«تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»__ موللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى .
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ » «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»__ موللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى .

« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»__ موللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى . پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 1758 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

«تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»__ موللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى .

بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-11-30)

بۇ كىتاب جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىدا ساقلىۋاتقان ، مىلادى 1854-1855-يىلى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى تەرىپىدىن يېزىلىپ ، ئەلىىشىر نەۋائىينىڭ «كوللىيات» دىۋانى بىلەن قوشۇپ تۈپلەنگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن رەتلەپ نەشىر قىلىندى .
كىتاب مۇندەرىجىسى : __ كىرىش سۆز ، تېكىست ، تەرجىمە ، ئىزاھلار ، سۈرەتكە ئېلىنغان نۇسخا قاتارلىق بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن .

كىرىش سۆز

بىز كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) رىسالىسى خوتەن شەھرىدە ئۆتكەن موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى تەرىپىدىن يېزىلغان . بۇ ئەسەرنىڭ بىز ئاساسلانغان قوليازما نۇسخىسى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «كۇللىيات» ناملىق دىۋانىنىڭ بىر قوليازما نۇسخىسى بىلەن قوشۇپ تۈپلەنگەن بولۇپ ، ھازىر جوڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىلللەتلەر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا ساقلانماقتا . كىتاب نومۇرى 909.217/149. قوليازما خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغزىگە خەتتى نەستەلىك ئۇسلۇبىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 39 بەت . ھەر بىر بەت ھەجمى 2215 سانتىمېتىر ، ھەر بەتتىكى تېكىست ھەجمى 19 سانتىمېتىر ، ھەر بەتكە 15 قۇردىن خەت يېزىلغان . قوليازمىنىڭ تېكىستى قارا سىيادا ، كىچىك ماۋزۇلىرى قىزىل سىيادا قومۇش قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلگەن . قوليازما قوشۇپ تۈپلەنگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى جىگەررەڭ قىرىم بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يۈزىگە ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبىدا چىرايلىق نەقىش ئىشلەنگەن .
ئاپتور بۇ ئەسەرنى

پۈتۈك تارىخىن دېپ ئىدىم ،
بىلەلمەسمىكىن دېپ ئەجەپ غەم يىدىم .
تۈگەت سۆزنى مۆجىزى غەرىپ بىناۋا ،
ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ماساۋا .

_ دېگەن شېئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ شائىرنىڭ <<پۈتۈك تارىخىن تارىخىن دېپ ئىدىم>> دېگەن مىسرادىكى كېيىنكى << تارىخىن>> سۆزى ئەبجەت بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە ھىجرى 1271-يىلغا توغرا كېلىدۇ . ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يەنە قىزىل سىيادا كونىچە << سىنە>> دېگەن يىل نامىمۇ يېزىلغان . دېمەك ، مۆجىزىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ يادنامىسى ھىجرى 1271-يىلى (مىلادى 1854-1855-يىلى) دۇنياغا كەلگەن .
قوليازمىنىڭ ئىملاسىغا ئاساسەن ، ئۇنى كېيىن كۆچۈرگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . بىراق ، ئۇنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە خەتتات توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق . قوليازمىنىڭ باش بېتىگە  << ئۇشبۇ تەۋارىخى مۇسىقىيۇن كىتابىنى پۈتۈرگەن ئەلىشىر ھېكىم بېگىمگە يۈز رەھمەت ، پۈتكۈچى موللا ئىسمەتۇللا مۆئىجىزغە ئىلاھىم مىڭ رەھمەت قىلغاي ، ماڭا بۇ رىسالەنى دۇۋەل ئەزىمشا بېگىم تەقدىم قىلدى ، دەپ مۆھۈر باسقۇچى مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىدۇر ، 1338 سىنە >> دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ ، مۇفتى مۇھەممەت ئىمىن ئىبنى باقىنىڭ سوقىچاق مۆھۈرى بېسىلغان . بۇنىڭدىن بۇ قوليازمىنىڭ ئەڭ كېيىن بولغان تەقدىردىمۇ ھىجرى 1338-يىلى (مىلادى 1919-1920-يىلى)دىن بۇرۇن كۆچۈرۈلگەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ .
بىز تۆۋەندە بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ..

1

«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنياغا كەلگەنلىگى تاسادىبى بىر ئىش ئەمەس . ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى بۆلۈنمىچىلىگى ۋە ئاپپاقخۇجا ئاۋلاتلىرىدىن بولغان چوڭ خۇجا بۇرھانىدىن بىلەن كىچىك خۇجا جاھان بۆلۈنمىچىلىگىنى باستۇرۇپ ، شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بارلىققا كەلگەن نىسپى تېنچ شارائىتتا يەنە بىر قېتىم گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇپ ، 19-ئەسىرگە كېلگەندە چىرىكلەشكەن چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ پاجىئەلىك زۇلۇم-سەتەملىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا ماسلىشىپ راسا يوقۇرى پەللىگە چىققان ئىدى . ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنى يەركەن خانلىقى(مىلادى 1514-1678-يىللار) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپپاق خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ۋەيران بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئومۇمىي ئىستەكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باشلانغان بولسا، خەلقنى نادانلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتقۇزۇش ، مىللى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ، مىللى زۇلۇم ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى مىللى دېموكىراتىك ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى .
بۇ دەۋر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى، شائىرلار ئەدەبىيات سەھنىسىگە چىقىپ ، ئۆزلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل ژانىر ۋە مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى . موللا ئەلەم شەھيارى ۋە ئۇنىڭ مىلادى 1761-يىلى يازغان «گۈل ۋە بۇلبۇل» ناملىق پوئىمسى ، لۈكچۈنلۈك شائىر ئەھمەت غۇجام نىياز ئوغلى(1827-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ «رەۋزەتۇلزۆھرا» ناملىق شەئىرىي داستانى ، مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ۋە ئۇنىڭ «سىدىقنامە» ناملىق ئەسىرى ، شائىر موللا رېھىم ۋە ئۇنىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق داستانلىرى ، يەركەنلىك شائىر ئۆمەر باقى ۋە ئۇنىڭ 1792-يىلى نەسرى-نەزمى شەكىلدە يېزىلغان «پەرھات-شېرىن ۋە لەيلى-مەجنۇن» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى ، قومۇللۇق شائىر زۇھۇرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋان زۇھۇرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ، موللا يۇنۇس ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1807-يىلى يېزىلغان «يۈسۈپ-زۇلەيخا» داستانى ، موللا سىدىق ياركەندى ۋە ئۇنىڭ 1813-يىلى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىدىكى 5 داستان ئاساسىدا يېزىپ چىققان «نەسرى مۇھەممەت ھۈسەيىنبەگ» ناملىق توپلىمى، ئىمىرى (1822-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ «دىۋان ئىمىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ، قەشقەرلىق نورۇز ئاخۇن كاتىب زىيائى ۋە ئۇنىڭ «مەھزۇنۇلۋائىزىن» ناملىق ئىپىك داستانى ، ئابدۇرېھىم نىزارى (1845-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ «پەرھات-شېرىن» ، «مەجنۇن ۋە لەيلى» ، «شاھ بەھرام ۋە دىلئارام» ، «ھامۇق- ئۇزرا» ، «چاھار دەرۋىش» («ئازات بەخت») ، «مەھزۇن ۋە گۈلنىسا» ، «شاھزادە مەسئۇد ۋە دىلئارا» ، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق 12 داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇھەببەتنامە» ناملىق ئەسىرى ، تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبى (1802-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان) ۋە ئۇنىڭ «كىتابى غېرىب» ناملىق داستانى ، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ (1824-1899-يىللار) ۋە ئۇنىڭ 1851-يىلى ئىشلەنگەن «غەزەليات» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ، 1875-يىلى يېزىلغان «غازات دەر مۈلكى چىن» ناملىق داستانى ، 1881-يىلى يېزىلغان «چاڭموزا يۈسۈپخان» ناملىق داستانى ، 1882-يىلى يېزىلغان «نۇزۇگۇم» ناملىق قىسسىسى ، موللا شاكىر ۋە ئۇنىڭ «زەپەرنامە» ناملىق تارىخىي داستانى قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان مۇھىم نامايەندىلىرىدۇر.
بۇ دەۋر ئىچىدە ئۇيغۇر مۇزىكا-ناخشىلىرى بويىچىمۇ بىرمۇنچە جانلىنىشلار بولدى : مىلادى 1820-1828-يىللاردا قەشقەر دېھقانلار قوزغلىڭىغا قاتناشقان قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ھەققىدە توقۇلغان «نۇزۇگۇم» قىسسىسى بىلەن «نۇزۇگۇم» ناخشىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرىگە تارقالدى . خوتەن «قارىقاش ناخشىسى» ، قەشقەر «قىزىلگۈل ناخشىسى» ، تۇرپان «مايىمخان ناخشىسى» ، قومۇل «يارسەنەم ناخشىسى» ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئانارخان» ، «ئويناڭ تۆرەم» ، «بىۋاپا نادان يارىم» ، «خارابىڭ مەن» ، «دادەي» ، «سارىخان» ، «ئاللا يارىم» ، «ھاي-ھاي ئۆلەن»  قاتارلىق ناخشىلىرىمۇ كەڭ تارقالدى ؛ ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ «رىسالەئى مۇغەننىيۇن» ، «كىتابۇلمۇسىقى» ، «كالامىفۇلمۇسىقى»  قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زاھىرىددىن مۇھەببەت بابۇرنىڭ «ئەسرارى مۇسىقى» ناملىق كىتابى شۇ چاغدىكى ئۇستا خەتتاتلار تەرىپىدىن قايتا كۆچۈرۈپ چىقىلدى .
ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى بويىچە كۆتىرىلگەن بۇ قېتىمقى تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى ، يەرلىك ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق زاتلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشتى . بۇ يەردە 1811-يىلى زۇھۇرىدىن ، ئىمىرى قاتارلىق شائىرلارنى ئوردىسىغا توپلاپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان لۇتفى ۋە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىدىن ھەم ئىران شائىرلىرىدىن ھاپىز شىرازى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنە ئېلىپ «باياز» ناملىق بىر توپلام تۈزدۈرگەن قومۇل ۋاڭى ئەردىشىر ، 1813-يىلى موللا يۇنۇس يەركەندىنىڭ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىنى نەسىرلەشتۈرۈپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان يەركەن ھاكىم بەگى مىرزا ھۈسەيىنبەگ ، 1841-يىلى تۇردۇش ئاخۇن كاتىب غېرىبىنىڭ «كىتابى غېرىب» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان قەشقەر ھاكىم بەگى زۇھۇرىددىن ، 1839-يىلى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق داستانلار توپلىمىنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇسكار بولغان تۇرپان ۋاڭى ئەپرىدۇن ۋە مەزكۇر «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تەشەببۇسكار بولغان خوتەن ھاكىم بېگى مۇھەممەت ئەلىشىر بىننى ئابدۇمۆمىنبەگ (ئەلىشىر ھېكىم بەگ) لەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
دېمەك ، قولىمىزدىكى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلىنىپ ، 19-ئەسىردە يوقۇرى پەللىگە چىققان تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ سەمەرىلىرىدىن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .

داۋاملىق يوللىنىدۇ . . .

مەنبە :  «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي تۇنجى نەشىرى .
نەشىرگە تەييارلىغۇچى :
ئەنۋەر بايتۇر
خەمىت تۆمۈر

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !

[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن 2007-12-01 00:06 دە قاي ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+20(Ataman) ياخشى ماقالە
• شۆھرەت:+10(Ay~chiwar) نادىر يازما
• شۆھرەت:+10(Hush_Puraq)
• شۆھرەت:+5(manggutax)
• شۆھرەت:+10(nawa717)
• QiQan Uyghur Ulinix Tori
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 00:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق tekin021

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 290
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 9
UID نۇمۇرى : 8762
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 228
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە228دانە
شۆھرەت: 173 نۇمۇر
پۇل: 720 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-21

تولۇق  ئوتتۇرا  چېغىمدا بۇ كىتابنىڭ بىر  قوليازمىسىنى كۆرگەنتىم .ئەدەبىيات  ئوقۇتقۇچىمىز  مۇشۇ  كىتاب  ھەققىدە سۆزلىگەندە  بۇ كىتابنى  تەرجىمە قىلىپ  بەرگەن . داۋامىغا  تەشنامىز.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 11:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1851
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3148
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1712
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1712دانە
شۆھرەت: 1560 نۇمۇر
پۇل: 5361 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ياخشى تېما بوپتۇ، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 11:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق malika707

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1113
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3886
UID نۇمۇرى : 18048
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 984
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە984دانە
شۆھرەت: 936 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

ياخشى تارىخى تىمىكەن . ئەجىڭىزگە رەخمەت . داۋامىغا تەشنابىز .

Atlan
يۈرۈكۈمدە بىر ئوت بار ،ئۇ ئوت سەن ئۈچۈن كۈيىدۇ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 14:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1195
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3804
UID نۇمۇرى : 18988
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1147
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1147دانە
شۆھرەت: 673 نۇمۇر
پۇل: 2627 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ھىقىقەتەن نادىرلىنىشقا مۇناسىپ ئەسەركەن ! ..
ئالدىنقى  ئەسەرلەرنىڭ 7 سىنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن ! .... مۇشۇ كىتابنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى .... خاپا بولماي بىرەر ياكى ئىككى بابنى يوللاپ قويغان بولساڭلار .... كۆپ رەھمەت !

[ بۇ يازما atabora تەرپىدىن 2007-11-30 15:40 دە قايت ]

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 15:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3178
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1821
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3085دانە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

بۇ تىمىنى يوللغىنىڭىزغا رەخمەت !

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 17:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق owqe
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 881
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 118
UID نۇمۇرى : 9693
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
شۆھرەت: 718 نۇمۇر
پۇل: 2331 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ياخشى تىما بولۇپتۇ.خىلى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 18:34 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

2

«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» نىڭ ئاپتورى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھازىرغىچە مۇشۇ ئەسەردىكى بايانلاردىن باشقا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز . بىراق ، مۇشۇ ئەسەردىكى ماتىرياللارنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ مۆجىزى ئوبرازىنى خېلى روشەن ھالدا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ .
مۆجىزى ئۆز رىسالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا مەزكۇر رىسالىنى يېزىش ئۈچۈن «تارىخى رەشىدى» ، «تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا» ۋە «تەۋارىخى ئەجەم» قاتارلىق پارىس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ۋە «تەۋارىخى تەبىرى» ، «تەۋارىخى ھۆكەما» ، «تەۋارىخى ئەرەپ» قاتارلىق ئەرەبچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلانغانلىقىنى ، فارابىنىڭ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان «رىسالەئى مۇغەننىيۇن» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىگىنى يازىدۇ . بىز بۇ بايانلاردىن ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ ، پارىس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن مەلۇماتلىق بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز .
مۆجىزى ئۆز ئەسىرىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئەلىشىر نەۋائىنى <<پىرىم>> ، <<ئۇستازىم>> دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنىڭ «كۇللىيات» ، «چاھار دىۋان» ، «خەمسە» لىرىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يازغان 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم - دەپ يازىدۇ . ئۇ يەنە لۇتفى ، ئابدۇراخمان جامى ، مۇھەممەت كۈشتۈڭۈرلەرگە باھا بەرگەندە ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپلىقىغا نەۋائىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى پاكىت قىلىدۇ . مانا بۇلاردىن مۆجىزىنىڭ نەۋائىغا چەكسىز ئىخلاس قويغانلىقىنى ، نەۋائىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتىگىلا ئەمەس ، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىدىيىسى بىلەن ئالىجاناپ پەزىلىتىگە قايىل ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
مۆجىزى فىساغۇرس (پىپاگور ) ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن <<ئۆزەڭنى تۈزلىمەي تۇرۇپ كىشىگە نەسىھەت قىلما ؛ ئەيىبىڭنى ساڭا كۆرسەتكەن كىشىنى دوست بىلىپ ئەزىز تۇت ؛ چىرايلىق لىباس كىيىپ يۈرگۈچە چىرايلىق سۆز قىلىپ يۈرۈشنى ئۆرگەنگىل ؛ ياخشى سۆزنى ئەيتۇرغە قۇدرەتىڭ بولماسا ، ياخشى سۆزنى ئېيتقۇچىدىن ئۆرگەنگىل ؛ ئىلىم ئۆرگەنىشدىن نومۇس قىلما ، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل >> - دېگەن ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كەلتۈرىدۇ . فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا بولسا ، ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ << يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان فەيزنى مېنىڭ قانۇنۇمنىڭ (قالۇنۇمنىڭ) سىملىرىدىن ئاڭلىغايسىزلەر>> - دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرىدۇ . ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۆجىزىنىڭ ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ، بۇ يەردە ئۇلارنى ئەينى زاماندىكى نادانلىق ، تەركى دۇنيالىق ۋە قۇللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى جاھىل كۈچلەرگە قارىتىپ ئېتىلغان ئوق ، خەلق ئاممىسىغا بېرىلگەن سەمىمى مەسلىھەت سۈپىتىدە قوللانغان .
مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق- دىنىي چەكلىمىلەر بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىكنىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلى تارىختا كۆمۈلۈپ قالغان مۇزىكا ئالىمى ۋە شائىرە ئاماننىساخان نەفىسىنى تارىختىكى 17 نەپەر مۇزىكا پىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، زور ھۆرمەت بىلەن خالايىققا تونۇشتۇرىشىمۇ ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىپەرۋەر زىيالىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي مۇناسىپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ .
مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاللاغا مۇناجەت قىلىپ <<ئاسى قۇلۇڭدۇرمەن فەقىر ، جافى قۇلۇڭدۇرمەن ھەقىر ، غەم ئىلكىدە بولدۇم ئەسىر ، سەنسەن ماڭا فەريادىرۇس'' - دېگەن مىسرالارنى يازىدۇ ۋە ئۆز ئەسىرىنى <<تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىب بىناۋا ، ئۇلۇغ يولغە كىرگىل بولۇپ ناسىۋا>> - دېگەن بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ . بىز بۇ مىسرالاردىن ئۇنىڭ يوقۇرقىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنى يازغانلىغىنىڭ فېئوداللىق دىنىي پىرىنسىپلارغا بولۇپمۇ تەرىقەتچىلىك پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرغانلىقىنى ۋە شۇ چاغلاردا يەنىلا خېلى سالماقنى ئىگەنلەپ تۇرغان مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆز ھەركىتىنى مۇشۇ يول بىلەن ئاز-تولا نىقاپلىغانلىقىنى كۆرىمىز.
«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» نىڭ تەشەببۇسچىسى ئەلىشىر ھېكىم بەگ مۆجىزىنى <<سەنكىم كەسبىڭ ھەم مۇسىقىدۇر ھەم ئەبيات مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلۋار سۇلتانى ، ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ تۇتى شەرىن لىسانىدۇرسەن ھەم خۇش پۈتكۈچى ھەم دىلكەش ئەيتقۇچى سەندۇرسەن>> دەپ تەرىپلەيدۇ . گەرچە بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇبالىغىچىلىك بىلەن ئەيتىلغان بولسىمۇ ، ھەرھالدا مۆجىزىنىڭ شۇ دەۋىردە داڭلىق كەسپىي مۇزىكانت ھەم نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شائىر بولۇپ ئۆتكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئەپسۇسكى ، ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن ياكى تېخى قولىمىزغا چۈشمىگەن .

3

مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرى ئىچىدە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندى بىلەن ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ شەخسلەر توغرىسىدىكى تۇنجى يازما مەلۇمات بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
مۆجىزى قىدىرخان يەركەندىنىڭ نادىر مۇزىكا ئالىمى ، تەڭداشسىز ناخشىچى ۋە ئۇستا شائىر ئىكەنلىكىنى، راۋاپ بىلەن خۇشتارنى كەشپ قىلغانلىقىنى ، «»ۋىسال» ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلغانلىقىنى ، مۇزىكا ئىلمى توغرىسىدا كۆپلىگەن مېغىزلىق ماقالىلارنى يازغانلىقىنى ، «دىۋانى قىدىر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى چىقارغانلىقىنى ، يەركەن خانلىغىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر پادىشاسى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ كېچە-كۈندۈز ئايرىلمايدىغان ئەڭ يېقىن كىشىسى بولۇپ ئۆتكەنلىگىنى ۋە ئىران ، ئىراق، تەبرىز ، خارازىم ، سەمەرقەند ، ئەنجان ، ئىسلامبۇل (ئىستامبۇل) ، كەشمىر ، بەلىخ ، شىراز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شاگىرتلىرى بولۇپ ، ئۇلارغا مۇزىكا ئىلمىدىن دەرس بەرگەنلىكىنى يازىدۇ . لۇتفى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇ <<ئالىملىقتا ھەزرەتى ئەبۇ نەسىر فارابىدەك ، ھەكىملىقدا ھەزەتى ئىبنى سىنادېك ، شائىرلىقتا ھەزرەتى ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋائىدېك ، مۇغەنىلىقدا تەخى قىدىرخاندېك ئىردىلەر>> دەپ قىدىرخاننى شۇ زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرى قاتارىغا قويىدۇ . بىز مۆجىزىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن 16-ئەسىردە ئۆتكەن بۇ ئۇيغۇر ئالىمى ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز . بۇ يەنە يەركەن خانلىغىنىڭ پايتەختى يەركەن شەھرىنىڭ شۇ دەۋرلەردە پۈتۈن شەرق ئەللىرىنىڭ بىر مۇزىكا ئۆگۈنۈش يۇرتى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
مۆجىزىنىڭ فېئوداللىق دىنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلى نەچچە ئەسىر كۆمۈلۈپ قالغان شائىرە ، مۇزىكا ئالىمى ئاماننىساخان نەفىسىنى يورۇق دۇنياغا چىقارغانلىغى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان يەنە بىر زور تۆھپىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . بىرمۇنچە پاكىتلار مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان نەفىسى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
بىرىنچىدىن ، 1956-1959-يىللىرى سابىق جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر جەمىيىتى ۋە تارىخنى تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى قەشقەر ،يەركەن ، قاغىلىق ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئاماننىسا بېگىم ناملىق بىر شائىرە توغرىسىدا بەزى ھىكايە-رىۋايەتلەرنى توپلىغان ئىدى . بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە ئاماننىسا بېگىمنىڭ يەركەن خانلىغى زامانىدا ئۆتكەن قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا ياتلىق قىلىنغانلىقى ، نۇرغۇن شېئىر-داستانلارنى يازغانلىغى، «ئىشرەت ئەنگىز» ناملىق بىر مۇقام ئىجات قىلغانلىقى ، كېيىن تۇغۇتتا ۋاپات بولغانلىقى ، ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ ئاپپاق خۇجا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىگە تارقالغان بارلىق شېئىر-غەزەللىرى كۆدۈرۈلۈپ ، «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنى ئېيتىشمۇ چەكلەنگەنلىكى ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ «دىۋان رەشىدى» ، «غەزەلياتى رەشىدى» ، «سىلاتىننامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ كۆيدۈرۋەتىلگەنلىكى ھىكايە قىلىنىدۇ . دېمەك ، مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان ھەققىدىكى بايانى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ رىۋايەتكە ئوخشايدۇ . بىراق ، مۆجىزىنىڭ بايانىدا ئاماننىساخان قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى ئەمەس ، بەلكى تارىم بويىدىكى ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى دېيىلىدۇ .
ئىككىنچىدىن ، مەخمۇت جۇراس ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدى_زەئىلى» ناملىق ئەسىرىدە تارىخچى مىرزا ھەيدەر تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان <<ھەر كارۇدىيارىدا بەمەسەلمانىدا ئىدى يەنى ھەم تېڭى يوق ئىدى ، ئىلمى مۇسىقىدا ماھىر ئىدى ، بەلكى مۇسەننىف ئىدى ، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر ساز پەيدا قىلىپ ئىدى>> دەپ يازىدۇ . 19-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا موسا سايرامىمۇ ئۆزىنىڭ «تارىخى ئەمنىيە» ، «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسەرلىرىدە <<ئابدۇرېشىتخان… . . . موللا فازىل شائىر ، فارسى ۋە تۈركى نەزمىنى ياخشى ئەيتۇر ئىدى ، ئىلمىي مۇسىقىدا گوياكى فىساغۇرۇس سانى ئىدىلەر ، ئىشرەت ئەنگىز دەپ بىر مۇقام ئىختىرا قىلدى>> دەپ يازىدۇ . بۇ بايانلار ، بىر تەرەپتىن ، سەنئەتپەرۋەر ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخاننى ئۇچرىتىپ ئۇنىڭ چالغان تەمبۇرىنى ۋە ئېيتقان غەزىلىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ، ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانلىقىنىڭ مەنتىقىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئاماننىساخان ئىجاد قىلغان «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنى ئابدۇرېشىتخان ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ئىشىنىڭمۇ ھەقىقەتەن بولغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئاماننىساخان نەفىسى تەكلىماكان بويىدىكى كەمبەغەل ئوتۇنچى مەخمۇتنىڭ قىزى بولۇپ ، 13 ياش چېغىدىلا ئۇستا مۇزىكانت ، شائىرە ۋە خەتتات بولۇپ يېتىلگەن . پۇخراچە ياسىنىپ ئۇلارنىڭ ئويىگە كەلگەن ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ چېلىپ بەرگەن تەمبۇرىنى ۋە ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلانغان بىر غەزىلىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ . ئابدۇرېشىتخان ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىنى كۆرۈپ ، بۇ خەتلەرنى شۇنچىلىك كىچىك بىر قىزنىڭ يازغانلىغىغا ئىشەنمەي ، ئۇنىڭدىن بۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە خەت يېزىپ بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا ، ئاماننىساخان دەرھال : <<يارەپ بۇ بەندە ئەجەپ قىلدى سۇئىزەن ماڭا ، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا>> ( خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى ، گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى ) - دېگەن ھازىر جاۋاپ بېيىتنى يېزىپ ئابدۇرېشىتخاننى مات قىلىدۇ . ئابدۇرېشىتخاننىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، شۇ كېچسىلا ئەلچى ئەۋەتىپ قىزنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ .
ئاماننىساخان خەلق ئاممىسى ، خەلق نەغمىچىلىرىدىن ئىبارەت ناخشا-مۇزىكا بۇلىغىدىن بىۋاستە ئوزۇقلىنىپ يېتىلگەن تالانتلىق مۇزىكانتتۇر . 13 ياشلىق بىر يېزا قىزىنىڭ مۇزىكىدا شۇنچىلىك كامالەتكە يېتىشى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ شۇ دەۋردىلا يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغانلىقىنى ، جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغىچە ئومۇملاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ ئابدۇرېشىتخان سارىيىدا تۇرغان مەزگىلەردە ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان داڭلىق مۇزىكا ئالىمى قىدىرخان يەركەندىنى ئۇستاز تۇتۇپ ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى بىلىم ۋە ماھارىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەنلىكى ، قىدىرخان يەركەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى رەتلەش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىگەنلىكى شۈبھىسىز . ئاماننىساخان توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ئۇنىڭ قىدىرخان يەركەندىنىڭ قىزى دەپ ھىكايە قىلىنىشى تاسادىپى ئىش ئەمەس . مۇنداق رىۋايەتنىڭ تارقىلىشىدا ، بىر تەرەپتىن ، ئاماننىساخاننىڭمۇ خۇددى قىدىرخان يەركەندىدەكلا ئۇستا مۇزىكانت بولۇپ يېتىلگەنلىگى سەۋەب بولغان بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇنىڭ قىدىرخان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرى سەۋەپ بولغان .
لېكىن ئاماننىساخان نەفىسىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەتتا ئابدۇرېشىتخان ئوردىسىدىكى مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلىرىغا دۇچ كەلگەن . ئۆزنىڭ مەرىپەتۋەرلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان ھەم ئاماننىساخاننى جېنىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئاماننىساخان ئىجات قىلغان «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنىڭ ئاماننىساخان نامىدا تارقىلىشىنى مۇۋاپىق كۆرمەي ، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلۋالغانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ پاكىتلار ئاماننىساخاننىڭ قانچىلىك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلىرى خاتىرلەنمىگەن . تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ ، جەمئىيەتكە تارقالغان ئەسەرلىرىمۇ كېيىنكى كۈنلەردە جاھىل كۈچلەرنىڭ قاتتىق بۇزغۇنچىلىغىغا ئۇچرىغان . مۆجىزىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتلىرى شۇ بۇزغۇنچىلىقلاردىن ئامان قالغان ، ئەڭ مۇھىمى ، خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ماتىرياللارنى ئاساس قىلغان . شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ .

4

«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دىكى بەزى ماتىرياللار ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ___ ئون ئىككى مۇقامنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بەزى مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
«تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» نى ئوقۇغاندا مۆجىزىنىڭ <<مۇقام>> سۆزى ئۈستىدىكى چۈشەنچىسى بىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ .
مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە «راك» ، «ئوشاق» ، «ئۆزھال» ، «چۆل ئىراق» ، «ئەجەم» ، «ناۋا» ، «ۋىسال» ، «چاھار زەرپ» ، «چاھارگاھ» ، «دۇگاھ» ، «پەنجىگاھ» ، «مۇشاۋرەك» ، «بەيادەك» ، «سىگاھ» ، «بايات» ، «ئىشرەت ئەنگىز» دىن ئىبارەت 16 مۇقامنى تىلغا ئالىدۇ . لېكىن ئۇ ھازىرقى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ناملىرىنى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ناملارنى يۈرۈشلەشتۈرگەن ، <<چوڭ نەغمە>> ، <<داستان>> ۋە <<مەشرەپ>> تىن ئىبارەت 3  قىسىمغا بۆلۈنۈپ ، ھەربىر قىسمى بىرقانچىلىغان نەغمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى ئېشىپ كەتسە بىرنەچچە مەرغۇلى بولغان بىر يەككە نەغمە مەنىسىدە تىلغا ئالىدۇ . مەسىلەن ، ئۇ فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇنىڭ «راك» ، «ئوشاق» ۋە «ئوشاق» نىڭ مەرغۇلىنى ئىجات قىلغانلىقىنى ، <ئۆزھال> مۇقامىنى بىرىنچى، ئىككىنچى،ئۈچىنچى مەرغلىغىچە ئىجاد قىلغانلىقىنى يازىدۇ ؛ مۇھەممەت كۈچتۈڭگۈر ئۈستىدە توختالغىنىدا ، ئۇنىڭ «چارىگاھ» مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ ، ئۇنىڭغا مەۋلانە تۇتىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى ، «دۇگاھ» مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ ، ئۇنىڭغا مىرخىسروۋ دېھلىۋىنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى ، «پەنجىگاھ» مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ ، ئۇنىڭغا مەۋلانە كاتىبنىڭ بىر غەزىلىنى سالغانلىقىنى يازىدۇ . مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە توختالغىنىدىمۇ ، ئۇنىڭ يولۇچى سۈپىتىدە ئۆيىگە كىرگەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخانغا پەنجىگاھ مۇقامىغا تەمبۇر چېلىپ بېرىپ ، بۇ مۇقامغا ئۆزىنىڭ ئابدۇرېشىتخانغا بېغىشلاپ يازغان بىر غەزىلىنى سېلىپ ئوقۇغانلىقىنى يازىدۇ . مانا بۇ مىساللاردىن گەپنىڭ بىر يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن نەغمىلەر سېستىمىسى ئۈستىدە ئەمەس ، بەلكى ئايرىم بىر نەغمە ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ .
مۆجىزى <<مۇقام>> دەپ ئاتىۋاتقان بۇ يەككە نەغمىنى ھازىرقى يۈرۈشلەشتۈرگەن مۇقاملاردا باشلىنىش مۇزىكىسى دېيىلىدىغان چاچما ئۇدارلىق (داپ چېلىنمايدىغان) نەغمە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . چۈنكى ، بىرىنچىدىن، <<مۇقام>> سۆزى ھازىرمۇ ئەل ئىچىدە چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى مەنىسىدە قىللىنىلىدۇ . مەسىلەن، قۇمۇل مەشرەپلىرىنىڭ يالغۇز غىجەك بىلەن ئورۇنلىنىدىغان چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى ئادەتتە <<مۇقام>> دەپلا ئاتىلىدۇ ؛ دولان مۇقاملىرىدىمۇ باشلىنىش مۇزىكىسى <<مۇقام>> دەپلا ئاتىلىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ، مۆجىزى <<مۇقام>> سۆزىنى ھامان <<ناخشا>> ، <<ئاھاڭ>> سۆزلىرى بىلەن قاتار قويىدۇ . مەسىلەن ، مۇھەممەت كۈچتۈڭگۈر ئۈستىدە توختالغىنىدا ، ئۇنىڭ <<بىھەد ۋە بىئەدەد غەزەل ، مۇقاملار ، ئاھاڭلار ئىجاد قىلغان>> لىقىنى يازىدۇ . مانا بۇنىڭدىن ئۇنىڭ <<مۇقام>> سۆزىنى باشقا نەغمىلەردىن پەرقلىق بولغان بىر نەغمە مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . ئۈچىنچىدىن ، مۆجىزى <<مۇقام>> ئۈستىدە سۆزلىگىنىدە ھامان ئۇنىڭغا قايسى شائىرنىڭ قايسى غەزىلى سېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ ، مۇقامنىڭ سۈپىتىنى ئۇنىڭغا سېلىنغان غەزەلنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۆلچەيدۇ . تېكىستنىڭ رولىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدىغان بۇ خىل ئەھۋال تولاراق چاچما ئۇدارلىق نەغمىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ ، چۈنكى بۇ خىل نەغمىلەر ئادەتتە ساتار ، غىجەك ياكى تەمبۇر قاتارلىق ئاساسىي ساز بىلەن يالغۇز كىشى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدىغانلىقى ، چاچما ئۇدارلىق بولغانلىقى ھەم تاللانغان غەزەللەر سېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتى مۇزىكىدىن كۆرە كۆپرەك تېكىستكە مەزكەزلىشىدۇ .
مۆجىزى تونۇشتۇرغان 17 نەپەر مۇزىكا پىرىدىن 14 نەپىرىنى 15-16-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ ، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان 16 مۇقامدىن 13 ئى مۇشۇ شائىرلارنىڭ نامى بىلەن باغلانغان . مۆجىزى يەنە نەۋائىنىڭ ھەر كېچىسى ساتار ياكى تەمبۇر بىلەن ئۆزى يازغان غەزەللەرنى ئوقۇپ بىھۇش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى يازغان .
يوقۇرىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىمىز مۇمكىن : بىرىنچىدىن ، «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا <<مۇقام>> دەپ ئاتالغان بۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەر شۇ دەۋىردە شائىرلار دائىرىسىدىلا ئەۋج ئالغان بولۇپ ، تېخى خەلقنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى مۇزىكا بايلىقىنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە تاللىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلۋاتقان چوڭ نەغمىلەر تەركىۋىگە كىرگۈزۈلمىگەن ؛ ئىككىنچى ، ھازىرقى «ئون ئىككى مۇقام» تەركىۋىدىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەر ھە دېگەندىلا ھازىرقى نامى بىلەن ئاتالمىغان ، ئۇلار ھازىرقى نامىغا شۇ نامدىكى چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن ئېرىشكەن ؛ ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، <<مۇقام>> ئاتالغۇسى 15-16-ئەسىرلەردە ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى مەلۇم دەۋر ئىچىدە پەقەت تار مەنىدىلا قوللىنىلىپ ، چاچما ئۇدارلىق نەغمە ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن . كېيىنكى دەۋىرلەردە شۇ چاچما ئۇدارلىق نەغمىلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەرگە باشلىنىش مۇزىكىسى قىلىپ كىرگۈزۈلىشى بىلەن كەڭ مەنىدە - يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمە مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدىغان بولغان ؛ ئۈچىنچى ، <ئون ئىككى مۇقام> تەركىۋىدىكى چوڭ نەغمىلەر ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ، ئۇلار ئاساسەن خەلق ئىجادىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، لېكىن ئۇلارغا ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئايرىم شەخسلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمۇ سىڭگەن .

داۋاملىق يوللىنىدۇ . . .

مەنبە :  «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي تۇنجى نەشىرى .
نەشىرگە تەييارلىغۇچى :
ئەنۋەر بايتۇر
خەمىت تۆمۈر

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !

[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن 2007-11-30 23:24 دە قاي ]

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 22:58 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق vadarih

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 53
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 46
UID نۇمۇرى : 21234
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 44
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 232 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

Re:«تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»__ موللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىز .

سىزگە تەشەككۈر ! ئاخىرىغا تەشنامىز . مۇمكىن بولسا مۇشۇنى بىر ئېلكىتاپ قىلىپ چىققىلى بولماسمۇ ؟

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 23:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق iparhan66

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 852
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 147
UID نۇمۇرى : 20304
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 746
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە746دانە
شۆھرەت: 756 نۇمۇر
پۇل: 2365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 10 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

كوپ ئەجىر قىلىپ بۇ تىمىنى يوللاپسىز رەخمەت داۋامىغا تەشنامىز

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-01 17:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1195
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3804
UID نۇمۇرى : 18988
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1147
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1147دانە
شۆھرەت: 673 نۇمۇر
پۇل: 2627 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ئەسەرنىڭ ئۆزى يوقما ؟

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-01 22:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Xayih
ئالاھىدە تۆھپە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 953
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 46
مەزھەپ:تەھرىر تەھرىر
UID نۇمۇرى : 4549
دەرىجە: باش كاتىپ
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 930
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە930دانە
شۆھرەت: 625 نۇمۇر
پۇل: 1990 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

مۆجىزىنى تۇنۇشۇم يىتەرسىز ئىدى، خالىس ئەجرىڭىزگە رەھمىتىمنى نىسى قالدۇراي.
بېيجىڭغا قايتقاندا سىزنى كاتتا مىھمان قىلىمەن. چۇقۇم تاماق يىمەي كىلىڭ ھە.....؟

QiQan Uyghur Ulinix Tori
كىمكى ئۇلۇغلار بىلەن ئېلىشسا ئۆز قېنىنى تۆكىدۇ!.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-02 04:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

5

بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئاساسىي جەھەتتىن 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىق تىلى ___ چاغاتاي تىلىغا مەنسۇپ بولسىمۇ ، لېكىن ، زور دەرىجىدە شۇ دەۋردىكى جانلىق ئۇيغۇر  تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان ، بەزى قىسىملىرى ، مەسىلەن ، ئاماننىساخان قىسمى ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا دېگۈدەك يېزىلغان ؛ قوليازمىنىڭ ئىملاسىدا چاغاتاي يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىدىن چەتنەپ جانلىق تىلغا  يېقىنلاشتۇرۇلغان جايلار تېخىمۇ كۆپ . مەسىلەن ، چاغاتاي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە <<چاليب>> ، <<باريب>> ، <<بولغانينى>> ، <<چالماقيدين>> ، <<قيلماغايسيزلار>> ، <<الالماغان>> شەكلىدە  ئاجىزلاشتۇرۇلماي يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەزى جايلاردا <<چيليب>> ، <<بيريب>> ، <<بولغينى نى>> ، <<چالميقيدين>> ، <<قيلميغايسيزلار>> ، <<الالميغان>>  شەكلىدە ئايېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەسىدە جانلىق قىزلاشتۇرۇپ يېزىلغان ؛ <<نامۇس>> ، ''شاگرت''، <<امر>>  شەكلىدە يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەزىدە جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزى بويىچە <<نومۇس>> ، <<شاگرت>> ، <<امرى>> قىلىپ يېزىلغان . چاغاتاي يېزىغىنىڭ ئىملا  قائىدىسىگە توغرا  كېلمەيدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار قوليازما كېيىن كۆچۈرۈلگەندە يۈز بەرگەن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . مەيلى قانداق بولمىسۇن ، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ چاغاتاي تىلى دەۋرىنى بولۇپمۇ چاغاتاي تىلىنىڭ  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئورۇن بېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە .

6

«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزنى ، بولۇپمۇ مۇزىكا تارىخىمىز بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى خېلى مۇھىم ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى  ئەسەر بولۇش بىلەن بىر ۋاقتتا ، بىرمۇنچە ئېغىر نۇقسانلاردىنمۇ خالى ئەمەس . مۆجىزى پەقەت كۆپرەك شائىرلار ۋە زىيالىلار دائىرىسىدە ئەۋج ئالغان چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىلا ( تار مەنىدىكى << مۇقام>> لارنىلا ) مۇزىكا ھىساپلاپ ، خەلق مۇزىكىلىرىغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئىچىدە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىجات قىلىنىپ ، رەتلىنىپ ، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ نەغمىلەرگە (كەڭ مەنىدىكى  <<مۇقام>> لارغا ) پۈتۈنلەي ئېتىبارسىز قارىغان ، شۇڭا پەقەت شۇ چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىڭ ئىجاتچىلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا بولۇپ ، خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ  نەغمىلەرنىڭ ئاساسىي ئىجاتچىسى بولغان خەلق ئاممىسىنى ، خەلق مۇزىكىچىلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان ؛ بىرمۇنچە جايلاردا ئاساسسىز ھەتتا ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن رىۋايەتلەرنى ھەقىقى پاكىت سۈپىتىدە ئۆز  ئەسىرىگە كىرگۈزگەن ، مەسىلەن ، نەينىڭ كەشپ قىلىنىشىنى جەمشىتنىڭ خوتۇنى مەلىكە دىلسۇزغا ، داپنىڭ كەشپ قىلىنىشىنى دىۋىلەرگە باغلاپ قويغان ؛ مەۋلانە ساھىپ بەلخىنىڭ تەمبۇر چېلىشتىكى يۈكسەك  ماھارىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەۋلانە ساھىپ بەلخى بابۇرشاھنىڭ كابۇل شەھرىدىكى بىر باغدا ئۆتكۈزگەن شاھانە ئولتۇرۇشىدا تەمبۇر چالغاندا بىر بۇلبۇل ئۇچۇپ كېلىپ تەمبۇرنىڭ قۇلىغىغا قونغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى  بىرنەچچە قېتىم تەمبۇرغا ئۇرۇپ ئۆلگەنلىكىنى ، بۇ ھالنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇشسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى يازغان ؛ كۆپچىلىك ئىسلام تارىخچىلىرىغا ئوخشاش ، مۆجىزىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا  بولۇشىنى نوھ ۋە ئۇنىڭ ھام ، سام ، يافەس ناملىق ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى يەھۇدى-خىرىستىيان دىنى رىۋايەتلىرىگە تاقاپ ، مۇزىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ شۇلار بىلەن باغلىغان ؛ بەزى يەر ئىسمى ۋە يىلنامىلەرنى  خاتا قىلىپ قويغان ، ۋاھاكازا .
بىز «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇپ ، ئۇنى ئوبدان تەھلىل قىلىشىمىز ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم .
سەۋىيىمىز چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بىزنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى مۇلاھىزىمىز ، قوليازمىنىڭ تىرانسكىرىپسىيىسى ، تەرجىمىسى ۋە ئىزاھلاردا كەمچىلىك ، خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئى .  كىتابخانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز .

داۋاملىق يوللىنىدۇ . . .

مەنبە :  «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي تۇنجى نەشىرى .
نەشىرگە تەييارلىغۇچى :
ئەنۋەر بايتۇر
خەمىت تۆمۈر

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !

QiQan Uyghur Ulinix Tori
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-02 14:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى كېيىنكى ئىنكاسىمدا يوللايمەن ...

6xahar
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-02 15:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

تەرجىمە

بىسمىلاھىر رەھمانىررەھىم

ئەي ، ھىكمەتىدىن گۈلغە بېرىپسەن بۇي-رەڭ ،
بۇلبۇلنى قىلىپ چەمەندە ىۇش ئاھەڭ .
سۇنئۇڭلە قىلۇر نالە رەبابۇ-تەمبۇر ،
دۇتار ، سەتار ، ئۇد ئىلە قالۇن يەنا چەڭ .

مەرھەمەتلىك ۋە رەھمەتلىك ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەي <خۇدا > (1) ، ھىكمەت كۆرسۈتۈپ گۈلگە پۇراق ۋە رەڭ  بەردىڭ ، بۇلبۇلنى چىمەندە يېقىملىق سايرايدىغان قىلدىڭ .
سېنىڭ قۇدرىتىڭدىن راۋاپ ، تەمبۇر ، دۇتتار ، سەتتار ، ئۇد ، قالۇن ۋە چاڭلار نالە قىلىدۇ .
خۇدا (2) ، شەۋقىڭنىڭ چىمەنزارىدا گۈل-چىچەكلەرنى كۈلدۈرگۈچىسەن ؛گۈل ئىشقىدا  بۇلبۇل ، تۇتىلارنى سايراتقۇچى ، يىغلاتقۇچىسەن . لەيلىنىڭ چېچىنى مەجنۇننىڭ كۆڭلىگە سىرتماق قىلغاندەك ، پەرھاتنىڭ قېىنىدىن شېرىننىڭ لېۋىنى قىزارتقاندەك ، ئۇزرا جامالىنىڭ ئوتى ھارارىتىدىن ھامۇقنىڭ  تېنىنى ياش گىرداۋىغا غەرق قىلغاندەك ، زۆھرانىڭ ئىشقىدا تاھىرنى ساندۇققا سېلىپ تارىمدا ئېقىتقاندەك ، يۈسۈپ ھۆسنىدىن ، زۇلەيخا ئىشقىدىن گۈزەل ھىكايە تۈزگەندەك مېنى ئۇ نىگار ئىشقىدا ئەسىر ۋە سەرگەردان  قىل ؛ ئۇ قۇياش ئەتراپىدا مەندەك بىر زەررىنى تاقەتسىز ئاشىق قىل ؛ مەن شۇنداق دەرىجىگە يېتەيكى ، ئۇنىڭ ئىشقىدا تەمبۇرۇمنى قولغا ئالاي ؛ ئۇنىڭ سۆزىنى سېغىنغاندا ئۇنى چالاي ؛ گاھى نەۋائى [2] بېيىتلىرىدىن ھەمد <ئاللاغا مەدىيە> ئىلغاپ ، بەزەن لۇتفى [2] شېئىرلىرىدىن نەئىت < رەسۇللۇللا تەرىپلەنگەن مىسرالار> يادلاپ ، تەمبۇرۇم سىملىرىغا زەخمەك ئۇراي ؛ ئۇ مېھىر نىگارىم شەۋقىدە باغرىمنىڭ قارا قېنىنى سىيا قىلىپ  ئېزەي ؛ ئۇنىڭ ئىشقىدا چۆل-باياۋاننى كېزەي ؛ سېنى مەدھىيىلەپ بېيىتلەر يازاي ؛ ھەبىبىڭنى تەرىپلەپ شېئىر يازاي .

مۇناجات

ئەي خۇدا ، سەن مېنىڭ مەقسىدىم سەن ،
مېنىڭ ئىبادەت قىلىدىغىنىم سەن ،
مېنىڭ سەجدە قىلىدىغىنىم سەن ،
سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن .

مەن سېنىڭ ئاسى قولۇڭمەن ،
مەن سېنىڭ گۇناكار قولۇڭمەن ،
مەن غەم ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ قالدىم ،
سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن .

ئەي قەدىمدىن رىسىق بەرگۈچى ،
كېچىرگۈچىسەن، ئەي رەھىم ،
مېنى ھاجەتتىن چىقارغىن، ئەي كەرىم ،
سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن .

ئىشقىڭنى دىلىمغا كىرگۈزگىن ،
مەن سەتار بىلەن دۇتارنى چالاي ،
مەندە خاتالىق بار، ئەپۇ قىلغىن ،
سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن .

مەن مۆجىزى تاقەتسىز ئاشىق بولدۇم ،
سەن بىر ئاللاغا يالۋۇردۇم ،
رەھمىڭگە ئىنتىزار بولدۇم ،
سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن  .

< ئايەتنىڭ مەنىسى > :
<< ماختاش پۈتۈن ئالەمنى تەربىيىلىگۈچى تەڭرىگە خاستۇر ، رەھمەت ۋە تېنىچلىق پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ غۇجىسى <مۇھەممەت> گە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىات ۋە ھەمرالىرىنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن ! >>
ھەمد ۋە  نەئىتتىن كېيىنكى سۆز شۇكى ، ئادالەت مەملىكىتىنىڭ ئەڭ كاتتا پادىشاسى ، سەخىلىك كېچىسىنىڭ تولۇن ئېيى ، ئېسىللىق چىمەنزارىنىڭ گۈزەل سەرۋى ، ئۇلۇغلۇق دېڭىزىنىڭ بىردىن-بىر گۆھىرى ، غېرىپ- يېتىملەرنىڭ ئاتىسى، پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ يېتاكچىسى ، جەمشىتتەك [3]سۆلەتلىك ، سۇلايماندەك [4] دۆلەتلىك ، يولۋاستەك غەزەپلىك ، ئىسكەندەردەك [5] مەرتىۋىلىك ، خاقان سۈپەت ، دەرۋىش مىجەز ، ۋەتەننىڭ چىرىغى ،  خوتەننىڭ شاھى ئەلىشىر ھېكىم بېگىم [6] ھەزرەتلىرى قۇياشىدىن مەندەك بىر ئەرزىمەس غېرىپ-بىچارە ، جۇدالىق دەشتىدە ئاۋارە ، غەم ئىلكىدە ئەسىر ، بارچە ئادەمدىن تۆۋەن<كىشىگە> يەنى موللا نېمەتۇللا ئوغلى  موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىگە بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ ، مەندەك بىر زەررىنى پەلەك قۇياشىدىن ئۆتكۈزۈپ شۇنداق يارلىق بولدى : << مۇزىكا-كۈي خوشاللىق ۋە تۇرمۇش ھوزۇرىنىڭ سەۋەپچىسىدۇر ، شۇڭا  پادىشادىن گادايغىچە ، ئەۋلىيادىن خىرىستىيانغىچە ھەممە ئىنسانە بۇ پەندىن شاتلىنىدۇ ، ئەمما ، بۇ پەننىڭ ئالىملىرى ۋە كەشپىياتچىلىرى كىملەر ، ئىخلاسمەن يېتەكچىلىرى كىملەر ، ئۇستىلىرى كىملەر __ بۇنى كۆپ  سازاندىلەر تا ھازىرغىچە بىلمەيدۇ . سەن بولساڭ مۇزىكىنى كەسىپ قىلغانسەن ھەم بېيىت مەملىكىتىنىڭ بۇلبۇلدەك سۇلتانى ، ئەدەبىيات دۆلىتىنىڭ شېرىن سۆزلۈك تۇتىسىدۇرسەن ، شۇنىڭدەك خۇش پۈتۈكچى ۋە  دىلكەش ئېيتقۇچىدۇرسەن . مۇشۇ غېرىپ پەننىڭ كەشپىياتچىلىرى تارىخىدىن بىر رىسالە پۈتۈپ باشقا سازەندىلەرگە يادىكار قىلساڭ قانداق ؟ >> <بۇنىڭ بىلەن> گويا بىر غېرىپ چۆمۈلە ئۈستىگە تاغ يۈكلەندى ،  گويا بىر زەيىپ بىچارە ئۈستىگە ئاسمان يېقىلدى . بۇ بۈيۈك ئەمىرنى ئىجرا قىلغۇدەك قۇۋۋەت <مەندە> يوق ئىدى ! ھەيرەت دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ <تۇرغىنىمدا> ، <<دېگىنكى ، ئاللاغا ، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ۋە  ئۆزەڭلەردىن بولغان باشلىقلارغا بوي سۇنۇڭلار>> دېگەن ئۇلۇغ ئايەتنىڭ مەزمونى ئىسىمگە كەلدى-دە بۇ ۋاجىپ ئەمىرنى ئىجراسىز قالدۇرۇشقا چارە تاپالمىدىم . تەۋەككۈلنى تەڭرىمگە قىلىپ ، بۇ ئالى ئەمىرنى بەجا  كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ تارخ-تەزكىرىلەرنى يېغىپ ، «تارىخى رەشىدى» <رەشىدى تارىخى> [7] ، «تەۋارىخى تەبىرى» <تەبىرى تارىخى> [8] ، «تەۋارىخى رەۋزەتۇسسەفا» <ساپالىق باغ تارىخى> [9] ، «تەۋارىخى  ھۆكۈما» <دانىشمەنلەر تارىخى> [10] ، «تەۋارىخى ئەجەم» <ئەجەم تارىخى> [11] ، «تەۋارىخى ئەرەپ» <ئەرەپ تارىخى> [12] لەردىن<ئاساس> تاللىدىم ۋە زور ئالىم ، مۇزىكا ئۇستازلىرىدىن فىساغۇرس[13] ، فارابى[14] ،  پەھلىۋان مۇھەممەت كۈچتىنگىر [15] ، ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايى پىرىمنىڭ بۇ پەن ھەققىدە يازغان كىتاب ۋە رىسالىلىرىدىن پايدىلاندىم . ئاخىر قۇدرىتىمگە لايىق ، قابىلىيىتىمگە مۇۋاپىق بۇ رىسالىنى  يېزىپ ، ئالەم خەلقىغە سوغا قىلدىم . بۇ رىسالىگە «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» <مۇزىكانتلار تارىخى> دەپ ئات قويدۇم .
ئەقىل ئىگىلىرىگە ، چوڭ-كىچىك سازەندىلەرگە، مەرتىۋىلىك ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە ، شاھ ۋە گادايلارغا نامەلۇم قالمىسۇنكى ، تارىخى رەۋزەتۇسسەفا ۋە تارىخى رەشىدىدە مۇنداق يېزىلغان . نوھ [16] ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ [17] تۈرك [18] ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى ، خۇدايىتائاللا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردى . ئۇنىڭ بۇ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى خىزىر [19] قويدى . بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا تۈلكە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ تېرىسىنى  كىيىم قىلىپ كېيىشنى ، غىزاغا تۇز سېلىپ يېيىشنى ، تەمبۇر ، بەربەت ، ئۇدلارنى ياساپ چېلىشنى كەشپ قىلىپ ئالەم خەلقىغە ئۆگەتتى . ئۇ زاماندا ئاتا-ئانىسى ، بالىلىرى ئۆلگەن كىشىلەر مۇسىبەت ماتىمىدە تەمبۇر  چېلىپ يىغلاپ ، ئاندىن ئۆلۈكنى كۆيدۈرىدىغان قائىدە بار ئىدى . خىزىر يافەس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىدى . يەركەن ، خوتەن رايونلىرىنى شۇ خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاۋات قىلغان . دېمەك بىز يەركەنلىك  ۋە خوتەنلىكلەر خىزىرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىمىز . ئۇ زاماندىن ھازىرغىچە 5850 يىل ئۆتكەن . ئۇ چاغلاردا تەمبۇرغا قوي-ئۆچكىنىڭ ئۈچەي-پەيلىرىدىن تار ئېشىپ سالاتتى .

ئەسكەرتىش : بۇ يەردىكى ۋە باشقا يەرلەردىكى ئۇچلۇق تىرناق <> ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەرنى مۇشۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار قوشقان . __ مۇھەرىردىن .
مۇھەرىردىن : بۇ يەردىكى [1] ، [2] ، [3] ، . . . بەلگە ئالدىدىكى ئۇقۇملار يوللانمىنىڭ داۋامىدىكى ئىزاھلاردا چۈشەندۈرۈلىدۇ  .
قېنىق ھەربلەر بىلەن يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىي ئەسەردە قىزىل سىيا بىلەن يېزىلغان . بۇ تېمىدا مەن شۇ سۆزلەرنى قىزىل رەڭدە يوللىدىم . ( يۇلدۇزئاي دىن)

داۋاملىق يوللىنىدۇ . . .

مەنبە :  «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي تۇنجى نەشىرى .
نەشىرگە تەييارلىغۇچى :
ئەنۋەر بايتۇر
خەمىت تۆمۈر

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !

6xahar
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-02 19:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mollapok-pok

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 53
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 46
UID نۇمۇرى : 21483
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 264 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-15

ھىقىيقەتەن ياخشى تېمىكەن ، داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامەن .

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-02 19:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tektek

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 87
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 12
UID نۇمۇرى : 20203
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 83
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە83دانە
شۆھرەت: 83 نۇمۇر
پۇل: 391 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ھەي دوستۇم ، ئاخىرى جاھىللىق بىلەن كۆچۈرۈپ تۈگەتمەكچى بوپسىز دە ، كىتاپنى تېزراق قايتۇرۋېتىڭ ماڭا جۇما ؟!

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-03 11:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئىككىنچى پىرى فىساغۇرس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ كىشى سۈررى[20] شەھىرىدىن ئىدى . ئۇ ساياھەتچىلىكنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى . ئۇ خەلقنى ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا ، ياخشى پەزىلەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغان ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان كىشى ئىدى . ھەرگىز  ساۋاپ تاما قىلمايتتى ۋە گۇنادىنمۇ قورقمايتتى . بىراق ساۋاپ-جازاغا قايىل ئىدى . شەھەرمۇ-شەھەر يۈرۈپ ئىلىم ئۈگىنەتتى . ئۇنىڭ خوشال بولغىنىنىمۇ ، خاپا بولغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى . ئۇ ، مال-دۇنيا  كىشى ئۈچۈن دوست-دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان نەرسە دەيتى. . . ھەرقاچان ، ھەرجايدا بولسۇن ، ئۇ بار يەردە كىشىلەر بىر مۇھىم ئىشقا دۇچ كەلسە ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتى . ھازىرقى پەرەڭىستان ئۇ  چاغدا ئەنتاكىيە [21] شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى ، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ ئۆزى كەشپ قىلغان ساتارىنى چېلىپ شېئىر ئوقۇدى .  بۇ شېئىر <<سەن ئۆزەڭنى تۈزىمەي تۇرۇپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلما ؛ ئەيىبىڭنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىنى دوست بىلىپ قەدىرلە ؛ ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگىچە، ئىسىل سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈشنى  ئۆگەن؛ ياخشى سۆزلەرنى قىلالمىساڭ، ياخشى سۆزلەرنى قىلالايدىغان ئادەملەردىن ئۆگەن؛ ئىلىم ئوگۈنۈشتىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل؛ ھايۋان تىلسىزلىقتىن جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرايدۇ ، ئىنسان ئۆز  تىلىدىن بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرايدۇ>> دېگەن مەزموندا ئىدى . ئەنتاكىيە شەھىرىدە شۇ چاغقىچە شېئىر ، مۇزىكا بولۇپ باقمىغان ئىدى . كىشىلەر 25 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ غارايىپ سۆزلەرنى قىلىپ ، ئاجايىپ  نەرسىنى چالغىنىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ كەيىڭە كىرىۋالدى ، ئۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر مەنىلىك ۋە نەسىھەت خارەكتىرلىق سۆزلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرلارنى سەتار بىلەن ئوقۇپ بېرەتتى . بۇ ۋەقە پادىشاھقا  ئاڭلاندى . پادىشاھ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، قاتتىق ھەيران بولدى <ھەيرەت قولىنى تەئەجۈپ چىشلىرى بىلەن چىشلىدى> ، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتتى . شاھ  غىزادىمۇ ، يېتىش-قوپۇشتىمۇ ئۇنىڭدىن ئاجرىمايدىغان بولدى ، ئۇنى پەرزەندىم دەپ ئاتىدى . مۇزىكا ئىلمىنى تارقىتىش ئۈچۈن جاي راسلاپ ، ئەنتاكىيە خەلقىغە بۇ ئىلىمنى ئۆگۈنۈش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈردى . ئۇ  ئون يىل ئىچىدە 40 مىڭ شاگىرت مۇزىكا ئىلمىدە يېتىشىپ چىقتى . فىساغۇرس پادىشاھدىن روخسەت سوراپ ھىندىستانغا كېلىپ ئىلمىي نۇجۇم <ئاستىرونومىيە> ئۆگەندى ، ھىندىستان خەلقى فىساغۇرستىن  مۇزىكا ئۆگەندى ، جەمشىت ، كەيقىباد [22] پادىشاھلاردىن كېيىن ئالەمگە مۇزىكىنىڭ ئۇرۇغىنى سالغان دانا ئالىم فىساغۇرس بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . ئۇ ھىندىستاندىن يېنىپ مىسىرغا بېرىپ سېھىرگەرلەردىن سېھىر  ئىلمى بىلەن 3 خىل يېزىق ئۆگەندى . ئۆتكۈنچى دۇنيادىن مەڭگۈلۈك دۇنياغا سەپەر قىلىش ۋاقتىدا ، 500 شاگىرتى بار ئىدى . پىشقەدەم تالىپلىرىدىن بىرى <<بىز <سىزدىن كېيىن قالغاندا> قانداق ئىش  تۇتىشىمىز كېرەك ؟ دەپ سورىغاندا ، ئۇ<<خالايىققا پايدىسى تەگمەيدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلماڭلار>> دەپ كۆز يۇمدى . ئۇ ھەزرىتى ئىسكەندەرنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن ۋاپات بولدى . 93 يىل ئۆمۈر  كۆردى . كىشىلەرنىڭ قۇدرىتى يېتمىگەن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ، مۇھتاجلارغا ساخاۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى .

ئۈچىنچى پىرى ئالتاينىڭ بالاساغۇن [23] دېگەن يېرىدە ئۆتكەن مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابىدۇر . بۇ ئەزىز ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت غەززالى [24] ھەزرىتى ئىمام پەخرى رازىلاردىن [25]   ئارتۇق كامالەت تاپقان ، دىننىي ئىلىملەردە يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن ، پەننى ئىلىملەردە ئىبنى سىنادىنمۇ [26] ئۈستۈن ئىدىكى ، شەرىئەت ئىلمى ، تەرىقەت ئىلمى ، تەفسىر <قۇرئاننىڭ شەرھى> ، ھەدىس ، تىۋىپلىق ، پەلسەپە ، ئىدىئولوگىيە ، ئەدەبىيات ھەتتا شاھمات ، نەرد ئويۇنلىرىغىچە  بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى . جۈملىدىن مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ناھايىتى يېتىلگەن ئىدى . قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ ، سىم تارتىپ چالغان ۋە سازەندە شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى . راك ، ئۇشاق مۇقاملىرىنى ۋە  ئۇشاقنىڭ مەرغۇللىرىنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە يايغان ھەم شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى . ھازىرمۇ ھەممە سازەندىلەرگە مەلۇم بولغان ئۆزھال مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى ، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى مەرغۇللىرىنى  كەشپ قىلغان ئىدى .«رىسالەئى مۇغەننىيۇن» <سازەندىلەر رىسالىسى> دېگەن كىتابىدا <<مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر . ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر <تېكست> قوشۇلسا ، بۇ مۇڭنىڭ نىمە ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ>> دەپ ئېيتقان ۋە يەنە <<يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزىنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىزلەر>> دېگەن . بۇ ئەزىز تۈرلۈك ئىلىملەر  ھەققىدە 114 پارچە كىتاپ يازغان . بۇ كىتاپلارنىڭ بىرى «رىسالەئى مۇغەننىيۇن» دۇر . لېكىن بۇ كىتاب ھازىرغىچە ئەرەپچىدۇر . مۇشۇ رىسالىنى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ۋاقتىمنىڭ بارىچە شۇ كىتاپنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن . خۇدايىم بۇيرۇسا .
بۇ پەننىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك پىرى مەۋلانە ئەلى ھەزرەتلىرىدۇر[27] . ئۇ خۇراساننىڭ[28] شابۇك دېگەن يېرىدىن ئىدى . ئۇ بۇ پەندە ئۆز ئەسىرىنىڭ تەڭداشسىزى ئىدى ، ئۇ بۇ پەن ھەققىدە «ئەسلۇلۋەسىل» < ۋەسىللەرنىڭ نېگىزى> ئاتلىق بىر كىتاب يازغان ، كېيىن «مۇرتاز» <نەپسىدىن كەچكۈچى> يەنە بىر كىتاب يازغان ئىدى . نەغمىچىلەر ئىچىدە مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان چۆل ئىراق مۇقامىنى شۇ كىشى ھەج  سەپىرىدە ئىراق چۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىجاد قىلىپ ، شۇ نام بىلەن ئاتىغان . دۇتارنىمۇ شۇ كىشى كەشپ قىلغان . ئۇ شېئىر يېزىش ۋە مۇزىكا ئۆگىتىشتىمۇ ئۆز زامانىنىڭ تەڭداشسىزى ئىدى . ئۇ باشقا  ئىلىملەر بويىچىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك ياخشى كىتاپلارنى يازغان . ئاخىرقى ئۆمرىدە ئەپيۇننى كۆپ ئىستىمال قىلغان سەۋەپتىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ ۋاپات بولغان .
بەشىنچى پىرى خۇجە شاھابىدىن[29]   بولۇپ ، بۇ پەندە ئۆز ئەسىرى بويىچە بىردىن-بىر ئىدى ، ئۇ بۇ پەن بويىچە  200دىن ئارتۇق شاگىرت يېتىشتۈردى ھەم رىسالە يازدى .
ئالتىنچى پىرى ئابدۇللا مەرۋارىت[30]   ھەزرەتلىرى بولۇپ ، سەمەرقەنتتىن ئىدى . بۇ ئەزىزمۇ بۇ پەننىڭ ئۇستازلىرىدىن ھىساپلىناتتى. بۇ پەن ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ياخشى رىسالىلەرنى يازغان ھەم 100 دىن  ئارتۇق شاگىرت چىقارغان ئىدى . ئۆز زامانىسىدا ناھايىتى داڭلىق مۇزىكىچىلاردىن بولغان ئىدى . ھىجرىيە 881-يىلى<مىلادى 1476-يىلى> ھىسار ۋىلايىتىدە[31]   دەپنە قىلىندى .
يەتتىنچى پىرى مەۋلانە نۇرىددىن ئابدۇراخمان جامى[32] ئىدى . بۇ ئەزىزنىڭ خىسلەت-پەزىلەتلىرى خىلمۇ-خىل كىتاپلاردا تەرىپلەنگەن . ئۇنىڭ قانچىلىك قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن كۆرگىلى  بولىدۇكى ، ئۇ ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايىدەك ئالىمغا ھەممە ئىلىم ۋە ئەمەللەر بويىچە ئۇستاز بولغان . نەۋايىدەك زاتنىڭ ئۇنى ئۇستازىم ، پىرىم دېگەنلىكى ئۇنىڭ سۈپەت ۋە تەرىپى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر . نەۋائىي  ھەزرەتلىرى ئۆز «خەمسە» سىدە بەش جايدا بۇ ئەزىز ئۈستىدە توختالغان بولۇپ ، نىمە دەپ تەرىپلىگەنلىگىنى ئۆزەڭلار كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ . بۇ ئەزىز ھەممە ئىلىمدە ھەزرىتى فارابىدەك ماھىر ئىدى . ئۇنىڭ  شائىر ھەم ئالىم بولغىنىدىن مەپتۇنلىغى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى . تەمبۇر ، سەتار ، قالۇن قاتارلىق بارلىق سازنى ئۆز قولى بىلەن چالاتتى. ئەجەم دېگەن بىر مۇقامنى ھەم ئۇنىڭ ئىككى مەرغۇلىنى ئىجات قىلدى .  نۇرغۇن شاگىرتلارنى مۇزىكا ئىلمىگە مۇكەممەل قىلىپ چىقاردى . بۇ پەن ھەققىدە «رىسالەئى دەۋۋار»< دەۋر قىلغۇچى رىسالە> ناملىق بىر كىتاب يازدى . ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىمۇ بۇ پەننى ھەزرىتى  جامىدىن ئۆگەندى . ھەزرىتى جامى 898-ھىجرىيەدە<مىلادى 1492-1493-يىلى> 79 يېشىدا خۇراساننىڭ ھىرات[33]   شەھىرىدە ۋاپات بولدى .
سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائىدۇر . بۇ ئەزىزنىڭ ھەممە پەزىل-شاراپەتلىرى ئۆزى يازغان شېئىر كىتابلىرىدىن ئايان بولىدۇ . مەن ئۇنىڭ «كۇللىيات» ، «چاھار دىۋان» لىرىدىن ، «خەمسە» سىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى كېيىن ، ئاز-كۆپ بولۇپ ، پۈتكەن 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم . ئۇ مۇشۇنداق  قىممەتلىك ئىلىملەرنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى بولغان ھەزرىتى جامىدىن مۇزىكا ئىلمىنى ياخشى ئۆگەندى . ھەر كېچىسى سەتار ياكى تەمبۇر چېلىپ ، ئۆزى يازغان غەزەللەر بىلەن ھەمىد ئېيتىپ  بىھۇش بولۇپ كېتەتتى . نەۋا دېگەن بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە تارقاتتى . بۇ ئەزىز ھىجرىيە 843-يىلى<مىلادى 1439-يىلى> 6-ئايدا دۇنياغا كېلىپ ، 63 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ، 63 پارچە كىتاب  يېزىپ ، ھىجرىيە 906-يىلى<مىلادى 1500-يىلى> ھىرات شەھىرىدە سەكتە<مېڭىگە قان چۈشۈش> كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى .
توققۇزىنچى پىرى ئۇستاز مۇھەممەت خارازىمى[34] بولۇپ ، ئۆز ئەسىرىدە مۇزىكا پەنى بويىچە كۆپ تىرىشچانلىق ۋە ماھارەتلەر كۆسەتتى . 200200 دىن كۆپرەك شاگىرتنى يېتىلگەن ئۇستازلاردىن قىلىپ چىقاردى .  بۇ پەننىڭ چوڭقۇر سىرلىرى ھەققىدە رىسالە يازدى . ھىجرىيە 852-يىلى <مىلادى 1448-يىلى> ۋاپات بولدى .
ئونىنچى پىرى مەۋلانە نەمان سەمەرقەندىدۇر[35] بۇ ئەزىز ئۇستا قارى بولۇپ ، 500 كىشى نۆۋەت بىلەن ئۇنىڭدا قۇرئان ياد ئالغان ئىدى . ئۇ شۇنداقلا ناھايىتى ئۇستا ناخشىچى ھەم دىلكەش چالغۇچى ئىدى . ئالىملار  سۆھبىتى ۋە ماشايىخلار ئولتۇرۇشلىرىدا ساز چېلىپ ناخشا ئېيتاتتى . بىر كۈنى سەمەرقەند ئالىملىرى ئولتۇرىشىدا مەۋلانە شەمشىددىن تەبرىزنىڭ [36] غەزەللىرىنى ئوقۇپ سەتارنى سايراتتى . ئالىملار بىردىن  باشلىرىنى تۆۋەن قىلىپ ئويغا چۆمۈپ كەتتى ، ئون نەچچە كىشى بىھۇش بولدى ، مەۋلانە ئەلى ھەزرەتلىرى بىھۇش بولغىنىچە شۇ ئولتۇرۇشتا ئالەمدىن كەتتى . بۇ خەۋەر ھەممە ياققا تارقىلىپ كەتتى ، پادىش ئاڭلاپ ، بۇ  ئەزىزنى زىندانغا ھۆكۈم قىلدى . ئۇ 5 يىل زىنداندا يېتىپ ھىجرىيە 865-يىلى <مىلادى 1461-يىلى> ۋاپات بولدى . بۇ ئەزىزنىڭ تەربىيىسىدە 300دىن ئارتۇق نەغمىچى مۇزىكا ئىلمىدە كامالەتكە  يەتكەن ئىدى . بىرنەچچە يۈز كىشى شەرىئەت ئىلمىدە ئالىم بولدى ، نەچچە مىڭ سوپىلىرى بار ئىدى . ئۇ تەرىقەتى چەشتىيە[37] ماشايىخلىرىدىن ئىدى . مۇزىكىنىڭ تەرىقەت ئەھلىگە بەخش ئەتكەن  نەتىجىلىرى توغرىسىدا«مىئىراجۇسسالىكىن»<سوپىلىق يولىنى تۇتقۇچىلارنىڭ شوتىسى> ناملىق بىر كىتاب يازغان ئىدى .
ئون بىرىنچى پىرى مەۋلانە ساھىپ بەلخى[38] ھەزرەتلىرىدۇر . بۇ ئەزىز مۇدەررىس ئىدى ، بەش- ئالتە يۈز تالىپ ئۇنىڭ تەربىيىسىدە كامالەتكە يەتكەن ئىدى . ئۇ تەمبۇرنى سېھىرلىك بىر تەرىزدە سۆزلىتەتتى .  بابۇر شاھ[39] ئۇنىڭدىن بىر دەممۇ ئايرىلمايتتى . كېيىن ئۇ مۇدەررىسلىكتىن بوشىنىپ زاھىرىددىن بابۇر ھوزۇرىدا قالدى . بىر كۈنى كابۇل[40]   شەھرىدىكى بىر باغدا شاھانە ئولتۇرۇش ئويۇشتۇرۇلۇپ ، ئۇلۇغ زاتلار ،  ئەمىر-ۋەزىرلەر ، ئۆلىما ۋە ئەۋلىيالارنىڭ ھەممىسى يېغىلدى . تۈرلۈك-تۈرلۈك تائاملار تارتىلىپ ، داستىخان يېغىلغاندىن كېيىن ، بابۇر شاھ مۇزىكىغا ئىشارەت قىلغان ئىدى ، بۇ ئەزىز تەمبۇرىنى قولىغا ئېلىپ ، چۆل  ئىراق مۇقامىغا چېلىشقا باشلىدى ، مۇزىكا ئىككىنچى ئەۋجىدىن ئۆتۈپ ئۈچىنچى ئەۋجىگە يەتكەندە بىر بۇلبۇل كېلىپ تەمبۇرنىڭ قۇلىغىغا قونىۋېلىپ سايراشقا باشلىدى . مەجلىس ئەھلى چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈشتى ،  بىرمۇنچە كىشىلەر يىغلاپ بىھۇش بولۇپ يۇمۇلىنىشقا باشلىدى . بۇلبۇل يىراقتىن ئۇچۇپ كېلىپ تەمبۇرغا ئۆزىنى ئۇرۇشقا باشلىدى ۋە يەتتە-سەككىز قېتىم ئۆزىنى تەمبۇرغا ئۇرغاندىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ ئۆلدى .  بەك تەسىرلىنىپ كەتكەن مەۋلانە تەمبۇرنى تاشلاپ يىغلىغىنىچە بىھۇش بولدى . بىر ئازدىن كېيىن بىھۇشلارغا گۇلاپلار سېپىلدى ، شاتلىق شارابلىرى ئىچۈرۈلدى ، بىھۇشلار ھۇشىغا كەلدى ، لېكىن مەۋلانە ساھىپ  بەلھى ھۇشىغا كېلەلمىدى ، ھېكىملەر ھەرقانچە قارە-تەدبىر قىلىشقان بولسىمۇ پايدا چىقمىدى . شۇنداق قىلىپ ، مەۋلانە ھىجرىيە 844-يىلى<مىلادى 1440-يىلى> ئالەمدىن كەتتى . بابۇر شاھ يازغان« ئەسرارى مۇسىقى»<مۇزىكىنىڭ سىرى> ناملىق رىسالىدە بۇ قىسسە ئالاھىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان .
ئون ئىككىنچى پىرى شەيخ سەفايى سەمەرقەندى[41] ھەزرەتلىرىدۇر . بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان مۇقام ئاھاڭلىرى ، بۇ ئەزىز چالالمايدىغان چالغۇ ئەسۋاپلىرى يوق دىسىمۇ بولىدۇ . بۇ پەن بويىچە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق  شاگىرتنى ماھىر قىلىپ چىقاردى . «نەشائەتى مۇسىقى» <مۇزىكىنىڭ ئۈنۈمى>ناملىق بىر رىسالە يازدى ، بىر قانچە تۈرلۈك ناخشا-غەزەللەرنى ئىجات قىلدى . ھىجرىيە 869-يىلى<مىلادى 1464 -1465-يىلى> 56 يېشىدا پالەچ كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى .
بۇ پەننىڭ ئون ئۈچىنچى پىرى قىدىرخان يەركەندىدۇر[42]   . بۇ پەندە بۇ ئەزىزدەك ماھارەت كۆرسەتكەن ئۇستاز ئاز . بۇ ئەزىز كۆپرەك ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى ھەزرەتلىرىنىڭ غەزەللىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ  ئېيتاتتى . ئالەم ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك خۇش ئاۋاز ئادەم بولمىغان دىيىشكە بولىدۇ . ئىراقتىن ، ئىراندىن ، تەبرىزدىن[43] ، خارازم ، سەمەرقەند ، ئەنجان ، ئىستامبۇل[44] ، كەشمىر ، بەلخ[45]   ، شىراز[46]   قاتارلىق يىراق شەھەرلەردىن  مۇزىكا ئۆگۈنۈشكە كەلگەن شاگىرتلىرى بار ئىدى . راۋاپنى ۋە ھەشتتار < 8 تارلىق بىر خىل چالغۇ> نى بۇ ئەزىز كەشپ قىلدى . ئۇ يەنە شائىر ئىدى ، «دىۋان قىدىرى» <قىدىرخان شېئىرلىرى توپلىمى> بار  ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىلمى ھەققىدىكى رىسالىلىرىدە چوڭقۇر مەنىلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . جەندە-كۇلا كېيىپ يۈرەتتى . داڭلىق سۇلتان ئابدۇرىشىتخان[47] غىزادىمۇ ، يېتىپ-قوپۇشتىمۇ قىدىرخاندىن ئاجرىمايتتى . قىدىرخان ۋىسال ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتتى . ئۇ ئابدۇرىشىتخان پادىشادىن ئىككى يىل كېيىن ئالەمدىن كەتتى .

ئەسكەرتىش : بۇ يەردىكى ۋە باشقا يەرلەردىكى ئۇچلۇق تىرناق <> ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەرنى مۇشۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار قوشقان . __ مۇھەرىردىن .
مۇھەرىردىن : بۇ يەردىكى [1] ، [2] ، [3] ، . . . بەلگە ئالدىدىكى ئۇقۇملار يوللانمىنىڭ داۋامىدىكى ئىزاھلاردا چۈشەندۈرۈلىدۇ  .
قېنىق ھەربلەر بىلەن يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىي ئەسەردە قىزىل سىيا بىلەن يېزىلغان . بۇ تېمىدا مەن شۇ سۆزلەرنى قىزىل رەڭدە يوللىدىم . ( يۇلدۇزئاي دىن)

داۋاملىق يوللىنىدۇ . . .

مەنبە :  «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي تۇنجى نەشىرى .
نەشىرگە تەييارلىغۇچى :
ئەنۋەر بايتۇر
خەمىت تۆمۈر

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-03 20:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

بۇ پەننىڭ ئون تۆتىنچى پىرى ھەزرىتى پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىردۇر. خۇدايىتائاللا ئۆز ئۈستۈنلۈگى ۋە كارامىتى بىلەن بۇ كىشىگە شۇنداق بىر قابىلىيەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، ئۇ ھەم ئۇلۇغ ئۆلىما ھەم ئەڭ كاتتا  ئەۋلىيا ھەم زەبەردەست پەھلىۋان ئىدى. مىڭ يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭدەك پەھلىۋان چىقمىغان . ئۇ ھەم شائىر ھەم نەغمىچى ھەم زور باي ئىدى ، شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۇنىڭدەك خۇش خۇلۇق ، خۇش سۆز ئادەم يوق ئىدى .  ئۇ يوقۇرىدا ئىسمى ئېيتىلغان ئۇلۇغ ئۇستازلار باراۋىرىدە مۇزىكا ئىلمى ھەققىدە ئەسەرلەر يازدى ، پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى ، تۈرلۈك-تۈرلۈك ناخشا ، سۆز ، ئاھاڭلار ئىجات قىلدى . ئۇ ئىشلىگەن مۇقام كۈيلىرىنىڭ بىرى  چاھارزەرپ بولۇپ ، ھەممە ئۇستازلارنىڭ كۈيلىرىدىن ياخشى ھەم يېقىملىق بولغان ۋە تېزلا داڭ چىقارغان ئىدى . مەشھۇر ئىجادىي مۇقاملىرىنىڭ بىرى چاھارزەرپ ، بىرى چاھارگاھ مۇقامى ئىدى . چاھارگاھقا  مەۋلانە تۇتى[48]ئەلەيھىررەھىمنىڭ مۇنۇ غەزىلىنى سالغان ئىدى ( باشلانما بېيىتنىڭ مەنىسى)  :

ئەي ساقى ، ئەجەپكى ئەتىنىڭ دەھشەتلىك ئىشلىرى نامەلۇم كېتىۋاتىدۇ .
بۈگۈن ئۆزىمىزنى خۇش تۇتايلى، ئەتىنى كىم بىلىدۇ .
بۇ مىربۈزرۈك تىرمىزى[49]نامىغا باغلىنىپ تولىمۇ مۇۋاپىق ئىش بولغان ، شۇڭا خۇراسان مەملىكىتىدە ، ئىراق ، سەمەرقەند ۋە يەركەن خانلىقى ئىچىدە بۇنى بىلمەيدىغان نەغمىچى يوق . يەنە بىرى دۇگاھ مۇقامى  بولۇپ ، بۇنىڭغا مىرخىسرو دېھلىۋىنىڭ[50]مۇنۇ شېئىرىنى سالغان ئىدى (شېئىر) :

ئەي سېنىڭ مەڭزىڭنىڭ نۇرىدىن ھەر بىر ئۆي يورۇپ كەتتى ،
سېنىڭ چېچىڭنىڭ ھەر بىر بۈدرىسى ئۈچۈن بىر كۆڭۈل ۋەيرانە ۋە ئەسىردۇر .

بۇ بابۇر سۇلتان نامىغا باغلىنىپ تولىمۇ تەسىرلىك ھەم مۇۋاپىق مۇقام بولغان . يەنە پەنجىگاھ مۇقامىنى ئىجات قىلىپ ، ئۇنىڭغا ھەزرىتى مەۋلانە كاتىبىنىڭ[51]بىر شېئىرىنى سالغان ئىدىكى ، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى  ھوزۇرلىناتتى . بۇ مۇقام ئەجەم ، مۇۋەرە ئۇننەھرى[52]  شەھەرلىرىدە مەشھۇر بولدى . مەۋلانە كاتىبىنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق (مەنىسى) :

سېنىڭ رەڭگىڭ بەزىدە ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلار قىياپىتىگە كىرىپ قالىدۇ ،
بىر تەلەپنىڭ گۇۋاچىلىغى ئۈچۈن يۈز شاھىت كېلىدۇ .

ئۇ بۇ شېئىرنى سېلىشتا ئۇنىڭ مۇنۇ چۈشۈرگە بېيىتىنى كۆزلىگەن ئىدى (مەنىسى) :

كاتىبىدەك ئاخشىمى غەم قىلساڭ ، تاڭدا ئۈمۈت قىل ،
بۇ دۆلەتكە سۇلتان ئەبۇ سەئىد كەلدى .

بۇ سۇلتان ئەبۇ سەئىت مىرزا [53] نامىغا باغلىنىپ بەكمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولغان ۋە شۇنىڭ بىلەن خەلقى ئالەم ئىچىدە شۆھرەت تۇتقان . بۇ ئەزىزى بۇلاردىن باشقا يەنە بىھېساپ غەزەل ، مۇقام ، ئاھاڭلار ئىجات  قىلدى ، مەشھۇرلىرى مۇشاۋىرەك ، بايادەك ۋە يوقۇرىدا ئېيتىلغان چاھارزەرپ ، دۇگاھ ، سىگاھ ، چاھارگاھ ، پەنجىگاھلار بولۇپ ، غەرپ ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا مەشھۇردۇر ، ھەممىسىنى بۇ قىسقا رىسالىگە سىغدۇرۇش  مۇمكىن ئەمەس . بۇ ئەزىز ئاۋال بابۇر شاھنىڭ ھوزۇرىدا خىزمەت قىلدى ، كېيىن مىرزا ئەبۇ سەئىدنىڭ بەرگاھىدا يوقۇرى ئورۇن تۇتتى ، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان ساھىپ قىران ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭ [54] دەرگاھىدا  مەھرەم بولدى ، بۇ ئەزىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى شۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇ ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى ھەزرەتلىرىدەك ئالىجاناپ زات بىلەن 40 يىل ھەمسۆھبەت ، دوست بولۇپ ئۆتتى . ئەگەر بۇ  كىشىنىڭ تەبىيىتىدە زەررىچە ئەيىپ بولسا ئىدى، نەۋايى ئۇنى دوستلۇققا قوبۇل قىلمىغان بولار ئىدى. ئەكسىچە ، نەۋائى : <<مەن پەھلىۋان مۇھەممەت كۈشتىنگىر بىلەن 40 يىل ھەمسۆھبەت بولدۇم ، بۇ جەرياندا  كۆڭلۈم مالال بولغۇدەك ھىچقانداق ئىش ئۆتۈلمىدى ، بەلكى دوستلۇق مۇھەببىتىمىز كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى>> دەپ يازغان . مانا بۇنىڭدىن ئۇ ئەزىزنىڭ خۇي-پەيلىنىڭ نەۋايىغا ناھايىتى يارىغانلىقىنى كۆرگىلى  بولىدۇ . نەۋايىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، بۇ ئەزىزنى تەرىپلەپ تارىخ، ھىكايە يازغانلىقى بۇ ئەزىزگە بېرىلگەن ئەڭ يوقۇرى باھا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ ئەزىز شېئىرىي مۇئەمما <مەنىسى  يوشۇرۇن شېئىر> ئىلمىدە دەۋرىنىڭ يىگانىسى ، زاماننىڭ نادىرى ئىدى . بۇ پەن توغرىسىدا نۇرغۇن كىتاپلار يازدى . شۇ زاماندىكى شائىرلارنىڭ يۈزدىن بىرىدە مۇنداق قابىلىيەت يوق ئىدى . شائىرلار  ھەرقانداق شېئىر يازسا ، پەھلىۋانغا كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلاتتى . ئۇنىڭ بۇ پەندىكى سەمىمىيىتىنى ئۇنىڭ كۈشتىنگىر تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىر شېئىرىنىڭ مۇنۇ باشلانما بېيىتىدىن كۆرگىلى  بولىدۇ (مەنىسى) :

مەن ئۇنىڭغا : ئىشقى ئالىمىڭدە مېنىڭ ئىشىم غەم يېيىشتۇر ، دىدىم .

ئۇ ھىراتتىكى بىر چوڭ يولنىڭ بويىغا 5 مىڭ كىشىلىك ئۆي-باغلاردىن تەركىپ تاپقان زور بىر ئىمارەت سالدۇردى ، بۇ بىر مۇساپىرخانا بولۇپ ، ئۇنىڭغا <<نىمەتى ئابات>> دەپ نام بەردى . پېقىرلار ،  دەرۋىشلەر ، مۇساپىرلار ۋە يولۇچىلار كېلىپ بىر ئاي ، ئىككى ئاي ھەتتا بىر يىل ، ئىككى يىل تۇرۇپ قالاتتى . ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئۈچ تۈرلۈك ئالى تاماق بېرىلەتتى ، ئۇلاقلىرىغا ئارپا-پىچان تەييار ئىدى . كاتتا-كىچىك  ھىرات خەلقى <<نىمەتى ئابات>> تىن تاماق يەيتتى ، پېقىرلاردىن باشقا بايلار ، شاھزادىلەر ، ۋەزىرلەرمۇ تاماق يەيتتى ، ھەتتا سۇلتان ھۈسەيىن باھادىرخانغىمۇ تەييار بولغان تاماقتىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يەتكۈزىلەتتى .  تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ماشايىخ ۋە ئۆلىمالار ھەزرىتى پەھلىۋاندىن تەلىم ئېلىپ بەش-ئون يىل تۇرۇپ قالاتتى . ئۇ سېخىلىكتە ھاتەم تەيدىنمۇ [55]ئېشىپ كېتەتتى . ئۇ ھەزرىتى جامى بىلەن يېقىن ئۆتەتتى ، تەسەۋۋۇفتا  ئۇنىڭدىن مەخسۇس ئىلتىپاتلار كۆرگەن ئىدى. ئاللاتائاللا بىر قەترە خۇندىن تۆرەلگەن بەندىسىگە شۇنچىلىك كامالەت ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلغان ئىدىكى ، ئۇ بىردىن-بىر ياراتقۇچىغا يۈز مىڭ ھەمدۇ-سانا ئوقۇش  كېرەك! بۇ ئەزىز پادىشادىن گادايغىچە دوست تۇتمايدىغان ئادەم يوق ئىدى . ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلسا ، پەھلىۋاننىڭ مەندىن يېقىن دوستى يوق ، دەپ ئويلاپ قالاتتى . مىڭ-مىڭلىغان كىشىلەر بۇ  ئەزىزنىڭ قولىدا قۇرئان ياد ئالدى . شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگۈنۈپ ئالىم بولدى . ئۇ ھەربى ئىلىمدە سۇلتان ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا ئۇستاز ئىدى . ئۇ ، شائىرلارنىڭمۇ ئۇستازى ئىدى . مۇزىكا  ئىلمىدىمۇ ھەرخىل مۇقاملارنى ۋە مىڭلىغان شاگىرتلارنى يادىكار قىلدى . تەرىقەتتە ھەرخىل ئۇلۇغ شەيخ ۋە ھۆرمەتلىك ئەۋلىيالارنىڭ پىرى ئىدى . شۇ زاماندا دۇنيا بويىچە ئۇنىڭدەك باي يوق ئىدى . ھۈسەيىن  باھادىرخان ئۇنىڭسىز ئولتۇرۇش ئۆتكۈزمەيتتى ، ئۇنىڭ مەسلىھەتىسىز ئىش قىلمايتتى . پەھلىۋان بىر كۈنى تۇيۇقسىزدىن بۇھۇش بولۇپ يېقىلغىنىچە ئالەمدىن كەتتى . پادىشادىن گادايغىچە پۈتۈن خۇراسان خەلقى  ھازىدار بولۇپ ، گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى . ئۆزى ھايات ۋاقتىدا راسلاپ قويغان ۋە ھەر كېچىسى كىرىپ ئىستىقامەت قىلىپ كەلگەن <<نىمەتى ئابات>> تىكى يەرلىكىگە ھىجرىيە  899-يىلى<مىلادى 1443-1444-يىلى> دەپنە قىلىندى .<ئايەتنىڭ مەنىسى> <<بىز ئاللانىڭ، ئاللا تەرەپكىلا قايتىمىز>> .
ئون بەشىنچى پىرى ھەزرىتى مەۋلانە لۇتفىدۇر . بۇ ئەزىز مۇشۇ موغلىستاندىن[56] ئىدى ، ئۇ ئالىملىقتا ھەزرىتى ئەبۇ نەسىر فارابىدەك ، ھېكىملىقتا ھەزرىتى ئىبنى سىنادەك، شائىرلىقتا ھەزرىتى ئەمىر ئەلىشىر  نەۋائىدەك ، نەغمىچىلىكتە قىدىرخاندەك ئىدى . بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان ئىلىم يوق ئىدى . زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمى ئىدى . ئۇنىڭ قولىدا 500دىن ئارتۇق ئالىم ۋە قارى تەربىيىلىنىپ چىقتى ، 200چە كىشى  مۇزىكا ئىلمىدە كامالەت تېپىپ ماھارەت كۆرسەتتى . ئۇ 200دىن ئارتۇق كىتاپ يازدى . ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائى ئىلمىي پاساھەتتە <ئىستىلىستىكا ئىلمىدە> بۇ ئەزىزنى ئۇستازىم دەيتتى . لۇتفى بولسا  ھەزرىتى نەۋايىنى سەن مېنىڭ ئۇستازىم دەيتتى ۋە <<مېنىڭ ئۆمۈر بويى يازغان 10 مىڭ مىسرا شېئىرىمدىن سېنىڭ ئىككى مىسرا شېئىرىڭ ئارتۇق>> دەيتتى . ھىجرىيە 878-يىلى<مىلادى 1473- يىلى> ۋاپات بولدى .
ئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈپ سەككاكىدۇر [57] بۇ ئەزىزمۇ ھەممە ئىلىمدە ھەزرىتى فارابى ۋە ھەزرىتى لۇتفىدەك ئىدى . مىڭلىغان تالىپلار ئۇنىڭ قولىدا تۈرلۈك-تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنەتتى . مەنتىق  ئىلمىدە ، ئىلمىي پاساھەت ۋە ئىلمى بەلاغەت <ناتىقلىق ئىلمى> دە ئەسىرنىڭ يەكتاسى ئىدى ؛ شېئىرىيەت ئىلمىدە بۇ ئەزىز موغۇللىستاندىن چىققان مۇتەپەككۈرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئىدى ، پاساھەت ۋە  بەلاغەت ھەققىدە «تەلخىس» <ئومۇمى بايان> ناملىق بىر كىتاپ تۈزدى ، مۇزىكا ئىلمى بويىچە رىسالىلەر يازدى . ھازىرغىچە نەغمىچىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان بايات ناملىق مۇقامنى بۇ ئەزىز  ئىجات قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى .
ئون يەتتىچى پىرى مەلىكەئى ئاماننىسا خېنىم [58] ئىدى . بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ خانىشى ئىدى . ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ ، «دىۋان نەفىسى» <نەفىسى شېئىرلىرى توپلىمى> ناملىق  شىرىن بىر كىتابنى يازغان ئىدى . خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى ، مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى ، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغان ئىدى . سۇلتاننىڭ بۇ  مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ۋەقەسى مۇنداق بولغان ئىدى ؛ سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتاختى يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە  نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى . سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددا كېيىملەرنى كېيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غەرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەتكە  زۇلۇم-سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى . بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى . بۇ ئۆي مەخمۇت ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ  ئۆيى ئىدى ، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەخمۇتنىڭ قىزى ئىدى . سۇلتان ئۆينىڭ بۇلىڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ ، مەخمۇتتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى تەلەپ چىلدى . مەخمۇت : <<مەن تەمبۇر چېلىشنى  بىلمەيمەن ، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان ، قىزىم چالىدۇ>> __ دەپ جاۋاب بەردى . سۇلتان : <<ئەمىسە ، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن>> __ دېدى . مەخمۇت قىزىغا ئەمىر  قىلدى . قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى ، سۇلتان ھەيران قالدى ، بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى سېلىپ ئوقۇغاندا ، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ ، بىھۇش بولۇپ كەتتى . شېئىرنىڭ  باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى (مەنىسى) :

خۇدا ساڭا يۈز شۈكرى ، بىزگە ئادىل پادىشا بەردىڭ ،
پېقىر-مىسكىنگە ئابدۇرىشىتخاننى پانا قىلدىڭ .

بۇ بېيىتنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باشلانغان ئىدى (مەنىسى) :

ئەي نەفىسى، ئۇلۇغ تەڭرىگە كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىن،
ئەگەر شاھ ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ ، قاتتىق گۇنا قىلغان بولىسەن .

غەزەل تامام بولىشىغا سۇلتان ئالدىراپ : <<نەفىسى دېگەن شائىر كىم ؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن ؟ >> __ دەپ سورىغان ئىدى ، قىز : <<خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقامدىكىن ، مەن نەۋائى ،  فۇزۇلى[59]، زەلىلىنىڭ[60] شېئىرلىرىدىن باشقىسىنى ئوقۇمايمەن>> __ دەپ جاۋاب بەردى . سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىگىنى سورىدى . ئاتىسى : << 13 ياشقا كىردى>> __ دەپ جاۋاب بەردى .  سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قوپۇپ ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شېئىرلارنى ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتتى . خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى . پادىشا بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك  نارسىدىنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي : << قېنى ئەمىسە ، مەن قاراپ تۇراي ، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ >> __ دېگەن ئىدى ، قىز دۆۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى (مەنىسى) :

خۇدا ، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى ،
گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى .

سۇلتان كۈلۈپ : << ئىشەندىم ، مېنى مەسخىرە قىلماڭ>> __ دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ : << بىز ھېلى كېلىمىز >> __ دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە  بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى . بېشىغا تاج كېيىپ ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى . دەرھال ئون قوي ۋە شايى-ئەتلەسلەر تەييارلاندى . تۈن يېرىمىدە قىرىق كىشى مەخمۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى . پادىشاھ  ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى . بۇ مەلىكە 20 يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى . خۇدايتائاللا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى ، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى  يوق . «دىۋان نەفىسى» نى يازدى ، خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقى جەمىلە» >گۈزەل ئەخلاق> ناملىق بىر كىتاب يازدى . «شۇرۇھۇلقۇلۇپ» <قەلبلەر شەرھى> ناملىق بىر رىسالە  يازدى . شائىرلىق ، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز . «ئىشرەت ئەنگىز» <شاتلىق قوزغىغۇچى> ناملىق مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجات قىلغان ئىدى . كۈچلۈك رەشك  يۈزىسىدىن سۇلتان ئۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگەتتى بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان ، دېيىلىدۇ . مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالەتكە  يېتىپ ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى . سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى ، دېيىلىدۇ .
بۇلاردىن كېيىن مۇقام ، غەزەل ئىجات قىلغۇدەك بىر ئۇستازنىڭ ئالەمگە كەلگەنلىگى مەلۇم ئەمەس ، شۇنى بىلىش كېرەككى ، نەينى جەمشىت پادىشانىڭ مەشھۇر خوتۇنى مەلىكە دىلسۇز [61]كەشپ قىلدى . سۇنەينى ئاۋال  كەيكۇبات شاھنىڭ نەزىرىدە لەشكەرلىرى ئارىسىدا ئەردىشىر ئاتلىق بىر كىشى بۇغا مۈڭگۈزىدە ياساپ چالدى . نۇشىرۋان[62]نىڭ زامانىسىدا ياغاچتا سۇنەي ياساپ چالدى . داپنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا دىۋىلەر  ياساپ بەردى . ناغرا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن زامانىدا كەشپ بولد ى ، دېيىلىدۇ .<دۇ’ئانىڭ مەنىسى> <<بۇ كىتاپ بەك بىلگۈچى ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن ئاياقلاشتى>> .

يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، مۇزىكا ئىلىمنىڭ ئۇستازلىرى ۋە ئەسىر ، ھەر شەھەردە يۈزلەپ بەلكى مىڭلاپ ئۆتكەن . ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەھۋالاتىنى بايان قىلساق بۇ قىسقا رىسالىگە سىغمايدۇ . شۇڭا  مىڭدىن بىرى تاللاپ ئېلىندى ، يەنى بىرەر ناخشا-مۇقام ئىجات قىلغان ياكى بىرەر چالغۇ ئەسۋابى ياسىغان ياكى بۇ ئىلىم توغرىسىدا بىرەر رىسالە يېزىپ داڭ چىقارغانلىرىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى .

خۇدايىمغا يۈز مىڭ سانا ۋە تەشەككۈر ،
يەنە ئۇنىڭغا چەكسىز ھەمىد ۋە شۈكۈر .

ئەلىشىر ھېكىم بەگكە ئەمەل بەردى ،
ئۇنى خوتەن خەلقىغە پادىشا قىلدى .

ئۇ مېنى بۇ شاھ دەۋرىدە تۆرەلدۈردى ،
بېشىمغا كۇلا ، ئۈستۈمگە جەندە كەيگۈزدى .

زامانە ئادالەتلىك شۇ قەدەر،
قولۇڭغا دۆۋەت ۋە قەلەم ئالغىن .

مەن بۇ ئەمىرگە ئىتائەت قىلدىم ،
شىرىن سۆزلەرنى يىغىپ جەم قىلدىم .

نەغمىچى ھەققىدە رىسالە بولسا ،
تارىخ ئېتى بار كىتاپلار بولسا .

يېغىپ تۈزدۈم بۇ تارىخنى مەن ،
ياخشى دېگەي بۇنى ئوقۇپ ئەھلى خوتەن .

بولسىمۇ ئەقلىم قىسقا ، بويۇم پاكار ،
خوتەنلىككە قىلدىم بۇنى يادىكار .

سەۋەپ بولدى بۇنىڭغا ئەلىشىر ھېكىم ،
كۆپ ئەجرى بەرگەي ئاڭا ئاللا كەرىم .

ئوقۇپ ئاڭلىغانغا بۇدۇر ئىلتىجا :
ئەلىشىر ھېكىمگە قىلىڭلار دۇئا .

يەنە مېنىمۇ تۇتۇڭلار ئەستە ،
سېخى ئۆلسە بولۇر ئورنى جەننەتتە .

تارىخنىڭ پۈتۈلگەن ۋاقتىن تارىخىن دېدىم ،
بىلەلمەسمىكىن دەپ بەكمۇ غەم يېدىم .

تۈگەت سۆزنى مۆجىز غەرىپ بىناۋا ،
باشقىچە ئىش تۇت، كىر ئۇلۇغ يولغا .

تامام

1271-يىلى (موللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى)

ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى ۋە باشقا يەرلەردىكى ئۇچلۇق تىرناق <> ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەرنى مۇشۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار قوشقان . __ مۇھەرىردىن .
مۇھەرىردىن : بۇ يەردىكى [1] ، [2] ، [3] ، . . . بەلگە ئالدىدىكى ئۇقۇملار يوللانمىنىڭ داۋامىدىكى ئىزاھلاردا چۈشەندۈرۈلىدۇ  .

قېنىق ھەربلەر بىلەن يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىي ئەسەردە قىزىل سىيا بىلەن يېزىلغان . بۇ تېمىدا مەن شۇ سۆزلەرنى قىزىل رەڭدە يوللىدىم  . ( يۇلدۇزئاي دىن)

داۋاملىق يوللىنىدۇ . . .  مەن يۇقىرىدا «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» ھەققىدىكى كىرىش سۆز ۋە كىتابنىڭ ئەسلى تەرجىمىسىنى تورداشلارغا كۆچۈرۈپ يوللاپ تۆگەتتىم . داۋامىدا كىتابنىڭ تەرجىمە قىسمىدا بېرىلگەن [1] ، [2] ، . . . . [62] لەر ئالدىغا قويۇلغان نام ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتلىق قىسمىنى داۋاملىق يوللايمەن . ۋاقىت بولغايسىزلەر . (يۇلدۇزئاي)

مەنبە :  «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 6-ئاي تۇنجى نەشىرى .
نەشىرگە تەييارلىغۇچى :
ئەنۋەر بايتۇر
خەمىت تۆمۈر

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ رۇخسەتسىز يۆتكەپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !

[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن 2007-12-04 21:03 دە قاي ]

QiQan Uyghur Ulinix Tori
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-04 20:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1195
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3804
UID نۇمۇرى : 18988
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1147
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1147دانە
شۆھرەت: 673 نۇمۇر
پۇل: 2627 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

كۆپ رەھمەت ... اللە ئىگەم سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن !

QiQan Uyghur Ulinix Tori
ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !!!!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-05 04:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق aljazir

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 665
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 334
UID نۇمۇرى : 21847
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 637
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە637دانە
شۆھرەت: 637 نۇمۇر
پۇل: 896 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

رەخمەت....................لىكىن قانداق كۈچۈرۈپ يىزىپ بولغان سىز؟

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-05 04:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Ataman
ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 839
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 160
UID نۇمۇرى : 11
دەرىجە: مۇنبەر مەسئۇلى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 583
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە583دانە
شۆھرەت: 808 نۇمۇر
پۇل: 2155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

بارىكاللا سىزگە : ناھايىتى قىممەتلىك بىر كاتتا ئەسەرنى تەقدىم ئەتتىڭىز . ئاللا سىزگە ئامان ئىسەنلىك بەرسۇن . ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .

QiQan Uyghur Ulinix Tori
يىلتىزىمىز دىيارىمدا
ئۈمىدىمىز دىيارىمدا

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-05 12:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 918
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 14
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
شۆھرەت: 660 نۇمۇر
پۇل: 1604 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى قىلسام بەزىدە بۇنداق پويىز رېلىسىدەك ھەم ئۇزۇن ، كىران ماشىنىسىدەك ھەم ئېغىر كىلولۇق تېمىلارنى كۆچۈرۈپ بولغۇچە بويۇنلىرىم تېلىپ ، بارماقلىرىم ئۇيۇپ قالىدۇ . ئەمما ، مۇنبەرگە كىردىغان ھەر بىر مېھماننىڭ قىزىقىشى ، خىزمەت خارەكتېرى ئوخشاش بولمىغاچقا ،  بىرنەچچە دوستلارغا بولسىمۇ پايدىلىش ماتېرىيالى بوپقېلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ ئولتۇرۇپ ھارغىنلىق بىلىنمەيدۇ .
بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئىنكاس قايتۇرغان تورداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت . سىلەرنىڭ مەدىتىڭلار بولغاچقىلا بارماقلىرىم كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدىكەن . اللا خالىسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر كىتاب ، ئەسەرلەرنى مۇنبەر ئۈستىدە تورداشلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە تىرىشىمەن .

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
ئۆزەڭگە ۋە ئۆزگلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى سۆزلە ، بولمىسا سۈكۈت قىل .

Yiltizimiz diyarimda ,Umidimiz diyarimda
Diyarim «QQ» sohbetxanisi
Top nomeri:54998506
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-05 14:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Ela

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 93
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 6
UID نۇمۇرى : 17372
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 84
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە84دانە
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
پۇل: 193 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ...........

ياخشى  ئەسەرلەر  باشقا  ئۇيغۇر  مۇنبەرلىرىگە  كۆچۈرۈلسە  زىيىنىدىن پايدىسى  كۆپ  بولىدىغۇ دەيمەن . تېخىمۇ  كۆپ  ئادەم كۆرسە  تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟  سىزگە  تېخىمۇ كۆپ  ئادەملەر رەھمەت ئېيتىدۇ  ئەمەسمۇ ؟  ئىلىم  ئەھلىرىلىرى كەڭ  قورساق  كېلىدۇ ...

سىزنى ھۆرمەتلەپ : ئەلا .

Atlan

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-22 14:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [23 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق oguzhan1

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 4
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 96
UID نۇمۇرى : 21677
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-31

سىزگە كۆپ تەشەككۈر، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،ئاللاھ سىزگە ئىككى ئالەملىك ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.  مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد  قىلىمەن.

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-22 17:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [24 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق alvin

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 29
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 12768
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 44 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-02

ئەگەر  مۇۋاپىق كۆرسىڭىز مۇشۇنداق ئاز-ئازدىن يوللاپ بۇ كىتاننىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسقىسىنى پۈتتۈرۇپ چىقارسىڭىزمۇ بولىدۇ.....تامار،تامار كۆل تولار.

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-23 20:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [25 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uygur-yigiti

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 229
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 22544
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 753 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08

كۆپ جاپا تارتىپسىز بۇجاپايىڭىزدىن كەلگۈسى ئەۋلاتلىرمىز چوقۇم ياخشى پايدىلنالايدۇ .تىخىمۇ تىرشىڭ . بىزسىزگە مەدەت تىلەيمىز . خەلقىمىزگە ئەۋلاتلىرمىزغا پايدىلىق بولغان ماتىرياللاربىلەن كۆپرەك تەمىنلەپ تۇرارسىز ئەجرىڭىز يەردەقالمايدۇ .

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-27 00:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [26 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yali

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 9
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 90
UID نۇمۇرى : 20252
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-17

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-29 22:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [27 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kuluk

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 6
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 93
UID نۇمۇرى : 23426
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-01

مەن مۇزىكا كەسپىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇپ، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلىمۇ ئون نەچچە يىل بوپتۇ. شۇ كەمگىچە بۇ تەۋەررۈك ئەسەرنىڭ نامىنى كۆپ قېتىپ ئاڭلىغان بولساممۇ كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان ئىدى. ئاللا ئىگەم قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-10 15:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [28 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sanatsuyar

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 49
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 51
UID نۇمۇرى : 24139
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 254 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-21

مەنمۇ.بۇكىتاپنىڭ تۇنجى نەشىرىنى قولغا چۈشۈرگىلى ئاران بىر ئاي بولدى.ئوقۇپ چىقىپ مۇزىكا ھەم تارىخقا ئائت نۇرغۇن بىلىملەرنى چۈشىنىۋالدىم.مىنىڭچە،بۇكىتابنىڭ مەزمۇنىدىن نۇرغۇنلارنى بىخەۋەرمىكىن دەيمەن.بۇ ئەسەرنى تورغا چىقىرىپ ياخشى قىلىپسىز.قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن....

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-25 16:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [29 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-08 08:54
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation