www.Parxtam.Cnخەلىقئارا Paypal دىگەن نىمە ؟
بۇمۇ بىر خىل Paypal ھېساباتى بولۇپ ،جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە ئامېرىكا دوللىرى ياكى ياۋرو ئارقىلىق ھېساب ئاچىدىغان Paypal ھېساباتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ،سىز بۇ ئارقىلىق ،پۈتۈن دۇنيادا تور ئارقىلىق ئېلىم-بېرىم قىلالايسىز.
قانداق تىزىملىتىمەن ؟
تور كۆرگۈچنىڭ ئادرېسى سىتونىغا
https://paypal.com نى كرگۈزۈپ كىرىڭ ! Paypal ئېنگلىزچە باش بېتىگە كىرىسىز ،( كەچۈرۈڭ سىز خەلىقئاردا پۇل يۆتكەش ۋە ئېلىم-بېرىم قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ئېنگلىزچىنى ئانچە مۇنچە بىلىشڭىز ياكى بۇ تېمىنى ياخشى ئوقۇپ چىقىشىڭىز كېرەك ! ) .ئېچىلغان بەتنىڭ ئوتتۇرسىدا تىزىملىتىش دىگەن تۈر بار يەنى ئېنگلىزچە sign up دىگەن خەت .ياكى بەتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۆۋەندىكى رەسىمدە
كۆرستىىلگەن كۆك ئورۇننى چېكىڭ !
مۇشۇ رەسىمدىكى كۆك ئورۇننى چەككەندىن كېيىن يەنە بىر بەت ئېچىلىدۇ . سىز ئېچىلغان بەتنىڭ ھىچ قەيىرگە چېقىلماي ئاستى تەرەپكە قارىسڭىز Select the country or region where you live دىگەن خەت ۋە شۇ خەتنىڭ ئاستىدا بىر سىيرىلما تاللاش رامكىسى بار ،شۇنىڭ ئىچىدىن جۇڭگو يەنى china نى تاللايسىز . تاللىغاندىن كېيىن ،بۇ
يەر ئۆزگىرىپ تۆۋەندىكى ھالەتكە كېلىدۇ
يەنى ئاستىدا يەنە بىر سىيرىلما تاللاش پەيدا بولىدۇ .بۇنىڭ مەنىسى : بىزنىڭ جۇڭگودا يولغا قويغان paypal مۇلازىمىتىمىز ئىككى خىل بولۇپ ،بىرىنچى خىلى paypal جۇڭگو ، يەنە بىر خىلى paypal خەلىقئارالىق .سىز قايسىنى ئىشلىتىسىز دىمەكچى ،paypalجۇڭگوغا تىزىملىتىشنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ ،بۇ يەردە پەقەت paypal خەلىقئارالىق ھەققىدە سۆزلەيمىز .
سىز بۇ يەرگىمۇ چىېقىلماڭ ،چۈنكى بۇ يەردە paypal خەلىقئارلىق ئاپتوماتىك تاللاپ قويۇلغان ، سىز بىۋاستە ئوڭ تەرەپتىكى داۋاملاشتۇرۇش يەنى continue دىگەن خەتنى باسسىڭىزلا بولىدۇ .
ئاندىن يېڭى بەت ئېچىلىدۇ ،بۇ بەتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە .
يۇقىردىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار :
ئىسىم ۋە فامىلىنى يازغاندا كىملىكتىكى خەنزۇچە ئىسىمنىڭ خەنزۇچە پىنيىن شەكلى بويچە يېزىڭ !
مەسلەن :阿里木江 دىگەن ئىسىمنى چوقۇم Alimujiang دەپ يېزىش كېرەك ، Alimjan دەپ يېزىپ قويسىڭىز پۇلىڭىزنى پايپالدىن ئالالمايسىز .
ئادرېسنى يازغاندا كىچىك يەر نامىدىن -چوڭ يەرنامىغا قاراپ ( ئامېرىكىچە يېزىش كېرەك ) مەسلەن ،بىرىنچى ئادرېسقا ،كوچا ئۆي ئادرېسى ،ئىكىنچىسىگە يېزا-كەنت ،ئۈچىنچىسىگە ناھىيە ،ئەڭ ئاخىرسىغا ئۆلكە ۋە دۆلەت قاتارلىقلار .
گراژدانلىق ھوقۇقى بار دۆلەت دىگەن تۈرگە چېقىلماڭ ! ( ئەگەر جۇڭگولۇق ئەمەس بولمىسڭىزلا )
پۇل تۈرىنى تاللاش رامكىسىدا ئامېرىكا دوللىرى تاللاقلىق بولىدۇ ،( دۆلىتىمىزدە ئادەتتە پەقەت ئامېرىكا دوللىرى ۋە خەلىق پۇلى شىياڭگاڭ پۇلىنىلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولغاچقا ) ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆزگەرتمەڭ ،بۇ يەردە خەلىق پۇلىنى تاللاش تۈرى يوق ،خەلق پۇلىنى پايپال خەلىقئارالىققا قوشقىلى بولمايدۇ . سىز يەنە ياۋرو ،شىياڭگاڭ پۇلى ۋە باشقا پۇللارنى كېيىن قوشىۋالسڭىز بولىدۇ .
بىخەتەرلىك سۇئالى مەخپى نومۇرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز تېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان سۇئال بولۇپ ،ئايرىم ئايرىم ئىككى سۇئال تاللايسىز ،ھەم ئىككى جاۋابنى ئۆزىڭىز بەلگلەيسىز ،سىيرىلما ئىچىدىكى سۇئاللارنىڭ مەنىسى مۇنداق :
last for charecters of driver's lisence پراۋىڭىزنىڭ ئاخىرقى تۆت خانىسى
بۇ سۇئاللاردىن خالىغان بىرىنى تاللىسڭىز بولىدۇ ، بىرىنچى سۇئال بىلەن ئىككىنچى سۇئال ئوخشاش بولماسلىقى كېرەك ،ھەم جاۋابنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ھالەتتە توغرا يېزىڭ .يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ،يا ئېنگلىزچە توغرا يېزىڭ ،ياكى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا توغرا يېزىڭ ،كېيىن مەخپى نومۇرنى ئۇنتۇپ قېلىپ تاپماقچى بولسڭىز بىرەر چېكىت ياكى ھەرىپنى خاتا يېزىپ قويسڭىزمۇ ،مەخپى نومۇرنى قايتۇرۋالالماي پۇل يوق بولىدۇ .
ئاندىن ئاستىدا yes no دىگەن ئىككى تاللاش بار ، بۇنىڭدىن yes نى تاللاپ ،ئۇنىڭ ئاستىدىكى سېستىما چىقارغان بىخەتەرلىك كودىنى ماس ھالدىكى ئورۇنغا تولدۇرۇپ ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى sign up دىگەن خەتنى بېسىپ كىرىسىز .
ئەگەر سىز تولدۇرغان ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي توغرا بولسا سىز تىزىملىتىپ بولغان بولىسىز ،ئەگەر خاتا بوپ قالسا خاتا بوپ قالغان ئورۇنلار قىزىل رەڭدە كۆرىنىدۇ ،ئوبدان ئويلىنىپ قايتا كىرگۈزۈپsign up بېسىڭ ،بۇ چاغدا تور كۆرگۈچنىڭ سۈرئىتى نورمال بولسىلا بانكا كارتا ھېسابات نومۇرى قوشۇش بېتىگە كىرىدۇ .سىز بۇ يەردە بانكا ھېساباتى قوشماقچى بولسڭىز ( كېيىن قوشىۋالسىمۇ بولىدۇ ) چوقۇم ئامېرىكا ياكى ياۋروپا بانكىلىرىنىڭ ياكى شىياڭگاڭ بانكىسىنىڭ ھېسابات كارتىسى بولىشى كېرەك ،ياكى جۇڭگو بانكىسى ئارقلىق بېجىرگەن ئامېرىكان ئىكىسپرېس كىرېدېت كارتىسى بولىشى كېرەك .( بۇ كارتىنى جۇڭگو بانكىسىدا بېجىرسىز ،تەپسىلى ئەھۋالنى جۇڭگو بانكىسىدىن سوراڭ ) يەنى تۆۋەندىكى
بەتكە كارتا ئۇچۇرىنى تولدۇرىمىز
بۇ ئۇچۇرلارنى تولدۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
كارتىڭىزنىڭ تۈرى-كارتا ئۈسىتىدە ئېنگلىزچە خەتلەر بار ، كارتا تۈرى دىگەن ئورۇندىن ماس ھالدىكىنى تاللاڭ ،مەسلەن viza دىگەندەك .amex بولسا american express نىڭ قىسقارتىلمىسى . بۇ ئۇچۇرلانى تولۇق تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، كارتا قوشىمەن يەنى add card نى باسسىڭىز بولىدۇ .
دىققەت : ئادەتتە خەلىقئارا كرېدېت كارتىسى بولمىسىمۇ پايپالدا ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىغا پۇل ئالغىلى بولىدۇ ( ئەمما 20 دوللار رەسمىيەت ھەققى تاپشۇردىغان گەپ ) .ھازىرقى بىز ئىشلىتىۋاتقان بانكا كارتلىرىنىڭ ھەممىسى قوش پۇللۇق كارتا بولۇپ ،خەلق پۇلى ،شىياڭگاڭ پۇلى ،ۋە ئامېرىكا دوللىرى ساقلاشقا ۋە ئېلىشقا بولىدۇ .شۇڭلاشقا سىز بۇ يەردە ئالاھىتەن ئامېرىكان ئىكىسپرېسس كارتىسى بېجىرىشنىڭ ھاجىتى يوق ،ئەمما بۇ خىل كارتا بولمىسا پايپال خەلىقئارالىقنى تەستىقلاتقىلى بولمايدۇ ،تەستىقلانمىغان پايپالدا 30000 دوللاردىن ئارتۇق ئېلىم-بېرىم قىلغىلى بولمايدۇ ،30000 دوللارغا يەتكەندە چوقۇم تەستىقلىتىڭ !
تەپسىلى ئەھۋالنى جۇڭگو بانكىسى ۋە پايپال مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلشىڭ ، مەن ياردەم قىلالىغۇدەك ئىشلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ ! ئەمدى سىزنىڭ پايپال خەلقئارالىق ئادرېسڭىز بولدى ،بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن
بۇ يەرنى چېكىڭ [ بۇ يازما kaimas تەرپىدىن 2007-12-05 01:26 دە قايتا ]