تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئاھالىسى بۈگۈنكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر تارقالغان ئورنى ناھايىتى كەڭ . شەرىقتە سىبىريەدىكى لىنا دەرياسى ئىقىمىدىن غەرىپتە بالقان يېرېىم ئارىلى ۋە ئوتتورا دېڭىزنىڭ شەرىقىغىچە بولغان ئارلىقتا ئاسيا ۋە ياۋرۇپادىكى 17دۆلەتكە تارقالغان .. 17 دۆلەت بولسا؛ جوڭگو ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ،مۇڭغۇليە،ئافخانىستان ،ئىران،ئىراق،تۈركىيە،سۈرىيە،ئىىئوردانىيە ،لىۋان،سەئۇدى ئەرەبىستانى،يەمەن،سىپرۇس،رومىنىيە،بۇلغارىيە،گىرىتسىيە،سابىق يۈگۈسلاۋىيە ۋە باشقا قىتئەلەردىمۇ ئاز ساندا بار . تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت 35مىللەت ۋە قەبىلە ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ. ئۇلار؛ تۈرۈك مىللىتى، ئۇيغۇر ، ئۆزبەك ، ئەزەربەيجان ، قازاق، تاتار، تۈرۈكمەن، قىرغىز ، چۇۋاش، باشقىرىت،ئاخشار(قىزىلباش)،كاشكاي ،ياقۇت،قارا قالپاق،قۇمىق، ئىراننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىدىكى قەبىللىەر ئىتتىپاقى،شاخسىۋىن،گاگائۇز،تۇۋا،قاراچاي،قاراپاپاخ،خاكاس ،بالقار،نوغاي،ئالتاي،سالار،قاجار،قاراتاغ ،ئورانخاي، شور، يۇگۇر، دولگان، خوتتىن ، چاتان ، توخالار. تۈركىي تىللىرى-ئالتاي تىللار سىستىمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە تىل بۇتىل بىر تىل بولماي بەلكى 30،40خىل تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا تۈركى مىللەتلىرى 23 ئۇلار ؛ ئۇيغۇر ، قازاق ، ئۆزبەك ، تاتار ، ئەزەربەيجان ، تۈرۈكمەن ، قىرغىز ، چۇۋاش ، قۇمىق ، نوغاي ، باشقىرىت ، قار قالپاق ، گاگائۇز ، تۇۋا ، دولگان توخالار ، قاراچاي ، تۈرك ، خاكاس ، بالقار ،ئالتاي ، شۇر قاتاللىقلار . ئىراندا10مىللەت ؛ ئەزەربەيجان ، تۈرۈكمەن ، كاشكاي ، ئاخشار ، قىلزلباش، جەنۇبى ۋەشەرقى ئىراندىكى قەبىللەر ئىتتىپاقى ، شاخسىۋىن ،قاچار ، قارا پاپاق ، قارا تاغ . جۇڭگودا 7مىللەت ؛ ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز، سالار، يوگۇر ، ئۆزبەك ، تاتار . مۇڭغۇليەدە 4مىللەت؛ قازاق، ئورانخاي، خۇتتېن ،چاتان . بۇلغارىيەدە 2مىللەت؛ تۈرك ، گاگائۇز . ئىراقتا 2مىللەت ؛ تۈرك ، تۈرىكمەن . يۈگۈسلاۋىيە ،سىپرۇس ،گىرىتسىيە، رومىنىيە ،سەئۇدى ئەرەبىستانى ، لىۋان ، ئىوردانيە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرلا تۈرۈك مىللىتى بار . ئەسكەرتىش؛ بۇماتىرياللار خەت ئۇرۇش جەھەتلەردە بىرئاز خاتالىقلا يۈز بەرگەن جايلىرى بولىشى مۇمكىن ئەگەر دە شۇنداق يەرلىرى ۋە كەم قالغان جايلىرىنى تولۇقلاپ قويغايسىلەر . رەھمەت ! |