• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 8

    دورال قەدىمى شەھەرى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    26

    تېما

    12

    دوست

    933

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 16:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    لوپتېكىن

    دورال قەدىمى شەھەرى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تىكەنلىككە جايلاشقان بولۇپ،لوپنۇر ناھىيىسىگە 180كلومىتىر كىلىدۇ.ھازىرقى يىزا ئېگىلىك 2-دىۋىزىيەسى 34-پولىكنىڭ 5-لىيەنىگە توغرا كىلىدۇ.لوپنۇر چارقىلىق تاش يولى 218دۆلەت يولىنىڭ ياقىسىغا جايلاشقان.
    دورال شەھىرىنىڭ دائىرسى  97 مىڭ 564 كوۋادىرات مىتىر بۇلۇپ، تۆت  تەرىپىگە سىپىل سىلىپ چىققان، سىپىلنىڭ  شىمالىدىن جەنۇپقا بولغان ئارلىغى 328.5 مىتىر،  شەرقتىن – غەرىپكە بولغان ئارلىغى 297 مىتىر،  سىپىلنىڭ ئاستى ھۇلىنىڭ كەڭلىگى 6.9 مىتىر ، ئۈستى كەڭلىگى 4 مىتىر ئەتىراپىدا بولغان.  سىپىلنىڭ ئىگىزلىگى  12 مىتىر بۇلۇپ،  سىلىپنىڭ  ئۈستىگە  50 مىتىر  ئارىلىقتا قوغدۇنۇش ئۆيلىرى  ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تۆت بولۇڭىغا ئوخشاشلا قاراۋۇلخانىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قوغدىنىش ئۆيلىرىنىڭ تۆت تەرىپىگە چوڭ  – كىچىك  توشوكچىلەر  قۇيۇلغان. سىپىلنىڭ غەربىي تەرىپى ۋە شىمال تەرىپىگە  ئىككى چوڭ دەرۋازا قۇيۇلغان  دەرۋازىنىڭ كەڭلىگى 8.5 مىتىر ،  ئىگىزلىگى 8.5 مىتىر بولغان، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە  قاراۋۇلخانا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ، سىپىل ئىچىگە  كىسىپ ئۆتىدىغان  تۆت چوڭ يول سىلىنغان بۇلۇپ،  يول ئەتىراپىغا تۆتكە بۆلۇنگەن ئۆيلەر سېلىنغان، شىمال تەرىپىگە ھەربىي ، مەمۇرى باشقۇرۇش بىناسى ، ئىككى تەرىپىگە  ھەربىي مۇھاپىزەتچىلەر بىناسى، لەشكەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى، ئەمەلدارلار ۋە لەشكەرلەرنىڭ  ئائىلە تۇرالغۇ ئۆيلىرى رەتلىك سىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سىپىل سىرتىدا رەتلىك سىلىنغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ  ئولتۇراق ئۆيلىرى ، سودا سىتىق دوكانلىرى رەتلىك سىلىنىپ ئاۋات شەھەر بىنا قىلىنغان.
    1893 – يىلى ۋىي گاڭتۇ دىگەن  ئادەم مەسئول بۇلۇپ پىلانلاپ، دورال شەھىرىنى سالدۇرغان، شەھەر قۇرۇلۇشىنى تامو دىگەن ئادەم مەسئول بۇلۇپ پۇتتۇرگەن، دورال شەھىرىنىڭ ئورنى ئەسلى دىگەن  يەر بۇلۇپ، بو جايغا شەھەر بىنا قىلىشتىكى مەقسەت، بو جاي كۆنچى  دەرياسىنىڭ   دوقمۇشىغا  تارىم دەرياسىغا يىقىن بولغانلىغى ئۈچۈن،  بوز يەر ئىچىشقا بەكمۇ  قولايلىق ئورۇن بولغان ھەمدە كورلىدىن  چاقىلىققا بارىدىغان قاتناش  يولىنىڭ  ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ، دورالدىن شەرقى جەنۇپقا چاقىلىق ئارقىلىق چەرچەن، خوتەنگىچىلىك بارغىلى بولاتتى.  شەرقى شىمال يولنى بويلاپ، چاقىلىق ئارقىلىق  دوڭخۇاڭ، چىڭخەيگە بارغىلى بولاتتى. شىمال تەرىپى تۇرپان، پىچان، ئۇرۇمچى تەرەپلەرگىمۇ بارغىلى بولاتتى. كورلا  ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەممە تەرىپىگە بىرىش ئىمكانىيىتى بار  بولۇپ،  دورال شەھىرى شۇنداق قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، باشقۇرۇش  دائىرىسىدىن ئالغاندا ، بۇ شەھەرنىڭ  ئورۇنلىشىشى ئوتتۇرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، باشقۇرۇشقا قويلايلىق ئىدى.
    دورال  شەھىرىدە  ۋە مەمۇرى ھەھكىمە قۇرۇلۇپ، ناسىر گوڭ دىگەن  كىشىنىڭ  ئۇزۇن مۇددەت باشقۇرۇشىدا بۇلۇپ كەلگەن. باشقۇرۇش دائىرىسى كەڭ بۇلۇپ، چاقىلىق، چەرچەن، شايار، كورلا قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان.  ئو تەۋەسىدىكى  لوپنۇرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى  يەنى دوڭقۇتان  رايونى، شىڭ پىڭ رايونى، چارا، ئاقسۇپا، تىيىز كۆل ، ئولۇقكۆل، كۆزلەك، يىڭسۇ قاتارلىق جايلارنى ئومومىيۇزلۇك باشقۇرغان.
    سىپىل ئىچىگە  تۇرپان، كورلا  قاتارلىق جايلاردىن ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرنى ، زىننەت دەرەخلىرىنى  ئەكىلىپ تىكىپ ئۆستۇرگەن.  دۇرال شەھىرىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ يىل ۋاقىت كەتكەن. سىپىل ئومومىيۇزلۇك  ئادەم كۈچى بىلەن سېلىنغان ، سىپىل سىلىشقا ھەر يىلى 2 مىڭ ئادەم قاتناشقان، سىپىلنى سىلىش ئۈچۈن  تۇرپان، پىچان ، لۈكچۈن تەرەپلەردىن كورلا ، چاقىلىق، كۈچا تەرەپلەردىن كۆپلىگەن ئادەملەرنى يۆتكەپ كىلىپ،  سىپىل قۇرۇلۇش ئەمگىگىگە  يەرلىك خەلق بىلەن بىرگە  مەجبۇرى قاتناشتۇرغان. لەشكەرلەر ئەمگەكچىلەرنى كىچە – كۈندۇز  مەجبۇرى  ئەمگەككە سالغان. نارازى بولغۇچىلار ۋە قاچقانلارنى سىپىل تامنىڭ ئىچىگە تىرىك  كومۇۋاتقان. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆي مانالىرىدىن ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن ئايرىلغان. سىپىل ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قان – تەرى ، جاپالىق ئەمگەك قىلىشى  بىلەن پۈتۈپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا دۇرال شەھىرىنىڭ  ئاھالىسى 9 مىڭ 600 دەك كىشى بۇلۇپ،  بۇنىڭ ئىچىدە  يەرلىك خەلق 1 مىڭ 200 ئەتىراپىدا، خەنزۇلار 200 ئەتىراپىدا، تۇرپان، تۇقسۇن، پىچان، لۈكچۈندىن  يۆتكەپ كەلگەنلەر 200  ئائىلە ئەتىراپىدا، بۆز يەر ئۆزلەشتۇرۇش ئۈچۈن كەلتۇرۇلگەن  خويزۇلار 8 مىڭ ئەتىراپىدا بولغان. دۇرال شەھىرى  1911 – 1912 –يىلغا كەلگەندە  سۇئاپىتى  يۇز بىرىپ، دۇرال دەريا توسمىسىنى بۆسۇپ كىتىش بىلەن دۇرال ئەتىراپى كۆلگە ئايلىنىپ، دۇرال شەھىرى ۋايران بولغان.  دۇرال شەھىرى باشقۇرۇش مەھكىمىسى تىكەنلىك  رايونىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چاڭقۇلى دىگەن  جايغا يۆتكىلىپ بۆز يەر ئىچىپ، دىھقانچىلىق قىلغان بولسىمۇ، قۇرغاقچىلىق  ئاپىتىنىڭ  داۋاملىشىشى بىلەن  بۇ يەرنى تاشلاپ كىشىكە مەجبۇر بولغان.
            1912 – يىلغا كەلگەندە ، دۇرالدا سۇ قىس بۇلۇپ، تىرىقچىلىق  ئىشلىرى راۋاج تاپماي، دۇرالنى بىر مەزگىل ئاۋات قىلغان كىشىلەر ، ھاياتلىق يولى ئىزدەپ تەرەپ – تەرەپكە  تارقىلىشقا باشلىغان.
            دۇرالدىكى ئادەملەر توپى  تارقالغاندىن كىيىن، تۇرپان ،لۇكچۇنلەردىن  دۇرالغا كەلگەن كىشلەر ، بىر – بىرلەپ  ھازىرقى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ 210 كىلومىتىر  شەرقى جەنۇپى، قۇرۇق تاغ شىڭدىنىڭ 150 كىلومىتىر جەنۇبى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ 40 – 50 كىلومىتىر شەرقى شىمالىغا كىلىپ ، كۆنچى دەريسىنىڭ 40 كىلومىتىر جەنۇبى تەرىپىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئالىم سالغان دىگەن يىرىدىن ئايرىلىپ شەرقى جەنۇپقا ماڭغان بۆلىكى  تىكەنلىك دەريسىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىنى بويلاپ  ئولتۇراقلاشقان ، بارا – بارا  تۇرپاندىن كەلگەن  كىشلەر بىر  يەرگە توپلۇشۇپ تۇرپانلىقلار مەھەللىسىنى تەشكىل قىلغان. كىيىن ۋاقتىنىڭ ئۆتۇشى بىلەن تۇرپان  مەھەللىسى دەپ ئاتالغان. لۈكچۇن تەرەپتىن كەلگەن  كىشلەر بىر يەرگە توپلۇشۇپ لاشىنلىقلار مەھەللىسىنى تەشكىل قىلغان ، كىيىن ۋاقتىنىڭ ئۆتۇشى بىلەن لاشىن  مەھەللىسى دەپ ئاتالغان.

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 19:12:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاستىغىمۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ .
    تارىخى ناھايىتى قىسقا شەھەركەن ، ئۇ جايدىكى خەنزۇ ، خۇيزۇلار نەگە كېتىپتۇ ... داۋامى بارمۇ - يە ؟

    46

    تېما

    34

    دوست

    3762

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 19:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دورال قەدىمى شەھەرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!

    38

    تېما

    29

    دوست

    5616

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    سەردار لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 20:27:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۆپ تەشەككۈر

    9

    تېما

    21

    دوست

    2633

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 22:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،جاپا چەكتىڭىز

    4

    تېما

    3

    دوست

    1710

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 09:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خەلىقنى قاقشىتىپ قۇرغان شەھەركەنتۇق ،ئەل قىساسى مىنەل ھەق دىگەندەك ئۆمرى قىسقا بوپ قاپتۇ.

    0

    تېما

    7

    دوست

    2109

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 11:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇنداقمۇ بىر شەھەر ئۆتكەن دەڭ،ھازىرقى لوپنۇرلىقلار ئاسەسەن تۇرپانلىقلاردىن تەركىپ تاپقانكەندە

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:59:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئىكەن بۇ ،بۇنى شەھەر دىگەندىن كۆرە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان قورغان دىسەك بولغۇدەك.

    11

    تېما

    4

    دوست

    444

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 17:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يېڭى ماتىرياللار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم .
    تىلىڭنىڭ ئەقلىڭدىن بۇرۇن ھەركەتلىنىشىگە يو
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 12:06 , Processed in 0.353112 second(s), 31 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش