• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 1379|ئىنكاس: 10

    ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھ

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    3

    تېما

    10

    دوست

    565

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 16:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى






    بۇ لايىھىنىڭ مەزمۇنى

    1. كىرىش
    2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى
    3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار
    4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى
    5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى
    1. كىرىش
    ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. 1965-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 17 يىل رەسمىي قوللانغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
    ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.


    2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى
    يېزىق مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى. شۇنداقلا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختا يېزىق قوللىنىشتا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يېزىق قوللانغان ئۇزۇن ۋاقىت جەريانىدا خىلمۇخىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىملاپ يېزىق ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۆزگەرتىشلەر كۆپ ھاللاردا شۇ يېزىقلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ئۈستىدىكى ئادەتتىكى ئىسلاھات بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى يېزىقنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر يېزىقنى دەسسىتىش بىلەن تاماملانغان ئىسلاھات بولغان.
    بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆز تىل-يېزىقىنى ئۆز دەۋرىگە لايىقلاشتۇرۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئشلەپچىقىرىش، پەن-مائارىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا مۇناسىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخى ئۇزۇن، يېزىق قوللىنىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى زور بولسىمۇ، تارىختىكى كۆپ قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك، كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئىنكار قىلىشى قاتارلىق ئامىللار شۇنچە پارلاق يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور دەرىجىدە توسالغۇ بولغان. يېقىنقى 70-80 يىل مابەينىدە، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي ئاڭ ۋە زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىقنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشقا باشلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ئىشخانا خىزمەتلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملىشىشى دۇنيا مىقياسىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دەۋر تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر يېزىقىغا بولغان تەلىپىمۇ كۈنسايىن كۈچىيىپ باردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزىقنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئۆزگىچە ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە ئۇنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ خىزمەت قىلىش ئىشى گەرچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىلا باشلىنىپ، كۆپلىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدىكى نەتىجىلەر ئاساسەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە يۇمشاق ماتېرىياللاردا ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىلمىغاچقا، يەنى ئۆلچەملىك ھەرپ نۇسخىلىرى، خەت شەكىللىرى ۋە كودى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بىرتۇتاش قوللىنىلمىغاچقا، بۇ يۇمشاق ماتېرىياللار بىر-بىرىنى قوللىماي كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىمىزدىكى رولىنى بەلگىلىك چەكلەپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە بازار ئىگىلىكىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تارقىتىش ئۈچۈن ھازىر بەزى شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە ئايرىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات ناملىرى، ماركا ناملىرى، تور بېكەت ئىسىملىرى، تور ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ، قېلىپلاشمىغان لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ يەتكۈزىۋاتىدۇ (مەسىلەن: Qinnuri, HANATLAS, www.xabnam.com, ALDOS, IHLAS... دېگەندەك). نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بىرنەچچە خىل لايىھىسى قىسمەن ساھەلەردە قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لايىھىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يەرلىك ياكى دۆلەتلىك ئۆلچىمى، خەت شەكلى، ھەرپ نۇسخىلىرى، ئىملا قائىدىسى بولمىغاچقا، يېزىلىشى ھەر خىل، ھەرپ شەكىللىرىمۇ قالايمىقان بولماقتا.
    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2000- 2001- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرقانچە قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق خادىملىرى، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇزاكىرە، مۇھاكىمە ئارقىلىق بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇم ئورتاق خۇلاسىمۇ چىقارغانىدى. ئەمما تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلار بىرقانچە يۈرۈش ئاتالمىش ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» نى (بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس) تەشۋىق قىلماقتا ۋە زۆرۈر بولغان ئايرىم ساھەلەردە قوللانماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللار بىزدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل زۆرۈرىيەت تۈرتكىسىدە، كومىتېتىمىز جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ئورگانلارغا بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى (بۇ تېمىنىڭ تەستىق نومۇرى:MZ115—68). نۆۋەتتە كومىتېتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە دەلىللەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇندى. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ لايىھە پەقەتلا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئونى زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

    3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار
    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئىشلىتىپ بىرقەدەر ئادەتلەنگەن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۆۋەندىكى لايىھىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ئوخشاش. بۇ لايىھىدە ھەرپلەرنىڭ پەقەتلا باسما نۇسخىسىنىڭ چوڭ، كىچىك شەكىللىرى قوبۇل قىلىندى. بۇ لايىھە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلمىيلىك پرىنسىپىگە ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئىنگلىزچە 25 (جەمئىي 26 ھەرپ بار) ھەرپ ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى قىسمەن لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ بولۇش تەلىپى بويىچە بېكىتىلدى.
    بۇ لايىھىنىڭ ئېلىپبە جەدۋېلى


    ئىلمىيلىك جەھەتتە:
    بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ بەلگىلەشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى بولغان بىر ھەرپ بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

    تېخنىكىلىق جەھەتتە:
    1) بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 32 ھەرپنىڭ 29 ى كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇبكا تاختىسىدىكى 25 لاتىن ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ، قالغان ئۈچ ھەرپ (ئۆ، ئۈ، ئې، يەنى Ëë, Üü, Öö) لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن تاللاندى.
    2) بۇ لايىھىدىكى «ئا، ئە، ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ۋ، ئې، ئى، ي» قاتارلىق 31 تاۋۇشنى
    «Aa, Ee,Bb, Pp, Tt, Jj, Ch ch, Xx,Dd, Rr, Zz, Ss, Shsh, Ghgh‏, Ff, Qq, Kk, Gg, Ngng, Ll, Mm, Nn, Hh, Oo, Uu, Öö,Üü, Ww, Ëë, Ii, Yy»
    قاتارلىق لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىش خەلقئارادىكى كۆپ تىللاردا بىرقەدەر قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلار ئىپادە قىلىندى. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدىغان باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە، باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە مەلۇم جەھەتتىن ياردىمى بولىدۇ.
    3) «چ» بىلەن «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا نىسبەتەن كۆپ قوللىنىدىغان تاۋۇش بولسىمۇ، «چ» تاۋۇشى ئۈچۈن «Ch,ch» قوشما ھەرپى، «غ» تاۋۇشى ئۈچۈن «Gh,gh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، «چ» ۋە ‏«غ‏» تاۋۇشلرىنى «Ch,ch» ۋە ‏«Gh,gh‏» قوشما ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارادىمۇ يۇقىرىقى بەلگە بىلەن‏ بۇ ئىككى تاۋۇشنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئادەت كۈچىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە خەلقئارا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا مۇشۇ قوشما ھەرپلەرنى تاللىدۇق.
    4) بۇ لايىھىدە ‏«ژ‏» ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئۈچۈن ‏«Zh,zh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى ‏«ژ‏» ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قوشما ھەرپ ياسالسا، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا باشقا ھەرپلەر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.
    5) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‏«ئۆ، ئۈ، ئې‏» ھەرپلىرى ئۈچۈن لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن ‏«Ëë, Üü, Öö» ھەرپلىرىنى تاللىدۇق. چۈنكى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيىدە ۋە باشقا بەزى يېزىقلاردا بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئادەت بولغان.
    بۇ لايىھىدىن ئۆرنەك
    Yëqinda, bir zhurnaldin ëlimizning melum bir ölkiside yüz bergen ajayip tesirlik bir hëkayini oqup, ümidning adem üchün hemmidin muhim orunda turidighanliqini hës qilghandek boldum .
    Aldinqi esirning 70-yillirida ëlimizning melum ölkisidiki chet, taghliq bir bazarda bir dëhqan ghelite bir xil këselge giriptar bolup qaptu. Dëhqanning kësilige nahiye we bazardiki doxturlar hëch amal qilalmaptu. Chünki, ular ezeldin bundaq këselni uchritip baqmighaniken, shuning bilen dëhqan ölkilik dohturxanigha bëriptu. Doxturlar uning kësilini tekshürüp körgendin këyin intayin heyran qaptu. Chünki, uning kësili az uchraydighan kësellik iken. Uni chet’eldin import qilin’ghan bir xil dora bilenla dawalighili bolidiken, lëkin tüp yiltizidin yoqatqili bolmaydiken, uning üstige bu xil këselge giriptar bolghan kishi köp bolghanda aran bir yërim yilla yashiyalaydiken. Tëximu epsuslinarliq yëri, bu dëhqan ölkilik dohturhanigha ketkende, uning yurtida yene alte adem bu xil këselge giriptar bolghan iken. Ularning hemmisi ghurbetchilikte kün ötküzidiken, hetta ölke merkizige bërishqa këtidighan yol kirasighimu chiqinalmaydiken.

    4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى
    ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ ئىملاسىنى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشقا ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن بۇ لايىھىنىڭمۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى.
    بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئوخشاش. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى، يېزىلىش يۆنىلىشى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى ۋە يېزىلىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى بۇ لايىھە بىلەن ئىپادە قىلىشقا توغرا كەلگەندە (ياكى ئەكسىچە بولغاندا)، بەزىبىر ئىملا مەسىلىلىرىگە يولۇقۇشىمىز تەبىئىي. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ، پەرقلىق نۇقتىلار كۆرسىتىلدى.
    بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىنىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:


    1) سۆز تەركىبىدە ئالدىنقى بوغۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلىشىپ، كېيىنكى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بولسا، بۇنداق بوغۇملارنى ئالدىنقى بوغۇمدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى«’» قويۇلىدۇ.
    مەسىلەن:
    tash'eynek, tel'et, qel'e, sen'et, ün'alghu, kir'alghu, yen'en, chang'en...
    2) سۆز تەركىبىدە ئىككى بوغۇمغا تەۋە بولغان «n» بىلەن «n»، «g» بىلەن «gh» ۋە «z» بىلەن «h» ھەرپلىرى قاتار كېلىپ قالغاندا، بۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى بوغۇمدىكى «n» ۋە «z» تاۋۇشلىرىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى «’» قويۇلىدۇ.
    مەسىلەن:


    ten'ge, kün'ge, ögen'gen, qilin'ghan, qamchilan'ghan ez'her,mez'hep, Öz'hal......


    3) جۈملىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
    مەسىلەن:
    (1)Misir tarixida ular‏» sikoslar‏ «dep atilidu ....................................
    Ariyanlarning bundaq zor türkümde köchüshini zadi nëme keltürüp chiqardi?
    (2) Jem'iyette xilmuxil kesp mewjut, muhimi kespni toghra tallash.
    4) كىشى ئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرى، ھەر خىل ماركا، مەھسۇلات ناملىرى، لوزۇنكا، ماۋزۇ، ئىدارە-ئورگان، تەشكىلات ناملىرى قاتارلىقلارنى بۇ لايىھە بىلەن يېزىشقا توغرا كەلسە، بۇ سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ ياكى ھەممە ھەرپلىرىنى چوڭ ھەرپ بىلەن يازسىمۇ بولىدۇ.
    باش ھەرپى چوڭ يېزىلغانلىرى:
    Yüsüp Xas Hajip, Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni, Birleshken Döletler Teshkilati, Mehmud Kashigheri Tughulghanliqining Ming Yilliqini Tebriklesh Yighini, Shinjang Xelq Neshriyati
    ھەممە ھەرپلىرى چوڭ يېزىلغانلىرى:
    YÜSÜP XAS HAJIP, SHINJANG UYGHUR APTONOM RAYONI, BIRLESHKEN DÖLETLER TESHKILATI, MEHMUD KASHIGHERI TUGHULGHANLIQINING MING YILLIQINI TEBRIKLESH YIGHINI, SHINJANG XELQ NESHRIYATI...
    5) ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر چوڭ ھەرپ بىلەن ئۇلاپ يېزىلىدۇ.
    مەسىلەن:
    SM---santimëtir, BDT----- Birleshken Döletler Teshkilati
    JXI---Jamaet Hewpsizlik Idarisi, SHUAR--- Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni
    6) بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
    مەسىلەن:
    Obkom--- Oblastliq Komitët, Partkom---- Partiye Komitëti
    7) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.
    مەسىلەن:
    1§. 2§. 3§. 4§. 5§. 6§. 7§.
    8) تىنىش بەلگىلىرىدىن سوئال بەلگىسى «?»، پەش «,»، چېكىتلىك پەش «;» لەر بۇ لايىھىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قوللىنىلىدۇ.

    5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى
    بۇ لايىھىدىكى ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدا بولمىغان «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ü, Ö Ë,) قاتارلىق ئۈچ ھەرپنىڭ كۇنۇپكىدىكى ئورنى ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
    ئىنگلىزچىنىڭ خەلقئارالىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (English international key board layout, 美国英语__国际) نى قاچىلاپ، تاللىغاندىن كېيىن «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ë,Ü,Ö) ھەرپلىرىنى تۆۋەندىكى بىرىكمە كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق چىقىرالايسىز.
    Shift+"+U
    Shift+"+E
    Shift+"+O

    6. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەر بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تېكىستلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى
    بۇ يۇمشاق ماتېرىيال ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىشتا ياكى لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى بۇ لايىھە بىلەن يېزىلغان تېكىستلەرنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق ماتېرىيال تېكىستلەرنىڭ مەيلى قايسى خىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئىملانىڭ توغرا، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان تېكىستنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» نى تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش


    مەنبە: تىل يېزىق تورى

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    3

    تېما

    10

    دوست

    565

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 16:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تور ئارلاپ بۇ تېمىنى كورۇپ قالدىم ،توغرا چۈشەنگەيسىلە  بىزلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا يوللاپ قويدۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋانە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-2 16:27  

    31

    تېما

    22

    دوست

    1458

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 01:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چۈشۈنىشنى چۈشەندۇق ..... تىل يىزىق ئالىملىرىمىز ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپتۇ.....بۇنداق قىلغان چاغدا مىللىتىمىزنىڭ تىل ئىپادىلەش قابىليىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.......بېراق بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يىزىقىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ...بۇنداق بولغان چاغدا.... بېزنىڭ ئىسلام دىنىدىن يىراقلىشىپ كىتىشىمىزنى كەلتۈرۈپ قويامدىكىن دەيمەن.....ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەردە يىزىق ئۆزگەرتسەك مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى 30يىل كەينىگە چىكىنىدۇ ياكى شۇ بىر ئىزدا توختاپ قالدىۇ...... ھەي ئاغىنىلەر سىلەرچىچۇ؟

    باھا سۆز

    ئۆزتۇرك  ياىشىكە  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 20:38

    38

    تېما

    29

    دوست

    5632

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    سەردار لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 01:31:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ  قارار  2008 يىلى   قارار  ئالغانغۇ دەيمەن  ،لېكىن  ماقۇللۇقتن  ئۆتەلمىگەن  دەپ  ئاڭلىغان ، قالغىنىنى  ئورتاقلاشساق  بولىدۇ

    12

    تېما

    26

    دوست

    1710

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    سەردار ساداقەت مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 15:30:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىنىڭچىمۇ ئۇ يېزىقنى قۇشۇمچە ئىشلەتسەك بۇلىدۇ ئەمما يېزىقىمىز بىلەن ئالماشتۇرۇشقا قەتئى بولمايدۇ

    باھا سۆز

    ياۋ  قوللايمەن....  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 21:15

    4

    تېما

    0

    دوست

    392

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 18:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ لايىھە پەقەتلا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

    بۇئەسكەرتىشنى يېزىپ توغرا قىلىپتۇ...

    84

    تېما

    30

    دوست

    2670

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 21:27:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يېڭى يېزىقتىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەلدىن قالدى چۈنكى دۇنيادىكى ھەممە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تونۇيدۇ مەسلەن : skyp، oovoo قاتارلىق خەلىق ئارالىق پاراڭلىشىش دېتالىwin7,win8 .....قاتارلىق سېستىما دىتاللىرى (لىكىن چ چ دىتالى بۇنىڭ سىرتىدا) ئۇيغۇرچىنى دۇنيادىكى ئاسالىق تىللار قاتارىدا ئورۇن ئالماقتا ئەمدى يېڭى يېزىقنىڭ ئورنى قالمىدى . بىز ئۇيغۇر سوفىتنىڭ قورغۇچىسى ئالىم ئەھەتكە كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىشىمىز كېرەك

    46

    تېما

    34

    دوست

    3766

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 16:44:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى پەقەت لازىم بولغان ساھەلەردە ئىشىلتىشكە بولىدۇ دەپتۇ.
    شۇڭا بىز بۇ يېزىق ئارقىلىق چ چ دا ۋە يانفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللىغاندا قوللانساق دەپ قارايمەن.
    قارايدىغان بولساق نۇرغۇنلىرىمىز چ چ دا ۋە قىسقا ئۇچۇرلاردا ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرىۋالغان پىن يىنچە
    يېزىق بىلەن سۆز-جۈملىلەرنى نورمال توللۇق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىسىمۇ زورلاپ گاچىلىشىپ سۆزلىشىپ يۈرىيمىز.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خىل ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرۋالغىنىمىزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى بىر-بىرمىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئالتە ئادەمنىڭ ئالتە خىل. پەقەت بىرلىككە كەلمىگەن. شۇڭا مەن دەيمە: چ چ يانفون قاتارلىقلاردىكى بىرلىككە كەلمىگەن يېزىقمىزنى مۇشۇ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا بىرلىككە كەلتۈرسەك.....
    ئەمما، ھازىر ئىشىلتىۋاتقان كونا يېزىقنى ئۆزگەرتمىسەكمۇ بولىۋېردۇ. بۇ يېزىقنى مەڭگۈ ئۆزگەرتمەيمىز.
    تورداشلارنىڭ مېنىڭ يۇقارقى تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    باھا سۆز

    پەرۋانە  توغرا دەيسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:09

    0

    تېما

    0

    دوست

    11

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 20:38:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياۋ يوللىغان ۋاقتى  2013-7-3 01:29
    چۈشۈنىشنى چۈشەندۇق ..... تىل يىزىق ئالىملىرىمىز ناھايىت ...

    ياىشىكە

    0

    تېما

    0

    دوست

    8

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 19:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەر قانداق باھانە - سەۋەپ بىلەن يېزىق ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولغۇچىلار  كاللاڭلارغا ھېزى بولۇڭلار.
    بىز ئۇنداق يېزىغى يوق مىللەت ئەمەس. ئاتالمىش «لايىھىلەر» ماھىيەتتە بىزنىڭ يېزىغىمىزنى يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان مەخپى پىستىرما، خالاس!
    چۈنكى، بىز ئۇنتۇپ كىتەلمەيمىزكى، 1957 - يىلدىن بۇيان بىزنىڭ يېزىغىمىز جىددى «يوقۇتۇش» ئوبىكتىۋىغا ئايلىنىپ، 1962 يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى»غا مەجبۇر ئورۇن بوشۇتۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن زور كۆپ سانلىق ئۇيغۇر جامائەسى ساۋاتسىز لىقنىڭ دەردىنى بولىشىچە تارتتى!
    بۇنىڭ بىلەن  ئىككى يىل نارازىلىق كۈچۈيۈپ ئاران دېگەندە ئەسلىگە كەلگەن بولدى. ئەمما بۇ ئارىلىقتا نۇرغۇن تارىخىي مىراسلىرىمىز يوقۇلۇپ كەتتى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    ئەمدى قوپۇپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر كوميوتېر يېزىغى» ، «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» دېگەندەك بىر نىمىلەر  ئوتتۇرىغا چىقتى!
    بىلىپ قويسۇنلاركى، بىز ئۇيغۇرلار تارىختا ھەر قانداق مىللەتتىن ئارتۇغى بىلەن مەدەنىيەت يارىتىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ، يېزىغىمىز ئۆزگەرسە تارىخىمىز يوقۇلۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدىغان مۇنداق ساراڭلارچە قىلمىشلارنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز!
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 06:57 , Processed in 0.324540 second(s), 33 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش