• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 4852|ئىنكاس: 43

    ئۇيغۇر نوپۇسى( 2013)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 14:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سالمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-16 11:10  

    ئۇيغۇر نوپۇسى(2013)

         ئۇيغۇر نوپۇسى مەسىلىسىدە مەنبەسى ئېنىق بولمىغان نوپۇس مەلۇماتلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش، ھېچ بولمىسا يېڭى بىر مەنبە ھازىرلاش مەقسىتىدە، 2010-يىلىدىن باشلاپ ۋەتەن ئىچى سىرتىدىن بولغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ مىننەتسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى بولغان، ئۆز قارىشىمىزدا بىر قەدەر ئىلمىي بولغان مەلۇماتلارنى سىتاتىستىكا قىلىپ چىقتۇق.

    نىشان: ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندا ئولتۇراقلىق ئۇيغۇر ئاھالىسى

    دائىرە: ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

    رايون دەرىجىلىك ئىككى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك يىگىرمە شەھەر، ئاتمىش ئىككى ناھىيە، ئالتە ئاپتونۇم ناھىيە، يەتتى ۋىلايەت،  بەش ئاپتونۇم ئوبلاس، ئونبىر شەھەرگە قاراشلىق رايون

    مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى:

    بىرىنچى: نەقمەيدان مەلۇماتلار، ۋەتەن ئىچىدىكى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى قول ياكى ئىشەنچلىك ۋاستىلىق مەلۇماتلىرى بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە بازارلاردا ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلار، مەھەللىلەرگە  بېرىپ ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردۇر.

    قاتناشقۇچىلار:

      ئىككى يۈز ئەللىك بەش كىشى

    ئېلىپ بېرىلغان رايون:

    1)    ئۈرۈمچى: يەتتى رايون، بىر ناھىيە

    2)     قەشقەر: بىر شەھەر، ئونبىر ناھىيە

    3)    خوتەن: بىر شەھەر، يەتتى ناھىيە

    4)    تۇرپان: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە

    5)    قۇمۇل: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە

    6)    ئاقسۇ: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە

    7)    ئاتۇش: بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە

    8)    كورلا: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە

    9)    بۆرتالا: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە

    10)   قاراماي : تۆت رايون

    11)    ئىلى: ئىككى شەھەر، سەككىز ناھىيە

    ئىككىنچى: ئىنتېرنېت مەلۇماتلىرى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋاتىلداق(qq)، ئۈندىدار، سكايپى … ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تور ئىشلەتكۈچى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇلار تۇرۇشلۇق رايون ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىگىلەشتىن كەلگەن سانلىق ئۇچۇرلاردۇر.

    قاتناشقۇچىلار:

      ئۈچ يۈز ئەللىك ئالتى كىشى

    ئېلىپ بېرىلغان رايون:

    1)    ئۈرۈمچى: يەتتى رايون، بىر ناھىيە

    2)     قەشقەر: بىر شەھەر، ئونبىر ناھىيە

    3)    خوتەن: بىر شەھەر، يەتتى ناھىيە

    4)    تۇرپان: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە

    5)    قۇمۇل: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە

    6)    ئاقسۇ: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە

    7)    ئاتۇش: بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە

    8)    كورلا: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە

    9)    بۆرتالا: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە

    10)   قاراماي : تۆت رايون

    11)    ئىلى: ئىككى شەھەر

    سىتاتىستىكا باسقۇچلىرى:

    بىرىنچى باسقۇچ: مەلۇمات ئىگىلەش باسقۇچى:

    سەرپ قىلىنغان ۋاقىت: 2010-يىلى ماي ئېيىدىن باشلاپ، 2012-يىلى ئاپرىلغىچە

    ماتېرىيال ئىگىلەش قېتىم سانى: 3102(ئۈچ مىڭ بىر يۈز ئىككى) قېتىم، قاتناشقۇچىلار ئوتتۇرا ھىساب بىلەن كىشى بېشىغا بەش قېتىمدىن مەلۇمات يوللىغان

    ئىككىنچى باسقۇچ: مەلۇمات رەتلەش باسقۇچى:

    سەرپ قىلىنغان ۋاقىت:  2010-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ، 2012-يىلى ئىيۇلغىچە

    ئۈچىنچى باسقۇچ: تەكشۈرۈش باسقۇچى:

    سەرپ قىلىنغان ۋاقىت: 2011-يىل ئۆكتەبىردىن باشلىنىپ، 2013- يىلى فېۋرالغىچە

    تۆتىنچى باسقۇچ: ھىسابلاش باسقۇچى:

    سەرپ قىلىنغان ۋاقىت: 2013 – يىل مارتتىن باشلىنىپ، 2013-يىلى ئاۋغۇستقىچە

    سىتاتىستىكا خىزمەت مېخانىزمى:

    ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئالاقە تورى ئارقىلىق قۇرۇلغان بىر گۇرۇپپا، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ مىننەتسىز خىزمىتى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ ۋە كەسپىي بىلىمى بار كىشىلەر ئارقىلىق مەلۇماتلارنى رەتلەش ۋە ھىسابلاش باسقۇچلىرىنى ئەزالار ئالاھىدىلىكى ۋە ئىمكانىيىتى بىلەن تاماملىدى.

    ئەزا توپلاش خىزمىتى: شەخسىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىشەنچىلىك كىشىلەر ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى گۇرۇپپا ئەندىزىسى قۇرۇلدى.

    ۋەزىپە بۆلۈش: كەسپىي ئالاھىدىلىك، شارائىت ۋە ئىمكانلار دائىرىسىدا ئەزالار ۋەزىپىلىرى تەقسىملەندى ۋە بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى. بۆلۈملەر: ئۇچۇر ئىگىلەش بۆلۈمى، ئالاقە بۆلۈمى ۋە ئالاقە نۇقتىسى، ئۇچۇر ساقلاش نۇقتىلىرى ۋە باش پونكىت، مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى، تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش بۆلۈمى، بىخەتەرلىك بۆلۈمى، تېخنىك بۆلۈم

    ئۇچۇر توپلاش خىزمىتى:

    1)    ۋەتەن ئىچىدىكى ئەزالار ئۆز شارائىتىغا ماس ھالدا بىرىنچى قول نەقمەيدان مەلۇماتلارنى ئۆزىگە بۆلۈنگەن رايونلارنىڭ ھەرقايسى ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئىنسانلاردىن بىۋاستە ئىگىلىگەن. ئەزالار بىۋاستە بارالمىغان رايونلاردا  بولسا ئەزالارنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ بېرىشى ئارقىلىق مەلۇمات ئېلىنغان بولۇپ، مەلۇمات ئېلىشقا قاتناشقان ئىككىنچى شەخس گۇرۇپپا ئەزاسىدىن مەلۇمات ئېلىش پىرىنسىپلىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىگەن. گۇرۇپپا ئەزاسى ئىككىنچى كىشىدىن ئالغان مەلۇماتلارنىڭ ئىلمىيلىكىنى تەكشەرگەن ۋە تەپتىشلىگەن.

    2)    ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھەرقايسى رايونلاردىكى تورداشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ئارقىلىق بىر رايوننىڭ مەلۇماتى ئىگىلەنگەن.

    تەكشۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش خىزمىتى:

    نەقمەيدان ۋە ئىنتېرنېت مەلۇماتلىرى سېلىشتۇرۇلغان، گۇمانلىق ياكى ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلار قايتا ئېنىقلانغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2009-يىلى سىتاتىستىكا قىلىنغان مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.

    مەلۇمات رەتلەش ۋە ھىسابلاش خىزمىتى:

    ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى رەتلىگەن ۋە ھىسابلىغان. رەتلەش ۋە ھىسابلاش خىزمىتى تەكشۈرۈش ۋە تەپتىش قىلىش خىزمىتى بىلەن پارالىل ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەلۇماتلار ئىككىدىن ئارتۇق مۇستەقىل گۇرۇپپىلاردا ئايرىم ئايرىم ھىسابلانغان ۋە نەتىجە سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، توغرىلىقى ماقۇللانغانلار ساقلانغان، گۇمانلىق ياكى ئىككى گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسى ئوخشىماي چىققانلىرى قايتا ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككى گۇرۇپپىدا ھىسابلانغان.

    ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 2010-2013-يىللاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسى:

    18,838,470 (  ئون سەككىز مىليون سەككىز يۈز ئوتتۇز سەككىز مىڭ تۆت يۈز يەتمىش)

    ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ رايوندىكى تارقىلىشى

    نوپۇس(كىشى)        رايون

    ئۈرۈمچى: يەتتى رايون، بىر ناھىيە
         Ürümchi :      1,056,239  

    قەشقەر: بىر شەھەر، ئونبىر ناھىيە
         Kashgher :  5,946,210

    خوتەن: بىر شەھەر، يەتتى ناھىيە
         Hoten :   3,620,958

    تۇرپان: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە
         Turpan : 1,600,325

    قۇمۇل: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە
         Kumul :  1,053,049

    ئاقسۇ: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە
         Ahsu :    2,003,642

    ئاتۇش: بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە
         Atush : 1,003,627

    كورلا: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە
          Korla : 982,635

    بۆرتالا: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە
          Börtala : 442,560

    قاراماي : تۆت رايون
          Karamay : 325,601

    ئىلى: ئىككى شەھەر، سەككىز ناھىيە
                            Ėli : 803,624
    [تىما يوللىغۇچى ئىلاۋىسى]: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ تىمىنى كۇچا مۇنبىرىدىن كۆرۇپ قىلىپ يوللاش-يوللىماسلىق جەھەتتە ئىكىلىنىپ قىلىپ يەنىلا مۇنبەرداشلارنىڭ كۆرۇپ بىقىشى ئۇچۈن يوللاشنى توغرا تاپتىم.
    ئىكىلىنىشىم سەۋەبى: بۇ سىتاستىكىدىكى سانلىق قىممەتلەر ئەمىلىيەت بولسۇن ياكى ئاشۇرۋەتكەن بولسۇن قايسى شەخىس،قايسى ئۇرۇن،ياكى قايسى ئىجتىمائى تەشكىلاتنىڭ ئەمگىكى؟ بۇ توغرىسىدا ئۇچۈر ياكى ئىزاھات يوق ئىكەن.
    دوسلارنىڭ بۇ تىمىغا سوغۇق قان مۇئامىلىدە بولۇپ ،ئوشۇقچە ھاياجانلىنىپ ئىنكاس يازماسلىقىنى ،تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ ئىلمى مۇئامىلىدە بولۇپ ئىنكاس يىزىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
    ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تىللا قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
    لۇتفى + 10 + 10 + 10 جاپا چەكتىڭىز
    ياشا123 + 10 + 10 + 10 جاپا چەكتىڭىز
    تۇغلۇق + 10 + 10 + 10
    ئەرتۈرك + 10 + 10 + 10 !قوللايمەن

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 40  تىللا + 40  قىزغىنلىق + 40   باھا خاتىرىسى

    1

    تېما

    4

    دوست

    622

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 12:02:44 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىنىڭچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن،قاراپ باقسام مۇشۇ ئۈچ تۆت يىل ئىچىدىلا ئۆيدىكى نەۋرىلەر بەش ئالتىسى ئاۋۇپ قالدى،پەقەت بىر ئادەم قارزا قىلدى،مۇشڭ بويىچە بولغاندىمۇ خاتا ئەمەس،
    راس بىرىتانىيە دىكى شوتلاندىيە خەلقى نوپۇسى نوپۇسى يەتتە مىلىيوندىن كىلەر يىلى ئاشىدىكەن،شۇڭا كىلەر يىلى بىرىتانىيە پادىشاھلىقىدىن چىكىنىىپ مۇستەقىل بولۇش كىرەكمۇ يوق توغرىسىدا كىلەر يىلى ئومۇمىي خەلق سايلام ئۆتكۈزىدىكەن،بۇنى ئاڭلىغانلار بامۇ

    باھا سۆز

    يائوقى  ماندا گەپ باما تخى  يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 22:40
    ساداقەت  مەن ئاڭلىدىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 15:18

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 12:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شىرتكىن يوللىغان ۋاقتى  2013-11-16 12:02
    مىنىڭچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن،قاراپ باقسام مۇشۇ ئۈچ تۆت  ...

    مەنمۇ توردىن كۆرگەن،2014-يىلى شوتلاندىيە مىللىي مۇستەقىللىقىنى خەلق ئاۋازىغا قويماقچى.ئەگەر شوتلاندىيەلىكلەر مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەرسە بۈيۈك برېتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى[ئەنگلىيە]پارچىلىنىپ كېتىدۇ.

    46

    تېما

    34

    دوست

    3766

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 14:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ۋەتەن سىرتىدىكى 4 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرلارنى قوشساق 20 مىليۇندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.....!

    0

    تېما

    6

    دوست

    611

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 23:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئادەمنى خېلى رازى قىلغىدەك سانلىق مەلۇماتكەن.،ئەمىليەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر نۇپۇسى 32مىليۇن دەپ كۆرگەن ئىدىم بىر ماتىريالدا.

    باھا سۆز

    تۇغلۇق  راس دەيسىز ھەممەيلەننى رازى قىلغۇدەك مەلۇماتكەن 32 مىليۇن بولمىسمۇ ...  يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 13:01

    0

    تېما

    1

    دوست

    210

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 00:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنبەك مەمنۇن بولدۇم  20 نەچچە  مىليون  ئۇلۇغ ئاللاھ  ئۇيغۇرلارنىڭ دىلىغا ئۆملۈكنى ئاتاقىلغاي

    0

    تېما

    0

    دوست

    43

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 02:29:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاللاھ قولىڭزغا دەرت بەرمىسۇن،،،توغرا مەنمۇ يېرىم يڭل ئاۋۋ ال 34مىليۇن دەپ كۈرگەن

    0

    تېما

    0

    دوست

    104

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 15:14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىنىڭچە سەل كۆپتۇرۋىتىلگەن ،ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ توپلاشقان رايۇنى قەشقەر ،خوتەن ،ئاقسۇ دەپ ھىساپلايمىز ،مەن ئۈزۈم ئولتۇرۇشلۇق ناھىيىنىڭ ئەڭ ئىىنق ۋە ئىستاتىسكسى ئەڭ توغرا مەلۇماتىنى  بىلىمەن ،قەشقەردە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە يەكەن ،ئۇنىڭدىن كىيىن قاغىلىق ،ئاندىن مارالبىشى ،يۇپۇرغا ،پەيزىۋات ،مەكىت ،توققۇزاق ،يىڭىسار ،پوسكام ،يىڭىشەھەر ،تاشقورغان تەرتىپ بۇيىچەبۇلىدۇ (ئالدىنقى ئۈچىدىن باشقىسى تەخمىنەن ھۈكۈم ) ،قەشقەر شەھرى بىلەن تاشقورغاننى چىقىرۋەتسەك ،قالغان ناھىيلەرنىڭ 90%نۇپۇسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ ،يەكەنننىڭ نۇپۇسىنى 800مىڭ ھىساپلىساق (مىنڭچە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەمەس ،ھۈكۈمەت ئىستاتىسكىسى دە 500مىڭ دەپ ئىلىنغان )720مىڭى ئۇيغۇر بۇلىدۇ .قاغىلىقنىڭ نۇپۇسىنى 600مىڭ ھىساپلىساق (ھۈكۈمەت ئىستاتىسكىسىدە 400مىڭدىن ئاشمىدى )،90%تى 540مىڭى ئۇيغۇر بۇلىدۇ .مارالبىشىنىڭ نۇپۇسى 300مىڭىدىن سەل ئاشىدۇ ،290مىڭ ئۇيغۇر باردەپ ھىساپلىساق ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ،قالغان ناھىيلەرنىڭ نۇپۇسى ئۇمۇمى نۇپۇسى  300مىڭغا بارمايدۇ(ھۈكۈمەت ئستاتىسكىسى بۇيچە بولغاندا ) ،بىز قالغان يىڭىسار ،پوسكام ،مەكىت ، پەيزىۋات ،يىڭىشەھەر،يۇپۇرغا ،توققۇزاق قاتارلىق 7ناھىيىنىڭ ھەربىرىدە 300مىڭدىن ئۇيغۇر بار دەپ ھىساپلىساق 2،100،000ئۇيغۇر بۇلىدۇ ،ئۇنىڭغا يۇقۇردىكى ئۈچ ناھىيدىكى 1،280،000ئۇيغۇرنى قاتساق  3،380،000بۇلىدۇ ،قەشقەر شەھرىگە تەۋە ئۇيغۇرنى 400مىڭ دەپ ،تاشقۇرغاندىكى ئۇيغۇرنى 15000مىڭ ئەتىراپىدا دەپ پەرەز قىلساق قەشقەر ۋىلايتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 3،795،000بۇلىدۇ ،ئەمدى يىزا ئىگىلىك 3-دىۋزىيەسى تەۋەسىدە 400مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ ھىساپلىساق (ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ شۇنچىلىك بار ،چۇنكى تۇەنچاڭلارنىڭ 70%تى خەنزۇ )،پوسكام نىفىتتىكى ئۇيغۇرلارنى 50مىڭ دىسەك (بۇيەرنىڭ ئەھۋالىنى ئانچە بىلمەيمەن ،مىنىڭچە ئۇنىڭدىن ئاشمايدۇ )،قەشقەر ۋىلايتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 4،245،000بۇلىدۇ .
    ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيسى كۇچا،مىنىڭچە بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى سانىنى كۆپ بولغاندا 500مىڭ دەپ ئالساق بۇلىدۇ (كۇچانىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 500مىڭ دەپ ئىلان قىلىنغان )،قالغان ناھىيلەرنىڭ نۇپۇسى 300مىڭغا بارمايدۇ ،بۇنىڭ ئىچىدە كەلپىننىڭ نۇپۇسى 100مىڭغىمۇ بارمايدۇ  ،پەقەت ئاۋات ناھىيسىنىڭ نۇپۇسى بىرقەدەر كۆپ .قالغان ناھىيلەرنىڭ نۇپۇسى 200مىڭنىڭ ئىچىدە ۋەن ئۇنىڭدىن تۈۋەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسۇنىڭ نۇپۇسىنىڭ 15%تىنى خەنزۇ دىيىشكە بۇلىدۇ .
    قىزىلسۇنىڭ نۇپۇسى مىنىڭچە كۆپتۇرۋىتىلگەن ،قىزىلسۇنىڭ پەقەت ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيسىدىلا ئۇيغۇرلار كۆپ دىيىشكە بۇلىدۇ ،ئاقچى ،ئۇلۇغچاتلاردىكى ئۇمۇمى ئۇيغۇر 50مىڭ ئەتىراپىدا دەپ ئويلىساق ،ئاتۇشتىكى ئۇمۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 800مىڭ ئەتىراپىدا دەپ ھساپلىساق ئەمىليەتكە  ئۇيغۇن بۇلىشى مۇمكىن ،
    قۇمۇلنى ئىلىپ ئېيتساق قۇمۇل شەھىرى ۋە ئارتۈرۈك ناھىيسى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ،بارىكۆلدە ئۇيغۇرلار نى 20000ئەتىراپىدا دەپ ئاڭلغان
    تۇرپاندىمۇ ئۇيغۇرلار1مىليۇنغا يەتمەسلىگى مۇمكىن ،قۇمۇل تۇرپاننىڭ نۇپۇسىنىڭ ئاز دىگەندە  تەخمىنەن 40%تىنى خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ .
    بايىنغۇلىندىمۇ چەرچەن ۋە چاقىلىقتىن باشقا ناھىيلەردىن باشقا ناھىيلەردە ئۇيغۇر لارنىڭ نۇپۇس نىسبىتىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى يۇقۇرى ئەمەس
    ئۇمۇمىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا مىنىڭ نەزىرىمچە  شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى سانى 15مىليۇندىن يۇقۇرى ئەمەسمىكى دەيمەن ،بەزى نۇپۇسلار تەكرار ئىستاتسكا قىلىنىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ،چۇنكى چوڭ شەھەرلەردە كۆچمەن بۇلۇپ ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلى نۇپۇسى يۇرتىدا ،ياشاۋاتقان شەھەردىكى ئاھالە كومتىتىدىمۇ تىزىمغا ئىلىندۇ ،
    (مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىلسۇ ،خوتەن ،ئىلى ،ئاقسۇلاردا بىرمەزگىلدىن تۇرغان،نۇپۇسقا ئائىت مەلۇم دەرىجىدە ئەھۋال ئىلگەللىگەن  ،ئۈزۈم قەشقەردە )

    باھا سۆز

    گېتلېر  بەلكىم سىز دەۋاتقاننىڭ ھەممىسى ھۆكۇمەت سىتاتكىسى بولۇشى مۇمكىن مىنىڭ بىر قانچە يەكەنلىك دوسلۇرۇم  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 18:52
    ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تىللا قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
    بايغۇ + 5 + 10 + 10 ئالامەت!

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 5  تىللا + 10  قىزغىنلىق + 10   باھا خاتىرىسى

    0

    تېما

    0

    دوست

    104

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 15:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىنىڭچە سەل كۆپتۇرۋىتىلگەن ،ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ توپلاشقان رايۇنى قەشقەر ،خوتەن ،ئاقسۇ دەپ ھىساپلايمىز ،مەن ئۈزۈم ئولتۇرۇشلۇق ناھىيىنىڭ ئەڭ ئىىنق ۋە ئىستاتىسكسى ئەڭ توغرا مەلۇماتىنى  بىلىمەن ،قەشقەردە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە يەكەن ،ئۇنىڭدىن كىيىن قاغىلىق ،ئاندىن مارالبىشى ،يۇپۇرغا ،پەيزىۋات ،مەكىت ،توققۇزاق ،يىڭىسار ،پوسكام ،يىڭىشەھەر ،تاشقورغان تەرتىپ بۇيىچەبۇلىدۇ (ئالدىنقى ئۈچىدىن باشقىسى تەخمىنەن ھۈكۈم ) ،قەشقەر شەھرى بىلەن تاشقورغاننى چىقىرۋەتسەك ،قالغان ناھىيلەرنىڭ 90%نۇپۇسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ ،يەكەنننىڭ نۇپۇسىنى 800مىڭ ھىساپلىساق (مىنڭچە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەمەس ،ھۈكۈمەت ئىستاتىسكىسى دە 500مىڭ دەپ ئىلىنغان )720مىڭى ئۇيغۇر بۇلىدۇ .قاغىلىقنىڭ نۇپۇسىنى 600مىڭ ھىساپلىساق (ھۈكۈمەت ئىستاتىسكىسىدە 400مىڭدىن ئاشمىدى )،90%تى 540مىڭى ئۇيغۇر بۇلىدۇ .مارالبىشىنىڭ نۇپۇسى 300مىڭىدىن سەل ئاشىدۇ ،290مىڭ ئۇيغۇر باردەپ ھىساپلىساق ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ،قالغان ناھىيلەرنىڭ نۇپۇسى ئۇمۇمى نۇپۇسى  300مىڭغا بارمايدۇ(ھۈكۈمەت ئستاتىسكىسى بۇيچە بولغاندا ) ،بىز قالغان يىڭىسار ،پوسكام ،مەكىت ، پەيزىۋات ،يىڭىشەھەر،يۇپۇرغا ،توققۇزاق قاتارلىق 7ناھىيىنىڭ ھەربىرىدە 300مىڭدىن ئۇيغۇر بار دەپ ھىساپلىساق 2،100،000ئۇيغۇر بۇلىدۇ ،ئۇنىڭغا يۇقۇردىكى ئۈچ ناھىيدىكى 1،280،000ئۇيغۇرنى قاتساق  3،380،000بۇلىدۇ ،قەشقەر شەھرىگە تەۋە ئۇيغۇرنى 400مىڭ دەپ ،تاشقۇرغاندىكى ئۇيغۇرنى 15000مىڭ ئەتىراپىدا دەپ پەرەز قىلساق قەشقەر ۋىلايتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 3،795،000بۇلىدۇ ،ئەمدى يىزا ئىگىلىك 3-دىۋزىيەسى تەۋەسىدە 400مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ ھىساپلىساق (ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ شۇنچىلىك بار ،چۇنكى تۇەنچاڭلارنىڭ 70%تى خەنزۇ )،پوسكام نىفىتتىكى ئۇيغۇرلارنى 50مىڭ دىسەك (بۇيەرنىڭ ئەھۋالىنى ئانچە بىلمەيمەن ،مىنىڭچە ئۇنىڭدىن ئاشمايدۇ )،قەشقەر ۋىلايتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 4،245،000بۇلىدۇ .
    ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيسى كۇچا،مىنىڭچە بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى سانىنى كۆپ بولغاندا 500مىڭ دەپ ئالساق بۇلىدۇ (كۇچانىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 500مىڭ دەپ ئىلان قىلىنغان )،قالغان ناھىيلەرنىڭ نۇپۇسى 300مىڭغا بارمايدۇ ،بۇنىڭ ئىچىدە كەلپىننىڭ نۇپۇسى 100مىڭغىمۇ بارمايدۇ  ،پەقەت ئاۋات ناھىيسىنىڭ نۇپۇسى بىرقەدەر كۆپ .قالغان ناھىيلەرنىڭ نۇپۇسى 200مىڭنىڭ ئىچىدە ۋەن ئۇنىڭدىن تۈۋەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسۇنىڭ نۇپۇسىنىڭ 15%تىنى خەنزۇ دىيىشكە بۇلىدۇ .
    قىزىلسۇنىڭ نۇپۇسى مىنىڭچە كۆپتۇرۋىتىلگەن ،قىزىلسۇنىڭ پەقەت ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيسىدىلا ئۇيغۇرلار كۆپ دىيىشكە بۇلىدۇ ،ئاقچى ،ئۇلۇغچاتلاردىكى ئۇمۇمى ئۇيغۇر 50مىڭ ئەتىراپىدا دەپ ئويلىساق ،ئاتۇشتىكى ئۇمۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 800مىڭ ئەتىراپىدا دەپ ھساپلىساق ئەمىليەتكە  ئۇيغۇن بۇلىشى مۇمكىن ،
    قۇمۇلنى ئىلىپ ئېيتساق قۇمۇل شەھىرى ۋە ئارتۈرۈك ناھىيسى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ،بارىكۆلدە ئۇيغۇرلار نى 20000ئەتىراپىدا دەپ ئاڭلغان
    تۇرپاندىمۇ ئۇيغۇرلار1مىليۇنغا يەتمەسلىگى مۇمكىن ،قۇمۇل تۇرپاننىڭ نۇپۇسىنىڭ ئاز دىگەندە  تەخمىنەن 40%تىنى خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ .
    بايىنغۇلىندىمۇ چەرچەن ۋە چاقىلىقتىن باشقا ناھىيلەردىن باشقا ناھىيلەردە ئۇيغۇر لارنىڭ نۇپۇس نىسبىتىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى يۇقۇرى ئەمەس
    ئۇمۇمىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا مىنىڭ نەزىرىمچە  شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى سانى 15مىليۇندىن يۇقۇرى ئەمەسمىكى دەيمەن ،بەزى نۇپۇسلار تەكرار ئىستاتسكا قىلىنىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ،چۇنكى چوڭ شەھەرلەردە كۆچمەن بۇلۇپ ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلى نۇپۇسى يۇرتىدا ،ياشاۋاتقان شەھەردىكى ئاھالە كومتىتىدىمۇ تىزىمغا ئىلىندۇ ،
    (مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىلسۇ ،خوتەن ،ئىلى ،ئاقسۇلاردا بىرمەزگىلدىن تۇرغان،نۇپۇسقا ئائىت مەلۇم دەرىجىدە ئەھۋال ئىلگەللىگەن  ،ئۈزۈم قەشقەردە )

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 22:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    komandir يوللىغان ۋاقتى  2013-11-17 15:22
    مىنىڭچە سەل كۆپتۇرۋىتىلگەن ،ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ  ...

    كۆپ ئەجىر قىلىپ ئىنكاسقا قاتناشقىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، بولسا بىلىدىغان دوسلار دۆلىتىمىزنىڭ يىقىنقى نوپۇس سىتاستىكىسىدىن خەۋەردار قىلسا.
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 00:36 , Processed in 0.420878 second(s), 32 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش