• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 521|ئىنكاس: 3

    «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئا

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    10

    تېما

    8

    دوست

    280

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 22:48:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى، ئېتىقادى، گۈزەللىك ئېڭىغا نەزەر




    قەھرىمانلىق ھەققىدىكى مەشھۇر ئېپوس «ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جاھان مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل دۇردانىسى ھېسابلانغان يۇناننىڭ «ئىلئادا» ۋە «ئودېسسا»سى، ئىراننىڭ «شاھنامە»سى، ھىندىستاننىڭ «ماخاپخاراتا» ۋە «رامايانا»سى، موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر» داستانى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس»داستانى... قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرىگە ئوخشاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەسىرلەردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ مۇكەممەللىشىپ كەلگەن قەھرىمانلىق داستانىدۇر.
    مەلۇمكى، قەدىمكى دەۋرلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تۈرلۈك ئەپسانە-رىۋايەت، چۆچەكلەر شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى، تۈرلۈك ئېتىقادلىرى، كىشىلىك تۇرمۇش قاراشلىرى، بىرلىك- ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىياللىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان. «ئوغۇزنامە» داستانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئالەمنىڭ يارىتىلىشى، دۇنيانىڭ ماھىيىتى، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ توتېم ئېتىقادلىرى، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تەبىئەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى، تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېتىقادلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى داستانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە ئۆرپ-ئادەتشۇناسلىقى ئۈچۈنمۇ زور تارىخى ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە مەدەنىي مىراسىدۇر.
    «ئوغۇزنامە» داستانى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر ۋە بايلىقى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى، تىل جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى، بەدىئىي ۋاسىتىلىرىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، شېئىرىي خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك، راۋان، ئوبرازلىق ۋە يىغىنچاق بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمگەكچان، باتۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ توتېم چۈشەنچىسىنى، ئىپتىدائىي دىنى ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىيات تارىخىنى، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىسىنى ۋە قەدىمكى تىل خۇسۇسىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    1. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىگە نەزەر
    «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ھايات باسقۇچىدىكى تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش يولىدا ئىزدەنگۈچى قەھرىماننىڭ تىپىك ئوبرازى بولۇپ، ئەسەرنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
    «... ئۇنىڭ پۇتى بوقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى، پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى، ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى...»
    بۇ بىر ئابزاستا ئوغۇزخاننىڭ تاشقى قىياپىتى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايۋانلارنى ئۇلۇغلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا بەزىبىر ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
    «ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى...» دېگەن جۈملىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، يىلقىلارنى كۆندۈرۈپ، ئۇنى تۇرمۇشتا قاتناش قورالى قىلغانلىقى، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانلىقىنى قىسقا، مېغىزلىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
    ئەسەردە يەنە ئوغۇزخاننىڭ ئەل-جامائەتكە زور جاپالارنى سالغان ئىنتايىن ۋەھشىي ھايۋان قىئاتنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە بۇغا، ئېيىق قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلىقىغا قاراپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجدادلىرىمىزدا ئوۋچىلىقنىڭ خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىشكە بولىدۇ.
    ئوغۇزخاننىڭ ۋەھشىي ھايۋان قىئاتنى ئۆلتۈرگەنلىكىدەك ۋەقە ماھىيەتتە ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىي ھايۋانلارغا قارشى تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە بولغان قارشىلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. بۇلاردىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ناچار تەبىئەت ھادىسىلىرىگە نىسبەتەن قارشىلىقى ۋە تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە كۈرەش قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىدا بولغانلىقى، شۇنداقلا باتۇر، قورقماس روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
    2. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىغا نەزەر
    «ئوغۇزنامە» ئېپوسى ئىنسانىيەت ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ خېلىلا تۆۋەن باسقۇچىدا بارلىققا كەلگەچكە، ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇشى، توتېم چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئۆزلىرى بىلەن ئېستېتىك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغان شەيئى، ھادىسىلەرنى سىرلىقلاشتۇرۇشتەك ئىپتىدائى ئېتىقاد شەكلى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
    ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئىنسانلار تەبىئەت ھادىسىلىرى (يامغۇر، قار يېغىش؛ كېچە -كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، چاقماق چېقىش، قۇياشنىڭ يورۇقلۇق ئاتا قىلىشى)نى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكتىن، ئىپتىدائىي ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىنى ئىلاھلاشتۇرغان. مەسىلەن، ئوغۇزخاننىڭ ئالتە ئوغلىغا كۈن، ئاي، يۇلتۇز، كۆك، تاغ، دېڭىز دەپ ئىسىم قويۇشى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتنى ئىلاھلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇلۇغلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشكە بولغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر تەرىپىدۇر.
    ئېپوستا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەخنى ئۇلۇغلىغانلىق ئېتىقادىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنى ئوغۇزخان ئىككىنچى ئايالىنى ئۇچراتقاندا: «... بۇ ئايال كۆل ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىدا تەنھا ئولتۇراتتى، ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى...» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
    ئېپوستا يەنە ئىنسانلارنىڭ يورۇقلۇقتىن يارالغانلىقى ھەققىدىكى ئىپتىدائىي ھاياتلىق چۈشەنچىلىرىمۇ ئىپادىلەنگەن: «بىر كۈنلەردە ئوغۇزخان تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق نۇر چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇق، ئايدىنمۇ يورۇق ئىدى. ئوغۇزخان بېرىپ كۆردىكى، ئۇ نۇر ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى». يەنە ئوغۇزخان ئۇرۇم ئېلىگە ھۇجۇم قىلىپ مېڭىپ بىر يەرگە چېدىر تىكىپ ئولتۇرغاندا، چېدىرىغا چۈشكەن نۇر ئىچىدىن بىر كۆك بۆرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ھەم قوشۇنغا يول باشلاپ ماڭغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. مانا بۇلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغا بولغان چوقۇنۇش ئېتىقادىدا ھەم «ھاياتلىق-مۇقەددەس نۇردىن يارالغان» دېگەن چۈشەنچىدە بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
    توتېمغا تېۋىنىش - قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ھەم ئىپتىدائىي ئېتىقاد خاراكتېرىگە، ھەم سىمۋوللۇق بەلگە-خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان مەنىۋى ئېتىقادنىڭ كونكرېت، جانلىق ئىپادىلىنىشى.
    قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى دەسلەپتە تۈرلۈك ئوبيېكتلارنى توتېم بەلگىسى قىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى مەزگىللەردە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم چوڭ بىرلىشىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمى بۆرىگىلا مەركەزلەشكەن. چۈنكى بۆرە زېرەك ھەم باتۇر، ئۇ ھالال ئولجىنى يەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ھايۋانلارنى يېمەيدۇ. ئۇ يەنە ھايۋانلار ئىچىدە ئۇيۇشقاقلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ توپلىشىپ ياشايدۇ. شۇڭا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان موڭغۇللار، سىيانپىلار، ھونلارغا ئوخشاش بۆرىنى ئۆز ئۇرۇقىنىڭ توتېمى قىلغان.
    «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا، ئوغۇزخان ئەتراپىدىكى بەگ ۋە ئەل-جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان، ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان، تامغا بىزگە بولسۇن بويان، كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئوران» دەپ ئۆز ئەتراپىدىكى ھەر قايسى بەگلىكلەرنى بۆرىلەردەك ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلىپ، بۆرىنى توتېم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
    بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئوغۇز خاقان دەۋرىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا توتېملىرى بولغان. ئوغۇزخان دەۋرىگە كەلگەندە قەبىلىلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇڭا، ئوغۇزخانمۇ توتېمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش (بۆرە توتېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش) يارلىقىنى جاكارلىغان.
    ئېپوستا ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە توتېم چۈشەنچىسى ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلىدۇ: «تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشتى. ئۇ يورۇق نۇر ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق بىر ئەركەك بۆرە چىقتى. بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى: ‹ئەي ئوغۇز، سەن ئورۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ، مەن ئالدىڭدا يول باشلاپ ماڭىمەن…› شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلاندى. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى...»
    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇزخاننىڭ چېدىرىغا چۈشكەن يورۇقلۇق، يورۇقلۇق ئىچىدىن چىققان كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق ئەركەك بۆرە ئۇلارنىڭ توتېم چۈشەنچىسىدىكى يۈكسەكلىكنىڭ ئىپادىسى.
    بىر ئەپسانىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
    «ھون تەڭرىقۇتىنىڭ خانىشى ئىككى قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ قىزلار ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا، ھونلار ئېلىدىكى كىشىلەر ئۇنى ئىلاھ (پەرىزات) دېيىشىدىكەن. ھون تەڭرىقۇتى: ‹قىزلىرىم قانداق كىشىلەر بىلەن جورا بولسا بولاركىن؟› دەپ سوراپتۇ. باشقىلار: ‹ئۇلار تەڭرى بىلەن جورىلاشسا بولىدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھون تەڭرىقۇتى ھونلار ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن بىر جايغا تاملىرى ئېگىز بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ ھەم قىزلىرىنى قورغانغا جايلاشتۇرۇپ: ‹قىزلىرىمنى تەڭرىنىڭ ئۆزى كېلىپ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن› دەپتۇ... بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قورغان ئەتراپىغا بىر ئەركەك بۆرە پەيدا بولۇپ، قورغاننى ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ ۋە قورغان تېمىنىڭ تۈۋىنى كولاپ ئۇۋا ياساپتۇ. كۈنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ، بۆرە كەتمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى ئاچىسىغا: ‹دادام بىزنى مۇشۇ قورغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا، تەڭرى بىلەن جورا بولۇشىمىزنى ئارزۇ قىلغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئىلاھىي مەخلۇق ياكى بۆرە قىياپىتىدىكى تەڭرىنىڭ ئۆزىدۇر› دەپتۇ ۋە قورغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بولماقچى بوپتۇ. ئاچىسى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ: ‹بۆرە ھايۋان تۇرسا، ئۇنىڭغا جورا بولىمەن دېيىش ئاتا – ئانىمىزغا ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟› دەپتۇ. سىڭلىسى بۆرىنى شۇ قىياپەتتە كەلگەن تەڭرى دەپ تونۇپ قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جورا بوپتۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ بىر دۆلەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپتۇ.»
    ئېپوستا يەنە ئوغۇزخان باشقا ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىپ ماڭغاندا، بۆرە ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ.
    مانا بۇلار «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى بۆرە توتېم ئېتىقادىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
    بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەر كىشى بۆرە ئوشۇقىنى ئېسىپ يۈرسە بالا-قازادىن يىراق بولارمىش، بۆشۈكنىڭ دەستىسىگە بۆرە ئوشۇقىنى ئېسىپ قويسا جىن-شاياتۇنلار بوۋاققا زىيان يەتكۈزەلمەسمىش. ئاياللارنىڭ كۆزى يورۇغاندىن كېيىن بۆرىنىڭ تېرىسىگە يۆگىنىپ ياتسا، سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كېلەرمىش، دېگەندەك ئىپتىدائىي قاراشلار ساقلانغان. يەنە ئۇيغۇرلاردا «ئوغۇل تۇغدىمۇ، قىزمۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ ئورنىغا «بۆرە تۇغدىمۇ، تۈلكىمۇ؟» دېگەن مىتافورانى ئىشلىتىدىغان تىل ئادەتلىرىمۇ مەۋجۇت. بۇلار ئۇيغۇرلاردىكى بۆرە توتېمى ئىزنالىرىنىڭ ھازىرمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
    3. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئېڭىغا نەزەر
    گۈزەللىك ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان ۋە سۆيىدىغان بىر ئۇقۇم بولۇپ، بارلىق كىشىلەر گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىشنى خالايدۇ، ھەر قانداق ئىشنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    گۈزەللىكنى پەرق ئېتىش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش، گۈزەللىكتىن زوقلىنىش ۋە گۈزەللىكنى يارىتىش ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا يىراق قەدىمكى زامانلاردا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەمگىكىدىن باشلاپ رېئال گۈزەللىكنى ھېس قىلىشقان ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بولۇپ، ئۇلار چاچلىرىنىڭ توملۇقى، ئۇزۇنلۇقى ۋە قارىلىقى بىلەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ، پەخىرلىنىدۇ ھەمدە چاچلىرىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
    «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوبرازلىق، جانلىق تىللار بىلەن مەلۇمات بېرىلگەن: «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇزخان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق نۇر چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئىدى. ئوغۇزخان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا، بۇ يورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان. ئۇ ساھىبجامال بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ پېشانىسىدە چوغدەك پارقىراق مېڭى بولۇپ، خۇددى تۆمۈر قوزۇققا ئوخشايتتى. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، ئۇ يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگەندە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ ھوشىدىن كەتتى. ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى» دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پېشانىسىگە خال چېكىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ چىرايلىقلاشتۇرۇشتەك گۈزەللىك تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن. يەنە ئوغۇزخاننىڭ كىچىك خوتۇنى توغرىسىدا : « بىر كۈنى ئوغۇزخان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى. بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى، ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چاچلىرى سۇ ئېقىنىدەك، چىشلىرى ئۈنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنداق ساھىبجامال قىز ئىدىكى، يەر-جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە ‹ئاھ، ئاھ، جاننى ئالىدىكەن› دەرلەر ئىدى، سۈت قىمىزغا ئايلىنار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھوشىدىن كەتتى، يۈرىكىگە ئوت چۈشتى، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى» دېگەندەك تەسۋىرلەر بولۇپ، بۇلار ئىچىدە «چاچلىرى سۇ ئېقىنىدەك» دېيىش ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا چېچىنى ئۇزۇن قويۇپ بېرىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، «كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چىشلىرى ئۈنچىدەك» دېگەن تەسۋىرلەر ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.
    بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا ئاياللارلا گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، گۈزەللىكنى يارىتىدىغان ۋە سۆيىدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەرلەرمۇ گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىككى قىزنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئېلىپ مۇرادىغا يېتىشى ئەرلەرنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش روھىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ گۈزەللىكنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
    قىسقىسى، «ئوغۇزنامە» ئېپوسى قەھرىمانلىق ھەققىدىكى ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيەسى قاتارلىقلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن غايەت زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە قىممەتلىك ھۆججەتتۇر.
    مەنبە :http://www.baxtax.cn/oqutush/tarix/7662.html

    46

    تېما

    34

    دوست

    3766

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 13:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېما ئىگىسىگە رەھمەت! بۇ تېمىدا ئوغۇزنامە ئېپوسغا ئائىت مەزمۇنلار ھەقىقەتەن ياخشى تەھلىل قىلىنىپتۇ....

    0

    تېما

    0

    دوست

    10

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 00:42:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوغۇزخان  توغرىسىدا  تەپسىلىراق  مەلۇماتلار بولسا  بىزمۇ بىلۋالساق بولاتتى

    1

    تېما

    0

    دوست

    119

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 15:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                  « ئوغۇزنامە »  دىكى بەزى بىر ئۆرۈپ - ئادەتلەر توغرىسىدا
            « ئوغۇزنامە » دە تۈرك خەلىقلىرىنىڭ قەدىمى ئۆرۈپ - ئادەت مۇراسىملىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ۋەقەلەر ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ . خۇسۇسە ئاخىرقى قىسىمدىكى مۇراسىمدا  قىرىق غۇلاچ كىلىدىغان ئىككى دەرەخنى تىكىپ ، ئۇنىڭ بىشىغا ئالتۇن ۋە كۈمۈش توخۇ ، تۈۋىگە ئاق ۋە قارا قويلارنى باغلىشى  شۇ دەۋىرگە باغلىق بولغان بىر خىل ئۆرۈپ - ئادەتنى كۆرسىتىدۇ .  بىزنىڭچە بۇ ۋەقەلەردە تۈركى خەلىقلەرنىڭ قەدىمى دىنى ئىتىقادى بولغان شامان دىنىنىڭ بەزى ئادەتلىرى ئەكىس ئەتكەن .
         جۇڭگۇنىڭ تارىخى يىلنامىلىرىدىكى  مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، مىلادىدىن بۇرۇنقى  8- ئەسىرلەردىلا  شەقى ئۇيغۇرلارنى « ئاق تۇرا » « قىزىل تۇرا » دەپ ئاتىغان . مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن تۈرك خەلىقلىرى شامان دىنىغا ئىتقات قىلاتتى . « ئاق تۇرا » « قىزىل تۇرا » دەپ ئاتالغان شەرقى ئۇيغۇرلارمۇ شامان دىنىغا ئىتقات قىلاتتى . شامان دىنى بويىچە تۆت تۈرلۈك رەڭ ئارقىلىق شەرىق ، جەنۇپ ، غەرىپ ، شىمالدىن ئىبارەت تۆت تەرەپنى بەلگىلەيتى ياكى شامان دىنى بويىچە تۆت تۈرلۈك رەڭ - شەرىق ، غەرىپ ، شىمال ، جەنۇپ تەرەپلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى . مەسىلەن كۆك رەڭ - شەرىقنى ، قىزىل راڭ _ جەنۇپنى ، ئاق رەڭ _ غەرىپنى ، قارا رەڭ _ شىمال تەرەپنى كۆرسىتەتتى . بۇ خىلدىكى باشلانغۇچ ئىتقات كىيىنچە كىشىلەرنىڭ مەلۇم رەڭگە بولغان ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .  بۇ خىل ئامراقلىق  تۈرك خەلىقلىرىنىڭ چىدىرلىرى ، بايراقلىرى  كىيىم - كىچەكلىرى ، ئات - جابدۇقلىرىنىڭ رەڭگىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
            ئۇيغۇر ، تۈركلەرنىڭ بۆرە بىشى چۈشۈرۈلگەن بايراقلىرى  كۆك يىپەك رەخىتتىن بولغان بولسا ، قەدىمى شەرىق ئۇيغۇرلىرى كۆپىنچە ئاق ياكى قىزىل چاپان كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى .
          شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش لازىمكى : « تارىخنامە » نىڭ « ھۇنلار ھەققىدە قىسسە » بابىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا ، ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن بۇرۇن 200- يىلى خەنسۇلاسىنىڭ پادىشاسى ليۇباڭنى ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ داتۇڭ شەھرىنىڭ يىنىدا يەتتە كىچە - كۈندۈز قورشىۋالغاندا شەرىقنى كۆك ئاتلىق ، غەرىپنى بوز ئاتلىق ، شىمالنى قارا ئاتلىق ، جەنۇپنى بولسا جەدە ( قىزىل ) تورۇق ئاتلىق ھۇنلار قورشىۋالغان .
          
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 06:58 , Processed in 0.315819 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش