ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ...
ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ - ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ، ﺷﯧﺮﯨﻨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻟﯧﻜﯩﻦ قايتا ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﭼﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻪﺭﮬﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﻩﮬﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﯩﻨﻜﻰ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎغا ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎشتىكى ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﻪﭖ -ﺋﯩﭽﯩﺶ ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ، ﻛﻪﻳﯩﭗ ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھەممىسى ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺰﯨﯖﻐﺎ ﺳﯚﺭﻩﻡ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪﯕﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻳﺪﯗ . ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﭗ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﻧﺎﺳﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻟﻤﻘﯩﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺳﻪﻳﻨﺎﺳﯩﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ .
ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺭﺍﮬﻪﺗﻤﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ . ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﯨﻠﺪﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘﻻﻕ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩﻙ ﺗﯩﭗ ﺗﯩﻨﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺳﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﮬﺎﻳﺎﺕ ئېقىنىنى ﺋﯚﺭﻛﻪﺷﻠﯩﻚ ﮬﻪﻡ ﻗﯩﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ . ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺧﯧﻴﯩﻢ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻖ قىلما. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﺎﺟﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ، ﻗﺎﻳﻨﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯩﺸﯩﭗ ، ﺑﺎﺭﺍ -ﺑﺎﺭﺍ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺯﺍﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﭼﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎ. ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ، ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﺴﻪﻥ . ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﻣﯩﺰﺍﻥ ﻗﯩﻞ ،ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻤﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﺎﻻﻳﺴﻪﻥ ،ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯓ ﭼﯜﺷﻪﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺴﻪﻥ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﻮ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﺋﯧﺰﯨﺘﻘﯘ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺑﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭ .
ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﺍﻟﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﯔ زۆﺭﯛﺭ .
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ . ﺳﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﯧﻘﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺮﺍﻣﯩﺪﺍ ﻳﺎﺳﯩﻐﯩﻦ . ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ . ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ .ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﯩﺖ -ﺳﺎﺋﺎﺩﯨﺘﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﯩﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻘﺘﯘﺭ . ﺳﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﯓ .
ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ . ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﭖ -ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺰگىمۇ ﻣﻮﻝ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻧﯩﻤﻪﺕ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻮﻝ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﺍﺳﺘﻼﺭﭖ ﻗﻮﻳﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﺏ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ........................
ﻣﻪﻧﺒﻪ :<ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ، ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ > ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ مەڭگۈتاش تەييارلىدى.
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-01-09 23:13 دە قا ]