قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 4161 قېتىم كۆرۈلدى
Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 918
شۆھرەت: 1039 نۇمۇر
پۇل: 2719 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 تۈركى تىللار . (يۇلدۇزئاي)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما sirajil تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-12-05)

تۈركى تىللارنى شۇ تىللاردا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش تۈركىي تىلشۇناسلىقىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر .
بۇ مەسىلە ، تۈركى تىللارنى تەتقىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل تارىخى داۋامىدا ئالىملار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى . ئالىملار ، ئىلىم-پەندە تەتقىق قىلىدىغان شەيئىگە ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ قاراشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەيت قىلغان . يەنى بىرىنچى ، يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئىنچىكىلەپ بۆلەكلەش ئارقىلىق ئايرىم تۈركى تىللارنىڭ پاكىتلىرى ۋە ئىپادىلىرى ئۈستىدىن نۇرغۇنلىغان ماتىرىياللار توپلىنىدۇ ؛ ئىككىنچى ، يېشىش ئۇسۇلى بولۇپ ، بۇنىڭدا بىرىكتۈرۈش يولى بىلەن تۈركى تىللارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئومۇمى يۆنۈلۈش بەلگىلىنىدۇ .
تۈركى تىللار ساھەسىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنىڭ پىشىۋاسى «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى بولغان مەھمۇد قەشقەرى ئىدى (11 - ئەسىر) . مەھمۇد قەشقەرى سېلىشتۇرما ئاساستا ئۇيغۇر تىلىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ . بۇ تىل دىۋاندا تۈركى تىل ياكى خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن تەرىبلىگەن . شۇنداقلا  قىپچاق ، ئوغۇز تىللىرىدىن ماتېرىياللار كەلتۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇ تىللار ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىغا قارشى قويۇلۇپ ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرىلىدۇ .
دىۋاندا باشقا تۈركى تىللار ۋە دىيالېكتىكىلاردىنمۇ مىساللار كالتۈرىدۇ . ئۇ تۆۋەندىكى قەبىلىلەرنىڭ تىللىرىنى يېقىن تۇققان تىللار دەپ ھېسابلايدۇ : قىزغىز ، قىپچاق ، توخسى ، ياغما ، چىڭىل ، ئۇغراق ، چارۇق ؛ ئۇلارغا يېقىن بولغانلىرى يەنەك (ئېھتىمال ، ھازىرقى تاتارلارنىڭ ئېتنىك ئەجدادلىرى بولۇشى مۈمكىن . __ ن .ب .) ۋە باشقىرت قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرى دەپ ھېسابلايدۇ . ئۇ ، بۇلغار ۋە سۇۋار تىللىرىنى ئالدىنقىلاردىن بىرئاز پەرقلىنىدىغان تۈركى تىللار دەيدۇ . ھەمدە ۋىزانتىيىگە تۇتۇشىدىغان جايلاردا ياشىغۇچى پەچەنەكلەرنىڭ تىلىنىمۇ شۇ تىللارنىڭ قاتارىغا قوشىدۇ . مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تەبىرىچە چۈمۈل ، قاي ، ياباقۇ ، تاتار ، باسمىل قەبىلىلىرى ئەسلىدە باشقا تىللاردا سۆزلىشىدىغان بولۇپ (ئېھتىمال ، موڭغۇل تىلىنىڭ دىيالېكىتلىرى بولسا كېرەك __ ن . ب .) ، يەنە تۈركى تىللارنىمۇ قوللىناتتى . ئۇ ، ئوغۇز تىلىنى ئەڭ يېنىك تىل ، تۇخسى ۋە ياغما قەبىلىلىرىنىڭ تىللىرىنى ئەڭ توغرا تىللار (ئەدەبىي تىلغا ئەڭ يېقىن دېمەكچى بولسا كېرەك __ ن .ب .) دەيدۇ . ئۇ زاماندىكى ئەدەبىي تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى ، ياكى ئىككىنچى تۈرلىك قىلىپ ئېيتقاندا ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تىللار تىزىملىكىدە يېزىلىشىچە ، ئۇيغۇر -قارلۇق قەبىلىلىرىدىن ۋە ئۇرۇقلىرىدىن تەركىپ تاپقان خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى ئىدى .
جامالىدىن ئىبنى مۇھەننانىڭ ئوغۇز تىللىرىدىن بىرىنىڭ لۇغىتىگە ۋە گرامماتىكىسىغا ئائىت بولغان «ھىليەتۇللىسان ۋە ھەلىبەتۇل بەيان» ناملىق مەشھۇر تىلشۇناسلىق تەتقىقات ئەسىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك . بۇ ئەسەر تاكلىماكان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئېلېمېنتلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگەللىگەنلىكى بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ . پ . م . مېلىئورانىسكىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە ، بۇ ئەسەر 14-ئەسىردە غەربىي شىمالىي ئىراندا ، يەنى ھازىرقى ئەزەربەيجاندا يېزىلغان ئىكەن ، ئىبنى مۇھەننانىڭ بۇ ئەسىرىدە ئوغۇز تىلى بىلەن باشقا تۈركى تىللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىگە خاس فونېتىكىلىق پەرقلەر كۆرسۈتىلىدۇ .
ھازىرقى زاماندىكى تۇركى مىللەتلەرنىڭ ۋە خەلقلەرنىڭ تىللىرى ، بىر پۈتۈن تۇققان تىللار گۇرۇپىسى سۈپىتىدە ، قەدىمكى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ تىللىرىدىن كېلىپ چىققان ھازىرقى زاماندىكى تۈركى تىللار تۈرلۈك ئۇرۇق-قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ۋە ئومۇملۇقلىرى ئىچىدىكى تىللار تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي جەريانىنىڭ نەتىجىسىدۇر  . ئۇرۇق-قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ۋە ئومۇملۇقلىرى ئىچىدىكى تىللار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىزلىرىنى ۋە ئالامەتلىرىنى قالدۇرۇپ ، ھازىرقى زاماندىكى ھەرقايسى تىللارنىڭ خارەكتىرلىق پەرقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بىز ئەڭ ئالدى بىلەن شۇنداق پىكىرنى چىقىش نوقتىسى قىلىشىمىز لازىمكى ، بۇ تىللارنىڭ ياكى تىللار گۇرۇپىسىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا پەيدا بولغان .
تۈركى تىللار ھەققىدىكى ۋە شۇ تىللاردا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇماتلار ، شۇنداقلا ، بۇ تىللاردا يېزىلغان قەدىمكى يادىكارلىقلار خەلقلەر تەرەققىياتىدىكى مۇھىم دەۋرلەرنى ئېنىقلاشقا ئىمكان بېرىش بىلەنلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ، شۇ خەلقلەر تىللىرىنىڭ قەدىمكى زامانلاردىن ھازىچغىچە بولغان ئارىلىقتىكى فونېتېكىلىق تۈزۈلۈشى ، گراماتىكىلىق قۇرۇلۇشى ۋە لۇغەت تەركىۋىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ .
ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا دائىر يېزىلغان تارىخىي ئەسەرلەر ۋە تۈركى ، موڭغۇل ، تۇنگۇس-مانجۇ تىللىرىغا دائىر ئېلىپ بېرىلغان تارىخىي سېلىشتۇرما (كاستىرىن ، رادلوۋ ، مېلىئورانسىكىي ، كوتۋىچ ،  رانسىكىي مالوۋ ، ۋالادىمىرتسوۋ ، رامىستېدت ، گريونبېك ، جافەرئوغلۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى) تۈركى تىللارنىڭ ۋە ئاساسلىق تىل تۈركۈملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان 6 دەۋرنى بەلگىلەپ چىقتى .
تۈركى تىللار ئاددىغىنا گراماتىكىلىق قۇرۇلۇشقا ئىگە بولغان قەدىمكى تىللاردىن تارتىپ تاكى بۇ تىللارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مۇكەممەللەشكەن ھالىتىگىچە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا مۇشۇ 6 دەۋرنى بېسىپ ئۆتكەن . يەنى 1 - ئالتاي دەۋرى ، 2 - ھۇن دەۋرى (مىلادى 5-ئەسىرگىچە) ، 3 - قەدىمكى تۈرك دەۋرى (5 -10 - ئەسىرلەر) ، 4 - ئوتتۇرا تۈرك دەۋرى ياكى ئاساسلىق تۈركى قەبىلىلەر تىللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە شەكىللىنىش دەۋرى (10-15-ئەسىرلەر) ، 5 - يېڭى تۈرك دەۋرى ياكى تۈركى خەلقلەر تىللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە شەكىللىنىش دەۋرى (15-20- ئەسىرلەر) ، 6 - يېقىنقى زامان دەۋرى دىن ئىبارەت .


شەرق ئەدەبىياتى نەشرىياتىنىڭ 1960-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىغان رۇسچە نەشرى (ن . ئا . باسكاكوۋ ) گە ئاساسەن تەرجىم قىلىنغان ، پەرھات جىلان ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان «تۈركى تىللار» ناملىق كىتابتىن رەتلەپ يوللىدىم .

=====================================================
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !
[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن 2008-01-02 12:47 دە قاي ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kuxbeg526) ياخشى ماقالە
شۆھرەت:+10(baturjangqi) ياخشى ماتىرى
شۆھرەت:+10(Quyash) ئېسىل
شۆھرەت:+10(manggutax) ئەھمىيەتلىك
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-12-05 16:37 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
iparhan66
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 20304
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 778
شۆھرەت: 788 نۇمۇر
پۇل: 2471 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 11 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

Yulduzayكوپ ئەجىر قىلىپ بۇ تىمىنى يوللاپسىز تۇركى تىلى توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم رەخمەت تۇرك تىلىغۇ نۇرغۇن دەۋرنى باشتىن كەچۇرۇپ ھازىرغىچە  شۇنداخ ياخشى ساخلىنىپ كىلىۋاتىدۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزچۇ؟  بۇ مەسىلە كىشىنى بەكلا ئويغا سالىدۇ  تىلدىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇش بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 19:05 |
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2144
شۆھرەت: 1969 نۇمۇر
پۇل: 5215 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ ،

ماقا شۇنداق قىلىلى،بەك ساپالىق مىللەت ئەمەسمۇ بىز،بەك سەۋيەمىز ئىشىپ كەتسىمۇ ياراشمايدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 19:10 |
chayka
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 453
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 376
شۆھرەت: 260 نۇمۇر
پۇل: 985 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

ساللام تورداشلار:
مەخمۇت قەشقىرى سزىغان تۈرك دۇنياسى خەرىتىسنى يوللاپ قويدۇم بەلكىم كۆرمىگەنلەر بار دۇر ؛؛؛؛؛؛


ئەسكەرتىش:
خەرتىدىكى
كۆك رەڭ----دەريالارنى.
يېشىل رەڭ---دېڭىزلارنى.
ئۇچۇق سېرىق---قۇملۇقلارنى.
قىزىل----------تاغلارنى.
سېرىق ---------شەھەرلەر،دۆلەتلەر،قۇرۇقلۇق ۋە ئاھالىلەرنى ئېپادىلەيدۇ.

خەرىتىدە نۇمۇر قۇيۇلغان تەرتىپ بۇيچە:
1-بۇلغارىيە(بۇگۈنكى بۇلغارىيە ئەمەس)
2-كاسپىي دېڭىز(ھەزەر دېڭىزى)
3-رۇس(رۇسيە)
4-ئالىكساندىرا(مەنچە شۇ چاغدىكى كىچىك رۇس قەبىلىسى بولسا كىرەك)
5-مىسىر
6-تاشكەنت
7-ياپۇنيە(يېرىم يېشىل دائىرە ئىچىدىكى)
8-جۇڭگۇ(يېشىل رەڭلىك دىڭىزنىڭ شەرقىي)
9-بالاساغۇن (ھازىر قىرغىزىستاندا،خەرىتىدە دۇنيانىڭ دۇنيانىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ يەر ئالغان)
10-قەشقەر(خەرىتىنى سىزغۇچى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان يېرى)
11-سەمەرقەند
12-ئېراق
13-ئەزەربەيجان
14-يەمەن
15-شەرقىي سۇمالىي
16-شەرقىي سەھرايى
17-ئېفوپىيە
18-شىمالي سۇمالىي
19-ھىندۇس(بۇ بەلكى جۇڭگۇدا يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسى ،ھىندىستاندا بىراھما پوترا دەرياسى،پاكىستاندا ھىندۇس دەپ ئاتىلدىغان دەريا بۇلىشى مۈمكىن ...بۇ دەريا 3200كىلومىتىر بۇلۇپ تىبەتتىن باشلىنىپ ھىندىستانى بېسىپ ئۆتۈپ ھەيدەر ئاباد شەھىرىدىن ئۆتۈپ كاراچى يېقىندىكى ئوممان دىڭىزغا قۇيۇلىدۇ ....يەنى بەلكى بۇ ھىندۇقۇش تاغلىرنى كۆرسىتىشى مۈمكىن)
20-ھىندىستان
21-سەيلون(بەلكى  سىرلانكا بۇلۇشى مۈمكىنۋە ياكى بۇ يەردكى بىر ئارالنىڭ ئىسمى ،سىرلانكىنى مۇشۇنداق ئاتاپ قۇيىدۇ )(چۈنكى چۈشەندۈرشىدە سىرلانكىدىكى بىر چۇقىنى تىلغا ئاپتۇ)
22-كەشمىر(ھىندىستان ۋە پاكىستان كونتىروللىقىدا)
23-Gog and Magog..ئىجىلدا قەيىت قىلىنغان بىر ئەپسانىۋى ،بىر تاغلىق دائىرە،چۈشەندۈرلىشى بەك كۆپكەن شۇڭا شۇ پىتىلا ئالدىم .. http://www.gotquestions.org/Gog-Magog.html)
بەزى ماتىرياللاردا رۇسيە ئسىرالىيە دەپ ئاپتۇ قايسى راستكىن تاڭ....

مەنبەسى:
http://strangemaps.wordpress.com/2007/02/22/81-the-first-turkish-world-map-by-kashgari-1072/
[ بۇ يازما chayka تەرپىدىن 2007-12-05 21:31 دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(saba7911)
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 20:15 |
(Emrullah)
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 18075
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 589
شۆھرەت: 127 نۇمۇر
پۇل: 120 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ياخشى يوللانمىكەن ، لىكىن باشقا جايغا يوتكەپ ئىشلەتسە نىمىشكە بولمايدىغاندۇ؟
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 20:16 |
Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 918
شۆھرەت: 1039 نۇمۇر
پۇل: 2719 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 


تۈركى تىللار ئاددىغىنا گراماتىكىلىق قۇرۇلۇشقا ئىگە بولغان قەدىمكى تىللاردىن تارتىپ تاكى بۇ تىللارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مۇكەممەللەشكەن ھالىتىگىچە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا مۇشۇ 6 دەۋرنى بېسىپ ئۆتكەن .

1 . ئالتاي دەۋرى

تۈركى تىللار تەرەققىياتىدىكى ئەڭ قەدىمكى دەۋر ئالتاي دەۋرى بولۇپ ، بۇ دەۋرنىڭ خرونوگىيىلىك چەك-چېگىرىسى ئىلىم-پەن تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى . بۇ ئالتاي تىل تۈركۈمى دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋردە تۈركى تىللار موڭغۇل تىللىرىدىن ، تۈركى-موڭغۇل تىللىرى بولسا ، تۇنگۇس-مانجۇ تىللىرىدىن تېخى ئانچە ئېنىق ئايرىلىپ كەتمىگەن ئىدى . ئاكادېمىك ب.يا. ۋتادىمىرتسوۋ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى : « . . . موڭغۇل تىلى تۈركى تىل ۋە تۇنگۇس تىللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر ئومۇمىي ئەجدادقا ئىگە بولۇپ ، بۇ ئەجدادنى شەرتلىك ھالدا ئالتاي تىلى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ . ئالتاي تىلى بىزگە مەلۇم ئەمەس ، لېكىن ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا كېلىپ چىققان ئالتاي تىللىرى يەنى ، موڭغۇل ، تۈركى ، تۇنگۇس تىللىرى بىزگە مەلۇم» .
بۇ تىللار گۇرۇپىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالتاي دەۋرىگە ئائىت بولغان ھېچقانداق تارىخى يادىكارلىقلارمۇ ، تىل يادىكارلىقلىرىمۇ ھازىرغىچە تېپىلمىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئىلىم-پەن ساھەسى بۇ دەۋردىكى خەلقلەر ۋە تىللارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى بىرەر ئېنىق مەلۇماتتىن ۋاقىپ ئەمەس . بۇ دەۋردىكى تىللارنى ۋە ئۇلارنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئۆلۈك تىللار ۋە ھازىرقى زاماندىكى جانلىق تىللارنىڭ قەدىمكى ئالامەتلىرىنى تۇتقا قىلىپ ، تارىخي سېلىشتۇرما ئۇسۇل ئارقىلىق پەرەز بىلەن كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ، ھازىرقى زامان تىللىرىنى تۇنگۇس-مانجۇ گۇرۇپىسى ۋە تۈركى-موڭغۇل گۇرۇپىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇپىغا ئايرىشقا بولىدۇ .
بۇ تىللارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ھالىتىدىمۇ كۆرۈلىدىغان ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ خارەكتىرلىك بۆلۈنۈش ئالامەتلىرىدىن بىرى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشىدۇر . مەسىلەن : . . . (مەن بۇ يەردە كىتابتا كەلتۈرۈلگەن مىساللاردىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى ۋە سېلىشتۇرمىلاردىكى بەزى ھەربلەرنى كومپويۇتېر كۇنۇپكىلاردا چىقىرالمىغانلىكىم سەۋەبلىك يوللاشقا ئامال بولمىدى) . . .
شۇنداق قىلىپ ، تۈركى تىللارنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئالتاي دەۋرىنى شۇنداق دەپ چۈشۈنىشكە بولۇدۇكى ، بۇ دەۋردە ، بىرىنچىدىن ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۆلۈنۈپ كەتكەن تۈركلەر ، موڭغۇللار ۋە تۇنگۇس-مانجۇلارنىڭ بىر پۈتۈن ئوتاق تىلى بولغان ئىدى ، ئىككىنچىدىن ، بۇ بىر پۈتۈن تىل ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ كەتتى ، بۇلار 1 ) تۈرك-موڭغۇل تۈركۈمى ؛ 2 ) تۇنگۇس-مانجۇ تۈركۈمى . بۇ ئىككى تۈركۈمنىڭ ھەر بىرى بۆلۈنۈش جەريانىدا ئۆزىگە خاس اونېتىكىلىق ، لېكسىكىلىق ۋە گراماتىكىلىق ئالاھىدلىكلەرگە ئىگە بولدى .
ئەھۋالدىن قارىغاندا ، ئالتاي دەۋرىدە تۇگۇس-مانجۇ تىللىرى گۇرۇپىسىنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى تۈگەللىنىپلا قالماستىن ، بەلكى تۈرك ۋە موڭغۇل تىللىرىنىڭمۇ مۇستەقىل ئىككى گۇرۇپىغا بكلۈنۈش جەريانى تۈگەللەنگەن .
جۈملىدىن ، ئەينى دەۋردە بىر گەۋدە بولغان تۈرك-موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن ئوغۇزلار ۋە باشقىلار بۆلۈنۈپ چىقىپ ، تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ئاساسىنى قۇردى (بولغارلارنىڭ ۋە كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-قەبىلە ناملىرىنى سېلىشتۇرۇڭ) . شۇندىن كېيىن ، ئالتاي ۋە ھۇن دەۋرلىرىدە بۇلار يەنە ئوغۇز~ئۇيغۇر (بۇ شەكىل موڭغۇل تىللىرىغا r لىشىش ئالاھىدلىكىنى ساقلاپ قالغان تۈركى تىل __ بولغار تىلىغا خاس) ۋە ئوغۇز (بۇ شەكىل مۇتلەق تۈركى تىللارغىلا خاس) دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى . تۈركى تىللار تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىسخېمىسىدىكى ئالتاي دەۋرىدىكى تىللار تەرەققىياتىنىڭ ئىسخېمىسىغا قارالسۇن . (تېما ئاخىرىدا مەن كىتابتىا بېرىلگەن« تۈركى تىللار تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمى ئىسخېمىسى» نى رەسىملىك ھۆججەت شەكلىدە يوللاپ قويىمەن)

=====================================================
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(saba7911)
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 21:12 |
aljazir
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21847
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 650
شۆھرەت: 650 نۇمۇر
پۇل: 945 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

خىلى ياخشىكەن.بۇكىتاپ
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 21:17 |
Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 918
شۆھرەت: 1039 نۇمۇر
پۇل: 2719 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 

مەن باشقا يەردە ئىشلەتسە بولمايدۇ دېگەن ئۇقۇمنى بەرگىنىم يوق دوستۇم .
(ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ ! ) دېمەكچى بولغىنىم ، باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلماقچى .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 21:18 |
MATRIX
خاككىر
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17262
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2492
شۆھرەت: 1128 نۇمۇر
پۇل: 335 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-28

 

چايكا ئەپەندىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت...بەك ئىسىل تىما يوللاپسىز..مەن ئۇ خەرىتىنى تاپالماي يۈرەتتىم ....
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-05 22:20 |
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2144
شۆھرەت: 1969 نۇمۇر
پۇل: 5215 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

گەپ دىگەننى نەچچە خىل چۇشۇنۇپ قالىدىكەنمىز،ئورتاق تىلدا سۇزلەشمەيمىزمۇ؟شۇنچە خەتنى ئىرنمەي يازغاندىكىن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،ئەمما يىلتىزنى ئۇنۇتماڭ دەپ قويسىڭىزچۇ؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 01:00 |
iparhan66
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 20304
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 778
شۆھرەت: 788 نۇمۇر
پۇل: 2471 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 11 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

قېنى ئۇ خەرىتە مىنىڭ كىدە ھېچنىمە يوخقۇ
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 14:09 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1393
شۆھرەت: 1054 نۇمۇر
پۇل: 465 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-03

 

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !

  ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﯖﯩﺰ  ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻧﻤﯘ ﻧﯩﻤﻪ ؟؟  ....
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 17:19 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3577
شۆھرەت: 3378 نۇمۇر
پۇل: 11308 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

سىز ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز . رەخمەت !
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 18:30 |
Toghrak731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 804
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 906
شۆھرەت: 809 نۇمۇر
پۇل: 3075 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-10

 http://toghraq.ilghar.net/

رەخمەت يوللانمىڭىزغا .
مەنزىلنى تولۇق ئەسكەرتىپ مەھەللەمگە يوللىۋالدىم رازى بوپكىتەرسىز ھە 
http://Toghraq.ilghar.net/
[ بۇ يازما Toghrak731 تەرپىدىن 2007-12-06 20:42 دە ق ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-06 20:34 |
chayka
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 453
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 376
شۆھرەت: 260 نۇمۇر
پۇل: 985 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 


1-جۇڭگۇنىڭ غەربىدىكى تۈركىي تىللارنىڭ تارقىلىش خەرىتەسى.

2-تۈركىي تىللارنىڭ تارقىلىش مودېلى

3-ئۆز -ئارا بىر بىرى بىلەن تەرجىمانسىز پىكىر ئالماشتىرغىلى بۇلدىغان تۈركىي تىللار مودېلى.
بەت تۈرىكچە ۋە ئېنگىلىزچە بۇلۇپ ئاساسەن كۆرۈپ چۈشەنگىلى بۇلغۇدەك دەرجىدە ئېكەن شۇڭا تەپسىلى تەرجىمە قىلمىدىم ..
ئەسكەرتىش:مەنبە ۋە تەپسىلى مەلۇماتلار تۆۋەندىكى ئادىرىسقا قارالسۇن..

http://tr.wikipedia.org/wiki/T%C3%BCrk_dilleri_ailesi
[ بۇ يازما chayka تەرپىدىن 2007-12-07 01:40 دە قايتا ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-07 01:21 |
Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 918
شۆھرەت: 1039 نۇمۇر
پۇل: 2719 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 


2 . ھون دەۋرى (مىلادى 5-ئەسىرگىچە)

ئەنە شۇ تىللارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىككىنچى دەۋر ، ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئەڭ قەدىمكى بولغان (ئالتاي دەۋرىدىن كېيىنكى) ھون دەۋرىدۇر .
ھۇن دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى111 - ، مىلادى 4 ئەسىرلەر) ھون ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان زور ۋە قۇدرەتلىك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خارەكتېرىلىنىدۇ . بۇ ئىمپېرىيە مەركىزىي ئاسىيادىن شەرقىي ياۋروپاغىچە بولغان زىمىننى ۋە نۇرغۇنلىغان تۈرك-موڭغۇل ، تۇنگۇس-مانجۇ ۋە باشقا قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ، ئاساسىي جەھەتتىن تۈرك-موڭغۇل نەسلىدىكى قەبىلىلەر مىلادىنىڭ دەسپەلكى ئەسىرلىرىدە شەرقىي ياۋروپاغا سىڭىپ كىرگەن ئىدى .
مىلادى 1-ئەسىرنىڭ ئاىىرقى مەزگىللىرىدە ، ھون دۆلىتى ئىچكى توقۇنۇشلار ۋە شيەنبىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشلىرى تۈپەيلىدىن ، غەربىي ھونلار ۋە شەرقىي ھونلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى . كېيىنرەك غەربتە ۋە شەرقتە تۈركلەرنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر-نەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىرى تۈزۈلۈپ چىقتى . ئىككى ھون ئىتتىپاقىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بۇ ھالەتنىڭ نىسبەتەن ئۇزاقراق داۋاملاشقانلىقى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ۋە تۈكى تىللارنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى . بۇنداق بۆلۈنۈش نەتىجىسىدە ، تۈركى تىللار ئۆزىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر قاتاردا ، يەنە ھازىرقى زاماندىكى ھەممە تۈركى تىللارنى شەرقىي ۋە غەربىي تارماقلارغا ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى .
بارتولدنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك ، مىلادى 1- ئەسىردىن 4- ئەسىلەردىكى شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدلىكلىرى مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىغان مەسىلە بولغان رىئال يادىكارلىقلارنىڭ قىدىرىش ئىشى تېخى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىدى . بىزگە جۇڭگو تىرانسىكىرىپسىسىدىن مەلۇم بولغان ئايرىم سۆزلەر ، خاس ئىسىملار ۋە مەنسەب-ئۇنۋان ناملىرى قەدىمكى تۈركى خەلقلەرنىڭ تىل ئالاھىدلىكلىرىنى توغرا بەلگىلەشكە ئىمكان بەرمەيدۇ . ئەگەر ب.پېللىئونىڭ ئېيتقانلىرى توغرا بولۇپ ، جۇڭگونىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدە جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بىرنەچچە خىل ئوخشىمىغان تىللارنىڭ ، شۇ قاتاردا شيەنبى تىلىنىڭمۇ لۇغەتلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولسا ، ئۇ چاغدا ، ئاشۇ لۇغەتەلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركى تىللارنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرى بولۇپ قالىدۇ . پ.پېللىئونىڭ پىكرىچە ، ئاشۇ لۇغەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، شيەنبىلەرنىڭمۇ تۈرك نەسلىدىن بولغانلىقى ئىسپاتلىنىدىكەن .
ۋ.ۋ بارتولد «تۈركى تىللار گۇرۇپىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى تېخى مۇقۇملاشمىغان بىر دەۋردە» شەكىللەنگەن چۇۋاس تىلىغا دائىر تەتقىقاتلارغا ئاساسلىنىپ ، ھونلارنىڭ تىلى نەسەب جەھەتتىن چۇۋاس تىلى بىلەن بىر بولغان ، دېگەن كۆز قاراشقا مايىل بولدى ۋە بۇنى دەلىللەش يۈزىسىدىن ، چېنگىر تىلىدىكى تۈركى تىللارنىڭ ئېلېمېنتلىرى بىلەن چۇۋاس تىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى .
ھازىرقى زاماندىكى تۈرك ، موڭغۇل ۋە تۇنگۇس-مانجۇ تىللىرىنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپىلىرىنى تەشكىل قىلغان تۈرك قەبىلىلەر تىللىرىنىڭ ھون دەۋرىدىكى شەكىللىنىش ۋە چېتىشىش ھركىتىگە خەنزۇ ۋە سانسكىرت تىللىرى ، شۇنداقلا سلاۋيان تىللىرى ھەمدە شەرقىي ياۋروپادا ، ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىۋىلىرىمۇ قاتناشقان . خەنزۇ ۋە سانسكرىت تىللىرىنىڭ تەسىرى كۆپىنچە شەرق تەرەپتىكى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ تىللىرىدا ئاكس ئەتكەن . قەدىمكى ئىران ۋە سلاۋيان ئېلېمېنتلىرى بولسا ، غەرب تەرەپتىكى تۈركى قەبىلىلەر تىللىرىغا خاس .
ھون دەۋرىدە ، ئۇششاق تۈركى قەبىلىلەرنىڭمۇ ، جۈملىدىن x ~ z تىللاردا سۆزلەشكۈچى قەبىلىلەرنىڭمۇ بۆلۈنۈش ھەم قوشۇلۇش ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ كەتكەن ئىدى .
مەلۇمكى ، مەھمۇد قەسقەرى ئۆزىنىڭ لۇغىتى «تۈركى يىللار دىۋانى» دا قىپچاقلار بىلەن ئوغۇزلارنى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى بىر قاتار اونېتىكىلىق ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە (تۈركلەرگە) قارشى قويىدۇ .
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قىپچاق ۋە ئوغۇز تىللىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا قارشى سېلىشتۇرغانلىقى شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، ئالدىنقى دەۋردە ، يەنى ھون دەۋرىدە بۇ تىللار تېخى رەسمىي بۆلۈنۈپ قەتمىگەن ئىدى ۋە بىر پۈتۈن ئوغۇز-قارلۇق-قىپچاق تۈركۈمىنى تەشكىل قىلاتتى . بۇ تۈركۈم كېيىنچە ، بىر تەرەپتىن ، قارلۇق (ئۇيغۇر) تۈركۈمىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئوغۇز-قىپچاق تۈركۈمىگە بۆلۈنۈپ كەتتى . ئاخىرقىسى بولسا ، ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى بىر مەزگىلگە بارغاندا ئوغۇز ۋە قىپچاق دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى .
دېمەك ، نەسەب جەھەتتىن ئېيتقاندا شۇنداق دەپ كىياس قىلىشقا بولىدۇكى ، ھون دەۋرىدە بارلىق تۈركى تىللار بىر بىرىەە يېقىن بولغان تىللارنىڭ  بىرنەچچە گۇرۇپپىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ھەر بىر گۇرۇپىنىڭ تەركىۋى قىسمىدىكى پەرقلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، بارلىق تۈركى تىللار ھون ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي ھونلارغا بۆلۈنگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا غەربىي ۋە شەرقىي تارماقلارنى ھاسىل قىلدى .
ھون دەۋردىكى تۈركى تىللار گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەركىۋى تۈركى تىللار تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىسخېمىسىدا كۆرسىتىلدى .

=====================================================
يىلتىزىمىز دىيارىمدا ، ئۈمىدىمىز دىيارىمدا ! تېمىنى يۆتكىگەندە يىلتىزىنى ئۇنۇتماڭ!
[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن 2007-12-07 17:38 دە قاي ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-07 17:15 |
sirajil
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3889
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1039
شۆھرەت: 1424 نۇمۇر
پۇل: 150 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

تولىمۇ ئەجىر قىلىۋاتىسىز ھەدە.ئېسىل يازمىلىرىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.
چايكا ئەپەندىنىڭ قوشۇنچە قىلىغان سۈرەتلىرىگىمۇ كۆپ رەھمەت.نۇرغۇنلىغان بىلىملەردىن خەۋەردار بولدۇق.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-07 17:33 |
Xayih
تەھرىر
ئالاھىدە تۆھپە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
دەرىجىسى : باش كاتىپ


UID نۇمۇرى : 4549
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 952
شۆھرەت: 689 نۇمۇر
پۇل: 2128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-03

 

دىيارىمنىڭ يورۇق يۇلدۇزىغۇ سىز...

ئۆزۈمگە ھەربىر نادىر تېما يوللىسىڭىز بىر قېتىم مىھمان قىلىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم ، سىزگە ئىككى قېتىم قەرىزدار بولدۇم دە...
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-08 16:11 |
Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 918
شۆھرەت: 1039 نۇمۇر
پۇل: 2719 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 


3 . قەدىمكى تۈرك دەۋرى (5-10-ئەسىرلەر)

تۈركى تىللار تەرەققىياتىنىڭ ئۈچىنچى دەۋرى قەدىمكى تۈرك دەۋرىدىن ئىبارەت .
بۇ دەۋر ئۆز ئىچىدىن يەنە ئۈچ تارماق دەۋرگە بۆلۈنىدۇ . 1) تۈرك دەۋرى (5-8-ئەسىرلەر) ؛
2) قەدىمكى ئۇيغۇر دەۋرى (8-9-ئەسىرلەر) ؛ 3) قەدىمكى قىرغىز دەۋرى (9-10-ئەسىرلەر) .
قەسىمكى تۈرك دەۋرى تۈرك ۋە موڭغۇل تىللىرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بۆلۈنگەنلىكى بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، بۇ دەۋردىكى موڭغۇل تىللىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن شەرقىي ھون قەبىلىلىرىنىڭ تەركىۋىدىكى قەبىلىلەر بىلەن چېتىشلىق بولدى . تۈركى تىللار بولسا ، ئۇنىڭدىن سىرت ، غەربتە كەڭ تارقالدى . چۈنكى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى غەربىي ھونلار تەركىۋىگە كىرەتتى .
غەربىي ھونلار غەربكە يۈرۈش قىلىپ ، ئۆز يولىدا ئۇچۇرىغان تۈكى ھەم باشقا قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ ، 4-ئەسىردە غەربىي ياۋروپاغا باردى ھەم كېيىنچە ، ھون دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، ئەينى دەۋردە شەرقىي ياۋروپا زىمىنىدا تەشكىل تاپقان بولغار ۋە شەرقىي ھونلار جۇرجانلار (ئاۋارلار) نىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى . ئارىدىن ئىككى ئەسىر ئۆتۈپ ، 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا (مىلادى 552-يىلى) كەلگەندە ، تۈرك قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى تۈركى قەبىلىلەر باش كۆتىرىپ چىقتى ۋە جۇرجانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، تۈرك كۆچمەن ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلدى . بۇ ئىمپېرىيىنىڭ چېگىرلىرى ئامۇ دەريا ، مەرۋ ، بەلخ ۋە ھىندىستانغىچە كېڭەيدى . بىراق ، قەبىلىلەر ئارا ئىچكى توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن ۋە جۇڭگونىڭ كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ، 580-584-يىللىرى تۈرك ئىمپېرىيىسى ئىككى دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كەتتى ؛ بۇلارنىڭ بىرى ، يەتتە سۇنى مەركەز قىلغان غەربىي تۈركلەر ۋە يەنە بىرى ، موڭغۇلىيىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركلەردىن ئىبارەت بولدى .
تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ۋە جۇڭگونىڭ بارغانسېرى كۈچلىنىپ كەتكەنلىكى بۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ گۇمران بولۇشىغا ۋە ئۆز مۇستەققىلىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى . شەرقىي تۈرك دۆلىتى 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى ، غەربىي تۈرك دۆلىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئاۋال (7-ئەسىردە) جۇڭگونىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى ، كېيىن (8-ئەسىردە) يېڭى تاجاۋۇزچىلار __ ئەرەبلەرنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئۆتتى . غەربىي تۈرك دۆلىتىنىڭ يەتتە سۇ زىمىدىكى شىمالىي قىسمىدا بولسا ، ھاكىمىيەت تۈركلەردىن تۈركەشلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى . ئاندىن (8-ئەسىردە) ئوغۇزلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا تۈركەشلەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قارلۇقلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن ، قارلۇقلار پۈتۈن يەتتە سۇ زېمىنىنى ۋە تۈركەشلەرنىڭ چۇ دەرياسى بويىدىكى خان شەھىرى سۇياپنى ئىشغال قىلدى . ئوغۇزلار بولسا ، يەنىمۇ غەرب تەرەپكە سىلجىپ ، 8-ئەسىرنىڭ ئۆزىدە ، سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قۇردى . بۇ دۆلەتنىڭ چېگىرىسى قاراقۇم چۆللىرىگە كېڭەيدى .
شەرقىي تۈرك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يۈكسىلىش دەۋرى 682-745-يىللارغا تەئەللۇقتۇر . 745-يىلى شەرقىي تۈرك دۆلىتى ئۇيغۇرلار تەرەپىدىن ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلىندى .
گەرچە ، 4-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ تىللىرى ھەققىدكى ماتېرىياللار جەھەتتە بىز تېخى بىرەر ئەمەلىي مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان بولساقمۇ ، لېكىن ، 4-8-ئەسىرلەردىكى تۈرك ئىتتپاقىغا تەۋە بولغان خەلقلەرنىڭ تۈركى تىللىرى رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن تېپىلغان يېنسەي-ئورخۇن يادىكارلىقلىرىدىن بىزگە ناھايىتىمۇ ياخشى تونۇشلۇق . بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن قىممەتلىكىرەك بولغىنى 1889-يىلى سىبىرىيىنى تەكشۈرگۈچى ئالىم ن.م.يادرىنتسېۋ تەرىپىدىن تېپىلغان ئورخۇن يادىكارلىقلىرى بولوپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ يادىكارلىقلارنىڭ جايلاشقان ئورنى موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن دەرياسىنىڭ ۋادىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارغا ئورخۇن نامى قويۇلغان . يېنسەي-ئورخۇن يادىكارلىقلىرىدىكى تاش پۈتۈكلەر خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئالىملار ئۈچۈن بىر سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى ، كېيىن دانيە ئالىمى ۋ.تومسېن بىلەن رۇس ئالىمى ۋ.رادلوۋ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك بۇ يېزىقلارنىڭ مەنىسىنى يېشىپ چىقىشتى . بۇ پۈتۈكلەر تۈركى تىللارنىڭ ئەڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، تۈركولوگىيە ئىلمى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ تۇرماقتا . بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭلىرى تۆۋەندىكىلەر :
1) گۇدۇلخان مەڭگۈ تېشى . بۇ «ئۆنگىن تېشى» دەپمۇ ئاتالغان . بۇ تاش چوڭ يادىكارلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمقىسى بولۇپ ، مىلادى 692-693-يىللارغا تەئەللۇق ؛ 2) كۈل تېگىن موجىلەن خان (ياكى بىلگە خان) مەڭگۈ تاشلىرى . بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭلىرى ۋە ئەڭ ياىشى ساقلانغانلىرى بولۇپ ، مىلادى 732-يىلىغا تەئەللۇق ؛ 3) 1897-يىلى يى.كلىمېنتسېۋ تەرىپىدىن تېپىلغان تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ؛ 4) ۋ.كوتۋىچ تەرىپىدىن تېپىلغان كۇلىچۇر مەڭگۈ تېشى ؛ ۋە باشقا تاش پۈتۈكلەر .
ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ، خۇددى 682-745-يىللاردىكى تۈرك ئىمپېرىيىسىگە ئوخشاش ، ئىلگىرى تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ پەقەت شەرقىي قىسمىغىلا تەۋە بولغان قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى . غەربىي تۈركلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشى ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويدى . شۇ سەۋەبتىن ، ئۇيغۇرلار 840-يىلى قىرغىزلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى .
موڭغۇلىيىنى قىتانلار بېسىۋالغانغا قەدەر ، يەنى مىلادى 840-يىلىدىن مىلادى 10-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋر قىرغىزلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرى ئىدى . قىرغىزلارنىڭ يېنسەي يېزىقى شۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە تەئەللۇقتۇر .
ئۇيغۇر قابىلىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىرغىزلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن ، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغان ھالدا غەرب تەرەپكە كۆچۈپ كەتتى  ۋە جۇڭغارىيە يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتىنى تەشكىل قىلدى . بۇ دۆلەت ئەرەبلەرنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدە توققۇز ئوغۇز دۆلىتى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، تاكى موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى ۋە شەرقىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بۈيۈك مەدەنىيىتىنى ياراتتى .
تۈركلەرنىڭ (كۆك تۈركلەرنىڭ) بىۋاستە ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىدىن كېيىن كۆپلىگەن تىل يادىكارلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى ، بۇ يادىكارلىقلار خرونولوگىيە جەھەتتىن ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ .
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمكىلىرى تاشقا ئويۇلغان بەلگىلەر بولۇپ ، ئورخۇن تۈركلىرىنىڭ يېزىقى بىلەن ئوخشاش . بۇلار گ.رامىستېدت تەرىپىدىن تېپىلغان ئابىدىلەردىن ئىبارەت : 1) شىنە ئۇسۇ ئەتراپىدىن تېپىلغان يادىكارلىق . بۇ بۇ «سېلىنگا تېشى» دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ (8-ئەسىر) ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرنى مەغلۇب قىلغان دەۋرىگە تەئەللۇق ؛ 2) سۇجى دېگەن جايدىن تېپىلغان يادىكارلىق . بۇ 840-862-يىللارغا ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەغلۇب بولغان ۋاقتىغا تەئەللۇق .
ئىككىنچى دەۋرنىڭ يادىكارلىقلىرى بۇرۇنقىلىرىدىن باشقىچە يېزىق بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ . بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار ئەسلىدە سوغدىلاردىن قوبۇل قىلغان . بۇ يېزىقنىڭ سوغدىلاردىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ يادىكارلىقىدىن (سېلىنگا تېشى) كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . شۇ قاتاردىكى يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرى ئاساسىي جەھەتتىن 4-5-ئەسىرلەردە يېزىلغان بولۇپ ، ئەينى زاماندىكى ئەدەبىي يېزىق تىلىنى ئەكىس ئاتتۈرىدىغان مانى ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ دىنىي ۋە دىنىي-پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى ، شۇنداقلا ئەدەبىي يېزىق تىلى بىلەن خەلقنىڭ جانلىق تىلى ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق ھالىتىدە بولغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە سىياسى-قانۇن ھۆججەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر . بۇ ھۆججەتلەر تۈرلۈك دەۋرلەرگە __ 5-8-ئەسىرلەردىن 10-ئەسىرگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى مەزگىللەرگە تەئەللۇق .
ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئەدەبىي تىللارنىڭ ، يەنى ئەڭ ئالدى بىلەن ، قاراخانىلار دەۋرىدىكى (10-12-ئەسىرلەر) تىلىنىڭ ، ئاندىن ئوغۇز-قىپچاق ئەدەبىي تىلىنىڭ (12-13-ئەسىرلەر) ، چاغاتاي تىلىنىڭ (13-14-ئەسىرلەر) ، ئالتۇن ئوردا ئەدەبىي تىلىنىڭ (13-14-ئەسىرلەر) ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا كونا ئۆزبەك تىلىنىڭ (15-19-ئەسىرلەر) ، كونا تۈركمەن تىلىنىڭ (17-19-ئەسىرلەر) ۋە باشقا تىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى . ئۇيغۇر يېزىقى موڭغۇللار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ، تاكى ھازىرقى كۈنلەرگىچە ئىشلىتىلىپ كەلدى .

========================================================
يىلتىزىمىز دىيارىمدا ، ئۈمىدىمىز دىيارىمدا ! تېمىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەندە يىلتىزىنى ئۇنۇتماڭ!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-08 18:17 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5629
شۆھرەت: 2513 نۇمۇر
پۇل: 2 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

ئەجرىڭىزگە رەخمەت يۇتۇزئاي  بىزنى شۇنداق قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەۋاتسىز.
چايكا ئەپەندى ئوزىڭىزگىمۇ رەخمەت.
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-08 18:21 |
iparhan66
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 20304
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 778
شۆھرەت: 788 نۇمۇر
پۇل: 2471 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 11 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

ئەجىرىڭلارغا كوپ رەخمەت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۇگۇنۇۋالدىم
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-09 13:50 |
yalguz-tikan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22143
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
پۇل: 303 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-18

 

بۇ تىما ھەقىقەتتەن ياخشى يوللىنىپتۇ مەن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە رخمەتسىزگە~~~~
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-10 05:24 |
ayikawsar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 117 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-10

 

يۇلتۇزظاي بۇ تىمىنى بەكمۇ ياخشى يۇللاپىسز قۇلىثىزغا دەرىت كەلمىسۇن سىز يەنە ئازراق تىرىشىپ  بىزنىث يىزىقىمىزىنى پەيدا قىلغان مەهمۇت قەشقىرى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-13 22:07 |
ayikawsar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 117 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-10

 

تۇغۇرىسىدا مەلۇمات بەرىگەن بۇلسىڭىز؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-13 22:09 |
hamisa
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22749
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 220 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

سىز ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز . رەخمەت !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-26 15:42 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1093
شۆھرەت: 1495 نۇمۇر
پۇل: 655 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

      Yulduzayخانىم، كۆپ ئەجىر قىپسىز،قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن،سىزگە كۆپ رەھمەت.

      chaykaئەپەندىم،سىزنىڭمۇ ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-26 16:14 |
pis-pas
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 2401
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 225
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 407 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-22

 

بىراق بۇ تۈركى تىللار  قانداق  ئالاقە قىلىۋاتىدۇ ؟
چېچىلىپ قۇمدەك بولۇپ كەتتى
تۈركى مىللەتلەر ئورتاق يېزىقىنى  بەرپا قىلىپ ئالاقىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتتە ، بەزىلەر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا  ئۆچلىك قىلىۋاتىدۇ.
ULY بولسا  تۈركى مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك يېزىقتۇر.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-26 17:15 |
hamisa
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22749
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 220 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

تولىمۇ ئەجىر قىلىۋاتىسىز ھەدە.ئېسىل يازمىلىرىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.
چايكا ئەپەندىنىڭ قوشۇنچە قىلىغان سۈرەتلىرىگىمۇ كۆپ رەھمەت.نۇرغۇنلىغان بىلىملەردىن خەۋەردار بولدۇق.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-27 12:51 |
supurgi
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 431 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-25

 

يۇلدۇزايغا كوپ رەھمەت ...
ئەجىر قىلىپ مۇنبەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ئۇن تۇنسىز توھپە قوشىۋاتقان چايكا ئەپەندىمگىمۇ كوپ رەھمەت....
تارىخى بىلىملەردىن چۇشەنچىگە ئېگە بولۇشمۇ بىلىشنىڭ جۇملىسىدىندۇر...
ياخشى ماتىرياللار ئۇزۇلمىگەي ...
ئۇيغۇرنىڭ قەدىم مەدىنىيىتى يورۇق يۇلتۇزدەك مۇنبىرىمىزدە جۇلالانسۇن.....
ئۆزىمىزنى چۇشىنەيلى...ھازىرىمىز ئۇچۇن ئۇل تاش بولغان تارىخىمىزنى تېخىمۇ كوپ چۇشۇنۇش ئۇچۇن بىلىدىغانلارغا مۇراجەت قىلايلى ئۇلارنى قەدىرلەيلى،قالايمىقان سوز ئىبارېلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ كوڭلىگە ئازار بەرمەيلى،ئىلھاملىرىغا توسقۇنلۇق قىلمايلى.....
ئۇلار يازسۇن بىز كورەيلى ،پايدىلىنايلى...ھەممىسى كورسۇن بىلسۇن.....
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-27 13:32 |
akboz
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 16212
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 193
شۆھرەت: 207 نۇمۇر
پۇل: 430 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 

ياخشى يوللانمىكەن
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-29 14:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻢ - ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻢ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:21
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号