• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 2459|ئىنكاس: 13

    كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغ...

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    46

    تېما

    34

    دوست

    3766

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 17:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كابۇلدىن توكيوغا يوللانغان مەخپىي تېلېگراممىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلار (1)



    ئىلگىرىكى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يوللانغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن مەخپىي شىفىر بىلەن يېزىلغان تېلېگراممىلار ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ بىر قىسمى قولدا يېزىلغان بىر قىسمى بولسا ماشىنكىدا ئۇرۇلغان تېلېگراممىلاردۇر.
        توكيودا ساقلىنىۋاتقان بۇ تېلېگراممىلار ئىچىدە كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا ئۈچ يېرىم يىل باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دىپلومات كىتادانىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يوللىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېلېگراممىلارنىڭ ئۆزىلا مىڭ پارچىدىن ئارتۇق.
        بۇ تېلېگراممىلارنىڭ سىرتىغا «مەخپىي» دېگەن تامغا ئۇرۇلۇش بىلەن بىرگە مەخپىيەتلىك نومۇرلىرى سېلىنغان.
        ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا ئەڭ دەسلەپكى يوللانغان تېلېگرامما 1934-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى مەخپىي تېلېگرامما بولۇپ، مەزكۇر تېلېگراممىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلىنغان ئاخباراتقا ئاساسەن يوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
        كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1935-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان ئىككىنچى تېلېگراممىسى «شىنجاڭ ھەققىدە ئۇچۇر، سوۋېت، ئەنگلىيە، ئافغانىستان ۋە جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن نامدىكى تېلېگراممىسى بولۇپ، مەزكۇر تېلېگراممىنىڭ مەخپىي نومۇرى 6، جەمئىي 34 بەتتىن ئىبارەت.

        كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1935-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن كابۇلدا مەخپىي ئۇچراشقاندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان مەخپىي 17853 نومۇرلۇق تېلېگراممىسىدا، «خوتەن ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھازىر تولىمۇ قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ھەتتا خوتەندىن قېچىپ، خوتەن چېگرىسى ئەتراپىدا مۆكۈنۈپ يۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ياردەمگە موھتاجلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
        ئەلچى كىتادانىڭ 1936-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللىغان مەخپىي 811 نومۇرلۇق تېلېگراممىسىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنى مەخپىي زىيارەت قىلىپ سۆھبەتتە بولغانلىقى، بۇ سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبەرلىرىنىڭ ياپون دىپلوماتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
        تېلېگراممىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيەگە قىلغان يېقىنچىلىق سۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەگە بولغان كۆڭۈل- ئارزۇلىرى ئىپادىلىنىپ، مانجۇرىيە مۇستەقىللىقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەگە كۆپرەك ئىشەنچى باغلىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيە ئەلچىسى كىتادىن ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ جەھەتتە ئىلھام بېرىشى بىلەن بىرگە قورال- ياراق جەھەتتىمۇ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
        تېلېگراممىدا يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيە ئەلچىسىدىن بەش مىڭ دانە مىلتىق، يۈز دانە ئاپتومات ياردەم بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ۋە بۇ قوراللارنى ئافغانىستان ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئېلىشنى سورىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
        ئەلچى كىتادا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان مەخپىي تېلېگراممىسىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ بۇ كوممۇنىستلارغا قارشى تۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ياپونلار بىلەن تامامەن ئوخشاشلىقىنى بايان قىلغان.

    تېلېگراممىدا: «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بولغان سۆھبەت ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى» دېيىلگەن.
        كابۇلدىكى ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ 1936- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروتا كوكىغا يوللىغان مەخپىي تېلېگراممىسىدا، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنىڭ ھازىر ياپونىيەگە تەلپۈنۈش، يېقىنلىشىش ئۈمىدىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
        ئەلچى كىتادا تېلېگراممىدا يەنە ئۆزىنىڭ تەھلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ھازىر ياپونىيە ئاسىيادا بىردىن- بىر كۈچلۈك دۆلەت بولغانلىقىدىن ۋە شۇنداقلا دۇنيادا ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن ئاسىيا خەلقى ياپونلاردىن قانچىلىك ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى ياپون ھۆكۈمىتى، خەلقى ھېس قىلالمايدۇ ۋە بىلمەيدۇ»، دەپ، بايان قىلغان.
        كىتادا ئۆزىنىڭ تېلېگراممىسىدا: «ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇپ ئاسىيالىقلارنىڭ ياپونىيەگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ھېس قىلدىم» دەپ يازغان.
        ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ كابۇلدىن توكيوغا يوللىغان بارلىق تېلېگراممىلىرىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىسمى «خوتەن ئەمىرى» ۋە شۇنداقلا ياپونچە «ساكۇرا» دېگەن ئىسىملار قوللانغان بولۇپ، «مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا» دېگەن ئىسىم ئىشلىتىلمىگەن.
        ياپون تىلىدىكى «ساكۇرا» نىڭ مەنىسى «گۈل» ۋە ياكى مەۋھۇم نەرسىلەرگە قارىتىلىپ ئېيتىلغان بولسىمۇ ئەمما مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قوللانغان «ساكۇرا» بۇ مەنىلەردىن يىراق بولۇپ، «ساكۇرا» نامىنىڭ خەت شەكلى ياپونىيە چىبا ئۆلكىسىنىڭ ساكۇرا شەھىرىنىڭ خەت شەكلى بىلەن ئوخشاش خەت شەكلى قوللىنىلغان.
        ئاخىردا مەزكۇر ماتېرىياللارغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار مىساكى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ كىتادا ھەققىدە توختالدى.
        كىتادا كابۇلدا كابۇلغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، ياپونىيەنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا زور رول ئوينىغان دىپلومات.


    مەنبە: ئەلكىن تورى

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    38

    تېما

    29

    دوست

    5616

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    سەردار لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 20:30:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاباسوف يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 18:38
    بۇنداق كىچىك خەلىپىلەرنىڭ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ . ئ ...

    راستدەيسىز. لېكىن مۇھەممەت ئەمىن بوغرانىڭ تىرشچانلىقىغا  كۆز  يۇمۇشقا  بولمايدۇ

    17

    تېما

    22

    دوست

    3217

    جۇغلانما

    تۈتۈن بەگ

    Rank: 4

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 20:34:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خەلىقتىن ئايرىلغان ھاكىميەت ئۇزاق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ .

    0

    تېما

    0

    دوست

    157

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 21:53:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇھەممەدئىمن بۇغرانىڭ ئۆز ئويلىغىنى بار ئىدى، ھىسابتا ئۇ خەلىققە ئەڭ دەسلەپتە ئۈمىد بەردى، گەرچە بۇ كۆرەش مەغلۇب بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا باسقۇنچىلارغا قارىشى تۇرالىدى. جۇمھۇريەت قۇرالىدى، تارىخقا ئۆز نامىنى يازدى. كېيىن يەنە ئۆز نىشانى ئۈچۈن كۆرەش قىلدى ۋە داۋاملاشتۇردى...
    ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋىر قىلغۇچىلارنى ياقتۇر

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 22:01:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سابىت  داموللام   يۇمشاق  كۆڭۇللۇك  قىلماي      غوجىنىياز ھاجىنى  ھۆكۇمەتكە  ئارلاشتۇرمىغان بولسا     يەنە   قوشۇننى  مۇنتىزىملاشتۇرۇپ     ئەنگىلىيەدىن  قۇرال  ياراق  سېتىۋالغان   بولسا    ،ئۇ  ۋاقىتتا  تۇرۇكيەگە  ئەمەس   ئەنگىكىيەگە   تايانغان(يىراقتىكى   تۇققاندىن     يېقىندىكى   خوشنا  ياخشى    دىگەندەك    ئەنگىلىيەگە  تايانغان بولسا)       بولسا   شىڭسىسەي    سوۋىت  بىلەن   ئوينىغان  ئويۇننى   ئۇ  ئەنگىلىيە  بىلەنمۇ   ئوينىيالىغان   بوسا   بەلكىم   تارىخ  باشقىچە   چىقار   بولغۇيتى

    17

    تېما

    22

    دوست

    3217

    جۇغلانما

    تۈتۈن بەگ

    Rank: 4

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 22:06:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نىجات يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 20:34
    خەلىقتىن ئايرىلغان ھاكىميەت ئۇزاق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالم ...

    مەن ئۈچۈن ۋەتەن مىنىڭ دۇنيارىم ، ئۇ چاغدا خەلىق بەك نادان ،كۆپ ئىشلارنى ئويلىمايتى

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 22:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نىجات يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 22:06
    مەن ئۈچۈن ۋەتەن مىنىڭ دۇنيارىم ، ئۇ چاغدا خەلىق بەك نا ...

    سىز  ئۇچۇن   ۋەتەن   دۇنيا   بولغىنى   بىلەن     ئەمەلىيەتتە     ۋەتەن   دۇنيا   ئەمەس        بىر  ئىشنى  ۋۇجۇتقا  چىقىرىمەن   دىگەن  ئادەم  خارجى  ئىشلىرى  بىلەن   قۇرال  ياراققا  تايىنىش  كىرەتتى   

    9

    تېما

    21

    دوست

    2633

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 01:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاباسوف يوللىغان ۋاقتى  2013-12-14 01:06
    شۇ قۇرالنى ئەنگىيەدىن سىتىۋىلىشقا روس چوشقىللىرى يول ...

    ئىنكاسىڭىزنى قوللايمەن .

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 02:11:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سابىت  داموللام  ئەنگىلىيەدىن  ئىھتىيات  قىلغان     ئوچۇقلا   دىسەك  ئىشەنمىگەن     ئەگەر  سابىت  داموللام  ئەنگىلىيەنىڭ  قوللىشىنى  قولغا  كەلتۇرەلىگەن بولسا  ئىدى  قۇرال  ياراقمۇ  بولار  ئىدى     بۇنۇڭغا   سوۋىت  چىش  يىرالمايدۇ   چۇنكى  قۇرال  ياراق  كىرگەن  بولسا    ھىندىستاندىن  كىرەتتى    ئەنگىلىيەمۇ  شىنجاڭدا  ئۆز  تەسىر  دائىرىسى  بولۇشنى  ئويلايدۇ  شۇڭا   بۇ  مۇمكىنچىلىك  بار  ئىدى   داموللام  قۇرال  تەلىپىنى  ئاففانىستان ،تۇرۇكيەدىن  ئەمەس   ئەنگىلىيەدىن  تەلەپ  قىلىش  لازىم  ئىدى   ئەلۋەتتە  قۇرال  ياراقنى   باكاغا  بەرمەيدۇ      ئەنگىىلىيەگە  مەنپەئەتنى  بىرەلىشى  كىرەك  (شىڭشىسەيگە  ئوخشاش )   سوۋىتمۇ  قۇرالنى  باكاغا  بەرمىدى   ئەسكەرنى  بىكاغا  چىقامىدى       بۇنى  ئۇنتۇپ  قالماڭلار      شىمالدا  كۇچلۇك  روسلارغا  قارشى  ھاكىيەت  بولغانىكەن (روسلار شۇنداق  دەپ  قارىغان) ئاجىز  دۆلەت بىلەن  ئەمەس(ئاففانىستان،  تۇرۇكيە  يىراقتا)   بەلكى  كۇچلۇك  ئەنگىلىيەبىلەن يېقىن  مۇناسىۋەتتە  بولۇپ   ئەنگىلىيەنىڭ  قوللىشىنى  قولغا  كەلتۇرەلىگەن  بولسا

    ئەنگىلىيەمۇ  ياردەمنى  قىلاتتى     ئەينى  ۋاقىتتا  ئەنگىلىيەمۇ  شۇنى  ئۇمۇت  قىلغان  (  بەك  بولسا    1905يىلىدىكىدەك  شەرقى  شىمالنى  تالىشىپ  ياپونيە  بىلەن  روسىيە  سوقۇشقان   نەتىجىدە  روسلار  ئۇتتۇرۇپ  قويوپ    شەرقى  شىمالنى  كونتۇرۇل  قىلىش  ھوقوقىنى    ياپونيە  تارتىۋالغان)  مۇشۇنداق  بولار  ئىدى    گەپ  شۇ  ھۆكۇمەتنىڭ   ئەنگىلىيە  مەنپەتى ئۇچۇن  قانچىلىك  بەدەل  تۆلىيەلىشى  ئىدى

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 20:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاباسوف يوللىغان ۋاقتى  2013-12-14 18:51
    شۇچاغدا شىنجاڭدىن سوۋىت ئىتپاقىغا كىرەكلىك ھەرقاندا ...

    بىر كۇچلۇك  ھاكىمىيەت   قۇرۇلغان   بوسا    سوۋىتمۇ     تىگەلمەيتى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 13:54 , Processed in 0.371821 second(s), 35 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش