• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 1217|ئىنكاس: 7

    سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    84

    تېما

    30

    دوست

    2670

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 22:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئاتوم بومبىسى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل- [ھەربىي ئىشلار]

    جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى پىلانى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەم ئەمەلىي ياردەملىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭ سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىگە كىرىشىدە ئوينىغان رولى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت سىرلارنىڭ بىرىدۇر.

    1958-يىلى ئاۋغۇست ۋە 1959-يىلى ئۆكتەبىردىكى ماو بىلەن خرۇشېۋ سۆھبىتى ئىككى كوممۇنىستنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

    جۇڭگو-سوۋېت يادرو ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى بۈگۈنكى رۇسىيە ۋە جۇڭگو تارىخچىلىرى ھەم ئوقۇرمەنلىرىنى ئىزچىل جەلپ قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تېما بويىچە جۇڭگو ۋە رۇسىيىدە جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىدە كۆپلىگەن تەتقىقات، ئاممىباب ۋە ئۇچۇر خاراكتېرلىك ئەمگەكلەر مەيدانغا كەلدى.

    رۇسىيە تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ موسكۋادا چىقىدىغان "ۋرېميا نوۋوستېي" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان " خرۇشېۋ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا يادرو بومبىسىنى بەرمىدى؟ ئاتوم مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى قانداق بۇزدى؟ ؟" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا خرۇشېۋ-ماۋزىدوڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئاتوم بومبىسى ئامىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتقان ئەسەردۇر. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگودىكى ھەر خىل توربەتلەر ئۇنى تەرجىمە قىلىپ، كەڭ تارقاتقان.

    ماۋزىدوڭ زېدۇڭ ئاتوم بومبىسىغا باشتىلا قىزىققان

    ئۇنداقتا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ماۋزىدوڭ زېدوڭنىڭ ئاتوم بومبىسى پىلان قانداق تۇغۇلدى؟ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ماۋزىدوڭ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىلا ئاتوم بومبىسى ياساشقا قىزىققان بولۇپ، 1949-يىلى، باھاردا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى فىزىكا ئالىمى چيەن سيەنجاڭنى ياۋروپادا ئېچىلغان دۇنيا تىنچلىقى يىغىنىغا ئەۋەتكەن. كوممۇنىستلارنىڭ مەقسىتى فرانسۇز ئالىمى كىيورى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەلگۈسىدە قۇرماقچى بولغان ھازىرقى زامان فىزىكا ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ماتېرىياللار توپلاش ۋە ئەسلىھەلەرنى ھەل قىلىش ئىدى.

    ئاپتور ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، 1946-يىلى، ماۋزىدوڭ زېدوڭ " ئاتوم بومبىسى ئامېرىكا ئەكسىيەتچىلىرى كىشىلەرنى قورقۇتىدىغان بىر قەغەز يولۋاس. قارىماققا ئۇ قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس." دېيىش ئارقىلىق ئاتوم بومبىسى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ تۇنجى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    رۇس تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى، 10-ئايدا جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ قارمىقىدا ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلغان. مەزكۇر ئىنستىتۇت كېيىنچە ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىنستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

    ئارقىدىنلا 1953-يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى 26 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى موسكۋاغا يادرو تېخنولوگىيىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن بولۇپ، س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئالېكساندىر نېسمېيانوف سوۋېت ھۆكۈمىتىگە جۇڭگو ۋەكىللىرىنى ئاتوم ھەققىدە پەقەت ئومۇمىي چۈشەنچە خاراكتېرلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىدە، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماي قايتىپ كەلگەن.



    ماۋزىدوڭ قەتئىي تۈردە جۇڭگو ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇش كېرەك دېگەن قارارغا كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشنى كېرەك ئىدىۈ زاتەن بۇ ۋاقىتتا بىردىن-بىر سوۋېت ئىتتىپاقىلا جۇڭگوغا يادرو تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشى مۇمكىن بولۇپ، باشقا يادرو دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ ياردىمىنى ئويلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.



    خرۇشېۋ ماۋزىدوڭنى ئاتوم پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن ئىدى



    ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 1954-يىلى، ئۆكتەبىردە خرۇشېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا ماۋزىدوڭ زېدوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خرۇشېۋتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، خرۇشېۋ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ۋەدە بەرمىگەن ھەمدە ئەكسىچە، ماۋزىدوڭنى ئاتوم پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىپ، "ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىسادىي چىقىم سەرپ قىلىنىدىغانلىقى"، جۇڭگونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك سانائەت ھەم ئىقتىسادىي كۈچى يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن.



    مانا بۇ ماۋزىدوڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئاتوم بومبىسى ياساشقا ياردەم بېرىشنى رەسمىي يوسۇندا سورىشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىپ، تاماكىسىنى ئېغىر بىر شوراپ جىم بولغان.



    ئۇيغۇر دىيارىدا بىرلىكتە ئۇران ئىزدەش



    ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ يېزىشىچە، بىراق، خرۇشېۋنىڭ ماۋزىدوڭنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشىغا قارىماي، 1955-يىلى، 20-يانۋار كۈنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلىكتە ئۇران كانلىرىنى تېپىش ۋە ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم بويىچە جۇڭگو تاپقان ئۇرانلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش بېكىتىلدى. جۇڭگو-سوۋېت گېئولوگلىرى بىرلىكتە شىنجاڭدىن ھەمدە پۈتۈن جۇڭگو بويىچە كەم ئۇچرايدىغان ۋە رەڭلىك مېتاللارنى جۈملىدىن ئۇران مەنبەلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە جۇڭگودا ئاتوم خام ئەشيالىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك رايونىدىكى ئۇران كېنىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلىندى.

    مەنبە : بۆرەيار بىلوگى

    4

    تېما

    3

    دوست

    1710

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 10:43:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامىچۇ؟

    0

    تېما

    7

    دوست

    2107

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاتوغا ئشلىنىدىغان، ئۇران، پلۋتۇنى چۆچەك ۋىلايىتى قۇبۇقسار ناھيەسىگە قاراشلىق دەم، دىگەن يەردە تىپىلغان بۇلۇپ بۇنى گومىينداڭ ۋاقتىدىلا روسلار تاپقان، ھازىر 3-4 يىل بولدى خىتايلار قايتا ىېچىۋاتۇدۇ تەخمينەن 8000 ، قازغۇۋچىلار بار

    0

    تېما

    7

    دوست

    2107

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:23:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەيران قالارلىغى بۇ يەردىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تارقالغان ئورنى كەڭ ۋە مول بۇلۇپ، قىشتا قار ياغسا  يېرىپ، ھورغا ئايلىنىپ كىتىدۇ ياۋا مىېۋىلەر ئادەملەر تىېككەن ئالما مىېۋىلىرى ئادەم بەدىنىگە زىيان بولمايدۇ، ئوت- چۆپلەر پادىلارغا تەسىرى بولمايدۇ

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تىما ئىكەن،شۇڭا ھەممىسى مىھرىنى ئۇزەلمىگەن ئىكەندە.
    ئوتۇنچى ئەپەندىم بەك كەم دىدار بولۇپ كىتىۋاتىلا،قىشتا ئوتۇننىڭ سودىسى ياخشى بولىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟

    باھا سۆز

    ئوتۇنچى  كومپىيوتېرىم تازا ياخشى بولالماي شۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 22:07

    3

    تېما

    11

    دوست

    2042

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 11:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سوۋىتلەر شېڭ نىڭ ۋاختىدا ئۇيغۇرنىڭ ئىلى تاغلىردىن ئاتامغا كىرەكلىك ئۇراننى بايقىغان،بۇ دەل 2-دۇنيا ئۇرشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن دەۋرى ئىدى،كىم ئاتۇمغا بالدۇر ئىگە بولسا شۇ جاھاننىڭ خوجىسى بولاتتى دە جاھاندىكى ھاكىميەت كۈچلەنىڭ ئاكىسى بولاتتى ،سىتالىن دائىرلىرى ئۆززىمىنلىردىن ئۇران بايقىيالماي تىت-تىت بولۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇردا ئۇران ئىزدەۋاتقان ئورۇس كانچىلىرى ئىلى تاغلىردىن ئۇراننى بايقايدۇ ۋە بۇ خوش خەۋەرنى سىتالىن دائىرلىرگە يەتكۈزدۇ،سوۋىت دەرھال بۇ ئۇرۇنلانى قىزىپ ئىلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ،لىكىن 2-دۇنيا ئۇرشىدا سوۋىتنى نىمىسلار تەرپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ !سىتالىن تۈگىدى ....!دەپ پەرەزقىلغان شېڭ ئۇيغۇردىكى ئورۇس كانچىلىرۋە قىزىل ئارمىيە نىڭ مەلۇم پولىكىنى كۈدە -كۆپىسنى كۆتەتىپ ئۇيغۇردىن ھەيدەپ چىقىردۇ....پۈتۈن ئەسيادى ئۇراندا قالغان سىتالىن كۆزئالدىدى(ئۇيغۇر)كى ئۇراننى ئالامماي قوڭى ئىچىشىپ ئولتۇرامماي غاڭزىسىنى شوراپ :خەپ شېڭ!!!دەپ نەچچە كۈن ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ يۈرۈيدۇ.....

    0

    تېما

    0

    دوست

    24

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 17:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئىككى ئىتنىڭ دوستلىقى بىزەگ زىيانلىق. بولسا بۇ ئىككىسى بىر ئۇرۇشۇپ قالسا ياخشى بولاتتى.

    0

    تېما

    7

    دوست

    2107

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 22:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 17:19
    بۇ ئىككى ئىتنىڭ دوستلىقى بىزەگ زىيانلىق. بولسا بۇ ئىكك ...

    خىتتاي بار ئاماللارنى ئىشقا سىلىپ ئۇرۇسنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ قوۇڭىدىن چىقىۋاتسا ئۇرشامدا، ئۆلسىمۇ ئۇرۇشمايدۇ ئۇرۇشقاننىڭ ئورنىغا قارا سومكىلانى بېرىپ تۇردۇ بولنىسى ساختا 5000 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت 0 بۇلاپ قالىدۇ
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-1 23:32 , Processed in 1.457522 second(s), 33 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش