ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قىتىم قۇرۇلغان ئاۋازلىق ، خەتلىك چايغانا كاككۇك چايغانا، بىراق ئۇ چاغدا تور تەرەققىياتى كۇچلۇك بولمىغاچقا نۇرغۇن ئادەملەر مۇستەستا ، شۇڭا ئۇ چاغلاردا چايغاندا ئارانلا 10-20 ئادەم بار ئىدى . 5-6 يىللىق تەرەققىياتتا ئادەم سانى 100ئاشتى ، ئۇ چايغانىغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا باشقا مىللەت ۋە باشقا دولەتتىنمۇ كىرىپ ئىنگىسلىچە سوھبەتتە بولدىغانلارمۇ بولغان . بىراق چايغانىنى پەقەت چايغانا قۇرغۇچىسى ئۆزى يالغۇز باشقۇردىغان بولغاچقا 24 سائەت چايغانا باشقۇرۇشقا مۇمكىن بولمايدۇ دە . ئۇ چاغلاردا ھازىرقى چايغانلاردەك باشقۇرغۇچىلار بولمىغاچقا ، چايغانىدا ئادەم سانى كوپەيگەنسىرى تىل ھاقارەت ، سىسىق گەپلەر ، مىك تالىشىپ كىم مىكىنى ئىلىۋالسا چايغانىدىكى بارلىق كوپچىلىكنى تۇغۇلۇپ ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەر بىلەن تىللاپ چايغانىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەپچى بولدى . چايغانىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەپچى بولغانلار تور دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالغان كوزى قارغۇ ئاز ساندىكى ئۇرۇمچىنىڭ «ئوخۇ بالاڭزا »لىرى بىلەن غۇلجىنىڭ «ۋەيىـــــــت » دىن ئىبارەت ئوقۇمىشسىز جەمىئەتنىڭ داشقاللىرى بولدى ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بەزى كىچىسى تورخانىدا ئوتكۇزۇپ مىكىنى ئىلىۋالغاندىن كيىن كوپچىلىككە « بالاڭزا مەن ئارداچاۋدا ، مەن نەنمىندا ، مەن شەنسىخاڭزىدا كىلىپ ئەكەتمسەن . سەن دىگەن نىمىگە تويغۇزۇپ قوياي » دەپ جار سالىدىغان شاللاق قىزلار بولدى ...ئۇلارنىڭ ئاشۇ لەنىتى گەپلىرىنى چايغانىغا كىرگەن چوڭدىن كىچىك ھەممىسى ئاڭلايتتى. كيىنچە تاقىلىشقا سەۋەپچى بولدى .
چايغانا تاقىلىپ ئۇزۇن ئوتمەي زىمىنىستان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق چايغانا پەيدا بولدى . بىردىن بىر ئاۋازلىق چايغانا بولغاچقا ئادەمنىڭ كوپلىكىدىن زىمىنستان 1 ، زىمىسىنتان 2 دەپ ئىككى چايغانىغا بولۇندى ...بەكمۇ ئەپسۇس بەكمۇ ئەپسۇس . باشقۇرغۇچىلارنىڭ كوپىچىنسسى ئوخشاشلا جەمىئەتتە ئىقىپ يۇرگەن يەنە شۇ ئۇرۇمچلىك بىلەن غۇلجىنىڭ ئوخۇ بالاڭزا بىلەن ۋەيىت بالىلىرى بولغانچە ئىككى يىلغا داۋاملاشمىغان ۋاقىتتا تاقىلىشقا سەۋەپچى بولدى . تىرادىگىيىسى ئوخشاشلا كاككۇك چايغانسىنىڭ تاقىلىشى بىلەن ئوخشاش ، مىك كىمنىڭ قولىغا ئوتسە شۇ چايغانىنى مەينەت تىل ھاقارەت ، سىسىق گەپلەر بىلەن توشقۇزۋەتتى...بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ..بەكمۇ .بەكمۇ ....كيىنچە دىيارىم ، شەمنەم ، سەلكىنگە ئوخشاش چايغانىلار پەيدا بولدى ...بۇ بىر نەچچە يىل ئۇيغۇر تور بەت تەرەققىياتى بىر قەدەر ئىلگىرى سۇرگەچكە چايغانىدا باشقۇرغۇچى ئۇزۇلمىدى ، ھەممىسى ئۇزۇن ۋاقىت سىناقتىن ئوتكەندىن كيىن سايلىنىپ چىقتى . .باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇرۇنقى چايغانىلاردىن ساپاسى ياخشى ..شۇڭا بۇگۇنكىچە داۋاملىشىپ كەلدى ... توختاپ قالماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمەن .
ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا تۇنجى قىتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە كونا يىزىق چايغانىسى كورلىلىق تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشىپ تىرمىشى بىلەن 90- يىللارنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان بولۇپ ،يەنە شۇ چاغدىكى نادان 126 تور بىكىتى. كىيىن چايغانىنى كيڭەيتىش ۋە يىللىق تولەم ھەققي سەۋەبىدىن مەلۇم قيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىپ ، 4 يىلغا يىقىن داۋام ئەتكەن گۇللەنگەن چايغانا تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇ چاغدا تور بەت دۇنياسىدىكى چايغانا خۇمارلاردىن چايغانىنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزارتىش ئۇچۇن ئىللىق قولىنى سۇنۇشنى تەلەپ قىلغاندا ، داۋاملىق ئىغىزىدىن « قىرىندىشىمنى سويىمەن . مىللىتىمنى سويىمەن » دەيدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر قولىنى سونۇلمىدى . ئاخىرى چايغانا تاقالدى . . كيىن نادان 126 تور بىكىتى سۇمرۇق تور بىكىتىگە ئۆزگەردى ..يەنى ھازىرقى سۇمرۇق...يازغۇچى شائىرلار يىغىلغان تور بىكەت ...
يۇقىردىكى ئىككى ئاۋازلىق ۋە كونا يىزىق چايغانا ئۇيغۇر چايغانىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشقا تۇرىتكىلىك رول ئوينىغان ئەجدات چايخانىلار .....ئۇنتۇپ قالمايلى .....تور دۇنياسىغا ئۇلارنىڭ تارىخىنى يىزىپ قويساق بولىدۇ ...
ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر چايغانىلىرنىڭ تەرەققىياتى بولمىغاچقا چايغانا خۇمارلار خەتلىك شىلۇ چايغانىسىغا ( خەنزۇلار قۇرغان بولسىمۇ ، كوپچىنچىسى ئۇيغۇلار ئىدى ) كىرەتتى .
خۇلاسە ! ئۇندىن باشقا قۇرۇلغىنىغا يىرىم يىل ئەتراپىدا بولغان ھازىرقى چاك چاك تور بىتىدىكى چاك چاك چايغانىىسى دەپ ئۇيغۇرچە كونا يىزىق(ئۆز يىزىقىمىز ) چايغانا بار ، بىراق ئەڭ يۇقىرى ئادەم سانى 10، بىراق چاك چاك تور بىتىنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئۇيغۇر تور بىكەت زىيارەتچىلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى قىسىمنى ئالىدۇ دىسە خاتا بولمىغان بولىدۇ . زىيارەت قىلغۇچى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگەللىگەن بىر تور بەتتە ئاز بولمىغان چايغانىنى كىڭەيتىش تەشۋىقلىرى بولسىمۇ بىر ئۇيغۇر قىزى ياكى ئوغلانى ئۇيغۇر ئۆز يىزىق ( كونا يىزىق ) چايغانىسىنىڭ كىڭىيىشىگە قولىنى سۇنغان ئەمەس . چايغانىغا كىرىش ئۇچۇن ئوچىرەتتە تۇرىدۇ ، چۇنكى پەقەت 10 ئادەم ، ئۇنىڭ ئۇسىتگە ئۇ چايغاندىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ توۋەنلىكى . باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى تونۇشلىرىغا ياكى چىرايلىق ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ چايغانىدا غىلجىڭشىغان قىزلارغا مەخپى نومۇرىنى دەپ بىرىپ چىقىپ كىتىدۇ . كىم كوزگە سىغمىسا ياكى كىم كوللۇكتىپ قوغلاش ، ناخشا ئيتىش ئويۇنغا قاتناشماي شەخسي پاراڭ قىلغانلارنى تىپىپ چىقىرۋىتىدۇ ...باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىگىنى ھىساپ ، كىم ئۇلار بىلەن كارى يوق شەخسى پاراڭ بىلەن ئولتۇرغىنى كورۇپ قالسا، كوزگە ئىلمىدىڭ ، ئويۇنغا قاتناشمىدىڭ ، چايغانىغا كىرەلمەي تۇرغانلار كوپ ، چىقىپ باشقا چايغانىغا كىرىپ سوھبىتىڭنى قىل دەپ تىپىپ چىقىرۋىتىدۇ . مانا مۇشۇنداق ساۋاتسىز باشقۇرغۇچى (ئاساسەن قەشقەر ، ئاقسۇلۇق ) بار چايغانا يەنە قانچلىك داۋاملىشار ....ئۇ ھازىرقى بىردىن بىر كونا يىزىق چايغانا ئىدىغۇ ... ھەتتا پاكىستان ۋە باشقا دولەتلەردىن ئۇ چايغانىغا كىرىپ زىيارەت قىلىپ كوپچىلىك بىلەن ، ئۇيغۇلار بىلەن سوھبەتتە بولغانلار بار ئىدى .، بەكمۇ ئەپسۇس .....بىزدىكى چايغانىلار قاچانغۇچە ئاشۇنداق ئاز ساندىكى جەمىئەتنىڭ ساۋاتىسز ، شاللاقلارنىڭ قولىغا ئوتۇپ كىتىپ قۇربانىغا ئايلىنار ...قۇتقۇزۋىلىشقا بولمامدۇ ؟ ...........
[ 此贴被xinjiang10在2008-09-10 06:52重新编辑 ]