مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى Täpük سۆزىنىڭ ئىزاھاتى توغرىسىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2008-يىللىق ئوقۇغۇچىسى قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى täpükسۆزىگە قارىتا ئىلىم ساھەسىدە بېرىلگەن ئىزاھاتلار بايان قىلىنىدۇ ۋە پۇتبول بىلەن تەپكۈچنىڭ تارىخى، تۈزۈلۈشى، ئوينىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆز: täpük، پۇتبول، تەپكۈچ
摘要: 文章论述对麻赫穆德·喀什噶里写的《突厥语大词典》中所记载的 “ täpük ”一词在科学界里有什么样的说明。通过论述足球与毽子的历史、构成、玩法等,并发表我们的一些观点。
关键词: täpük 、足球、毽子
1. täpük سۆزىگە قارىتا ئىلىم ساھەسىدە بېرىلگەن ئىزاھاتلار:
1) مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى täpükسۆزىنىڭ ئىزاھاتىدا بەرگەن بىلگىسى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىل كېيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە (1)‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»دېگەن كىتابدا بۇ نۇقتا ئۈستىدە توختالغان. يەنى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ ئېلىنغان: «مەھمۇت كاشغەرىينىڭ ئىزاھاتى بويىچە täpük قوغۇشۇن ئېرىتىلىپ (2) (ئۇرچۇق ياكى يىككە ئوخشاش) يۇمىلاق توپ شەكلىدە قۇيۇلغاندىن كېيىن، ئۆچكە (3) چۇپۇرى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەر بىلەن ئورىلىپ ياسالغان بىر ئويۇنچۇق بولۇپ، ئادەتتە ئوغۇل بالىلار تەرىپىدىن تېپىپ ئوينىلىدۇ. täpük نىڭ täpmäk «تەپمەك» پېئىلىدىن كەلگەنلىكى، يەنى täp- + -ük ﹤täpük شەكلىدە ياسالغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئەپسۇسكى، مەھمۇت كاشغەرىي täpük سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن بۇ ئويۇنچۇق ھەققىدە كۆپ توختالمىغان. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، مەھمۇت كاشغەرىينىڭ بۇ قىسقا ئىزاھاتىدىن täpük ناملىق بۇ ئويۇنچۇقنى پۇتبولنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. يەنە بۇ كىتابنىڭ 97- بېتىدىكى ئىزاھاتىدا täpük سۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئىنگىلىزچە، تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىدە تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى ئىزاھلاپ ئۆتۈلىدۇ. يەنى ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە تەرجىمىلىرىدە täpük سۆزى «پۇتبول» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «تەپكۈچ» دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئىزاھلىنىپ ئۆتىلىدۇ.
ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدە :
Täpük [Football] - Something fashioned from lead in the shape of a spindle-whorl, and then wound with goat’s-hair or the like. Boys play with it by kicking
Täpük Football] [- يىك ياكى ئۇرچۇققا ئوخشاش يۇمۇلاق ئورالغان يىپتىن پەيدا بولغان، ئەتراپىدا ئۆچكىنىڭ يۇڭىغا ئوخشاش نەرسىلەر بار. ئوغۇل بالىلار تىپىپ ئوينايدىغان نەرسە. («تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى 1- توم 295- بەت. ئاپتور تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلىندى.)
تۈركچە تەرجىمىسىدە :
Täpük [futbol] - Kurşun eritilerek iğ ağïrşağï şeklinde dökülür, üzerinde keçi kïlï veya başka bir şey sarïlïr, çocuklar bunu teperek oynarlar
Täpük [futbol] – قوغۇشۇن ئېرىتىلىپ يىك ياكى ئۇرچۇق شەكلىدە قويۇلۇپ، ئۈستى ئۆچكە چۇپۇرى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەر ئارقىلىق ئورالغان نەرسە. بالىلار بۇ نەرسىنى تېپىپ ئوينايدۇ. («تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تۈركچە تەرجىمىسى 1-توم 388-بەت. ئاپتور تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلىندى.)
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە : täpük [تەپكۈچ] - دۈگىلەك قوغۇشۇننىڭ تۆشۈكىگە ئۆچكە چۇپۇرىنى ئۆتكۈزۈپ، بالىلار تېپىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق. («تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-توم 501-بەت)
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ بۇ ئۈچ خىل تەرجىمىسى، گەرچە ئوخشاش بولمىغان يىللاردا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن (4) ئۇنىڭ بىر قانچە خىل تەرجىمىسى ئوخشاش مەتىننىڭ ئوخشاشمىغان تەرزدە تەرجىمە قىلىنغان، بۇنى تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ تونۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دوپ تۇنۇش كېرەك. täpük سۆزىنىڭ تەرجىمىسىدە بۇنداق ئوخشاشسىزلىقلار كېلىپ چىقىش مەسىلىسى گەرچە بىر قىسىم ئىلىم كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن تا مۇشۇ كەمگىچە تېخى بىرلىككە كەلگەن جاۋاب بېرىلگىنى يوق.
2) 2010-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان، رىجات گەنچ (تۈركىيە) تەرىپىدىن يېزىلغان، تۇرسۇنئاي ساقىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىن 11- ئەسىردىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەتىگە نەزەر» دېگەن كىتابتا täpük نى مۇنداق دەپ ئىزاھلىغان: «تەپۈك (تەپكۈچ) : مەھمۇت كاشغەرىينىڭ ‹تەپۈك› دېگەن سۆزگە بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بالىلار بىر خىل پۇت توپمۇ ئوينايتتى. ‹دىۋان›دا مۇنداق دېيىلگەن: ‹دۈگىلەك قوغۇشۇننىڭ تۆشۈكىگە ئۆچكە چۇپۇرىنى ئۆتكۈزۈپ، بالىلار تېپىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق». بۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىزاھاتتىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، 11-ئەسىردىلا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە پۇت بىلەن ئوينىلىدىغان ۋە بۈگۈنكى پۇتبولنىڭ ئىپتىدائىي شەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلاشقا بولىدىغان بىر خىل ئويۇن ئوينىلاتتى. تەھرىر بۇ يەردىكى مەزمۇنغا مۇنداق ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن: ئاپتور بۇ يەردە ‹تەپۈك›نى خاتا ھالدا پۇتبول بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئويۇن ھېلىھەممۇ ئۇيغۇر بالىلىرى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ‹تەپكۈچ› دېيىلىدۇ. تەپكۈچنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ يېقىنقى يىللارغىچە 11-ئەسىردىكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىدى، يەنى دۆگىلەك مېتالنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۆشۈككە قوي ياكى ئۆچكە يۇڭى (بەزى جايلاردا ئاتنىڭ يۇڭى) ئۆتكۈزۈلۈپ ياسىلاتتى.»
يەنە، ئوخشاش بىر كىتابتا täpük سۆزىگە ئوخشاش بولمىغان ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ يەردىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرىدىكى täpük سۆزىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان تەرجىمىنىڭ سەۋەبىدىن ئىلىم كىشىلىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالغان.
3) «شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيەسى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 1985-يىلى تۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ مىللىي تەنتەربىيەسى» دېگەن كىتابتا پۇتبول بىلەن تەپكۈچنىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق چۈشەندۈرۈش بېرىلىدۇ:
پۇتبول - پۇتبول ھەرىكىتى دۇنيا تەنتەربىيە قامۇسىدا 1851-يىلى ئەنگىلىيىدە ئىجاد قىلىنغان دېيىلگەن، لېكىن تارىخىي ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق تىلشۇناسى مەھمۇت كاشغەرىينىڭ (5) بۇندىن 900 يىل بۇرۇن يازغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋىملەرنىڭ قوزىنى تولۇمچىلاپ سويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ھاۋا (يەل) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ-قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان ‹تەپۈك›(تېپىش) ناملىق بىر ئويۇنى بار ئىدى» دېيىلگەن. (تۈرك قامۇسى 29-توم 384-بەت). بۇنىڭدىن قارىغاندا، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قەۋىملەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردىكى توپ ھازىرقى زاماندىكى توپلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇ، يىپتىن تولاپ، ھەرخىل تېرىلەرنىڭ ئىچىگە يۇمشاق نەرسىلەرنى تولدۇرۇپ ۋە قوزا تېرىلىرىگە يەل تولدۇرۇپ ياسالغان. كېيىن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ياۋرۇپا ئەللىرىگە يۆتكەلگەن.» (مەزكۇر كىتابنىڭ 99-بېتىدىن ئېلىندى.)
تەپكۈچ - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپپەككۇرى، دانىشمەن تىلشۇناس مەھمۇت كاشغەرىي ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدە، «تەپكۈچ بالىلار تېپىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق، تەپكۈچ دۆگىلەك قوغۇشۇننىڭ تۆشۈكىگە ئۆچكە چۇپۇرى ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ» دەپ يازغان ئىدى. (ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1-توم 501-بەت). بۇنىڭدىن تەپكۈچ ئويۇنىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە 11-ئەسىردىنمۇ بۇرۇن بارلىقىنى، تارىخىنىڭمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەپكۈچ ھەممە دەۋرلەردە ئوينىلىپ، تا ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە». (مەزكۇر كىتابنىڭ 172-بەتتىن ئېلىندى.)
ئېنىقكى، بىر كىتابنىڭ ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئويۇنغا ئىزاھات بېرىش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى نۇسخىسىدىكى ئوخشاش بولغان بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان، لېكىن ئوخشاش مەنىدە تەرجىمە قىلىنمىغان täpük سۆزىنىڭ ئىزاھاتىدىن پايدىلانغان. ئىلمىيلىكنى، پاكىتنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ خىل ئىلمىيلىك خاراكتىردىكى كىتاب ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ خىل خاتالىقى تەرىپىدىن كىشىلەرگە ئىلمىي بولمىغان مەلۇمات بەرگەن.
يۇقىرقىدەك täpük سۆزىگە بولغان چۈشەنچىنىڭ بىردەك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئىلىم كىشىلىرىدە كۆز قاراش بىردەك بولماسلىق، ئاساسسىز پىكىرىنى قالايمىقان ئوتتۇرغا قويۇشتەك ئىلمىي بولمىغان نۇقتىينەزەرلەر ئىلىم ساھەسىدە لەيلەپ يۈرمەكتە. بىز بۇلارغا دىققەت قىلىشىمىز ۋە بايقىغان ھامان ئىلمىي پۇزۇتسىيە تۇتۇشىمىز كېرەك.
2. پۇتبول بىلەن تەپكۈچنىڭ تارىخى، تۈزۈلۈشى، ئوينىلىشى قاتارلىقلار ھەققىدە:
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، پۇتبول بىلەن تەپكۈچنىڭ تارىخى، تۈزۈلۈشى، ئوينىلىشى ھەققىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان چۈشەندۈرۈشلەر مەۋجۇت. يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەنلەردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئوخشىمايدىغان قاراشلارمۇ بار.
پۇتبول ھەققىدە:
تارىخى: پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تارىخىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بەزىلەر پۇتبول ھەرىكىتىنى ئەڭ دەسلەپتە جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن دەپ قارىسا، بەزىلەر ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەتقىق قىلغۇچى بىر قىسىم تەتقىيقاتچىلار بولسا ئەڭ دەسلەپتە پۇتبولنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن دەپ قارايدۇ.
جۇڭگودا بارلىققا كەلدى دېگۈچىلەر، (6) «يەنشۇدە قېزىپ چىققان پاققا چاناققا يېزىلغان خەتلەر ئىچىدە مۇنداق سۆز بار: ‹توپ تېپىش ئۇسۇلى ئويناپ يامغۇر تىلەش›. شۇ زامانلاردا ‹پۇتبول ئۇسۇلى›نى بىر كىشىمۇ ئوينىغان، كۆپ كىشىمۇ بىرلىكتە ئوينىغان ياكى بىر رەت بولۇپ تىزىلىپ ياكى دۈگىلەك چەمبەر بولۇپ تىزىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇسۇل ئويناپ، بىر تەرەپتىن توپ تېپىپ ئوينىغان. ئەينى زامانلاردا ئىشلەتكەن توپ تاش توپتىن تېرە ياكى يۇڭ توپقا تەرەققىي قىلغان» دەپ قارالغان. (7)يەنە، «مىلادىدىن ئىلگىركى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىزدە نەشر قىلىنغان ‹پۇت توپى ھەققىدە› دېگەن قەدىمىي كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: ‹ئېيتىشلارغا قارىغاندا، توپ تېپىش خۇاڭ دى دەۋرىدە باشلانغان ياكى جەنگو دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن» دېيىلگەن قاراش. (8) بۇنىڭدىن باشقا، «1980-يىلى 4-ئايدا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تېخنىكا ھەيئەتلىكىنىڭ رەئىسى بلادېت مۇنداق دېگەن: ‹پۇتبول ئويناش جۇڭگودا باشلانغان، كېيىن ئۇرۇش تۈپەيلىدىن غەربتىكى ئەللەرگە سىڭىپ كىرگەن› » يەنە، (9) «‹蹴鞠› دېگەن سۆزدىن كەلگەن، كېيىن ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ياۋرۇپا ئەللىرىگە يۆتكىلىپ كەتكەن» دېگەندەك پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلدى دېگۈچىلەر، (10) « ئەنگىلىيە (ئېنگىلاد) ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىلا ئەنگىلىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەنھەرىكەت تۈرى بارلىقى ئىسپاتلانغان. 19- ئەسىرگە كەلگەندە، بۇ ھەرىكەت ئەنگىليەدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ قېلىپلىشىشىغا مۇھتاجلىق تۈپەيلى 1863-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر لوندوندىكى ‹فۇرېيماسىن› دېگەن مېھمانسارايدا يىغىلش قىلغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتا مۇنازىرلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى پۇتبول جەمئىيىتى قۇرۇلغان، يىغىندا پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن باشقا يەنە، بىر قەدەر قېلىپلاشقان مۇسابىقە قائىدىلىرىمۇ بېكىتىلگەن. ئۇ قائىدىلەر دەل ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىدە قوللىنىلىۋاتقان پۇتبول قائىدە-تۈزۈملىرىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ئىدى. 2@08 V| » دېگەننى ئاساس قىلغان.
تۈركىي مىللەتلەردە بارلىققا كەلدى دېگۈچىلەر، « مەھمۇت كاشغەرىينىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى täpük سۆزىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرىدۇ. (11) بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ‹ تۈركىي مىللىي مەدەنىيىتى › دېگەن كىتابتا : ‹ پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھونلاردىن بۇرۇن تۈركلەر ئارىسىدا ئوينالغان بولۇپ ، كۆك تۈركلەر دەۋرىدە ( مىلادىيە 540 - 740-يىللار ) جۇڭگوغا تارقالغان › دېيىلگەن» يەنە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›دا : ‹ ئۇرۇشتا پالۋانلار نەيزىلەشتى، باتۇرلارنىڭ بېشىنى توپقا ئوخشاش دومىلاتتى› دەپ يېزىلغان. دېمەك، يۇقىرىقى تارىخىي مەنبەلەردىن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز» دېگەنلەرنى ئىسپات قىلىپ قارايدۇ.
يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك ئۈچ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساس قىلغۇدەك دەلىل-ئىسپاتلىرى بار. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە زادى قايسىسى توغرا كۆز قاراش، بۇنىڭغا تېخىچە ئېنىق بىر بىرلىككە كەلگەن جاۋاب يوق.
تۈزۈلۈشى: تۈزۈلۈش شەكلى ئۈستىدە گەرچە ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشىمايدىغان قاراشلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پۇتبولنى ئورتاق ھالدا: «يۇمىلاق شەكىلدە، سىرتى ھايۋانات تېرىلىرى ئارقىلىق ياسىلىپ، ئىچىگە ھاۋا (يەل) ياكى ئۆچكە چۇپۇرى، ئات يۇڭى، قوي يۇڭى قاتارلىقلارغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەرنى قاچىلاپ، تېپىش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدىغان ئۇيۇن دەپ قارىغان.»
ئوينىلىشى: (12) ئىككى كوماندىنىڭ ئۆزئارا قارىمۇقارشى تەرەپتىكى ۋوروتاغا ئاياق بىلەن تېپىش ياكى باش بىلەن ئۈسۈش ئارقىلىق كۆپرەك توپ كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپورت ئويۇنى. ئىپتىدائىي ئويناش شەكلى ھازىرقى ئويناش شەكلىدەك ئۇنداق مۇنتىزىم قائىدە، ئادەم سانى ۋە ۋوروتا بولۇشلارنى تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن توپنى قارىمۇقارشى بولغان ئىككى رايونغا تېپىش ئۇسۇلى بىلەن توپنى كىرگۈزۈپ ئوينىلىدىغانلىقى مەلۇم. (13) چۇ، چى بەگلىكىدىكى توپ ئويۇنىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ زامانلاردىكى توپلارنىڭ تېشى تېرىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىچىگە يۇڭ سېلىنغان. پۇتبول مەيدانى ‹توپ قەلئەسى› دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ ئىككى بېشىغا ‹توپ ئۆيى› ياسالغان (ئۇ يەنە ‹توپ رايونى› دەپمۇ ئاتالغان)، مۇسابىقە ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپنىڭ ‹توپ ئۆيى›گە تېپىپ كىرگۈزۈلگەن توپ سانى ئارقىلىق كىمنىڭ ئۇتقان-ئۇتتۇرغانلىقىنى بەلگىلىگەن» (14) «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋىملەرنىڭ قوزىنى تولۇمچىلاپ سويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ھاۋا (يەل) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان بىر خىل ئويۇن شەكلى بار» دېيىلگەن. بۇلاردىن پۇتبولنىڭ قانداق شەكىلدە ئوينىلدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
تەپكۈچ ھەققىدە:
تارىخى: تەپكۈچنىڭ تارىخى توغرىسىدا پەقەت مۇنداق بىرلا قاراش بار. يەنى، ئەڭ قەدىمىي ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بېرىلگەن täpük سۆزىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. لېكىن بىز بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، täpük سۆزى يۇقىرىدا يەنە پۇتبولنىڭ تارىخىنى سۆزلىگەندىمۇ ئىشلىتىلگەن. شۇڭا بۇ خىل قاراشنىڭ توغرىلىقى توغرىسىدا تېخى يىتەرلىك پاكىت يوق. لېكىن، تەپكۈچنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇنىڭغا ئىسپاتەن، 2008-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «قاراخانىيلار دەۋرىدە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە كىرىدىغان چەۋگەن (ئات توپى) ئويناش، تەپكۈچ تېپىش، دالا سەيلىسى قاتارلىقلار بار ئىدى».
تۈزۈلۈشى: (15) مىس داچەن ياكى شۇ چوڭلۇقتىكى ياپىلاق مېتالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈككە توخۇ پېيى ياكى يۇڭ قىستۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. (16) بۇنىڭ تۈرلىرىدىن «چاپلىما تەپكۈچ» ۋە «داچەن تەپكۈچ»...... قاتارلىقلار بار بولۇپ، «چاپلىما تەپكۈچ» قوي ۋە ئۆچكىنىڭ پارچە-پۇرات قالدۇق تېرىلىرىدىن توپاقنىڭ كۆزى چوڭلۇقىدا دۈگىلەك كېسىلىپ، ئۇنىڭ تېرە قىسمىغا باب كېلىدىغان نېپىز دۈگىلەك تاش تەييارلىنىپ، جىگدە يىلىمى تەپكۈچنىڭ تېرە قىسمىغا قېنىق سۈرتۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاش چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. «داچەن تەپكۈچ»نى ياساشتا، توخۇ ۋە باشقا ئۇچار قۇشلارنىڭ پەيلىرىنى رەتلىك تۈپلەپ، يىپتا مەھكەم تېڭىپ، ئاندىن دىئامېتىرى 7-8 سانتېمىتىرغىچە كېلىدىغان مىس داچەنگە ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ. (17) تەپكۈچنىڭ ياسىلىشىدا يەنە مۇنداق قاراشمۇ بار: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دا: تەپكۈچ دۈگىلەك قوغۇشۇننىڭ تۆشۈكىگە ئۆچكە چۇپۇرىنى ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ» دەپ قارالغان. ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتا بىزنىڭ täpük سۆزىنىڭ قانداق مەنە بېرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ يىقىن دەرىجىدىكى پەرەزگە باشلايدۇ.
ئوينىلىشى: (18) تەپكۈچ ئويۇنى قىزلارغا خاس ۋە قىز-ئوغۇللارغا ئورتاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللارغا ئورتاق تۈرلىرىنى قىز-ئوغۇل ئۈسمۈرلەر ئارىلىشىپ تۈز تېپىپ ئوينىسا بولىدۇ، قىزلارغا خاس بولغانلىرىنى قىزلار تۈز ۋە چا پۇتلاپ تېپىپ ئوينىسا بولىدۇ. يالغۇز ئوينىسىمۇ بولىدۇ ياكى كۆپ كىشلەر بىرلىكتە ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ھەرقانداق جايدا ئويناشقا ماس كېلىدۇ.
3. täpük سۆزىنىڭ تەرجىمىسىگە بولغان كۆز قارىشىمىز:
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكۈنىمىزدەك «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل تەرجىمىدە، täpük سۆزىنىڭ تەرجىمىسىدە ئوخشىماسلىقلار بار. بىز بۇ يەردە ئۈچىلىسىگە ئورتاق بولغان قىسمىنى ئېلىپ تەھلىل يۈرگۈزىمىز. يەنى، (19) «قوغۇشۇننى ئېرىتىپ يىك ياكى ئۇرچۇق شەكلىدە قويۇلۇپ، ئۈستىنى ئۆچكە چۇپۇرى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەر ئارقىلىق ئورالغان نەرسە. بالىلار بۇ نەرسىنى تېپىپ ئوينايدۇ». ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ ئۆتسەك:
يىك: (ئىسىم) يىپ ئىگىرىش ئۈچۈن چىداملىق، قاتتىق ياغاچتىن قىرىپ ياسالغان ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق سايمان. (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى 6-توم 767-بەت)
يىكنىڭ ھازىرقى زاماندىكى شەكلى:
ئۇرچۇق: (ئىسىم) ① يىك ② ئېگىرىش فابرىكىسىنىڭ مۇھىم دېتالى. (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى 5-توم 722-بەت )
چۇپۇر: (ئىسىم) ئۆچكە، ئىشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ يىرىك يۇڭى؛ قىلچىق؛ موي. (سۈپەت) يىرىك، چىڭگىلەك؛ غۇژمەك (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغەت 2-توم 702-بەت)
دېمەك، täpük دېگەن بۇ ئىسىم täp دېگەن پېئل ئۆزىكىگە ük دىن ئىبارەت ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، «تېپىش» دېگەن ھەرىكەت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە، پۇتبول بىلەن تەپكۈچنىڭ ئوينىلىشىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭ ھەر ئىككىلىسى توپنى تېپىش ئارقىلىق ئوينىلىدۇ. دېمەك، «تېپىش» ھەرىكىتى بۇ ئىككىلا خىل تەنتەربىيە ئويۇنىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ ئىككى خىل توپنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىدىن ئېلىپ ئېيتساق پەرقلەر بار. قوغۇشۇننىڭ ئېرىتىلىپ يىك ياكى ئۇرچۇق شەكلىگە كېلىشىگە قارىساق، تەپكۈچتەك مەنە بەرگەن بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆچكە چۇپۇرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ ئورىلىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ، دېگەن قىسمى بىزگە پۇتبولنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىدەك تەسىر بېرىدۇ.
گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يىك بىلەن ئۇرچۇق ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق سايمان بولغىنى بىلەن، ئۇ دەۋردە يۇمىلاق شەكىلدە ئىشلىتىلدىمۇ بۇ بىزگە نامەلۇم، تەپكۈچنىڭ ياسىلىشىدىمۇ قوغۇشۇنغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئېرىتىپ يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈپ ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن قوغۇشۇننىڭ يىك ياكى ئۇرچۇق شەكلىگە كېلىشى بىزنى بۇ خىل پەرەزگە باشلايدۇ. ئۆچكە چۇپۇرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يۇمىلاق نەرسىلەرنىڭ ئورىلىشىدىن قارىغاندا، پۇتبولدەك تەسىر بېرىدۇ. چۈنكى، پۇتبولنىڭ ھەجىمى تەپكۈچنىڭكىدىن چوڭ بولۇپ، بۇ يەردىكى «ئوراش»نى داۋاملاشتۇرسا پۇتبول ھەجىمدىكى چوڭلۇققا كېلىشى مۇمكىن.
لېكىن بىز بۇ پەرەزلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، täpük سۆزىنى زادى قايسى ئۇيۇننىڭ نامى ئىكەنلىكىگە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. (20) مەھمۇت كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: توپ بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنچۇقلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «‹يۇۋماق› (يۇمىلاتماق) دېگەن سۆزنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىگە كۆرسەتكەن ‹ئادەم توپ يۇمۇلاتتى›، ‹ئۇلار بىر-بىرىگە توپ يۇمىلىتىشتى›، ‹ئۇ، توپ يۇمىلاتقۇزدى، دۈگىلەتتۈردى›، ‹ئۇنىڭ توپ يۇمىلاتقۇسى كەلدى› دېگەندەك مىساللىرى ئومۇمەن يۇمىلىتىپ ئوينايدىغان بىر خىل توپنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسىمۇ، لېكىن توپ بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدە بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مۇمكىن ئەمەس.»
شۇڭا، ئىلمىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان زىل نۇقتىلارغا تولۇق بولغان ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ بۇ ئۈچ خىل تەرجىمىسگە كەلسەك، ھەربىر نۇسخا تەرجىمىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى، ئۆزىنىڭ بىلىش ئەھۋالى بويىچە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسۈتۈپ ئىلمىي ئەمگىكىنى سىڭدۈرگەن. شۇڭا täpük سۆزىنىڭ بىرلىككە كەلگەن، ھەممىنى قايىل قىلالىغۇدەك، تولۇق ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ بەرمەي تۇرۇپ، ئىلمىي پائالىيىتىمىز جەريانىدا قالايمىقان ئىزاھات بەرسەك بولمايدۇ. ئىزاھات بېرىشتە، بۇ ئۈچ تەرجىمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرجىمىسىنى ئىزاھلىۋېتىپ، ئىلمىي ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئۇنداق بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بولغان بىر كىتابنىڭ ئىچىدە، ئوخشاش بولمىغان سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىنى بېرىش ئۈچۈن ئوخشاش بولغان بىر سۆزنى ئىشلىتىپ، بىردەم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن، بىردەم باشقا تىلدىكى يەنە بىر تەرجىمىسىدىن پايدىلانساق توغرا بولمايدۇ.
ئىزاھات: دەسلەپتە ماقالىنى يېزىشنى ئويلىغاندا، täpük سۆزىنىڭ تەرجىمىسىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، لېكىن ماتېرىياللارنى ۋە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا، بۇ سۆزنىڭ تەرجىمىسىدە كېسىپ بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ۋە تېخىمۇ كۆپ دەللىل-ئىسپاتلارنى توپلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مېنىڭچە مەن توپلىغان ماتېرىياللاردىن تېخى بۇ سۆزنىڭ تەرجىمىسىگە كېسىپ بىر نەرسە دېمەك تەس. شۇڭا مەن باشقا بىر جەھەتتىكى كۆز قارىشىمنى گەۋدىلەندۈردۈم.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. «مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىل كېيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›» - شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن، تۈركىيە، (2008-يىلى، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە نۇسخىسى)
2. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى نەشرگە گۇرۇپپىسى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىرى، 1980-يىلى، 8-ئاي، بېيجىڭ)
3. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ( 1-توم، 295-بەت)
4. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تۈركچە تەرجىمىسى ( 1-توم، 388-بەت)
5. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ 6 توملۇق ئىزاھلىق لۇغىتى
ئىزاھاتلار:
(1) بۇ يەردە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن سۆز كىتابنىڭ ئىسمى شەكلىدە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دەپ ئېلىندى. باشقا ئورۇنلاردا بىردەك «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ ئېلىندى.
(2) «ئۇرچۇق» بىلەن «يىك»نىڭ ئىزاھاتى 3-بۆلەكتە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ.
(3) «چۇپۇر» سۆزىنىڭ ئىزاھاتىمۇ 3-بۆلەكتە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ.
(4) «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئۇنىڭغا تۈزۈلگەن ئىندىكېسلار - سابىت رۇزى ( «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سان)
(5) 1985-يىلى يېزىلغان كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن «بۇندىن 900 يىل بۇرۇن» دەپ يېزىلغان.
(6) دۇنيا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تاجىسى «پۇتبول» - ۋېي شېسىن تۈزگەن، زەيدۇللا ھۇشۇر تەرجىمىسى (1986-يىلى 12-ئاي. خەلق تەنتەربىيە نەشىرىياتى)
(7) دۇنيا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تاجىسى «پۇتبول» - ۋېي شېسىن تۈزگەن، زەيدۇللا ھۇشۇر تەرجىمىسى (1986-يىلى 12-ئاي. خەلق تەنتەربىيە نەشىرىياتى)
(8) دۇنيا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تاجىسى «پۇتبول» - ۋېي شېسىن تۈزگەن، زەيدۇللا ھۇشۇر تەرجىمىسى (1986-يىلى 12-ئاي. خەلق تەنتەربىيە نەشىرىياتى)
(9) «百度知道» تورى
(10) «شىنجاڭ تەنتەربىيە تارىخىي ماتېرىياللار» ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانى
(11) شىنجاڭنىڭ مىللىي تەنتەربىيەسى - «شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيەسى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى (خەلق تەنتەربىيە نەشرىياتى، 1985-يىلى 9-ئاي)
(12) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (1-توم، 741-بەت)
(13) دۇنيا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تاجىسى «پۇتبول» - ۋېي شېسىن تۈزگەن، زەيدۇللا ھۇشۇر تەرجىمىسى (1986-يىلى 12-ئاي، خەلق تەنتەربىيە نەشرىياتى)
(14) شىنجاڭنىڭ مىللىي تەنتەربىيەسى - «شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيەسى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسى (خەلق تەنتەربىيە نەشرىياتى، 1985-يىلى 9-ئاي)
(15) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (2-توم، 113-بەت)
(16) «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرى» – مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار، يۇنۇس يولداش (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1990-يىل 11-ئاي) ۋە «ئۇيغۇر ئويۇنلىرى» - سابىرجان سىيىت (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل 3-ئاي)
(17) «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى (1-توم، 501-بەت)
(18) «ئۇيغۇر ئويۇنلىرى» - سابىرجان سىيىت (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل 3-ئاي )
(19) بۇ يەردە گەرچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تۈركچە نۇسخىسىدىكى ئىزاھاتى بويىچە ئېلىنسىمۇ، لېكىن قالغان ئىككى نۇسخىسىغىمۇ ئوخشاشلىقى بار. شۇڭا بۇ يەردە تۈركچە نۇسخىسى ئېلىندى.
(20) «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن 11-ئەسىردىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەتىگە نەزەر ـ رېشات گەنچ (تۈركىيە) ، تۇرسۇنئاي ساقىم تەرجىمىسى (مىللەتلەر نەشرىياتى 2010-يىلى 12-ئاي نەشىرى، 310-بەت)
|