1971-يىلى 6-ئايدا، ئامېرىكا ئۇكىناۋا تاقىم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، بۇ ئىككى دۆلەت ئاستىرتتىن بىرلىشىپ، جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىمۇ بىللە ياپونىيىگە قوشۇپ بېرىۋەتتى. بۇ ۋەقە پۈتۈن يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارالنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوزغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1978-يىلى ‹‹جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق شەرتنامىسى›› ئىمزالىنىپ، جۇڭگو رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان زېمىن مەسىلىسىنى قويۇپ قويۇش، ئورتاق ئېچىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ دياۋيۈ ئارىلى تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
زېمىن تالاش-تارتىشىنى قويۇپ قويۇش، ئورتاق ئېچىش تەشەببۇسى دياۋيۈ ئارىلىغىلا ئىشلىتىلىپلا قالماستىن يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىگىمۇ تەدبىقلاندى.
30 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھېچقايسى دۆلەت بۇ تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمىدى، ئەكسىچە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ زېمىنلارنى ئىگىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ئېستىراتېگىيىنى تەڭشىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى.
دېڭ شياۋپىڭمۇ ماۋزېدوڭمۇ ئوخشاشلا ئادەم، ھەرگىز ئىلاھ ئەمەس، دېگەن سۆزىنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىز ماۋزېدوڭ دېگەنلا گەپنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ قارىمايمىز، دېڭ شياۋپىڭمۇ ئوخشاش. مەسىلىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئورتاق ئېچىش تەشەببۇسى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن ئۇنداقتا جۇڭگو چوقۇم ئېستىراتېگىيىسىنى تەڭشىشى كېرەك. ئارالنى قوغداشتا يېڭىچە تەپەككۈر ۋە يېڭىچە ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك.
ئالدى بىلەن يېتەكچى پىرىنسىپ مەسىلىسىدە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، مىللەتنىڭ ئار-نومۇسى، دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقىدا قاتتىق قول بولۇش كېرەك. ياپونىيە شىمالدىكى ئارالنى ياپونىيىنىڭ زېمىنى دېگەندە، رۇسىيىمۇ قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي، ئارالنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ياپونىيە جۇداۋ ئارىلىنى بىزنىڭ زېمىنىمىز دېگەندىن كېيىن، كورىيە دەرھاللا ئەسكەر تۇرغۇزىمىز دېدى ۋە پۇقرالارنى ئارالغا چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردى. دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقىنى قوغداشتا چوقۇم دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ساھەدە چوقۇم تەڭلا تەييارلىق قىلىش كېرەك، مانا ئالدىن سالام، ئاندىن كالام دېگەنلىك. ھەرگىز قارشى تۇرۇپلا بولدى قىلماسلىق كېرەك، چوقۇم تارىختىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك.
قاتتىق بولغاندىن باشقا يەنە، چوقۇم پىلانلىق ئىش قىلىشىمىز كېرەك. دياۋيۈ ئارىلىنى ئالدى بىلەن جۇڭگولۇقلار بايقىغان، ئىسىم قويغان ۋە شەرقىي دېڭىز خەرىتىسىگە چىقارغان. ئەمما ياپونىيە بۇنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بىز چوقۇم ئارالنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە توختاپ قالماي يەنە ئۇكىناۋا ئارىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك.
جامائەت پىكرى يارىتىش جەھەتتە، بىرىنچىدىن، مارجان تاشلار ئەزەلدىن جۇڭگوغا تەۋە بولۇپ كەلگەن، نانى جۇڭگو پادىشاھى تەرىپىدىن قويۇلغان. ئىككىنچىدىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ‹‹قاھىرە خىتاپنامىسى››، ‹‹پوتسىدام خىتاپنامىسى›› دا ياپونىيىنىڭ زېمىنى پەقەت خونشو، كيۇسيۇ، شىكوكو، خوككايدو قاتارلىق جايلار بىلەنلا چەكلىنىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئۈچىنچىدىن، قاھىرە يىغىنى مەزگىلىدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت ئۈچ قېتىم جياڭ جيېشىغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگونىڭ ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ريۇكيۇ تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ريۇكيۇ تاقىم ئارىلى مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ياپونىيىنى دياۋيۈ ئارىلىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى، ئوكيان چارلاش پاراخوتى ۋە چارلاش ئايروپىلانى يېقىندىن بۇيان دياۋيۈ ئارىلىغا بېرىپ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنى چوقۇم دائىملىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش سۈيقەستىنى تارمار قىلىشىمىز كېرەك.
جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە، 1946-يىلى، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى پاراخوت ئەۋەتىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئىگىلىۋالغان دوڭشا، جوڭشا، نەنشا تاقىم ئاراللىرىنى قايتۇرۋالغان. ئەينى ۋاقىتتا قوشنا دۆلەت ۋېيتنام، فىلىپپىن، مالايسىيە، ھىندونېزىيە، برۇنىي قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنقى ھامىي دۆلىتى فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر باشقىچە پىكىردە بولغان. جۇڭگو ئارمىيىسى نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى تەيپىڭداۋدا ئەسكەر تۇرغۇزۇۋاتقىنىغا 60 يىلدىن ئاشتى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا باشقىچە پىكىردە ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، تەيۋەن ئىككى قىرغاق تىركىشىپ تۇرۇۋاتقىلى 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈ، ئىككى قىرغاقتىكى ھەربىي تەرەپلەر ئۆز-ئارا ئىشىنىش مېخانىزىمى ئورنىتىپ، ئىككى قىرغاق قول تۇتۇشۇپ، دۆلەتنىڭ زېمىنىنى قوغدىشى كېرەك. دياۋيۈ ئارىلى ئەسلىدە تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى يىلەن ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭغا دائىر دىپلوماتىيە ھۆججىتى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا ھازىر تەيپىڭ ئارىلىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇۋاتىدۇ.
ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە قاتتىق قول بولغانلىقتىن، جۇڭگو ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالدى. مەيلى ئۇرۇش قىلسۇن، ياكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى كۈچەيسۇن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى كۈچىيىۋاتىدۇ.
ئەمما ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىشىدەك بۇنداق ۋەزىيەتنى بىز كۆرۈشنى خالىمايمىز. ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپلا قالسا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ناۋادا ئىككى دۆلەت ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇنداقتا كىم يېڭىدۇ؟ ئۇنداق بولسا بىز ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى.
جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما قورال-ياراق سەپلىسىمىدە ياپونىيىگە يەتمەيدۇ.
خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئادەم سانى جەھەتتە ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانىدىن ئون ھەسسە كۆپ ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى جۇڭگونىڭ توشۇش ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نەچچە ئون مىڭ ئەسكەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئالدىنقى سەپكە توشۇپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ناۋادا جۇڭگو كۈچلۈك قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سالغان تەقدىردىمۇ، بىرلا ۋاقىتتا ئاران 3000 ئادەمنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش قىسمىنىڭ بۇ ئىقتىدارى بار.
دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچى جەھەتتە، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش قىسمىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كەلسىمۇ، 1000 دىن ئارتۇق كېمىسى بار بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچىسى دېڭىز بويىدا ئىشلىتىلىدىغان زاپاس كىچىك تىپتىكى كېمىلەر. دېڭىز-ئوكيان ئۇرۇشىغا قاتنىشالايدىغان قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە قوغدىغۇچى پاراخوتتىن 200 ى بار، بۇ جەھەتتە ياپونىيىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ كېمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كونا تىپتىكى كېمىلەر بولۇپ، ئۇرۇش كۈچى جەھەتتە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش قىسمىنىڭ كېمىلىرىگە يەتمەيدۇ.
جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ياپونىيە ھاۋادىن قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ياپونىيىنىڭ 260 دانە جەڭ ئايروپىلانى بار، جۇڭگونىڭ 1300 دىن كۆپرەك جەڭ ئايرپىلانى بار، ئەمما كۆپىنچىسى كونا تىپتىكى جەڭ ئايروپىلانى. ناۋادا ھاۋا قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئىلغار ئايروپىلانلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان بولسا، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىلغار دەپ قارالغان ‹‹قىرغۇچى-10›› تىپلىق جەڭ ئايروپىلانى 500 دىن كۆپرەك، شۇغىنىسى بۇ ئايروپىلاننىڭ جەڭگە قاتنىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئۇچۇش ھالىتى دېگەندەك ياخشى ئەمەس.
ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو زېمىدىن ئۇكىناۋا ئارىلىغىچە بولغان ئارىلىق 1000 كىلومېتىر. جۇڭگونىڭ ئايروپىلانلىرى بۇ يەرگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كېلەلمەيدۇ، ئارىلىق بەك يىراق. جەڭ ئايروپىلانى بەش مىنۇت ئۇرۇش قىلغاندا سەرپ قىلغان يېقىلغۇ بۇ ئايروپىلاننىڭ بىر سائەت ئۇچۇشىغا يېتىدۇ، دېمەك ئۇرۇشۇپلا قالسا، قايتىپ كېلىشكە كېرەكلىك بولغان يېقىلغۇ تۈگەيدۇ دېگەن گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىراق مۇساپىلىك ئۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل كۈچلۈك بولغان ئاۋياماتكا كۈچىدە. ئەمما جۇڭگونىڭ ئاۋياماتكىسى ئەمدىلا دېڭىزغا چىقتى، جەڭ قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن. ياپونىيىنىڭ بولسا چوڭ تىپتىكى، ئاۋياماتكىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پاراخوتلىرى خېلى كۆپ، تەجرىبە جەھەتتە ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى مول. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيىنىڭ 100 دىن ئارتۇق چارلاش ئايروپىلانى ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى بار، بۇ ياپونىيىنىڭ ‹‹كۆزى›› گە ئايلانغان بولۇپ، ھازىرقى زامانىۋى ئۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ تېخى ھاۋا ۋە دېڭىزنى كونترول قىلغۇدەك ئۈستۈنلىكى يوق. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسى ئۇچۇش مەشىقى جەھەتتە 30 يىل ئىلگىرىكى قوغدىنىش ئارمىيىسىگە تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، ساختا سىگنال تارقىتىش، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش، تىك ئۇچۇش ۋە يانتۇ ئۇچۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زامانىۋىلاشقان ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. بىرلا كاشىلىغا ئۇچراپ، سىمسىز تېلېگرافتا مەسىلە چىقسا، ئېنىق بولغان كۆرسەتمىنى تاپشۇرۇۋالالمىسا، ئۇنداقتا بۇ جەڭنى قىلغىلى بولمايدۇ. |