ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﺵ ﺋﯩﻼﻧﻰ
ئاپتۇرى: ئەلتۈرك008
ﺑﺎﻻﻡ ﯴﭺ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﯰﻧﻰ ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺸﯩﻢ ﻗﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺳﺎﭘﻼ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻧﯘﺭﻏﯘ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﯪﺗﺎ-ﯪﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﯪﺳﺎﻥ ﯴﮔﯜﻧﯩﺪﯗ، ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﯬﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﯪﺷﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯲﺯ ﯪﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯲﺭﭖ ﯪﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻫﯩﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 15 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﯰﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺧﻪﺗﻤﻪ ﻗﯘﺭﯪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﺩﻩﻙ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﯜﻟﯜﻙ؟ ! ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﯩﺨﻰ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﯬﻣﺪﻯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﺍ ﯮﻗﯘﺗﺴﺎﻕ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﭘﯘﻝ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺑﺎﻱ-ﺑﺎﺷﺎﺷﺎﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺩﻩﯞﺍﭘﺘﯘ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ: ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺑﯩﻠﺴﯩﻼ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯪﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﻼ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ، ﺩﻭﻗﻤﯘﺵ-ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﯴﭺ ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻛﺎﻻ ﮔﯚﺷﻰ ﯴﮔﺮﯨﺴﻰ ﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺧﯩﺮﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﭼﯩﯟﯨﻦ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ ؟، ﺩﯨگۈم كىلىدۇ.
ﯪﺷﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﯪﭼﻘﺎﻥ ﻳﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ! ، ﯪﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﻪﭼﯩﮕﻰ، ﯰﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﯴﻣﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ؟! ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﯘﻕ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯘﻕ ؟! ﺑﯘ ﺑﯩﺰ ﯪﺗﺎ-ﯪﻧﯩﻼﺭ ﯲﺯ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﻘﯩﺸﻘﺎ، ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ-ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ !
ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﯰﻧﻰ ﯴﮔﯜﻧﯜﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﯴﮔﻪﻧﺴﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻣﯘ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﯞﻩ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﯪﯞﺍﻝ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻫﻪﻡ ﻛﯚﭖ ﻫﻪﻡ ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﯩﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﯪﺷﯘ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪﯞﯨﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﯴﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﻳﻪﻧﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﻰ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﺯ ﯪﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯪﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﯰﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻕ، ﺩﯨﺴﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﯰﻻﺭ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﯰﻻﺭ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ-ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﯪﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻨﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﯓ ﺑﯩﻠﯩﻤﺨﯘﻣﺎﺭ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯬﯓ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯪﺷﯘ ﻣﯩﻨﻜﺎﯞﺧﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﭼﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﯰﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯲﺯﮔﻪ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯲﺯﻯ ﯴﭼﯜﻧﻼ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯲﺯﮔﻪ ﺗﯩﻞ ﯴﮔﯜﻧﯜﺷﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﯬﻫﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟! ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻨﯩﻤﯘ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩﯨﺴﻪﻙ، ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻫﻪﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯲﺭﭖ ﯪﺩﻩﺗﻜﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ( ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻜﻪ ﺗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺶ ﯮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﯘ) ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﯪﭼﺴﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﯬﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﯰﻟﯘﻍ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ !!!
[ بۇ يازما alturk008 تەرپىدىن 2008-02-02 19:02 دە قا ]