ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 156|ئىنكاس: 0

مىللىي ئارمىيىنىڭ مارشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي ئارمىيىنىڭ مارشى
  
قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز پىدا بولسۇن جىنىمىز.  
  قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئەھدى-ئىمانىمىز.

يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز.
يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ-شەۋكەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.

ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.  
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن! مىڭ ياشىسۇن!! گۈزەل ئىستىقبالىمىز..

بوۋامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە ھەر قىتىملىق قۇتلۇق كۈنلەردىكى ( 11 - ئاينىڭ 12 كۇنى ۋە 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنلىرى ) تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە مىللى ئارمىيىنىڭ پىيادىلار قىسمى غۇلجىدا ھەربى پاراتتىن ئۆتەتتىكەن . پاراتتىن ئۆتكۈچى قىسىم ئالدىدا بىر ئوركىستىر قىسمى مۇشۇ مارىشنى چىلىپ ماڭاتتىكەن . كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان رىتىملىق مۇزىكا ، ئۆز پەرزەنت قىسىمنىڭ رەتلىك ، چەبدەس ، مەردانە ھالىتىنى كۆرگەن خەلىق كۆزىگە ئىسسىق ياشلار ئېلىشاتتىكەن .
مەنبە: كەڭساي تورى        

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-4-13 13:30 , Processed in 0.074928 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش