ياش كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى دىلشات ھېۋىزۇللانى زىيارەت
مۇخبىر: راھمانجان قاھىر
دىلشاد ھېۋزۇللا ئاپتونۇم رايونىمىزغا كومپيۇتېر يېڭى كىرگەن 80– يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىنگىلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىكى كومپيۇتېر ھەققىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەتلىك 863 تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلىنى كومپيۇتېردا ئاۋاز ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش سىسىتېمىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئىشلىگەن. ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيىدە كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ تاماملىغان. ھازىر ئەنگلىيىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا. يېقىندا ئۇنىڭ تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ژۇرنىلىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
مۇخبىر: ئەنگلىيىدە كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى قانداق؟ رايونىمىز بىلەن سېلشتۇرغاندا قايسى جەھەتتىكى پەرق زور؟دىلشات ھېۋزۇللا: كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. ھەتتا ئەنگلىيىنىڭكىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ– دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. لېكىن، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى تەكشى ئەمەس ئىكەن. بەزى ئىدارىلەردە خېلىلا ياخشى ئومۇملاشقان، بەزى ئىدارىلەردە يەنىلا كۆپ ئارقىدا، مەكتەپ ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، تېخنىكىلىق ئورۇنلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن شەخسىي كارخانا شىركەتلەر، بەزى چەترەك رايونلاردىكى ئومۇملىشىشى تۆۋەن، كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر تورىدىن پايدىلىنىش يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئويۇن ۋە كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتىكى ئومۇملىشىشى كېڭىيىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.
ئەنگلىيىدە بولسا ھەممىلا جايدا ئوخشاش دېگۈدەك ئومۇملىشىپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئىچكى جەھەتتىن تورلىشىشى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆز–ئارا ئۇلىنىشى جەھەتتە ناھايىتى ئىلغار. بارلىق ئىدارە ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇچۇلىرىنى ئۆزىنىڭ قىسمى تورى ئىچىدە ساقلايدۇ ھەم ئۆز–ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ. ئىچكى تور ئارقىلىق مەلۇم كىشىنىڭ ئارخىپى، خىزمەت ئىپادىسى ۋە نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرغىلى، مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇلارنى ھەتتا باشقا ئىدارە–شىركەتلەرنىڭ تورى ئارقىلىقمۇ بىلگىلى بولىدۇ. كۆپىنچە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچۇرلاشقان بولغاچقا نۇرغۇن ئىشلار تور ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاپتونۇم رايونىمىزدا كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سانلىق–مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى سانلىق– مەلۇمات ئامبىرى ئارقىلىق باشقۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۈر. مەسىلەن، بىر ئىدارىدىكى پۈتۈن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئىچكى تورغا ساقلىنىشى كېرەك. ھەر قانداق نەرسىنى كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تاپقىلى بولىدىغان بولىشى، مەلۇم خىزمەتنىڭ قاچان ئورۇنلانغانلىقى، كىمنىڭ ئورۇنلىغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ نەدە ساقلانغانلىقى ... قاتارلىق ئۇچۇلارنى ئىچكى توردىن كۆرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ھالەت ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئومۇملاشقاندەك قىلىدۇ. لېكىن، چوقۇم چوڭ–كىچىك شىركەت ۋە ئىدارە– ئوۇگانلاردىمۇ ئۇمۇملاشقان ھالەتكە يەتسە ئاندىن ياخشى بولىدۇ. گەرچە، ھازىر ئىشلىتىش جەھەتتىكى پەرق چوڭدەك قىلسىمۇ، بىراق يۇقىرىدىكى پەرقلەر چوقۇم بارغانسىرى كىچىكلەپ ماڭىدۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە جەريان كېرەك.
مۇخبىر: رايونىمىزدىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى قايسى خىلدىكى يۇمشاق دېتالنى ئېچىشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشى كېرەك؟دىلشات ھېۋزۇللا: مېنىڭچە ئەڭ ئاساسلىقى يۇمشاق دېتاللارنىڭ كەسىپلىشىشى ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئومۇملىشىشىغا كۆپرەك كۈچ چىقارسا بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر خىل كەسپلەرگە ماس كېلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى توردا بىمالال خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كېلىش، تور ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىدارە ۋە شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز– ئارا مۇلازىمەت قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. دېمەكچىمەنكى، كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇشنى پەقەت قاتتىق دېتالدىكى تورلاشتۇرۇشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر جەھەتتىكى تورلاشتۇرۇشقا كېڭەيتىشى، كومپيۇتېرنى ئادەم ئۈچۈن ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى لازىم. بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سانلىق مەلۇم ئامبىرى تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان، باشقىلار كۆرەلمەيدىغان مەخپىي تورExtranet (ئېكسترانېت) تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
مۇخبىر: ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ نېمىلەرنى ھېس قىلىدىڭىز؟ سىزنىڭچە قايسى جەھەتلەردە كەمچىللىك بار؟دىلشات ھېۋزۇللا: ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالىدا ناھايىتى زور تەرەققىياتلار بولۇپتۇ. يېزىق مەسىلىسىمۇ ھەل بولۇپتۇ. دۇنياغا ماسلىشىشتا ھەر قايسى يۆنىلىشلەرگە باغلىنىدىغان، ھەر قايسى كەسىپلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بازىرىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ جەھەتتە سەل كەمچىل. لېكىن يەنىلا يېتىشتۈرۈپ كەتكىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، يۆنىلىش بار، ناھايىتى ياخشى ئىلگىرلەش بار. ئەمدى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىش ئەمەس، دۇنيا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بىرلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، سىرتتىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.
مۇخبىر: سىزنىڭچە پروگرامما تۈزگۈچىلەر قانداق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرەك؟دىلشات ھېۋزۇللا: پروگرامما تۈزگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى پروگراممىنى تۈزۈش ئەمەس بەلكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشى مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش، باشقىلارنىڭ قانداق ھەل قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك. يەنە بىرى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانداق قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈش، باشقىلاغا ئوخشىمايدىغان ئىلغار، يېڭى ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش، ئىشلەتكۈچىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر نېمىنى كۆرسە ھاياجانلىنىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇپ تۈزۈش كېرەك. يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەر چوقۇم ئەڭ ئالدى بىلەن ئىشلەتكۈچلەنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشى، تەتقىق قىلىشى كېرەك، بۇ بەك مۇھىم. شۇنداق بولغاندا يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى زور بولىدۇ. يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يەنە خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارغا يەنە نېمىلەر كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ، دەۋرىلىك ھالدا پروگراممىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مۇخبىر: ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن(OPenSource) يۇمشاق دېتاللارغا قانداق قارايسىز؟دىلشات ھېۋزۇللا: OPenSource نى كەلگۈسى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، مەسىلىنى ھەل قىلغاندا ياكى پروگرامما تۈزگەندە ئالدى بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىزدەپ بېقىش كېرەك. بازاردا سېتىلىۋاتقان پۇللۇق يۇمشاق دېتاللارنىمۇ، ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنىمۇ كۆرۈپ بېقىش، ئەگەر ئازراق ئۆزگەرتسىلا ياكى تەڭشىسىلا يەنە بىرىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولسا شۇنى تاللاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇمشاق دېتالنى كېڭەيتكىلى بولىدىغان– بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئويلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. بازاردا سېتىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللار شۇنى ئىشلىگەن شىركەت تەرىپىدىن داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئەسلى كودى ئېچىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللار بىر مەزگىلدىن كېيىن يېڭىلىنىشى ۋە كېڭەيتىلىشى توختاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. لېكىن، ئەسلى كودى ئېچۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ تۈرى ۋە سانى كۆپ. بەزىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى، ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىدىغان پروگراممىچىلار قوشۇنى بار. شۇڭلاشقا، قايسىسى ياخشى، قايسىسى ئىستىقباللىق ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇش كېرەك.
ھازىر ئەسلى كودى ئېچۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز. پروگراممىچىلارغا غەيرى، باشقا تۈرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەلەپلەر قويۇلىۋاتىدۇ. يەنى، ئېچۋېتىلگەن كودلارنى ئىشلىتەلەيدىغان، بىر– بىرىگە ماسلاشتۇرالايدىغان، تەڭشەپ، كېڭەيتىپ ئۈستىگە قۇرالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. باشتىن– ئاخىر ئۆزى پروگرامما تۈزىدىغان پروگراممىچىغا ئەمەس، بەلكى بار بولغان نەرسىلەرنى بىر بىرىگە ئۇلاپ كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن كودتا يوق ئىقتىدارلارنى قوشالايدىغان ئادەملەرگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ باشتىن تۈزگەنگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە تەس، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە ئەقىل كېتىدۇ، تېخىمۇ ئەتراپلىق بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىش قابىليىتى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مۇخبىر: سىزنىڭچە ھازىرقى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسى مۇۋاپىقمۇ؟ ئەنگلىيىدە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى سېتۋېلىشقا قانداق قارايدۇ؟دىلشات ھېۋزۇللا: ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسىغا قاراپ باقمىدىم، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەنگلىيىدە بولسا كارخانا، ئىدارىلەردە ھەر قانداق كىچىك پروگراممىنىمۇ چوقۇم سېتىۋالىدۇ. چۈنكى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىنى ئاشكارلىنىپ قالسا تۆلەيدىغان بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شەخسلەردە بەزىدە ئۆزلىرى سېتىۋالغان بولسا يېقىن دوستلىرىغا كۆچۈرۈپ بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. لېكىن بەك كەڭ دائىرىدە ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ، بۇ قانۇنسىز دەپ قارىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بىرەر يېرىم كۈن سەرىپ قىلىپ مەلۇم مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان كىچىككىنە بىر پروگرامما تۈزگەن بولسىڭىزمۇ ئۇنى ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىدا ناھايىتى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېتقا پروگرامما تۈزۈشتە قانداق كەمچىلىكنى ھېس قىلىدىڭىز؟دىلشات ھېۋزۇللا: ئىنتېرنېت دېگەن بىر چوڭ ئۇقۇم، ئىنتېرنتقا پروگرامما تۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ ئۇقۇم. ئۇيغۇرلاردا بۇ ساھە كۆپ ئاجىز. چۈنكى، ASP دېگەن تىللار بىلەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئوقۇپ تور بەتكە چىقىرىپ قويۇش ئادەتتىكى بىر ئىش، ئىنتېرنېتقا كارخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ ھەم مۇرەككەپ پروگرامما تۈزگەندە چوقۇم قاتلاملار بويىچە تۈزۈلىدۇ. ئەڭ ئاستىدا تور قاتلىمى بولىدۇ. تور قاتلىمىنىڭ ئۈستىدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولىدۇ. سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئۈستىدە سانلىق مەلۇماتلارنى پروگرامما ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرىدىغان بۆلەك بولىدۇ. ئوبيېكتقا ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ ئوبيېكتلارنى سانلىق ئامبارغا ساقلايدىغان بىر قاتلام بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىقتىدار قاتلىمى ( business layer دەيمىز) بولىدۇ. بۇ قاتلامغا بىخەتەرلىك، Transaction دېگەندەك بۆلەكلەر قويۇلىدۇ ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە يەنەAsprct oriented, SOA(service oriented architecture) دېگەندەك نۇرغۇن ئاتالغۇ، نەزەرىيىلەر بار. يىغىپ ئېيتقاندا، پروگراممىلار قاتلام ھەم رامكىلار بويىچە قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇ بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا Web component دېگەن قاتلام بولىدۇ. بۇ قاتلامدا ئاندىن بەزى بۆلەكلەر html ھۆججىتى ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، بىر نەرسىلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەش، تور ئارقىلىق نەرسە سېتىۋېلىش دېگەندەك. بەزى بۆلەكلەر باشقا پروگراممىلار بىلەن، XML بىلەن، ياكى Web service, RMI ، قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىچكى تور، تاشقى تور بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇ پروگراممىلارنىڭ ھەممىسى قاتلام، بۆلەك ۋە ئۆلچەملىك رامكا ھالەتتە ئۆز ۋەزىپىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى، ھەر بىر بۆلەك ئاددىي بولىدۇ، بىراق بۇلارنى ئۆز– ئارا ئۇلاش، بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق چوڭ، مۇرەككەپ سىستېمىلارنى تۈزۈشكە بولىدۇ. بۇ جەھەتتە يەنە پروگراممىلارنى ئوراش تېخنىكىسى، ئۆز– ئارا ئۇلاش تېخنىكىسى قاتارلىق نۇرغۇن تېخنىكىلار بار. بۇلارغا تەلەپمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئارىسىدىكى مەلۇم بۆلەك پروگرامما ئىجرا بولماي قالسا ياكى خاتالىق كۆرۈلسە بىر كارخانىنى ۋەيران قىلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا بۇ جەھەتتە تەلەپ قاتتىق قويۇلىدۇ.
مېنىڭچە، ئۇيغۇرلادا مۇشۇنىڭدەك كارخانىغا يۈزلەنگەن چوڭ تىپتىكى پروگرامما تۈزۈش كەمچىل، بۇ جەھەتتە چوقۇم ھازىرقى ئىلغار بولغان ئىدىيە، ئۆلچەم ۋە تېخنىكىلارنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەش، ئىشلىتىش، ئۆز– ئارا ھەمكارلىشىپ پروگرامما تۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.
مۇخبىر: ھازىرقى كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بۇلارنى بىۋاستە ئىنگلىزچە ھالىتىدە ئاتىساق بولامدۇ؟دىلشات ھېۋزۇللا: مېنىڭچە، ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى ئۇقۇملارنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش مۇۋاپىق بولمىغان بولسا ئىنگلىزچە ئاتىساق بولىدۇ. لېكىن بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىداش سۆزلىرىنى ياسىغىلى بولسا ھەم قاراشتىلا ناھايىتى ئېنىق بولسا بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئاتىساق تېخى ياخشى. مەسىلەن، «تور» دېگەن ئىسىم ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. ئىنتېرنېتنى تور دېسەك بولمايدۇ. ئىنتېرنېت دېگەن ئىنتېرنېت، NET دېگەن تور بولىدۇ، بۇلارنىڭ پەرقى بار. «تور بەت» مۇ ناھايىتى ياخشى ئاتالغۇ بولۇپتۇ.
ئەڭ مۇھىمى ئاتالغۇلارنىڭ ئىخچاملىقى جەھەتتە كۆپرەك باش قاتۇرۇش كېرەك. مەلۇم بىر ئاتالغۇ ئىنگلىزچىدە ناھايىتى ئىخچام بولسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ياسىغاندا ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ياكى مۇجىمەل بولۇپ قالسا بىۋاستە ئىنگلىزچىنى ئىشلەتكەن ياخشى. مەسىلەن،, Extranet, Intranet, Internet Process,، Thread دېگەندەك سۆزلەرگە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ياسىغاندا ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدەك ئاتالغۇ ناھايىتى كۆپ، يەنە كېلىپ كۈندە دېگۈدەك يېڭى ئاتالغۇلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىخچام ھەم چۈشەندۈرۈلۈشىنى بىر قېتىم كۆرگەندىن كېيىنلا دەرھال ئەستە قالىدىغان ئىش بولسا بىۋاستە ئىنگلىزچىدىن ئالساق بولىدۇ. لېكىن، ھەممىلا سۆز–ئاتالغۇنى ئىنگلىزچىدىن ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ.
مۇخبىر: ئەنگلىيىدە كومپيۇتېر ساھەسىدە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشتا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ؟دىلشات ھېۋزۇللا: تەييارلىق تەلىپى باشقا كەسپلەرنىڭىگە ئوخشاش. TOEEL, IELTS قاتارلىق بەلگىلەنگەن ئىنگلىزتىلى ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىسا ھەم بەلگىلەنگەن تەلىپىنى ئورۇنلاپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇسا بولىدۇ. لېكىن، كومپيۇتېرغا نىسبەتەن ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇش تەسكە چۈشىدۇ. چۈنكى بۇ پۇل تاپىدىغان كەسىپ بولغاچقا، ئەدەتتە جىق ئورگانلار پۇل چىقىرىپ بەرمەيدۇ. پۇل تېپىشنىڭ قۇرالى بولغانلىقتىن ئوقۇيدىغان ئادەممۇ كۆپ. فىزىكا، ماتېماتىكا دېگەندەك پەنلەردە نۇرغۇن ئورگانلار ئىئانە قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تەتقىقات تېمىسىنى ئورۇندايدۇ. ئەمما، كومپيۇتېر كەسپى بولسا كارخانىلاشقان بولىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتلارنى كارخانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئونۋېرستېتلاردىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا كارخانا ئارقىلىق ئەكس ئېتىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى مەھسۇلات ۋە خېرىدار ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ.
مۇخبىر: ئەنگلىيىدىكى شىركەتلەردە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەرگە قانداق تەلەپ قويۇلىدۇ؟دىلشات ھېۋزۇللا: ئەنگلىيىدىكى شىركەتلەردە مەلۇم پروگراممىنى تۈزۈشتە، ئەگەر شۇنداق پروگرامما ھازىر بار بولغان بولسا (مەيلى ئۆزىدە ياكى باش شىركەتتە بولسۇن)، پروگرامما تۈزگۈچىلەرنىڭ قايتىدىن پروگرامما تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، بىۋاستە شۇ پروگراممىنى ئىشلىتىدۇ (باشقىلاردا بولسا سېتىۋالىدۇ). قايتىدىن پروگرامما تۈزۈشتە چوقۇم بۇرۇن ھېچكىم تۈزۈپ باقمىغان بولىشى كېرەك. ئەگەر يوق بولغان تەقدىردىمۇ، ئوخشاپ كېتىدىغىنى بولسا ھەم ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، پروگرامما تۈزگۈچىلەردىن پروگراممىلارنى تەڭشەش، بىرلەشتۈرۈش، كەڭ دائىرىدىن ئويلاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەھەتلەردە قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى.
ئۇنىڭدىن باشقا، پروگراممىچىلارنىڭ ئۆزى خالىغانچە پروگرامما تۈزۈشىگە ھەرگىزمۇ يول قويۇلمايدۇ. چوقۇم ھازىرقى رامكىغا چۈشۈرۈش، ئۆلچەملەشكەن(standardization) ھالەتتە تۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزى بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، يېڭىلىق ياراتتىم دەپ يېڭىچە بىر ئۇسلۇبتا پروگرامما تۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا باشقا پروگراممىچىلارنىڭ چۈشىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئەلۋەتتە، يېڭى نەرسىلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق يېڭىلىقلار پەيدا بولىدۇ. لېكىن، شىركەتلەردە بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ. چۈنكى، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە تۈزىسە ئۇسلۇب جىق بولۇپ كېتىپ ئومۇمىي گەۋدىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۆزى ئىجاد قىلىش ئەمەس، ئەڭ ئالدى بىلەن ھازىر بار بولغان نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ئۈستىگە قۇرۇشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدۇ. بەزىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇبلار بىكارلىق تارقىتىلغاندىن كېيىن، كۆپ ئادەم تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ، ياخشى باھا بېرىلسە يېڭى ئۇسلۇب پەيدا بولىدۇ ھەم ئۆلچەملىشىشكە تۈرۈتكە بولىدۇ. مەسىلەن، Spring دېگەن ھېچقانداق ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان بىر نەرسە ئوتتۇرىغا قويۇلىۋېدى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىشى بىلەن ھازىر بىر ئۆلچەمدەك بولۇپ قالدى. لېكىن، شىركەتلەردە ئۆزى خالىغانچە تۈزۈشكە بولمايدۇ، چوقۇم شۇ شىركەتتە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە تۈزۈش كېرەك.
مەنبە: <كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش> ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 4- سانىدىن مەڭگۈتاش تەييارلىدى.