• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 2898|ئىنكاس: 22

    ‹ئىزاھلىق تارىخ ئاتلىسى(خەرىتە توپلىمى)›دىن تەرمىلەر

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    22

    تېما

    12

    دوست

    2175

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 12:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                       ئىزاھلىق تارىخ ئاتلىسى
        ئۇشبۇ قىممەتلىك ئاتلاس ئەنۋەر ئىش باشچىلىقىدا ‹ئەكمەك ئىش نەشىرىياتى›(تۈركىيە) تەرىپىدىن  ئىشلەندى.مەن بۇ خەرىتىنىڭ نىسبەتەن بىز ئۈچۈن قىممەتلىك دىگەن جايلىرىنى تاللاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم  ئاتلاس سۈرەت شەكلىدە يوللىنىپ ئىنكاس شەكلىدە ئىزاھلاشنى توغرا كۆردۈم  كەڭ تورداشلارنىڭ تارىخى بىلىملىرىنى بۇ خەرىتىلەرگە باغلاپ ،ئىلىمىنى ئايىماي ،پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  رەسىملەرنى نومۇر بىلەن يوللىدىم .ئىزاھلىغاندا شۇ نومۇر بويىچە ماڭساق بولىدۇ.


    تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى

    قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى

    پىرسىيە(پارس) ئىمپرىيسى

    ھون- تۈرك ئىمپىرىيسى

    ئالىكساندىر(ئىسكەندەر) ئىمپىرىيسى

    ئالىكساندىر ئىمپىرىسىنىڭ پارچىلىنىشى

    رىم ئىمپىرىيسى

    غەربى رىم ئىمپىرىيسىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىن كىيىنكى ياۋروپا

    چارلىز(چارلىمان)ئىمپىرىيسى

    ئاسىيادا كۆك تۈركلەر

    قۇتلۇق دۆلىتى؟

    ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ كىڭىيىشى

    سەلجۇقىيلار سۇلالىسى

    چىڭگىزخاننىڭ ئىمپىرىيسى ۋە پارچىلىنىشى

    ھاقارەتلىك <سىۋىر شەتنامىسى>گە ئاساسەن ئوسمان ئىمپىرىيسىنى بۆلۈش پىلانى ۋە بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەلەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-12 13:07  

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تىللا قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
    خاككىر + 10 + 10 + 10 جاپا چەكتىڭىز
    جاپپار + 10 + 10 + 10
    تۇران. + 10 + 10 + 10
    ساكىران + 10 + 10 + 10
    ئوتۇنچى + 10 + 10 ئالامەت!
    admin + 10 + 10 + 10

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 60  تىللا + 50  قىزغىنلىق + 60   باھا خاتىرىسى

    1

    تېما

    4

    دوست

    622

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 13:30:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سىزگە رەھمەت،ياخشى تىما يوللاپسىز،ئەكمەك دىگەن كونا ئۇيغۇرچىدا نان دىگەن گەپ،بەزى رەسىملەرنى ساقلىۋالاي!!

    باھا سۆز

    پەلەك  توغرا ھى ھى ھى  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 13:49

    11

    تېما

    3

    دوست

    409

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 14:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھەجەپ ئىسىل  يازما  يوللاپسىز  ......  كۆپ تەشەككۇر

    11

    تېما

    3

    دوست

    409

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 14:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      قۇتلۇق دۆلىتى  دىگىنى قايسى دۆلەتتۇ ...  ئورخۇن ئۇيغۇر  ئېمپىريىسى  يوى كەنغۇ  ....  

    باھا سۆز

    پەلەك  قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ نامىدىن كەلگەن بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 15:51
    پەلەك  بەلكىم دەرۋەقە ئۇيغۇر دۆلىتىنى كۆرسەتسە كىرەك  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 15:50
    پەلەك  شۇنى دەڭا تۈركلەر نىمىشقا بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەندۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 15:49

    22

    تېما

    12

    دوست

    2175

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 16:28:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                          چارلىز ئىمپىرىيسى
            چارلىز ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ناھايىتى بەستلىك،تىپىك رىتسارلاردىن بولۇپ ،ناھايىتى غەيرەتلىك كىشى ئىدى.ياشىنىپ قالغاندىمۇ ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيتتى.ئۆمرىدە 50يىلغا يىقىن(768-814)  كىنەز بولۇپ، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇرۇشلاردا ئۆتكۈزدى.
           فرانىك كىنەزلىكىنىڭ غەربى جەنۇبىداساراسانلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش بەك مەشھۇر ھىسابلىنىدۇ.ياۋروپالىقلار شۇ چاغدا ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەرنى ساراسانلار دەپ ئاتايتتى.ئەرەبلەرنىڭ بىر قىسمى شىمالى ئافرىقىدىن چىقىپ كوردوۋا كىنەزلىكىنى قۇرغان ئىدى(ئۈمەييەلەرنى كۆرسەتكەن بولسا كىرەك ). بۇ ئۇرۇش مۇۋەپپىقىيەتسىز بولۇپ ، تارىختا مەشھۇر ‹رولاند ھەققىدە قوشاق›كەڭ تارقالدى.(بۇنى يازسام بىر تىما پۈتكىدەك) ئەمما نەچچە ئون يىللىق جەڭ ئارقىلىق چارلىز ھازىرقى فىرانسىيە،شىۋىتسارىيە،گوللاندىيە،بىلگىيە،ئاۋستىرىيە،گىرمانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى قول ئىلكىگە ئالدى.
            چارلىزمان (ئۇلۇغ چارلىز ياكى ئۇلۇغ ئىمپراتور چارلىز  دىگەن مەنىدە)  ئىمپراتورلۇق تاجىنى كەيگەندە پاپىنى تەكلىپ قىلىپ شەكلەن بولسىمۇ،ئۆز ئورنىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئويىدا بولدى.پاپا ئۇنىڭغا تاج كەيدۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى.دەرۋەقە بۇ ئىش ياۋروپانى زىل-زىلىگە سالدى.بۇنىڭغا جاۋابەن چارلىز  پاپا تۇرۇشلۇق ۋاتىكاننى پاپاغا مەڭگۈلۈك قىلىپ سوۋغا قىلدى.(ۋاتىكان شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ كەلمەكتە.1922-يىلى،فاشىسىت مۇسسۇلىن ۋاتىكاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىتىراپ قىلدى) .
           بۇ ھال پاپىنى بەك خوش قىلىۋەتتى.شۇنىڭدىن كىيىن ،خىلى بىر مەزگىلگىچە،ياۋروپادا پادىشاھلارنىڭ تەختكە چىقىشىدا پاپا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ قالدى.
           گەپنى يىغىپ ئىيتساق ،چارلىمان بىر ئۇلۇغ ئىمپراتور ئىدى.ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ يارامسىز ئۈچ ئوغلى ئىمپىرىيە زىمىنىنى ئۈچكە بولۈپ،تەدرىجى ھازىرقى گىرمانىيە،فىرانسىيە،ئىتالىيەگە ئايلاندى.

    22

    تېما

    12

    دوست

    2175

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 16:32:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يۇقارقى مەزمۇن ‹چەتئەل تارىخى ھەققىدە ھىكايىلەر ›ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.

    22

    تېما

    12

    دوست

    2175

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 16:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





    ئىمپراتور  چارلىز  ۋە ئۇ كىيگەن تاج





    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    22

    تېما

    12

    دوست

    2175

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 19:36:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                               ئالىكساندىر ئىمپىرىيسى
              ئالىكساندىر ماكىدونىسكىي(مىلادىدىن بۇرۇنقى356-323 )(شەرق رىۋايەتلىرىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ،يەنى قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر) ماكىدون ئىمپىرىيسىنىڭ قابىلىيەتلىك رەھبىرى فىلىپ2نىڭ ئوغلى،(بەزىلەر فىلىپ 2نىڭ ئاتىللا بىلەن  قانداشلىقى بارلقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە)،18يىشىدىن باشلاپ ئاتىسىغا ئەگىشىپ ھەربى يۈرۈشكە ئاتلانغان.20يىشىدا تەختكە ئولتۇرغان.ياشلىقىدا ئارستوتىلنى ئۇستاز تۇتقان.شەرققە يۈرۈش قىلىپ ماڭغاندا ئايرىلغاندىن كىيىن ،بۇ بۈيۈك ئۇستازى قايتا يۈز كۆرۈشەلمىگەن بولسا كىرەك.
             زىمىنى ئاسىيا ،ئافرىقا ،ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كىڭەيگەن .نامى پۈتۈن ئەتراپنى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن .ئەپسۇس  323-يىلى 6-ئايدا، كىيىنكى مۇھىم بىر جەڭ ئۈستىدە پىلان تۈزۈۋاتقاندا،ئۇشتۇمتۇت قازا  قىلغان.(كىزىك بولۇشى مۇمكىن)
             ئۆلۈمىدىن كىيىنلا ،ئىمپىرىيە تەۋەسىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ، قىرىنداشلىرى ۋە  قارام سەركەردىلىرى تەرىپىدىن  بۆلۈنۈپ كەتكەن.
              گەرچە ئالىكساندىر ئىمپىرىيسى خۇددى ھۆرىگۈلدەك ئىچىلىپلا توزۇپ كەتكەن بولسىمۇ،كىيىنكىلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنىپ ياد ئېتىلىپ كەلدى.تۈركى تىللار دىۋانىدىمۇ ئۇنىڭ كەلگەنلىكى تۈرك خانى بىلەن پۈتۈشۈپ شۈ ناملىق شەھەرنى سالدۇرغانلىقى ،ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىسمىنىڭ ئۇنىڭ ئاتىشىدىن كەلگەنلىكى يىزىلغان.ئۇ بارغان يەرلىرىدە كۆپ يەردە شەھەرلەر قۇرغان .تارىختا 20ئەتراپىدا ئالىكساندىرىيە شەھىرى بولغان ئىمىش(ھازىرقى مىسىردىكىمۇ ئىچىدە).قالغىنى تورداشلارغا قالدى ئەمسە .  




             

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 21:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ناھايىتى ئىسىل يازما  بوپتۇ  .... ھارمىغايسىز  ....  
    مەنچە ئالىكساندىرنىڭ نامىنى  اللە قۇرئاندا تىلغا ئېلىپ قايتىدىن ياشناتتى  ...

    باھا سۆز

    پەلەك  رەخمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 09:27
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    22

    تېما

    12

    دوست

    2175

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 09:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                           ئوسمان ئىمپرىيسى

                  ئوسمانلى تارىخى ھەممەيلەنگە بەك ناتونۇش ئەمەس،بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزدىكى باشقا يازمىلاردا  كۆپ زىكىر قىلىنغاندۇر،مەن بۇ يەردە پەقەت بەزى مۇھىم ۋەقەلىكنىلا سۆزلەپ ئۆتىمەن:   بۇ ۋەقەلىك  ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى يامغۇر خانىمنىڭ ‹تۆت ئەرەب دۆلىتىگە ساياھەت› ناملىق يازمىسىدىن كەلتۈرۈلدى،بارلىق ھوقۇق يامغۇر خانىمغا مەنسۇپتۇر.


    1453-يىلى ئىستانبۇل فەتھى قىلىنىپ، كۈچلۈك روم ئېمپىراتورلىقى يۇقىتىلىپ ئوسمانلى دۆلىتى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملار ئوسمانلى خانى ياۋۇز سۇلتان سەلىم خانغا «مەملۇكلار خەلىپىگە ھۆرمەت قىلمىدى، بىز سىزنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى بولۇشىڭىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز!» دەپ مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىلىك تاجىنى كېيىشىنى تەلەپ قىلغان. يەنە تۈركچە ئالاقىدار تارىخ كىتابلىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر رىۋايەت بار، يەنى سۇلتان سەلىم خاننىڭ خەزىنىدارى ھەسەن ئاغا مۇنداق بىر چۈش كۆرگەن: «بىر كۈنى كېچىدە نۇر يۈزلۈك، سالاپەتلىك تۆت كىشى ئىشىكنى چەككەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قولىدا بىردىن بايراق باركەن. ئىشىكنى چەككۈچى كىشى سۇلتان سەلىم خاننىڭ ئاق بايرىقىنى كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەلى ئىكەنلىكىنى، يېنىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر فارۇق، ئوسمان زىننۇرەيىن ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر (س.ئە.ۋ)نىڭ ئۇلارنى سەلىم خانغا ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمىتى سەلىم خان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا بېرىلگەنلىكى، سەلىم خاننىڭ دەرھال بېرىپ بۇ خىزمەتنى قولغا ئېلىشى كېرەكلىگىنى ئېيتقانلىقىنى»نى چۈشىدە كۆرگەن. (مەنبە بۇ يەردە)
    بۇنى ئاڭلىغان ياۇز سۇلتان سەلىم خان تېزدىن مىسىر سەپىرىگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. مەرجى دابىق ئۇرۇشىدا ئابباسىيلارنىڭ مىسىردىكى ئاخىرقى خەلىپىسى ئەل-مۇتەۋەككىل  سۇلتان سەلىم خانغا تەسلىم بولغان. سەلىم خان ئۇنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن قاھىرەگە يولغا سېلىپ قويغان. كېيىن خەلىپە مۇتەۋەككىل نۇرغۇن ئالىم-ئۆلىمالار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە ناتىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئىستانبۇلغا كەلگەن. مىسىر ۋە ئوسمانلى ئۆلىمالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ خەلىپىلىكنىڭ سۇلتان سەلىم خانغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىشىنى قارار قىلغان. ئەل-مۇتەۋەككىل ئۈستىدىكى خالاتنى چىقىرىپ سەلىم خانغا كىيدۈرگەن. (مەنبە: ئى.ھ.دانىشمەند، «ئىزاھلىق ئوسمانلى تارىخى يىلنامىسى»، 2-جىلد، 37-بەت) بۇ يەردە ئىلگىركىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇنى «سۇلتانۇل ھەرەمەيىن» (ئىككى ھەرەمنىڭ سۇلتانى) دەپ ئاتىغان خاتىبقا سەلىم خان مۇنداق دېگەن:
    - مەن ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك يەرلەرنىڭ خىزمەتچىسى بولۇشتىن ئارتۇق شان-شەرەپ يوقتۇر. مېنى «خادىمۇل ھەرەمەيىن» (ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى) دەپ ئاتاڭلار!
    1517-يىلى مىسىرنىڭ ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىشىدىن باشلاپ تاكى 1922-يىلى خەلىپىلىك يىقىلغۇچە بولغان 405 يىللىق تارىختا ئوسمانلى تۈرك سۇلتانلىرى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا خەلىپە بولغان.
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 05:46 , Processed in 0.385463 second(s), 38 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش