بۇ بەتتىكى تېما: 2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 556 قېتىم كۆرۈلدى
arteken
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20899
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 277
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە277دانە
شۆھرەت: 500 نۇمۇر
پۇل: 1438 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

@سوئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ ( 20نۇمىر )
1-سوئال : باشقۇرغۇچىلىق مەسئولىيىتى نىمىلەردىن تەركىپ تىپىشى كىرەك ؟
2-سوئال : ئەزالارنىڭ قانداق ھوقوقى بار ؟
3-سوئال : تىما يوللاش تەرتىپى قانداق بولىدۇ ؟(تەرتىپ بويىچە يىزىڭ )
4-سوئال: قانداق ئىنكاسلارئۆچىرىلىدۇ ؟ ( كونكىرىت يىزىڭ)
@ تۆۋەندىكى تىمىغا ئىنكاس قايتۇرۇڭ؟(30نومىر)

1-پارچە:
ۋىجدانىڭغا ئۇرۇپ بىر تەستەك
پەخىردىن قىييۇم ھىدايى

كۆزلىرىڭگە سىڭىپ ئاق نۇردەك ،
سىرغىپ چۈشسەم مەڭزىگە ياشتەك .
سىزىلىدۇ بوياقسىز سۈرەت ،
ئۆچمەيدىغان ئەبەدىل ئەبەد .

كۆزلىرىڭگە سىڭىپ ئاق نۇردەك ،
تاشلاپ قويسام قەلبىڭگە چىچەك .
قەھرىڭ بىلەن تاشلىدىڭ يۇلۇپ،
ھەر بەرگىسى يانتاق تۇيۇلۇپ .

كۆزلىرىڭگە سىڭىپ ئاق نۇردەك،
گۇمانىڭنى يوقاتسام ئەگەر .
كۈلەرمىكىن ئېزىتقۇ بەخت ،
ئۇرۇپ بىر تەستەك .

  مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى ...

2-پارچە:
چۇمۇلنىڭ ئازابى(ھىكايە)

ۋېى يۇڭگۇي
بىر قارا بىر قىزىل ئىككى يانفۇن رەتلىك ھالدا بىر يەردە تۇراتتى.ئىككى يانفۇن ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمى كۇنى چۇشىتىن بۇرۇن مۇشۇنداق تىزىپ قويۇلغان ئىدى.قارا يانفۇن ئەرنىڭ قىزىل يانفۇن ئايالنىڭ ئىدى. ئاشۇق -مەشۇقلار بايىرىمى كۇنى ئىككى يانفۇن ئوچوق ھالەتتە بىر يەرگە قويۇپ قويۇش ئەر ئوتتۇرغا قويغان پىكىر ئىدى.
بۇ ئىشنى بىلىش ئۇچۇن تۇنۇگۇنكى ۋاقىتقا قايىتىشقا توغرا كىلىدۇ،كەچتە ئەر<<ئەتە ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمىنى قانداق ئوتكۇزىمىز>>دەپ سوراپ قالدى.ئايال<<سىز ئەتە بىرەر ئۇچرۇشۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئوخشىمامسىز>>دىدى.،ئەر <<مەن راستىنلا سىرتقا چىقىپ كەتسەم ئارقا سەپ مۇداپىئەسىز قىلىپ باشقا ئەرلەرگە پۇرسەت يارتىپ بەرگەن بولمامدىم>>دىدى.
ئايال<<نىملەرنى دەپ كەتتىڭىز،مىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى سىز بىلمەمتىڭىز>>دىدى ئايال يەنە كۇلۇپ تۇرۇپ:<<ئوزىڭىزنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس،يەنە جىجىل بولماي مىنى ئەيىپلەيسىزغۇ؟>>دىدى.بۇندىن ئىلگىرى ئايال ئىرى توغورسىدا ئوسەك سوزلەرنى ئازدۇر-كۇپتۇر ئاڭلىغان ئىدى،قارىغاندا ئايال خاپا بولغاندەك قىلاتتى.
بۇ چاغدا ئەر توساتتىنلا بىر ئامال تاپقانلىقىنى ئىيىتتى.ئايال:<يەنە قانداق قاملاشمىغان ئاماللارنى ئويلاۋاتىسىز؟>دىدى.ئەر:<<باياتىن مىنىڭ سىرتتا بىرقانداق ئشلارنى قىلشىمىدن گۇمانلانغانتىڭىزغۇ؟>>يانفۇنىمنى ئىچىپ قويىمەن،لىكىن مىنىڭ بىر شەرتىم بار ئەتە سىزمۇ يانفۇنىڭىزنى ئىچىپ قويىسىز،بىز يانفۇنلىرىمىزنى بىر يەرگە قويۇپ قويىمىز!-دىدى.
ئايال:-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟سىزنىڭ كىسىلىڭىز بارمۇ نىمە؟دىدى.
ئەر:-بۇ دەل مۇنداق دىگىنىم، بىز بىر سىناق ئىلىپ بارايلى،بۇ ئويۇن ئويناش دىسەكمۇ بولىدۇ،ئشقلىپ ئەتە بىكار ئولتۇرساقمۇ ئۇلتۇرىدىكەنمىز،-دىدى،ئەر ئاخىرىدا كۇلۇپ تۇرۇپ،-سىز مەندىن خاتىرجەم بولالمىسىڭىز،مەنمۇ سىزدىن خاتىرجەم بولالمايمەن دىدى.
ئايال:-قىنى ئەتە كىمنىڭ يانفۇنىغا ئۇچۇر كىلدىكەن كورۇپ باقاي،ئىھتىيات قىلىڭ،ئوزىڭىز كولىغان ئورىغا ئوزىڭىز چۇشۇپ قالماڭ يەنە:-دىدى.
شۇ چاغدا ئەر كۇلۇپ قويدى،ئەرنىڭ كۇلكىسىنىڭ مەزمۇنى چۇڭقۇر ئىدى.شۇڭا بۇگۇنكى ئاشۇق-مەشۇقلار بايىمىنى كۇتۇۋالدى.ئىككى يانفۇن خۇددى ھەرۋاقىت پارتىلاش ئىھتىمالى بولغان ئىككى بومبىغا ئوخشاش جىددى ھالەتتە تۇراتتى.
ئەر بىلەن ئايال سافادا يانداش ئولتۇرۇپ يىغا-زار قىلدىغان تىلۋۇزىرىيە-تىياتىرىنى كوردى.ئىككى يانفۇن ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئۇستەلدە تۇراتتى.ئايال ئادەتتە بۇ تىلۋىزىيە-تىياتىرىنى ياقتۇرۇپ كورەتتى،يەنە تىخى بىر نەچچە قىسمىنى ئۇدا كورۇپ ھازىر دەل يۇقىرى نوقتىسىغا كەلگەن ئىدى،لىكىن ئايال مۇشۇ پەيىتتە خاتىرجەمسىزلىنىپ زىھنىنى يىغالمايۋاتاتتى.ئەر ئادەتتە گۇمپا فىلىملىرىنى ياخشى كورەتتى،ھازىر ئەكسىچە بۇ تىلۋىزىيە-تىياتىرىنى قىزىقىپ كورۋاتاتتى.
بىر سائەت ئوتتى،ئىككى سائەت ئوتتى،يانفۇنلار يەنىلا جىمجىت تۇراتتى .تىلۋىزىيە-تىياتىرى ئارلىقدا ئىلان بىرۋاتقان ۋاقىتتا ئايال تاقەتسىزلىنىپ گەپ باشلىدى.ئۇ:<<بىز يانفۇننى ئىتىۋىتەيلى،ئۇلار مىنىڭ ئالدىمدا تۇرۋىلىپ كەيپىياتىمغا تەسىر يەتكۇزىدىكەن.>>ئەر ئالدىرماي چايدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ:
-يانفۇننى ئىتىۋىپ يىرىم يولدا يىنۋالساق قانداق بولىدۇ؟بىز بۇ سىناقنى قىلمىز دەپ كىلىشكەن،نىمىلا بولمىسۇن چۇشكىچە داۋاملاشتۇرايلى،-دىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەر تىلۋۇزۇر كورۇشكە باشلىدى،بۇ چاغدا يانفۇن سايراپ كەتتى.گەرچە تىلۋۇزۇردىكى ئايال ئۇن سىلىپ يىغلاۋاتقان،موزىكىلار ياڭراۋاتقان بولسىمۇ ئۇستەل ئۇسىتدىكى يانفۇننىڭ ئاۋازاى گۇلدۇرماما گۇلدۇرلىگەندەك مىھمانخانا ئوينى بىر ئالدى.ئەر-ئايال تىزلا بۇ ئاۋازنىڭ ئايالنىڭ يانفۇنىدىن كىلۋاتقانلىقىنى ھوكۇم قىلدى.ئايال ئەرگە قاراپ قويۇپ قولى سەل تىتىرگەن ھالدا تىلفۇننى قولىغا ئىلىپ كورۇش كۇنۇپكىسىنى باستى.دەل شۇپەيىتتە ئايالىنىڭ يۇزى تاتىرىپ كەتتى،ئارقىدىنلا يەنە قىزىرىشقا باشلىدى.ئايال:<<مۇمكىن ئەمەس ،بۇ مۇمكىن ئەمەس،ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس>>دىدى ،ئەر ئالدىرماي ئايالنىڭ قولدىكى ياناۇننى ئالدى.ئەرنىڭ كوزى يانفۇننىڭ ئىكىراندىكى مۇنۇ بىر قانچە قور خەتكە چۇشتى:<<ئاشق-مەشۇقلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.سىزگە تۇققۇز يۇز توقسەن توققۇز ئەتىرگۇل سوۋغا قىلىشنى ئۇمۇت قىلمەن.>>
ئايال ئەرگە قاراپ:-بۇ كىمنىڭ قىلغان چاقچىقدۇر؟بەلكىم بىرەرسى ئۇچۇرنى خاتا ئەۋەتىپ قويغاندۇ؟-دىدى.
ئەر كەڭ قورساقلىق بىلەن:
-توغرا،دىگىنىڭىز ئورونلوق،بەلكىم بىرەرسى سىزگە چاقچاق قىلغاندۇ،بەلكىم بىرەرسى ئۇچۇرنى خاتا ئەۋەتىپ قويغاندۇ.دىدى
ئايال ،ئەرنىڭ گىپىنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقنى ھىس قىلدى،ئايال:-سىز تىخى مىنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى بىلمەمسىز،بۇ چۇقۇم بىر ئۇقۇشماسلىق،مەن قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن بۇ تىلفۇنغا تىلفۇن ئۇرۇپ باقاي،ئۇ كاللىسى ئىلىشىپ قالغان بىرەرسىمۇ قانداق!-دىدى.
ئايال قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن تىلفۇنغا تىلفۇن ئۇردى.ئايال نەچچە قىتىم تىلفۇن ئۇرغاندىن كىيىن :غەلىتە ئىش،تىلفۇندىن<<سىزنىڭ ئۇرغان تىلفۇن مۇلازىمەت رايۇندا ئەمەس>>دىگەن ئاۋازلا ئاڭلنىۋاتىدۇ،بۇ قانداق ئىشتۇ؟ئىشەنمىسىڭز سىز ئۇرۇپ بىقىڭ،دەپ تىلفۇننى ئەرگە بەردى،ئايال ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى.
ئەر تىلفۇننى ئالماي ئورنىدىن تۇرۇپ چاپىننى كىيىدى.
ئايال:-نەگە بارسىز؟-دەپ سورىدى.
ئەر:
-مەن چىقىپ ئايلىنىپ كىلەي،مەن كەتسەم ئۇ ئادەم سىزگەتۇققۇز يۇز توقسەن توققۇز ئەتىرگۇل سوۋغا قىلاي ئەمەسمۇ!-دىدى.
ئايال:سىز يەنىلا ماڭا ئشەنمەيۋاتىسىز،-دىدى،ئايالنىڭ ئاۋازى يىغلامسىراپ چىقىۋاتتى.
ئەر ئاستا ئايالنىڭ قولنى ئىتتىرۋىتپ:
-مەن سىزگە ئىشىنمەن،سىزگە ئىشەنمىسەممۇ بولمايدۇ،-دىدى.
ئەر تىڭىرقىغان ھالدا ئويدىن چىقىپ كىتىپ ئايالنى يالغۇز ئويگە تاشلاپ قويدى.ئايالنىڭ بىر تامچە يىشى بوسۇغۇدىكى ئوتۇۋاتقان قۇڭۇر رەڭلىك بىر بىر چۇمۇلنىڭ ئۇستىگە چۇشۇپ ئۇنى يانجىپ تاشلىغاندەك ئاغرىتىۋەتتى.
مۇشۇ ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى كۇنى چۇشتە ئەر ناھايىتى تىزلا باشقا بىر ئايال بىلەن چىرمىشىپ كەتتى.
ئۇ ئايال:-مىنىڭ بۇ ئۇسۇلۇم ياخشىمىكەن ،ئايالىڭىز مىنىڭ بىر ئادەمنى تىپىپ ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكۇزگىنىمنى ھەرگىز بىلمەيدۇ،سىزمۇ قالتىس ماسلاشتىڭىزغۇ دەيمەن ئايالىڭىز ھازىرمۇ بۇ قىسقا ئۇچۇرنى كىم ئەۋەتكەنلىكىنى ئويلاۋاتقاندۇ،-دىدى ،بۇ ئايال پىخلداپ كۇلۇپ قويۇپ:
-ئايالىڭىزنىڭ بۇ ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئوتىدىغان بولدى.....دىدى
ئەر تۇيۇقسز قۇچۇقىدىكى ئايالنى ئىتترۋەتتى.ئايال ھەيران قىلىپ:
-سىزگە نىمە بولدى ساراڭ بولدىڭىزمۇ! دىدى
ئەر ئۇندىمەستىن كىيىملىرىنى ناھايىتى تىز كىيىپ ئويدىن چىقىپ كەتتى.
مەنبە:ئەدىبى تەرجىملەر 2007-يىلى110سان

3-پارچە:

موخۇركىدىكى ئەبجەش


دوستۇمنىڭ كومپيۇتىرىدىن چاتاق چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ.قوزغالمايدىغان،قوزغالسىمۇ پات-پاتلا قېتىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ.چاقىردى باردىم،سېستىما ھۆججەتلىرى ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن چېغى دەپ پەرەز قىلدىم.راست گەپ قىلسام سەۋەبىنى تاپالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن مۇھىم ھۆججەتلىرىنى باشقا جايغا يۆتكىۋېتىپ دېسكىنى فورماتلاپ،سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا مەجبۇر بولدۇم.بۇ مەن تولا ئىشلىتىپ كەتكەن ياخشى ئۇسۇل ئىدى.مانا ۋىندوۋسنىڭ جاراڭلىق مۇزىكىسى چىقىپ كومپيۇتېر قوزغالدى.سۈرئىتى ناھايىتى تېز ئىدى،دوستۇم خوش بولۇپ كەتتى..
يەنە بىر دوستۇم چاقىردى،ئۇنىڭ چاتىقى كومپيۇتېرىدا ئەمەس ئىدى.قايسىدۇر بىر "گۈزەل مۇتەخەسسىس" ئۇنىڭ مېڭىسىگە كىرىپ پروگراممىلىرىنى قالايمىقان قىلىۋېتىپ قىچىپتۇ.دوستۇم پات-پاتلا قوزغىلالمايدىغان،قوزغالسىمۇ "قېتىپ" قالىدىغان بولىۋاپتۇ.ئەپسۇس..ئۇ ئادەم،پۈتۈن تىرىك بىر ئادەم.ئۇنىڭ دېسكىسىنى فورماتلىغىلى،سېستىمىسىنى يەڭگۈشلىگىلى بولمايتتى.چۈنكى ئۇنىڭ توك يوللىرى ناھايىتى نازۇك،ئۇ ''گۈزەل مۇتەخەسسىس'' قانداق بولۇپ ئۇنىڭ توك يولىغا كىرىۋالغانلىقىنى بىلمەيمەن.بەلكىم ئۇ "مۇھەببەت xp" دەيدىغان خاككىرلار پروگراممىسىنى ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ.ئۇ شۇ جەھەتتىكى ''مۇتەخەسسىس'' بولسا كىرەك.قوللۇرىمدا ئۇنىڭغا كار قىلمايدىغان بىر توپ دېسكىلار تۇرۇپتۇ.ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ باقىمەن،چاتىقىنى ئوڭشىغىلى بولارمۇ ؟؟.. دەپ ئۆز-ئۆزەمگە سۇئال قويۇپ باقىمەن..
توۋۋا....ئادەملەرنىمۇ شۇنداق سېستىمىسىنى يەڭگۈشلەپلا قايتا قوزغاتقىلى بولسا..ئۇنىڭ ئازاپلىق ئەسلىمىلىرىنى بىراقلا فورماتلىۋىتىپ،يېڭى...يىپ-يېڭى ھاياتلىق سېستىمىسىنى قاچىلاپ بەرسەم...ئۇمۇ جاراڭلىق كۈلكىلىرى بىلەن قايتا قوزغالسا...
چۈش كۆرۈپتىمەن..شۇنداق قىلىۋاتقۇدەكمەن..ئەمما ئۇنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى تاپالمايۋاتقۇدەكمەن...تىتىلداپ كەتتىم.. ئۇنىڭ ئاۋۇ يۈرەك ھۆججىتىگە بىر ئۇخلاپ قوپقاندا پۈتكۈل ئازاپلىرى يۇيۇلۇپ كېتىدىغان بىر قۇر بۇيرۇق كىرگۈزۈپ قويماقچىمىشمەن...قەنى ئۇنىڭدىكى '' Enter"...
ئوغلۇمنىڭ دەرسلىك كىتاۋىنى كۆرىۋىتىپ "7 قۇراق" دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپ قالدىم ۋە ''توۋا..ئەجەپ بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن،بۇ 七巧板 دىگەن گەپ ئەمەسمۇ ؟؟'' دەپ ھەيران قالدىم.بۇ سۆز ئىشلىتىلىۋاتقىلى خېلى بوپتىكەن.. شۇنىڭ بىلەن ئىتتىكلا،ئەگەر "سەپلىمە كومپيۇتېر"،"ئۆزى قۇراشتۇرغان كومپيۇتېر" ... دىگەن سۆزلەرنى "قۇراق كومپيۇتېر" دىسەكمۇ بولامدۇ نىمە دىگەنلەر كاللامغا كىلىپ قالدى..
[قىززىق دىسە،خەۋەرلىرى ھەقىقەتتىن يىراق،سەپسەتىگە يىقىن بولغاچقىمۇ،ئەزەلدىن گېزىت كۆرمەيتىم.مانا بۈگۈن شۇ گىزىتنىڭ قەدرى ھەجەپ ئۆتىلدا..بىر ئورام موخۇركىغا ئۈچ سانتا كىدىغان گىزىت تاپالماي قىينىلىپ كەتتىم.ئەشۇنداق گىزىتتىن بىرى ھازىر بولسا..يوغونلا بىر بەت كەلگۈدەك،سەپسەتىگە غىققىدە تويۇنغان ماقالىسى بار جاينى ياكى جىنسى كىسەللەرنىڭ ئېلانى بىرىلگەن ۋەرىقىنى ۋە ياكى ''ئاق ئۆستەڭ يېزىسىدىكى نامرات مامۇتكامنىڭ بۇ يىل تىزلا ''بىيىغانلىق'' توغرىسىدىكى ئاتالمىش خەۋەر بار جاينى،تۇرپاننىڭ كۆك موخۇركىسىغا چىڭ ئوراپ،تازا بىر چىكىۋەتسەم ھە....پاھ..پاھ...پاھ...ھوزۇردە،ھوزۇر...]

ئايالىم نوقۇت سېلىپ شورپا قىلغاننىڭ ئۈستىگە كىرىپتىمەن.نوقۇتنى ياخشى كۆرمەيتتىم،ئەمما بۇ سۆزنى ئاغزىمدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايمەن.دائىم بۇ سۆزنى چىقىرىشىمغىلا باشقىلارنىڭ ئەيپلىشىگە ئۇچرايمەن...."نوقۇت دىگەن ئۇنداق شىپالىق،بۇنداق شىپالىق..."بۇ سۆزنى مەن ئاڭلاپ زېرىكمىدىم،باشقىلار دەپ زېرىكمىدى.ئەجەبا مەن،باشقىلار ياخشى كۆرگەن ھەممە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشۈم كىرەكمۇ ؟؟ مېنىڭ ياخشى كۆرمەسلىك ھوقۇقۇم بارغۇ..ئۇ ياكى ھەممە ئادەم ئۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك چىچەكنىڭ ئوكۇلى بولمىسا ؟...مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ.ھەممە ئادەم "ياخشى" دەپ قاراپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى چوقۇم قوبۇل قىلىش كىرەكتەكلا.."تاماقتىن كېيىن بىر تال تاماكا چەكسەڭ ئۇنداق ھوزۇر بۇنداق ھوزۇر.." شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم ( تاماكا چېكىدىغانلار) تاماقتىن كېيىن بىر تال تاماكا چېكىۋىتىدۇ.. ئۇف....بۇگۇن نوقۇتنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى دەۋەتتىم.چوقۇم بىرەرسى "ۋاي لەقۋا...نوقۇت دىگەن شورپىغا سالسا ياغدەك نىمە ئۇ.." دەپ "يادلىۋالغان" تەجرىبىلىرىنى كۆرسىتىشى تۇرغان گەپ،ئەمما زادىلا ئۆگىنەلمىدىم،نوقۇتنى يىمەيمەن دىدىم،يىمەيمەن...


كالا ئەمەس جىم يۈرگىلى،تاپتىن چىقتىم،
بېگىز ئەمەس تىشەلمەسكە،قاپتىن چىقتىم.

لاتا قولدا كىسەلمىسەم گۆش-سۆڭەكنى،
بىزار ئۇنداق شەمشەرلەردىن،ساپتىن چىقتىم.

يىگىتلىكىم ئۆلچەنمەيدۇ بۇرۇت بىلەن،
لۆم-لۆملەرگە ئۇستىرامەن كاپتىن چىقتىم.

نەغمە بىرلە يوشۇرماسمەن دەرتلىرىمنى،
شادىيەنە خوش ياقمايدۇ،داپتىن چىقتىم.

ھايات يولى خەتەر بىرلە تولغان دەيدۇ،
يالماۋۇزلار يەيمەن دىسە ھاپتىن چىقتىم.

ئۆزۈم كىچىك،غەيرىتىم زور،ۋۇجۇدۇم زور،
چوڭ شۇئارلار ھىچ خوشاقماس،لاپتىن چىقتىم!...


بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي...بىرەر نەرسە يېزىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئورام چېكىۋەتسە ئاجايىپ ھوزۇر''يىڭى پەتىۋا..''.قەنى،موخۇركام...قەغەز تۈگەپتۇ،ئاچچىق موخۇركىنى مۇشۇ مۇنبەرگە ئوراپلا چەككىلى بولسا ھە.....ۋاي...ۋاي...ۋاي...


@ گۇرپاسۆزلەرنى تولۇق ئىشلىتىپ جۇملە تۇزۇڭ ( 20نۇمىر )

1- ھىدى ، كۆڭۇل ، ھارارەت ، سىغىنىش ، شامال .
2- تاڭ ، گۇل ، باھار ، خىيال ، تۇيغۇ
3-چۇش ، كۆز ،چىرايلىق ، تۇنجى
4.ھىكىمەت ، تۇرمۇش ، قىممەت ، پەلسەپە

@ بىرىلگەن پارچىغا ئاساسەن بىر پارچەمۇھاكىمە ماقالە يىزىڭ (30نومىر)

ﭘﻪﻳلاﺳﻮﭘﺘﯩﻦ ﺳﻮرﯨﺸﯩﭙﺘﯘ:
_ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ دەﻳﻤﯩﺰ؟
_ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗلاﻧﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻨﻰ.
 ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳلاﺳﻮپ ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ:
_ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم داﺋﯩﻢ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎراپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪاق ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎر: ﺋﻪﮔﻪر ﭼﯩﺮاﻳﻰ ﻛﯚرۈﻣﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﻳﻨﻪك ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﻳﺎﻣﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻳﯜزﯨﮕﻪ ﻗﺎرا ﺳﯜرﻛﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪەﻳﺪۇ؛ ﺋﻪﮔﻪر ﭼﯩﺮاﻳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﻳﻨﻪك ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ﻗﯩﻠﯩﻘلار ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ داغ ﺗﻪﮔﻜﯜزﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪەﻳﺪۇ.
 ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳلاﺳﻮپ ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ:
_ ﻧﺎدان ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﭘﻪﻗﻪت ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﯩلا ﻛﯚرۈپ، ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯘددى ﭼﯩﯟﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﺟﺎﻳﻐﯩلا ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ.
 ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳلاﺳﻮپ ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ:
_ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ زﯨﻴﺎن ﺗﺎرﺗﯩﺶ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚپ ﺋﻪۋزەل.
 ﺋﺎرﻗﺎر ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏلاپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﻮۋ ﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪاق دەﭘﺘﯘ:
_ ﺳﻪن ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪن. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯜﮔﯜرۈﺷﯜم ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﯜﮔﯜرۈﺷﯜڭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﮕﻪﯕﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﭽﺎق ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن.
 ﺋﻪﺗﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜڭ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﻧﻪرﺳﻪﯕﺪﯨﻦ ﺑﯜﮔﯜن ۋاز ﻛﻪﭼﻜﯩﻦ؛ ﺋﻪﺗﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﻪﻣﻜﻪن دﯦﮕﻪن ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﯩﻦ.
 ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﻞ ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ:
_ ﺑﻪدەن ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش، روھ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪﺗﻜﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج.
 ﺋﻪرﻟﻪر ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ دەردﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚچ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ؛ ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، دەردﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚچ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ.
 ﺷﺎدﻟﯩﻖ دﯦﮕﻪن ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘق ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﻧﮕﻪن ﻣﻮل ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏلاﻧﻤﯩﺴﯩﺪۇر.
 ﺋﯧﺴﯩﯖﺪە ﺑﻮﻟﺴﯘن: 20 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ، 30 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺳﺎﻏلام، 40 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺑﺎي، 50 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮلاﻟﻤﯩﺴﺎڭ، ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪن.
 ﻣﯩﺠﻪز - ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ _ «ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪز - ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗلاش» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ «ﻣﯩﺠﻪزى ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ.
 ﺷﻪﻳﺘﺎن ﺑﯩﺮەر ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗلاپ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﺎراﻗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ.
 ﺋﯩﺮادﯨﻨﻰ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪۇ.


بىرلا ئۇچۇر كۆزنىكىگە يىزىڭ ! (داۋامىنى يىزىشتا تەھرىرلەش ئورنىدىن كىرىڭ )
ئەزالارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنى سىناپ كۆرىشىنى ئۆمىد قىلىمەن 
بۇ تېما باشقۇرغۇچى kuxbeg526 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2007-12-17 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526)    
  • دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    بۇ دۇنيا تۇرمە ئەمەس !!!
    | ۋاقتى : 2007-12-17 15:26 [باش يازما]
    Tijan
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2064
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 377
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە377دانە
    شۆھرەت: 393 نۇمۇر
    پۇل: 1834 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :114(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    بۇ ئىمتاھان سۇئالى تازا ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان شەكىلدە چىقىرىلىپتۇ .ھورمەتلىك تورداش ھازىر قايسى دەۋىر دە تۇرىۋاتىمىز .؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھازىرقى ئىمتاھان كوپ تاللاش ،يالغۇز تاللاش ،توغرا خاتاغا ھوكۇم قىلىش ،ئەڭ بولمىغاندا بوش ئۇرۇن تولدۇرۇش بولمامدۇ .قانداقمۇ پېيپڭينەمنىڭ ۋاقتىدىكىدەك بىر تاغا سۇئالغا جاۋاپ بېرىش بولىدۇ .كوپلىرىمىز دىيارىم تور بېكىتىنى قوللاش شۇنداقلا ئاتاماننى ھورمەتلەش ..............ئۈچۈن بۇ تورنى كۇندە تۇلىمۇ تەستە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ زىيارەت قىلىمىز .شۇڭا خاپا بولماي ئىخچامراق ئالسىڭىز ئىمتاھاننى
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    بىلىملىك مىڭنى يىڭەر، بىلىمسىز بىرنى...
    | ۋاقتى : 2007-12-17 20:59 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ezitku-2
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6746
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 192
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە192دانە
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    پۇل: 582 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    مەن تىجاننىڭ  پىكىرگە قوشۇلمەن.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2007-12-18 15:12 2 -قەۋەت
    shemsher
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21370
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 نۇمۇر
    پۇل: 195 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-02
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    بەكلا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ! كەچۇرسىز ، بىز ئىمتىھاندىن تويوپ كەتتۇق 
    بىزنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىمىز ئۈچۈن شەرت قويمىغان سىزلا قالغان ئىدىڭىز
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2007-12-18 15:31 3 -قەۋەت
    mamatjan520
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20614
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 499
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە499دانە
    شۆھرەت: 499 نۇمۇر
    پۇل: 1225 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    ??؟ھەي دوسلار  ھىلقى ھىيىتلىق پەتىنىڭ ئىشى قانداق بولدى  ؟
    قەشقەردە يىغلىشقىلماقچى بولغانغۇ  >؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    >؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟كاللاڭلاردىن ئۆتمىدىمۇيا  كاللاڭلاردىن ئۆتسە مەن بىلەن ئالاقىلشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن چ چ 347106002
    تىلفۇن  15999313989
    مەمەتجان?
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2007-12-18 16:06 4 -قەۋەت
    sapdil0521
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20327
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 344
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە344دانە
    شۆھرەت: 344 نۇمۇر
    پۇل: 1242 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئالىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
    ھازىر سوئاللار:
    1. تاق تاللاش.
    2.كۆپ تاللاش.
    3.توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش.
    4.ئاتالغۇلارغا ئىزاھات.
    5.قىسقىچە جۋاپ بېرىش.
    6.تەپسىلى بايان قىلىش.
    قاتارلىق شەكىلنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلىۋاتىدۇ.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2007-12-18 17:08 5 -قەۋەت
    aljazir
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21847
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 655
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە655دانە
    شۆھرەت: 655 نۇمۇر
    پۇل: 967 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    مەن مۇ باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.ئەمەلى تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىمتاھانغا
    ئۇچراپتۇرىمىز،تورغا چىقىپ بىردەم بولسىمۇ مىڭىمىزنى ئارام ئالدۇرلى دىسەك يەنە شۇ؟
    <<ئىمتاھان>>.؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ئۆز گىلەرنىڭ بەختىنى كۆرىشمۇ بىر بەخىت
    | ۋاقتى : 2007-12-18 17:48 6 -قەۋەت
    gvzal3.8
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1194
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1194دانە
    شۆھرەت: 1530 نۇمۇر
    پۇل: 3858 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :590(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

          كەچۈرۈڭ،بۇ ئىمتىھانىڭىز ..................
          بولدىلا،ئارتۇقچە گەپ قىلمايچۇ..........
          ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
    | ۋاقتى : 2007-12-18 17:57 7 -قەۋەت
    nergiz
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20162
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 200
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە200دانە
    شۆھرەت: 330 نۇمۇر
    پۇل: 218 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-22
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    بۇ خىلى كاللا قاتۇرۇپ يازغان سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى سوئالى ئىكەن . مېنىڭچە بۇ ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ  سوئالى  ئەمەس .
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2007-12-18 18:04 8 -قەۋەت
    turkinaz
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20648
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1255
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1255دانە
    شۆھرەت: 1324 نۇمۇر
    پۇل: 3951 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    ئەرتىكىننىڭ بۇ ئىمتىھانىسىدىن ئۆتمەك قىيىنمۇ قانداق؟ بېشىنى ئۇقۇپ بولغىچە ئايىغىنى ئۇنۇتپ قېلىۋاتىمەن. بىرەرسى يازسا كۈچۈرۈپ يازارمەنمىكىن دىسەم، ھەممىسى ئىمتىھاندىن قېچىشنىڭ باھانىسنى كۆرسىتىپتىغۇ.
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2007-12-18 18:07 9 -قەۋەت
    malika707
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18048
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1129
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1129دانە
    شۆھرەت: 1083 نۇمۇر
    پۇل: 648 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :206(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەك بىر ئاز قىيىندەك قىلىدۇ .
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    يۈرۈكۈمدە بىر ئوت بار ،ئۇ ئوت سەن ئۈچۈن كۈيىدۇ !
    | ۋاقتى : 2007-12-18 22:16 10 -قەۋەت
    karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 16853
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3523
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3523دانە
    شۆھرەت: 3810 نۇمۇر
    پۇل: 1190 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 44 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :281(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    يەنە ئىمتىھان!
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    دىلىڭ كىمىنى سۆيسە ،ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى سۈيۈملۈك بولىدۇ.
    | ۋاقتى : 2007-12-18 22:50 11 -قەۋەت
    arteken
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20899
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 277
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە277دانە
    شۆھرەت: 500 نۇمۇر
    پۇل: 1438 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم  ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    مانا مۇشۇنداق نەق ئىشقا كەلگەندە ۋالاقتەككۇرۇپلارنى ، بىلىمدانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ ؟! مانا بۇ پاجىئە !!!
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    بۇ دۇنيا تۇرمە ئەمەس !!!
    | ۋاقتى : 2007-12-19 13:52 12 -قەۋەت
    madina0321
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28747
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    بىر كۈنى ئككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ،چوقۇم ئشلەيمەن.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-07 00:19 13 -قەۋەت
    askar0998
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1039
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1039دانە
    شۆھرەت: 1039 نۇمۇر
    پۇل: 3350 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :380(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    ئىمتاھان مەيدانىغا كومىسيە كىرەمدە ياقما كىرمىگەن بولسا بىر - بىرىمىزدىن كۆچۈرەتتۇق .              
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا !
    | ۋاقتى : 2008-05-07 00:56 14 -قەۋەت
    isimsiz
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25998
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 21 نۇمۇر
    پۇل: 173 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :66(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:2007-يىللىق دىيارىم ئەزالىرىنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى

    ئەھمىيىتى نىمە بۇ ئىشنىڭ؟
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-07 03:10 15 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯩﻤﺘﯧﮭﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 04:03
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation