• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 521 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئاقسۇ 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(4)] [...]

      [جۇشى] دېگەن قازاقنى چەكلەشكە قوشۇلىدىغانلار بارمۇ؟ قوشۇلىدىغانلار بېلەت تاشلاڭلار!

    • ساداقەت 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(11)] [...]

      ئۇيغۇرچە يېزىقتا يېزىلمىغان ئىنكاس، تېمىلار  بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ.

    • ئوتۇنچى 2015-1-25 02:58 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئىنكاسنى تەستىق ھالىتىگە ئۆتكۈزدىغان يەرگە كەلدى !!!!

    • ساداقەت 2015-1-21 15:07 [ئىنكاس(1)] [...]

      قازاقلار ۋە قازاقىستان ھەققىدە دىگەن تېما بەك قىزىپتىغۇ

    • ئوتۇنچى 2015-1-21 02:11 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەردىكى بىرنەچچە تورداش دىققەت قىلۋېلىڭلا پېقىرنىڭ پالتىسى ئۆتكۈردۇر

    • ئوتۇنچى 2015-1-16 18:41 [ئىنكاس(5)] [...]

      ئوتۇنچىدىن مۇنبەرئەھلىگە سالام كۆزۈڭلەرگە سەت كۆرنۈپ يەنە قايتىپ كەلدىم

    • ھېدايەت 2015-1-11 11:18 [ئىنكاس(5)] [...]

      بىر زوردىن سابىردىن سوراپتكەن، ‹‹بىزدىن نوبىل مۇكاپاتىغائېرىشىدىغانلار چىقمامدۇ؟›› دەپ،زوردىن سابر

    • ئاقسۇ 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(3)] [...]

      ئالجىپ قالغان قازاقلارنىڭ ھەمىسى بىزنىڭ توربەتكە كىرىپ ئاغىزىغا كەلگىنىنى جۆيلىيدىغان بوپ قاپتۇ...

    • admin 2015-1-31 00:57 [ئىنكاس(1)] [...]

      كەچۈرۈڭلا سانداندىن مەسىلە چىقىپ نەچچە كۈنلۈك ئۇچۇرلا ئۆچۈپ كەتتى

    • ئوتۇنچى 2015-1-25 02:51 [ئىنكاس(2)] [...]

      فىئات دىگەن چەكلەندى !!!!

    • ئوتۇنچى 2015-1-21 02:57 [ئىنكاس(1)] [...]

      ۋاي يېرىم چېلەك سۇ !!! باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ھۆرمەت قىلماي دىگەن گېپىنى !!!!!

    • ھېدايەت 2015-1-20 23:39 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەرنى پىتىغلاپ ساراڭدىن  يەنە بىرى كىردىمۇ نىمە ؟ باشقۇرغۇچۇلۇرۇم قانداق ئىنكاس بولسا تەستىقلاۋىرە...

    • admin 2015-1-16 02:25 [ئىنكاس(1)] [...]

      جاۋاپ قېرىدىشىم تېمىڭىزنى تەھرىرلەپ اندىن ەسلىگە كەلتۇرۇپ قوياي توغرا چۈشەنگەيسىز

    • ھېدايەت 2015-1-9 00:03 [ئىنكاس(2)] [...]

      ھەجەپ بىر 2سائەتتىن بىرى يازغان خەتلىرىم يوق بولدى ،نىمە قىلىشىمنى بىلمىدىم ،ئەقلىمدىن ئازمىسام بولات.....

    كۆرۈش: 4005|ئىنكاس: 5

    سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ قوزغىلىڭى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    151

    تېما

    15

    دوست

    7590

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 10:48:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ قوزغىلىڭى



        ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى ماناس دەرياسىنى پاسىل قىلىپ گومىنداڭ كۈچلىرى بىلەن تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە قۇمۇل تاغلىرىدا يەنە مىلتىق ئاۋازى ياڭرايدۇ.   
        گومىنداڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق 178- بىرىگادىسىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا چىدىمىغان قۇمۇل تاغلىقلىرى سېيىت قۇربان، دۆلەتخان ۋە ئونانبايلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ.

        شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «11 بىتىم» ئىمزالىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇمۇل تاغلىرىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ. ئەسلىدىنلا ئىلى ئىنقىلابىغا گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن ئالتاي قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئوسمان ئىسلام سىياسىي جەھەتتىن تەۋرىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلانغان گومىنداڭ دائىرىلىرى ئۇنى ئاستىرتىن ئۆزىگە تارتىپ ئىلى تەرەپنى پارچىلىماقچى بولىدۇ.

        1946- يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوسمان ئىسلامنىڭ بىر قىسىم قوراللىق كۈچلىرى بارىكۆل تەرەپكە سۈرۈلۈپ، قۇمۇل تاغلىرىدىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى بۇلايدۇ. قۇمۇلنىڭ شارلا تېغى بىلەن نېرناسۇ تاغلىرىنىڭ يېزا باشلىقلىرىدىن سېيىت قۇربان بىلەن ئونانباي قاتارلىقلار خەلقنى تەشكىللەپ مال-چارۋىلىرىنى قوغداشقا تەييارلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاددىي ئوۋ قوراللىرى بىلەن قوراللىنىپ ھەرىكەتچان كۈچ سۈپىتىدە ئۇيۇشۇشى  گومىنداڭنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق 178- بىرىگادىسىنى ساراسىمغا سالىدۇ.

        شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى گومىنداڭ تەرەپ ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىنى پىششىق بىلىدىغان ساڭ فامىلىلىك بىر گومىنداڭ كوماندىرىنى تاغقا ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭ  مەقسىتىنىڭ سېيىت قۇربان ۋە ئونانباي قاتارلىق يۇرت ئاقساقاللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تاغ خەلقى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. سېيىت قۇربان بىلەن ئونانبايلار شارلا تېغى بىلەن كۆشۆتە داۋىنىنى بازا قىلىپ ھەر بىرى 40 تىن قوراللىق پارتىزان تەشكىللەيدۇ. كېيىنچە دۆلەتخان 20 دەك قوراللىق ئەسكىرى بىلەن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلىدۇ.

        شۇ يىلى 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سېيىت قۇربان ئۆز ئەسكەرلىرىنى كۆشۆتە داۋىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇمۇل شەھىرىدىن قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تاغقا قاراپ كېلىۋاتقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنى توسىدۇ. ئۇ بىرقانچە كىلومېتىر ئارىلىقتىن قارىغا ئېلىپ گاز ماشىنىنىڭ كابىنكىسىدا ئولتۇرغان گومىنداڭ ئوفىتسېرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. كۈتۈلمىگەن بۇ زەربىدىن سېپى بۇزۇلغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قۇمۇل شەھىرىگە قاراپ قاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار پۈتۈن تاغ رايونىنى كونترول قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلارنىڭ سانى ناھايىتى تېزلا بىرقانچە يۈزگە يېتىپ جەڭگىۋارلىقى ئاشىدۇ ھەمدە قۇمۇل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ تاغ قوزغىلاڭچىلىرىنى قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىرقانچە قېتىملىق ھۇجۇمى ئېغىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن گومىنداڭنىڭ قۇمۇلدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە كاتتىۋاشلىرى سۈلھى يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ، يەرلىك ساقچى باشلىقلىرىدىن خالىق ۋە يۈسۈپ مۆمىنلەرنى تاغقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئىككىيلەن تاغقا چىقىپلا سېيىت قۇربان باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.

        ئامالسىز قالغان گومىنداڭنىڭ قۇمۇلدىكى يەرلىك دائىرىلىرى ئەھۋالنى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدۇ. جاڭ جىجۇڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئارىغا چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇ ۋەقەنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ۋە «11 بىتىم» نىڭ ئەمەلىيلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇرھان شەھىدى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف باشچىلىقىدىكى مەخسۇس ئۆمەكنى قۇمۇلغا ئەۋەتىدۇ.


        ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېيىت قۇربان باشچىلىقىدىكى قۇمۇل تاغ قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن گومىنداڭ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 6 ماددىلىق سۈلھى ئىمزالىنىپ ئۇرۇش توختايدۇ. ئىلى تەرەپ قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ سېيىت قۇربان باشلىق پارتىزان باشلىقلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى كېيىنچە سېيىت باتۇر قاتارلىق قۇمۇل پارتىزانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە داۋاملىق تۇرۇشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانى بىلەن يوشۇرۇنچە ئىلىغا يولغا سالىدۇ.   
        سېيىت قۇربان قاتارلىقلار ئىلىغا بارغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە ۋە خەلق تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. سابىق شەرقى تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سېيىت قۇربانغا «قۇمۇل باتۇرى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قۇمۇل تاغ پارتىزانلىرىنىڭ رەھبىرى سېيىت قۇرباننىڭ نامى «سېيىت باتۇر» دېگەن شەرەپ بىلەن ھەممىگە تونۇلىدۇ.   
        سېيىت باتۇر 1949- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە غۇلجىدا تۇرىدۇ ۋە مىللىي ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلىدۇ. 1950- يىلىنىڭ بېشىدا يۇرتىغا قايتىپ، قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1958- يىلىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دە قولغا ئېلىنىپ تاكى 1978- يىلىغا قەدەر 20 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ.  
        سېيىت باتۇر 1915- يىلى قۇمۇلنىڭ تاغلىق كەنتى نېرناسۇدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1930- يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كېيىنچە خوجانىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدە مۇھاپىزەتچى ئەسكەر بولغان. خوجانىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ خەلق ئىچىدە ياشىغان. كېيىنچە پالۋانلىقى ۋە قورقۇمسىزلىقى بىلەن تونۇلۇپ، قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ يۇرت بېشى بولغان. سېيىت باتۇر 1985- يىلى ئۆز يۇرتى نېرناسۇدا 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.  

    2014-يىلى ئوغلاقنىڭ 10-كۇنى       مەنبە: ئەلكىن مۇنبىرى

    2

    تېما

    11

    دوست

    3811

    جۇغلانما

    تۈتۈن بەگ

    Rank: 4

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 13:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاڭلىمىغان بىر تارىخ كەن، خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت؛  بىر نەتچە ك م، دىن قارىغا ئالدى دەپسىز ئۇلارنىڭ قولىدا ئاددى ئوۋ قۇرالى تۇرسا ئۇنداق ئىلغار قۇراللار نەدىن كەلگەندۇ،ئۇنداق قۇراللار شۇ ۋاقلاردا بولسىمۇ مۇساپىسى جىق بولسا 1 يىرىم ك م تىر غا باردۇ ، ئۇنداق  قۇراللار ھازىر تەرەققىي قىلىپ 3 تە 5 ك غا يىتىدۇ   نەچچە يۈز مىتىر بولسا بۇللاتتى

    2

    تېما

    1

    دوست

    389

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 20:17:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاڭلىمىغان تارىخكەن .تەشەككۈر

    46

    تېما

    42

    دوست

    7748

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    سەردار لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 19:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاڭلىمىغان تارىخ ئىكەن، ياتقان يېرىڭ  جەننەتتە بولسۇن باتۇرۇم

    3

    تېما

    12

    دوست

    2339

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 23:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاللاھ ياتقان يىرنى جەننەتتە قىلغاي

    12

    تېما

    26

    دوست

    1702

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    سەردار ساداقەت مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 23:11:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سىيىت باتۇر توغرلۇق ئاز-تۇلا ئاڭلىغان،تەپسىلى تارىخىدىن خەۋەردار بولدۇم
    رەھمەت
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-2-9 06:24 , Processed in 0.096727 second(s), 28 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش