16
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان سىيىت قارىنىڭ تەرتىپ، تەقۋالىق، پاكىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن بەش يىلى ئۆزىنى ھەر ھالدا خۇرسەن قىلاتتى: دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ كەلدى، نامازغا تولۇق چىقتى. قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يادلاپ بولدى، ئەرەبچىدە دىنىي كىتابلاردىن پايدىلىنالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتتى، خەنزۇچىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك، مەقسىتىنى يامان ئەمەس ئۇقتۇرالىغۇدەك بولدى، ئىنگىلىزچىنى ئازراق ئۆگىنىۋالدى. قىرائەتنى يامان ئەمەس قىلىدۇ. ئەزان توۋلاش، خۇتبە ئوقۇشنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ. ئىماملىقتا ئانچە تەمتىرىمەيدۇ. سىياسەت، خەلقئارا ۋەزىيەتتىن قەدىرئەھۋال خەۋەر تاپتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىمۇ خېلى ئوبدان يېزىپ تاپشۇرۇپ بەردى.
ئەمما كۆڭلىدە بىر ئەپسۇس، نادامەت قالدى. ساۋاقداشلىرىدىن بىر نەچچىسى ئەڭ ئاخىرىدا كۆڭۈللىرىدىكىنى ئاشكارىلىدى، گەپلىرىدىن قارىغاندا ئۇلار مۇھەببەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەنىدى. مەكتەپ بۇلارنى ھەرگىز ھېسابلىمايتتى، ئەمما بۇ نەتىجە ئۇلارنىڭ بەش يىللىق ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى. ساۋاقداشلىرى خۇشال ئىدى، جەمئىيەت ئۇلارنى تەقەززا قىلاتتى، مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمىگەن بىر نەچچىسى پراكتىكا ۋاقتىدا يۇرتتىن تويلىشىدىغان قىزلارنى بېكىتىپ قويۇپ كېلىشكەنىدى. سىيىت قارى بىر چەتتە غەمكىن خىيال سۈرەتتى، كەلگۈسىدىكى خىزمەت تەقسىماتى نەدىن نەگىچە بولىدۇ، قانداقراق قىزنى خوتۇن قىلىدۇ، قايسى مەسچىتكە، قانداقراق جامائەتكە ئىمام بولىدۇ، ھۆكۈمەت بىلەن دىنىي خىزمەتنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ، تۇرمۇشىنى قانداق قامدايدۇ، بەش يىل ئوقۇتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاشۇ جاپالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ... بۇ ئىشلار سىيىت قارىغىلا ئەمەس، ھەممەيلەنگە ئورتاق غەم ئىدى، لېكىن ھەر يۇرتنىڭ، ھەر ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايتتى، شۇنىڭغا بېقىپ غەممۇ چوڭراق ياكى كىچىكراق بولاتتى.
مېڭىشقا ئاز قالغان كۈنلەردىن بىر كۈنى كەچتە زۆھرە سىيىت قارىنى ياتاق ئۆيىگە تاماققا چاقىردى. زۆھرە ئەسلىدە تېلېفوندىلا خوش دەپ قويۇشنى ئويلىغانىدى، ئەمما ئادىلە ئۇنى چوقۇم مۇشۇ ئۆيگە چاقىرىش تەكلىپىنى بەردى. سىيىت قارى كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، ناۋات پۈركۈپ قاتۇرۇۋەتكەن دوپپىسىنى بېشىغا ئەپچىل قوندۇرۇپ، ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ مەئىشەت قايناپ تۇرغان كوچىلىرىغا، خوتۇن-قىزلىرىغا تەپسىلىي قارىغاچ، بۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە نېمە بەخش ئەتكەنلىكىنى ئويلىغاچ، زۆھرەنى بىر باشتىن كۆڭۈلسىز ئەسلىگەچ ماڭدى. زۆھرە ئادىلە بىلەن بىللە تۇرۇشقا باشلىغاندا سىيىت قارى خېتىنى قوينىغا سېلىپ، مېۋە-چېۋە ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ بارغانىدى، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ خەتنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ بەرگىنىدە ھەر قانچە ئۆزىنى بېسىۋالسىمۇ تىترەپ: «بىر نەرسە يازغانىدىم، كۆرۈپ باقسىڭىز، مەن كېتىپ بولغاندا كۆرۈڭ» دەپ قىزىرىپ كەتكەنىدى ۋە بۇ ھالدىن ئېسەنكىرەپ تۇرۇپ قالغان قىزنىڭ قولىغا خەتنى تۇتقۇزۇپ قويغانىدى. سىيىت قارى ئاشۇ جىددىي پەيتنى باشتىن كەچۈرگەن ئۆيدە زۆھرە بىلەن ئەمدى سوغۇق كۆرۈشىدۇ، تامىقىنى يەپ بولۇپ كۆڭۈلسىز خوشلىشىدۇ. ئۇ يەرگە ئەسلىدە ئىككىنچى بارمايدىغان ئىش ئىدى، ئەمما زۆھرەنى بۇ شەھەردە ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋالغۇسى كەلدى، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ نېمىشقا ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈش بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقى ئۆزىگىمۇ قاراڭغۇ ئىدى.
زۆھرە بىلەن ئادىلە ئۇنى ئىشىك تۈۋىدە قارشى ئالدى. ئادىلە ئۇنىڭغا قىزىقسىنىپ قاراپ كەتتى، بۇنىڭدىن سىيىت قارىنىڭ خىيالى بىردىنلا ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. ئۆينىڭ ئىچى كۈچلۈك ئەتىر پۇرايتتى، بۇ پۇراق بۇ ئۆيگە كىرگەنلا ئەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك دەرىجىدە قويۇق، ئۆتكۈر ئىدى. تامدىكى يېرىم يالىڭاچ رەسىملەر، تېلېۋىزور يېنىغا تىزىپ قويۇلغان دەستە-دەستە دەيلەر، ياغلىقىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلاپ، چېچىنى قويۇۋەتكەن زۆھرە ۋە سېرىق چاچلىرىنى بۈدرە قىلىۋالغان ئادىلە... بىر-بىرىگە ئاجايىپ ماسلىشىپ كەتكەنىدى.
— قورۇنماي ئولتۇرۇڭ،-دېدى ئادىلە سىيىت قارىنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ كۈلۈپ.
سىيىت قارى ئىككى يانغا قىمىرلاپ قويدى.
— چاي ئىچىڭ،- دېدى زۆھرە چاي قويۇۋېتىپ، سىيىت قارى ئۇنىڭ كۆكسىگە قاراپ سېلىپ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى. قېنىق گىرىم قىلىۋالغان زۆھرە بۇرۇنقىدىن بەك سەتلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈندى.
—تونۇشتۇرۇپ قوياي، بۇ ياق دوستۇم ئادىلە بولىدۇ،-دېدى زۆھرە ئادىلەنى كۆرسىتىپ.
— بۇ بالىنى ماڭا تونۇشتۇرمىدىڭغۇ؟-دېدى ئادىلە سىيىت قارىغا يەنە سىنچىلاپ قاراپ..
— ئادەمنى كولدۇرلاتمىغىنە، بىلىسەنغۇ، مەن گېپىنى قىلىپ بەردىمغۇ؟
— سەن بۇ بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ بولغىچە مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان..
— خېتىڭىزنى كۆرۈۋاپتىكەن بۇ... –دەپ كۈلۈپ قويدى زۆھرە.
سىيىت قارىغا بۇ كۈلكە تولىمۇ مەنىسىز، تولىمۇ بىچارە تۇيۇلۇپ كەتتى.
— خەت يېزىشقا يامان ئۇستا بالىكەنسىز، ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كەتتىم. قارىم باللا گەپ قىلىشقا شۇنداق ئۇستا بولامدۇ يا؟!
— ياقەي، مۇنداقلا يېزىپ قويغان...
— ئۇنداق دېمەڭ، زۆھرەنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ. مۇھەببىتىمنى رەت قىلدى دەپ ئۆزىڭىزنىڭ چىن كۆڭلىڭىزنى بۇنداق ئىنكار قىلماڭ..
— ياق، مەنمۇ راست گەپ قىلىۋاتىمەن، ئۇ خەتنى ئالدىراپلا يېزىپ قويغان...
— ياق، سىز ئۇنداق بالىدەك قىلمايسىز، سىزدەك بالىدىن يالغان گەپ چىقمايدۇ.
— قانداق چۈشەنسەڭلار مەيلى، ئۇ دېگەن شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىيات...
زۆھرە ئىپادىسىز ھالدا قاراپ تۇراتتى، ئادىلە توختىماي شۇ خەتنىڭلا گېپىنى قىلاتتى:
— سىز ئۇ خەتتە يالغۇز ئاياللارغا شەيتان ھەمراھ بولىدۇ دەپتىكەنسىز، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
— يالغۇز ئاياللارغىلا ئەمەس، يالغۇز ئەرلەرگىمۇ شەيتان ھەمراھ
— نېمىشقا شۇنداق دەيسىز؟
— چۈنكى يالغۇز ئادەم دائىم خىيالىغا كەلگەن ئىشنى قىلىپ باقىدۇ، ئىشلىرىغا دائىم ۋەسۋەسە ئارىلىشىۋالىدۇ. شۇڭا بويتاق ئۆتكەندىن توي قىلىپ ياشىغان ياخشى. يالغۇز يۈرگەندىن مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن ياخشى. ئادەم جامائەت ئىچىدە ئۆزىنى تۈزەيدۇ، جامائەت پىكرىدىن قورقىدۇ. نامازنىمۇ جامائەت بىلەن ئوقۇسا ياخشىراق ئوقۇغىلى بولىدۇ...
— مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن ياخشى دېدىڭىز، قارىم بالىلار قاتتىق مۇھەببەتلىشدىكەن-دە!
— قارىم بالىلارمۇ ياش يىگىتلەر، ئۇلارنى ئۇنداق ھېسسىياتتتىن توسۇپ قالغىلى بولامدۇ، يارىتىلىش قانۇنىيىتى شۇنداق، ئەمما ئۇنى توغرا ئىزغا سېلىش كېرەك. مۇھەببەتلەشتۇق دەپ ناشايان ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، نەپسىمىزنى چەكلىمىسەك بولمايدۇ.
— ناشايان ئىش دېگىنىڭىز قانداق مەسىلەن؟!- ئادىلە تەپتارتماي پۇتىنى كېرىپ ئولتۇرۇپ سىيىت قارىغا كىرىشىپلىۋالغانىدى. زۆھرە بىر ياقتىن بۇ گەپنىڭ ئاخىرى نەدىن چىقاركىن دەپ قاراپ ئولتۇراتتى، گاھىدا سىيىت قارىغا ئۇنى باشقىدىن چۈشىنىۋاتقاندەك ئەلپازدا ھاڭۋېقىپ قارايتتى.
— ناشايان ئىش دېگەننى بىلمەمسىز؟
— بىلمەيمەن.
سىيىت قارى گەرچە ئۇلارنىڭ جېنىغا تەگسىمۇ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى، بۇ يەرگە مېھمان بولغىلى ئەمەس، سوراققا تارتىلغىلى كەلگەندەك ھېس قىلىپ ئىچى سىقىلىپ كەتتى. ئەمما قوپۇپلا چىقىپ كېتەلمىدى، مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ ئىككىسىگە ئازراق ساۋاق بېرىپ قويۇش خىيالىغا كەلدى. ئادىلەنىڭ گەپ كوچىلىغىنىغا قارىغاندا ئۇنىڭدا ئىدىيە توقۇنۇشى خېلىلا ئېغىر ئىدى. زۆھرە ئۇنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ نادان كۆرۈنەتتى. سىيىت قارى ئەمدى بۇ قىزدا ھېچقانداق لاتاپەت، گۈزەللىك قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىچى ئېچىشتى.
— ناشايان ئىش دېگەن...- دەپ بىر دەم تۇرۇۋالدى سىيىت قارى، ئاندىن كەسكىنلىك بىلەن سۆزلەپ چۈشتى،- ئوبدان ئاڭلىۋېلىڭلا، سەت گەپ قىلىش، يات جىنىسلار ياكى ئوخشاش جىنسلار ئۆئارا قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، زىنا قىلىش، ئەۋرىتىنىڭ-ئالدى كەينىگە جىما قىلىش.. جىنسىي ھەۋىسىنى خىلمۇ خىل غەيرى ئۇسۇللار بىلەن قاندۇرۇش... مۇشۇنىڭ ھەممىسى ناشايان ئىشقا كىرىدۇ.
— سىلەر مۇھەببەتلەشساڭلار ناشايان ئىش قىلمامسىلەر؟
— قىلمايمىز، پەقەت نورمال پاراڭلىشىمىز، غەيرى نىيەتتە بولماسلىققا تىرىشىمىز. قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمايمىز.
— قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمايسىلەر؟ بۇ قانداق مۇھەببەت بولىدۇ؟
— بولىدۇ، مۇھەببەت دېگەن ئاۋۋال قەلبتە بولىدۇ. قالغان ئىشنى نىكاھ ئوقۇغاندىن كېيىن قىلسىمۇ كېچىكمەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا قانداق قىلسا يارىشىدۇ. لېكىن ھەددىدىن ئاشماسلىق كېرەك، ئايالىنىڭ كەينىدىن جىما قىلىشقا، ھەيز ۋاقتىدا زورلاپ جىما قىلىشقا بولمايدۇ. تويدىن كېيىن ئەر-ئايال ساغلام، پاكىز ياشىشى كېرەك، سىرتتىن ئاشنا تۇتۇشقا، ھارام يول بىلەن نەپسىنى قاندۇرۇشقا بولمايدۇ.
— سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار بەك غايىۋى بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ نەدە ئۇنداق ئىش بار ئىكەن؟ سىلەر ھەۋىسى يوق ئادەممۇ؟ پەرىشتىمۇ؟ سىلەر ھەرگىز پەرىشتە ئەمەس، بەلكى بىنورمال بالىلار...- ئادىلە چېچلىپ سۆزلەپ زۆھرەنى ئەنسىرىتىۋەتتى. ئادىلە قورسىقىدىكى گەپنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن سىيىت قارىنى چاقىرتىپ كەلگەندەك قىلاتتى.
— سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بىز ئەلۋەتتە بىنورمال بالىلار، بىز مۇھەببەتلىشىشنى ئۇقمايمىز، شۇڭا رەت قىلىندۇق. لېكىن ياراتقۇچى ئىگەمدىن سەۋر-تاقەت تىلەيمىز، خۇدايىم كۆڭۈللەرگە ئىنساپ بەرسۇن...
— ئۆزىڭىزنى ئۇنچىلىك پاك چاغلاپ كەتمەڭ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ياسىمىلىق قىلماڭ. بايا زۆھرە چاي قۇيغاندا سىزگە دىققەت قىلدىم، زۆھرەنىڭ كۆكسىگە قاراپ بۇغدىيەكلىرىڭىز غىلدىرلاپ قالدى. ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويماي ئەركىن ئولتۇرۇڭ. ھەۋىسىڭىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بالىكەنسىز، شۇڭا ئىتتىك ھاياجانلىندىكەنسىز. بايىقى گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ، بۇ يەرگە سىزنى خۇشال ئولتۇرۇپ بەرسۇن، ئوخشىتىپ ئەتكەن تامىقىمىزنى يەپ بەرسۇن دەپ چاقىرتتۇق، شۇڭا چىرايلىق ئولتۇرۇپ بېرىڭ. ئەگەر باشقا ئىشتىھايىڭىز بولسا ئۇنىمۇ دەڭ، بىز سىزنى تۈزۈك قاندۇرۇپ، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرۇپ ئۇزىتىپ قويىمىز...
زۆھرە تاتىرىپ كەتتى، ئادىلەگە ئالايدى، ئادىلە چاندۇرماي گېپىنى چۈشۈردى:
— قاراڭ، قاراڭ، ئولتۇرالماي قالغىنىڭىزنى، ھەۋەس مېڭىۋاتامدۇ، مانا يىگىت دېگەن، مانا ئەركەك دېگەن... جاھاندا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق. بايىقى گەپلىرىمنى سىزنى سىناش ئۈچۈنلا دەپ قويدۇم، خېتىڭىزدە دەپتىكەنسىزغۇ، بۇ دۇنيا چوڭ بىر ئىمتىھان مەيدانى دەپ، قارىغاندا سىزمۇ چوڭ گەپ قىلغان بىلەن بۇ ئىمتىھاندىن تەستە ئۆتكۈدەكسىز. يەنە تېخى خېتىڭىزدە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ... دەپ يېزىپسىز، نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسىز؟ سىز قەغەز تەكشۈرگۈچىمۇ؟ قانداق سالاھىيەتتە بۇ گەپنى دەيسىز؟ ئەركەك دېگەن لەۋزىدە تۇرۇشى، قىلغان گېپىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. گەپنى چاغلاپ قىلىڭ، مەدرىستىن چىقماي، جاھان دېگەن مۇشۇ دەپ يۈرۈۋەرسىڭىز بۇ جاھانغا ماسلىشالمايلا تۈگىشىپ كېتىسىز. سىز زۆھرەنىڭ مۇھەببىتىگە نېمىشقا ئېرىشەلمىدىڭىز، بىلەمسىز؟ زۆھرە بىر ئوغۇلغا ھاجىتى چۈشكەندە سىز نەدىتىڭىز؟ ئاشخانىدا تاماق يېگەنلا ھېسابمۇ، باغچىغا نېمىشقا ئاپارمايسىز؟ زۆھرە ئىش تاپالماي پالاقلاپ يۈرگەندە سىز نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەنتىڭىز؟ زۆھرە غەمدىن قۇتۇلالماي يىغلاپ تۈگىشەي دېگەندە نەگە يوقالغانتىڭىز؟ زۆھرەگە مېۋە-چېۋىدىن باشقا نېمە ئېلىپ بېرىپ باقتىڭىز؟ بۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئالالىدىڭىز؟ بىر تالاي ئاقماس پەلسەپە، قۇرۇق گەپلەر بىلەن بۇ قىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىمەن دەپ ئويلىغانمىدىڭىز؟ قۇرۇق گەپكە ھازىر نېمە كېلىدۇ؟ قۇرۇق گەپكە قورساق تويامدۇ؟ خەت يېزىش قايسى زاماننىڭ ئىشى؟ يىگىت بولغاندىكىن نەق مەيدانغا چاقىرىپ ئىككى ئېغىز تۈزۈك گەپ قىلىپ، يالغاندىن جىم تۇرۇۋالسا قۇلاقتىن تۇتۇپ سۆيۈپ ئىندەككە كەلتۈرۈشنى ئۇقمامسىز؟ زۆھرەدە كۆڭۈل يوق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇ قىز ئەمەلىيەتتە ئاجايىپ ھېسسىياتچان ئىكەن، قەدىرلىگەننى بىلىدىكەن. جاھاندا ئۆزىنىڭ قەدرىنى تونۇپ ياشاشتىن ئېسىل ئىش بارمۇ؟ سىزدەك بالىغا ماقۇل دېگەن بولسا ئۆيىدىن چىقالمايدىغان بىر خوتۇن بولۇپ، سىىقىلىپ تۈگىشىپ كېتەتتىكەن...
— گېپىڭىز تۈگىدىمۇ؟!-دېدى سىيىت قارى ئورنىدىن قوپۇپ،- مېنى بۇ يەرگە مۇشۇ گەپلەرنى دەۋېلىش ئۈچۈن چاقىرتقانمىدىڭلار؟ مېھمانغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىلەر؟ ئاناڭلاردىن قالغان ئۆرپ-ئادەتنى ئۇنتۇپ كەتكەن تۇرۇقلۇق، تېخى ماڭا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟. تەربىيىنى ئۆزەڭلارغا قىلىۋېلىڭلار، مەن پەقەت خۇدادىن كۆڭلۈڭلارغا ئىنساپ تىلەيمەن... – سىيىت قارى ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا زۆھرە ئىڭرىغاندەك بوش توۋلىدى:
— تاماق پىشىپ قالغان، يەپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ...
— بولدى رەھمەت، ئىزاغا لىق تويدۇم...
سىيىت قارى تالاغا چىقىپ يەڭگىل نەپەس ئالدى، شەھەر ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار كۆز قىسمايتتى. تۇنىياز مەزىننىڭ ئۆيىدە چاقنىغان يۇلتۇز كۆكتىلا لەيلەپ قالغانىدى.
سىيىت قارى سىنىپىدىكىلەرنى ئۇزىتىش ئولتۇرۇشىدا مۇھەببىتى ياكى نىشانى بارلارغا سەپسېلىپ ئولتۇردى، ئۇلار تولىمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى، جەمئىيەتكە چىقساق ئەركىن بولىمىز دەپ خۇشال بولۇپ كېتىۋاتامدۇ، بىلگىلى بولمايتتى. سورۇندا مەكتەپ رەھبەرلىرى قىسقىچە ئايرىلىش سۆزى قىلدى. سىرتتىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان سازەندە، ناخشىچىلار تالىپلارنى مۇڭغا كەلتۈرۈۋەتتى. نوتۇققا ماھىر بىر زىيالىي كىشى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، پاساھەتلىك ئىبارىلىرى بىلەن تالىپلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، يۈكسەك تەلەپ-ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆزلەۋېتىپ، كۈندە خەۋەر ئاڭلايدىغان قۇلاق موللىسى بالىلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بەردى: ئامېرىكا-ئىراق ئۇرۇشىدا ئىراق نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟ چۈنكى ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىراق ئەسكەلىرى تۇرغان يەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا شەكىللىك تۇمان پەيدا قىلىپ، ئاسماندا « ئى ئەرەبلەر، سىلەر گۇناھقا چۆكۈپ كەتتىڭلار، تۆۋە قىلىڭلار!» دېگەن يوغان ئەرەبچە ھەرپنى ئېنىق ھاسىل قىلغان. بۇنى روشەن كۆرگەن ئەرەبلەر شۇ ھامان قوراللىرىنى تاشلاپ، يەرگە يۈكۈنۈپ سەجدە قىلغان، ئاللاھقا تۆۋە قىلغان. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر بىرلا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارغا يەڭگەن، باغداتنى ئىشغال قىلغان... ناتىق زىيالىي گېپىنىڭ ئاخىرىنى شۇنداق تۈگەتتى: دىندا راست-يالغان ئىشنى پەرقلەندۈرۈڭلار، جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن ئەتراپلىق خەۋەردار بولۇڭلار، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، ئۆزىمىزنى تونۇمىساق، ھېچنېمىنى تونىمايمىز. قايتىپ بارغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە كەڭ ئارىلىشىڭلار، ۋەتەننىڭ ئىسلاھات چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈپ ياراملىق دىنىي خادىملاردىن بولۇڭلار...
سىيىت قارى دىپلومىنى ئېلىپ يۇرتىغا، مەھەللىسىگە قايتپ كەلدى. بەش يىلدا ئۇ ئاقىرىپ، پاكىز بولۇپ، چىرايىدىن ئىلىم نۇرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، مەھەللىسىدىكى قىزلارنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرگىدەك يىگىت بولۇپ قالغانىدى. زۆھرەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى كەپتۇ دەپ يوقلاپ كەلدى، قىزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
— ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ،-دېدى سىيىت قارى،- بىر يەردە ئىشلەۋاتقاندەك قىلىدۇ.
— نەدە ئىشلەيدىكەن، قانچە پۇل مائاش ئالىدىكەن ؟
— ئۇنى ئۇقمىدىم...
— يېنىپ كېلىدىغاننىڭ گېپىنى قىلامدۇ؟
— ئۇنىمۇ بىلمىدىم...
— ھەي بۇ بالىنى، ئۆيگە ئايلاپ تېلېفون قىلماس بولۇپ كەتتى.
— ئەنسىرىمەڭلا، ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار..
— ئۆزىمۇ مېڭىش ئالدىدا شۇنداق دېگەنىدى... لېكىن ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن... خۇدايىم ئۆزى ساقلا...
قىزىدىن ئىشەنچلىك خەۋەر ئالالمىغان ئاتا-ئانا مۈكچەيگەن قەددىنى سۆرەپ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.
بىر ئايدىن كېيىن ناھىيىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىن بىر كادىر چىقىپ سىيىت قارىغا خەۋەر يەتكۈزدى:
— ئەتىدىن باشلاپ بىر ھەپتىلىك كۇرسقا قاتنىشىسىز.
— نېمە كۇرسكەن ئۇ؟ مەن يا دىنىي زات بولمىسام.
— دىندا ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى دىنىي زات، چوقۇم قاتنىشىشىڭىز كېرەك.
— خىزمەتتىن خەۋەر يوق، كۇرس باشلىنىپ كەتتىمۇ ئەمدى...
— يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشكەن ھامان سىزنى ئىماملىققا تەيىنلەيمىز.
سىيىت قارى ئەبجەق موتۇنى گۈكىرىتىپ يىراقلاپ كېتىۋاتقان كادىرغا قاراپ قالدى.
داۋامى بار
[ بۇ يازما kuduratulla تەرپىدىن 2008-02-12 13:36 دە ]