قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 625 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: (TOEFL,IELTS,GRE)چەتئەلگە چىقىش ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ibttoefl
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23634
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 235 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-09

 (TOEFL,IELTS,GRE)چەتئەلگە چىقىش ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى yolbaxqi-ksg ﺗﯩﻞ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰدىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-01-15)
  چەتئەلگە چىقىش ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟TOEFL,IELTS,GRE

      يېقىنقى يىللاردىن بويان، نۇرغۇن ياشلار چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگەللەش مەقسىتىدە ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىپ، ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئالدى بىلەن چەتئەل تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتىشىمىز كېرەك. بۇ ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىمىز؟ ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ياشلىرىمىزغا بۇ توغىرلىق بەزى ساۋاتلاردىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە  بۇ يوللانمىنى تەييارلىدىم. بۇ يازغانلىرىم سىلەرگە ياردىمى بولالىسا بەكمۇ خۇرسەن بولار ئىدىم.

    بىز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئىكەنمىز ئالدى بىلەن قايسى دۆلەتكە
چىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىمىز توغىرلىق كۆڭلىمىزدە سان بولىشى كېرەك. چۈنكى بىز بېرىدىغان ئىمتىھان ئوخشاش بولمايدۇ. ئامىرىكىغا چىقىش ئارزۇسى بارلار توېفل(TOEFL ) ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشى، كانادا، ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە ۋە ياۋۇرپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە چىقىش ئارزۇسى بارلار ئېلتس(IELTS) ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك. ئەمما ياۋۇرپادىكى دۆلەتلەر توېفل TOEFLئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئامىرىكىدىكى بەزى ئالى مەكتەپلەرمۇ ئېلتس IELTSئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
بۇ ئىككى ئىمتىھان زادى قانداق ئىمتىھان؟ شەكلى قانداق؟ قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك؟
توېفل ئىمتىھانىiBT TOEFL
توېفلTOEFL ئانا تىلى ئېنگىلىز تىلى بولمىغانلارنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى  بولۇپ، ئامىرىكىنىڭ مائارىپ ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى تەتقىق قىلىپ يولغا قويغان. بۇ ئاساسەن ئانا تىلى ئېنگلىز تىلى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامىركىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشىدا ئېنگىلىز تىلىنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى 4500دىن ئارتۇق ئىككى يىللىق ۋە تۆرت يىللىق ئالى مەكتەپلەر، كەسپى مەكتەپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورگانلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا بۇ ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر بۇ ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى ئوقۇش مۇكاپات ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ.  بۇ ئىمتىھان 1964-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 17مىليون750مىڭ كىشى بۇ ئىمتىھانغا قاتناشتى.
توېفل ئىمتىھانى دەسلەپتە قەغەزدە بېرىدىغان ئىمتىھان بولۇپ،ئامىرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى ئېلتىسIELTS ئىمتىھانى زەربىسىدىن TOEFLتوېفل ئىمتىھانىنى
ئىككى قېتىم ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئېلىنىۋاتقان ئىمتىھان ئېنتىرنېت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 2005-يىلى 9-ئايدا يولغا قويۇلغان، جۇڭگودا 2006-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسدە يولغا قويۇلدى. شۇڭلاشقا ھازىر جۇڭگودا پەقەت ئېنتىرنېت ئاساسىدا ئېلىنىدىغان توېفل ئىمتىھانىلا بار. يېڭى ئىمتىھان ئوقۇپ چۈشىنىش، ئاڭلاپ چۈشىنىش، سۆزلەش ۋە يېزىقچىلىقتىن تۆرت قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، شىمالى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئالى مەكتەپ ھاياتىغا تەقلىد قىلىنغان ئاساستا تەييارلانغان. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىلى قابىلىيىتى ۋە ئالاقە ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك سىنايدۇ.
ھازىرقى ئېنتىرنېتتا بېرىلىدىغان ئىمتىھان، بۇرۇنقى ئىمتىھاندىن بىر ئاز قىيىن بولۇپ، سۆزلەش قىسمى قوشۇلغان. ئىمتىھان ۋاقتى 4سائەت. جەمئى نومۇر 120، يەنى ھەر بىر تارماق قىسىم 30 نۇمۇر. نۇرغۇنلىغان ئالى مەكتەپلەر 80نۇمۇرنى ئۆلچەم قىلىپ بېكىتكەن، ئەمما بىزدەك نامرات ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالمىساق، بۇ پەقەت بىر قۇرۇق چۈش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم 100دىن يۇقىرى ئېلىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ سۆزلەش ئىمتىھانىدا 20دىن تۆۋەن ئالساق بەزى مەكتەپلەر قوبۇل قىلماسلىق مۇمكىن.
ئامىرىكىدا ئوقۇشنىڭ بىر ياخشى تەرىپى، ئامىرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ. ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەيدۇ.
تۆۋەندە بۇ ئىمتىھاننىڭ تۆرت قىسمىنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
1.ئوقۇپ چۈشىنىش. 60~100مىنۇت ئەتراپىدا،  650~750خەت ئەتراپىدىكى3~5 پارچە ماقالە بار، شۇنىڭدەك ھەر بىر ماقالە ئۈچۈن 12~14كىچە سوئال چىقىرىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە ماقالە ئۈچۈن 20مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن. سوئال شەكىللىرى: جەدىۋەلنى توشقۇزۇش، ئومۇمى مەزمۇننى يىغىنچاقلاش، جۈملىنى ئاددىلاشتۇرۇش، تېكىست قىستۇرۇش، ئۇچۇر ئىزدەش، ئالماشنى تېپىش، ئەقلى ھۆكۈم چىقىرىش، سىتىلستكا، ئىنكار قىلىش ئارقىلىق خاتا جاۋاپنى چىقىرۋېتىشتىن ئىبارەت ئون تۈرلۈك. بىر ماقالىدە ئون خىل شەكىلنىڭ ھەممىسى چىقىشى ناتايىن، كۆپىنچىسى تاق تاللاش شەكلىدە، قىسمەنلىرى جۈپ تاللاش. ھەر بىر سوئالنى بەرگەندە جاۋابى چىقىدىغان ئابزاسنى سىتىرىلكا ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جاۋاپ چوقۇم شۇ ئابزاستىن چىقىدۇ. ھەرگىزمۇ قىياس قىلىپ تاللىماسلىق لازىم.
2.ئاڭلاپ چۈشىنىش. ۋاقتى 60~90مىنۇت ئەتراپىدا، ئىككى دىئالوگ، تۆرت لىكسىيەدىن تەركىپ تاپقان. دىئالوگ 2~3مىنۇت،لىكسىيە 4~6مىنۇت.لىكسىيە ئۈچۈن ئالتە سوئال ، دىئالوگ ئۈچۈن 5سوئال چىقىرىلغان ، ھەممىسى مەكتەپ تۇرمۇشى، دەرس قاتارلىقلارغا ئائىت. ئاڭلىغان ۋاقتتا خاتىرە قالدۇرۇشقا بولىدۇ. جاۋاپنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
3.سۆزلەش. بۇ توېفل TOEFLئىمتىھانىغا يېڭى قېتىلغان قىسم بولۇپ، جەمئى 6 سوئال بار. ئالدىنقى ئىككى سوئال ئايرىم جاۋاپ بېرىلىدىغان سوئال بولۇپ، تەييارلىق ۋاقتى15سكونت، جاۋاپ ۋاقتى 45سىكونت. (سىزگە ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشى كىم، ئۇ سىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن، نېمە ئۈچۈن، مىساللار بىلەن جاۋاپ بېرىڭ ، دىگەندەك سوئاللار سورىلىدۇ.).3-4-سوئال ئۈچۈن ئالدى بىلەن 70~100خەت ئەتراپىدىكى بىر پارچە ماقالە ئوقۇيسىز، ئاندىن 1مىنۇت ئەتراپىدىكى بىر دىئالوگ قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىسى ئاساسىدا سوئال سورىلىدۇ. 30سكونت تەييارلىق قىلىسىز،60سكونتتا جاۋاپ بېرىپ بولىشىڭىز كېرەك. 5-6-سوئال 90~120 سكونتلىق لىكسىيە ياكى دىئالوگ ئاڭلىغاندىن كېيىن، سوئال سورىلىدۇ. 20سكونت تەييارلىق قىلىسىز،60سكونتتا جاۋاپ بېرىسىز.
4.يېزىقچىلىق. 50 مىنوت ئىچىدە ئىككى پارچە ماقالە يازىسىز.1-ماقالە بېرىلگەن تەلەپ بويىچە 30مىنوت ئىچىدە 300 خەتلىك بىر پارچە ماقالە يازىسىز. 2-ماقالە 3مىنوت بىر پارچە ماقالە ئوقۇيسىز، ئۇندىن كېيىن 2مىنۇتلۇق لىكسىيە ئاڭلايسىز،( ئاڭلاش، ئوقۇش جەريانىدا خاتىرە قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.) بۇنىڭغا ئاساسەن 150~225 خەتلىك بىر پارچە ماقالە يازىسىز.

ئىمتىھاننىڭ شەكلىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندىڭىزمۇ؟ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭ. بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئىكەنسىز شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىڭ، دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
ئىمتىھانغا قانداق تىزىملىتىمىز؟  قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟
ئەگەر سىز ئالى مەكتەپ ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانى 4-6-دەرىجىدىن  ئۆتۈپ بولغان بولسىڭىز، 3~6 ئاي ئەتراپىدا تەييارلىق قىلسىڭىز، گەپ يوق ئۆتۈپ كېتىسىز. ئەگەر بۇنداق ئىمتىھانلارنى بېرىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ ئۈمىدسىلەنمەڭ. پىلانلىق،تەرتىپلىك تەييارلىق قىلسىڭىز سىزمۇ چوقۇم ئۆتەلەيسىز. يەنى، ھەممىمىزنىڭ تەقدىرى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا.
ئىمتىھان ھەققى 1370يۇەن، بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا  قىممەت. ئىمتىھانغا توردا تىزىملىتىمىز. تور ئادرىسى:
http://toefl.etest.net.cn
ئامىرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور ئادرىسى:
www.ets.org
توېفل ئىمتىھانىغا ئائىت ئۇچۇرلار:
قايسى ماتىرىياللارنى پايدىلىشىمىز كېرەك؟
1.ئامىرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى تۈزۈپ چىققان بىر تەييارلىق ماتىرىيالى بولۇپ، ھازىر جۇڭگودا بۇنىڭ قوش تىللىق نۇسخىسى نەشىر قىلىندى، بۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغانلار چوقۇم كۆرىشى كېرەك. 6 تەقلىد سوئال بار.

ETS新托福考试官方指南[双语版](附光盘一张)

作者:美国教育考试服务中心 著      出版社:世界图书出版公司      出版时间:2006年07月   

The Official Guide to the New TOEFL iBT
باھاسى 68يۇەن بولۇپ، بەلكىم 50يۇەن ئەتراپىدا سېتىۋالالىشڭىز مۇمكىن.
2.ئىمتىھان سوئالى چىقارغۇچى پىروفېسسورلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.بۇ كىتاپنى دېلتانىڭ كىتابى دەپ ئاتىشىدۇ.

新托福考试备考策略与模拟试题(Delta’s)三角洲
作者:(美)加拉格尔(Gallagher,N.) 出版社:世界图书出版公司 ،  出版时间:2006年08月
3. باروننىڭ تەقلىد سوئاللىرى. بۇنى باروننىڭ كىتابى دەپ ئاتىشىدۇ.

新托福考试全真模考题与精解(巴郎,Barron’s)
作者:(美)夏普 编著,张洪伟,戴云 译      出版社:群言出版社      出版时间:2007年03月 

بۇ ئۈچ كىتاپ ۋە توردىكى ماتىرىياللاردىن پايدىلانسىڭىز ئۆتۈپ كېتىشىڭىزدە گەپ يوق.
ئۇنىڭىدىن باشقا توردىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇ خىل ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلش ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار بىر قانچە تور بېتى بار. بۇ تور بەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان ھەقسىز تەييارلىق ماتىرىياللىرى بار. تور سۈرئىتى ياخشى بولسىلا بۇ ماتىرىياللارنى تېزلا چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ.
http://bbs.taisha.org
http://bbs.gter.ce.cn


ئېلتسIELTS ئېمتىھانىغا ئائىت مەزمۇنلارنى داۋاملىق يازىمەن.
[ بۇ يازما ibttoefl تەرپىدىن 2008-01-16 23:11 دە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : yolbaxqi-ksg
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-01-15, 05:45
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(yolbaxqi-ksg) ئۆزىگە خاس م
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-01-15 13:38 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
lakqin
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23132
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 900
شۆھرەت: 960 نۇمۇر
پۇل: 3007 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

بىلىۋالدۇق ، رەھمەت سىزگە . 
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-15 14:45 |
karwan-baxlk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 11922
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 129 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-15

 

تېمىڭىز غا رەھمەت. ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلىۋالدىم.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-15 14:53 |
nurbiya421
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20310
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

رەھمەت سىزگە!بەك ئەتراپلىق بوپتۇ.
بولسا ئاخىرىنى تېزراق يوللىسىڭىز.
جاپا چەكتىڭىز!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-15 15:22 |
xahla
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 4496
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1873
شۆھرەت: 573 نۇمۇر
پۇل: 4576 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-21

 

مەنمۇ ئانچە -مۇنچە بىلەتتىم. ئەمدى تەپسىلى بىلۋالدىم. رەخمەت!
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-15 15:27 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3118
شۆھرەت: 3465 نۇمۇر
پۇل: 1258 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

مەنمۇ بىلىۋالدىم!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-15 16:57 |
ibttoefl
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23634
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 235 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-09

 

IELTSئېلتس ئىمتىھانى
 
        ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە،يېڭى زىللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر(ئەنگىلىيە فىدىراتسىيەسى英联邦国家)چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە كۆچمەن قوبۇل قىلشتا، ئۇلارنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى سىناش ئۈچۈن ئاساس قىلىدۇ. ئانا تىلى ئېنگلىز تىلى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى. تولۇق ئىسمى : خەلىقئارالىق ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھان سېستىمىسى، 1989-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامىرىكا ۋىزىسىنى ئېلىش قىيىنلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىمتىھاننىڭ بازىرى چىقتى.
        بۇ دۆلەتلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن ياكى كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن چىقماقچى بولسىڭىز ئىمتىھانغا قاتنىشىشىڭىز كېرەك. بۇ ئىمتىھان ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، General Testئادەتتىكى ۋەبىلىم (ئوقۇش ئۈچۈن) Academic Test دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ چىقماقچى بولسىڭىز  General test  ئادەتتىكى ئىمتىھاننى بەرسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇشقا چىقماقچى بولسىڭىز Academic Testبىلىم (ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان) ئىمتىھانىنى بەرسىڭىز بولىدۇ.  بۇ ئىككى ئىمتىھاننىڭ بەزى جايلىرى ئوخشىمايدۇ، بەزى قىسىملىرى ئوخشىشىدۇ. ئادەتتىكى ئىمتىھاننىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش قىسمىدا كۆپىنچە تۇرمۇشقا يېقىن بولغان چۈشىنىش ئاسان بولغا ماقالىلەر چىقىدۇ. ئەمما بىلىم ئىمتىھانى بولسا ئىلمىيلىكى يوقىرى، ھەر خىل كەسىپلەرگە ئائىت مەزمۇنلار چىقىدۇ. يېزىقچىلىق قىسمىمۇ پەرقىلىق .شۇڭلاشقا كۆپىنچە كىشىلەر ئادەتتىكى ئىمتىھاننى ئاسان دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇ ئىككى ئىمتىھاننىڭ نۇمۇر قويۇش ئۆلچىمى پەرقلىق بولىدۇ.
IELTS  تۆت قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ئوقۇپ چۈشىنىش، ئاڭلاپ چۈشىنىش، يېزىقچىلىق ۋە سۆزلەش.
iBT TOEFL  غا ئوخشىمايدىغان تەرىپى كومپىيوتىر ئارقىلىق ئېنرتىنېتتا ئەمەس ئىمتىھان قەغەز يۈزىگە يېزىلىدۇ. ئوقۇپ چۈشىنىش، ئاڭلاپ چۈشىنىش، يېزىقچىلىق بىر كۈندە، سۆزلەش يەنى ئاغىزچە ئىمتىھان باشقا بىر كۈنى يۈز تۇرنە ئېلىندۇ.
        ئىمتىھان ئومۇمى نومۇرى 9بولۇپ، ھەر بىر بۆلەك ئىمتىھانىنىڭ تولۇق نۇمۇرى 9. تۆت بۆلەكنىڭ نەتىجىسىنى جەمىلەپ ئوتتۇرىچە نەتىجىسنى ھېساپلاپ چىقىرىدۇ. نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر 6 نۇمۇر ئالىسىڭىز قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ،بەزى ياخشى مەكتەپلەر 6.5تىن تۆۋەن ئالسىڭىز قوبۇل قىلماسلىق مۇمكىن. شۇڭا قانچە يۇقىرى ئالالىسڭىز شۇنچە ياخشى.

IELTS ئىتىھان نەتىجىسىنى  ئامىرىكىدىكى بەزى مەكتەپلەرمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ.
ئىمتىھان ھەققى :1450يۇەن، توردا تىزىملىتىلىدۇ. تىزىملىتىش ئادرىسى:
http://ielts.etest.net.cn


http://www.ielts.org

تەييارلىق ماتىرىياللىرى:

剑桥雅思考试全真试题解析精讲IELTS ئوكىسفوردنىڭ چىقارغان 6 قىسىملىق تەييارلىق ماتىرىيالى بار . ئومۇمى باھاسى 100يۇەن ئەتراپىدا، بۇ كىتاپتىن پايدىلانسىڭىز  ياكى ئۆتكەن يىللىرى ئېلىنغان ئىمتىھان سۇئاللىرىنى قايتا -قايتا ئىشلىسىڭىزمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

توردىمۇ نۇرغۇن ياخشى ماتىرىياللار بار:
http://bbs.taisha.org
http://bbs.gter.ce.cn

بۇ ئىككى تور بېتىدىن سىزگە لازىملىق نۇرغۇن ماتىرىياللار ۋە ئۇچۇرلار تېپ
ىلىدۇ.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-15 17:06 |
miyasar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21693
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 592 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-04

 

رەھمەت جۇمۇ....مەن بۇ ئىشنى بىر دوستۇمغا دەپ بەرسەم بولغىدەك..
مۇشۇنداق پايدىلىق تېمىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز..
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-15 20:00 |
ibttoefl
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23634
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 235 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-09

 

بۇ ئۇلىنىشتىمۇ نۇرغۇن ياخشى ماتىرىياللار بار.

سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.

http://find.verycd.com/folders/%E6%96%B0%E6%89%98%E7%A6%8F%E8%80%83%E8%AF%95
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-16 12:04 |
ibttoefl
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23634
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 235 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-09

 

يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-16 23:16 |
nasimy
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 6328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
پۇل: 464 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . رەخمەت
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-17 00:06 |
tamche24
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25819
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 

بۇ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كوپ رەخمەت!!مەن ئىھتىياجلىق ئىدىم...
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-26 21:21 |
dilpare
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27706
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
پۇل: 338 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

دىيارىمغا كىرگەنگە پۇشمان قىلمىدىم بۈگۈن ، توفېلنىڭ ئىمتىھان شەكلى ئۆزگىرىپتۇ دېسە ...
كۆپ رەھمەت!!!
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-04 10:28 |
shahbaz
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 30807
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،مەنمۇ بۇ ئىمتىھاننى بېرەيمىكىن دەپ ئويلاپ يۇرگەنتىم .مەن 6-دەرجىدىن ئۆتىپ بولغان  ئۇنداقتا مېنىڭ ئۇ ئىمتىھانلاردىن ئۆتىشىمگە ئانچە ئۇزۇن ۋاقىپ كەتمەيدىكەندە ،
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-04 11:56 |
shahbaz
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 30807
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

لىكىن تىزىملىتىدىغانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن  توفىلغا تىزىملىتىپ ئىمتىھان بېرىشنى بەك تەسلىشىپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىمغۇ مەن
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-04 11:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯩﻤﺘﯧﮭﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 03:57
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号