• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 1545|ئىنكاس: 4

    (4-قىسىم)كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگرامما

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    46

    تېما

    34

    دوست

    3762

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-21 12:46:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلار (4)

    «قۇرۇپ چىقىش» دېگەن دوكلاتىدا ئافغانىستاننىڭ سىياسىي ۋە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىكى مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر سىز ئافغانىستان چېگرىسىغا نەزەر سالسىڭىز، ئافغانىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ  چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورى گويا بىر قۇيرۇققا ئوخشايدۇ. ۋاخان كارىدورىنىڭ شىمال تەرىپى تاجىكىستان، جەنۇبى پاكىستان بولۇپ، بۇ يەردە ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە تولىمۇ قىزىقارلىق سىياسىي ئويۇن باشلىغان. ئافغانىستان پادىشاھى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ۋە قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ياپونىيەگە يېقىنلىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان- دېگەن.   
        ئوكاۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئافغانىستان بىلەن 1928- يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، 1934- يىلى 11- ئايدا كابۇلدا تۇنجى ياپون ئەلچىخانىسى ئېچىلغاندا ئىلگىرى تۈركىيە ۋە مىسىردىكى ياپون ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن قاتارلىق ئىسلام ئەللىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تىرىشقان دىپلومات كىتادا ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ ئەۋەتىلگەن. كىتادا كابۇلغا يېتىپ بارغان چاغدا كابۇلدا «ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، مىسىر، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئۆز-ئارا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخپىي ئۇچۇرلارنى توپلاش جېڭى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.»
        ياپونىيە ئارخىپلىرىدىكى بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى مانجۇرىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاكېئۇچى جۇگۇدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەرەب تىلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ، 1940- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىغان. ئۇنىڭ مەلۇماتىدا «مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللىرى توكيوغا يېتىپ كەلگەندە ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو باشچىلىقىدىكى كىشىلەر ئۇلارنى كۈتۈۋالغان. 1939- يىلى 11- ئايدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمانلار كۆرگەزمىسىگە مەھمۇت مۇھىتى باشلىق توققۇز نەپەر كىشى قاتناشقان. ئۇلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ئۆز ئىسىملىرىنى يېزىپ ئىمزا قالدۇرغان» دېيىلگەن.
        1937- يىلىدىن باشلاپ مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن تاكېئۇچىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇت مۇھىتى ياپونىيەگە كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشقان. بۇ خەۋەر ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى باشلىق 13 كىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ياپونىيەدىن بېيجىڭغا يولغا سېلىنغان.
        تاكېئۇچىنىڭ 1943- يىلى بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىدا «مەھمۇت مۇھىتى 1943- يىلى ئۆلگەن» دېيىلگەن. تاكېئۇچى بۇ چاغدا بېيجىڭدىكى خىزمىتىدىن يۆتكىلىپ كۆكخوتقا بارغان. ئۇ كۆكخوتتىكى ئۇيغۇرلاردىن داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ ياپون ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تۇرغان.  
        مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. كۆپلىگەن كىشىلەر ۋە مۇھىتىلار ئائىلىسىدىكىلەر ۋە باشقىلار مەھمۇت مۇھىتىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ ئوغلى يەنى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ نەۋرىسى مەخسۇت مۇھىتى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
        سىياسىيون ۋاكى ساكانىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى» نامىدىكى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئەينى يىللاردا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدە ۋاكى ساكا ئۆزى بىرلىكتە مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى كىشىلەرنى توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىغا باشلاپ كىرگەنلىكىنى، مەھمۇت مۇھىتى تارىختىكى ياپون قەھرىمانى ساكانوئۇئېنو تامۇرا مارونىڭ رەسىمىگە قاراپ «بۇ كىشى ماڭا ئوخشايدىكەن» دېگەن سۆزىنى بايان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
        ياپونىيەدىكى بەزى ئارخىپلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو ئۆزىنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ بېيجىڭغا يولغا سېلىنغان مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياشاراخۇن، ياقۇپاخۇن ئىسىملىك ئىككى كىشى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭدىن ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكىگەن. ئۇلارنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەركىزى كۆكخوتتىكى «ياپونىيە غەربىي شىمال تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى كومۇرا كۈتۈۋالغان. كومۇرا ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى شۇنداقلا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ «ياپونىيە مۇداپىئە كارىدورى قۇرۇش كومىتېتى» نىڭ مەخپىي ئادىمى ئىدى. ئۇندىن باشقا، بېيجىڭدىكى مانجۇرىيە تۆمۈر يولى تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلغان تاكېئۇچىمۇ بېيجىڭدىن ھەر ئايدا بىر قېتىم كۆكخوتقا بېرىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن «ھىندىستان-شىنجاڭ يولى» دېگەن دوكلاتنى يېزىپ تاماملىغان.ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە «ئۇيغۇر نامى ۋە شىنجاڭ» دېگەن دوكلاتنى يېزىپ ياپونىيەنىڭ «شىمالىي جۇڭگو گېنېراللار خىزمەت ئىشخانىسى» غا يوللىغان.
        بەزى ماتېرىياللاردا «شىمالىي جۇڭگو گېنېراللار خىزمەت ئىشخانىسى» نىڭ خىزمەتچىسى شىگى كاۋا جۇڭگو مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، جۇڭگودا قۇرۇلغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تارمىقى ئىدى.
        تاكېئۇچىنىڭ مەلۇماتلىرىدا:«ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى بارلىق كۈچلەر ئۆز يۇرتىغا قايتقان. 1949- يىلى جۇڭگۇ كومپارتىيىسى شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازات قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەۋىرى بولمىغان.

    مەنبە: ئەلكىن تورى (قۇتلۇق بىلگە تېمىسى)

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    1

    تېما

    3

    دوست

    477

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 19:33:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ مەخپى ئارخىپلىرى نىمىشقا تېخىچە ئوتتۇرغا چىقمايدىغاندۇ.سوۋېت پارچىلنىپ بولدى سوۋىت-جوڭگو تۈزۈشكەن 30 يىللىق توختاممۇ ئاخىرلاشتى،ئەلۋەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى كونا ئارازلار ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈركىلىشلەر بار.
    يا سىنوۋدىندەك بىرسى چىقىپ ك گ ب نىڭ ئارخىپلىرىنى ئوتتۇرغا تاشلمىدى.
    مىللەت ئۈچۈن!دەپ ئۆلمەي،مىللەت ئۈچۈن!دەپ يا

    3

    تېما

    11

    دوست

    2042

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 23:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىلال.ئې يوللىغان ۋاقتى  2013-12-24 19:33
    سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ مەخپى ئارخىپلىرى نىمىشقا تېخىچە ئوت ...

    ھامىنى چىقىدۇ ،ئىچىلمايدىغان سىر يوق ،ئاللاھ نىسىپ قىلسا بىلىپ قالامىز

    3

    تېما

    11

    دوست

    2042

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 23:52:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەھمۇد موھىدى بىلەن رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ تەرجىمالىغا ۋە كىيىنكى پائالىيەتلىرگە بەك قىزقىمە ،

    0

    تېما

    0

    دوست

    487

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 07:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇرى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 23:52
    مەھمۇد موھىدى بىلەن رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ تەرجىمالىغ ...

    مەھمۇد مۇھىتى قابىلىيەتلىك ھەربى قوماندان.بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.ئەمما،نېمە ئۈچۈن قانلىرىنى دەريادەك ئاققۇزغان،  خەلقىم-تۇپراقلىرىم ئۈچۈن دەپ شىرىن جانلىرىدىن مەرتلەرچە كېچەلىگەن مىڭلارچە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىدىگە.مىلتىق-نەيزىلىرىنى باغرىغا تېڭىپ،مەھمۇد مۇھىتى قوماندانىدىن بۇيرۇق كۇتۇپ تۇرغان يەنە مىڭلىغان ئەسكەرلىرىگە مەسئۇل بولماي، چەتئەلدىن پاناھ تىلەپ، ئەسكەرلىرىنى باش -پاناھسىز تاشلاپ كېتىدۇ؟ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ئۆلسەم  ئەشۇ باھادىر ئەسكەرلىرىمنىڭ قاتارىدا ياتاي،دېمەيدۇ؟
    تۆمۈر خەلىپە قۇرئان تۇتقان مۇناپىققا ئالدىنىپ،ئەمەل ئالىمەنكەن، دەپ ئەسكەرنى تاشلىسا؛

    خوجانىياز  شېڭ شىسەيگە مۇئاۋىن بولىدىكەنمەن،  دەپ ئەسكەرنى تاشلىسا؛
    مەھمۇد قوماندان چەتئەلدىن پاناھ ئىزدەپ ئەسكارلىرىنى قوماندانسىز قالدۇرسا:

    ئۈچ قوماندانغا نىسبەتەن ئەسكەرنىڭ ئەزىز جېنى ،ئىسسىق قېنى ...؟؟؟؟؟؟
    بۇ ئاچچىق دەردلەرنى،ئاچچىق  ساۋاقلارنىمۇ يەكۈنلەپ تۇرايلى.

    خاس ماختاش--ئەۋلادلارنى كور قىلىدۇ.
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 12:11 , Processed in 0.254552 second(s), 31 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش