• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 11

    چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 10:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن

    (مەھمەت ئاكىف ئەرسوي)


    كىچىك ھەسەننىڭ رەسىمى


    چاناق قەلئە ئۇرۇشغا ھەر كۈنى يۈزلەرچە ياشلار پىدائى بولۇپ كىلىۋاتاتتى. يېڭى ئەسكەرلەرنى دەرھال تەربىيلەپ، تىزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋاتاتتى. يۈز بېشى سىررى بەي يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەرنى تەكشۈرۈپ يوقلىما قىلىۋاتاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ئەسكەرنىڭ چېچىغا خېنە  قويغانلىغىنى   كۆرۈپ  ئەجەپلىنىپ  سورىدى:
    ـ  بالام، ئسمىڭ نىمە؟
    ـ ئسمىم ھەسەن قوماندانىم.
    ـ سەن نەدىن؟
    ـ يوزغاتتىن.
    ـ چېچىڭدىكى نىمە؟
    ـ مەن ئەسكەرلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام چېچىمگە خېنە قويدى.
    ـ نىمىشقا؟
    ـ مەن بىلمەيمەن قوماندانىم.
    ـ ئۇنداق بولسا مەيلى، جايىڭغا بار.
        ھەسەن يوزغات ۋىلايىتىنىڭ سورگۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق قارا ياقۇپلار يېزىسىدىن بولۇپ،تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان كىچىككىنە بالا ئىدى. چاناق قەلئەدىكى ئۇرۇشتا ھەددىدىن ئارتۇق قۇربان بىرىلگەن بولۇپ دۆلەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى
    بولمىغاچقا ۋەتىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن ئاھ ۋەتەن دەپ چىققان بالىلار يىراق-يىراقلاردىن مېڭىپ ھەتتا بەزىلىرى يالاڭ ئاياق ھالەتتە چاناق قەلئەگە كىلىپ پىدائى بولۇپ تىزىملىتىۋاتاتتى. كىچىك ھەسەن ئەنە شۇلاردىن بىرى ئىدى.

    http://v.youku.com/v_show/id_XMzI3NDkxNTA0.html
    ھەسەنگە دائىر فېلىم

    شۇ كۈندىن باشلاپ ھەسەننىڭ سەپداشلىرى ئۇنى خېنە قويغان ھەسەن دەپ زاڭلىق قىلىپ ئوينايدىغان بولدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي سەپداشلىرى ھەسەننىڭ ئاجايىپ ياخشى، ئاق كۈڭۈل، باتۇر ئىكەنلىگىنى بىلدى، ھەممىسى ھەسەننى ھۆرمەت قىلىدىغان بولدى.
        بىر كۈنى ھەسەن ئائىلىسىگە سالام خەت يازماقچى بولدى. ساۋادى بولمىغاچقا دوسلىرىدىن  ياردەم سورىدى ۋە ھەممىسى بىرلىكتە يازدى.
        - جېنىم ئاپا، جېنىم دادا ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر... دەپ باشلىدى، مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئەكىلىتىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى يازدى، ئۈزىدىن چوڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلا، بىزلا بولىدىكەنمىز دۈشمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە بىر قەدەممۇ ئاياق باستۇرمايمىز... دەپ يازدى،غۇرۇر بىلەن خەتنى قاتلىدى. نەدىن ئەقلىگە كەلدى تۇرۇپلا خەتنىڭ ئارقىسىغا نوت دەپ، - ئاپا، دادا مەندىن كىيىن ئىنىمنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتسەڭلار ھەرگىزمۇ چېچىغا خېنە قويماڭلار، مىنى قوماندانىم ۋە دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى زاڭلىق قىلىدۇ ئىنىمنىمۇ زاڭلىق قىلمىسۇن، دەپ يازدى.
        كۈنلەر ئۈتۈشكە باشلىدى، چاناققەلئەنى تىزراق ئىشخال قىلىش ئۈچۈن ئېنگىلىسلار گېلىبولۇغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەسكەرلەر ئارقا- ئارقىدىن شېھىت بۇلۇشقا باشلىدى. ياردەمگە بارىدىغان ئەسكەرلەرمۇ  قالمىدى. ھەسەننىڭ قىسمى دۈشمەنگە يېقىن ئىدى قۇماندان ئەھۋالنى بىلىپ تۇراتتى، نىمە قىلىشىنى بىلمەي تىپىرلاپ كىتىۋاتاتتى. چۈنكى ئەسكەرلىرى يېڭى كەلگەن بالىلار بولۇپ ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەھۋالى يوق ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ھەسەن ۋە سەپداشلىرى قۇماندانىدىن ئۆزلىرىنى ئۇرۇشقا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرىپ تۇرىۋالدى. قۇماندان كىچىك ھەسەنلەرنىڭ ئۈلۈمگە كىتىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ چارىسىزلىقتىن ئۇرۇشقا ئەۋەتتى. گېلىبولۇ گويا قان كۆلىگە ئايلانغان ئىدى. كىچىك ھەسەننىڭ قىسمىدىن ھىچكىم ساق قالمىدى، ھەممىسى شېھىت بولغان ئىدى.

    http://v.youku.com/v_show/id_XMzc1NTQ2Mzk2.html


    ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى قۇماندان سىررى بەيگە بىرقانچە پارچە خەت كەلدى. ھەسەننىڭ يېزىسىنىڭ كاتىۋى خەتنى ھەسەننىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ خەتلەر ئىچىدە ھەسەننىڭمۇ خېتى بار ئىدى. خەتتە ھەسەننىڭ دادىسى:
      ـ جېنىم بالام ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ كالىنى ساتتۇق، بۇنىڭدىن كىيىن يەرنى مەن ھەيدەيمەن. پۇلىسىنىڭ يېرىمىنى ساڭا ئەۋەتتۇق يېرىمىنى ئۇكاڭنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىشكە ئىشلىتىمىز، بىزدىن جاتىرجەم بول.
      ئانىسى:
      ـ جېنىم قوزام، كۈزۈمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە قۇيۇلغان ئۇغلۇم، خېتىڭ كەلدى، گويا دۇنيالار مىنىڭ بولدى، يېزىمىزنىڭ  كاتىۋى ئۇقۇپ بەردى، مەن يىغلىدىم. قۇماندانىڭنى بەك ياخشى دەپسەن، ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يېرىمىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرىقىغاھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما، ئوتقا كىر دېسە كىر،  كارىستىن، سىئىرىتتىن، ئۇشاقتىن، ئادانادىن ئاغىنىلىرىڭ بوپتۇ. ئۆز ئارا چىقىشىپ ئۆتىۋېتىپسىلەر. مانا بۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئۇلارنى رەنجىتمە، ئۇدۇنيا- بۇدۇنيالىق دوسلىرىڭدۇر. ئەگەر رەنجىتسەڭ ساڭا بەرگەن ئاق سۈتۈمگە رازى ئەمەس. قۇماندانىڭ  چېچىڭدىكى خېنىنى سوراپتۇ، بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نىمە بار؟ بالام.  بىزنىڭ يۇرتىمىزداقۇربانلىققا ئاتىغان قوشقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار.مەن سېنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى قىلىپ قۇربانلىققا تاللىدىم.  جېنىم بالام، قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سىېنىڭ ئىشارىتىڭ بۇلىدۇ، مەن ئىنسانلار ئىچىدىن سېنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن، ئاھ جېنىم بالام دەپ يۈرىكىمگە باسىمەن دەپ:  ئاپاڭ خەلىچە.
        قۇمانداننىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاقتەك ياش تۆكۈلدى ئارقىدىن  پوچتىچىغا ؛ـ سىز بېرىپ خېنە ياققان ھەسەننى تېپىپ كىلىڭ بۇ خېتىنى مەن ئۇقۇپ بىرىمەن، ئۇ ساۋاتسىز بولغاچقا ئوقۇيالمايدۇ - دىدى. پوچتىچى ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كىلىپ - قۇماندانىم ھەسەن بىر ھەپتە بۇرۇن ھېرە بۇرنىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا شېھىت بوپتۇ.
      قۇماندان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتتى، ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن، - بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى، قۇربانلار خېنە قۇيۇلغان بۇلىشى كېرەك، بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى خېنە قويغان...  ھەممىسى ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتالغان يىگىتلەر، بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى.

    ھەسەننىڭ شەھىد بولغان  سەبداشلىرى

    شېھىت ھەسەننىڭ يېنىدىن چىققان شېئىردە قۇماندانىغا بىرىدىغان  جاۋاپ يېزىلغان:
    ئانام قۇيۇپتۇ خېنىنى ئاتىدىم دەپ،
    مەن بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان تۇغۇلدۇم.
    ئانامدىن ئاللاھقا ئاخىرقى بىر ھەدىيە ،
    قۇماندانىم، مەن ئىسمائىل تۇغۇلدۇم .


    كىچىك ھەسەننىڭ خاتىرە ھەيكىلى


    مەنبە: كەڭساي مۇنبىرى

    0

    تېما

    7

    دوست

    2135

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 00:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئانا ئۇلۇغدۇر نېىمە دىگەن دانا ئانا ،بالىسىغا يازغان خەتنى ئۇقۇپ كۆزىمگە ياش كەپكەتتى

    46

    تېما

    34

    دوست

    3766

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 14:08:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەقىقەتەن تەسىرلىك ياخشى تېمىكەن!!!
    كۆپ رەھمەت سالمان قېرىندىشىم ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن!!!

    3

    تېما

    10

    دوست

    565

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 15:12:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەي ،بىزچۇ ...................................................

    باھا سۆز

    جاۋاپ  بىزما ھەرقانداق مىللەت يىرگەنىدىغان، ئىشپيون، بۇزۇقچىلىق، ۋژدانسىسلىغىمىز دەل مۇشۇ تىخى گەپ پۈتۈن بە...  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 21:48

    3

    تېما

    11

    دوست

    2042

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 02:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شەھىدلەنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ،ئاللاھ رەھمەت قىلغاي

    38

    تېما

    29

    دوست

    5632

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    سەردار لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 19:44:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 00:18
    ئانا ئۇلۇغدۇر نېىمە دىگەن دانا ئانا ،بالىسىغا يازغان خ ...

    مىنىڭ  كۆزۈمگىمۇ ياش كېپكەتتى،  اللا  ياتقان  يېرىنى  جەننەت  قىلغاي.  بىزگىمۇ  شۇنداق  باتۇر  ئوغلانلار  كېرەك

    2

    تېما

    1

    دوست

    317

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 00:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەسىرلىككەن.

    0

    تېما

    0

    دوست

    57

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:01:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئانا، مانا بۇ ھەقىقى ئانا،بىزدە مۇشۇنداق ئانىلار بارمۇ؟ئاللاھىم ئانا بولغان ۋە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان شۇ قىز ئاياللىرىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلغىن، ئانا بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ  تۇرشىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئايالىمىزنى، قىزىمىزنى ،تارىختىن خەۋەردار،ئىسلامدىن خەۋەردار  تەربىيەلەيلى، ئاللا بىزگە ھۆملۈك ، ئىمان ئاتا قىلسۇن . بىزمۇ  شۇ قېرىنداشلارغا ئوخشاشلا جەسۇر ھەم ، باتۇر بىر مىللەت......دۈشمەنلەرنىڭ ھېلە مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ بىر بىرىمىزنى كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلى ئۆچ كۆرمەيلى،دۇنيادا كەمچىلىكى يوق ئىنسان يوق، بىزمۇ ھەم دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بىر مىللەت.............ئۆز مىللى ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالالمىغان بىر مىللەتنىڭ ، ئىسلامدا ھەم مۇستەھكەم تۇرالىشى ناتايىن.

    باھا سۆز

    جاۋاپ  توغىرا تەپەككۈر  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 13:51

    0

    تېما

    0

    دوست

    57

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،اللە رەخمەت قىلسۇن

    0

    تېما

    0

    دوست

    57

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:33:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 00:41 , Processed in 0.398900 second(s), 31 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش