قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 1843 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئاياللار ئوبرازى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ھىجران
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20368
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 220 نۇمۇر
پۇل: 10 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئاياللار ئوبرازى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما manggutax تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-12-02)
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئاياللار ئوبرازى
تەييارلىغۇچى : ھىجران





بىزگە مەلۇمكى ، << ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ سىستېمىلىق ئەدەبىيات >> . يازما ئەدەبىيات پەيدا بولغاندىن كېيىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى ، گۈللەنگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، قاراخانىلار ئەدەبىياتى ، سەئىدىيە خانلىقى ئەدەبىياتى ، چاغاتاي ئەدەبىياتى بۇ سىستېمىنى پەيدا قىلغان مۇھىم ھالقىلاردۇر .
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ناھايىتى مول بولغان ئىجتىمائىي ، تارىخىي مەزمۇنلار ئەدىب ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدا ھەر خىل ژانىردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . تۆۋەندە مەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئاياللار ئوبرازىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن .
ئىنسانىيەتنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدە ، ئايال ئىلاھلار كىشىلەرنىڭ روھىي تۇرمۇش كۈرەشلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغاچقا ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جانىرلىرىنىڭ ئاياللار ئوبرازى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق ۋە روشەن ئىدى . مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە ۋە ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدە ئايال ئىلاھ ئۇماي ئوبرازى گەۋدىلىك تەسۋىرلىنىدۇ . ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈرەشلىرىدىكى رولى ۋە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئەدەبىياتتا قابىل ئاياللار ، ئاق كۆڭۈل مومايلار ئوبرازىنى شەكىللەندۈرگەن . مەيلى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىكى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلەردە بولسۇن ، ھەممىسىدە قىز - ئاياللارنىڭ كىشىنىڭ كۆڭلىنى لال قىلىدىغان گۈزەل رۇخسارى تەسۋىرلەنگەن .
1 . ئاياللار خاراكتېرىدىكى گۈزەللىك ئىپادىسى
بىز << ئوغۇزنامە >> داستانىدا ئوغۇز خاقاننىڭ ئۈچ قىزغا كۆيگەنلىكى تەسۋىرىدىن گويا گۈزەل بىر شېئىرنى ئوقۇغاندەك ھېس قىلىمىز . بۇ قىزلار تەبىئەت قىزلىرى بولۇپ ، كۈچلۈك مېھىر - مۇھەببەتكە ۋە سېھرىي كارامەتكە تويۇنغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىدىقۇت خانلىقى ئەدەبىياتىدىكى << مۇھەببەت قوشىقى >>نى ئوقۇغان ئادەم يېقىملىق مىسرالار ئارىسىدىن شۇنداق بىر لېۋەن يار ئوبرازىنى كۆرگەندەك بولىدۇ . مەھمۇد قەشقىرىنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >>دىكى تۆۋەندىكى قوشاققا قاراپ باقايلى :
1 . قويغاسىپ ياتسا ئانىڭ يۈزىڭە ،
ئالىسقا ئۇگىن ئانىڭ سۈزىڭە .
مىڭ كىشى يۇلۇنى بولۇپ ئۇزىڭا ،
بەرگەلەر ئۇزىن ئانىڭ كۈزىڭە .
( ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ ، يۈزىگە قاراپ ياتقان كىشى ئۇنىڭ نازى ۋە سۆزلىرىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، مىڭ جېنى بولسىمۇ ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە پىدا قىلىدۇ . ) ( << دىۋان >> ، 1 - توم ، 323 - بەت )
2 . بولنار مەنى ئۇلاس كۆز ،
قارا مەڭىز قىزىل يۈز .
ئاندىن تامار تۈگەل تۇز ،
بۇلناپ يانا ئۇل قاچار .
( قارا مەڭلىك قىزىل يۈزلىرىدىن گۈزەللىك تېمىپ تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ ، ئەسىر قىلىدۇ - دە ، يەنە قېچىپ كېتىدۇ . )
3 . قادا تۇنۇگ كەچۈرسەدىم ،
ئاغىر ئۇنى ئۇچۇر سادىم .
يەتىكەنىگ قاچار سادىم ،
ساقىش ئىچىدە كۈنۈم تۇغدى .
( قاراڭغۇ كېچىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى ، ئېغىر ئۇيقۇنى قاچۇرۇشىنى تىلىدىم ، يەتىكەن يۇلتۇزنىڭ ئايلىنىشىنى قايتا - قايتا سانىدىم ، ساناش جەريانىدا كۈندۈزىمنىڭ قۇياشى تۇغدى . ) ( << دىۋان >> ، 3 - توم ، 340 - ، 341 - بەت )
بۇ لىرىك قوشاقتىكى قىز ھېكمىتى ، كۈچلۈك سېغىنىش ئوتى ، ئۇلۇغلاش ھېسسىياتى ھازىرمۇ ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ . بۇ خىل باشلانغۇچ نەمۇنىلەر قاتارىدا نۇرغۇنلىغان ئەپسانە - قوشاقلار ، مەڭگۈ تاشتىكى يازمىلاردىنمۇ تالاي مىسرالارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . ئەمدى بىز تۆۋەندە ۋەكىل قىلىپ نەۋائىينىڭ قەلىمى ئاستىدىكى گۈزەل رۇخسارىلىق قىزلار ئوبرازىغا نەزەر سېلىپ باقايلى :
رەشكىدىن جانىمغە ھەر نەرگىس كۆزى بىر شۇ ئىلەدۇر ،
باغ ئارا ناگاھ خىرام ئۇل سەرۋى رەئىنائەيلەسە .
( ئۇ سەرۋى قانچىلىك گۈزەل باغ ئىچىدە يۈرسە ، ماڭا ھەر بىر نەرگىس گۈلنىڭ كۆزى كۈندەشلىكتىن يېنىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ . )
يوق ئاغزىدىن نۆتە ئەيتۇر مەھۋەشىمدەك بولماغاي ،
گەر قۇياش ھەر زەررىسىدىن بىر مەسھا ئەيلىسە .
( مېنىڭ گۈزەل يارىمنىڭكىدەك چىرايلىق سۆز قىلىدىغان ئېغىز يوق ، گەرچە قۇياش ھەر زەررىسىدىن ھايات بەخش ئەتسىمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ . )
قىزلارنىڭ قىزىل گۈلگە ئوخشىتىلىشى كلاسسىكلىرىمىزدىن تارتىپ قالغان ئەنئەنە . بىراق نەۋائىي بۇ يەردە << نەرگىس گۈلىنىڭ كۆزى كۈندەشلىكتىن يېنىۋاتقاندەك قىلىدۇ >> دەپ قىزنىڭ گۈزەللىكىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتەرگەن . قۇياش ئىنسانىيەت باشلانغۇچ دەۋرىدە تەڭرى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانسا ، كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۈزۈلمەي مەدھىيە ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن . چۈنكى قۇياشنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بولغان بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى ھەر قانداق شەيىنىڭكىدىن كۈچلۈكرەك ھېسابلىنىدۇ .
نەۋائىي شېئىرىدا قىزنىڭ ھەر بىر ئېغىز تاتلىق سۆزىنى قۇياشنىڭ نۇر زەررىسى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ ھەم قىزنىڭ سۆزلىرىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۆز يارىنىڭ نازاكەتلىكلىكىنى كۈچلۈك نامايان قىلىدۇ .
2 . ئەيىبكار ئاياللار ئوبرازى
بىزگە مەلۇم ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ، چۆچەكلەردە مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بار ، يەنى ئىنسانىيەتكە زىيان سالىدىغان ، يالماۋۇز ، جادىگەر قاتارلىقلار ئايال سۈپىتىدە ئەكس ئېتىدۇ . باشقىچە قىلىپ ئېيتساق ، بۇ ئوبرازلار ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك سۈپەت - خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە تەسۋىرلىنىدۇ . كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە بۇنداق ئوبرازلار كۆپ ئۇچرايدۇ . مەن بۇنى << ئەيىبكار ئاياللار ئوبرازى >> دەپ ئاتىدىم .
مەسىلەن ، << فەرھاد - شېرىن >> داستانىدىكى جادىگەر ( سېھرىگەر ) موماي شۇنداق ئوبرازلارنىڭ ۋەكىلى .
بۇ موماي ساختىلىق ، ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ ، يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىلەن فەرھادنى ئالداپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاشىق - مەشۇقنىڭ ۋىسال تېپىشىغا توسقۇن بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كلاسسىك ئەسەرلەردىمۇ خائىن ، ۋاپاسىز ، جاۋىلداق قىلىپ تەسۋىرلىنىدىغان ئاياللار ئوبرازى ئۇچرايدۇ . بۇ خىل تەسۋىرلەش ئۇسۇلى تاكى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزغىچە يېتىپ كەلدى . ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، ئىسلام ئەقىدىلىرىدىكى بەزى قائىدىلەر بويىچە ئاياللارنى پەس كۆرۈش ، ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارنى دەپسەندە قىلىش تەرغىپ قىلىنىدىغان ، تەڭسىزلىك تەشۋىقاتى ئىپادىلەنگەن بىر قىسىم ئەسەرلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن .
كلاسسىك ئەسەرلەردىكى بۇ خىل كۆرۈنۈشلەردىن شۇنى خۇلاسىلايمىزكى ، دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىزنىڭ كلاسسىكلىرىمىز قەلىمىدىكى ئاياللار ئوبرازىنىڭ خاراكتېرىدىمۇ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولغان . ئانىلىق ، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ۋە دىن ، ئۆرپ - ئادەتتىكى ئۆزگىرىش داۋامىدا بۇ خىل كەيپىيات بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان .
<< رىم دۇنيا ئىمپىرىيىسىنى بويسۇندۇرغان ، مەرىپەتلىك ئىنسانىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۈستىدىن 1800 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ دىننى ئاددىي ھالدىلا ئالدامچىلار توقۇپ چىققان سەپسەتە دېيىش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ . مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئېرىشىشىگە ئاساس بولغان تارىخىي شارائىت بويىچە چۈشەندۈرۈش كېرەك >> . ئېنگىلىسنىڭ يۇقىرىقى سۆزى بىلەن دىننىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئۇيغۇرلارمۇ شامان دىنى ، زورۇ ئاستىر دىنى ، مانى دىنى ، بۇددا دىنى ، ئىسلام دىنلىرىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۇلاردىكى ئۆرپ - ئادەت ۋە كۆز قاراشلار مۇكەممەللىشىپ ، ئۆزگىرىپ بارغان . بىز سۆزلەۋاتقان ئاياللار ئوبرازىنىڭ خاراكتېر تەرەققىياتىدىمۇ ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىك چاقناپ تۇرىدۇ .
بىز ئەلىشىر نەۋائىي شېئىرلىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق ، << مەي >> ۋە << يار >> ئوبرازىدىكى مەزمۇننىڭ تىرەنلىكىگە يېتىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز . نەۋائىي ئەسەرلىرىدە ئاياللارنى شۇ دەرىجىدە تەسۋىرلىگەنكى ، ئۇنىڭدىن بىر خالىس ياخشىلىق قىلغۇچىنى ، گۈزەل نازىنىننى ، تەركىي - دۇنيا بولغان ئايالنى ، مۇھەببەت مەستانىسىنى ، ئىلاھ سۈپەتلىك پەرىنى . . . كۆرۈۋېلىش مۇمكىن . بۇ ئوبرازلارنىڭ چىنلىق دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، ئادەتتىكى ئايال قېلىپىدىن چىقىپ ، خىيالىي ، غايىۋى ئوبرازغا ئايلانغان .
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بىزنىڭ كلاسسىكلىرىمىز قەلىمىدىكى ئاياللار ئوبرازى جىسمانىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاياللار بولماستىن ، بەلكى جەمئىيەت ، تۇرمۇش ، ئارزۇ ، غايە ، زىددىيەت ، توقۇنۇش ، روھىي ئازاب ۋە ھەمدۇ - سانالارغا سىڭىپ كەتكەن مۇرەككەپ ، بىباھا مەدەنىيەت ئىزىنىڭ يەكۈنىدۇر .



( شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى [ ئىجتىمائىي پەن قىسمى ] 2001 - يىللىق 7 - ئايدىكى سانىدىن ئېلىندى )
تېما تەستىقلىغۇچى : yolbaxqi-ksg
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2007-12-02, 15:20
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(baturjangqi) ماتىرىيال
شۆھرەت:+10(manggutax)
شۆھرەت:+10(yolbaxqi-ksg) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-12-02 23:16 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
mr.14
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20533
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 170 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-04

 

ئىسىت ! مەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۈگۈنۈپ باقمىغان ! تۇللۇق ئوتتۇردا بېرىپ ھېلىقى «ئاتا مىللەتنىڭ » 文言文دىگىنى ئۈگەندۇق !
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-03 00:51 |
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2150
شۆھرەت: 2097 نۇمۇر
پۇل: 7014 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-28

 

كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇلاق.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-03 11:01 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2555
شۆھرەت: 1975 نۇمۇر
پۇل: 2784 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 845(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

بۇلاق ژۇرنىلى كۇندىن-كۇنگە نىپىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دىسە.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-03 11:21 |
Xayih
تەھرىر
ئالاھىدە تۆھپە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
دەرىجىسى : باش كاتىپ


UID نۇمۇرى : 4549
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 952
شۆھرەت: 689 نۇمۇر
پۇل: 2128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-03

 

ئالىم، ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بىز بىلەن ۋىدالىشىشى
ئىلمى ئەمگەكنىڭ بازار رىقابىتىدە ئۆز قىممىتىنى تاپالماسلىغى
بار بولغان يازغۇچى ئەدىپلەرنىڭ ئىختىسادى ئۈنۈم ھېرىسمەنلىگى
ئىلمى تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ مەبلەغ مەسىلىسى  قاتارلىقلار، كىلاسىك ئەدەبىيات ۋە ئەنئەنىۋى مەدىنيىتىمىزنىڭ تەرغىباتچىسى بۇلاق، مىراس قاتارلىق  ئەدەبى ژۇرناللىرىمىزنىڭ ئىجتىمائى پاجىئەسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-03 18:07 |
sehraliq
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 371 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-04

 

بىلىۋالدىم ....كۆپتىن-كۆپ رەھمەت !!!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-03 22:39 |
kuxbeg526
http://blog.retim.cn/268809
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8680
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3482
شۆھرەت: 1417 نۇمۇر
پۇل: 6619 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 106 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

Quote:
بۇ مەزمون 1 - قەۋەتتىكى mr.14 نىڭ 2007-12-03 00:51 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئىسىت ! مەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۈگۈنۈپ باقمىغان ! تۇللۇق ئوتتۇردا بېرىپ ھېلىقى «ئاتا مىللەتنىڭ » 文言文دىگىنى ئۈگەندۇق !

ھا ھا ھا ...مۇنداقمۇ قىزىق گەپلىرڭىز باركەن ھە ..!؟ ئەمىلىيەتتە مۇنداق كەچمىش ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-04 05:23 |
tahir
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
پۇل: 222 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29

 

بۇلاق ژۇرنىلى كۇندىن-كۇنگە نىپىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دىسە.


ئىككى ئايدا بىر قېتىم6.5يۇۋەن خەجلەپ« بۇلاق ژۇرنىلى»سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيسە تۇملىشىدۇ .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-12-17 21:33 |
maslihatqi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 434
شۆھرەت: 445 نۇمۇر
پۇل: 1411 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

يازغۇچىللىرىمىز تورنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلىماي ئەسەرلىرىنى توردا كۆپىرەك ئېلان قىپ تۇرسا ،تور ئىگىللىرىمۇ ،ئۆزىنىڭ ئەزالىرىغا { ئەسەرلىرىنى شۇ تور بىكىتىدە ئېلان قىلىدىغان يازغۇچىلار } مۇھاپىق نىسبەتتە ھەق بەرسە ،كىتاپ كۆرىشنى ياقتۇرمايدىغان تورداشلارمۇ بەھرىلەنسە  ياخشى بولاتتى .چۈنكى كومپڭيوتېر ناھايىتى تېز سۇرئەت بىلەن ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ . ئۆزەمنى مىسال قىلسام: بۇ تەتىل كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئەمەس ،توردىكى رەڭگا _رەڭ تىمىلارنى كۆرىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-12 00:59 |
tuhpikar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 319 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-12

 

ياخشى تېما بوپتۇ، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-26 01:01 |
kadimitograk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27136
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 161 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-02

 

ئويغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئاياللار ئوبرازى جانلىق يارتىلغان ئۆلمەس ئوبرازلار بۇلۇپ، ئۇلار كىلاسسىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قان تەر ئەجرىنىڭ مەسئۇلى،بىزنىڭ ئۈلگە ئېلىشىمىزغا تىگىشلىك قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلاردۇر.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-31 12:50 |
joker
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28416
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 147 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-08

 

看看大家合作啊
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-08 23:09 |
菲l义
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 282
شۆھرەت: 282 نۇمۇر
پۇل: 583 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 简单实用的计件工资软件QQ:249515888

计件工资软件是一款构思独特、布局大气、设计精致、功能强大、操作简单、最为贴近您的实际工作的工资管理软件!
本软件以核算计件工资为核心,同时也支持订单管理、计时工资、分配工资等。只要录入各员工所做的各产品各工序产量,本软件会自动算出计件工资。

本软件有着如下一些特点:
1、简明易学,有着详细的帮助文档;
2、提供多种先进、直观的录入方法;有实时针对虚报多报产量的监控、提示;
3、对于服装行业,支持类似EXCEL表格式录入,本软件自动生成工表样式表格,对照录入各员工所做各工序产量,系统会自动算出计件工资;工表可按比例计算计件工资;
4、对于机械等行业,可为各部门选择常做工序,当录计件工资记录时,系统会自动为所录员工填入所做工序;
5、可先录计件产量,后定义工序单价表,系统会自动算出计件工资;修改某工序单价,此工序本月计件工资会自动改变;计时工资也一样;
5、可按部门、按员工、按产品类别、按产品、按工序、按订单、按工表、按日期等分类查询计件工资情况,或自由选择各种条件组合查询,可连续打印,可导出到 Excel 表格中;
7、工资项目及计算公式可自由设定;
8、自动计算个人所得税,可生成个人所得税报表,银行代发工资报表,员工工资条等;
9、支持本月某些员工工资暂不发放或只发部分,本软件会自动将本月暂未发工资结转到下月或以后其他月份;
10、可按订单统计出生产成本,可随时查看订单完成进度;

可以自动生成如下报表:
一、 计件工资表
各产品的各道工序的产量虚报多报或少录报表;
各产品的各道工序的产量、计件工资汇总表;
各产品的各工序类的计件工资汇总表;
各产品类别计件工资汇总表;
各部门计件工资汇总表;
各员工计件工资汇总表;
各员工所做各产品的计件工资汇总表;
各员工所做各产品各道工序的产量、计件工资汇总表;
各员工的计件工资明细表;
各部门所做各产品的产量、计件工资汇总表;

二、 工资表
各部门工资汇总表;
各员工的工资报表、工资条;
银行代发工资报表;
个人所得税报表;
暂时未发工资报表;

三、 订单列表
各订单计件工资汇总表、计时工资汇总表;
订单生产进度,即完成百分比

业务咨询QQ:249515888
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:49 |
琳茗涛
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29900
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 82
شۆھرەت: 82 نۇمۇر
پۇل: 633 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-15 22:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:09
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号