كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلار (3)
مىنىستىرى ساتو نائوتاكىغا يوللىغان مەخپىي نومۇرى 125 نومۇرلۇق تېلېگراممىدا «مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ 5- ئاينىڭ بېشىدا 35 ھەمراھى بىلەن لاداققا كېلىپ، ئۇ يەر ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى سرىناگار شەھىرىگە بارغان» دېيىلگەن.
ئەمما، تېلېگراممىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى دېيىلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ شەجەرىسىگە ئاساسلانغاندا، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى يوق شۇنداقلا ئۇ ھىندىستانغا ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلغان.
ئەلچى كىتادا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كەشمىردىكى بىر ھەمراھىغا يازغان خېتىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، خەت 1938- يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يېزىلغان.
كىتادا بۇ خەتنى دەرھال تەرجىمە قىلدۇرۇپ 1938- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى مەخپىي تېلېگراممىلار قاتارىدا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ساتو نائوتاكىغا يوللىغان.
1939- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا كوكىغا ئىچكى موڭغۇلدىكى ياپونىيە كونسۇلىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى كاتكۇنو توشىئو مەخپىي نومۇرى 120 بولغان تېلېگرامما يوللىغان.
كاتكۇنو توشىئو تېلېگراممىدا مەزكۇر ئۇچۇرنى ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن مايور باي ئەزىزى، كاپىتان شەرىف، لىتىنات ئاخۇن قاتارلىق مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئادەملىرى تەمىنلىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
يۇقىرىقى مەخپىي تېلېگراممىدا تىلغا ئېلىنغان باي ئەزىز دېگەن كىشى ئۈرۈمچىدە 80- يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىغان ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر تىۋىپلەردىن بىرى بولغان باياخۇن تېۋىپ بولۇپ، ئۇ كىشى ھەققىدە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن سۇگاۋارا جۇن ياپونىيە ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ژۇرنالنىڭ 2005- يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە ياپونىيە ئىمپېرىسىيىسى» ناملىق ماقالىسىدە، باياخۇن يەنى باي ئەزىز ھەققىدە مۇنداق توختالغان «يەنە بىر كىشى مەھمۇت مۇھىتىدىن قالسا 2-نۇمۇرلۇق شەخس دەپ قارىلىدىغان باي ئەزىزى دېگەن كىشىدۇر. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سۇزۇكى سۇمىكو دېگەن ئايال يازغان، 1959-يىلى ماينىچى گېزىتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹پەرەنجىلىك ئايال› ناملىق كىتابتا بۇ كىشى سەلبىي ئوبراز قىلىپ تەشۋىرلەنگەن. باي ئەزىز 1949- يىلىدىن كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئالاھىدە شەخستۇر. ئۇنىڭ ئەسلىمىسى ‹شىنجىئاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى› غا كىرگۈزۈلگەن.» (مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولغان 12 يىل، شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى 6- سان)
تېلېگراممىدا، باي ئەزىز قاتارلىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پىلانى بويىچە ھىندىستاندىن نەنجىڭغا ئەۋەتىلىپ، جياڭ كەيشى بىلەن كۆرۈشكەن. باي ئەزىز شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيىتىدىن شىكايەت قىلىپ، جياڭ كەيشىگە ھال ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما جياڭ كەيشى ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جياڭ كەيشى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى توختاتقان. ئۇلار نەنجىڭدىن ئايرىلىپ شاڭخەيگە كەلگەن. شاڭخەيدىكى ياپونىيە كونسۇلخانىسىگە كىرىپ كونسۇل بىلەن ئۇچراشقان. مەھمۇت مۇھىتى بولسا بومبايدا ياپونىيە كونسۇلى بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيىگە يۆتكىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيە كونسۇلى بۇ تەكلىپنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان. نەتىجىدە ياپون ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ياپونىيەگە كېلىشىگە قوشۇلغان. «مەھمۇت مۇھىتى 1939-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىدىن قۇتۇلۇپ ياپونىيەگە يولغا چىققان. 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ياپونىيەنىڭ كوبىي شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، 6-كۈنى توكيوغا كەلگەن» دېيىلگەن.
ئىچكى موڭغۇلىيەدىن ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارغا دائىر مەخپىي تېلېگراممىلار توغرىسىدا توختالغان مىساكى خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- ياپونىيە ئىلگىرى ياپونىيەگە كەلگەن بىر قىسىم سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكى موڭغۇلىيەگە يەرلەشتۈرۈپ، ئۇ يەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىغان.
مەنبە: ئەلكىن تورى (قۇتلۇق بىلگە تېمىسى)
|