• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 1357|ئىنكاس: 10

    ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    91

    تېما

    2

    دوست

    772

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 19:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى

    (1)

    چېن خەنشېڭ

    تەرجىمان: ھەسەن توختى


    1.مۇقەددىمە



           ھىندىستان دىپلوماتلىرىنىڭ رەسمىيانە كىيىمى كۆپىنچىمىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ. چاپىنى قارا جۇڭشەن فورمىسىغا ئوخشىشىدۇ، ئەمما مەيدە يانچۇقى يوق، ئوتتۇرىسىغا تۈپتۈز قىلىپ بىر مۇنچە ئۇششاق تۈگمە قادالغان بولۇپ، بېلى بەدەنگە يېپىشىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىشتىنى ناھايىتى تار، پۇچقىقىغا ئاق رەخت باغلانغان بولۇپ, چەۋەندازلارنىڭ كىيىمىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ. روشەنكى، بۇ كىيىم تروپىك بەلباغ ياكىسۇبتروپىك بەلبەغدىكى كىشىلەر كىيىپ ئادەتلەنگەن كەڭ، ئازادە، كېلەڭسىز كىيىملەردى ئەمەس. بۇ كىيىم بۇنىڭدىن 300 يىل بۇرۇنقى موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇراسىم كىيىمى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى جايلاردىن كىرگەن.
          مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار بىر قانچە قېتىم ئافغانىستان ئارقىلىق ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. بىر قانچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بۇ يات يۇرتلۇق كىشىلەر زۇ چاغدىكى پېرسىيە (ئىران) مەدەنىيىتىنى ھىندىستانغا كەينى-كەينىدىن ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمى ھىندىستاندا موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىدە دىننى ئەمەس، سىياسەتنى ئاساس قىلغان. شۇ چاغدا سانسكىرتيېزىقى، ھىندى يېزىقى ۋە پارس يېزىقى ئوخشاشلا ئېتىبارغا ئىگە ئىدى، ئوخشاشلا رىغبەتلەندۈرۈلەتتى. ھىندى دىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كىيىمى بىلەن ئىسلام دىنىدىكىئاقسۆڭەكلەرنىڭ كىيىمى تائىپە بەلگىسىدىن پەرقلەنگەندىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆي جاھازلىرىمۇ پېرسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭكىدەك ئىشلەنگەن، يېڭىچە ئۇسلۇبدىكى ئىمارەتلەر، مەسىلەن، قۇببە ۋەرەڭدار كاھىش قاتارلىقلارمۇ شۇ جايدىكىگە ئوخشىتىلىپ ياسالغانىدى. ھىندى دىنى ئىسلام دىنىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان دەۋرلەردە، سانسكىرت يېزىقىدىكى دىنىي كىتابلارتۈرلۈك يەرلىك تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، شۇ سەۋەبتىن، ئىلاھىيەت بىلەن ئەدەبىيات كەڭ خەلققە ئورتاق ئومۇمىي بىلىمگە ئايلانغان، يەرلىك تىللاردىمۇ پارسچە سۆزلەر بارغانسېرى كۆپلەپ ئىشلىتىلگەنىدى. مەسىلەن، ھازىر ھىندىستانلىقلار «ياسىسۇن» دەپ توۋلىغاندا، يەنىلا پارسچە «چىندەبار» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ، پومېشچىكنىمۇ پارسچە «زېمىندار» دەپ ئاتايدۇ. موغۇل ئىمپېرىيىسى ھىندىستانغا تونۇشتۇرغان نۇرغۇن مەدەنىي يادىكارلىقلار خېلى بۇرۇنلا چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرى دەپ قارالماي، ھەممىلا يەردە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ھازىرقى ھىندى مەدەنىيىتى نوقۇل ھىندى دىنىغىلا خاس مەدەنىيەت ئەمەس، ئۇ موغۇل ئىمپېرىيىسى ھۆكۈم سۈرگەن 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، پارس مەدەنىيىتى بىلەن ئەسلىدىكى ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ بارا-بارا قوشۇلۇپ بېرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. شۇڭا، بىز ھىندىستاننىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىمىز دېسەك، ئالدى بىلەن موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
          موغۇل ئىمپېرىيىسى 235 يىلنى، يەنى مىلادى 1526-يىلدىن 1761-يىلغىچە بولغان ئارىلىقنى باشتىن كەچۈردى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى شىزۇڭ خان زامانىسىنىڭ جياجىڭ 5-يىلىدىن چىڭ سۇلالىسىدىكى گاۋزۇڭ خان زامانىسىنىڭ چيەنلۇڭ 26-يىلىغىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ قۇرغۇچىسى بابۇر ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭپايتەختى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. بۇ يەر مىلادى 9-ئەسىردە موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 13-ئەسىردە يەنە تۈركلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقى دەپ، تېمۇرىيلەر دەۋرىدە سەمەرقەند دۆلىتى دەپ ئاتالغان. بابۇر ئۆزىنى تېمۇرنىڭ 6-ئەۋلاد نەۋرىسى دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ ئانا جەمەتى چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن ئىدى.
           تېمۇر بىر مەھەل ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە پۈتكۈل دېھلىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. تۆۋەندە، ئالدى بىلەن، ئۇنىڭغا دائىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. ئۇنىڭ بوۋىسى ئەسلىدە تاشكەنتتە تۇراتتى، چىڭگىزخان تاجاۋۇز قىلىپكىرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، سەمەركقەندكە كۆچۈپ كەتكەن. تېمۇر 1334-يىلى سەمەرقەندنىڭ 100 نەچچە چاقىرىم جەنۇبىدىكى بىر جايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى تۈرك تۆرىلىرىدىن بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ چاغاتاي نەسەبى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى، ئەمما ئۇ بۇلاڭچىلىق بىلەن روناق تېپىپ، كېيىن شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. تېمۇر بالىلىق دەۋرىدە، ئاتىسىغا ئوخشاش يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىش بىلەنلا جان باقاتتى. دەسلەپتە ئۇنىڭ بىر نەچچىلا ئادىمى بار ئىدى. ئەمما ئۇ ھەر قېتىم بۇلاپ كەلگەن قوي-كالىلارنى سويۇپ مېھمان چاقىرىپ زىياپەت بېرەتتى، ئولخىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆلپەتلىرى بىلەن تەڭ بۆلۈشەتتى. شۇڭا، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئادىمى 500 چەۋەندازدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ، ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ سەمەرقەند تەۋەسىدىن ئۆتۈپ، سىستانىلارنىڭ قويلىرىنى ۋە يىلقىلىرىنى بۇلىغاندا، سىستانىلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادىمى ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئېتى ئۆلتۈرۈلگەندىن باشقا، ئوڭ پۇتى ئېغىر يارىلىنىدۇ، ئوڭ قولىنىڭ ئىككى بارمىقى ئۈزۈۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ئۇنى ئاقساق تېمۇر دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ. ئۇ 1370-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى قوشۇن باشلاپ، شەھەر سىرتىدىكى جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان سەمەرقەند بېگى خۇسىنغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. خۇسىننىڭ ھەمراھلىرى پۈتۈنلەي تىرەپىرەن بولۇپ كېتىدۇ،خۇسىن ئالدىراپ –تىنەپ قاچىدۇ ۋە ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر خالىي جايغا باشلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل مۇكاپات بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئادەم تېمۇرغا مەخپىيەتلىكنىيەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەگ ئۆلتۈرۈلىدۇ. تېمۇر بەگنى ئۆلتۈرۈپ سەمەرقەندنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلايدۇ ھەمدە خۇسىننىڭ قىزىنى خانىشلىققا ئالىدۇ. ئىسلام دىنىدا كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم بولغانلىقتىن، تېمۇر 70 يېشىدا، يەنى ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل بۇرۇن سەككىز خوتۇنلۇق ئىدى.
    تېمۇر چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلاردىن 50 مىڭ چېدىرلىق كۈچلۈك قوشۇن تەشكىل قىلىپ، ھەر قايسى جايلارغا يەتتە يىلدەك تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئافغانىستان، پېرسىيە، ئىراق، تۈركىيە، كاۋكاز قاتارلىق جايلار ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. ئۇ ۋەھشىيلىكتە نام چىقارغانىدى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قاتتىق جازالايتتى. ئۇنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇيۇقى يەتكەنلا جايلار خارابىگە ئايلىناتتى. ئىشغال قىلىنغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىۋېتىلىپ، ھۈنەرۋەنلەرلا تۇتقۇن سۈپىتىدە سەمەرقەندكە ئېلىپ كېلىنەتتى. ئۇلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن ئاشقانىدى. سانسىزلىغان جايلار دەپسەندە قىلىنغاندىن كېيىن، تېمۇرىيلەر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلىدۇ. مىسىر ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېمۇر بىلەن كۆرۈشۈشكە مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تېمۇر بىلەن دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىشى مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ 20-يىلى (1387-يىلى) باشلىنىدۇ. شۇ يىلى تېمۇر ئەلچى ئەۋەتىپ، تۆگە،ئات سوۋغا قىلىدۇ، خۇڭۋۇ خانمۇ يارلىق چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن سوۋغا ئىنئام قىلىدۇ. يەتتە يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، 200 ئات سوۋغا قىلىدۇ. خۇڭۋۇ 28-يىلى (1395-يىلى) فۇئەن بىلەن گوجى بۇيرۇققا بىنائەن تېمۇرنىڭ ئوردىسىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ، يۇڭلې 5-يىلى (1407-يىلى) جۇڭگوغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا بېيجىڭدىن سەمەرقەندكە بېرىش ئۈچۈن يېرىم يىل كېتەتتى. ئەلچىلەر غەربىي يۇرتقا، كۆپ ھاللاردا، 800 تۆگىلىك چوڭ سودا كارۋىنىدا جۇڭگو ماللىرىنى ئالغاچ باراتتى. تېمۇرنىڭ بارگاھى ئالدىغا ياسىلىدىغان راۋاق ۋە قورۇقلار ئوتتۇرا ئەسىردە غەربتە مەشھۇر بولغان ئېلىمىزنىڭ چۈەنجۇ ئايمىقىدا توقۇلغان ئەڭ ئېسىلتاۋار-دۇردۇنلار بىلەن زىننەتلىنەتتى. تېمۇر جۇڭگونىڭ باي –ئاۋاتلىقىغا ھەۋەس قىلىپ ۋە جۇڭگولۇقلارنى مۇسۇلمان قىلماقچى بولۇپ، يۇڭلې 2-يىلى (1404-يىلى) 12-ئايدا 400مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇ شەرققە قاراپ بىر ئايدىن كۆپرەك ماڭغاندىن كېيىن قۇملۇققا بېرىپ قالىدۇ. شۇ، ئوت-چۆپ كەمچىل، ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. كېيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تېمۇرمۇ يو ئۈسىتىدە كېسەل بولۇپ ئۆلىدۇ.
        سەمەرقەند شەھىرىگە دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق جايلىرىدىن كەلگەن تۈرلۈك ماللار يىغىلاتتى. بۇ ماللار ئىچىدە روسىيىدىن كەلگەن تېرە-بۇلغارى ۋە كەندىردىن ئىشلەنگەن ماللار، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب ئۆلكىلىرىدىن توشۇپ كېلىنگەن يىپەك توقۇلمىلار، شۇنىڭدەك خوتەندىن كەلتۈرۈلگەن ياقۇت ۋە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، تروپىك ۋە سۇبتروپىك بەلباغلارنىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى بولۇپ، سودا-سېتىق ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانىدى. ھىندىستان سودىگەرلىرى ھەر يىلىتاپشۇرىدىغان باج پۇلى تېمۇر ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىمىدە مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. تېمۇر 64 يېشىدا جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. دەسلەپتە ئۇنىڭ قوشۇنىھىندىستاننىڭ پىل قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. پىل جەڭ مەيدانىدا ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئالدىغا كەلگەنلىكى ئادەمنى دەسسەپ-چەيلەپ ماڭىۋېرەتتى. يارىلانغان پىللار تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، تېخىمۇ تېز ماڭاتتى، بىر پىلمىڭ پىيادە ئەسكەرگە تەڭ كېلەلەيتتى. تېمۇر بۇ زور مەخلۇقلارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، ئوت-چۆپ ئارتىلغان تۆگىلەرنى جەڭگە قاتناشتۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنلىرى ئۇچراشقاندا، ئوت-چۆپلەرگە ئوت قويۇۋېتىلىدۇ، ئوتتىن قورقىدىغان دۈشمەن پىللىرى دۈمبىسىدە ئوت كۆيۈۋاتقان تۆگىلەرنى كۆرۈپ، تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تېمۇر 1398-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى گانگ دەرياسىنىڭ يۇقىرىئېقىمىدىكى پانىپات جەڭ مەيدانىدا غەلىبە قازىنىدۇ ۋە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، تۈزلەڭلىككىچە بېرىپ، دېھلى شەھىرىنىڭ ھېچنېمىسىنى قويماي بۇلايدۇ. كېيىنكى يىلى4-ئايدا ئۇ بولىۋالغان نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى ئېلىپ، سەمەرقەندكە قايتىپ كېتىدۇ. تېمۇر سەمەرقەندتە مەسچىت سالدۇرغاندا، يەنە ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلگەن 90 پىلغا نۇرغۇن بىناكارلىق ماتېرىياللىرىنى توشۇتىدۇ


    73

    تېما

    19

    دوست

    1966

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 23:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاقساق تۆمۈر  ئەمىر تۆمۆر دەپمۇ ئاتىلدىغۇ  ئۇمۇ نۇرغۇن خانلىقنى بىسۋىلىپ چوڭ ئىمپىريە قۇرۇپتىكەن جۇمۇ

    باھا سۆز

    ئاقسۇ  تۆمۈرىيلەر ئېمپىريىسىنىڭ يەر مەيدانى 9 مىليون كىۋادىرات كىلومېتىر كېلدۇ....  يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 22:08

    46

    تېما

    34

    دوست

    3758

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 22:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامىنى تېزراق يوللاڭ قېرىندىشىم..............

    2

    تېما

    0

    دوست

    199

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 12:05:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۆمۇرلەڭ دىگەن ئاتىقىمۇ بارغۇ دەيمەن

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەمىر تۆمۇر چاغىتاي خان جەمەتىدىن بولمىغانلىقى سەۋەپتىن ئۆزىنى ‹‹سۇلتان،شاھ ياكى خەلىپە›› دەپ ئاتىماي ئەمىر نامى بىلەن ئاتالغان.

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 21:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دۇنيادىكى  كۆپ  قىسىم  يەردە     بىراۋ   پادىشاھ   بولماقچى  بولسا   ئۇنۇڭدا    نەسەپ ئىگىسى  ياكى  دىنى ئىمتىياز ئىگىسى  بولۇشتەك   شەرىت-شارائىتنى   ھازىرلىشى  كىرەك        ئەمما   مىنىڭ   ھەيران  قالدىغىنىم   بولسا    چىڭگىزخان   دەۋرىدىن   كىيىن  مەركىزى  ئاسىيادا   چاغاتاي  ئەۋلادى نەچچە  قىتىم  ھۆكۇمرانلىق  ئورنىدىن ئايرىلغان  بولسىمۇ      يەنە  شۇ   ھوقۇقدارلارنىڭ   شۇ   موڭغۇلنىڭ  ئەۋلادىنى   تېپىپ   ئەكىلىپ   خانلىق  تەختىدە   ئولتۇرغۇزىشى      مەركىزى  ئاسىيانىڭ  ئىگىسى  ئۇيغۇرلارنىڭ   نەچچە  ئەسىرلەپ    لەشكىرى  ھوقۇقتىن  خالى  يۇرۇشلىرى،ھۆكۇمرانلىق   ئورنىدىن خالى   يۇرۇشلىرى    بولدى  (ئىدىقۇت  خانلىقى   بۇنىڭ  سىرتىدا  )  تاكى  ئاپپاق  خوجا  دەۋرىگە  كەلگەندىلا   ئۇيغۇرلار   ئاندىن لەشكىرى   ھوقۇقنى   قولغا   ئالالىدى    بىراق   پەلەك  تەتۇر  كىپ  قالدى

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 21:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شۇ   موڭغۇلسىزمۇ  ئۇيغۇرلاردا   خان  جەمەتى   بار  ئىدى

    0

    تېما

    0

    دوست

    106

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    0

    تېما

    4

    دوست

    386

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 20:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گىتلىر ئەپەندى يەركەن سائىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرى مۇ مۇستەقىل لەشكىرى   ھوقۇقنى   قولغا   ئالالىدى بۇ ئەمەلىي تارىخقۇ.

    0

    تېما

    7

    دوست

    2109

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 22:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۈمۈر لەڭنى بۇلاڭچى قىلىپ كۆرسىتىپ نېمىنى مەخسەت قىلىدىكىنا بۇ موزدوز، تارىختىن ھازىرغىچە ئۆزلىرى نېمىكەن؟ تۈمۈر ئاشۇنچىۋالا كۈشلۈك تۇرۇپ ميڭ سۇلاسىغا ئەلچى ئەۋەتىپتىمۇ؟ قاچاندا قارسا ئۆزىنى تارىختا يۇقۇرى ئورىندا قۇيۇدۇ نۇمۇس قىلىش دىگەننى مەڭگۇ بىلمەيدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ شۇ ئۆزنى ماقتىغانغا لايىق 2 دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپۇنغا تەڭ كىلەلمىدى بىلسە خىتتاي، ئۇرۇس دىگەنلەر ئامىركىغا رەخمەت دىسە بۇلۇدۇ بولمىسى ھازىرغىچە ئېشەكتەك ياشايتى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 05:49 , Processed in 0.389381 second(s), 34 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش