قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 2843 قېتىم كۆرۈلدى
Hush_Chiray
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 72
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 4165
شۆھرەت: 2330 نۇمۇر
پۇل: 489 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-03

 (خۇشچىراي)ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ ؟

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saba7911 تەرپىدىن يورۇتۇلدى(2007-12-18)
ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ ؟


ئاپتورى: ئابدىرېھىم دۆلەت

ھېچكىم خاتالىشىشىنى خالىمىسىمۇ ، توغرىلىقىنى ئىزدىسىمۇ ، خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىق تەقدىرى بولۇپ كەلدى . ئادەملەر ئەزەلدىن بەختكە ئىنتىلدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي بەدەللەر تۆلىدى . لېكىن بەختنىڭ قەيەردىلىكى ، ھەتتا ئۇنىڭ زادى نېمىلىكى ھازىرغىچە بىر سوئال پېتى تۇرۇپتۇ . بەخت _ تارىختىكى بارلىق پەيلاسوپ - مۇتەپەككۇرلارنىڭ بەھىس تېمىسى ، لېكىن كىشىلەر ھازىرغىچە رېئاللىقتىكى " بەخت " يولىنى كۆرەلمىدى . يەر شارىدىكى دۆلەتلەر ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادالەت داۋاسى بىلەن قۇرۇلغان . بىراق بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادالەت ئۈچۈن تىنىمىسىز ياڭراۋاتقان سادالارنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز .

تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس تەجرىبە - ئىبرەتلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . خۇددى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى ئاز كەپقېلىپ ، خوجىنىياز ھاجى بۇنىڭدىن بىزگە قايتا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەندەك . ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكەنلەر ئۆز خاتالىقلىرىدىن پاتمان - پاتمان پۇشايمان - تۆۋىلىرىنى قىلىپ ، ئەۋلادلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ- يۇ ، ئەۋلادلار بولسا ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا " ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پىشقىچە " دېگەندەك ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەنىلا تالاي قان - ياشلىق ۋەسىيەت ، نادامەتلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ . بۇ بىر شۇنداق ئايلىنىدىغان ، ھەممە ئادەم شۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلسىمۇ ، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمايدىغان جەريان .

بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نوقۇل تارىخىي تەجرىبىلەرلا ئەمەس ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى دەۋرلەشتۇرىدىغان پاراسەت ، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى كۆرەلەيدىغان كۆز ، يۈزلىنىشنى پەرەز قىلالايدىغان ئۆتكۈرلۈك ، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك . ئىنسانلار ئۆز قوللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ، ئىقتىسادى ئامىللارنى بەلگە قىلغان يېڭى - يېڭى دەۋرلەرنى ياراتتى . ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرى پەيدا بولدى ، بۇلار يېڭىچە تەدبىرلەرنى تەقەززا قىلدى . يېڭى تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە ھامىلىدار ئىدى .

ئىنسانلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلدى . يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە ، بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشى ، ئىلگىرى سىرلىق بىلىنگەن ئىشلارنىڭ جاۋابىنى بىر - بىرلەپ تېپىشىغا ئەگىشىپ ، ئۆزىگە ، تەبىئەتكە ، دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى . ئىنسانلار ئۆزىنى ئىلگىرىكىدەك ئاجىز ھېس قىلمايدىغان بولدى .تېخنىكا ئارقىلىق قولغا كەلگەن ، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك مۇۋەپپىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى . شۇ جەرياندا تېخنىكا تېخنىكىنى ، بايلىق بايلىقنى ، ئېھتىياج ئېھتىياجنى تۇغدى . ئىلگىرى ئىنسانلار ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى ، ھازىر ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان بولدى . بۇ قىقاس - سۈرەنگە تولغان ئىلگىرىلەش ئىچىدە ئىنسانلار ئاستا - ئاستا ئەمەلىي ، ماددىي ئۈنۈم ئەكېلەلمىگەن ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئومۇميۈزلۈك سەل قاراشقا باشلىدى . خۇددى < قۇرئان كەرىم >دە ئېيتىلغاندەك : << ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەت يېتىپ قالسا ( ئاللانىڭ رەھمىتىدىن ) ، تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق ، ئۇ چوقۇم ( بۇ ئۆزەمنىڭ سەئىي - ئىجتىھاتىدىن كەلگەن ) دەيدۇ . ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق ، يۈز ئۆرۈيدۇ ، ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ >> {سۈرە نۈسسىلەت 49-50-51- ئايەتلەر{

بۇرۇن مەسىلىلەر ئاچلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا ھازىر توقلۇقتىن چىقىشقا باشلىدى . روھىي قىممەت ، ئەخلاق - پەزىلەتلەر ئىقتىدار ، قابىلىيەت دائىرىسىدىن سانالمىغاچقا ، ئۇ ئىنسانلارغا بىۋاسىتە نەپ ئەكېلەلمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك بازارلاشقان دۇنيادا ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتۇقچە ساناپ ، تەرك ئېتىشكە باشلىدى . ئەگەر ئىنسانلار ئادەم ئەخلاققا مۇھتاج ئەمەس دېگەنگە ئاساس تاپماقچى بولسا ، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك . ئادەم ئادەملىك سالاھىيىتىنى ، مەنىسىنى يوقاتمايدىكەن ، ئەخلاقمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ . ئەخلاقنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ . ھازىرقى ئەخلاقلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ ھەقىقىي ئىنسانىيلىقتىن كەلگەن تەبىئىي ئەخلاق بولماستىن ، بەلكى ئەخلاقلىق بولۇش زۆرۈر بوپقالغاچقا ، شەكىللەندۈرۈۋالغان سۈنئىي ئەخلاق ئىدى .

كىشىلىك ھوقۇق ، ئەركىنلىك ، دېموكراتىيىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرغىب قىلىنىشى باشقىلارغا ئېنىق بولمىغان بارلىق ئىشلارنى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارغا ئايلاندۇردى . ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئوچۇق - ئاشكارە ئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ نوپۇزى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتتى .

ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ ؟ يا بۇ ئەقىل قايسى خىل ئەقىل ؟

ماھىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراش ، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . شەيئىلەرنىڭ قانداق كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ شەكلىگىلا باغلىق بولماستىن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى كۆزىتىشتە قوللانغان ئۇسۇلغا باغلىق .بىز ئوخشاش شەيئىينى ئوخشىمىغان بىر قانچە نۇقتىدىن كۆزەتسەك ، ئۇمۇ بىر قانچە خىل شەكىلدە كۆرۈنىدۇ . كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك ، رەزىللىككە تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ . ئامېرىكىلىقلارمۇ پرىزىدېنت كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئەپۇ قىلدى . بۇ ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى مەنپەئەت ئۈچۈن قانداق قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . يېقىندا پارىژ خەلقى ئۆزىگە ئۆزىنىڭ بەچچىۋاز ئىكەنلىكىنى ئېنىق جاكارلىغان بىرىنى شەھەر باشلىقى قىلىپ سايلىدى . بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ، رەزىللىككە ھۆكۈم قىلىشتا ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئامېرىكىچە، فىرانسۇزچە كۆزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

خەلق تاللىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرا دەپ قارالدى . بۈگۈنكى كىشىلەر دەل ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرالايدىغان ( << نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغۇچىلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر >> {قۇرئان كەرىم } دىن ) ئۆزىگە راھەت ، لەززەت ئەكېلەلەيدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئىستىېمال بۇيۇمى سۈپىتىدە تاللىۋالدى . جىنسىي راھەت بولسا ، ئىنسانلار تاللىۋالغان ئەڭ ئەجەللىك راھەت بولدى . بۇنى قاندۇرۇش بۈگۈنكى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەخسنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى ئىش ، دەپ قارالدى . ئەنئەنىۋى نىكاھ ، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى . ھەتتا بەزى يەرلەردە ئائىلە ھېچقانچە مۇھىم دەپ قارالمايدىغان ، كىشىلەر ئائىلىنى ئۆزىگە تۈرمە ، دەپ قارايدىغان بولدى .

كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىنساننىڭ تېنىگە زىيانلىق بولغاچقا ، كىشىلىك ھاياتقا تەھدىت ئەكەلگەچكە چەكلىدى . ناۋادا ئىنسانلار ئۆز روھىنىڭ ساغلاملىقىنى تېنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان بولسا ، ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز روھىي كرىزىسكە دۇچار بولماس ئىدى . مەنىۋى بۇزۇلۇش ئادەمنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئەكەلمىگەچكە ، كىشىلەر ئۇنىڭغا سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بەرمىدى . ئادەملەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى ، جازالىدى ، مېنىڭچە روھىنى بۇلغىغان مەنىۋى زەھەر تارقاتقۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا جازالاش كېرەك .

شۇنى قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇكى ، بىر جەمئىيەتتە ئوغرىلىق ، بۇزۇقچىلىق ، قاتىللىق دېگەندەك جىنايەتلەر گاھى - گاھىدا يۈز بېرىپ تۇرسا ، بۇ نورمال ھادىسە ھېساپلىنىدۇ ، لېكىن ھەمىشە يۈز بەرسە بۇ نورماللىق بولماي ، ئاللىقاچان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ ، شۇنىڭدەك جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە ، بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە ، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ . مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس ، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە " توغرا " چۈشىنىپ ، ئەپۇ قىلىشى ، ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بوپكەتسە ، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن .

مەن يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ، بۇزۇقچىلىقلارنى مەسىلىنىڭ ئۆزى ، دەپ قارىمايمەن . ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ، ئىنسانلارنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە قۇرغاقلىشىپ قاغجىراپ كەتكەن روھىيەت ئېتىزلىقىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىلارنىڭ بىر نەچچە تۈپىدۇر .

بۇ ئەسىردە ئەڭ كۆپ نەرسىمۇ ئادەم ، ئەڭ ئاز نەرسىمۇ ئادەم بولدى . بۇ ئەسىردە جاھان ئىمپېراتۇرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە " ماڭا چۈشۈۋاتقان قۇياش نۇرىنى توسۇۋالدىڭ " دېيەلىگەن ھېلىقى كىشىدەك روھى بار ئادەملەرنى تاپقىلى بولمايدۇ . بۇنداق كىشىلەر قەۋەتلىك بىنالارنىڭ رەتلىك ئىشخانىلىرىدىن ، دۆۋە - دۆۋە كىتاب - ماتېرىياللار ئارىسىدىن ، قاتۇرۇپ كىيىنىپ ، قۇرساقلىرىنى ساڭگىلىتىۋالغان ئېسىلزادىلەر ئارىسىدىن ، قىلالمىغان ، قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلىرىنى پەلسەپىۋى تىللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر كىشىلەر ئارىسىدىن تېپىلمايدۇ . ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى شۇنچە ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىكى ، ئۇلار تارىختا ئۆتكەن ئاد ، سەمۇد قەۋملىرىدىن بەس تالىشالايدۇ . بۈگۈن ئىخلاس ، ساداقەتمەنلىك يوقالدى . بۇ بىر خۇدانى ئۇنتۇلغان ، ئىنسانلار ئۆزىنى خۇدا قىلىۋالغان بىر دەۋر بولدى . نەپىس ئېتىقادتىن غالىپ كەلدى .

ئېرىخ فرۇم نېتزىي 20- ئەسىردە " ئادەملەر ئۆلدى " دېدى . ئۇ ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدەك بىر مىسلىسىز ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . گەرچە بۇ گەپ 1979 - يىلى دېيىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭ رىئاللىقتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرگىنىمىز يوق .

يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ روھىي قۇرغاقچىلىق ، ئېتىقادى ئەزەلدىن سۇيۇق بۇ مىللەتكە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى . بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ئۇيغۇر ئاتا - ئانا ئۆزىنىڭ قىز - ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس . ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھەببەت بۇزۇقچىلىقنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى . ئىپپەت قىزلار گۆھەرلىك سالاھىيىتىنى بارا - بارا يوقۇتۇشقا باشلىدى . يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا خۇددى كىچىكىمىزدە پاسكىنا سۇنى : " كۆزۈم كۆرمىدى ، قۇلىقىم ئىشتمىدى " دەپ ئىچكەندەك مۇئامىلە قىلىشقا يۈزلەندى . قىزلىق پەردە ئوپېراتسىيىسىنىڭ بازارلىشىشى ، پارتلىماي قالغان يانار تاغنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتكەندەك بىر ئىش بولدى . ياشلىرىمىز تورمۇزى بۇزۇلۇپ كەتكەن ماشىنىغا ئوخشاپ قالدى . ئىلگىرى كوچا - كويلاردا ، كىشىلەر كۆرۈپ قالىدىغان ئوچۇقچىلىقتا ئىتلار جۈپلىشىپ قالسا ، كىشىلەر تاش ئېتىپ قوغلىۋېتەتتى ، ھازىر ئىتلارمۇ خىجىل بولۇپ خالىي جايلارغا كېتىدىغان بولدى . ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدىلىكتە ئادىمىي ئىتلار ئالدى . ئەرلەر ئاياللىرى باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىسا ئۇنى كۈنلەش قالاقلىق ، مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قارايدىغان ، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى توغرا چۈشىنىدىغان بولدى . ئەجىبا ، ئۇلار بۇزۇقچىلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەي قالارمۇ ؟

جىنسىيەت ھازىرقى " مەدەنىيەتلىك " جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاشكارا تېما قاتارىدا قوبۇل قىلىندى . جىنسىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىك ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى . باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ھازىرقى كۈندە ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ . بىز بولساق بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي ساۋاتلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرمىگەنلىكتىن ، دەپ قارىدۇق . ئوقۇغۇچىلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا ، ئوقۇغۇچىلار بۇنى بىلىم دەپ قوبۇل قىلارمۇ ياكى ھەۋەسلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرارمۇ ؟ ( تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گېگىنا دەرسىدە كۆپىيىش سىستېمىسىنى ئۆتكەندە قانداق ھېسىسىياتتا بولغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ ) . نومۇسلىق جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن . ئېيتىلىشىچە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللارغا ئايرىم كۈندە ، ئايرىم جايدا نەسىھەت قىلىدىكەن ، ھەم ئاياللارمۇ سوئاللىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ئائىشە ئارقىلىق سورايدىكەن .

ناۋادا ئېتىقاد يوقالسا ، ئەخلاق يوقايدۇ ، ئەخلاق يوقالغاندا ، قانۇننىڭمۇ رولى قالمايدۇ . < قۇرئان كەرىم >دە ئېيتىلىشىچە ، ئەخلاقنى يوقاتقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇ ئومۇميۈزلۈك بەچچىۋاز بوپكەتكەچكە ، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي ئاخىرى شەھىرى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ ھالاك بوپتىكەن .

ھازىر قىز - يىگىتلەر بىر - بىرىنى تاللىغاندا تاشقى قىياپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ ، مەنىۋى قىياپەت بىلەن ئانچە ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولدى . ئاتا - ئانىلارمۇ كۈيئوغۇل ، كېلىننى ئابروي ، پۇل ، ھوقۇق نۇقتىسىدىن بەكرەك تاللايدىغان بولدى ( مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالام << دىيانەتلىكنى تاللاڭلار >> دېگەنىدى ) . ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەلىپىمۇ دەرس نەتىجىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ ، ئەخلاق تەلىپى تولىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى . ئاتا - ئانىسىنى " سىز ، سىلى " دەپ ئاتايدىغان بالىلار قالمىغىلى تۇردى .

ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بەختلىك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ، خاتىرجەم ئائىلە تېپىش ئاسان ئەمەس . ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنمىگەنلىكىدىن ، تەلەپ ئېھتىياجىنى پەرمانبەردارلىق بىلەن ئورۇندىمىغىنىدىن ..... ، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى خوش دەپ ئاڭلىمىغىنىدىن ، بۇرنىدىن يېتىلىمەكچى بولغانلىقىدىن ، پارچە - پۇرات ئىشلارغا تولا پۇل بۇزىدىغانلىقىدىن ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا تولا ئارىلىشىۋالغانلىقىدىن .... قاقشايدۇ . ئەرلەر لايىقىدا ئەر ،دادا بولۇپ بولالماي ، ئاياللار خوتۇن ، ئانا بولۇپ بولالماي تۇرمۇشىدىن رەنجىپ يۈرۈشمەكتە . تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ روھىنى بەربات قىلىۋېتەلەيدۇ . بۇ ، روھىمىزنىڭ قانچىلىك ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئەرلەر دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلاردىن ئىكەنمىش . ھازىر ئائىلە غېمى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىگە ئايلانغان . ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ئائىلە ماجرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلەنمەكتە . يىگىت دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەننى بىلدۈرەتتىكەن ، ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ ئىقتىدارى مۇھەببەتلىشىشتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ . ئائىلە تاپا - تەنە ، رەنجىش ، كايىشلار بىلەن تولغان . ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىك ، مۇھەببەت بۇلىقىغا ئايلانماي ، ئۇرۇش - جېدەلنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى ، ئەر- ئايالنىڭ بىر - بىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىكى ئۇلارنى تالادىن سۇ ئىچىدىغان يەر تېپىشقا مەجبۇر قىلغان . . . ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز .

بۈگۈنكى دەۋر ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى . لېكىن ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ روھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . ئادىل يىلدىرىمنىڭ < غەلىتە ئۆزگۈرۈش > دېگەن ھېكايىسى گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ئەينەن ئەكس ئەتتۈرمىسىمۇ ، روشەن بىر يۈزلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ھېكايىدىكى پاجىئەلەر ئاۋۋال روھ ئاينىغاندىن كېيىنكى تەننىڭ ئاينىشىدۇر .

مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مۇكەممەل جەمئىيەت جىنايەتتىن پۈتۈنلەي خالىي جەمئىيەت ئەمەس ( ئەمەلىيەتتە بۇنداق جەمئىيەت مەۋجۇد ئەمەس ) . بەلكى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، يوقىتىشقا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ قويمىغان جەمئىيەتتۇر . ئادەمنىڭ مۇكەممەللىك ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە تەققاسلاشقا بولىدۇ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ دىپلوم ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغىلى ، بىر نەچچە يىل ئىشلەپ دوتسىېنىت ، پروفېسسور بولغىلى بولىدۇ . لېكىن ھەقىقىي ئادىمىيلىكىنى دىپلوم ، ئۇنۋان ئالغاندەك ئالغىلى بولمايدۇ . جەمئىيەتمۇ بىرەر قېتىملىق ئىسلاھات بىلەنلا بولدى قىلسا بولمايدۇ ، چوقۇم ئىزچىللىقنى ساقلىشى كېرەك ، { ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ ، ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئەمەلدۇر } <ھەدىس>تىن.

تارىختىن بۇيان ھەققانىيەت ، ئەخلاق دەۋەتلىرى پەيلاسوپ - مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئاغزىدىن بالدۇر چىققان بولسىمۇ ، بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ پەرۋايى ھەمىشە پەلەك بوپكەلدى . ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ، ئىقتىسادقا زىيان ئەكەلمەيدىغان ئىشلارنى ھامان كۈنتەرتىپنىڭ ئاخىرىسىغا تىزدى . بۇنىڭغا نۆۋەت كېلىپ بولغىچە يەنە يېڭى - يېڭى باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار چىقىپ ، بۇنىڭغا قاراشقا ھەقىقەتەن " چولىسى " تېگىپ بولالماي قالدى .

ئىلگىرى كىشىلەر ئاچلىقتىن بىر - بىرىنى يېگەنىدى . ھازىر بولسا توقلۇقتىن يەۋاتىدۇ . لۇشۈن ئەپەندى : " بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ! " دەپ نىدا قىلغانىدى ، لېكىن مەن ئاۋۋال ئۆزەڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ، دەپ نىدا قىلىمەن . چۈنكى ئۆزى ئوت ئىچىدىكى ئادەم قانداقمۇ يەنە ئوت ئىچىدىكى ئادەمنى قۇتقۇزالىسۇن ؟
!
[ بۇ يازما Hush_Chiray تەرپىدىن 2007-12-18 21:13 دە ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(saba7911) ئەھمىيەتلىك
شۆھرەت:+10(manggutax) ئەھمىيەتلىك
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-12-09 00:23 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2555
شۆھرەت: 1975 نۇمۇر
پۇل: 2784 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 845(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ«مەدەنيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز»دىگەن ماقالىلەر توپلىمىمۇ ھەقىقەتەن ئىسىل كىتاپتور.رەھمەت سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە خۇشچىراي،بۇ ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىگىشلىك تېما.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 01:16 |
kara-kuyun
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21377
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 203 نۇمۇر
پۇل: 718 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29

 

خۇشچىراي،سزنىڭ يوللىغان  بۇ  تىمىڭىزنى ئوقۇپ  مەنمۇ ئويلىنپ قالدىم،ئەخلاقنى زادى قەيەردن باشلاش كىرەك؟ھازرقى ياشلىرمىزنى جۇملىدىن ئۆسمۇرلىرىمىزنى، ئەخلاقى جەھەتتىن قانداق تەربىيلەش كېرەك،بولسا سىزنىڭ كۆزقارشىڭزنى ئاڭلاپ باققىم بار ،رەخمەت سىزگە.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 02:06 |
oyganzimin
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22086
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 276 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-07

 

رەخمەت يوللىغان تىمىڭىزغا ..
توغرا بىرىنجى بولۇپ ئۆزىمىزنى تىۈزىتىشىمىز كىرەك ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 05:55 |
orkixi
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 595
شۆھرەت: 263 نۇمۇر
پۇل: 1368 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

رەخمەت يوللىغان تىمىڭىزغا
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 09:00 |
orkixi
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 595
شۆھرەت: 263 نۇمۇر
پۇل: 1368 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

مۇشۇنداق ئۇزۇن  تېمىنى يوللىغان قوللىرىڭىزغا  دھت كەلمىسۇن ، بىراق مەن ئىككىگە بۆلۈپ ئوقۇپ بولغۇچە كۈزۈم بۇلالماي قالدى . كۈزۈمدىن چاتاق چىقسا سىز  ئىگە جۇمۇ ، تېمىنى مۇشۇنداق ئۇزۇن يوللىغاندىكىن (چاخچاق)
كۆپ ئەجرى قىپسىز ، بۇ تېما  ھەر بىر ئادەمنى چۇڭقۇر ئويلۇنۇپ بېقىشقا  ئۈندەيدىكەن . ھازىرقى ئەخلاق تەربىيە مائارىپى  بۇ  جەھەتتە  ئانچە چوڭ ئۈنۈم قازىنالمىدى . كەچۇرۇڭ ، كومپېيوتېرمدىن ھزرھق كاشىلا كۈرۈلۈپ ، پىكىر
بايان قىلىلمىدىم ، رەھمەت سىزگە .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 09:09 |
free
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 20737
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 615
شۆھرەت: 615 نۇمۇر
پۇل: 1990 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-23

 

رەخمەت سىزگە.بولسا تېخىمۇ ياخشى تىمىلىرىڭىز دىيارىمدىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 10:26 |
aytikin97
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
پۇل: 167 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-14

 

ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.............. ئەرلەر دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلاردىن ئىكەنمىش . ھازىر ئائىلە غېمى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىگە ئايلانغان . ھەي.................................
[ بۇ يازما Hush_Chiray تەرپىدىن 2007-12-20 15:40 دە ]
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 13:09 |
turkinaz
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20648
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1169
شۆھرەت: 1308 نۇمۇر
پۇل: 4684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ياق، ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى، ھازىرقىدەك دەۋردە ئەخلاققا تېخىمۇ مۇھتاج. ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ بىر- بىرىدىن تۈپ پەرقى ئەخلاق، ھايا، مەدەنىيەت دىگەنلەردە. بۇلارمۇ يوقاپ كەتسە نىمىگە ئايلىنىپ قالارمىز؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 13:48 |
yolbax1
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 19924
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 358
شۆھرەت: 332 نۇمۇر
پۇل: 1319 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-17

 

تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن ، ئەخلاقنىڭ ئەلبەتتە ۋاختى ئوتمەيدۇ ، مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزدە، ھەممە ئىشنى ئوزىمىزدىن باشلاپ تۇزۇتىشىمىز كىرەك .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 17:46 |
sejda
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 214
شۆھرەت: 229 نۇمۇر
پۇل: 808 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ دىپلوم ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغىلى ، بىر نەچچە يىل ئىشلەپ دوتسىېنىت ، پروفېسسور بولغىلى بولىدۇ . لېكىن ھەقىقىي ئادىمىيلىكىنى دىپلوم ، ئۇنۋان ئالغاندەك ئالغىلى بولمايدۇ .
ھەقىقەتەن تۇغرا گەپ،كىشىنىڭ ئەقىل تېپىشى ،ھەقىقى يېتىلىشى ئۇنىڭ يېشى،سەۋىيىسى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز......
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 21:00 |
najwa
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-28

 

ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلىرىمىز بالىلارنى نوقۇل دەرسلىك پەنلىرىنىلا ئۆگەنسە بولىدۇ دەپ قاراپ ،پەرزەنتلەرگە بولغان ئەقىدە،ئەخلاق ،خاراكتېر تەربىيىسىگە سەل قاراۋاتىدۇ.«ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس».بالىلار-مىللەتنىڭ كەلگۈسى.شۇڭا بالىلارنى ئىمان-ئېتىقادلىق،خاراكتېرلىك تەربىيىلەش ناھايىتى زۆرۈر.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-21 18:54 |
ataxhan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22265
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 370 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 

ئەخلاققا ھازىر بىز تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكراق مۇھتاج بولۋاتىمىز،مەنمۇ شۇنى تەشەببۇس قىلىمەن:ئىشنى ھەممىز ئۆزىمىزدىن،ئاندى قالسا ئۆز پەرزەنتلىرىمىزدىن باشلىساق ھەرگىز يېڭىلمەيمىز!!!!!تېمىڭىزغا رەھمەت!!!
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-25 11:38 |
mahkum
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17744
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 72 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-03

 

مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر كىشىسى بۇنى كورۇپ ئۆزىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.........
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-27 18:31 |
lakqin
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23132
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 900
شۆھرەت: 960 نۇمۇر
پۇل: 3007 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

«ئۆزى ئوت ئىچىدىكى ئادەم قانداقمۇ يەنە ئوت ئىچىدىكى ئادەمنى قۇتقۇزالىسۇن »

                                  بەك بەلەن گەپكەن . 
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-12 16:10 |
啊呀呀
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23502
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-25

 

ئەخلاقنىنڭ              ۋاقتى            ئۇتكىنى            يوق 
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-12 16:19 |
laila325
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21618
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-03

 

ئەخلاق بىز ھەمىمىز ئۇيلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر  ئىش.جەمىيەتنىڭ ھازىرقىدەك بۇزۇلۇپ كىتىشىدە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت ۋە كىنۇ -تىلىۋۇزۇرلارنىڭ تەسىرى بەك چۇڭ دەپ ئويلايمەن. بۇلۇپمۇ تىلىۋىزىيە-ئىستانىلىرىنڭ ئىلان بەرگەن ۋاقىتلاردا ئىلانلارنىڭ ساغلام بۇلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بۇلسا،چەت-ئەللەردە بۇ نۇقتىغا .ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىكەن.بىزنىڭ بۇدۇلىتىمىزدە ھۇكىمىتىمىز تىلىۋىزىيە ئىستانىلىرىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىمەمدۇياكى ئىلاندىن ،كىرىدىغان كىرىم بەك يۇقۇرىمۇ ئىلانلارنىڭ كۆپىنچىسى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىلانلىرى.ئىلانلارنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن بەك كۈچلۇك بۇلىدىكەن.بىزنىڭ كىچىك ئىنە-سىڭىلىرىمز ئۇزىنڭ يىشىغا ماسلاشمىغان سۇئالارنى،سۇراپ بەزىدە ئادەمنى ھەرخىل ئۇيلارغا سىلىپ قويىدىكەن.ئىشەنمىسىكىز سىزمۇ ئۇكىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ بىقىڭ.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-17 16:49 |
qumak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
پۇل: 207 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30

 

مېنىڭچە  بىزدە  ئەخلاقنىڭ  مەڭگۈ ۋاقتى  ئۆتسە  بولمايدۇ  .  ئەدەپ  ئەخلاقنى  يوقاتقىنىمىزدىن  بۇرۇنقى  ئىپتىداىي  جەمىيەتكە  قايتقىنمىز  تۈزۈك ...
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-19 09:45 |
alsura
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 158 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

ئەخلاق ۋاقتى  ئۇتۇپ كىتىدىغان نەرسە ئەمەس.......توغرىمۇ ؟.....شۇڭا  ئەخلاق--------- ئادەم زىننىتى .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-22 01:57 |
alsura
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 158 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

خۇشچىراي  ياخىشى  يوللاپسىز ....رەھمەت
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-22 01:59 |
alsura
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 158 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

ئەخلاق ۋاقتى  ئۇتۇپ كىتىدىغان نەرسە ئەمەس.......توغرىمۇ ؟.....شۇڭا  ئەخلاق--------- ئادەم زىننىتى .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-22 02:01 |
md118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19255
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 22 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-02

 

بۆرىنى قوتانغا  باشلاپ قويۇپ ،،ئۆيدە بىر-بىرىگە تاپا -تەنە قىلىش
نىمىدىگەن توغرا سۆز بۇ،،،،،،
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-25 15:41 |
jahanxah
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24288
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 212 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-26

 

مۇشۇنداق نادىر تىيمىلارنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-29 18:31 |
meskin
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-05

 

رەھمەت سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە خۇشچىراي.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-31 15:32 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3577
شۆھرەت: 3378 نۇمۇر
پۇل: 11308 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

ئەخلاقنىڭ ۋاختى ھەرقانداق زاماندا ،ماكاندا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ .ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرىقى شەرمى -ھايا ،ئەخلاق -پەزىلەتتە پەرىقلىنىدۇ ،شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەخلاقنى ئۆزىمىزگە ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇش ،شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تىزگىنلىشىمىز كىرەك .ئەۋلاتلارنى چۇقۇن ئەخلاغلىق تەربىلەپ چىقىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز .رەخمەت تىما ئىگىسىگە .ئەخلاق ھامان بىز بىلەن بىرگە ياشايدۇ .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-31 17:43 |
tuhpikar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 319 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 

يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-26 01:08 |
izlax
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-29

 

پىكىرلار  چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان ئەسەركەن  بۇ  بەكلا  ياقتۇرۇپ قالدىم....
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-26 01:59 |
8110010
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24406
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 147 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

سەھرا سۈتلىرى
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-27 10:21 |
izlan~tirix
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26160
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-04

 

ئەخلاقنىڭ ھەرگىز ۋاقتى ئۈتكەن ئەمەس، شۇ ئەخلاق جەھەتتە بۇزۇلغان ئادەملەرنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ياخشى ئەمەس مىنىڭچە، مەن شۇنداق ئويلايمەن ئىشقىلىپ، ئۆزى خاتالىشىپ قالغىنىنى باشقىلارغا دۇڭگەپ قۇيۇش بەك چاكىنىلىق، تەقدىرىنىڭ شۇنداق ئۇڭۈشلۇق بۇلماي قىلىشىنى ھەرگىز باشقىلاردىن كۆرمەسلىك، پەقەپ ۋە پەقەت ئۆزىدىنىلا كۆرىشى كېرەك. ئۆز گۇناھىغا ھەقىقى تۆۋە قىلغان كىشى ئالىيجاناپلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-05 18:55 |
mayinxamal5
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 125 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-14

 

بۇتوغرىسىدا تەپسىلى ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ.........................................................................
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-14 16:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 03:57
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号