ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە قۇربانلىق
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇقەددىسە دېگەن يەردە تۇراتتى. كېيىن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ بىللە تۇردى. ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ناھايىتى ئامراق ۋە مېھرىبان بولۇپ، بىردەم-يېرىمدەم ئايرىلىشقىمۇ تاقەت قىلالمايتتى. بۇ ئىككەتلەننىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر مۇھەببىتىنىڭ زىيادىلىكى جىمى ئالەمگە مەشھۇر بولدى.
پەرىشتىلەر:
- خۇدايا، ئىبراھىم مەن ساڭا دوست، دەيدۇ. ئەمما سەندىنمۇ ئوغلىغا مېھرىباندەك قىلىدۇ،-دېدى.
خۇدا ئېيتتىكى:
- ئى پەرىشتىلەر، ئىبراھىمنىڭ ماڭا بولغان دوستلۇقىنى سىلەرگە كۆرسىتەي!
شۇنىڭ بىلەن ئاللاتائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا:
- قۇربانلىق قىل!-دەپ ئەمر قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 10مىڭ تۆگە، 500قوي قۇربانلىق قىلدى. خۇدا يەنە:
-قۇربانلىق قىل!-دەپ ئەمىر قىلدى.
-ئى خۇدايا! نېمىنى قۇربانلىق قىلسام، دەرگاھىڭدا قوبۇل بولىدۇ،-دەپ مۇناجات قىلدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.
-مېنىڭدىن باشقا، نېمىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولساڭ، شۇنى قۇربانلىق قىل!-دەپ پەرمان كەلدى خۇدادىن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كۆپ ئويلىنىپ، ھەممىدىن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە:
-ئوغلۇمنى قۇربانلىق قىلسام قوبۇل قىلامسەن؟-دەپ خۇداغا مۇناجات قىلدى.
خۇدادىن شۇنداق پەرمان كەلدىكى:
-ئۆزۈڭ بىل!
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۈۋى ھاجەرنىڭ قېشىغا كەلدى-دە:
-ئى ھاجەر! ئوغلۇم ئىسمائىلنى دوستۇمنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارىمەن. باش-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، چاچلىرىنى تاراپ، ياخشى، ئېسىل كېيىم-كېچەكلەرنى كىيدۈرۈپ جابدۇتقىن!-دېدى.
بۈۋى ھەجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىچە جابدۇتتى. ئىئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆسىن-جامالى ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسە زىيادە بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمۇ نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى باشلاپ دالاغا ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. شەيتان كېلىپ:
-ئى ئىسمائىل، ئاتاڭ سېنى مېنا تېغىغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈرىدۇ، بارمىغىن!-دېدى.
-ئاتام مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيدۇ. دوستىنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارىدۇ،-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.
-خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن سېنى قۇربانلىق قىلىدۇ،-دېدى شەيتان.
-خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولىدىغان بولسا، ھېلىغۇ بىر جېنىم بار ئىكەن، مىڭ جېنىم بولسىمۇ پىدا قىلدىم،-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.
شەيتان نائۈمىد بولۇپ بۈۋى ھاجەرنىڭ قېشىغا كەلدى:
-ئى ھاجەر، ئوغلۇڭ ئىسمائىلنى ئاتىسى ئىبراھىم ئۆلتۈرگىلى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ رەھمىم كېلىپ، ساڭا خەۋەر قىلغىلى كەلدىم. بېرىپ ئاجرىتىپ ئالغىن،-دېدى.
-يالغان ئېيتىۋاتىسەن،-دېدى بۈۋى ھاجەر.
-خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ،-دېدى شەيتان.
-ئى ئەخمەق!-دېدى بۈۋى ھاجەر شەيتانغا،- خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولىدىغان بولسا، ھېلىغۇ بىر ئوغلۇم ئىكەن، يۈز ئوغلۇم بولسىمۇ بېرىمەن.
شەيتان نائۈمىد بولۇپ، ئازار يەپ كەتتى ۋە يەنە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ:
-ئى ئىسمائىل، قېچىپ كەتكىن، بولمىسا ھالاك بولىسەن،-دېدى.
-ئاتام ماڭا سېنىڭچىلىك كۆيۈنمەسمۇ؟-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام. شۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام:
-ئى ئوغلۇم، كىم بىلەن گەپلىشىۋاتىسەن؟-دەپ سورىدى.
-بىر قېرى كىشى كېلىپ، ئاتاڭ سېنى ئۆلتۈرگىلى ئېلىپ بارىدۇ دەۋاتىدۇ.-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.
-ئوغلۇم! ئۇ شەيتان دېگەن لەنەتكەردى، ئۇ سېنى ئازدۇرماقچى، ئۇنىڭ سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمە، يەنە كەلسە تاش بىلەن ئۇرغىن،-دېدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.
شۇنىڭدىن كېيىن شەيتان يەتتە قېتىم كەلدى، ھەر كەلگەندە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام تاش ئېتىپ شەيتاننى قوغلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەجگە بارغانلارغا شۇ يەردە شەيتانغا يەتتە قېتىم تاش ئېتىش سۈننەت بولدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مېنا تېغىغا بارغاندىن كېيىن:
-ئى ئوغلۇم، خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن سېنى قۇربانلىق قىلىمەن، رازى بولامسەن؟-دەپ سورىدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن.
-خۇدانىڭ پەرمانىنى كېچىكتۈرمەڭ، خۇدا بۇيرۇغان ئىشنى دەرھال ئىجرا قىلىڭ. ئاتا-بالىلىق رىشتىنى ئۈزۈڭ،-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە يەنە،- ئى ئاتا، بۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن ماڭا ئۆيدە ئېيتمىدىڭىز، ئېيتقان بولسىڭىز، بىچارە ئانام بىلەن رازىلىشىپ ئالاتتىم، ھېلىمۇ ئانامغا سالىمىمنى يەتكۈزۈڭ، مېنىڭدىن ئەدەبسىزلىك ئۆتۈلگەن بولسا مېنى كەچۈرسۇن، مېنى كۆڭلى-كۆكسىدىن چىقارسۇن، مەندىن رازى بولسۇن،- دېدى.
«ئى پەرىشتىلەر، ئىبراھىم مېنىڭ رىزالىقىم ئۈچۈن مېھرىبان پەرزەنتىنى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، كۆرۈپ تاماشا قىلىڭلار»دەپ خۇدادىن پەرمان بولدى. ئاسماندىكى پەرىشتىلەر، بېھىشتىكى ھۆل-غىلمانلار بۇ ئەھۋالنى تاماشا قىلىپ تۇردى.
-ئى ئاتا، مېنىڭ قانلىق كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئانام بىچارىگە بېرىڭ، ئۇنى پۇراپ، مېنىڭ دەرد-پىراقىمنى ئۇنتۇسۇن!-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قول-پۇتىنى باغلاپ، كۆزىنى تېڭىپ، قولىغا پىچاقنى ئالدى. ھەق تائالادىن پىچاققا «كەسمىگىن» دەپ پەرمان بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بوغۇزىغا سۈركىدى، پىچاق كەسمىدى.
-ئى ئاتا، پىچاقنى بارلىق كۈچىڭىز بىلەن سېلىڭ!-دېدى ئىمسائىل ئەلەيھىسسالام.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى شۇنچە كۈچەپ سالسىمۇ ئۆتمىدى، ئۇچى بىلەن سانجىغان ئىدى، پىچاق ئىگىلىپ ھالقا بولۇپ قالدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپى كېلىپ، پىچاقنى تاشقا ئۇرغان ئىدى، تاش ئىككى پارە بولۇپ قان چىقتى. «تاشقا سالسام كېسىسەن، نېمىشقا ئىسمائىلنى كەسمەيسەن؟»دېدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاققا.
-نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلاپ كايىيسىز؟ نەمرۇد سىزنى ئوتقا تاشلىدى، خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن كۆيدۈرمىدى، بەلكى گۈلىستان بولدى، سىز بىر مەرتىۋە «كەس»دېگۈچە، ھەق سۇبھانەھۇۋەتائالا يەتمىش مەرتىۋە «كەسمە»دەپ پەرمان قىلدى. ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ پەرمانىغا بويسۇنىمەن،-دېدى پىچاق.
پەرىشتىلەر، ھۆر-غىلمانلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇداغا بولغان دوستلۇق مۇھەببىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى. ئۇلار:« خۇدايا! لەۋھۇلمەھفۇزدا <ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەر كىلىدۇ> دەپ يېزىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق. مۇشۇنداق قاۋۇل، سادىق بەندىلىرىڭ بار ئىكەن» دەپ ھەيران قېلىشتى.
شۇ چاغدا خۇدادىن پەرمان بولدى:
-ئى ئىبراھىم، سەن ماڭا بىر جان پىدا قىلدىڭ، مەن ساڭا سان-ساناقسىز جانلارنى ھەدىيە قىلىمەن!
ئاندىن كېيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر كۆك قوچقارنى ئەكېلىپ:
-ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا مۇشۇ قوچقارنى قۇربانلىق قىلىڭ!-دېدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قىلغان قۇربانلىقىنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا قوبۇل بولۇپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا كۆك قوچقارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىگە خۇرسەن بولدى ۋە :«ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىلھەمدۇ (ئاللا ئۇلۇغ، ئاللا ئۇلۇغ، بىر ئاللادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاللا ئۇلۇغ، ئاللا ئۇلۇغ، بارلىق مەدھىيە ئاللاغا خاستۇر)»دەپ تەكبىر ئېيتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ قۇربان ھېيتتا بۇ تەكبىرنى ئېيتماق مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ بولدى.
يەنە شۇ چاغدا:
-ئى ئىبراھىم، سەن مېنىڭ پەرمانىم بويىچە ئىش قىلدىڭ، مەنمۇ ھەرقانداق ئىشتا سېنىڭ رايىڭنى ياندۇرمايمەن،-دەپ خۇدادىن نىدا كەلدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇت-قولىنى يېشىۋىتىپ، ئورنىغا كۆك قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.
قوچقارنىڭ تېرىسىنى سۇپرا قىلدى. يۇڭىنى بۈۋى ھاجەر ئېگىرىپ گىلەم توقۇدى. بۇ گىلەمنى تابۇت سەكىنەدە قويۇپ قويغان ئىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئەكىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللادىن كەلگەن ۋەھىينى مۇشۇ گىلەمگە ئورىنىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلاتتى.
مەنبەسى: «قىسسەسۇل ئەنبىيا»دىن ئېلىندى