قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 1216 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: {بوزقىر} ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 222
شۆھرەت: 512 نۇمۇر
پۇل: 1090 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 475(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30

 {بوزقىر} ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-03-03)
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ


ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺳﻪﻫﻪﻥ ﺑﻮﺯ ﻗﯩﺮ


ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﺒﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﺒﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼﻧﺴﺎﻣﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯜﺳﯜﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭﺍﻧﻪ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ – ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﺪﯗ. ﭼﯘﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ.
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ (ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﺳﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ) ﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ. «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ»)«一切经音义»(ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻰ 11- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ. «ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯞﺍﻧﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯘﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﯗ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 736- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﯩﺮ(ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ 裴 ﺩﻩﭖ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ) ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1005- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﻯ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻴﻪ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﺪﯗﺭ.
ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﻧﯩﯔ ﺳﯧﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯜﺭﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﺸﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﻪﺭﯨﺒﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﯨﺒﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﯟﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻧﺴﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻯ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﯩﺮ ﺧﯘﻳﻼﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻲ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻬﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺘﯧﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺷﻜﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻛﯜﭺ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﺑﻠﯩﻤﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺑﺨﺎﭺ(ﺧﻪﻧﺰﯗ)ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﺴﻜﯩﺮﯨﺘﭽﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ”2- ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ “ ﺩﻩﭖ ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺪ - ﺟﺎﻣﻪﻟﻪﺭ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ – ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺗﯩﯟﯨﭗ، ﻣﯩﻤﺎﺭﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﯩﮕﻪ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﻪﯞﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﯧﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﯩﺸﯩﻖ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﭖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ 100 ﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ 52 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 788- ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ 74 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ (801- ﻳﯩﻠﻰ) ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ 8ﺟﯩﻠﯩﺪ، 16ﻗﯩﺴﯩﻢ، 85 ﺑﺎﺑﭙﻠﯩﻖ «ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯞﺍﻧﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﭖ – ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ 20 ﻳﯩﻠﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻨﯩﯔ 464- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1072- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﺟﻪﻣﺎﺩﯨﻴﻪﻝ ﺋﻪﯞﯞﻩﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯜﺯﺗﯜﭖ ﯞﻩ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﭖ، 466- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1074- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ)ﺟﺎﻣﺎﺩﯨﻴﻪﻝ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 10- ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﯩﺪﻩ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻧﻮﻣﻰ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﻠﯘﻗﻼﺭ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﻨﯩﯔ (ﻣﺎﻫﺎﻳﺎﻧﺎ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻨﯩﯔ) ﺋﻪﯓ ﺗﯜﭖ ﻧﻪﺯﻩﺭﻳﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻫﻪﺕ – ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻣﺎﻫﺎﺑﺨﺎﺭﺍﮊﺍﻧﺎ ﭘﺎﺭﺍﻣﯩﺘﺎﺳﯘﺗﺮﺍ» (mahaprajna paramita sutra) ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ«护命法» ﺳﯘﺗﺮﺍﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰﻫﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﻮﻣﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﻰ 5480 ﺟﯩﻠﺪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ، ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﻪﺭﺗﯩﯟﺍﻻﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ «ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯞﺍﻧﻰ» ﮔﻪ ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ – ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ، ﺑﯧﻴﯩﺖ – ﻗﻮﺷﺎﻕ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﯚﺯ ﻫﻪﻡ ﺋﯩﺒﺎﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ 7500 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯩﻠﻰ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺒﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ – ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻧﻨﯩﯔ «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﻮﻗﺘﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﮕﯩﺮﺍﻓﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﻞ – ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﭘﻪﻟﺴﯩﭙﻪ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻮﻝ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯟﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﺋﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻤﯘ«ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯞﺍﻧﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﯛﻛﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﺴﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﺋﯚﺭﯛﭖ – ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯩﺮﯨﭽﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﮕﯩﺮﺍﻓﯩﻴﻪ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﻘﺪﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻮﻝ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ، ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻮﻥ، ﺋﯧﺘﻨﯩﮕﯩﺮﺍﻑ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺳﻪﻫﺎﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﻫﻪﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺭﯛﭖ – ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﭘﻮﻟﻮ، ﺷﻮﺭﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ: ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ« ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﺭﺍﻣﻤﺎ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻨﻰ – ﺳﯘ – ﻣﯘﺯ ﺋﯘﻳﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺳﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ:«ﺳﯘ – ﻣﯘﺯ ﻏﻪﺭﺑﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯘ – ﻣﯘﺯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﯘﻳﯘﻥ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﻰ ﻫﯧﻠﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻗﯘﻧﺘﯘﺯ، ﭼﯜﻣﺒﻪﻝ، ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯘﻳﻨﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻳﯧﺮﺗﻘﯘﭺ ﺳﯚﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺟﯩﻦ ﺋﻪﺭﯞﺍﻫﻼﺭ ﺳﯚﺭﺗﯩﺪﻩ ﻧﯩﻘﺎﭖ ﺗﺎﻗﺎﭖ ﺋﻮﻳﻨﻠﯩﺪﯗ. ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻻﻱ، ﺳﯘ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﻟﯩﺪﺍ ﺳﺎﻟﻤﺎ ﺋﯩﻠﻤﻪﻙ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ 7 ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﻳﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﻦ ﺷﺎﻳﺎﺗﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﺵ ﺋﯘﻳﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.....» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻧﻨﯩﯔ « ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﻛﯜﭼﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻗﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1737- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 2- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﻠﯩﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1880- ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ « ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯞﺍﻧﻰ» ﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ 8 ﺟﯩﻠﺪ، 16 ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ 200 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. 1916- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﻴﻪﺩﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﯧﻤﯩﺴﭽﻪ، ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ، ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﭽﻪ، ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﻼﺭﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻣﯩﻠﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺘﯩﻠﯩﺪﻯ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﺩﺩﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻣﯘﻟﯩﺸﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﻩ «ﭘﯩﺸﯟﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﺎﻧﻰ ﺷﺎﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ «ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ 20 ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﭘﯩﺘﻨﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻫﯧﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 450- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﭘﯩﺘﻨﯩﺴﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﯞﺳﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﯞﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﻛﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻛﯩﺮﻩﻙ ﻫﯧﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﻫﯧﺠﯩﺮﻩﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﺷﻪﻫﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﻪﻫﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ». ﺋﯘ«ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯞﺍﻧﻰ» ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻠﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﻣﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﺑﯩﮕﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﻰ ﺷﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻫﻪﻡ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯜﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺗﯘﭘﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ 7 ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﭖ 97- ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻮﭘﺎﻟﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﯧﺘﯩﻘﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻧﺴﯩﻜﺮﯨﺖ، ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ(ﺧﻪﻧﺰﯗ) ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻣﺰﯨﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﻤﻪﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺭﯨﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﯨﺒﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﻫﯧﺠﯩﺮﺍﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯘﻫﺎﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﯩﻨﺠﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻻﺭ:
1. ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ:«ﺳﯜﻱ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ»، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999- ﻳﯩﻠﻰ 7- ﺋﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 160-، 161، 162،163، ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
2. «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻨﯩﯔ 2005- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 6- ﺳﺎﻧﻰ، 36-، 37، 39- ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
3. «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﻴﺴﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2005- ﻳﯩﻞ 8- ﺋﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ 1- ﺗﻮﻡ 222 ﺑﻪﺕ.
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-03 22:14 دە ]
تېما تەستىقلىغۇچى : saba7911
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2007-12-06, 03:51
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(baturjangqi) ياخشى ماقالە
شۆھرەت:+10(Ay~chiwar) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-12-06 07:40 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
ildana
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 5804
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 170 نۇمۇر
پۇل: 774 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-25

 

ئاڭلاپمۇ باقماپتىمەن توۋا، پىرخۇيلاننى
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 12:57 |
aljazir
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21847
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 650
شۆھرەت: 650 نۇمۇر
پۇل: 945 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

رەخمەت
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 14:28 |
shahyar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 5510
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 247
شۆھرەت: 151 نۇمۇر
پۇل: 685 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30

 

مىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم پىر خۇيلاننى ئاڭلىشىم.ئۆمەرجان ھەسەن بوز قىرنىڭ  ماقالىلىرى كىشىنى تولىمۇ سۈيۈندۈردۇ.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 14:32 |
Xayih
تەھرىر
ئالاھىدە تۆھپە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
دەرىجىسى : باش كاتىپ


UID نۇمۇرى : 4549
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 952
شۆھرەت: 689 نۇمۇر
پۇل: 2128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-03

 

قەشقەرلىق بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بىرسى بۇددا يەنەبىرسى ئىسلام ئەقىدىسىدە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەختىنى چىقىش قىلغان.

بوز قىر ئەپەندىگە تەشەككۇر.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 19:05 |
palchi
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20689
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 46 نۇمۇر
پۇل: 248 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 68(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 

بوز قىر  ئەپەندى  بۇددا ئىلمىنى تەتقىق قىلدىغان ساناقلىقلا تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بىرسى. بىراق
ھازىر سەلكىن مۇنبىردە  بۇ ئالىمىمىزنىڭ  ئەسەرلىرى ئۈستىدە قاتتىق مۇنازىرە بۇلۋاتىدۇ. دوسلارنىڭ
كۈرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 22:48 |
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2144
شۆھرەت: 1969 نۇمۇر
پۇل: 5215 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

مۇنداقمۇ ئالىملىرىمىز باركەن ھە،نادىرلاشقا تېگىشلىك تىمىكەن.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 23:50 |
Toghrak731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 804
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 906
شۆھرەت: 809 نۇمۇر
پۇل: 3075 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-10

 

ئاپتورنىڭ ئەجرىگە رەخمەت، مىنىڭمۇ تۇنجى ئاڭلىشىم .
باشقۇرغۇچىلاردىن بىرەسىمۇ نادىرلىۋەتمەپتا بۇ نى 
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-07 00:59 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2555
شۆھرەت: 1975 نۇمۇر
پۇل: 2784 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 845(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

پىرخۇيلان دەپ تۇنجى ئاڭلىشىمكەن مىنىڭ.تىخىمۇ تەپسىلى تولۇقلايدىغان دوستلار بارمىدۇ؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-07 01:10 |
owqe
ۋەتەن
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9693
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 893
شۆھرەت: 859 نۇمۇر
پۇل: 2921 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-01

 

ھەي بوزقىر راستىنلا لۈكچەك بولاي دەپتۇ.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-27 07:09 |
kirim
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22791
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 212 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-28

 9-قەۋەتتىكى(owqe) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

رەخەت سلەرگە.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-27 13:53 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

پىر خۇيلان ھەققىدىكى بۇ قىسقىغىنە تەرجىمىھالنى تىمىڭىزغا  ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم . تولۇقلىمىسى بولۇپ قالار .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

       
ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم - پىرخۇيلان
         
             
              پىرخۇيلان ( 726 - 820 - يىللىرى ) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ .
پىرخۇيلان (  裴悲  ) مىلادى 736 - يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر ( خەنزۇچە خاتىرىلەرگە  裴  دەپ پۈتۈلگەن )  فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى . ئۇ ياشىغان دەۋىرلەردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى . بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىنىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى قەشقەرنى ھەرقايسى ئەللەردىكى بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ مۇقەددەس زىيارەتگاھىغا ئايلاندۇرغان ئىدى .  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرىق ئەللىرىدىن كېلىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە ئالىملىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنەتتى . بۇ دەۋىردە يەنە سانسىزلىغان مۇتەپپەككۇرلار ، ئالىملار ، تەرجىمەشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ ، قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى .
ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەن پىرخۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالى ئىبادەتخانىلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان . بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگۈنىش ئۈچۈن تىل - يېزىق ئۆگۈنىشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ ، ئۆز ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان . نەتىجىدە ئۇ كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتابلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىلىگۈچىسى ، بۇ جەھەتتە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس ، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان .
پىرخۇيلان ئۆمۈرىنىڭ كىيىنكى چاغلىرىدا قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە « پىشىۋا ئالىم » دىگەن شانۇ - شەۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ چاڭئەندە 20 يىل قان - تەر ئاققۇزۇپ ، « بارلىق نوم سۆزلىكلەرنىڭ شەرھىسى » ( 一切经音义 ) ناملىق يۈز تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان . ئۇ چاڭەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسى ( 西明寺 ) دا 52  يېشىدا ( مىلادى 788 - يىلى ) بۇ بۈيۈك بۇددا قامۇسىنى يېزىشقا باشلاپ ، 74 يېشىدا ( مىلادى 801 - يىلى ) تاماملىغان . ئالىم بۇ قامۇسنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ كاتتا نومى - چوڭ يوللۇقلار ماھايانا ( Mahayana ) مەزھىپىنىڭ ئەڭ تۈپ نەزىرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق راھەت - پاراغەت دۇنياسىغا يىتىپ بېرىش ھەققىدىكى « ماھابخاراژنا پارامىتا سۇترا » ( Mshaprajna  paramita  Sutra ) دىن باشلاپ ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەقدىم قىلىدىغان ۋە بۇددانى جان تىكىپ قوغدۇغىچى « 护命法 » سوتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان .
ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئىزاھلىغان ۋە شەرھىلىگەن نوملار جەمى 5480 جىلىد ئىدى . بۇ قامۇس خارەكتىردىكى يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى ، مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمەشۇناسلىرى قولدىن - قولغا ئېلىپ دەرىسلىك ، لىكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسى ( 1644 - 1911 - يىللىرى ) نىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇنى ئەتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئۇقۇپ كەلگەن .
« بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى » بۇددا نوملىرىنى ئۇقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نوقتىنەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان دىنى دەستۇر بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىنتونوگىرافىيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەن ؛ ئۇ تىل - ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە دەرىسلىك كىتاپ . بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن .
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ، تەرجىمە پىشىۋاسى ، مەشھۇر پەيلاسوپ كومىراجىۋا ( 344 - 413 - يىللار ) ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن غوڭقا ، جاللا ، بەرباپ قاتارلىقلار ھەققىدە ؛ ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم ، جۇراپىيۇن ، ئىنتونوگىراف مەھمۇد قەشقىرى ( تەخمىنەن 1008 - 1105 - يىللار ) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل تارىخى ساھەلىرىدە مۇھىم مەلۇماتلار قالدۇرۇلۇپ ، بىزنى بۇ ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىدەك ، پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ، تۇرمۇش ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ، پولو ، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ . مەسىلەن : ئۇ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » دىگەن ئەسىرىدە ۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى دىرامما خارەكتىردىكى ئويۇنى - سۇ - مۇز ئويۇنى توغرىسىدا توختىلىپ : « سۇ - مۇز غەربى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئويۇنى بولۇپ ، سامۇز دەپ ئاتىلاتتى . بۇ ئويۇن كۈسەن ئېلىدىن تارقالغان . ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار . بۇ قومتۇز ، داميەن ( چۈمپەر ) ، باتۇر ئويۇنلىرىدىەك يىرتقۇچ سۈرەتلىك يە بولمىسا جىن - ئەرۋاھلار سۈپىتىدە نىقاپ تاقاپ ئوينىلىدۇ ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي ، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىغا سالما ، ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ ، قىزىقچىلىق قىلىدۇ . ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ . ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتتە بۇخىل ئويۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن - شاياتۇنلارنى قوغلاش ئويۇنى دەپ قارىلىدۇ ... » دەپ يازغان .
ئالىمنىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » نىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيەلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، تاڭ سۇلالىسى تەرپىدىن ئۇلارنىڭ تەكلىۋى رەت قىلىنغان . كىيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيەلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرىۋالغاندا ، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۆچۈرىۋېلىشقا قوشۇلغان . مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن . ئەسەرنىڭ پەيدىن - پەي شەرىق ئەللىرىگە كۆچۈرۈلمە نۇسخسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، پىرخۇيلاننىڭ بۈيۈك نامى ئەنە شۇ ئەللەرگە تارقالغان .
مىلادى 1737 - يىلى ( چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ ئىككىنچى يىلى ) پىرخۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880 - يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخسىسنى ياپۇنىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان .
ئالىم پىرخۇيلان ئۆز دەۋرىدە مۇدىغا ئايلانغان ئەنەتكەك ( سان - سىكىرت تىلى ) تىلىنى ، جۇڭگۇ ( خەنزۇلار ) نىڭ ئەدەبى تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگەللىگەن . ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى بارلىق خاتىرلىرىنى ناھايتى پىششىق ئۈگۈنىپ چىققان . نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن .
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-10 14:57 |
abdu98
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25755
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
پۇل: 230 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-03

 

مەنغۇ  بۇ ئەسەرنى نەشىردىن  چىقىشتىن بۇرۇنلا كۆرگەن  مىنىڭمۇ  شۇ چاغدا پخر خۇيلان دىگەن ئىسمنى تۇنجى ئاڭلىشىم  ئىدى 
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-20 12:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:21
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号