مەنچىڭ دەۋرىدە بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەھەللىسى
قۇتلان يازمىسى
بېيجىڭدىكى چاڭئەن كوچىسىنىڭ تيئەنمەن مەيدانىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ جۇڭنەنخەي بىلەن تۇتۇشىدىغان جەنۇبىي قىسمىغا «شەرقىي ئەنفۇ» نامى بىلەن ئاتالغان بىر تار كوچا جايلاشقان. مانا بۇ كوچىدا مەنچىڭ دەۋرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسىنىڭ قالدۇق ئىزنالىرى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ياپونىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن ئونۇما تاكاھىرو ئەپەندىنىڭ 2009 - يىلى ئېلان قىلغان «250 يىللىق تارىخقا ئىگە بېيجىڭدىكى <ئۇيغۇرلار لاگېرى>» ناملىق ماقالىسى بۇ ھەقتىكى يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئونۇما ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى نەق مەيدان تەكشۈرىشى ھەمدە بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى ۋە بېيجىڭ دۆلەت كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئېرىشكەن ھۆججەتلىرى ئاساسىدا يورۇقلۇققا چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، «خۇيزىيىڭ» ياكى «خۇيخۇي يىڭ» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدىكى لاگېرى مانجۇ خانى چىيەنلوڭنىڭ 25 - يىلى، يەنى 1760 - يىلىنىڭ بېشىدا تەسىس قىلىنغان. مىلادىيە 1758 - يىلى مەنقىڭ سۇلالىسى «ئاق تاغلىق» خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇنجى قېتىم ئىستىلا قىلغان. ئىككىنچى يىلى چىيەنلوڭ خان ئۆزلىرىگە ياردەملەشكەن خوجا ئەۋلادلىرى ۋە بەگلەردىن بولۇپ 126 نەپەر كىشىنى بېيجىڭگە تەكلىپ قىلىپ يۇقىرى ئەمەل - مەنسەپلەر بىلەن تارتۇقلىغان. ئاندىن ئۇلارنى بېيجىڭدا ئېلىپ قېلىپ خانبالىقنىڭ غەربىي - جەنۇبىي سېپىلىگە يانداش كېلىدىغان جايدىن (بۈگۈنكى غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شەرقىي ئەنفۇ مەھەللىسى) ئورۇن بېرىپ، مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونى تەسىس قىلغان. شۇندىن باشلاپ بېيجىڭ خانبالىقتا مەشھۇر بولغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسى بارلىققا كېلىپ بارغانسېرى كېڭەيگەن ھەمدە مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتىكى كۆزنىكىگە ئايلانغان.
چىيەنلوڭ خان خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا ئاۋام خەلقنى قوزغىتالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەچكە ئۇلارنى بېيجىڭدا تۇتۇپ قالغان. پەقەت مانجۇ خان جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان يوقۇرى قاتلام كىشىلىرىلا تۇرالايدىغان خانبالىقنىڭ سېپىلى ئىچىدىن ئورۇن بەرگەن. ئۇلار يوقۇرى قاتلام مانجۇ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولغان. مانجۇ قىزلىرىغا ئۆيلىنىشىگە، ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. 1763 - يىلى يازدا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چىيەنلوڭ خاننىڭ پەرمانى بىلەن مەسچىت قۇرۇلۇشى باشلانغان ھەمدە بىر يىلدىن كېيىن پۈتكەن. ھەيۋەتلىك مەسچىت بىناسىنىڭ ئالدىغا چىيەنلوڭ خاننىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى پەرمانى مانجۇ، خەنچە، موڭغول ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا تاش پۈتۈككە ئويۇلۇپ ئابىدە قىلىپ تىكلەنگەن. شۇندىن باشلاپ، بېيجىڭ خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ ئولتۇراق ئاھالىمۇ كۆپەيگەن. مەنچىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئېھتىماللىققى بار دەپ گۇمان قىلغان يۇقىرى قاتلام بەگ ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنى داۋاملىق تۈردە بېيجىڭغا يۆتكەپ بۇ يەرگە ماكانلاشتۇرغان. ئۇندىن باشقا خان سارىيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن ئۇستىلار، مۇزىكانتلار ھەتتا دارۋازلارمۇ بۇ مەھەللىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.
تەتقىقاتچى ئونۇما ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىمۇ دەل چىيەنلوڭ دەۋرىدە بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەھەللىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ بېيجىڭ خانبالىقتا ئۇيغۇرلار مەھەللىسى تەسىس قىلىشى ھەمدە خوجا ئەۋلادلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشى شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە مەلۇم ئىستراتېگىيىلىك پىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەنچىڭ سۇلالىسى بېيجىڭ خانبالىقتا يەرلەشكەن خوجا ئەۋلادلىرىدىن پايدىللىنىپ ئۇيغۇر رايۇنىنىى تىنجىتىش ھەمدە غەربتىكى چېگرا رايونلىرىنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. شۇڭلاشقا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى مەنچىڭ سۇلالىلىسىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنى ھەققىدە سىياسەت بەلگىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇندىن باشقا، مانجۇ خانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىغا چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەمدە مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى قوقان ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان خەت - ئالاقىلىرىنىڭ ھەممسى خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە تەييارلانغان. ئونۇما ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭدا ئولتۇراقلاشقان خوجا ئەۋلادلىرى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ھۆكۈرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مانجۇ خانلىرىنىڭ «ئادالەتلىك پادىشاھ» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا بويسۇنماقنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشۋىق قىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭدا ئۇزاق مەزگىل تۇرغان رۇسىيەلىك پوپ پيوتېر كافاروف ئۆز خاتىرىسىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ يەردىكى ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدا خۇتبىنى مانجۇ خانىنىڭ نامىغا ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، بېيجىڭنىڭ باشقا جايلىرىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. 1910 - يىلى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغان ئەنگلىيىلىك مىسسىئونېر برۇمخال بۇ يەردىكى چوڭلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ياشلارنىڭ ئۆز تىلىنى يوقۇتۇپ، ئىسلام دىنىي قائىدىلىرىدىن باشقا مىللىي ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خەنلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. 1912 - يىلى مەنچىڭ خاندانلىقى غۇلىغاندا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمۇ تەسلەشكەن. كېيىنچە يۈئەنشىكەي ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتى مەھكىمىسىنى جۇڭنەنخەينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە يېقىن جايىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىتتىن كۈندە بەش قېتىم ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئەزان ئاۋازىدىن بىئارام بولغان يۈئەن شىكەي ئەسكەر ئەۋەتىپ مەسچىتنى تاقىتىۋەتكەن. ئەمما ئۇيغۇر مەھەللىسى يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. گومىنداڭ دەۋرىدىكى ئىستاتىسكىلارغا قارىغاندا، 1930 - يىللاردا شەرقىي ئەنفۇ كوچىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 108 تۈتۈن 795 جان بولغانلىقى مەلۇم.
ياپونىيە بېيجىڭنى ئىشغال قىلغان 1930 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا خانبالىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ ھاياتى قايتىدىن جانلانغان. ئونۇما ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 1938 - يىلى ياپونىيەلىكلەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەسچىت جامائىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيگەن. شۇ يىلى ياپونىيەلىك مۇسۇلمان كومۇرا فۇجىئو ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە خوجانىياز ھاجىنىڭ بېيجىڭغا قېچىپ كەلگەن ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەن. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن «قۇرئان كەرىم» بىلەن ئىپارخاننىڭ سۈرىتىنى تەقدىم قىلغان. يەنە بىر ياپونىيەلىك مۇسۇلمان ئوكادا يوشىئو 1943 - يىلىدىن 1945 - يىلىغا قەدەر بۇ مەسچىتتە ئىبراھىمدىن دىنىي ساۋاق ئالغان.
1949-يىلدىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى زاۋاللىقا يۈز تۇتقان. 1960 - يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مەسچىت قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرىمۇ يېزىلارغا كۆچۈرىۋېتىلگەن ھەمدە مىللەت تەۋەلىكى تۇڭگانلارغا قوشۇۋېتىلگەن. مەنبە : ئەنئەنە بىلوگى
|