• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 1422|ئىنكاس: 5

    كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلار.....

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    46

    تېما

    34

    دوست

    3762

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 18:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلار (2)


    كابۇلدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1936 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى توكيوغا يوللىغان مەخپىي نۇمىرى 29 لۇق تېلېگراممىسىدا «مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ياۋروپا تىللىرىدىن خەۋەرسىز، ئەمما ئۇ، پارس، تۈرك تىللىرىغا مۇكەممەل. ئۆزى بولسا ئادىل، سەمىمىي، راستچىل ۋە ئۆز يۇرتىنى سۆيىدىغان ئادەم» دېيىلگەن.
        تېلېگراممىدا يەنە «سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى ئەنگىلىيىنىڭ «كۈچۈكى، قونچىقى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەليەت پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ،ئەنگىلىيىنىڭ «كۈچۈكى،قونچىقى» دېگەنلەر پەقەتلا ئۆز يانچۇقىنى پۇلغا تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان رەھبەرلەردۇر. مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بولسا ئەنگىلىيەمۇ قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئۇ «دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان زات>» دېيىلگەن.
        ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1936 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا ھاچىروغا يوللىغان مەخپىي نۇمىرى 1236 بولغان تېلېگراممىسىنى كابۇلدىكى ياپون ئەلچىخانىسىنىڭ پارىس تىلى تەرجىمانى ئاساكۇرا نوبۇتوشى تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن يوللانغان 52 بەتلىك تېلېگرامما «خوتەن ئەمىرىنىڭ مەكتۇپلىرى» دېگەن نامدا بولۇپ، مەزكۇر تېلېگرامما ناھايىتى مۇھىم تېلېگراممىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا ھاچىرو باشلىق بارلىق رەھبەرلەر ئايلانما شەكىلدە بۇ تېلېگراممىنى ئوقۇپ چىققان.تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىتا ھاچىرو بۇ دوكلاتقا « شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى» دەپ نام بەرگەن.
        «خوتەن ئەمىرىنىڭ مەكتۇپلىرى» نامىدىكى تېلېگرامما ئاساسلىقى، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ھەركەت، پائالىيەتلىرى، سىياسىتى، ئۇيغۇر دىيارىدا زامانىۋىي مەكتەپلەرنىڭ يوقلۇقى، شۇ سەۋەبتىن ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، تۈرلۈك مەدەنىي يىغىلىشلارنىڭ مەنىي قىلىنىپ كىمىكى ئىش چىقارسا ۋەقە سادىر قىلدى، دېگەن باھانە - سەۋەب بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىغان تەغدىردىمۇ مەڭگۈلۈك تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇمىي سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دوكلاتتۇر.
        كىتادانىڭ 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يوللىغان «شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ۋە خوتەن ئەمىرى» نامىدىكى مەخپىي تېلېگراممىسىدا مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ؛«مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ناھايىتى ئېسىل ئادەم. ۋەتەن سۆيەر، راسچىل، ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرى توغرا» دېيىلگەن.
        ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان «شىنجاڭدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانى» دېگەن مەخپىي ماتېرىيالمۇ ئەسلى «خوتەن ئەمىرىنىڭ پىلانى» ناملىق پارس تىلىدا يېزىلغان مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىيال بولۇپ، بۇ ماتېرىيال «كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىكى پارس تىلى تەرجىمانى سايتو تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان مەخپىي ماتىريال» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كابۇلدىكى ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ قوليازمىسىمۇ بار بولۇپ، ماتېرىيالنىڭ قاچان يېزىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن.
        مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ كابۇلدا ئۇچراشقان ۋاقتىغا ئاساسەن، بۇنى تەخمىنەن 1936 - يىلى بىلەن 1938 - يىلىنىڭ ئارىلىقىدا يەنى مارت ئايلىرىدا يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.
        مەزكۇر مەخپىي ماتېرىيالنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋرو - ئاسىيا «ئۇتتۇرا ئاسىيا»  ئىشلىرى مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرىنچى بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسىمۇ قويۇلغان. ماتېرىيالغا «مۇتلەق مەخپىي» دېگەن تامغا ئۇرۇلغان.
        ئۇندىن باشقا، كابۇلدىن توكيوغا ئەۋەتىلگەن مەخپىي تېلېگراممىلار ئىچىدە «ئۇزاقتىن بېرى جۇڭگونىڭ كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر دىيارى» دېگەن نامدىكى مەخپىي تېلېگراممىمۇ بار بولۇپ،
        بۇ تېلېگراممىدا يەنە؛ مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجلىقىنى،ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىلغار قورال - ياراق بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ «ئۇيغۇرلارنىڭ  دۈشمەنلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ياپونىيە ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چېگرىسىغا يېتىپ كەلسە، بىز بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ جەڭ ئېلىپ بارىمىز. ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىمىز، بىز ياپون ئارمىيىسىنىڭ ۋەتىنىمىزگە كېلىشىگە مۇھتاج. ئەگەر بىز ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ رېجىمىدىن، قۇتۇلساق، ئۇيغۇر دىيارىدا ھاكىمىيەت قۇرساق. بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ ئارمىيىمىزنى تەربىيىلەپ بېرىشىنى سورايمىز. ئۇيغۇر دىيارى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مۇھتاج. كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، سانائەت، دېھقانچىلىق، تۆمۈر يول، كۆۋرۈك ياساش قاتارلىق بارلىق تېخنىكىلىق جەھەتلەردە بىز ياپونىيىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە، ياپونىيىنىڭ سىياسىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيىنىڭ سەمىمىي،راستچىل دوستى بولۇشقا ھەر زامان تەيياردۇر.ئۇيغۇر دىيارى ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بېرىدۇ ۋە بەھرىمەن قىلىدۇ. ئۇيغۇر دىيارى ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن باشقا دۆلەتلەرگە ھېچقانداق ئىمتىيازلارنى بەرمەيدۇ» دېيىلگەن.
        ياپونىيىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيىگە يېقىنلىشىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
        - مۇئەھەممەد ئىمىن بۇغرا جۇڭگۇ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا ياپونىيىگە يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مەنپەت بەرمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن. ئۇ، جۇڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياپونىيىنىڭ دۈشمىنى دەپ بىلىپ، ياپونىيىنىڭ كۈچى بىلەن قۇرۇلغان مانجۇرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئىلھام ئېلىپ ياپونىيىگە يېقىنلاشقان.

    ئەسكەرتىش: بۇ تېما مۇنبىرىمىزگە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىسقارتىلدى ۋە ئۆزگەرتىلدى.

    مەنبە: ئەلكىن مۇنبىرى

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 17:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەمما  ياپونيە    بىلەن  ئۇيغۇر  ئىلىنىڭ  ئارلىقى  يىراق  كىلىپ  قالدى

    باھا سۆز

    ئاقسۇ  راس دەيسىز.........!  يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 12:35

    0

    تېما

    1

    دوست

    170

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 00:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چۆچىرىنىڭ قىيمىسى قانچەچوڭ بولسا جىلتىسى شۇنچە نىپىزلەيدۇ بۇياپۇنلارمۇئۆزىنىڭ كىچىكلىكىدە بەكلاكۆپ يەرگەچات كېرۋالغان يەنەبىرسى مەن بۇلارنى بەكلا چوڭچى ھاكاۋۇر مىللەتمىكىن دەيمەن ئۇلارنىڭ بىرلايېرىگەقايىلمەن يەنى ساداقىتىگە .

    9

    تېما

    21

    دوست

    2633

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 01:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا . دەەەەەەەەەەە

    0

    تېما

    1

    دوست

    178

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    adilxa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-18 00:17
    چۆچىرىنىڭ قىيمىسى قانچەچوڭ بولسا جىلتىسى شۇنچە نىپىزل ...

    ‹‹قاپلان››نىبەك كۈرەتىپسز ھە

    0

    تېما

    0

    دوست

    106

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 13:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تارىخنىڭ قۇربانلىرى -دە بۇلار
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 12:02 , Processed in 0.302288 second(s), 32 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش