۋرىگە(11-ئەسىرلەر)  توغرا كىلىدىكەن.
    كۆپلىگەن ئالىم-يازغۇچىلىرىمىز تاكى يىقىنقى زامانلارغىچە ئەرەپ-پارىس تىلىدا ئۆزئارا خەت-چەك، مەرسىيە، غەزەل-شىئىرلارنى يىزىشىپ كەلگەن.

        دىنى تىل بولۇش سۇپىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە بولغان ئەرەپ تىلى ۋە يىزىقى ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركى خەلقلەر ئىچىدە ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئىگە بولغان بولۇپ، تارىختا كۆپلىگەن ئالىم،يازغۇچىلار ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يازغاندىن باشقا يەنە ئەرەپ تىلىدىمۇ ئەسەر يىزىپ قالدۇرغان ، ئەمما تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كىلەلىگەن ئەسەرلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنىڭ بايقىلىشى مۇقەررەر. تىمىدا كام قالغان مەزمۇنلار بولسا ، تورداشلارنىڭ داۋاملىق تولۇقلىما بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.


    پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
    «ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى تۇزۇپ نەشىر قىلغان، 1993-يىلى.
    «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدىنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزە» ، غەيرەتجان ئوسمان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى.
    «سۇي،تاڭ سولالىرىدە ئۆتكەن مەشھور ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» ، ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى.
    «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى غەزنىسى»،ئابدۇللا مەمەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىلى.
    بۇتىمىنىڭ ئاپتۇرى مەن ئەمەس بۇرۇنلار دا تور ئارلاۋېتىپ بۇ تىمىنى، پايدىلنىش قىممىتى  يۇقۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن ساقلىۋالغان ئىدىم شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم ،مەنبەسىنى دەپ بېرىڭ دىسىڭىز مەن دەپ بېرەلمەيمەن شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى .
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
    5#
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

    2

    تېما

    1

    دوست

    132

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 16:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىز ئۇيغۇرلاردن نىمدىگەن ئەقىلىق ئالىملار چىققان-ھگ!!!!

    2

    تېما

    1

    دوست

    132

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 16:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پەخىرلەن دۇنياغا ئۇيغۇر ۋەتىنى!!!!ئۇيغۇردەك غۇرۇرىمىز بىلەن ياشايلى ئۇيغۇر ياشلىرى.!!!!

    2

    تېما

    1

    دوست

    132

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 16:11:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    غۇرۇرىمىزنى مال-دۇنيا،ئەيىش-ئىشرەتكە تىگشمەيلى ئۇيغۇر ياشلىرى.!!!!

    73

    تېما

    19

    دوست

    1966

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 22:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىجدادلىرمىزنىڭ مىڭسى ئاجايىپ ئتكۈركەن جۇمۇ ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى خىلى خىلى مىللەتلاردىن ئەقىللىق جۇمۇ بۇ رۇن ئالىملىرمىز ھەقىقەتەن كۆپكەن شۇنداقمۇ  دوسلا
    10#
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 06:57 , Processed in 0.348249 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش