ئالما دولاننىڭ قىزىنى!
(( ئالما دولاننىڭ قىزىنى،
ئايدا يۇمايدۇ يۈزىنى.
قوپ يۇزىڭنى يۇ دېسەم،
ئۇيدەك ئالايتتى كۆزىنى )) .
بۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئونۋېرسال سەنئەت قانىلى بۇ يىل 29 - ئاۋغۇست كۇنىدىكى پروگىراممىسىدا تۇنۇشتۇرغان ( ئاشىقى باياۋان ) دەپ نام قويۇلغان پلاستىنكىدىكى ئاتالمىش ( مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ) بىر ناخشىنىڭ تېكىستىدە ئېيتىلغان قوشاق. گەرچە تېكىست ۋە ئاھاڭلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قوراشتۇرلۇپ، شالغۇتلۇقنىڭ ياخشى نەمۇنىسى يارىتىلغان بۇ ئاتالمىش ( مۇۋەپپەقىيەتلىك ) ناخشىنىڭ باش ئاخىردىكى باشقا تېكىستلىرىنى ئېنىق ئاڭلىمىغان بولساممۇ، لېكىن بايا مىسال ئېلىنغان بىر كۇپلېت ئالاھىدە كۈچەپ ئېيتىلغان بولغاچقا، ئۇنى ئېنىق ئاڭلاش بىلەن بىرگە، دەسلەپتە بىر دولانلىق بولۇش سۇپىتىم بىلەن تولىمۇ ھەيران قالغان بولسا، كېيىن بىر پەس ئويلىنىپ، مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تىلەپ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
ئاۋال ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بايا مىسال ئېلىنغان قوشاق ئەسلىدە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى تەركىبىي قىسمىدىكى تارىخىي قوشاقلار كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ بولغان سەلبى قوشاق بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىركى يۇقۇرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ ئەمگەكچان خەلقنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھاكاۋۇر خاراكتېر بىلەن ئېغىر ھالدىكى يۇرتۋازلىق خاھىش ئەكىس ئەتتۇرىلگەن. دەرۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئېتنىك تەركىبىنىڭ بىرى بولغان دولانلار، تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا قەدەر كەمسىتىش خاراكتېردىكى تەبىرلەردىن قۇتۇلالماي كەلدى. تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرغاندا، بەزىلەر دولان دېگەن سۆزنى ئىشلەمچى، قۇل، دېدەك دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە دەپ شەرھىىسە، يەنە بەزىلەر ھەتتا دولانلار مۇڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دېگەن قاراشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. ئەمما بىر مەھەل دەۋر سۇرگەن بۇ بىرتەرەپلىمە قاراشلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ بارا - بارا ئاجىزلاپ 90 - يىللاردامۇقام - مەشرەپلىرىنى بايراق قىلغان دولان مەدەنىيىتى جاھانغا تۇنۇلۇشقا يۇزلەندى. بۇ خىل تۇنۇلۇش بۇگۇنكى كۈندە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، مەملىكەت ئىچىدە مىسلىسىز دولان قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى ناخشىچىلار ( دولان ) دولان ماركىسىنى تالىشىپ، نەچچە يۇز مىڭ سوملاپ پۇل خەجلەپ دەۋاغا چۇشسە، خەلقئارادا دولان مەشرىپى پارىژ، توكيو،لوندون سەھنىلىرىنى لەرزىگە سالدى.
بىراق، دولان مەدەنىيىتىنىڭ شان - شۆھرىتى كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقان، جۇملىدىن مەملىكەت ئېچى ۋە سىرتىدا دولان قىزغىنلىقى كۆتۇرلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە ئۆزىنى ( ئاقسۇنىڭ قاراتالدىكى دولانلار ئارىسىدا چوڭ بولدۇم..... ) دوپ تۇنۇشتۇرغان بىر ناخشىچىمىز، دولانلار مەسخىرە قىلىنىپ يۇرتۋازلىق تەشەببۇس قىلىنغان يۇقۇرقى سەلبى قوشاقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، گويا ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلىغاندەك ئەخمىقانە ئىش قىلدى.
ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاش ناھايىتى ئېنىقكى، ھەرگىز نۇرمال ئىش ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلىغۇچى بىر بولسا ئېغىر گۇنا ئۆتكۇزگەندىن كېيىن، پۇشايمان قىلىپ شۇنداق قىلغان بولىدۇ. يەنە بىرى بولسا، باشقىلارنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرۈش، باشقىلارنى خوشال قىلىش ئۈچۈن،ئۆز يۇزىنىڭ نىمە بولوپ كېتىشى بىلەن ھېسابلاشماي شۇنداق قىلىدۇ. بۇ خىل كاچاتلاش شۈبھىسىزكى بىر خىل ئەخمىقانىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەنلەردىن باشقا يەنە، ئاتالمىش ( مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ) ئاشۇ ناخشىنىڭ مۇزىكا ۋە ئارقا كۆرۈنۈش سۈرەتلىرىمۇ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. دەسلەپتە دولان مېلودىيىسى بويىچە باشلانغان ناخشا بىر يەرگە كەلگەندە ئۆزبېك مېلودىيىسىدىكى ( يارىيار ) دېگەن ناخشىغا ئۆزگىرىدۇ. بۇنى ئاز دەپ، باشتا ئۇيغۇرچە ئېيتىلغان ناخشا، مىلودىيىنڭ ئۆزگىرشى بىلەن خەنزۇچىغا ئۆزگىرىدۇ. ئارقا كۆرۈنۈش سۈرەتلىرىدىمۇ غەلىتىلىك قوغلىشىدىغان بولۇپ، تۇرقىدىن كىنولاردىكى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك جانبازلىرىغا ئوخشاش قىياپەت چىقىپ تۇرغان بىر يىگىت قولىدىكى قىلىچنى ھەريان شىلتىپ يۈگۈرۈپ يۈرۈيدۇ ۋە ئاچچىقى كەلسە قىلىچنى يەرگە چاپىدۇ، ئۇنىڭ بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلغان مەشۇقى، بىر تال ئاچقۇچنى دەرىزىدىن تاشلاپ بېرىدۇ بۇ كۆرۈنۈش ئادەمنى ئىختىيارسىز ھالدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۈچ تېمى يوق ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سالغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئەجەبا ئۈچ تېمى يوق ئۆيگە قۇلۇپ سېلىش بىلەن، ئۆيگە سولاپ قويغان ئادەمنىڭ ئاچقۇچنى سىرتتىكى بىرىگە تاشلاپ بېرىشنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بارمۇ؟ تېخىمۇ ئوچوق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قىزنى قېچىپ كەتمىسۇن دەپ ئۆيگە سولاپ قويغان ئادەم، يەنە ئۇنىڭغا شۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بېرەمدۇ؟
بۇلاردىن باشقا، ( ناخشىچى ) مىزنىڭ رىياسەتچى سورىغان: ( بېيجىڭگە كېتىشىڭىزدە بىرەر سەۋەپ بارمۇ؟ ) دېگەن سۇئالىغا، ( بۇ يەردە ئۆگەنگىدەك يېڭى نەرسىلەر يوق....) دېگەن جاۋاپنى بېرىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بىر ناخشىچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ نەدە تۇرۇشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىق، بۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئارلىشىشى ھاجەتسىز ئەمما ( 12 مۇقام ) دولان مۇقامى، قۇمۇل مۇقامى ۋە ئېيتسا - ئېيتسا تۇگىمەيدىغان خەلق ناخشىلىرى ئەسەرلەردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي، دۇنيا مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ قەدىرلىنىۋاتقان چاغدا، ئاشۇ بىباھا مەنىۋى مىراسلار چاقناپ تۇرغان ماكاندا ( ئۆگەنگىدەك يېڭى نەرسىلەر يوق.....) دېيىش، ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان تەنتەكلىك، ناۋادا بۇ يەردە راستىلا ئۆگەنگىدەك يېڭى نەرسىلەر يوق بولسا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرى ۋە سەنئەت تەتقىقات ھەر يىلى ئادەم ئەۋەتىپ، مۇشۇ ماكانىمىزدىكى مەشرەپ - مۇقاملارنى تەتقىق قىلارمىدى؟ مەملىكەت خاراكتېرلىق سەنئەت بايراملاردىلا ئەمەس، ھەتتا خەلقئارالىق سەنئەت بايراملىرىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلارمىدى؟ كەمىنە مۇئەللىپ مەكىت ناھىيەسىدىن ئىبارەت تەكلىماكان گىرۋىكىدىكى بىر خىلۋەت ماكاندا ياشاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ماكانىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى مەشرەپ مۇقاملارنى ئۇگىنىش، تەتقىق قىلىشقا قەيەردىن قانچىلىك ئادەم كېلىپ كەتتى، بۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ بىرنىمە دېيەلمەيمەن. ئەمما دولان مۇقاملىرىنى ئۇگىنىش، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مەكىت ناھىيىسىگە ھەر يىلى ھەتتا ھەر ئايدا دېگىدەك ئادەم كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.دېمەكچىمەنكى مۇقام - مەشرەپلەر ماكانى بولغان ئانا يۇرتىمىزدا، كۆرىدىغان كۆز ۋە ھېس قىلىدىغان قەلب بولسىلا، ئۆگىنىدىغان يېڭى نەرسىلەر ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۇش ھاجەتكى، مەيلى تېكىس ۋە ئاھاڭ جەھەتتە بولسۇن خۇددى چەكمەن چاپانغا چىت رەختىن ياماق سالغاندەك تاغدىن - باغدىن قۇراشتۇرۇلغان شالغۇت ناخشىلارنى كۈتۈرۈپ چىقىش - ياغۇز بىر ئىككى ناخشىچىلارنىڭ ئىشى بولۇپ قالماستىن بەلكى كېچىسىلا ئەمەس، ھەتتا كۈندۇزىمۇ چولپان چۈشەۋاتقان بىر قىسىم ياش ناخشىچىىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەجدادلار ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتنىڭ سەمەرلىرى بولغان ناخشا - مۇزىكىلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە، يەنە بەزىلىرى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ چەت ئەل ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى سۈپىتىدە بازارغا سالماقتا.
خۇلاسە شۇكى، مەيلى ئەجدادلار ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ سەمەرلىرى بولسۇن مەيلى چەت ئەل ناخشا - مۇزىكىلىرى بولسۇن خەقنىڭ تەييار نەرسىلىرىنى پارچىلاپ ئۇنىڭدىن بىرنى، بۇنىڭدىن بىرنى ئۇزىۋېلىپ ئاتالمىش يېڭى نەرسىلەرنى قۇراشتۇرۇش - ماھىيەتتە بىر خىل شەكلى ئۆزگەرگەن يېڭىچە ئوغرىلىق ھادىسىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى بۇ خىل قۇراشتۇرما ناخشىلارنى بۆلەكلەر بويىچە پارچىلاپ تەكشۇرۇشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭدىن بىر ناخشىنى تەشكىل قىلىدىغان ئېلېمېنىتلارنىڭ ھەممىسى خەقنىڭ بولۇپ چىقىدۇكى، ئاتالمىش ( ئىجادكار ) غا خاس بولغان نەرسىدىن بىرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گەرچە تاغدىن - باغدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان بۇ خىل شالغۇت ناخشىلار، كۇندىلىك ھايات پائالىيىتى پەقەت رېستۇران، قاۋاقلاردا كولدۇرلاشتىنلا ئىبارەت بولغان بىر قىسىم ساياق ياشلىرىمىز بىلەن،ئانا ماكانىمىزنىڭ سىرتىدىكى تىل ئىستېمالى بىزگە ئوخشىمايدىغان تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئازدۇر - كۆپتۇر ئالقىشقا ئېرىشسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلقىمىز ئارىسىدا ئەسلا بازار تاپالمايدۇ. نۆۋەتتە خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ يۇرگەن: ( ھازىر ھەر ئاخشىمى بەش ناخشا چولپىنى تۇغۇلۇپ، ئالتىسى ئۆلىدۇ ) دېگەن سۆزمۇ يۇقۇرقى پىكىرىمىزنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.
ماقالىمىزنىڭ ئاخىردا ھېلىقى ناخشىچىمىزغا ئوخشاش چولپان بولۇش چۈشىنى كۆرۈۋېلىپ، رېئاللىقتىن شۇنداقلا ئۆز يىلتىزىدىن يىراقلاپ كەتكەن تەنتەكلىرىمىزگە جاۋاب ئورنىدا بىر كۇبلېت قوشاق تەقدىم قىلىشقا توغرا كەلدى.
ئالما دولاننىڭ قىزىنى،
كۆرەلمەيسەن يۈزىنى.
سەندەك كۆرەڭ يۇرتۋازغا،
ئالايتىدۇ كۆزىنى.
ئاپتور: مەكىت ناھىيىلىك كۇتۇپخانىدا
مەنبە: شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى
بۇ ئەسەرگە كۆپچىلىك نىمە دەيدىكىن ؟؟؟؟؟
بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى يىتىشىۋاتقان يازغۇچى ، ئەدىپ تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس ئەپەندىم
بۇنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان .. كۈرۈرمەنلەر بۇنى مىنىڭ يازماممىكىن دەپ قالمىغايسىلەر [ بۇ يازما nurxat تەرپىدىن 2008-01-17 20:44 دە قايتا ]