• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 2613|ئىنكاس: 19

    13-ئەسىردە ئامىرىكىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    0

    تېما

    0

    دوست

    160

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 20:41:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىدخىل. گ. سېتىۋارد (كانادا)





        چىڭگىزخان رەھبەرلىكىدىكى مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتورا ئاسىيانى كونترول قىلىۋالغان قىتان خانلىقىغا شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇتۇش نەتىجىسىدە،  تارىم ۋادىسىدىكى قىتان خانلىقىنى قوللىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئەسكەرلەرنى باشلاپ تاڭغۇت خانلىقى(غەربى شىيا) غا پاناھ ئىزدەپ بارىدۇ. بۇ ۋەقە 1218-يىلى يۇز بەرگەن. تاڭغۇت خانلىقى مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كىيىن، بىر قىسىم تاڭغۇت-تىبەت ئەمەلدارلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 1233-يىلى شەرقتىكى ئالتۇن خانلىقى(جورجىتلار) غا قىچىپ بارغان. ئەمما مۇڭغۇللار ئۇزۇن ئۆتمەي ئالتۇن خانلىقىنىمۇ مۇنقەرز قىلىدۇ. تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار(ۋە تاڭغۇت-تىبەت مۇساپىرلىرى) جەنۇپقا ھازىرقى لياۋدوڭ يىرىم ئارىلىغا قىچىشقا مەجبۇر بولغان. مۇڭغۇللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقۇپ كەتكەن بۇ مۇساپىرلار پۇختا تەييارلىق كۆرگەندىن كىيىن كېمە ئارقىلىق ئۇزۇنغا سوزولغان دىڭىز سەپىرىنى باشلىغان. ئۇلار بوخەي دىڭىزىدىن چىقىپ خۇاڭخەي دىڭىزى ۋە  ياپون دىڭىزىدىن كىسىپ ئۇتۇپ ئوخوتىسكى دىڭىزىغا كىرگەن، ئاندىن كامچاتكا يىرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ شەرققە قاراپ مىڭىپ بىرىڭ دىڭىزى، ئالىوتىسىيان تاقىم ئاراللىرى، ئالياسكا قولتۇقى ئارقىلىق ئاخىرىدا شىمالى ئامىرىكا قىتئەسىدە قورۇقلۇققا چىققان.
          كانادانىڭ شىمالى رايونلىرىدا ھاۋا بىرقەدەر سوغاق بولغاچقا، تاڭغۇت-تىبەتلەر شۇ يەرگە ماكانلاشقان بولسىمۇ، ئەمما تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىڭ كىلىماتىغا ماسلىشالماي داۋاملىق جەنوپقا قاراپ كۆچكەن، ئاخىرىدا ئۇلار ھازىرقى ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كالفورنىيە،ئارىزونا، يىڭى مىكسىكا شىتاتلىرىغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەرنىڭ قۇرغاق ھەم ئىسسىق ھاۋا-كىلىماتى تارىم ئويمانلىقىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتى.ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۇرگەن.     bijirim.com
          بۇ كۆچمەنلەر تاكى 18-19-ئەسىرلەرگىچە ئامىرىكىدىكى يەرلىك ھىندىئانلاردىن پەرقلەندۇرۇلمىگەن. ئەمما كىيىنچە ئانتروپولوگىيە،تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئىنتىك تەۋەلىكى باشقا ھىندىئانلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقى بايقىلىشقا باشلىغان. ئالياسكىدىن مىكسىكىغا قەدەر تارالغان بۇ قەۋىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائى تەسىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ئىتىقاتى، توي،دەپنە قاتارلىق ئادەتلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن  كۆپ خىل تەركىبنىڭ ئارلاشقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىسىنى "بالىق" دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىدا  قەدىمقى ئۇيغۇرچە(تۇركچە) تەركىبتىن سىرىت يەنە تىبەتچە،خەنزوچە،توخارچە،سوغدىچە ۋە يەرلىك ھىندىئانچە  سۆزلۇكلەرمۇ ئارلاشقان. ھەر بىر قەبىلىدىكى ياشانغان ئاقساقاللار ئۆز قەبىلىسىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋە ئامىرىكىغا كىلىپ قىلىش جەريانىنى پىششىق بىلىدۇ شۇنداقلا ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۆگىتىدۇ. يىقىنقى زامانلاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلىرىگە مەكتەپ ۋە چىركاۋلار سىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردىن كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى، پوپ ۋە باشقا كەسىپتىكى خادىملار يىتىشىپ چىققان. ئۇلار تاشقى قىياپەت جەھەتتىن گەرچە يەرلىك ھىندىئانلاردىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ،ئەمما كىيىم-كىچەكلىرى ھازىرقى ئامىرىكا جەمىيىتى بىلەن ماسلىشىپ بولغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسىملىرىدىن باشقا يەنە ياۋروپاچە ئىسىملارنىمۇ تەڭ قوللىنىدۇ. روھلان تورى ۋە بىجىرىم تورى يوللىدى.
          ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقلەر "ئاپاسكان" قوۋمى ياكى "نادەنە" لەر دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ "ئاپاتسىلتىلىجى" (تۇركچە ۋە تىبەتچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، سۇ بۇيىدىكى جەڭچى تۇركلەر  دىگەن مەنىدە) ، جىكارىللو ( تۇركچە،تىبەتچە بىركمە سۆز بولۇپ، مەنىسى تاغلىق جىكلار - چىكلار ؟- دىگەن مەنىدە)، ئاپاچى ( تۇركچە،تىبەتچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، جەڭچى دىگەن مەنىدە)، ئاپاچى تاگو (تاگولۇق جەڭچىلەر دىگەن مەنىدە، "تاگو" خوتەن بىلەن چەرچەن ئارلىقىدىكى چوڭ بازار بولۇپ، بۇلار تىبەتچە مەنبەلەردە "خور" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلاردۇر) ، نىكولا (جەنۇبى كولۇمبىيىدىكى بۇ قەبىلە ئۆز ئەجدادىنى "نىچاڭ" دىن كەلگەن دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ بەلكىم قەدىمقى نوپچان- لوپنۇر- رايونىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن) ، لىپەن (قەدىمقى تىبەتلەر خوتەننى "لى ئىلى" دەپ ئاتىغان، پەن قەدىمقى خوتەن رايونىدىكى پەنرونا شەھرىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىش)، ناككۇلى(قەدىمقى توخارچە رايونلۇقلار دىگەن مەنىدە) ، جەدكو ( تىبەتچە ئاتامان دىگەن مەنىدە)، سى چىنى ، تولوۋار، خۇپا، مىسكالىرو، كىنكىيە(يوقارقى  قەبىلە ناملىرىمۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى  قەدىمقى يەر جاي ناملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىش)  قاتارلىق قەبىلىلىرى بار.
    http://bijirim.com
           ئامىرىكىدىكى بۇ قەۋم توغرىسىدىكى تەتقىقات ئامىرىكا،كانادا، تۇركىيە ۋە دۆلىتىمىزدە خىلى چوڭ تەسىر قوزغىغان. مەزكۇر تىمىدىكى مەزمۇنلار كانادالىق تەتقىقاتچى ئىتىل.گ.سېتىۋارتنىڭ(Ethel G.Stewart ) تەتقىقات ماقالىسى-ئەسلى ئەسەرنىڭ نامى "Dene and Nadene redskiner " ( دېنى ۋە نادېنى قىزىل تىرىلىكلەر ) - دىن قىسقارتىپ ئىلىندى.

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    9

    تېما

    21

    دوست

    2635

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 23:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تارىخمۇ  ئېچىلۋاتىدۇ  . .......... بىلىۋالدىم رەخمەت  .

    0

    تېما

    7

    دوست

    2109

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 23:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسى ئەنە شۇنداق قورقۇنۇشلۇق،جان ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تەرەپ تەرەپكە قاشقۇلۇق، بۇيەدىكى بىر مەسىلە چىڭغىس خان قاراخانلاردىن  بۇرۇنمۇ ياكى كىيىن مۇ؟ بۇرۇن بولسا چۈشۈنىشكە بۇلىدۇ كېىن بولسا ئۇ ۋاقتا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دئىننى قۇبۇل قىلىپ 2 ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بۇلىدۇ ئۇيغۇرلار مىلادى 950 يىللىرى سۇلتان ساتۇق بۇغىرانىڭ دەۋىتى بىلەن مىلادى 1000 يىللىرنىڭ 10 20 يىللىرى ئارلىقتا ئىسلام دىنى قۇبۇل قىپبولغان بۇنىڭدا بولسا 1233 يىللىرى دەپ يېزىغلىق

    4

    تېما

    3

    دوست

    1710

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 00:56:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 23:25
    ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسى ئەنە شۇنداق قورقۇنۇشلۇق،جان ساقلاپ  ...

    سەدىچىن نىڭ ئچىدىكىلە ، ئالتاي تەرەپتىكىلە تىخى مۇسۇلمان بولمىغان چاغىتاي دەۋرىدە ئاندىن تولۇق  ئاخىرلاشقان،ئىمان ئىتمىغانلىرى تەترىجى خەنلەگە تىببەتلەگە سىڭىپ كەتكەن .

    4

    تېما

    3

    دوست

    1710

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 01:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇنداق بولغان دا ئامرىكا قۇرۇقلىقىنى بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئاۋال بايقاپتىكەنغۇ، بۇ بولماپتۇ ئامرىكا قىتئەسىنى تۈجى بايقاشنى قايتا يازسا بولغۇدەك.

    46

    تېما

    34

    دوست

    3758

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 01:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇنىڭغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ.... بۇ ھېلقى، ‹‹ھىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ››
    دېگەن ئاقماس تېما بىلەن بىر تۈردىكى تېمىدەك قىلىدۇ.... ئەسەت سۇلايماننىڭ بۆرە توتېم مەدەنىيتى ناملىق
    كىتابىنى ئوقۇغانلار بولسا بۇ تېمىنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بايقىۋالالايدۇ.....
    ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ھىندىئانلار بولسا مۇز ئېراسى دەۋرىدە بېرنىگ بۇغۇزى مۇز تۇتۇپ قۇرۇقلۇق ھاسىل بولغاندا
    ئۆتۈپ قالغان ھۇنلاردىن بۇرۇن شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشىغان دىلارنىڭ بىر تارمىقى.
    دۇنياغا داڭلىق ئالىم مورگاننىڭ قەدىمكى جەمئىيەت ناملىق كىتابىدا‹‹ ھون ئېمپىريىسى قۇرۇلغاندا ھىندىئانلار تېخى ئاران تاش قۇرال دەۋرىدە ئىدى.›› دەپ قەيت قىلىنغان. ھەممىمىز بىلىمىز ھون ئېمپىراتورىنىڭ بېشىدا ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن بۈركۈت شەكىللىك ئالتۇن تاج بار. دېمەك ھونلار ئالتۇن تاۋلاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندە، ھىندىئان دەپ ئاتلىۋاتقان تۈركىي قوۋۇملارنىڭ بىر تارمىقى تاش قۇرال دەۋرىدە تۇرغان.
    ئەگەر يۇقارقى ماقالىدىكىدەك بولغاندا، ھىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قورقۇپ قاچقان ۋاقتى ئەڭ گۈللەنگەن قاراخانىيلار دەۋرى تۇرسا، كېمە بىلەن تىنچ ئوكيانغا سەپەر قىلىپ ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا بارالىغان مۇشۇنداق مەدەنىيەتلىك بىر خەلىق قانداق قىلىپ يەنە ياۋايى ھالەتتە كىيىم كەيمەي ياشاپ قالدى؟ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا ئەڭ دەسلەپ بارغان ياۋروپالىق ئېكسپېدىيچىلەردىن  كولومبو، دىئاس، ئامېرىگو قاتارلىقلارغا ئۇچۇرغان ھىندىئانلار بۇنىڭ دەلىلى....
    ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك. ھەممىمىزنى ئاللاھ ئەقلىمىز بىلەن ياراتقان ئازىراق ئانالىز قىلىپ باقايلى ئالدىراپ شامالغا ئەگەشمەيلى.... ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالساق بۇنىڭ ماھىيىتى ئاپتاپتەك ئايدىڭدۇر.....

    باھا سۆز

    خاككىر  توغرا دەيسىز 13 ئەسىردە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆچكەن بۇلۇشى مۇمكىن  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 21:10

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 10:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 23:25
    ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسى ئەنە شۇنداق قورقۇنۇشلۇق،جان ساقلاپ  ...

    بىلگە كۆل قىدىرخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان ۋاختى مىلادىيە 850 – يىلىدىن 880 – يىللىرى ئارىلىقىدا،
    سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۇرۇپ تەخىتكە چىققان ۋاختى مىلادىنىڭ 920-يىلى.مىلادىيە 1210 – يىلى چىڭگىزخان قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىش ئۈچۈن قوجۇغا ئەلچى ئەۋەتتى.
    مىلادىيىنىڭ 1218 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ جەبەنويان باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرى زور قوشۇن بولۇپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن كۈچلۈكنى يوقاتتى. كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ۋە خەلقلەر ئارقا – ئارقىدىن قوزغىلىپ كۈچلۈكنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخانغا تەسلىم بولدى. كۈچلۈك قەشقەرنىڭ غەربىدىكى پامېر ئىگىزلىكىگە قاراپ قاچقاندا جەبەنوياننىڭ ئاۋانگارت قوشۇنىدىكى ئىسمايىل سارىق قولغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۆلتۈردى. ئارقىدىنلا موڭغۇل قوشۇنلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى. قەشقەردىكى قاراخانىيلار خانى يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇللارنىڭ تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان ھۆكۈمرانلىقى قەشقەر رايونىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلدى.
    8#
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

    0

    تېما

    0

    دوست

    88

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 20:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دىمىسىمۇ  ئاغزىغا كەگەننى  بىلجىرلاپ تۇ

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 18:51:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ماۋۇ مۇشۇ ئامرىكىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت يىزىلغان كىتابتىكى بايانلاركەن. قارىماققا خىلى ئاساسى باردەك بىلىنۋاتىدۇ






    ماۋۇسى شۇ كىتاپ ئىكان.
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 07:41 , Processed in 0.420127 second(s), 36 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش