بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاقسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-1 11:51
ئىنقىلاپ ھارپىسىدىكى ئومۇمى ۋەزىيەت
1933- يىلى قەشقەر
بېغىشلىما
ۋەتەنداشلىرىم، مەن بۇ كىتاۋىمنى پەرغانە پاجىئەسىدە قىزىل رۇسلار تەرىپىدىن قۇربان بولغان 28 ياشلىق ئىنىم ئابدۇلغەنىنىڭ يەنە بىرى قەشقەر پاجىئەسىدە دۈشمەن ئوقۇغا تۇتۇلۇپ، 25 يېشىدا شېھىتلىك شەربىتى ئىچكەن، قەشقەر يارباغ دەرۋازىسى سىرتىدىكى شېھىتلىككە كۆمۈلگەن كىچىك ئۇكام مۇھەممەد سىددىيقلەرنىڭ، بەخىت گۈلى ئېچىلماستا كۆزى يۇمۇلغان. ئىككى كۆز نۇرۇم، قەدىردان ئىنىلىرىمنىڭ روھىغا بېغىشلايمەن.
بۇرۇنقىلار سالدى كۆچەت، مېۋىسىنى بىز يىدۇق،
بىزمۇ ئەمدى بۇ قەرزنى كېيىنكىلارگە تۆلەدۇق
بۇ كىتاپ 1933- يىلى قەشقەردىكى سابىت ئابدۇلباقى دەموللام ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىييە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئىستانبۇلدىكى ئەلچىسى... قاتارلىق ۋەزىپىلارنى ئۆتىگەن مۇسا تۈركىستانى دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، مۇسا ئەپەندى 1904- يىلى پەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئەندىجان شەھرىدىكى بىر دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1986- يىلى 82 يېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئالەمدىن ئۆتكەن. (يەنى، بۇ كىتاپ باشتىن ئاخىرنەق مەيداندا بولغان كىشى تەرىپىدىن بولۇپ ئۆكەن نۇرغۇن ۋەقەلەر ئەينەن يېزىلغان)
مەن بۇ يەردە بۇ كىتاپتىن پەقەت پايدىلىنىش ماتىرىيالى سۈپىتىدە، (ئەگەر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئاڭلىق قارىسا) بىرقانچە بۆلۈمنى سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ كىتاپ 2008- يىلى 5- ئايدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئىشلىتىلگەن تىلى شۇ دەۋىردە ئىشلىتىدىغان تىلىمىز ئىكەن. كىتاپتا بۇ توغۇردا مەخسۇس توختالغان بولۇپ، مەن بۇ كىتاپنى يەنىلا ئۆزەمنىڭ بىلىشىمچە يازدىم، قىسقارتتىم ۋە مۇنبەرگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم. بۇ قىلىقىمنى مەرھۇم مۇسا ئەپەندىنىڭ روھى ۋە ئاللاھ تەئەلانىڭ كەچۈرۈشىنى تىلەيمەن.
تارىخ بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش مۇھىمدۇر. ئەرەپ تارىخچىسى ئىبنى خەلدۇن تارىخنى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق ئېيتىدۇ. «تارىخ بولسا كۆپچىلىك كىشىلەرنى ئۆتكەن ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ.ئايرىم كىشىلەرنى يوشۇرۇن سىرلاردىن خەۋەردار قىلىدۇ. تارىخ ئىشىدا ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك». ... زىيالىلىرى بۇ بۇرۇچنىڭ مەسئۇللىرىدۇر. كەمىنەمۇ بۇ ئىشتا ئۆز مەسئۇلىيەتىنى ھىسقىلغانلاردىنمەن. بۇ توغۇردا قەلەم تەۋرەتمەگەن قەلەملەر ۋە ئەدىپنى مىللەت كەچۈرمەسلىككە ھەقلىقتۇر.
تارىختا ھەر مىلەتنىڭ ئادەملىرى پەقەت ئۆز دىنى، ئۆز ۋەتىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، باشقىلارغا خىزمەت قىلمىغان. ئەگەر باشقىلارغا خىزمەت قىلغان تەغدىردىمۇ بىرەر غەرەز بىلەن قىلغان. خۇددى شۇنىڭدەك بىر فىرانسۇس، بىر نېمىس، بىر ئامىركىلىقنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلار ھىچ قاچان ئۆز مىللىتى، ئۆز دىنىنىڭ مەنپەئەتىنى تاشلاپ، باشقا بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ. ئەگەر ئىشلىسە ئۆز مىللىتىگە مەنپەئەتلىك بولغان تەغدىردە ئىشلەيدۇ. بىر ئېنگىلىز ئۆزىدىن قانچىلىك ئۇقۇمۇشلۇق بولۇپ كەتسىمۇ بىر فىرانسۇسنى ئېنگىلىزدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ. بىر نېمىس (گىرمان) ھەرقانچە بىلىملىك بولسىمۇ ئاۋۇستىريە ياكى ۋىنگىرىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن نېمىس مەنپەئەتىنى قۇربان قىلمايدۇ. بىر رۇس ھەرقانچە ئوقۇغان مەدىنى كىشىلەردىن بولسۇن، دۇنياۋى بىلىمگە ئىگە كىشىلەردىن بولسۇن مۇسكۇۋا مەنپەئەتىنى قويۇپ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە تارىخ يازمايدۇ. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر مىللەت ئۆز تارىخىنى ئۆزى يازغاندەك، بىزنىڭ تارىخىمىزنىمۇ ئۆز لايەقىتى ۋە ماھىيەتى بىلەن ئۆزىمىز يازىمىز. كېپىنىنى كېيىپ، ئاتقا مىنگەن پىدائى شېھىتلىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ بۆشىكى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيە پاجىئەسى، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنغا، ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىشنى بىز ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆزىمىز يازىمىز. بۇ ئارقىلىق بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان پىداكارلارنىڭ قۇتلۇق ناملىرىنى ئىززەت- ئىكراملار ئىچىدە ياد ئىتىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇلۇشتىن ساقلايمىز.
ئىنقىلاپ ھارپىسىدىكى ئۇمۇمى ۋەزىيەت
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئالتە شەھەرنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ۋالىلەر ئۈرۈمچىدە تۇراتتى. جىڭشورىن قاتارلىقلارنىڭ خەلققە قىلغان زۇلۇم- زورلۇقلىرىنى ھەممە ئادەم بىلسە كېرەك. دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ. ھەممە ئىش ئۆز چېكىدىن ئېشىپ كەتسە ئادەملەرنىڭ سەبىر- تاقىتىمۇ تۈگەيدۇ- دە، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چېكىدىن ئاشقان زالىم ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئورنىغا ئادىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە زالىم ئەمەلدارلارنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارە زۇلۇملىرى ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى. ئۇ زالىملەرنىڭ زۇلمىدىن بىرقانچە ئۆرنەك.
1- يەرلىك ئەمەلدارلار مەجبۇرى ھالدا ئۇلاردەك ئۇزۇن چاچ قۇياتتى. ئۇچىسىغا ئۇلار كېيىدىغان يەنى ئۇچۇق، ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى
كېيەتتى. ئۇلار بۇ قىياپەت بىلەن خۇددى ئۇلارغىلا ئوخشاپ قالاتتى.
2- ئاتلىق بىر مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ بىرەر ئەمەلدارىغا ئۇچرىسا، دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ئۇ ئەمەلدارغا تازىم بىجا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى.
3- ئامباللار بۇتخانىغا كىرگەندە مۇسۇلمان ھاكىملار، بەگلەر، بۇتخانا دەرۋازىسىدا قوللىرىنى ئاقىغا قىلىپ، تىز چۆكۈپ تۇرۇشلىرى كېرەك ئىدى.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە بىر مىسال شۇكى، بىر قوزا تۇغۇلۇپ بەش يىل ئۆتسە، ھەر يىلىغا بىر قېتىمدىن بەش يىلدا ئون قېتىملىق يۇڭ بېجى تۆلەيتى. تېرىسى ئۈچۈن تۈمەن بېجى تۆلەيتتى. قوزا ئلاتۈرۈلسە قان بېجى تۆلەيتتى. بازارغا ئاپىرىپ ساتسا تاپاۋەت بېجى تۆلەيتتى. گۆش پارچىلىنىش بىلەنلا گۆش بېجى تۆلېيتتى. تېرىسى ئۈچۈن تۈمەن بېجى تۆلەيتتى. ئەگەر مالنىڭ بىرەر پۇتى كەم بولۇپ قالسا دۇكاندار بۇنىڭ ئۈچۈن نۇقسان بېجى تۆلەيتتى. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار بىر ھايۋان ئۈچۈن يىگىرمە خىلغا يېقىن باج ئالاتتى. ئۇلار خەلقنىڭ قېنىنى ئەنە شۇنداق شورايتتى. يۇقارقىلار پەقەتلا ئۆرنەكتۇر. مۇھتەرەم ئوقۇرمەنلىرىمىز قالغان ئىشلارنىڭ قانداقلىغىنى ئاشۇلاردىن بىلىۋالساق بولىدۇ.
خەلق زالىملارغا قارشى قوزغالدى. تۇنجى ئىسيان 1931- يىلى قۇمۇلدىن باشلاندى... .
بۇ ھەركەتلەردىن ۋاقتى- ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرغان كاشىغەرنىڭ ئۇچۇق پىكىرلىك مۇنەۋۋەر كىشىلىرى يىغىلىپ، «ئىستىقلال جەمئىيىتى» ئىسىملىك بىر مەخپى تەشكىلات قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەشكىلات شۇ زامان شارائىتىگە كۈرە يۇقۇرى ئىھتىيات بىلەن ئۆز خىزمىتىگە كىرىشتىلەر. تۆۋەندە بۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى بىرىلدى:
1- ئەبۇل قاسىم ئاخۇن دەموللامنىڭ ئوغلى زىيائۇددىن مەخدۇم
2- مۇھەممەد ھاجىم پالتا ئارتۇش
3- مەخدۇم زادە ئارتۇش
4- قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى
5- تۇرغۇن باي بەچچە رەھىمى
6- ئەھمەد پاختا
7- ئابدۇللاھ خانىي
8- مۇھەممەد ئەمىين قارى سۇفىيزادە
9- ساتىپ ئالدى جان
10- جەرنىل ساھىپ (مۇھەممەد شەرىفخان)
11- مۇھەممەدجان داموللا ئۇشلۇق
12- مۇللا ئەبراھىم ۋائىز
13- يۈسۈف مۇزەففەرزادە
14- تۇرغۇن ھەكىم مەرغىلانى
1933- يىلى قەشقەر
ئىنقىلاپ ھارپىسىدىكى ئۇمۇمى ۋەزىيەت ( 2 )
مادوتەينىڭ يېڭى تەدبىرلىرى
مادوتەينىڭ مىللىتى تۇڭگان بولۇپ، قەشقەرنىڭ دوتىيى ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان ھېساپلانغان بىلەن ۋەتەنداشلارغا ئىچ- ئىچىدىن دۈشمەن ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئاسانلىقچە جانبىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مادوتەينىڭ قولىدا قورال- ياراق كۆپ ئىدى. ئۇ بۇنىڭ تۈرىتكىسى بىلەن قەشقەر ئەتراپىدىكى قىرغىزلاردىن كۆپلەپ ئەسكەر قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىدىن تەشكىللەپ، ئالاي (باتالىئون) تەركىبىگە كىرگۈزۈپ، شىتەي يامۇلىغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. يەنە بىرتەرەپتىن قەشقەرنىڭ بايلىرى، ئالىملىرىنى يېنىغا قاچىرىپ، ئۇچۇقتىن- ئۇچۇق:- جاھان خەتەر ئاستىدا قالدى، خەلقنىڭ مال- مۇلكىنى زىياندىن ساقلاپ، شەھەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مىللى قۇشۇن تەشكىل قىلىش لازىم. بۇ ئىشنىڭ يۈكى سىلەردەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى 300 كىشىلىك بىر مىللى قۇشۇن تەشكىللەشكە قايىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى چوڭ بايلىرىدىن ئىبراھىم ئاخۇن لوزۇڭ، ئەبدۇررەھىم ئاخۇن بايبەتچە، مۇھىيىددىن جان باي قاتارلىقلار مىللى قۇشۇن تەشكىللەش ئىشىغا جىددى كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ چىقىملىرىمۇ شۇلاردىن بولىدۇ.
مادوتەي مۇنداق شەرەپلىك بىر خىزمەتنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بۇ مىللى ئەسكەرلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن شەھەر ۋە يېزىلاردىن بولۇپ، مەنسەپتار بولسۇن، باققال بولسۇن، گۆرۆكەش بولسۇن، مەيلى ئەپيۇنكەش بولسۇن مىللىتى ئۇلاردىنلا بولغان 13 ياشتىن 60 ياشقىچە 36 سىنى يىغىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن مىراس قالغان ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى سالدۇرۇپ، كالتە كەمزۇل كەيدۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆرۈلگەن چاشلىرىنى كەستۈرۈپ، نىل رەڭلىك ئەسكەرچە كىيىم بىلەن ياساندۇرىدۇ. مادوتەي ھىچقانداق ئەسكىرى تەلىم- تەربىيە كۆرمىگەن، مېڭىش- تۇرۇشنى بىلمەيدىغان بۇ قارا قوساقلارنى قەشقەرنىڭ رەستە، بازارلىرىنى چارلاش خىزمىتىگە قويىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى كۆچا ئايلىنىپ، مارشقا دەسسەپ، خەلققە ھەيبەت كۆرسىتىپ يۈرىشىدۇ. مادوتەي بۇ قىلىقى ئارقىلىق خەلققە ھېلىقى مىللى ئەسكەرلەرنى بۇلار باشقۇرىدىكەن دېگەن قاراشقا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ... .
ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئېچىلغان قۇرۇلتاي
ۋاقىت سائىتى- كېلىپ، ھىلال ئەھمەر جەمئىيىتىدە چوڭ قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلدى. بارلىق قەلەمدار، ئەلەمدارلار قۇرۇلتاي سورۇنىغا توپلاندىلار. بىرقانچە باسقۇچلۇق قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قۇرۇلتايدا ھەممە بىرنەۋا، بىر ئاھاڭ بولۇپ، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشى ۋە ئۇنىڭغا كېتەرلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا جىددى كېڭەشكەندىن كېيىن، ئاخىردا ھەممە بىردەك دۆۋلەت نامىنى... دەپ بېكىتىشكە قارار قىلدى. ئارقىدىن تۈرلۇك قۇرۇلۇش لاھىيەلەر تۈزۈلدى. ھۆكۈمەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. مانا شۇ ئارلىقتا كەمىنىگە، «ئەپەندىم سىز نازارەتلەرنىڭ بىرىدە خىزمەت قىلىشىڭىز لازىم» دېگەن گەپ بولدى. ئەمما مەن نازارەتتە خىزمەت قىلىشقا لايىق ئەمەسلىكىمنى بىلدۈرگەن بولساممۇ ئۇلار، «سەھىييە نازارىتى ياكى مالىيە نازارىتىدەك بىرەر ئۇرۇننى قوبۇل قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، سىز مۇشۇنداق خىزمەتلەرگە تازا لايىق كېلەسىز» دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇلارغا:- «سۆزۈڭلارنىڭ سەمىمى بولغانلىقىدىن ھەممىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئەمما مەن نازارەتتە ئىشلەشنى ئويلۇمۇدۇم، ئەمما مەن ئەل- ۋەتەننىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئەگەر مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدە مۇنداق بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلغان بولسام، شۇ ئارقىلىق ئىككى قېرىنداش دۆۋلەتنىڭ ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن خىزمەتلەرنى قىلغان بولسام. شۇنىڭ ئۈچۈن كەمىنىلىرى ئىچكى ئىشلار بىلەن ئارلىشىپ قالماي سەربەست ‹بىر چەتتە› تۇرسام» دېدىم. مەجلىس ئەھلى بۇ سۆزىمنى ئالقىشلىدى ھەم قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا سەھىييە نازارىتىگە ۋاقىتلىق مۇئاۋىن نازىر، مائارىپ نازارىتىگە مۇستەشار ‹مەسلەھەتچى› لىق ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.
مەجلىس شۇ كۈنى كەچكىچە داۋام قىلىدى. لايىھەنى ئەمىللىلەشتۈرۈش ئەتىسىگە قالدى. ئەتىسى ئوردىغا ئەسكىرى بويىچە ... دۆۋلەتى قۇرۇشقا قۇشۇلغانلىقىغا دائىر ئىمزالىرىنى قويۇشتى. تامغا- مۆھۈرلەر بېسىلدى. دۆۋلەتنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك قۇماندان، ئوپىتسىرلىرىنىڭ سانى 35 كىشىگە يەتتى. بۇلار قائىدە بويىچە قەسەم ئىچىشلىرى لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن نەدىمبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرغا كېلىپ، شىرە ئۈستىدە تۇرغان قۇرئان كەرىمنى قولىغا ئېلىپ،«ئۇشبۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەققى- ھۆرمىتى ئۈچۈن دۆۋلەتكە خىزمەت قىلىمەن، ۋەتىنىمگە، دىنىمگە خىزمەت قىلىمەن. ھۆكۈمىتىمگە خىيانەت قىلماسلىق ئۈچۈن قەسەمياد قىلىمەن» دەپ قۇرئان كەرىمنى ئۆپۈپ (سۈيۈپ) بېشىغا قويدى. ئۇنىدىن كېيىن جەرخىل ساھىپ باشلىق بارچە قۇماندان ۋە ئوپىتسىرلار مەھمۇد نېدىم بەگنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كەمىنەنىڭ تەرجىمانلىق قىلىشى بىلەن ھەممىسى بولۇپ 35 كىشى ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىرە ئالدىغا كېلىپ، قۇرئان تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشقا، دىنىگە، ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىشقا قەسەمياد قىلدىلەر. ئاخىردا ھەممەيلەن بىر- بىرىگە مۇبارەك بولسۇن دېيىشىپ ھۆكۈمەتنى تەبرىكلەشتى.
قەشقەردە نامايىش كۆنى
ئەتىسى (1933- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى) سائەت ئونلاردا ھەربى قۇماندانلار ، مۈلكىي ئەمەلدارلار ، يۇرت نەمايەندىلىرى، دۆۋلەت رەھبەرلىرى باشلىق ئىستىقلال جەمئىيىتى، نەشرىيات، مەئارىپ جەمئىيىتى، ھىلال ئەھمەر جەمئىييەتىنىڭ ھەيئەتلىرى دارۇلمۇئەللىمىين ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللى مارشىنى ئوقۇپ، مىللەتنىڭ دەرتلىك كۆڭلىنى ئىرىتىپ رەتلىك مېڭىپ تۈمەن بويىغا، يىغىن مەيدانىغا يىغىلدىلەر. بۇ نەمايىشقا ئەسكەردىن يەتتە مىڭ كىشى، خەلقتىن ئون ئۈچمىڭ كىشى بولۇپ يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. نەمايىشنىڭ ھەيئەت رىياسىتى تەرەپىدىن ... دەۋلەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇشبۇ بەياننامەسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
سابىت دەموللام دۆۋلىتى دەۋلەت قۇرۇلىشىنىڭ بەياننامەسى
ئاللاھ نىڭ ياردىمى ۋە مىھرىبانلىقىغا ۋە رەئىسى مۇئەززەم خوجا نىياز ھاجى ئىبنى ئەمىن نىياز ھاجىم ۋە ھەزرەتلەرىنىڭ لەياقەتلىك ۋا سالاھىييەتلىك ۋەكىللەرى نىڭ ئىتتىفاقىگە ۋە پۈتۈن لەشكەرى ئىسلام باشلىقلەرى، قۇماندانلەرىنىڭ ۋە بارچە فۇقەرا (رەئىييەت) نىڭ مۇۋافەقەتلەرگە سۈيۈنۈپ مۇستەقىل دۆۋلىتىمىزنىڭ مۇۋەققەت ھۆكۈمەتى تۆبەندە بەيان قىلىنغان تەرىقەدە قۇرۇلدى.
باش ۋەكىل (مىنىستىر): سابىت ئابدۇلباقى.
ئىچكى ئىشلار نازىرى (مىنىستىرى): يۇنۇسبەگ سەئىيدزادە.
تاشقى ئىشلار نازىرى: مەئارىف نازىرى.
مەئارىف نازىرى: ئورازبەگ.
ئەفقاف نازىرى: شەمسۇددىن تۇردى ھەجى.
ئەدلىيە نازىرى: زەرىيىف قارى ھاجى.
مالىيە نازىرى: ئەلى ئاخۇنباي.
دىخانچىلىق، سودا نازىرى: ئەبۇل ھەسەن ھاجى.
سەھىييە نازىرى: ئەبدۇللاھ خانىي.
مۇفەتتەش: ھاجى ئەئىلەم ئاخۇنۇم. ..
1933- يىلى قەشقەر
ئىنقىلاپ ھارپىسىدىكى ئۇمۇمى ۋەزىيەت ( 3 )
باش ۋەكىلنىڭ (باش مىنىستىرنىڭ) خىتابى
بەياننامە ئوقۇلغاندىن كېيىن، باش ۋەكىل سابىت ئابدۇلباقى ئۇمۇم خەلىققە قاراپ تۆۋەندىكى خىتاپنى قىلدى:
- ئەزىز مىللىتىم، مۆھتىرەم ۋەتەنداشلىرىم، ئاللاھ تەئەلاغا ھەمدى بىھەت،پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇدى بىنىھايەت بولسۇنكى، دەۋلەتىمىز قۇرۇلدى!
دۆۋلەت قۇرۇشتىن مەقسەد- مەملىكىتىمىزنىڭ شەھەر ۋە سەھرالەرىدە كۆپ ۋەقىتتىن بىرى دەۋام ئەتىپ كەلگەن ھۆكۈمەتسىزلىك سەبەبىدىن ۋۇجۇدقا چىققان ئۆز باشىمچىلىقلارنى يوق ئەتىپ، يۇرتتا تىنچلىق ۋە ئەسايىشتەلىكنى جارى قىلىشتۇر. ئەسكەرى ۋە ھەربى ۋەزىيفەلەر، ئىخلاسلىق، لەياقەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇلدى. بارچە يۇرتداشلارنىڭ سىياسىي، دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرى ھۆكۈمەتنىڭ كەفىللىگى ئاستىندەدۇر... .
باش ۋەكىل سابىت دەموللامنىڭ يالقۇنلۇق خىتابى تەمام بولغاندىن كېيىن يەنە باشقالاغان دەۋلەت رەھبەرلىرىمۇ سۆزگە چىقىپ تەنتەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئۆز تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن شادلىق مەراسىمى باشلىنىپ مىللى مۇزىكا چالىنىشقا باشلىدى. قىرىق بىرپاي توپ ئوقى ئاتىلدى. توپ ئاتىلغان ھامان سابىت دەموللام ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخى، مىللى بايراغى ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى... بىر تەرەپتە ئوقۇغۇچىلار بىر ئاۋازدىن ... دېگەن دەۋلەت مارشىنى ئوقۇشۇپ دەرتلىك كۆڭۈللەردىكى غايىلەرنى ياڭراق ئاۋازلەرى بىلەن ساپ تۈرك تىلىدا سۆزلەپ تۇردىلەر. بۇ كۈنى مەيدانغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ روھى كەپپىياتى پۈتۈنلەي باشقاچە ئىدى. خوشلىغىدىن كۆلۈپ تۇرغان چىھرەلەرنى ، ئۆزىنى تۇتالماستىن يىغلاپ تۇرغان شاد كۆزلەرنى، يائاللاھ، بۇ بەخىتلىك كۈنلەرگىمۇ ئۇلىشىدىكەنمىز، ئاللاھ غا تۈمەنمىڭ شۈكرە، دەپ ئۆتمۈشنىڭ قارا تۇتقۇنلۇق دەۋرىگە نەفرەت ياغدۇرۇپ تۇرغان كىشىلەرنى ھەر يەردە كۆرگەلى بولاتتى. خوشلىقىدىن سەرخۇش (خوشكەيىف) ھەيرەت كۆزلەرى بىلەن نەمايىشقا پۈتتۈن بارلىغى بىلەن بىرىلىپ قاراپ قالغان يۇرتداشلارنى بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ھاڭ تاڭ قالدۇرماقتا ئىدى. چالىنىۋاتقان مىللى مۇزىكالار ۋە گۈمبۈرلەپ ئاتىلىۋاتقان شادىيانە توپلارنىڭ ئەۋازى يىراق- يىراقلارغا كەتمەكتە ئىدى. بەياننامە تارقىتىپ بىرىلگەن بولۇپ، خەلق ئۇنى توپ- توپ بولۇپ ئوقۇشۇپ، بىر- بىرىگە چۈشەندۈرۈشۈپ ئۆز كۆڭۈللەرىنى كۆتۈرۈشمەكتە ئىدى. شۇ ئەسنادا نەمايىشچىلار توپى شەھەر سىرتىدىكى تۈمەندىن شەھەر ئىچىگە قاراپ يۈرۈشكە باشلادى. ئۇلار شۇ ماڭغانىچە ھەيئەت ئەئىزالەرىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇدۇل ئىدگاھ مەيدانىغا كىلىپ تۇختادى. دەسلەپ باش ۋەكىل سابىت دەموللام ئاندىن كېيىن ھەرقايسى نازىرلار، ناتىقلار، تەشۋىقاتچىلار ئارقا- ئارقىدىن خىشتىن ساراينىڭ ئۆگزەسىدىكى پەشتاققا چىقىپ سۆز قىلدى. سۆز قىلىنىۋاتقان شۇ ئەسنادا كاشغەردىكى قوراللىق قىسىملار سەف- سەف بولۇپ ئاتلىق ۋە پىيادە ھالدا ئىيتگاھ مەيدانىدا كۈرەكتىن ئۆتۈپ تۇردىلەر... .
كاشغەردە تۇنجى دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلىشى
نەچچە ئايدىن بىرى مۇشۇ پەتھى كۈنىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ شەھەرنىڭ سىرتىداكى ھاجىخانىدا يېتىپ قۇپۇپ كېلىۋاتقان ئىستىقلال جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن خانىي ئەپەندى ۋە بۇ سەھىپىلەرنى قارا بوياپ تۇرغۇچى كەمىنە ئىككىمىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يارباغدىكى ئۇلارنىڭ زەمانىدا باج خانا قىلىنغان جاينىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان باغ ۋارانلىق ئۆيلەرى كۆپ، كەڭرى مەيدان- سەينالەرى، چوڭ- چوڭ ئامبارلەرى بار بىر قورونى ھويلاسى بىلەن قۇشۇپ ئالىپ دوختۇرخانا قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. بىز ئالدى بىلەن كوچىلاردا، سىپىل ئۈستىدە، شەھەر ئىچىدە ئوق تىگىپ يىقىلغان، ئاھ- ۋاھ بىلەن پەرياد قىلىپ ياتقان ياردارلارنى خەستەخانىغا ئېلىپ كەلدۇق. بىر تەرەپتىن ياغاچچى ئۇستىلارنى چاقىرىپ چارپايە (كارۋات) لەرنى ئەتتۈردۇق. ياردارلارنى داۋالاش ئۈچۈن شۇ چاغدا كاشغەردە تۇرۇۋاتقان تۇرغۇن ھەكىمنى ئەكەلدۇق. ھەكىم ئىسپىرت، پاختا، يود، خىن، ئاسپىرىن، يودا قۇرم دېگەن دۇرىلارنى ئۆز ئۆيىدىن ئەكىلىپ ياردارلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭدى. مەنمۇ ئەندىجان كوچىسىدىكى بەززازلىق (گەزمالچىلىق) دۇكانىمدىن شىپاخاناغا كېرەكلىك گەزلىمە، بىگىز، داكا كېرەكلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زەرۈر نەرسەلەرنى تىزلىكتە كەلتۈردۈم. ياردارلارنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرغاندىن كېيىن بارا- بارا ئۇلارنىڭ كۆزلەرى ئاچىلىپ، يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرگەندە بىزنىڭمۇ يۈزىمىزگە كۈلكە يۈگۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خەتەر چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ قالغىنىغا چەكسىز شادلاندۇق ۋە بۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن جانابى ئىگىمىزگە مەدھىيە، ئالقىشلارنى ئەيتتۇق. شۇ كۈنى شام نامىزىدىن كېيىن يارىدارلارنىڭ ئاتا- ئانا، ئاكا- ئۇكىلىرى ئۇلارنى ئىزدەپ خەستەخاناغا كېلىپ ئۇلارنىڭ تىنچ ئارام ئېلىۋاتقانلىغىنى كۆرگەندە ئۇلار خوشاللىغىنى باسالمىغان ھالدا كۆزلەرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى. ھەققىمىزدە ساناپ تۈگەتكىسىز خەيىرلىك دۇئا قىلىشتى. خەستە خانا بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن رەتلەندى... . دېمەك دوختۇرخانىمىز ئابدۇللاھ خانىي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە تاشكەنت شىپاخانىسىدىن، مېنىڭ قارىشىمچە كابۇل شىپاخانىسىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە دەۋىرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان بىر شىپاخانىغا ئايلاندى... .
ھاياتتىكى ماددى ۋە مەنىۋى لەززەت
ھاياتتا لەززەت مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ دېيىشىدىكەن: بىرى ماددى لەززەت، بۇنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسىنىڭ جىما (جىنسىي يېقىنچىلىق) ئىكەنلىكىگە ھەر كىم قايىل بولسا كېرەك. ئىككىنچىسى مەنىۋىي لەززەتتۇر. بىلىمدار ۋە ئەقىلدارلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. بىرى بۇ مەنىۋى لەززەتنى بايلىق، باياشاتلىق دېسە، يەنە بىرى ئىززەت، ھۆرمەت دەيدۇ. بىرى كەيىپ- ساپا، خوشال- خوراملىق دېسە، يەنە بىرى بىلىم، ھۈنەر دەيدۇ. يەنە بىرلەر بولسا مەنىۋى لەززەتنىڭ ئەڭ يوقۇرسى دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتۇر، دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ تەبىرلەردىن پەقەت بىرىنىلا قوللاپ، قالغانلىرىنى يوققا چىقىرىش سالاھىيىتىمىز يوق. ... غالىپ بولۇشتىكى لەززەتنىڭ خوشلىقى باشقا ھەرقانداق ماددى لەززەتتىن ئۈستۈن كېلىدۇ. مەن شۇ چاغدا ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن، يېڭى ئۆيلەنگەن يىگىت ئىدىم. ھايات يولداشىم 14 ياشلاردىن ئاشقان ئىدى. ئادەتتە ئائىلەم بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بولماي، ھەپتىلەر، ئايلار ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ يۇرتداشلارنىڭ غەلىبە شاتلىقىدىن راھەتلىنىشلىرىگە ئەگىشىپ مەنمۇ راھەتلىنىپ قالار ئىدىم. كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، بىر ياندىن جان، بىر ياندىن قان بىرىپ، پۇل- ماللىرىمنى سەرپ قىلىپمۇ يەنە چارچىمايتتىم. ئىشقا تويماس ئىدىم. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە 4 ئۇرۇنداكى (شىپاخانا، مائارىپ نەزارىتى، مالىيە نازارىتى، باش ۋەكىل مەھكىمىسىدىكى) ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقىپ ئۈلگۈرەتتىم.
شۇنداق قىلىپ شىپاخانىنى قۇرغانلەر بۇ قۇرلارنى يېزىپ تۇرغۇچى كەمىنە ئاجىز بەندە بىلەن خانىي ئەپەندى ئىككىمىز بولدۇق. مېنىڭ شىپاخانامنىڭ ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ كېلىۋاتقان خانىي ئەپەندىدىن ھىچ ئارقىدا قالغۇم كەلمەيتتى. كېچە- كېچىلەپ ئىشلەپ كېتەتتىم، شۇ يەردە ئۇخلايتتىم.، ئۇرۇش بولۇپ قالغان كۈنلەرى شىپاخانا خادىملارىنىڭ تەلەپلىرىنى ئاقساتماي ئۇرۇنداپ بىرەتتىم. بۇ قىزغىنلىق، بۇ ھېرىپ- چارچىماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ ... كەمىنە غايەت قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ زادىلا ئىشتىن چارچاپ قالمىغان بولساممۇ، بىراق، كۈتۈلمىگەندە ئاغرىپ قالدىم. ئاغرىپ 26 كۈن بولغاندا ئۆيگە قايتىپ كىردىم. بىرنەچچە كۈنلا ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئىش ئورنىغا چىقىپ كەتتىم. شۇ يوسۇندا 19 كۈن ئۆتكەندە ئىككىنچى قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىشقا پۇرسەت بولدى. سابىت دەموللامنىڭ ھۆكۈمىتى ئەنە شۇنداق تىنىمسىز ئىشلەش، تىرىشىش، پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۇيقۇ- ئارامنى ھارام قىلىش بەدىلىگە ئىشقا ئاشتى.
1933- يىلى قەشقەر
ئىنقىلاپ ھارپىسىدىكى ئۇمۇمى ۋەزىيەت ( 4 )
كاشغەردىكى مائارىپ ئىشلەرى
مائارىپ مۇدىرى ئابدۇلكەرىمخان مەخدۇم ئەتراپىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن بىرىنچى قىلىپ قاشغەر نۇربېشىدىكى بۇتخانىنىڭ بىر قىسمىنى بۇزۇپ، قايتىدىن ياساپ دارىل مۇئەللىمىنگە ئۆزگەرتتى. بىر كۈنى شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يىغىلىپ كېلىپ، كاتتا داغدۇغا بىلەن دارىل مۇئەللىمىننىڭ ئاچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمگە تۈمۈر سىجاڭ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى، ۋالى يۇنۇسبەگ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بىلەن بىرگە باشقا چوڭ- كىچىك ھەربى قۇماندانلار، شەھەرنىڭ بايلىرى، تىجارەتچىلىرى، ئالىملار، ئاخۇنلار، ئەدىپلەر، زىيالىلار، ئىلغار كىشىلەر ۋە باشقا ئالاقىدار ئادەملەر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم قاتناشتى... .
بىر كۈنى مائارىپ ئىدارىسى مۇدىرىنىڭ نامىدىن ئىلمىي ھەيئەتكە ھەيئەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ يىغىنغا كېلىشى ئۇقتۇرۇلغان بىر چاقىرىق خەت كەلدى. كەمىنە ئۇ چاغدا خەستە خانىدا بولغاچقا يىغىنغا كېچىكىپرەك باردىم. قارىغاندا مەسلىھەت قىلىشىدىغان بىرەر مۇھىم ئىش باردەك قىلاتتى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر توپ كۈلرەڭلىك لەمبۇغ تۇراتتى. مەجلىس باشلىنىشى بىلەن ئابدۇلكەرىمخان مەخدۇم ماڭا قاراپ شۇنداق دېدى:- «ئەپەندىم ئوبدان كەلدىڭىز، بىزلەر دارىل مۇئىللىمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈستى بېشىنى كەمزۇل، شىم بىلەن ئاق سەللىدىن قىلىشنى ئويلاشقان ئىدۇق. بۇنى شۇنىڭغا ئىشلەتكىلى ئېلىپ كەلدۇق» دەپ، ئوتتۇرغا قويغان لەمبۇققا قاراپ ئىشارەت قىلدى ۋە ماڭا:- «بۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ پىكرى قانداق» دېدى. مەن،- «ئەھلى مەجلىسنىڭ قارارىچە بولسا بولغىدەك، بىزمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىمىز» دېدىم. بىراق مۇدىر بۇ گەپ بىلەن بولدى قىلماي يەنىلا ئۆز پىكرىمنى بىلدۈرۈپ بېقىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن:- «قاراردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىش ئاقىلانە ئىش ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئۆز پىكرىمنى دەپ بېقىشىم كېرەك بولسا، مېنىڭ پىكرىم- بۇ ئىدارە مائارىپ ئىدارىسى، ئىلمى ھەيئەت مەجلىسىدە ئويلىشىۋاتقان بۇ ئىش، مىللەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش. شۇڭلاشقا بۇ ئىشتا مىللەتچىلىك نۇقتا، نەزىرىدىن سۆز ئىچىش ئۇرۇنسىز ئەمەس» دەپ، ئورتادىكى گەزماللارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم:- «بۇ گەزلىمە كۆپ ياخشى ئىكەن، چىرايلىق ئىكەن. ئەمما شۇغىنىسى چەتئەلنىڭ مېلى. سېۋىتتىن كىرگەن قىممەت پۇللۇق ماللاردۇر. مېنىڭچە كاشغەرنىڭ ئۆزىدە يۇرتداشلىرىمىز قولىدا توقۇلغان چەكمەنلىك (خام) نىڭ بىرىنچى خىلىدىن ئېلىپ ئۇنى بوياقچىلىرىمىزغا مۇۋاپىق رەڭدە بوياتساق، مانا شۇلارنى ئىشلەتىپ ئوقۇغۇچىلارغا كېيىملەر تىكىلسە تېخىمۇ ياخشى بولماسمۇ؟ شۇنداق بولغاندا مىللىۈ سانائىتىمىزنىمۇ قەدىرلىگەن بولىمىز. چۈنكى پاختا، يىپ، تۇقۇش، بوياش، يىپنى ئىگىرىش، تىكىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزدىن بولۇپ، پۇل ياتلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ سۆزۈمنى ئاياغلاشتۇردۇم. ئابدۇلكەرىم مەخدۇم بۇ سۆزىمنى قىزغىن ئالقىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن بۇ گەپكە كۆنۈپ، لەمبۇقنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چەكمەنلىكتىن كەمزۇل قىلىشقا كىلىشتى ھەمدە بۇ ئىش شۇنداق ئەمىللەشتى.
مۇقەددىمە
... تۆۋەندە شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت تەركىبىدە يېڭىدىن ئىشقا كىرىشكەن بىرقانچە مىنىستىرلىكنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ ئۆتىمىز.
سودا نازارىتى: بۇ نازارەتنىڭ باشلامچىلىقىدا قەشقەر يارباغ دەرۋازىسى سىرتىدا بىر مىلى بانكا قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سودا نازارىتى يۇرتنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ سودىگەرلەرنى سىرتتىن مال كىرگۈزۈش ئىشلىرىگە يېقىندىن جەلپ قىلىش ئۈچۈن تامۇژنا رەسمىيەتلىرىنى يەڭگىللەتتى. يەنە بىر بۆلۈك ماللاردىن باجنى كۆتۈرۈۋەتتى. يۇرتقا مەتبەئە، ئىلىكتىر بۇيۇملىرىى كەلتۈرگەن سودىگەرلەردىن باجنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلدى. نازارەت يەنە ئۇندىن باشقا مىللەتكە پايدىلىق ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.
ھەربى نازارەت: بۇ نازارەتنىڭ خىزمىتى جەڭ ئىشلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، چىقىم- خىراجەتلىرى باشقا نازارەتنىڭ خىراجەتلىرىنى نەچچە قاتلايتتى. شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ھەل قىلىپ بىرەتتى.
مالىيە نازارىتى: بۇ نازارەتكە نازىر قىلىپ سايلانغان ئەلى ئاخۇنباي تېخى خىزمەتكە ئولتۇرا- ئولتۇرماي رەئىس جۇمھۇر خوجا نىيا ھاجىمنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن ئاقسۇغا كەتتى. باش ۋاكالەتنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇرۇن باسارلىققا كەمىنە ئاجىز بەندە تەيىنلەندىم. ... مەن شۇنىڭدىن باشلاپ يېرىم كۈن مالىيە مىنىستىرلىكىدە ئىشلىسەم، يېرىم كۈن سەھىييە مىنىستىرلىكىدە ئىشلەيدىغان بولدۇم.
شۇ كۈنلەردە بىرنەچچە مىنىستىرلىكنىڭ خام چوتىغا پۇل چىقىرىپ بىرىشكە توغرا كەلدى. بولۇپمۇ ھەربى ئىشلار نازارىتى قاتتىق پۇل قىيىنچىلىقىدا قالغان ئىدى. باش قۇماندان ۋە باشقا ساقچى باشلىقلىرىدىن كەلگەن تەلەپنامىلەر باش ۋاكالەت نامىدىن توغرىدىن- توغرا «ئىجرا قىلىنسۇن، تەمىنلەپ بىرىلسۇن» دېگەن تەستىققا ئىرىشىپ، ئۇدۇللۇق مالىيە نازارىتىگە يوللۇنۇپ تۇراتتى. ھالبۇكى مالىيە نازارىتىنىڭ خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارغا تىگىشلىك پۇلنى بىرەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا بۇ ئارلىقتا مالىيە نازارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە زۈرۈر ئىشى خەزىنە تولدۇرۇش، خەزىنىگە كېلىدىغان پۇل، ئىقتىسادنىڭ مەنبەسىنى ساغلاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا خەزىنە قۇپقۇرۇق بولۇپ، تۇڭگانلار ئوردىدىن چېكىنگەندە خەزىنىدىكى بايلىقلاردىن بىرنى قويماي ئالىپ كېتىشكەن. شۇڭا ئەمدىلىكتە ھۆكۈمەتكە قاتتىق ئىختىسادى بېسىم چۈشۈۋاتاتتى. مەن بۇ ئەھۋاللارنى باش مىنىستىرنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدۈم. نىھايەت مىنىستىرلار مەجلىسىنىڭ قارارى بويىچە پۇل بېسىپ چىقىرىشقا ۋە يەنە سابىق ئۇلارنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى ھۆكۈمىتىدىن قەرز ئالغان قەرىزدارلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئۈندۈرۈشكە، دۆۋلەت ئىگىدارلىغىدىكى مال- مۈلۈك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ چىقىپ ھەممىنى توپلاپ مالىيە مىنىستىرلىكىگە ئۆتكۈزۈشكە ھەمدە ھۆكۈمەتتە ھەققى بار كىشىلەر بولسا ئۇلارنىڭ ھەققىنى تۆلەپ بىرىشكە باش مىنىستىر سابىت دەموللام تەرىپىدىن پەرمان چىقىرىلدى. شۇندىن باشلاپ مالىيە نازارىتى پۇل چىقىرىش ئىشلىرىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئىشتا ئالدى بىلەن چىقىرىلىدىغان پۇلنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈش كېرەك بۇلاتتى. بۇ ئىشنى خىزمەتدىشىم مۇھتىرەم سۇپىزادە بىلەن مەن ئۈستۈمگە ئالدىم. ئەمما پۇلنى بېسىپ چىقىرىش ئىشى ماڭا تاپشۇرۇلدى. ئاللاھ غا شۈكرىلەر بولسۇنكى، بۇ ئىشمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. قەغەز پۇللارغا باش ۋاكالەتنىڭ تامغىسىنى بېسىش ئىشلىرىغا باش مىنىستىر سابىت دەموللا ھاجىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بەزىلىرى ياردەم قىلىپ، تەشەككۈرگە لايىق بولدى. بۇ بىرسەرلىك ئاقچىدىن بىرنەچچىنى نەمۇنە قىلىپ مۆھتىرەم ئوقۇرمەنلەرگە تەغدىم قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ كەلگەن بولساقمۇ، مىڭ ئەپسۇسكى مۇھاجىرەتتىكى ھايات ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى تۇرمۇش ئاغرىقچىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ نەمۇنە قولىمىزدىن غايىپ بولغان ئىدى.
زېمىن يۈزىدىكى بەش قىتئەنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان ئۇلۇغ خەلقىمىزگە مۇراجىئەت قىلار، قىلار ئاخىرى ئامىركىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەندىشىمىز مۆھتىرەم غۇلامىدىن پاختا ئوغلىدىن مەزكۇر ئاقچىنىڭ ئىكلىشە (قېلىپىنى) قولغا چۈشۈردۇق. بىز بۇ يەردە غۇلامىدىن ئەپەندىگە چۇڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئاتىسى ئەخمەت پاختىغا جانابى ھەقتىن رەخمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز... .
(مەندە مىتالدىن يەنى مىستىن قۇيۇلغان يارماق ياكى تىيىنىنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن. سۈرىتىنى يوللاپ قويدۇم.
ئەسلىي مەنبە: ئەلكىن مۇنبىرى
http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=15651 |