ھەممىمىزگە مەلۇم ، كورىيە ~ نۆۋەتتە دۇنيادىكى 11 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ تۇرماقتا ، بۇ دۆلەتنىڭ قىسقىغىنا 40 نەچچە يىلدىلا .... نامى چىققان بىر نامرات يېزا ئىگىلىكى دۆلىتىدىن تەرەققىي قىلغان باي دۆلەتكە ئايلىنىشى دۇنيا ئەھلىنى ھەيرەتتە قالدۇرماقتا ~~!
بىزمۇ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن ، ئاشۇ بەيگە سەھنىلىرىدە چولپان كەبى چاقانپ كەتكەن ئەللەرگە قىزىقىشىمىز ، ئۇلارنىڭ ئىلغار بولغان ياشاش ئەندىزىلىرىنى ئەنئەنىمىزگە ئەلالاشتۇرۇپ تەدبىكلىگەن ھالدا يېڭىلىق يارىتىشىمىز ...... تولۇمۇ زۆرۈردۇر .
ئىقتىساد كۈچىنى كۆرسۈتىۋاتقان 21 - ئەسىر تەرەقىياتلىرى ، يەر شارىنى كىچىككىنا بىر كەنىتكە ئايالاندۇرۇپ قويدى . تەرەقىيات يېڭىلىقلىرىدىن داڭ قېتىپ ... ئۇنۇڭدىن قورۇنۇپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان ئەللەرمۇ چىقىپ تۇردى ، ھېلىمۇ ياخشى بىز ئۇنچىلىك دەرىجىدە بولۇپ چىقمىدۇق . ئارىمىزدىن بىر تۈركۈم ئىلغار ئىدىيلىك ياشلىرىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن..... يېقىنقى زامان سانائىتىمىزنىڭ مارشىنى ياڭراتقان مۇسا بايوفلار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە قۇرماقتا . تۆۋەندە مەن ، ئۆزىمگە ئاز تولا پايدىسى بولۇدۇ دىگەن مەقسەتتە كورىيە ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرىكى بولۇۋاتقان HYUNDAI گۇرۇھىدىن قىسقىغىنا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتىمەن ..... ياقتۇرۇپ كۆرەرسىلەر :
يەتتە ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بۇ ماركا بىزگە ناتونۇش ئەمەس . بۇ كارخانىڭ قۇرغۇچىسى ~ كۇمچوڭيۇڭ ئەپەندى 1915 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ 15 ياشقا كىرگەن يىلى مەكتەپتىن چىقىپ تۆمۈر يولدا بالا ئىشچى بولغان ، مەيخانىلاردا كۈتكۈچىمۇ بولغان ، ھاياتلىق نىمىنى قىلدۇرمايدۇ دەيسىز ؟ ئۇ شۇنداق قىلىپ كىچىك تۇرۇپلا تۇرمۇشنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىنى تېتىشقا باشلىغان ، 1946 -يىلى 31 ياشلىق كۇمچوڭيۇڭ قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇدۇ ، ھەمدە ئۆمرىدىكى تارىخىي خارەكتىر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان تۇنجى قەدەمنى بېسىپ HYUNDAI ئاپتوموبىل شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ، بۇ چاغدا بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ FORD ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ پىكاپلىرىنى قۇراشتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولۇدۇ . ئۇزاق مەزگىللىك قۇراشتۇرۇش تەجىربىسى كومچوڭيۇڭدا ..... ئۆزىنىڭ ئاپتومىلىنى ياساش ئىستىكى يىتىلدۈرىدۇ ، دەل مۇشۇ چاغدا كومچوڭيۇڭدا تۇۇيۇقسىز قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرۇش ئويى كېلىپ قالىدۇ ھەمدە دوسلىرىغا بۇ توغرىسىدا مەسلىھەت سالىدۇ ، ئويلىمغان يەردىن ئۇنۇڭ بىرمۇ دوستى بۇ پىلاننى قوللىمايدۇ ...........
ئەزەلدىن تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا ئامراق ئۇ ...... يۈرەكلىك ھالدا HYUNDAI قۇرۇلۇش شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ . ئىشلار دەسلەپتە خېلى ئوڭۇشلۇق يۈرىشىدۇ ... بىر قېتىملىق قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش پۇرسىتىدە كومچڭيۇڭ ..ۋىتنامدىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساش تۈرىگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ . يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساشتىن قىلچە خەۋىرى يوق ئۇ .. دەسلەپتە سەل ئوڭايسىزنىپمۇ قالىدۇ ، لېكىن ئۇ يەنىلا قارملىق بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ . نەتىجىدە ئۇ قۇرۇلۇش موددىتى ئىچىدە ۋەزىپىنى تاماملىيالماي مۆھلەت جەرىمنانىسىىدىن بىر مىليون دوللارغا يېقىن زىيان تارتىۋالدۇ ، ئەمما سۈپەتكە %100 كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىشنى تاپشۇرىدۇ . كومچوڭيۇڭنىڭ زىيان تارتىپ تۇرۇغلۇق ،سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئىشىدىن تەسىرلەنگەن ۋىتنام تەرەپ ....تەسىرلىنىپ كېيىنكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى HYUNDAI شىركىتىگە بېرىدۇ . 1950 -يىلى كومچوڭيۇڭ بۇ ئىككى شىركەتنى بىرلەشتۈرۈپ HYUNDAI ھەسسىدارلىق شىركىتىگە ئۆزگەرتىدۇ . بۇنۇڭ بىلەن مەزكۈر شىركەت تېز سۈرئەتلىك تەرەققىي قىلىش باشقۇچىغا قەدەم قويۇدۇ . 40 نەچچە يىللىق تەرەقىيات مۇساپىسىدە بۇ كارخانا بىر قابىل باشقۇرغۇچىلار ( بۇلارنىڭ ئىچىدە كورىيەنىڭ 2008 - يىللىق يېڭى سايلانغان پرېزدېنتى ~ لىمىڭبومۇ بار ) توپىنىڭ باشقۇرىشىدا شىددەت بىلەن زورىيىپ نۆۋەتتە : ھۈندەي - پاراخوت ياساش شىركىتى ، ھۈندەي - ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى ، ھۈندەي - قۇرۇلۇش شىركىتى ، ھۈندەي - پولات - تۆمۈر سانائىتى شىركىتى ، ھۈندەي - سىتراخۋانىيە شىركىتى ، ھۈندەي - خىمىيە - سانائىتى شىركىتى ، ھۈندەي - ئىلىكتىرون شىركىتى ، ھۈندەي - دېڭىز تىرانسىپورتى شىركىتى ، ..... ھۈندەي - پۇل مۇئامىلە شىركىتى بىر گەۋدىلەشكەن HYUNDAI گۇرۇھىغا ئايلاندى .
نۆۋەتتە بۇ كارخانا گۇرۇھىدا ~ نەچچە يۈزمىڭ كورىيلىك ئىشلىمەكتە ~~~~
مەنبە : شەبنەم تورى .
2008 . 1 . 17 .
مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ .[ بۇ يازما tourg تەرپىدىن 2008-01-17 14:30 دە قايتا ]