كۇردلار مەسىلىسى
كۇردلار ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 4000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇلار تارىختا ياشىغان رايون يەنى ھازىرقى تۈركىيىنىڭ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇبى، ئىراننىڭ غەربىي شىمالى،ئىراقنىڭ شىمالى ۋە سۇرىيىنىڭ شەرقىي شىمالى،شۇنداقلا كاۋكازنىڭ قىسمەن رايونى «كۇردىستان»،دەپ ئاتالغان بولۇپ ،كۆلىمى تەخمىنەن 400مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
16-ئەسىردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى كۇردىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى بېسىۋالغان.1639-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەخمىنەن 20مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىننى ئىرانغا بەرگەچكە، كۇردىستان ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن.
1922-يىلى يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن تۈركىيە بۇرژۇئازلىرىنىڭ ۋەكىلى مۇستاپا كامال ئىنقىلاب قوزغاپ، تۈركىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. 1923-يىلى مۇستاپا كامال ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن شۋېتسارىيىدە «لوزاننا شەرتنامىسى»ئىمزالاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى كۇردىستاننى تۈركىيە،ئەنگلىيە باشقۇرۇشىدىكى ئىراق ۋە فرانسىيە باشقۇرۇشىدىكى سۇرىيىگە بۆلۈپ بەرگەن.
كۇردىستاننىڭ تۆتكە پارچىلىۋېتىلىشى كۇردلار مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان.
1979-يىلى ئابدۇللا ئوجلان مۇستەقىل كۇردىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن، كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇردى ھەم 1984-يىلىدىن باشلاپ قوراللىق پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى باشلىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتكەچكە، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تەدرىجىي ئاجىزلاشتى. 2004-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى، كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى بەش يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاپ، تۈركىيە ئارمىيىسىگە يەنە ھۇجۇم باشلىدى. مەنبە: («شىنجاڭ شەھەر گېزىتى»دىن)