كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلار (5)
«نۆۋەتتىكى ئاسىيادىكى مەسىلىلەر» ناملىق دوكلاتىدا «ئافغانىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارى چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورى كەلگۈسىدە ياۋرو-ئاسىيا (ئۇتتۇرا ئاسىيا) ھاۋا يوللىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھاۋا يولى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدۇ» دېگەن.
بەزى ساقلىنىۋاتقان ئارخىپ ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مانجۇرىيىدىكى ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇلىيەگە ئالاھىدە خىزمەتكە ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردە ئايرودروم قۇرۇش پىلانىنى پىلانلاشقا بەلگىلەنگەن، ھىكى ھىسائو نىڭ «ئاسماندىكى يىپەك يولى» دېگەن دوكلاتىدا «ياۋرو-ئاسىيا ھاۋا يوللىرى تۇتىشىدىغان يەنى ياپونىيە ھاۋا يوللىرى بىلەن گېرمانىيە ھاۋا يوللىرى ئۇچرىشىدىغان يەر-ۋاخان كارىدورى توغرىسىدا 1936- يىلى 12- ئايدا مانجۇرىيە ھاۋا يوللىرى بىلەن گېرمانىيە لۇفتخانسا ھاۋا يوللىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ «ياپونىيە-مانجۇرىيە-گېرمانىيە ھاۋا يولى كېلىشىمى» تۈزۈلگەن. بۇ كېلىشىمنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ھاياشى سەنجېرو قوللاپ قۇۋەتلىگەن. باش ۋەزىر ھاياشى سەنجېرونىڭ قارىشىچە بولسا ياپونىيەنىڭ مەقسىتى مۇداپىئەلىنىش كارىدورى قۇرۇش بولۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا ھاۋا يوللىرى تۇتىشىدىغان جاي، مانجۇرىيەدىن ئىچكى موڭغۇلغىچە، ئۇيغۇر دىيارى كابۇلغىچە بولغان ھاۋا بوشلۇقى ئاساس قىلىنغان بۇ ھاۋا يولى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ سىبىرىيە تۆمۈر يولىغا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ ھىندى ئوكيان يوللىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ،بۇ، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئاسماندا يىپەك يولى قۇرۇش پىلانى شۇنداقلا گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە ۋاخان كارىدورىدا ئۇچرىشىپ بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ بېرىش نىشانى ئىدى» دېيىلگەن.
توكيودا ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللاردا مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا ياپونىيەگە كەلگەن 15 كىشىدىن توكيودا قالغان قەشقەرلىك مۇھەممەد ئىمىن ئىسلام، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى، توختى بەگزادە قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. قەشقەرلىك مۇھەممەد ئىمىن ئىسلام ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىن ھازىرقى توكيو جامىسىنىڭ يېنىدىكى يويوگې مەسچىتىدە ئىلگىرى رۇسىيىدىن كەلگەن ئىسلام ئالىمى ئابدۇرېشىت ئىبراھىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالغان. ئابدۇرېشىت ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇ مەسچىتتە ئىماملىق قىلىپ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەككىگە بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مۇھەممەد ئىمىن ئىسلامنىڭ «مۇھاجىرەتتە يوقالغان مۇجاھىدلىرىمىز» ناملىق ئەسىرى 1941- يىلى توكيودا نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ياپونچە-ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا بېسىلىپ، يويې مەسچىتىدە تارقىتىلغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت يازغان ئەسلىمە ئەسىرى ياپونىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى شاڭخەيدىكى ياپونىيە كونسۇلىغا تاپشۇرۇلغان.
مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى توكيودا 1941- يىلى ۋاپات بولغان. توختى بەگزادە 1955- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇسۇل ھاجى مۇھىتىنىڭ يېنىغا دەپن قىلىنغان. توختى بەگزادىنىڭ بايان قىلىشىغا ئاساسەن قەلەمگە ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە شەجەرىسى، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق تراگېدىيىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيەدىكى ژۇرناللاردا بېسىلغان.
ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىس سۇگاۋارا جۈن ياپونىيە ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنالنىڭ 2005- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ۋە ياپونىيە ئىمپېرىيىسى» ناملىق ماقالىسىنىڭ خۇلاسىسىدە مۇنداق بايان قىلغان: «كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 1945- يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى، بۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىق خادىملار ئازىيىپ كەتكەن، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرمۇ ھەتتا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر ئىشلارمۇ ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالغان ھەم ھازىرغىچە ئۇنتۇلۇپ قالغان. ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىستراتېگىيىسى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىپ پايدىلىنىشقا دىققەت قىلغان. ھازىرقى ياپونلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشى قانداق؟ ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىكى ياپونلاردەك چۈشىنىمىزمۇ دەپ سورىغۇم كېلىدۇ.»
مەنبە: ئەلكىن تورى (قۇتلۇق بىلگە تېمىسى)
ئەسكەرتىش: بۇ تېما مۇنبەرگە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈلۈش ئۈچۈن ئازىراق قىسقارتىلدى ۋە تەھرىرلەندى. |