مۇھەممەتجان راشىدىن شئېرلىرىدىن
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ » مۇھەممەتجان راشىدىن شئېرلىرىدىن



« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەممەتجان راشىدىن شئېرلىرىدىن پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 5328 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق abduwali503

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 979<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 20
UID نۇمۇرى : 8559
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 959
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە959دانە
شۆھرەت: 344 نۇمۇر
پۇل: 1339 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-26

مۇھەممەتجان راشىدىن شئېرلىرىدىن

بۇ يازما sirajil تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-11-29)

  ئەسسالام ھۆرمەتلىك دىيارىم ئەھلى ئۆزەمنىڭ مۇھەممەتجان راشىدىن ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇش سەۋەبىدىن مۇھەممەتجان ئاكىمىزنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى مۇنبەرگە تىما سۇپتىدە يوللاپ قويدۇم ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىزلەر



        ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ 1940-ﻳﯩﻠﻰ 6-ئاﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ئوﻧﻴﺎﺭﻳﯜﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯨﻬﻘﺎﻥ ئاﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ،ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ئوﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ،1955-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1958-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪﺳﺎﺑﯩﻖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯘﻣﯩﺪﺍ ئوﻗﯩﻐﺎﻥ.ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ،1968-ﻳﯩﻠﻰ 7-ئاﻳﻐﯩﭽﻪ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻏﯘﻟﺠﺎﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ئوﻧﻴﺎﺭﻳﯜﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.1968-ﻳﯩﻠﻰ 8-ئاﻳﺪﺍ ئاﺗﺎﻟﻤﯩﺶ<ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ> ﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ئۇﭼﯩﺮﺍﭖ،1982-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ. 1982-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻯ ئۈﺯﯛﻝ-ﻛﯩﺴﯩﻞ ئاﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ،ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ 1-ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﻞ-ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.2003-ﻳﯩﻠﻰ 3-ئاﻳﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ 1958-ﻳﯩﻠﻰ 10-ئاﻳﺪﺍ،(ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ)ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﯩﺌﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ 1000 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ئاﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺌﯩﺮﻯ ،20 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ئاﺭﺗﯘﻕ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ،15 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ(ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﮔﯜﻟﻰ)،(ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﺰﻯ)،(ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ئاﺒﯘﻣﻰ)،(ئاﻧﺎ ﻳﻪﺭ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﻰ)،(ئۆﻣﯜﺭ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻠﯩﺮﻯ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯩﺌﯩﺮ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ،ﯞﻩ (ﺗﯩﻨﯩﮕﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ،ﭘﻮﯞﯨﺴﺖ،ئەﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ئاﻣﻤﯩﺒﺎﭖ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ،ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ئاﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئۇﻧﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ،ئۇﻧﯩﯔ (ئاﻧﺎ ﺗﺎﻏﻼﺭ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯩﺮﻯ 1991-ﻳﯩﻠﻰ <ﺗﺎﺭﯨﻢ> ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ،ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ئەﺳﻪﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ، (ﺳﻪﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻻﻻﻣﺴﻪﻥ)،(ﺟﻤﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﻩﻫ-ﺟﺎﻡ)،(ﺩﻭﺳﻼﺭﻏﺎ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ئۈﭺ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺷﯩﺌﯩﺮﻯ ئاﻳﺮﯨﻢ-ئاﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ئۈﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ (ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ)ﻏﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ،1992-ﻳﯩﻠﻰ (ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ) ﺗﻪﻫﺮﯨﺮ ﺑﯜﻟﯜﻣﻰ ئوﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ئوﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﭘﺎئالىيتىدە ،ئوﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ئۈﭺ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﻫﺎﻻﻧﻐﺎﻥ.(ئاﻧﺎ ﻳﻪﺭ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ئاﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ (ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ)ﻏﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ،ئۇﻧﯩﯔ 1991-ﻳﯩﻠﻰ (ﺗﺎﺭﯨﻢ)ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻏﻪﺯﻩﻟﻠﯩﺮﻯ 2001-ﻳﯩﻠﻰ 8-ئاﻳﺪﺍ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ (ﺗﺎﺭﯨﻢ)ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 50 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ (ﺗﺎﺭﯨﻢ)ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ (ئالتۇن ﻗﻮﻱ) ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ،ئۇ ﻳﻪﻧﻪ 1997-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ئوﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧئەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ،(ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ)ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﻢ-ئاﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ (ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭﻯ)ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
2003-ﻳﯩﻠﻰ 11-ئاﻳﺪﺍ ئاﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﺎئىرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 45 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ(ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ) ئۇﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘئەﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﮕﯜﺯﺩﻯ.


                       
  بالاڭ ئازسا ،ئاھ،ئۇرما يول تاپىدۇ بىركۇنى،   
                                                                                                                                 
                                   
ئامان بولسا بىركۈنى پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى

                                   
خاتاباسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،

ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىركۇنى، 

گەدەن كەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،

ئۆزى كىلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىركۇنى.

ئات بوغىچە ئاساۋتاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ

ئۇلارغىمۇ بۇدۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىركۇنى

ئاقنى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس پۇشايمان .

قاراپ ئۇلار ئارقىغا ئۇھ تارتىدۇ بىركۇنى.

بۇگۇن پاتماي يۇرگەنلەر كوچىلارغا تۇن بويى

چىللىسمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىركۇنى،

  تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ

ئۆزلىرىمۇ ئۇنتارتىپ نانياقىدۇ بىركۇنى،

بۇ ئالەمدە ھەرئشنىڭ سائتى بار ۋاختى بار،

خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي باقىدۇ بىركۇنى،

كۆندۇردۇ بۇ جاھان تالاي ئشقا ئۇلارنى،

  شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىركۇنى،

بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،

  ئىزىمىزدا ئگەرلەپ ئات چاپدۇ بىركۇنى،

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئللىق قوياش نۇرچاچسا،

يۇركۇڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىركۇنى،

  سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،

  ئوغۇل -قىزىڭ ساڭمۇ تون ياپىدۇ بىركۇنى،

شۇ ئشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۇپ كەتسەڭ ئامال يوق،

ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۇل تاقايدۇ بىركۇنى،

يامان دىسەڭ بالاڭنى كىم بىردۇ ياخشىنى،

يامان دىگەن بالاڭمۇ ئەسقاتىدۇ بىركۇنى

ئادەمدەك ياشا

قالمىسۇن ئىنساندىن ھايۋاننىڭ ئىزى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
پۇل تاپساڭ بولمايسەن تەڭرىنىڭ ئۆزى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.

خىيانەت بار جايدا دىيانەت يوقتۇر،
دىيانەت بار جايدا جىنايەت يوقتۇر.
ياخشىنىڭ نامىغا قىيامەت يوقتۇر.

ئىت يۈرگەن گوداڭنى ئەگىيدۇ قارغا،
گوداڭغا ئۆگەنسەڭ،غۇلايسەن غارغا.
مەلئۇنغا دوست بولساڭ،يېقىنسەن دارغا،
ئاگاھ بول ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.

گەر بىر كۈن تۇرمىسا نەپسىڭ سولاقتا،
دەرد تارتار ۋىجدانىڭ ھەر كۈن سوراقتا.
قۇرت بولۇپ قۇترىما كۆرۈنگەن قاتتا،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.

ئەجرى يوق ئىنساندىن قارا يەر ياخشى،
قەدىرى يوق مېھماندىن قەلەندەر،ياخشى.
ئەمەستۇر دوستۇڭدىن دۇر-گۆھەر ياخشى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.

ئۆيۈڭنىڭ چاشقىنى،تاغلارنىڭ شىرى،
ھايۋان ئۇ،پايلايدۇ بىرىنى بىرى.
ھايۋانسەن شۇلاردىن بولمىساڭ نېرى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.

بىر كەلدىڭ،بىر كەتتىڭ ئالەمدە يوقسەن،
تەقدىردە بەئەينى ئېتىلغان ئوق سەن.
يۈرسەڭمۇ گاھى ئاچ،گاھىدا توق سەن،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.


ﺋﯧﻼﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ،
ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻧﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﻜﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻻﭘﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ،
ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﺩﻩﺗﻨﻰ ،
ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﻗﯘﻝ - ﺩﯦﺪﻩﻙ ،
ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﺪﯨﯔ ﮬﺎﺭﺍﻗﻜﻪﺷﻜﻪ ﮔﯘﭘﭙﺎﯕﭽﻰ ،
ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﺯﺍﺩﻯ ﺩﺍﯞﺍ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ،
ﭼﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﺮﯨﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ.

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﯨﯔ ﻳﺎﺵ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺟﻪﭘﻤﯘ ،
ﺋﯘﻧﻰ ﻧﻪﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ؟
ﻳﻪﯓ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺩﻩﭖ ،
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ؟

ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﯖﺪﺍ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ ،
ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﭘﺎﺧﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﻮﺟﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺩﻩﭖ ،
ﺷﻪﺭﻩﭘﺸﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ،
<< ﺗﻪﻟﻪﭖ - ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ >> ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ،
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺑﺎﻏﺎﻕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺳﻪﮬﺮﺍﻏﺎ ،
ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﺎﺯﺳﺎﻕ ﭘﻪﺭﯞﺍﻳﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ،
ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯩﯖﻨﻰ ﭘﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻗﻤﯘ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ، ﺩﻩﭖ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ،
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﻪﺩﻩﮬ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﭺ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﯩﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ،
ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﺗﯩﻨﯩﭻ ﺗﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺋﯧﻼﻧﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺳﯚﻳﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ،
ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﺋﻪﻝ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﺱ ﺷﯘ ﻳﺎﻳﻤﯩﻨﻰ ، ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﺎ ،
ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﻴﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ؟!


ﺋﯧﻼﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺯﯦﺮﯨﻜﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ،
ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻧﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﻜﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻻﭘﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ،
ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﺩﻩﺗﻨﻰ ،
ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﻗﯘﻝ - ﺩﯦﺪﻩﻙ ،
ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﺪﯨﯔ ﮬﺎﺭﺍﻗﻜﻪﺷﻜﻪ ﮔﯘﭘﭙﺎﯕﭽﻰ ،
ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﺯﺍﺩﻯ ﺩﺍﯞﺍ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ،
ﭼﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﺮﯨﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ.

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﯨﯔ ﻳﺎﺵ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺟﻪﭘﻤﯘ ،
ﺋﯘﻧﻰ ﻧﻪﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ؟
ﻳﻪﯓ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺩﻩﭖ ،
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ؟

ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﯖﺪﺍ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ ،
ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﭘﺎﺧﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﻮﺟﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺩﻩﭖ ،
ﺷﻪﺭﻩﭘﺸﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ،
<< ﺗﻪﻟﻪﭖ - ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ >> ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ،
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺑﺎﻏﺎﻕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺳﻪﮬﺮﺍﻏﺎ ،
ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﺎﺯﺳﺎﻕ ﭘﻪﺭﯞﺍﻳﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ،
ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯩﯖﻨﻰ ﭘﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻗﻤﯘ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ، ﺩﻩﭖ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ،
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﻪﺩﻩﮬ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﭺ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﯩﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ،
ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﺗﯩﻨﯩﭻ ﺗﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .

ﺋﯧﻼﻧﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺳﯚﻳﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ،
ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ .
ﺋﻪﻝ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﺱ ﺷﯘ ﻳﺎﻳﻤﯩﻨﻰ ، ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﺎ ،
ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﻴﺸﺘﯘﺭﺩﯗﯓ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭ ؟!

مەشرەپ دېسە

ئاڭلىغانلار ئات چېپىپ كەلمەمدىغان،مەشرەپ دېسە،
سورىغانلار بىر كېلىپ كۆرمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

ئاپىرىدە مىڭ خۇشاللىق،ئاپىرىدە مىڭ قوشاق،
مىڭ سۆيۈنچە ھەر كىشى بەرمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

قايسى ئۆي،يا قايسى باغدا قاينىدى بۇ مەرىكە،دەپ،
كۆكنى قۇشلار ھەر كۈنى كەزمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

تۇرسا مەشرەپ ئاشىقى بۇندا قەدىمدىن خەلقىمىز،
يېڭىۋاشتىن بۇ يۈرەك كۆيمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

بىز خۇشاللىققا يارالغان،بىز تۆرەلگەن سۆيگۈدىن،
بارچە دىل شۇ ۋەجىدىن كۈلمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

تەبىئەت تىڭشاپ ئۆگەنگەچكە ئۇنىڭدىن ناخشا-ساز،
بۈككىدە باغلار قۇچاق كەرمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

كۆكتە كۈن،ئاسماندا ئاي،ھەتتا گىيا-گۈل،ئەھلى جان،
يۇرتىمىزنى باشقىچە سۆيمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

سۆزلىنىپ ئەخلاق مىزانى ھەر قەلب دەستۇرىدىن،
چىقتى پۇرسەت ھەر كىشى سۆزلەيدىغان،مەشرەپ دېسە.

تۇرسا بۇلبۇللار بىلەن گۈللەر گويا تاپقان مۇراد،
كۆرسە گەر قۇزغۇن ئۇنى ئۆلمەمدىغان،مەشرەپ دېسە.

بەلكى،جىنلار گەپ تاپۇر شائىرلىقىمدىن شەكلىنىپ،
قانداق ئىلھامكەن قېنى،كەلمەيدىغان،مەشرەپ دېسە؟!

مەندىكى ئادەتنى بىلگەي بىلمىگەنلەر شۇ سەۋەپ،
تاڭدا بۇلبۇلدىن ئاۋۋال كۈيلەيدىغان،مەشرەپ دېسە.

ئائىلەڭ


ھىدلىماققا گۈلۈڭ بار ، گۈلزارىڭدۇر ئائىلەڭ،
شاھ تاجىغا زوقلانما ،گۈلتاجىڭدۇر ئائىلەڭ.
كۈندە سۆيسەڭ ئەرزىيدۇ ،دىلدارىڭدۇر ئائىلەڭ،
كۈندە كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ، گۈلخانىڭدۇر ئائىلەڭ،
ھۆسۈن قوشقان ھۆسنۈڭگە بىر خالىڭدۇر ئائىلەڭ.

قەدرىن بىلسەڭ ، مەھبۇبەڭ بىللە چۈشكەن مەپە ئۇ،
بىلگەنلەرگە ئۆمۈرلۈك بىر مېھنەتتىن شەپە ئۇ .
جاھان شۇنداق گاھ ساراي، گاھ خارابە كەپە ئۇ ،
سېنى قىلار نەۋرىلىك شۇ كەچمىشتە ئەتە ئۇ،
تەزكىرەڭدىن تەلتۆكۈس ئىزھارىڭدۇر ئائىلەڭ.

كەتتى دىمە ياشلىقنى ، ۋىسال دىگەن شۇنىڭدا ،
نەدە ھوزۇر  ئۇنىڭسىز يالغۇز كىيگەن تونۇڭدا ؟
ياخشى كۆرگەن يايرىڭ بار ، دېمەك قۇرغۇي قولۇڭدا ،
سېنىڭ ئۈچۈن پىدائى،ئۇچۇپ يۈرەر يولۇڭدا ،
قاناتلىقسەن ئۇ بىلەن ، شۇڭقارىڭدۇر ئائىلەڭ.

ھېكمەتلىرى كۆپ ئۇنىڭ،غەمدىن تولا شادلىقى،
تاڭلىيىڭدىن كەتمەيدۇ تائامىنىڭ تاتلىقى .
مېھمان كەلسە خىزمەتتە چويلا بىلەن ساپلىقى ،
شاتلىقىغا بىللەدۇر سېخىيلىقى،پاكلىقى،
دوستلار بىلەن چالارغا دۇتتارىڭدۇر ئائىلەڭ.

يايرىڭ يۆلەك بارچىدە ،تەڭ تارتىدۇ جاپانى،
ئادەت قىلغان بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئۈچۈن ۋاپانى.
كەچۈرىدۇ ئۇرساڭمۇ، سەندىن ئۆتكەن خاتانى،
دېۋەيلىسەڭ،دوستۇڭدەك كۆرسىتىدۇ ساپانى،
ئاۋۋال يايرىڭ سۇغارغان بوستانىڭدۇر ئائىلەڭ.

ئۇمۇ ئەزىز،سەن ئەزىز ئۈژمە كۆڭۈل بولمىساڭ،
يېتەكلىسە شاياتۇن،پىنھانلاردا قونمىساڭ.
ئايلانمىساڭ ئاسىيغا، دەستە گۈللەر سۇنمىساڭ،
ئىشەنچ بىلەن گۈللەيدۇ ۋېسال دىگەن ،ئويلىساڭ،
ساداقەتتە سېلىنغان مۇنارىڭدۇر ئائىلەڭ .

تۆكەلەيسەن تالادا تۆكەلمىگەن سىرىڭنى،
يۇيالايسەن يالغۇز باش يۇيالمىغان كىرىڭنى.
تاپالايسەن تەسەللى، بىرىڭ سىلاپ بىرىڭنى،
كۆرسىتىسەن يىرتىلغان تىكەن كىرگەن يېرىڭنى،
ئۆزگىلەرگە ئوخشىماس ئۆز يايرىڭدۇر ئائىلەڭ.

ئائىلەڭدەك نەدە بار ئىسسىق ماكان ،ئىسسىق جاي،
مۇزلاپ كەلسەڭ ئالدىڭغا قۇيىلىدۇ ئىسسىق چاي.
دېرىزەڭدىن زوقلۇنۇپ قارىشىدۇ تۈندە ئاي،
ئىناق جۈپلەر باختىيار،ئىناق جۈپلەر ئۆتەر باي،
شۇڭا،ئېيتقان دەردىڭگە دەرمانىڭدۇر ئائىلەڭ.

ئۇ بولمىسا باغرىڭنىڭ پاراغىتى  - بالاڭ يوق،
ئۇ بولمىسا قوي-قوزا ، مۆرەپ تۇرغان كالاڭ يوق.
ئۇ بولمىسە ھويلاڭ يوق،ئالما-ئۈرۈك باراڭ يوق،
ئۇ بولمىسا سېنىڭدە كەلگۈسىدىن پاراڭ يوق،
شۇلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئىمكانىڭدۇر ئائىلەڭ.

قەدىناس يوق قەلبىدە قەدىرسىزنى ياقتۇرماس،
ئەمگەكچانغا ئاشىق ئۇ ، ئەجىرسىزنى ياقتۇرماس.
قوي بولغىچە قوزىسى ،تەخىرسىزنى ياقتۇرماس،
گاھى كەلگەن قازاغا سەۋرىسىزنى ياقتۇرماس،
ساڭا ھاردۇق يەتكۈزمەس ھەمكارىڭدۇر ئائىلەڭ.

دەستۇرى بار مەكتەپ ئۇ دىيانەتتىن - ئەخلاقتىن،
سەھىپىسى سۆزلەيدۇ دىلغا چىراغ ياقماقتىن .
سالام - سەھەت بېشارەت ئەلدە ھۆرمەت تاپماقتىن،
بالاڭ شۇڭا يىراقتۇر ئەگىزلەردە ئاقماقتىن ،
ئۆزۈڭ ياققان سېنىڭمۇ بىر شامىڭدۇر ئائىلەڭ.

سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن ،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن.
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشناپ گۈللىگەن ،
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن ؟
مەيلى سۇلسۇن،كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ.

يامان بولىدۇ


قاتتىق كۇلمەڭ ،يامان بولىدۇ ،

سۇرمە سۇرمەڭ يامان بولىدۇ .

ئىچىپ قويماڭ ،ئىشكەنلەرگە ھەم ،

يېقىن يۇرمەڭ ،يامان بولىدۇ .



ئايالىڭىز پەرىجە ئارتسۇن،

ئۇچۇق يۇرسە ،يامان بۇلىدۇ.

چىقمىغايكى قىزلار تالاغا،

بىراۋ كۆرسە يامان بۇلىدۇ.



مەسە-كالاچ كىيسۇن ئوغلىڭىز،

شىبلىت كىيسە يامان بۇلىدۇ.

ئەنئەنىمىز ئۇزۇن پەرىجە،

يالغان دىسە يامان بۇلىدۇ.



قولىڭىزنى ئۇچ قېتىم يۇيۇڭ ،

تۆت قىتىم يۇسىڭىز يامان بولىدۇ .

ھاراق قويغان شىرەگە ئەگەر ،

نان قويسىڭىز يامان بولىدۇ .



دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان .

بۇغا باقماڭ يامان بولىدۇ ،

كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ ،

كىگىز قاقماڭ ،يامان بولىدۇ .



ئاچ يۇرمەكمۇ تەغدىرنىڭ ئىشى ،

يامان دېمەڭ ،يامان بولىدۇ .

ئوزۇقىڭىز سامان بولسىمۇ ،

سامان دېمەڭ ،يامان بولىدۇ .



ئويلاپ سۇزلە تەلۋە ئېغىزلار


<<بۆرە >>ئاتاپ ئوغۇل بوۋاقنى ،

قىز تۇغۇلسا ،دەيدىكەن <<تۇلكە >>.

قىز تاپقاننى قوشلاپ ،بەزىلەر ،

ھېچ ھېيىقماي قىلاركەن كۇلكە .



پۇتۇلگەنمىش ئالتۇندىن گويا ،

قىيامەتتە ئوغۇلنىڭ گۆرى .

قىز زاتىغا ئەمەسمىش مەنسۇپ ،

قەلىپلەردە ھۆرمەتنىڭ تۆرى .



قىزنى شۇنداق كەمسىتكەنلەرنىڭ ،

قىز ئىدىغۇ ئەسلىي ئانىسى ؟.

ئويلاپ سۆزلەڭ تەلۋە ئېغىزلار ،

سىزمۇ ئەسلىي قىزنىڭ بالىسى !


بىرەر تونۇش بولمىسا



ئىش پۇتكۇزمەك مۇشەقەت بىرەر تونۇش بولمىسا ،

قوشۇلىدۇ شەرتكە شەرت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا .

قوشۇلىدۇ دەرتكە دەرت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ،

يىغلاشمۇ بار نەچچە رەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ،

ئەڭ ياخشىسى  ،ئاستا كەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



بولۇۋالدى خادىملار ئشنى يولسىز بىجىرمەس ،

مىدىرلىماس ئاز پۇلغا ،ئۇندا بىزنى باسار نەس .

ئارقا ئىشىك ئاچمىساڭ ،ئاسان ئىشمۇ بولار تەس ،

شۇڭا ،تونۇش ئىزدەيمىز مېڭىپ يۇرۇپ ئىگىز -پەس ،

تۇگىشىمىز پۇل تۆلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



تونۇشلىرى بارلارنىڭ بالىلىرى خىزمەتتە ،

يېقىنلىرى يوقلارنىڭ قالدى يىللاپ بىر چەتتە .

پىرىنسىپلا،ھۆججەتلەر يوق ئەمەستۇر ئەلۋەتتە ،

ھۆججەت قېلىپ بىر چەتتە ،ئىش پۇتىدۇ خىلۋەتتە ،

يامان ئىكەن شۇ خىلۋەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



كۆرە -كۆرمەي دوختۇرلار ،بالنىستا يات دەيدۇ ،

يېتىشمەيدۇ پۇل دىسەم ،ئۆي -جايىڭنى سات دەيدۇ .

بىر شەيتىنىم پىچىرلاپ ،رىستۇرانغا تارت !دەيدۇ ،

كۆڭلۇم ئەمما ،ياخشىسى ،بىرەر تونۇش تاپ دەيدۇ ،

ئۆزگە ئامال يوق پەقەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



تونۇش كېرەك جىق ئىشتا ،تىجارەتتە سەپەردە ،

تونۇش -بىلىش بولمىسا ،ھاياتىڭمۇ خەتەردە .

ئىشچى بولۇپ زاۋۇتقا ،رەسمىيەتنى ئۆتەردە ،

قەرىز ئېلىپ بانكىدىن ،جانغا لازىم ئېتەردە ،

كار قىلمايدۇ ئاق ھۆججەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



تونۇش دېگەن تۇنۇشكەن ،يۇمشىتاركەن قاتتىقنى ،

ئايلاندۇرۇپ تاتلىققا ،ئوڭشايدىكەن ئاچچىقنى .

يىقىنلىرى پەسكۇيغا چۇشۇرەركەن باشلىقنى ،

تونۇش كېلەر يېتەكلەپ غەم باسقاندا شادلىقنى ،

سوكۇلدايسەن ھەپتىلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



تامغا تۇتقان خادىملار بولۇپ كەتتى تەمەخۇر ،

كۇندە بېلىق تۇتماقچى بىزدەكلەرگە سېلىپ تور .

زەن سالمايدۇ ،كۆرمەيدۇ ،باشلىقىڭنىڭ كۆزى كور ،

ئېيتسا كېرەك باشلىقمۇ بىللە ناخشا ،بىللە خور ،

شۇڭا ،ئۆتمەس ئەرز خەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



ئەقەلىيسى ،ئالالماي بىر پىراۋا بالامغا ،

ئۆتۇپ كەتتى توققۇز ئاي قۇرۇق بارغاچ سالامغا .

پۇل سۇڭگۇتسەم ،جۇدالىق كېلەر ئىكەن كاللامغا ،

تۇز سەپكەندەك بولمامدۇ ساقايمىغان يارامغا ،

ئۇندىن باشقا نە مەدەت ؟بىرەر تونۇش بولمىسا .



قىل قالغاندا بىر قېتىم قېقىلغىلى ئىچىمدىن ،

بىر تونۇشۇم بىر تالاي قالدى ساقلاپ چىقىمدىن ،

كۆزلەيدىكەن ،ۋاي ئۇلار باشقىسىنى  پېتىمدىن ،

ئايرىلغىلى تاس قالدىم بىر ئاپشاركا ئىتىمدىن ،

ئۆلەر ئىدىم شۇ سائەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



بىرەر تونۇش بولمىسا ،ياقا يۇرتقا چىقساڭمۇ ،

مۇساپىرسەن ،غېرىپسەن پۇل خەجلەشنى ئۇقساڭمۇ .

تەشۋىش بىلەن ياشايسەن تاۋكالاردا ئۇتساڭمۇ ،

تونۇشلارغا يىتەمدۇ بىرەر ئاشنا تۇتساڭمۇ ،

كېتەر سەندىن سەلتەنەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .



تېنەپ قالدىم تۇيۇقسىز بىرەر تۇنۇش بولمىغاچ،

سەرسان بولدۇم ،يات كۆرۇپ سارايلاردىن قوغلىغاچ .

بىر شەھەرگە بىر كۇنى بېرىپ قېلىپ ئوينىغاچ ،

ئامان قالدىم تۇرمىدىن ياندا پۇلۇم قوغدىغاچ ،

بولار ئىكەن بەكمۇ سەت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا .



تونۇشتۇرۇش دېگەندىن تونۇش ياخشى بولقالدى ،

سايىسى يوق دەرەختىن قومۇش ياخشى بوپقالدى .

تونۇشلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ياخشى بوپقالدى ،

يىرتىقىمغا ئەسقاتقان پۇرۇچ ياخشى بوپقالدى ،

تۇگىتەتتى مېنى يەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا

ناخشا ئېيتساڭ ياشلىقىڭدا ئېيت ،


ناخشا ئېيتساڭ ياشلىقىڭدا ئېيت ،
ئاۋازىڭغا ئاشىق بۇ ئالەم .
باغلىرىڭنىڭ پەيزى كەتكەندە ،
چىللىساڭمۇ كىرمەس ھېچ ئادەم .

ناخشا ئېيتساڭ ياشلىقىڭدا ئېيت ،
ياشانغاندا كىشى تىڭشىماس .
ئەبجەق ھارۋا قېرىلىق دېگەن ،
كېلىپ ئۇنى ھېچكىم ئوڭشىماس .

ناخشا ئېيتساڭ ياشلىقىڭدا ئېيت ،
ياشانغاندا ھەسرىتىڭ بولماس .
نەدە دەريا كەينىگە ئاققان ،
نەدە گۈل بار كەچ كۈزدە سۇلماس ؟!

ياشلىق ئۆزى گۈزەل باھار ، ياز ،
بىراق ئۇنىڭ مەزگىلى قىسقا .
قېرىلىقنى « قۇت » دېگەن بىلەن ،
ياز ئالدىدا ئوخشايدۇ قىشقا .

بىر چاشقان ئۆلمەي تۇرۇپ

(ساتىرا
چاشقان ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى دولقۇن ،
داغدۇغا ئىچىدە قۇرۇلدى ئىشتاپ.
چاشقانلار باشقىدىن چۈشەندۈرۈلدى ،
قىلىندى تەشۋىقات ،ئوقۇلدى كىتاب .


دېيىشتى: بىرىمۇ قالمىسۇن تىرىك،
ئۇجۇقسۇن تۇغۇلغان ،تۇغۇلمىغىنى!
بۇ قالتىس جاكارنى ئاڭلىدى بارچە،
يىغىنغا يىغىلغان -يىغىلمىغىنى .


سودىسى سەل بولدى دورا شىركەتنىڭ ،
توننىلاپ سېتىلدى چاشقان دورىسى .
دورا سېتىلدى  -دېمەك كولاندى ،
تۈمەنلەپ چاشقاننىڭ ئەجەل ئورىسى .


دۆڭ مەھەللە كەنتىمۇ كەلدى لەرزىگە ،
دەم ئالماي ۋاقىراپ تۇردى لابامۇ .
بۇيرۇلدى ھەر بىر ئۆي تۆلەيدىغان پۇل،
چىقمىدى ھېچكىمدىن قارشى سادامۇ .


شۇجىنىڭ يادىغا كەلدى بىر ئەقىل ،
مۇشۇ ئىشتىمۇ نامراتنى يۆلەش .
ياقمايدۇ شاڭجاڭغا ،ئادىتى تۇرسا ،
ھەر ئىشنى چىرايلىق بىر نامغا بۆلەش .


خىيالى نامراتلار ئارا ئات چېپىپ ،
ئىككىيلەن بىر ھازا ئويلۇنۇپ قالدى .
ئىش ھەققى پىچىلىپ يۈز يىگىرمە كوي ،
كەمبەغەل زۆرەمنى ئېسىگە ئالدى .


شۇ بولدى زۆرەمنىڭ ئاڭلىغىنىمۇ ؟
--بېرىمىز دورىنى ، ئالىسىز پۇلنى!
كۆرۈڭا ،ئەسلىدۇق مۇشۇ ئىشتىمۇ ،
ئەڭ ئاۋال سىلەردەك نامراتنى ،تۇلنى .



زورەم خوشلۇقتا چاپتى ئۆيمۇ ئۆي ،
چاشقان دورىسىنى تارقىتىپ بىر -بىر .
باشلىقلار قايتىشتى ئۆيىگە غىر -غىر،
چاشقانلار تىترەشتى شۇ دەمدە دىر-دىر.


بىراق -بىراق بىچارە زورەم ،
خوشاللىقىدا ئالدىراپ يۈرۈپ .
ھاياتنى ئۇنتىدى ،خەۋپنىمۇ ھەم ،
يۈز نەچچە كويلۇق ،"ئامەت" نى كۆرۈپ .


گاھ قولى بىلەن تۇتتى سىقىملاپ ،
گاھ ئۇچۇملاپ بەردى دورىنى .
ئۇ بىلمەس رەھمەرلەر قىلغاننى ،باغدىن--
ئىت قوغلىغاندەك ئەتمەي شورىنى .


ئارىدىن ئۆتمەستىن ئىككى سائەتمۇ ،
زورەم زەھەرلەندى ،يۇمدى كۆزىنى .
بىر چاشقان ئۆلمەي تۇرۇپ ،ئۆلدى بىر ئادەم ،
بالىلىرى كاچاتلاپ قالدى ئۆزىنى .


زەھەرگە ئاتىشتى گۇناھنى تامام،
مەسئۇللار يۈرۈشتى چاشقاندىنمۇ ساق .
يۇقماي ئۆتەڭدە غاز ، ئۆردەككە سۇ ،
قىلىدۇ ھەتتاكى كەلكۈندە "غاق -غاق " .


زۆرەمنىڭ ئۆلگىنى ئۆزىگە ماتەم،
ۋە لېكىن ،فاڭيىزەن تاپتى قۇت-تەلەي.
شاپاشلاپ يۇرۇشۇپ پۈتۈن شەھەردە ،
ئەتىسى تارقىتىشتى ماسكا ۋە پەلەي .


بولۇشتى باشلىقلار يەنە ئالدىراش ،
ئۆي- ئۆيگە ماسكا سېتىلدى زورلاپ .
ئالمايمىز ، دېگەننىڭ ھەددى ئون ئەمەس،
ھەر جانغا بىر پەلەي تاڭار مەجبۇرلاپ .


تارقاتقان بىلەنمۇ بوۋاقلارغىچە ،
كىم قادىر زۆرەمنى تىرىلدۈرۈشكە؟
بىز قانداق ئادەملەر ،ئۆلگەندىن كېيىن ،
ياسىننى ئوقۇيمىز يەنە نېمىشكە؟!

كۆز ياشلىرىم

ئادەم تولا جاھان دېگەندە ،
گۈزەللىكتە بىر -بىرىدىن ئۇز .
جاھاندا مىڭ ،كۆڭۈلدە بىر ،دەپ ،
بىر سېنى دەپ يۈرىمەن يالغۇز .


كۆز ياشلىرىم ئاقتى سەن ئۈچۈن ،
قان ئارىلاش ، يىرىڭ ئارىلاش .
بولدى كەسپى دۈشمەنلىرىمنىڭ ،
سەن تۈپەيلىڭ مېنى قارىلاش .


سەن بارمىغان تويغا بارمىدىم ،
سەن ماڭمىغان يولدا سايەم يوق .
ئاخىر بىر كۈن سېنى سۆيمەكتىن ،
بۇ ئالەمدە ئۆزگە غايەم يوق .








داۋامى بار

تەييارلىغۇچى : ھۆرمەت بىلەن ئابدۇۋەلى

ئىزاھ: بۇ يولانما دىيارىم مۇنبىرىگە تەۋە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • Atlan
    تېما تەستىقلىغۇچى : Hush_Puraq
    تەستىقلىغان ۋاقىت: 2007-11-28, 14:42
    [center]
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-28 22:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
    بۇ ئەزا توردا يوق MIRAYID
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3400<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1599
    UID نۇمۇرى : 9571
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 3188
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3188دانە
    شۆھرەت: 884 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07


    ئادەم بىر ئوقۇپلا چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ بۇ كىشى.مەن ياقتۇرىمەن.رەھمەت سىزگە.

    داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
                                    . I am a student
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-28 22:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق karima-0997
    ئىجاتچان ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2939<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2060
    UID نۇمۇرى : 16853
    دەرىجە: سانغۇن
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 2811
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2811دانە
    شۆھرەت: 2949 نۇمۇر
    پۇل: 114 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08


    مەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن!

    داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
    ئەگەر قەلبىمىز ساپ بولسا ،«ئايال»دېگەن سۆز بىز ئۈچۈن ئۇلۇغۋارلىققا تولغاندۇر.
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-28 23:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1867<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3132
    UID نۇمۇرى : 18503
    دەرىجە: سانغۇن
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1774
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1774دانە
    شۆھرەت: 1576 نۇمۇر
    پۇل: 4083 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07


    ئاتاقلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ كۇپۇنچىسى تۇرمىدە بىلىم ئاشۇرۇپتىكەن ھە.

    Atlan
    مەنزىل يىراق.ئاتلار ئۇرۇق،گىپىمىز چوڭ ئىچىمىز قۇرۇق.
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-28 23:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق atikam

    تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 819<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 180
    UID نۇمۇرى : 17183
    دەرىجە: يۈز بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 718
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە718دانە
    شۆھرەت: 629 نۇمۇر
    پۇل: 2172 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07


    رەھمەت  تېمىڭىزغا،كۆپ جاپا تارتىپسىز،،،،  ،،،،،،،،،،،شائىرىمىزنىڭ بۇ شېئىرلىرى بەكمۇ ئېسىلكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،


    [ بۇ يازما Hush_Puraq تەرپىدىن 2008-01-22 23:42 دە ق ]

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    ?????? ??????? ????? ???? ????? ?????? ????? ??????? ????????? ????????????????
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-28 23:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق abduwali503

    تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 979<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 20
    UID نۇمۇرى : 8559
    دەرىجە: يۈز بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 959
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە959دانە
    شۆھرەت: 344 نۇمۇر
    پۇل: 1339 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-26


    مۇھەررىرلەرگە بىر چاخچاق

    قوي گۆشىدە تۆت تۈرلۈك تاماق قىلىپ مۇھەررىر،
    ئالدىڭىزغا بارغۇم بار تاۋاق قىلىپ مۇھەررىر.
    بولوپ قاپسىز ھازىدار ، چاي ئىچكۈزۈش ئادەتقۇ ،
    جىق ئەسەرنى بىھۇدە ھالەك قىلىپ مۇھەررىر .

    ئون ئەسىرىم ياتقانتى شۇلار بىلەن مىنىڭمۇ ،
    تارتمىڭىزنى ئونبىر ئاي قاماق قىلىپ مۇھەررىر.
    « چىقىپ كېتىپ ئەلگەككە ئەرگە تەككەن » شۇ بولسا،
    بىرىۋېتىڭ ختىنى تالاق قىلىپ مۇھەررىر .

    سۈرۈشتۈرسەم سۈرۈكتىن بەش ئاي ئىشىپ كىتىپتۇ،
    ئېچېتامسىز يا ئۇنى ھاراق قىلىپ مۇھەررىر.؟
    ئايلىنامدۇ ئاشلىققا تۇرۇۋەرسە بىلمىدۇق ،
    تاپشۇرامسىز دۆلەتكە پاراق قىلىپ مۇھەررىر .

    ئۇقۇشماستىن خورازغا تۇخۇم باسقان ئوخشايمەن ،
    شۇڭا بەلكىم قويغانسىز پالاق قىلىپ مۇھەررىر.
    ئىسىت مىنىڭ ئەمگىگىم ، ئەۋەتكىنىم جىجىلاپ ،
    ھەر قىتىمدا ئون ئونبەش ۋاراق قىلىپ مۇئەللىم.

    بىرىڭلارنى لىللا دەپ بىرىڭلارنى تىللا دەپ،
    بىز يۈرىمىز خىزىردەك تاۋاپ قىلىپ مۇھەررىر ،
    يۈردى دەيدۇ سىلەرنى يىراق يات بىر كوچىدا ،
    يۇرتۋازلىقنى بەزىدە راۋاپ قىلىپ مۇھەررىر.

    بارغانلاردىن سورىسام دەيدۇ ئىچىپ قايتىشتۇق ،
    ئىشخاننى بەئەينى قاۋاق قىلىپ مۇھەررىر.
    پىشىۋىلىپ ئۆزىڭىز پىششىقلاپسىز جىق ئەسەر،
    بەزىسىنىڭ بۇرنى يوق پاناق قىلىپ مۇھەررىر،

    تۈزەشتىنغۇ كۈزەش كۆپ ياسىلىپتۇ بىرلىرى ،
    ئۆزۈمدىنمۇ ئون ھەسسە ئاۋاق قىلىپ مۇھەررىر .
    ئۆڭگەن چاپان مىڭ ياخشى بىرلىرىنىڭ بويىدىن ،
    چىقىرىپسىز تامامەن ياماق قىلىپ مۇھەررىر.

    چوۋۇق چاچتەك ئەسەرنى تارامدىكىن دەپتىمەن ،
    دوستلىرىڭىز قەلەمنى تارغاق قىلىپ مۇھەررىر ،
    قەلەمكەشلىك شۇ بولسا چوققا چېچېم تۆكۈلۈپ ،
    نىمەپايدا بىشىمنى ياغاق قىلىپ مۇھەررىر.

    خۇدا سالغان ئىشىقكەن .بۇمۇ ئەمما نە ئىتەي ،
    قىينىماڭچۇ باغرىمنى كاۋاپ قىلىپ مۇھەررىر.
    قانداق قىلاي مۇھەررىر ئازايمۇ يا يازايمۇ ؟
    ئەسىرىمنىڭ شەكلىنى باغاق قىلىپ مۇھەررىر


    مۇھەببەت ھەققىدە رىۋايەت

    چوپان يىگىت قويىنى ،
    تاغ باغرىغا باشلىدى.
    بىر چېچەكنى مەخسەتسىز،
    ئۈزدى، ئەمما تاشلىدى .

    ئۇنى تەنتەك شاماللار ،
    ئېلىپ كەتتى يىراققا .
    يىراقتا بىر مەلىكە ،
    قىستى سۆيۈپ قۇلاققا.

    شۇندىن بېرى پۇر كەتتى،
    ئاشىق-مەشۇق كۆيۈكى.
    رىۋايەتكە ئايلاندى ،
    ئىككى ياشنىڭ يۈرۈكى .

    دەيدۇ بوۋاي ، مومايلار :
    «چېچەكلەرنى ئۈزمەڭلار!
    ئۈزۈپ قويۇپ بىر ئۆمۈر ،
    پىغان چېكىپ يۈرمەڭلار!»

    كوچىلار سۆيگۈ ئالار سۈپۈرگەڭدىن


    ئالغىچە سۈپۈرگەڭنى سەن قولۇڭغا ،
    مەن بۈگۈن تاڭدا قەلەم تۇتۇپ قالدىم .
    سەن تۇتقان سۈپۈرگەڭدىن ، چۈنكى سىڭلىم ،
    باشقىچە بىر ھېكىمەتنى ئۇقۇپ قالدىم .

    ھەر كۈنى ئۇچراپ تۇردۇڭ كوچىلاردا ،
    ئىقرارمەن : سالامىم يوق ئۆتۈپ كەتتىم .
    گۇناھقا ئايلىنىشى سەھۋەنلەرنىڭ ،
    يادىمغا يېتىۋېدى چۈچۈپ كەتتىم .

    كىبىردىن بولدىمۇ ، دەپ شۇ ئىشلارنى ،
    قانچە رەت سەندىن ئەپۈ سوراي ، دېدىم .
    ئالدىڭغا بارالماستىن ئاخىر ، سىڭلىم ،
    شېئرىمدا ساڭا ھەمدەم بولاي ، دېدىم .

    ئۆزۈڭنى بەلكىم ئۆزۈڭ چۈشەنمەيسەن ،
    خىزرنىڭ قىزلىرى ! دەپ تەرىپىڭ بار .
    ھۆرلەرنىڭ ھۆرلىكىمۇ پاكلىقىدا ،
    پاكلىقتا ئاۋۋال سېنىڭ شەرىپىڭ بار .

    كوچىلار سۆيگۈ ئالار سۈپۈرگەڭدىن ،
    سۈپۈردى ، دېگەن گەپنى «سۆيدى !» دەيمەن .
    رەنجىتسە قەدرىڭ بىلمەي كىمدۇر سېنى ،
    قىزىلگۈل ئوتتا ناھەق كۆيدى ! دەيمەن .

    خەلقنىڭ دەستۈرىنى ۋاراقلاپ كۆر ،
    پاكلىقتۇر خىسلەتلەرنىڭ ئۇندا شاھى .
    كىم سېنى شۇ مۇنبەردىن چەتكە قاقسا ،
    مېڭ بولۇر ئازغۇنلۇقتا بىر گۇناھى .

    ئېيتقىنا ، سەن بولمىساڭ يۇيۇنامدۇ ،
    بارچىدىن سەھەر تۇرۇپ كۈندە شەھرىم ؟
    يازساممۇ كۈندە شېئىر شەھرىم ئۈچۈن ،
    سەن تۆككەن تەرگە يەتمەس شۇڭا بەھرىم .

    ئىچ - باغرى ئاسمان پەلەك بىنالارنىڭ
    ۋالىلداپ قاچان سەنسىز تۇرالىغان ؟
    سېنىڭسىز سەيلىگاھلار ھۆسنى چاغلىق ،
    سارايلار قاچان ساراي بولالىغان ؟ !

    نادانلار ئىزدەپ يۈرەر ئۇلۇغلىقىڭنى ،
    ئۇلۇغلۇق ئەلمىساقتىن ئادىللىقتا .
    كاۋاپنى كاۋاپ قىلغان ھېكمەت ، چۈنكى ،
    كۈنبويى ئوتتا تۇرغان ئاددى زىختا .

    بىرى سەن ئۇلۇغلارنىڭ سەنمۇ ، سىڭلىم ،
    ھەر كۈنى ئۇلۇغلۇقتا تاماملاپ يۈر .
    ئۆزۈڭنى تۆتنىڭ بىرى ساناپ ياكى ،
    كۈنبويى قوڭغۇراقتەك جاراڭلاپ يۈر .

    ئېيىتقىنا ، بىرلىرىنى تاغدىن ئىگىز ،
    بىرىنى پەس كۆرگەننىڭ نەرى ئۇلۇغ .
    ھەق ھۆكۈم ، لىللا ھۆكۈم شۈكى پەقەت ،
    رىزقىمىز پۈتكەن يەرنىڭ بەرى ئۇلۇغ .

    سەن بىلەن چۈشكەن سۈرەت جىمىدىن ئۇز ،
    سېنىڭدە چۈنكى ھەسەت ، ھەشەمەت يوق .
    يۈكسەكلىك شۇڭا سەندە بوي تاتقاندۇر ،
    لېكىن بۇ يۈكسەكلىكتە ئەسلا شەك يوق .

    قويۇپ يۈر قېنىق ئوسما قاشلىرىڭغا ،
    ھەر كۈنى گۈل قىسىپ چىق باشلىرىڭغا .
    چاچ سوقۇپ يۈرگۈڭ كەلسە يۈرىۋەرگىن ،
    ئۇلاپ ئال شېئىرىمنى چاچلىرىڭغا .




    كەل

    كېلەر بولساڭ ئەمدى يار كەتمەيدىغان بولۇپ كەل ،
    ئەڭ بولمىسا بىر ئاخشام كەچلەيدىغان بولۇپ كەل .
    تۆرەلگەنمىز ۋاپادىن ، شۈبھىلەرگە نە ھاجەت ،
    جاندىن كەچسەڭ ، مېنىڭدىن كەچمەيدىغان بولۇپ كەل .

    ياغلىق بولسۇن قولۇڭدا كۆز يېشىمنى سۈرۈتكىلى ،
    مېنى ئالداپ يالغان ئاش ئەتمەيدىغان بولۇپ كەل .
    بىللە چاپقان ئۆستەڭنىڭ ھېكايىسى ئۇنتۇلماس ،
    بۇ كۈنلەرنى تا مەڭگۈ ئەسلەيدىغان بولۇپ كەل .

    بىللە چېچىپ ئورۇقنى ئېتىزىغا جۈلۈكنىڭ ،
    بىللە يەنە خامانلار چەشلەيدىغان بولۇپ كەل .
    كۆز ياشلارغا كىم خۇشتار ، كۈلكە بىزدە كۆپ بولسۇن ،
    ئالتە كۈلۈپ ، بىر يىغلاپ پەسلەيدىغان بولۇپ كەل .

    ئىنسان دىگەن دونياغا دەرت تارتقىلى كەلمىگەن ،
    جۇدالىقتا دەرت - ئەلەم چەكمەيدىغان بولۇپ كەل .
    قاچانغۇچە يۈرىمىز كاككۇك بىلەن زەينەپتەك ،
    دۈشمەن ئاتقان تاش داڭگال يەتمەيدىغان بولۇپ كەل .


    كۆڭلۈم

    ئېچىل ، دېسە ئالدىراپ ئېچىلما ، كۆڭلۈم ،
    مارجان بولساڭ يىپىڭدىن چېچىلما ، كۆڭلۈم.
    بىرى سېنى ئالدايدۇ : «ئاشىقىڭ بىز!»دەپ،
    بىرى يالغان يىغلايدۇ ، ئېچىنما كۆڭلۈم .

    يۈگرۈپ يۈرمە كەينىدىن چىرايلىقلارنىڭ ،
    ساداقەتسىز سەپلەرگە قېتىلما ، كۆڭلۈم.
    كىملەرنىڭدۇر مەيلىگە بېرىپ بارىڭنى ،
    ئۆرۈك بولۇپ شاخلاردىن قېقىلما كۆڭلۈم.

    خىللاپ يۈرمە ، خىلىڭنى خۇدا بەرگىچە ،
    قولۇڭ يەتمەس شاخلارغا ئېسىلما ، كۆڭلۈم .
    سېنى ئالداپ كۆرمەكچى ئالتۇنى بارلار،
    گۆھەر كۆرسەڭ ، زەر كۆرسەڭ سېتىلما ، كۆڭلۈم.


    ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ

    ﺑﯘ ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﮔﺎﺱ ، ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ،
    ﺋﺎﺷﺘﻰ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ، ﺋﯚﻳﺪﻩ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .
    ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﻧﭽﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ،
    ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭼﯜﺷﺘﻪ ، ﺧﯘﭘﺘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ،
    ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﻳﻮﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﺍﯞﺩﯨﻦ ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭ ! ﺩﯦﺪﻯ ،
    ﭼﻮﻍ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﮕﻪ ، ﭘﯘﻝ ! ﺩﯦﺪﻯ ، ﺋﻪﺯﯞﻩﻳﻠﯩﺪﻯ .
    ﺗﺎﻍ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﺎ ﮔﯜﻣﺒﯜﺭﻟﯩﺪﻯ ،
    ﺷﯘﻧﺪﺍ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﻢ ﺑﯘ ﮬﺎﻟﻨﻰ ﺑﺎﺭﭼﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭ !ﺩﯦﺪﻯ ،
    ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﯧﻴﯩﺖ ﻛﯚﻣﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    << ﭘﯘﻝ >> ﺩﯦﺴﻪ ، ﻗﯘﺷﻼﺭ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺳﺎﻳﺮﯨﺪﻯ،
    << ﺑﯘﮊ >> ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺟﺎﯞﻏﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻕ ﻛﯚﭘﯜﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﺪﻯ .
    ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﻱ ، ﻗﯘﺭﭼﯩﻤﯘ ﻗﯘﺭ ﻳﺎﻳﻤﯩﺪﻯ ،
    ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻣﯘ ﺷﯘ ﻛﻮﻳﺪﺍ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻨﯩﺪﻯ ،
    ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،
    ﻛﯩﻢ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪ ، ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺩﯙﺷﻜﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ .
    ﻧﻪﺩﯨﻜﻪﻥ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺟﺎﮬﺎﻥ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،
    ﻣﻪﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﺭ ﺷﯘ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰ ﺋﻪﺳﻼ ﺋﻮﺕ ﻛﯚﻳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،
    ﺑﻮﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﯚﺳﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﭘﯘﻝ ﺩﯦﺴﻪ ﭼﯩﻘﯩﺘﻰ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﺍﻣﻼﭖ ، ﺧﯩﺰﯨﺮ- ﭘﯘﻝ ! ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻯ ،
    ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﺷﺎﮬ، ﺩﻩﭖ ﺷﯘ ﺷﺎﮬﻘﺎ ﺟﯜﭖ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﭘﯘﻝ ! ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻯ .
    ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺱ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ، ﮬﯧﭻ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺗﯘﻝ ! ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻯ ،
    ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﻪ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﻝ ! ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻯ .
    ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺷﯘﻻﺭ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﭘﯘﻝ ، ﺩﻩﭖ ﺧﯘﺩﺍﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﻯ ،
    ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﻯ .
    ﻳﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﮬﺎﻳﺎ ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯩﺰﺍﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﻯ ،
    ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﭘﯘﻝ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ- ﻗﺎﺯﺍﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﻯ ،
    ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﻗﺎﻧﭽﯩﻼﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻤﯘ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ،
    ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﻣﻪﺱ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﻗﻮﺷﯩﻨﯩﺴﻰ .
    ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﺋﯩﭽﻤﻪﻣﺪﯗﻳﺎ ﭘﯘﻟﺴﯩﺰ ﺟﯘﯞﺍﻧﻼﺭ ﺋﻮﺳﻤﯩﺴﻰ ،
    ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﻪﺭ ﺷﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻥ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﻧﻪﻕ - ﻧﯧﺴﻰ ،
    ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻳﯜﺭﮔﻨﺪﻩ ﺋﯚﻱ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﭘﯘﻝ ، ﻣﻮﻣﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﺴﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ،
    ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ، ﺩﯦﺴﻪﻛﻤﯘ ، ﺑﺎﺭﻏﯘ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﻰ !
    ﺋﺎﺷﺘﻰ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺑﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ <<ﻣﻪﻥ - ﻣﻪﻥ ! >> ﻟﯩﻜﻰ .
    ﺋﺎﺭ - ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯩﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻳﻮﻕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ،
    ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﮬﻪﻡ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﺴﺎﻡ ﻗﯘﻻﻕ ، ﻗﻪﺳﺘﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺑﻠﯩﻤﺎﻕ ،
    ﮔﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻏﻪﺭﻩﺯﮔﻪ ﻛﺎﭘﻠﯩﻤﺎﻕ .
    ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﮬﻪﺭ ﺳﻪﺗﻪﯕﮕﻪ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻳﻨﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻕ ،
    ﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻕ ،
    ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺋﺎﺷﻨﺎﯓ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ .

    ﻧﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﭖ ﺋﯩﻤﺎﻥ ! ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﯞﺍﻱ ﺷﯘ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ،
    ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﭘﯘﻝ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﺋﺎﯕﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯩﻜﯩﻦ .
    ﻧﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﻜﻠﻪﭖ ، ﺋﺎﺵ ﺋﺎﺯﺍﻳﺪﻯ ، ﻳﺎ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯩﻜﯩﻦ .
    ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺴﯩﻤﯩﻠﻠﯩﻨﯩﯔ (ﺋﯘﺩﺍﺷﻤﯩﻜﯩﻦ ، ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ) ،
    ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﺒﻪﻟﮕﻪ ﺋﯘﻥ ﺗﯚﻛﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻗﻤﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺑﺎﺭﭼﯩﻤﯩﺰ،
    ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍﺷﺘﯘﻕ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻤﯩﺰ.
    ﺟﯩﻖ ﻧﻪﺯﯨﻢ ﻳﺎﺯﻣﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﭽﯩﻤﯩﺰ ،
    ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﯧﮭﺴﺎﻧﭽﯩﻤﯩﺰ ،
    ﺋﯩﺸﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﮔﯚﺩﻩﻙ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .

    ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﺪﯗﺭ، ﭘﯘﻝ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﺍﺭ ،
    ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﻣﻪﮬﻠﯩﻴﺎ ، ﺩﻭﺳﺘﯘﯕﻐﺎ ﺧﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺯﺩﯗﺭﺍﺭ.
    ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﭘﯘﻝ ، ﺳﻪﻧﭽﯜﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﺍﺭ ،
    ﭘﯘﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻦ ﻧﯘﺭ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﺍﺭ ،
    ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻏﻪﺯﻩﻝ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ .


    يەپتۇدەك

    ﺋﯚرۈﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك، ﭼﯚرۈﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك،
    ﺗﺎلاي ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ - ﺗﻪﻧﺒﯩﮭﻠﻪر ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.
    ﻳﻪپ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن دەﻳﯜزﻟﻪر ﺗﺎرﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن ﺋﯚزﯨﻨﻰ،
    ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮى «ﻳﯧﻤﻪ ! » دەپ ﻳﯧﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ،
    ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ﺋﯚزﯨﺪەك ﭼﺎﺷﻘﺎﻧلاردﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘرﻧﻰ،
    ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ﻗﻮﺷﯘپ ﻳﻪپ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ،«ﺷﯜﻛﯜر ! »ﻧﻰ،
    ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﺪا ﺋﺎرﺗﯘق، ﻛﻪم ﻛﯚرۈﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺷﯧﺮﯨﻨﻜﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺗﺎﻣﻐﺎ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ،
    ﺟﺎﻳلاﻳﺪﯨﻜﻪن ﻗﻮرﻗﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯧﭙﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ،
    ﺋﯘﻧﺪاﻗلارﻧﯩﯔ ﺧﯘش ﺋﯩﻜﻪن ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮى ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ،
    ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮى ﭼﺎﻧﺪۇرۇپ ﻛﯧﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﻳﯩﻠﺪا ﺧﻮﺗﯘن ﻳﻪﯕﮕﯜﺷﻠﻪپ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺷﯘلارﻛﻪن،
    ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن، ﭘﯘل ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺷﯘلارﻛﻪن،
    ﻧﻪدە ﺗﺎۋﻛﺎ؟! ﺷﯘ ﻳﻪردە ﺋﯜﻧﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺷﯘلارﻛﻪن،
    ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯚﻟﯜپ ﺗﺎۋﻛﺎدا، ﺗﯩﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﻪردە ﺋﯚﻳﻰ ﺑﺎر، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﻪردە داﭼﯩﺴﻰ،
    ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ «ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ»، ﺑﯩﺮى ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﭼﯩﺴﻰ،
    ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜز ﻛﻮﻳﻠﯘﻗﺘﯘر ﭘﺎرﭼﯩﺴﻰ،
    ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﺘﻪ «ﺑﻪس ! » دﯦﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ۋﯨﺠﺪان ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﺴﺎپ ﻳﻮق ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﺳﻪڭ ﺗﯧﮕﯩﻨﻰ،
    ﻳﯧﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪۇر «ﺧﯘدا ﺑﻪردى !» دﯦﮕﯩﻨﻰ،
    ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪەك ۋاي ﺗﯧﺨﻰ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﺪا ﻳﯧﮕﯩﻨﻰ،
    ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺗﻪﯕﮕﻪ ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﺋﺎﺧﯩﺮ رەﺳﯟا ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك،
    ﻛﯜﻧﺪە ﺳﯘﻧﻤﺎي ﻛﻮزﯨﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﺪەك؛
    ﮔﺎﮬﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪش ﺧﯘددى ﭘﻮق ﻳﻪپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەك،
    ﺗﺎﻏﺪەك ﺗﻪﺷﯟﯨﺶ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺋﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪاﻗلار زادى ﭘﺎرا ﻳﯧﻤﯩﺴﻪ،
    ﻗﯩلاﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﺋﯘلار ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺗﯧﻨﯩﺴﻪ؟
    ﻳﺎ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ ﺑﯩﺮ ﺋﯚزﯨﻨﻰ دﯦﻤﯩﺴﻪ؟
    ﺋﯘ ۋە ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻳﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺷﯘلار ﺑﯘزﻣﺎي ﻛﯩﻢ ﺑﯘزدى ﺑﯩﺰدە ﺗﯜزۈم، ﺋﻪﺧلاﻗﻨﻰ؟
    ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪردى ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﭘﻘﺎﻗﻨﻰ،
    ﺑﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺷﯘلار ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﻏﻮرا ﻗﺎﻗﻤﺎﻗﻨﻰ ...
    ﺋﻪل ﺋﯘلارﻧﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻤﺎڭ ﺋﯘلارﻏﺎ، ﻗﺎﻧﯘن ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺗﺎرﺗﻘﺎﻧﻐﺎ،
    ﺗﯜﻟﻜﻪ ﭼﯜﺷﻪر ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻗﯘۋ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﭘﻘﺎﻧﻐﺎ،
    ﮬﻪﻳﺮان ﺑﻮﻟﻤﺎڭ ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﻐﺎ،
    ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﭼﯩﺘﻘﺎ ﭼﺎۋﯨﺴﻰ ﻳﯧﻴﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    داداڭدىن ئازمىغىن يولدىن ئازساڭمۇ

    داداڭدىن ئازمىغىن يولدىن ئازساڭمۇ

    داداڭنىڭ ئىسمىنى يازمايسەن ئەجەپ،
    سالام خەت يازساڭمۇ ،ھۆججەت يازساڭمۇ.
    ئازغۇنلۇق بولمامدۇ،يول تۇتساڭ شۇنداق،
    داداڭدىن ئازمىغىن يولدىن ئازساڭمۇ.

    بالاڭنىڭ تويىغا يېزىپسەن باغاق،
    تەكتىگە قارسام يەنە شۇ ئىللەت ،
    ئۇنتۇغان ئەمەسقۇ ئەزەلدىن دوستۇم ،
    ئاتىنىڭ ئىسمىنى بىزنىڭ بۇ مىللەت.

    دەپتىرىڭ تېشىدا تەنھا ئۆز ئىسىمىڭ ،
    ۋاھ ،ئەجەپ ئىش قىپسەن دادىسى يوقتەك.
    قەلىمىڭ ئۇنتۇسا داداڭنى دائىم ،
    بولمامسەن داداڭدىن ئۆزۈڭ ئۇلۇغدەك.

    ئاتىلار ئىسىمىنى يازغۇلۇق ئاۋۋال،
    ئاقسۈتتەك قەغەزگە ياز دېسە بىر خەت .
    ئىسمىڭغا ئاتىلار ئىسمى ئۇلانسۇن ،
    تۇلۇقتۇر تەزكىرەڭ شۇندىلا پەقەت.

    بالاڭمۇ قىلىدۇ ئەر يېتىپ بىر كۈن ،
    سەن قىلغان ئىللەتنى سەن كەبى سادىر.
    ئاتىمىز بار بىزنىڭ ،دۇنياغا ھىچكىم ،
    ئاتىسىز كەلمەككە ئەمەستۇ قادىر!!!!!


    بۇ دۇنيا

    تالاشساڭمۇ ،تالايدىن قالار ئىكەن بۇدۇنيا ،
    بىلىپ بولماس نەگىدۇ بارار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    مەيلى گاداي، مەيلى شاھ بىر قىيامەت بىر جانغا،
    بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالۇر ئىكەن بۇ دۇنيا .
    يىغلىغانلار پەسلەيدۇ رىزىقى ئۇنىڭ شۇنداق ، دەپ ،
    مۇسىبەتكە ھەركىمنى سالۇر ئىكەن بۇ دۇنيا .
    بىر ھۇجىرىغا جەم بۇلۇپ ئۈلگۈرمىگەن جۈپلەرنى ،
    ياش دىمەستىن ئەلەمدە قويار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغان تىرىكلەرمۇ ئاز ئەمەس ،
    كۆزياش بىلەن يۈزۈڭنى يۇيار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    ۋاپاسىز، دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر،
    ئاغچىغاننى قامچا بوپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۇندە باقسان ئۈنچىقماس ،
    پايانى يوق تىلسىمدەك تۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    تۇخۇلارغا تاڭ قالدىم تىرىكلىكنى ئويغاتقان ،
    تەئەججۈپكە ھەركىمنى قويار ئىكەن بۇدۇنيا .
    ئەجدادلاردىن قەبرىلەر قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ،
    خىيال قىلساڭ بەئەينى مازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    تىرىكلەرگە كۆز سالساڭ مىدىرلايدۇ ھايات، دەپ ،
    بىر قىسمەتتە ئاجايىپ بازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    ئۆچۈرگەندەك ئۆيۈڭنىڭ چىرىغىنى بىر شامال،
    ئۆزى يەنە گۆرۈڭنى قازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    مۈكچىيەركەن بەللىرىڭ سەن كۈتمىگەن كەچمىشتە،
    ھەر ماڭلايغا بىر قىسمەت يازار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئاق سانجىيدۇ چىكەڭگە ،
    يۈزلەپ قوۇرق يۈزۈڭدىن سانار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    قىز - كېلىنلەر ھەددىڭ يوق تاڭلا مۇماي بولماسقا ،
    ئۇنىمىساڭ قويماستىن تاڭار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    قايرىلىسەن كەينىڭگە ياشلىقىڭغا تويماستىن ،
    ئۆشنىسىدە سەن ئۇنىڭ ، ماڭار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدىن ھەركىم ھەرنە كۆزلەيدۇ ،
    بېخىللارنىڭ كۆزىدە تاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    كېلىپ كېتەر مىھمانسەن ، ياخشى قونۇپ ياخشى كەت،
    سېخى ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    رەقىپلىشۇر ئىككى جان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ،
    توۋا دەڭلار، ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    گويا ئاتقان ئوشۇقتەك سىيا چۈشۈپ ، چۇ چۈشلەپ ،
    ئويلاپ كۆرسەڭ بىر تاۋكا قىمار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    چېچەك تۆكسە ئۆرۈكلەر مىۋە قىلىپ ئورنىدا ،
    ئەجدادلارغا ئەۋلادنى ئۇلار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    رىزقى ئەمما تەڭ ئەمەس بۇ ؛پانىي؛غا كەلگەننىڭ،
    بىردە يوقسۇل، بىردە تەل قىلار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    ئاپەتلىرى ئاز ئەمەس ، يولۇققانلار يىغلايدۇ ،
    كەلكۈن كەبى شارقىراپ ئاقار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    غەم قىلمىغىن ، ئۆگنلەر ، يىتىم قالغان بالاڭدىن ،
    ئۆزى بېقىپ قاتارغا قاتار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    ئەجەبلەنمە بېشىڭغا ئىسسىق كەلسە ، سوغ كەلسە ،
    تارازىسى ئېگىز_پەس بۇلار ئىكەن بۇ دۇنيا .
    ئەيىب كۆرمەڭ ، كۆتۈردۈم شۇ سەۋەبتىن بىر قەدەھ ،
    شۇ قەدەھكە _ شۇ مەيگە خۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا .....



    ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ...

    ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﺘﯘﻕ ،ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ ،
    ﭘﺎﻻﺳﺘﯩﻦ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻕ ،ﻛﯩﮕﯩﺰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .
    ﺳﺎﺭﺍﻳﻼﺭ ﺑﯘﺯﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ،ﮔﯩﻠﻪﻡ ﺋﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ ،
    ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﺯﺍﻏﺮﺍ ،ﺗﻮﻏﺎﭺ ﻳﺎﻗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ ،
    ﺋﯘﭼﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ ﺩﯨﺴﻪﻙ ﻛﯚﻛﻜﻪ ،ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﺎﻗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺗﯩﺰﯨﻖ ﻣﯘﻧﭽﺎﻕ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻳﺎ ،
    ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﺑﻪﺵ ﺗﺎﻝ .ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻳﺎ .
    ﺋﯘﭼﺎﺭ ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺷﯘ ﮬﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻳﺎ ،
    ﺗﯜﮔﻪﻝ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﭼﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻳﺎ ،
    ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﮬﻪﺭﻳﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺗﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻍ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﯨﻤﻰ ﺑﯘﻟﻠﻪ ،
    ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭼﯩﻘﺴﺎ ،ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ .
    ﺋﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺘﯘﻕ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ،ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺩﺍﯕﮕﺎﻟﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ،
    ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺘﯘﻕ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺭﺍﻣﺰﺍﻧﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ،
    ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻳﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯗﻕ .

    ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،
    ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ﺗﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﻧﺎﻧﻼﺭ ،ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻧﺪﻯ ﺳﻮﺭﺍﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ .
    ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﺩﯛﻡ ،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺳﻮﻳﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،
    ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍﺳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯜﻕ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯘﻳﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،
    ﺷﯘﻻﺭ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻤﺠﺎﻥ ﺗﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﻻﻱ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ،ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﺑﺎﻗﻘﯘﺯﺩﯗﻕ ،
    ﻛﯧﻠﯩﻨﻠﻪﺭ ﭼﺎﭺ ﺳﻮﻗﯘﭖ ﻳﯜﺭﺩﻯ ،ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﻗﻘﯘﺯﺩﯗﻕ .
    ﺗﯧﺰﻩﻙ ﻳﺎﻗﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﭼﻜﻪ ﺳﺎﻗﻘﯘﺯﺩﯗﻕ ،
    ﺗﯧﺨﻰ ﻏﻪﻟﯟﺍﺭﯨﺪﯗﻕ ﺑﻪﺯﻩﻥ ،ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﺩﯗﻕ ،
    ﺑﺎﻗﺎﺭ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻛﯚﭖ ،ﺑﻪﺩﻩﺭ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺋﺎﺗﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺋﺎﻧﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﺯ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،
    ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺩﻩﺯ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
    ﺋﯩﭽﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺵ ،ﻛﯩﻴﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ،ﭼﺎﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺳﺎﺯ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،
    ﺋﺎﺭﺍﺩﯨﻦ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺗﺎﺟﻰ -ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،
    ﺷﯘﻻﺭ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻳﻮﻏﺎﻥ ﮬﻮﻳﻼ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﭘﯜﺗﺘﻰ ،ﻣﯩﺮﺍﺱ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،
    ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ،ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ .
    ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻪﯓ ﺷﯩﻤﺎﻳﻼﻏﻠﯩﻖ ،ﺑﯩﺮﻯ ﭼﻪﻳﺪﻭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،
    ﮬﺎﺯﺍﺯﯗﻝ ﻧﻪﭘﺴﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،
    ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﯩﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،
    ﻗﻮﻳﺎﻣﺪﯗ ﻏﯘﻡ-ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍﺩﺍ ﻳﺎﺯﻧﻰ ﻗﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ؟
    ﺗﯩﻨﯩﻘﺘﯩﻨﻤﯘ ﺗﻮﻻ <ﻛﻮﺕ-ﻛﻮﺕ>ﻛﯧﺴﻪﻛﻨﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺧﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،
    ﻳﯜﺭﻩﺭ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ،ﺋﯘﻧﯩﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،
    ﻧﯩﺰﺍ ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﻠﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﯧﻨﻰ ﺑﻪﻟﻠﻪﭖ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺑﻪﻟﻠﻪﭖ ،
    ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭﻏﺎ <ﺧﻮﺗﯘﻥ >ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ،ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺴﺎﻕ ﻗﻮﭘﺎﺭ <ﺳﻪﻥ>ﻟﻪﭖ.
    ﻛﯧﻠﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻨﻪ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ،
    ﺋﺎﺗﺎﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩ ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﺩﻩﻟﻠﻪﭖ ،
    ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺗﯜﮔﻪﻝ ﭼﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﺋﯜﮔﻪﻧﺪﯗﻕ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻴﺪﺍﺵ ،ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺷﻨﻰ ،
    ﺋﯚﺗﻪﺭﻣﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ ،ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻨﻰ .
    ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﺎﺷﻨﻰ ،
    ﻧﯩﺰﺍﺩﺍ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﮬﯧﻴﯩﺖ-ﺋﺎﻳﻪﻡ ،ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﺟﻪﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻨﻰ ،
    ﺋﯩﻨﺎﻗﺘﯘﻕ ﻛﻪﭘﯩﺪﻩ ،ﺗﻮﯞﺍ ،ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ .

    ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻮﭖ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﯩﺰﺩﻩﻛﻤﯩﺪﯗ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ،
    ﻗﯘﻳﯘﻧﻼﺭ ﻗﯘﺗﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﻻ -ﺗﯜﺯﺩﻩﻛﻤﯩﺪﯗﺭ ،ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ .
    ﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ﮬﯧﭻ ﺑﺎﮬﺎﺭ ،ﻳﺎﺯ ﻳﻮﻕ ،ﺧﺎﺯﺍﻥ ﻛﯚﺯﻧﻪﻛﻤﯩﺪﯗﺭ ،ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ،
    ﺩﯨﻠﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﻳﻮﻕ ، ﺳﯚﺯﻯ ﻣﯘﺯﺩﻩﻛﻤﯩﺪﯗﺭ ،ﺩﻩﻳﯩﻤﻪﻥ ،
    ﻳﯘﻣﯘﭖ ﻛﯚﺯ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﺪﯨﻦ -ﺗﯜﮔﻪﻝ ﺗﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ


    بۇ كۆڭلۈمدە قايسىڭنى بار دەي

    بىرىڭ چوغلۇق ، بىرىڭ قىزىلگۈل،
    بۇ كۆڭلۈمدە قايسىڭنى بار دەي؟
    كۆزلىرىڭلار قەسەم قىل، دەيدۇ ،
    بىلەلمىدىم ،قايسىڭنى يار دەي؟

    تەڭقىسلىقتا قالدى يۈركىم،
    تەڭ بولگىلى بولغايمۇ ئۇنى؟!
    سالما تاشلاپ كۆزۈڭلار ئاڭا،
    ياكى تىنىچ قويمايدۇ ئۇنى.

    تىنىچ تاپماق تەس ئىكەن ئاڭا ،
    بۇ غۇۋغاغا سىلەر ئەيىبلىك .
    بىرىڭلاردىن بىرىڭلار گۈزەل،
    بولۇپ قالدىم شۇڭا كەيىپلىك .

    ئاي گۈزەلمۇ، چولپان گۈزگلمۇ ،
    ئايرالمىدى قاراپ كۆزۈممۇ .
    بىر قارارغا كېلەلمەي دائىم ،
    ئېگىز- پەستۇر قىلغان سۆزۈممۇ .

    ئانا دىيار خۇددى ئۆزدەك ،
    گۈزەللەرنى تۇغۇپتۇ شۇنداق .
    بولمىساڭلار سىلەر ئۇز ،مەنمۇ-
    تەڭقىسلىقتا قالمايتىم مۇنداق ؟


    يەپتۇدەك

    ﺋﯚرۈﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك، ﭼﯚرۈﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك،
    ﺗﺎلاي ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ - ﺗﻪﻧﺒﯩﮭﻠﻪر ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.
    ﻳﻪپ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن دەﻳﯜزﻟﻪر ﺗﺎرﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن ﺋﯚزﯨﻨﻰ،
    ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮى «ﻳﯧﻤﻪ ! » دەپ ﻳﯧﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ،
    ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ﺋﯚزﯨﺪەك ﭼﺎﺷﻘﺎﻧلاردﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘرﻧﻰ،
    ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ﻗﻮﺷﯘپ ﻳﻪپ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ،«ﺷﯜﻛﯜر ! »ﻧﻰ،
    ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﺪا ﺋﺎرﺗﯘق، ﻛﻪم ﻛﯚرۈﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺷﯧﺮﯨﻨﻜﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺗﺎﻣﻐﺎ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ،
    ﺟﺎﻳلاﻳﺪﯨﻜﻪن ﻗﻮرﻗﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯧﭙﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ،
    ﺋﯘﻧﺪاﻗلارﻧﯩﯔ ﺧﯘش ﺋﯩﻜﻪن ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮى ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ،
    ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮى ﭼﺎﻧﺪۇرۇپ ﻛﯧﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﻳﯩﻠﺪا ﺧﻮﺗﯘن ﻳﻪﯕﮕﯜﺷﻠﻪپ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺷﯘلارﻛﻪن،
    ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن، ﭘﯘل ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺷﯘلارﻛﻪن،
    ﻧﻪدە ﺗﺎۋﻛﺎ؟! ﺷﯘ ﻳﻪردە ﺋﯜﻧﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺷﯘلارﻛﻪن،
    ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯚﻟﯜپ ﺗﺎۋﻛﺎدا، ﺗﯩﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﻪردە ﺋﯚﻳﻰ ﺑﺎر، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﻪردە داﭼﯩﺴﻰ،
    ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ «ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ»، ﺑﯩﺮى ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﭼﯩﺴﻰ،
    ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜز ﻛﻮﻳﻠﯘﻗﺘﯘر ﭘﺎرﭼﯩﺴﻰ،
    ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﺘﻪ «ﺑﻪس ! » دﯦﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ۋﯨﺠﺪان ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﺴﺎپ ﻳﻮق ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﺳﻪڭ ﺗﯧﮕﯩﻨﻰ،
    ﻳﯧﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪۇر «ﺧﯘدا ﺑﻪردى !» دﯦﮕﯩﻨﻰ،
    ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪەك ۋاي ﺗﯧﺨﻰ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﺪا ﻳﯧﮕﯩﻨﻰ،
    ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺗﻪﯕﮕﻪ ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﺋﺎﺧﯩﺮ رەﺳﯟا ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك،
    ﻛﯜﻧﺪە ﺳﯘﻧﻤﺎي ﻛﻮزﯨﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﺪەك؛
    ﮔﺎﮬﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪش ﺧﯘددى ﭘﻮق ﻳﻪپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەك،
    ﺗﺎﻏﺪەك ﺗﻪﺷﯟﯨﺶ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺋﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪاﻗلار زادى ﭘﺎرا ﻳﯧﻤﯩﺴﻪ،
    ﻗﯩلاﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﺋﯘلار ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺗﯧﻨﯩﺴﻪ؟
    ﻳﺎ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ ﺑﯩﺮ ﺋﯚزﯨﻨﻰ دﯦﻤﯩﺴﻪ؟
    ﺋﯘ ۋە ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻳﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺷﯘلار ﺑﯘزﻣﺎي ﻛﯩﻢ ﺑﯘزدى ﺑﯩﺰدە ﺗﯜزۈم، ﺋﻪﺧلاﻗﻨﻰ؟
    ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪردى ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﭘﻘﺎﻗﻨﻰ،
    ﺑﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺷﯘلار ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﻏﻮرا ﻗﺎﻗﻤﺎﻗﻨﻰ ...
    ﺋﻪل ﺋﯘلارﻧﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻤﺎڭ ﺋﯘلارﻏﺎ، ﻗﺎﻧﯘن ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺗﺎرﺗﻘﺎﻧﻐﺎ،
    ﺗﯜﻟﻜﻪ ﭼﯜﺷﻪر ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻗﯘۋ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﭘﻘﺎﻧﻐﺎ،
    ﮬﻪﻳﺮان ﺑﻮﻟﻤﺎڭ ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﻐﺎ،
    ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﭼﯩﺘﻘﺎ ﭼﺎۋﯨﺴﻰ ﻳﯧﻴﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﭘﺘﯘدەك.

    6xahar
    [center]
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-29 00:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق abduwali503

    تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 979<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 20
    UID نۇمۇرى : 8559
    دەرىجە: يۈز بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 959
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە959دانە
    شۆھرەت: 344 نۇمۇر
    پۇل: 1339 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-26


    بەرمىسەڭمۇ بەرمە قىزىڭنى

    شەھرىمىزدە بىر توي بۇزۇلدى ،
    مۇھەببەتكە ئۈنۈپ شۇم تىكەن .
    بەرمەس بوپتۇ قىزنىڭ ئانىسى ،
    سەۋەپ يىگىت سەھرالىق ئىكەن .


    "ئىجاد" قىپتۇ ئۇقسام شۇنداقلار ،
    سەھرالىقنى "داڭگال" دىگەننى .
    "كەشىپ قىپتۇ يېزا -سەھرانى ،
    ئادەم تۇرماس "جاڭگال " دىگەننى .


    تەكتى ئەسلى بۇ شەھەرنىڭمۇ ،
    چۆل ئىدىغۇ جاڭگال ئىدىغۇ ؟
    ئەسلەپ باقسۇن ئەشۇ خېنىمنىڭ ،
    بوۋىسىمۇ "داڭگال" ئىدىغۇ ؟


    شەھەر بولاي دەپ قالدى يېزا ،
    كۆرمەي تۇرۇپ جاڭگال دىمىگىن .
    بەرمىسەڭمۇ بەرمە قىزىڭنى ،
    سەھرالىقنى داڭگال دىمىگىن .



    يارىڭ بار ئىكەن يارىڭدىن باشقا

    قاتار-قاتار كۆك تېرەكلەر ، ئېھتىمال،
    مېنىڭ يىغلاپ ئۆتكىنىمنى كۆرگەندۇ .
    كەتكىنىمنى ئۇققان بولساڭ سېنىڭمۇ ،
    يۈرەك -باغرىڭ ماڭا ئوخشاش كۆيگەندۇ .


    ئۇزاپ كەتتىم كۆز ئۈزەلمەي كەينىمدىن ،
    كۆرۈنگەننى ساڭا ھەر بىر ئوخشۇتۇپ .
    سېنىڭ ئۈچۈن ئۇزاققىچە ئۇھ تارتتىم ،
    ئالغان بىلەن كۆز يېشىمنى توختۇتۇپ .


    ئېسىت! بىر يىللارنى ئەسلىسەم ،
    ئۆرتىنىمەن تاشلانغاندەك دوزاققا .
    ۋاراقلىنىپ جۇدالىقنىڭ كىتابى ،
    خىياللىرىم ئات چاپىدۇ ئۇزاققا .


    ئېھتىمالىم ، يېزىلمىغان ئۇ كىتاب ،
    سەن ئۈچۈنمۇ يادا بولۇپ كەتكەندۇ .
    ئوقۇپ بېرىپ دەردمەنلەرگە ئۆزەڭدەك ،
    يۈرۈكىڭگە تالاي ئازار يەتكەندۇ .


    بىز ياش ئىدۇق ،گاھ ئۇچرىشىپ قالاتتۇق ،
    ئەگرى -توقاي يوللىرىدا ئېتىزنىڭ .
    قۇياش تالاي كۆرۈپ قالغان ئەگىشىپ ،
    ماڭغىنىنى بىر يىگىتنىڭ بىر قىزنىڭ .


    ئايدىڭلاردىن سۆزلەپ بېرەر جىق قىسسە،
    ئاي ، يۇلتۇزنى گۇۋاھلىققا تارتساقمۇ .
    ئاي، يۇلتۇزنى ئۇنتۇغانتۇق چۈنكى بىز ،
    ئادەملەردىن پىنھانلارغا قاچساقمۇ .


    قىزلار ئۈچۈن يىگىت نىچۈن قىممەتلىك ؟
    شۇ ھىكمەتنى سەن بىلگەنتىىڭ مەندىنلا .
    يىگىت ئۈچۈن قىزلار قانداق ھىممەتلىك ،
    مەنمۇ بىلگەن ئۇنى پەقەت سەندىنلا .


    ئالما ،ئۈرۈك ئارىمىزدا تەڭ ئىدى ،
    نىمە تاپسام سېنىڭ ئۈچۈن ساقلايتتىم .
    نەشپۈت ئۈزسەم سالماي تۇرۇپ ئاغزىمغا،
    ئەڭ ئاۋىلى سېنىڭ ئۈچۈن ئاقلايتتىم .


    ھە ئىككىمىز شۇ سۆيگۈدە مەست ئىدۇق ،
    مەيخانىسى ياشلىق ئىكەن ئۆمۈرنىڭ .
    قىززىق ئىدۇق ،تاۋلىناتتۇق سۆيۈشتە ،
    ئۆزى ئىدۇق سەندەلدىكى تۆمۈرنىڭ .


    تەڭ چۆمۈلۈپ خىياللارغا چۆمۈلسەك ،
    تەڭ سوقاتتۇق كېلەچەكنىڭ تېمىنى .
    ياقماي تۇرۇپ ، سويۇپ بەرگەن ئىكەنمىز ،
    بىراق ، ھايات تونۇرىنىڭ نېنىنى .


    كۆك ئاسمانغا بۇلۇت چىقتى بىز ئۇچقان ،
    بۆلۈۋەتتى ئىككىمىزنى زىمىستان .
    كىرىپ بولماس تىكەنلىككە ئايلاندى ،
    كۈتمىگەندە ،بىر گۈل تەرگەن كۈلىستان .


    بىلمەپتىمەن ھايات باشقا ،چۈش باشقا ،
    بولار ئىكەن ئارزۇ باشقا ، ئىش باشقا .
    ئەمەس ئىكەن ھايات تامام توي -بەزمە ،
    بولار ئىكەن باھار باشقا ،قىش باشقا .


    كۆڭلى ئەسلى باشقا ئىكەن ئاپاڭنىڭ ،
    ئالمايدىكەن داداڭنىڭمۇ گېپىنى .
    كۆككە لەگلەك ئۇچقان بىلەن ئۆيۈڭدىن ،
    تۇتىدىكەن ئاپاڭ ئۇنىڭ يېپىنى .


    ئەركىنلىكنى قايرىپ قويۇپ ئەلچىلەر ،
    غالىب كەلدى تۇغقانلىرى ئاپاڭنىڭ .
    ئاخىر ئۇلار تاشنى تاڭدى تاياققا ،
    ئېلىپ كەتتى سېنى ئوغلى تاغاڭنىڭ .


    يۈرۈكىمنى ئېلىپ كەتتى ئاشۇلار ،
    ئېلىپ كەتتى پۈتكۈل ھايات، بەختىمنى .
    ئون تۇققۇزدا سېنىڭ بىلەن شاھ ئىدىم ،
    ئۆرۈۋەتتى شۇلار مېنىڭ تەختىمنى .


    تەلۋىلىكمۇ ،تەنتەكلىكمۇ بىلمەيمەن ،
    بىر كۆرسەتمەك بولۇپ باقتىم كۈچۈمنى .
    ئالماق بولدۇم بىر كېچىدە ئېرىڭدىن ،
    كېچىكسەممۇ قىساسىمنى ،ئۆچۈمنى .



    كەتكەنىدى پەيتى بىراق ھەممىنىڭ ،
    كۆمۈلگەنتى سېنىڭ بېغىڭ غازاڭغا .
    ئاڭلاپ قېلىپ دوستلۇرۇمدىن دەردىڭنى ،
    چىدالمىدىم سېنىڭ ئاچقان ھازاڭغا .


    چىقىپ كەتتىم مەھەللىدىن ئاخىرى ،
    قاڭقىغانچە بېشىم قايغان ياقلارغا.
    قايدا يۈرسەم يۈردۈم ئەمما ،ئالغاندەك ،
    سەندىن توۋۇق ئۆمۈر بويى ساقلارغا .


    ئۇچۇرىڭنى ئېلىپ يۈردۈم شۇندىمۇ ،
    گۈلۈم ، سەنمۇ ئەلدىن سوراپ يۈرۈپسەن .
    باھار كەلسە ، بىز ئوينىغان باغلاردىن ،
    ھىدلىرىمنى تېخى پۇراپ يۈرۈپسەن .


    نەچچە ئون يىل بولۇپ قاپتۇ شۇلارغا ،
    ھېلىغىچە بىزنىڭ كۆڭۈل ئۆلمەپتۇ .
    سېنىڭ جىسمىڭ كۆنگەن بىلەن تەقدىرگە ،
    لېكىن ، كۆڭلۈڭ بىر مىنوتمۇ كۆنمەپتۇ .


    ئۇنتۇماپسەن مېنى ئەسلا ،ئاپىرىن ،
    بالا -چاقاڭ بەشكە يەتكەن بولسىمۇ .
    يۈرىكىڭدە مەن ياققان ئوت ئۆچمەپتۇ ،
    ۋۈجۈدىڭدىن ياشلىق كەتكەن بولسىمۇ .


    توختاپ قاپسەن قېچىپ بېقىپ قانچە رەت ،
    كېچەلمەپسەن ئېھتىمالىم ،بالاڭدىن .
    كەلمەكتىكەن ھېلىغىچە مەھەللەڭ ،
    خالىي بولماي سەن توغرىلىق پاراڭدىن .


    شۇ ئەقىدەڭ يىتىۋىدى يادىمغا ،
    بولۇپ قالدىم بىر دوزاقتا كۆيگەندەك .
    بولۇپ قالدىم مۇرادىمغا يېتەلمەي ،
    بۇ دۇنيادا بىكار ياشاپ يۈرگەندەك .


    كىمدىن كۆرەي ھەممە گۇناھ ئۆزەمدە ،
    بەرمىگەندە سېنى ئېلىىپ قاچمىغان .
    سېنىڭدىنمۇ بىر سەۋەنلىك ئۆتكەنتى ،
    شۇ ئەقىلدىن ماڭا ئېغىز ئاچمىغان .


    توۋا ، دەيمەن ، بۇ كۆڭۈللەر شۇ چاغلار ،
    بىلمىگەندۇ نىمىشقىمۇ ئىسياننى ؟
    قول قوشتۇرۇپ تۇردۇق زادى نىمىشقا ،
    ئاسارەتكە ياراتقاندەك ئىنساننى ؟


    خۇجىسى دەپ جاھالەتنى جاھاننىڭ ،
    ئېسىت ، ئەجەپ كەپتىكەنمىز قۇللاردەك .
    شۇ سەۋەنلىك تەقدىرىمىز " تەقدىر "دەپ ،
    بولۇپ كەپتۇ ھارۋا بۇزغان يوللاردەك .


    ئەجەب گۆدەك ،ئەجەب نادان ئىكەنمىز ،
    گۇناھ دېسە ، ئەرك ئىكەن گۇناھ !دەپ .
    نىمە دېسە خۇراپاتنىڭ راست بوپتۇ ،
    ھۆكۈم قىلسا سۆيۈشكەننى زىنا! دەپ .


    بىلمەپتىمىز زارلىنىشتىن باشقىنى ،
    سەندە غەيرەت ،مەندە جۈرئەت كەم بوپتۇ .
    قولىمىزدا قۇربان بولۇپ ئۈمۈدمۇ ،
    ھە ،دېسىلا كىرپىكىمىز نەم بوپتۇ .


    چىقىپ كەتكەن بولساق ،كاشكى تاغلارغا ،
    باقمايتتىمۇ تاغلار بىزنى قويىنىدا .
    قايتمايتتىمۇ ئوغۇل تاپساق تاي بىلەن ،
    قىزلىرىمىز ئاسقان مۇنچاق بوينىدا .


    بىر ئىنسانغا بىر قېتىملىق ئالەمدە ،
    توخۇ يۈرەك بولغاندىمىز نىمىشقا ؟
    ئۆتتۈم شۇڭا ، مىڭ كاچاتلاپ ئۆزەمنى ،
    نەدە قاچا پۇشايماننى ئېلىشقا ؟!


    ئۆتىدىكەن جانانىغا يېتەلمەي ،
    ئايىغانلار جەڭلەر كۈنى بۇ جاننى .
    ياشايدىكەن شۈكۈر قىلىپ قۇللۇققا ،
    تىلەپ يېگەن خەيرىچىدەك بىر ناننى ...


    دىمىغىمدا سېنىڭ ھىدىڭ قاپتىكەن ،
    ئوخشىمىدى ساڭا ھىدى ھېچكىمنىڭ .
    سۆزلىگەنگە تۈگۈمەيدۇ مىڭ كېچە ،
    داستانىنى ساڭا بەرگەن ئىشقىمنىڭ .


    ئۆز مەھەللەم ئۆزگە يۇرۇتتەك كۆرۈنۈپ ،
    ئۆتتۈم بۈگۈن ئۆز كۆشۈمنى ئۆزۈم يەپ .
    مەن يۈرىمەن بۇ جۇدالىق دەردىنىڭ ،
    سەندىن كۆرە سەۋەبكارى ئۆزەم دەپ .


    كەلمەي دېسەم چىدىمايدۇ بۇ كۆڭۈل ،
    كەلسەم ئوتۇم ئولغىيىدۇ مۇشۇنداق .
    كېلىپ -كېتىپ ئۆز -ئۆزەمنى بەزلەيمەن ،
    نەدە بىزگە يەنە قايتا قوشۇلماق ؟!


    توۋا دەيمەن بۇ پەلەككە تاڭ قېلىپ ،
    يار تۇتقانلار بولىدىكەن مۇنداقمۇ !
    بىزدىن ئۆزگە بىزدەكلەرمۇ بارمىكىن ،
    بۇ دۇنيادا ياكى بىزلا شۇنداقمۇ؟ !


    باشلىغىلى بولمايدىكەن ياشلىقنى ،
    يېڭىۋاشتىن ناخشا ئېيتسا بولغاندەك .
    بولۇپ قالدىم شۇنداقتىمۇ ،نە ئېتەي ،
    بىراۋ مېنى ساڭا باغلاپ قويغاندەك


    بىر كېلىمىز دۇنياغا


    بىر كېلىمىز دۇنياغا،كۈندە سۆيۈن،كۈندە سۆي،
    قىيامەتلىك جۈپلەر بىز،كۈندە كۆيۈن،كۈندە كۆي.
    ئازار يېگەن كۆڭۈلدە كۆكلىمەيدۇ مۇھەببەت،
    ئۆرە بولغان ئەمەستۇر ئەلمىساقتىن كۈلدە ئۆي.

    ئاسايىشلىق ئۆمۈرىنى كۆتۈرىدۇ ئەرشكە،
    كۆتۈرەمدۇ كۆڭۈلنىڭ تارازىسى ئۆزگىنى؟
    ۋاپا تولغان ھۇجرىدا شائىرانە ھايات بار،
    شۇ ئەمەستۇ ھاياتنىڭ كۈندە قوشاق تۈزگىنى؟!

    قەدىردانلىق ئىنسانغا قىممەت خسلەت قەدىمىدىن،
    ماڭلىيىڭغا ھەر كۈنى مىڭنى سۆيسەم ئاز شۇڭا.
    بىر كېلىمىز دۇنياغا،قىشنى سۆيگۈ كۆتۈرمەس،
    لازىم،گۈلۈم،تائەبەد ئارىمىزغا ياز شۇڭا.

    سېنى گۈل دەپ پۇرايمەن كۈندە سۆيۈپ قانماستىن،
    ئىناق سۆيگۈ باغ چۈنكى،ئىناق سۆيگۈ پاراغەت.
    گۈللەيمىزمۇ،ئېتقىنا شۇ جۈپلۈكتىن ئايرىلساق،
    شۇڭا ،ماڭا تۇيۇلار قېيدىغنىڭ قىيامەت.

    ئاغزار مېنىڭ يۈرىكىم بۇلۇت كۆرسەم چېھرىڭدىن،
    مېھمان تۇرساق تۆت كۈنلۈك، نىمە ھاجەت نىزاغا؟
    ئەپۇ دېگەن يارالغان مەن ئۈچۈن ھەم سەن ئۈچۈن،
    ئۆتۈپ كەتسەك نىزادا ، ئۆلمەيمىزمۇ ئىزاغا ؟!

    بىر كېلىمىز دۇنياغا قايتىشمىدى كەتكەنلەر،
    ۋاپا ئىكەن ھاياتنىڭ بىزگە ئاۋال بەرگىنى،
    ھارام بىزگە دىلبىرىم نىزا تۈگۈل گۇمانمۇ،
    سۆيگۈ دېگەن ئالەمنىڭ بىزگە قۇچاق كەرگىنى.

    قايتقىنىمدا خاماندىن قېقىپ قويساڭ ئۇچامنى ،
    ھاردۇق دېگەن ئېيتقىنا ئۆزى شۇ ئان چىقمامدۇ؟
    ئوسما تەرسەم گۈل تەرسەل ئۆزۈڭ ئۈچۈن باغلارغا،
    جاھان ئەھلى شۇلاردىن چىن سۆيگۈنى ئۇقمامدۇ؟

    بىز يارالان ئەزەلدىن سۆيۈشۈشكە ، سۆيۈشكە،
    قوشۇپ بەردى بۇ ئالەم مۇھەببەتكە شادلىقنى،
    بىر كېلىمىز دۇنياغا ئارلاشتۇرما ئامرىقىم،
    يايۇمشاققا قاتتىقنى ، يا ئاچچىققا تاتلىقنى .

    تۈنۈگۈنكى بوۋاقلىق بۈگۈن بىزگە پۇشايمان،
    تاس قالغانتۇق كېبىردە كەتكىلىمۇ ئايرىلىپ،
    جۈپلىكىمىز شادلىقنىڭ مۇنبىرىدىن چۈشمىسۇن،
    ئۇھ تارتمايلى ئەپسۇستا قېرىغاندا قايرىلىپ.

    تاشتىن قاتتىق ئىشەنچتىن غالىب كېلىپ ئەنسىرەش،
    تۇمانلىرى تەشۋىشنىڭ بىزگە غەشلىك چاچمىغاي،
    يالغن سۆيۈش مەلئۇنلۇق، يالغان سۆيسەم ئۆلەي مەن،
    دوستلىرىڭمۇ ئېيتىپ قوي خۇددى بىزدەك ياشنىغاي.

    بىر كېلىمىز دۇنياغا ، بىللە تۆككەن تەر ئۇلۇغ،
    ھاجەت ئەمەس كۆز ياشلار بىللە چەككەن جاپاغا،
    زۆرۈر ھاغدا ھوزۇردۇر رىيازەتمۇ تەڭ ھەككەن،
    دەلىل ئىكەن شۇنداق كۈن ساداقەتكە ۋاپاغا.

    ئېزىتقۇلار يالغاندىن زەردارلىققا ئۈندەيدۇ،
    كىگىز ياخشى ھېزى بول شۇلار بەرگەن گېلەمدىن،
    بايلىق دېگەن بىلىپ قوي شىرىن ئۆتكەن سۆيگۈدە ،
    قوزغۇن ئۇچقان ياماندۇر بۇلبۇل جايى - چىمەندىن.

    قارغىش ئېلىپ ئۆتكەنلەر يامانلىقتىن نە تاپتى،
    ياشارتىدۇ ياخشىلىق ياخشىلارنى ئەزىزلەپ،
    ئۆتۈشكەنلەر ئىززەتتە جاي ئالاركەن ھەر دىلدىن،
    بارار ئىكەن شۇنداقلا ، تاغلاردىنمۇ ئگىزلەپ.

    دەرس ئالسۇن شۇلاردىن بىزنىڭ سۆيگۈ ، ئامرىقىم،
    بىز كېلىمىز دۇنياغا مېنى كۈندە سۆيۈپ قوي،
    بۇ سۆيگۈنى قۇتلايدۇ ھەر كۈن چىققان قۇياشمۇ،
    ھەر سەھەردە بىر قەدەھ سەنمۇ ماڭا قۇيۇپ قوي.

    كەپتۇدەك

    ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﻪﻙ ﮔﻮﻟﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ،

    ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪﻙ «ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ» ﺩﻩﭖ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.

    ﭘﯩﭽﯩﺮﭘﯩﭽﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺗﻮﻻ: ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﺴﺎ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ،

    ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﯨﻠﻰ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ‹ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ›ﻛﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻘﻰ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎﻳﺎﺗﯩﻘﻰ،

    ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﻗﺎﭘﯩﻘﻰ،

    ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻐﺎ ﭼﺎﺗﯩﻘﻰ،

    ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﻛﯩﻤﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﺘﺎﺝ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﯩﺮ،

    ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ، ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯦﭙﻰ ﺑﯩﺮ،

    ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﻰ ﺑﯩﺮ،

    ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﭘﺌﯩﭽﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﭼﯩﯔ ﭼﯩﻘﺘﻰ: ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺳﻪﻳﻠﯩﻨﻰ

    ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯩﺰﭼﻮﻛﺎﻥ، ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﻣﻪﻳﻠﯩﻨﻰ،

    (ﮬﺎﯕﺮﺍﻟﻤﺎﺳﻜﻪﻥ ﺋﯧﺸﻪﻛﻤﯘ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ)،

    ﻣﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻗﯩﺰﺟﯘﯞﺍﻥ ﺋﻮﯞﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺑﺎﻍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ،

    ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ ﺷﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﯩﻤﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ،

    ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﭘﯩﻜﺎﭘﻼﺭ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻣﺎﯕﺪﻯ ﺭﻩﺗﺮﻩﺗﺘﻪ،

    ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺑﻮﭖ ﻗﻮﻱ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﺗﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﯗ، ﺳﯚﺯﻯ ﻳﻮﻕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﻗﻘﯘﺩﻩﻙ،

    ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭﯗ، ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻮﻕ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻗﻘﯘﺩﻩﻙ،

    ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﺎﭘﻘﯘﺩﻩﻙ،

    ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﻗﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮﯞﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺭﺯ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺗﯩﯖﺸﯩﻤﺎﺱ،

    ﺋﻮﻥ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻜﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﯩﻤﺎﺱ،

    ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻼ ﺧﺎﻣﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﯩﻤﺎﺱ،

    ﺧﯘﻳﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﭘﯘﻗﺮﺍﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ، ﺭﺍﺳﺖ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﻧﭽﯩﻘﻤﺎﺱ،

    ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﻧﭽﯩﻘﻤﺎﺱ.

    ﺋﻪﮔﯩﺰ ﺳﯘﺩﺍ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﻮﻝ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﻧﭽﯩﻘﻤﺎﺱ،

    ﺋﯚﺯﮔﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩﻙ ﺑﯘﻟﻐﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﺴﺘﺎﺭﻛﻪﻥ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﻗﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻦ، ﺩﻩﭖ،

    ﺑﺎﻳﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺳﺎﻏﻘﯩﻦ، ﺩﻩﭖ،

    ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺮﻏﺎﯞﯗﻟﻼﺭ ﺋﺎﺗﻘﯩﻦ، ﺩﻩﭖ،

    ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﻘﺌﺎﻟﯟﺍﯕﻐﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﯩﻤﺎﺱ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ،

    ﺩﯗﺗﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮ، ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ، ﺗﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ،

    ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ «ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ»، ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ، ﭼﺎﺭﻩ ﻳﻮﻕ،

    ﺑﯩﺰﻧﻰ *****ﺩﯙﺕ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﻮﻣﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺋﯚﻣﻪﻛﻨﻰ،

    ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺎﺭ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪﻛﻨﻰ،

    ﺑﯚﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ، ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺷﯜﻣﻪﻛﻨﻰ،

    ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻛﻪﺑﻰ ﺧﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.



    ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺷﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﺭ؟

    ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻐﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﮔﯚﺵ، ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﻪﺭ؟

    ﻣﯩﯔ ﭘﺎﺗﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﻪﺭ،

    ﺷﻪﺭﻩﭘﺸﺎﻧﻨﻰ، ﺩﻩﻳﯜﺯﻟﻪﺭ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩﻙ.


    جىمى گۇناھ ئۈزەمدە

    كۈيمىگەنگە كۈيگەن گۇناھ ئۈزەمدە،
    سۈيمىگەننى سۈيگەن گۇناھ ئۈزەمدە.
    قۇلىقىغا قىسىپ يۈرەي مىنى دەپ
    خام خىياللار سۈرگەن گۇناھ ئۈزەمدە.

    دوسلار يارىڭ يامان دىسە ئىشەنمەي،
    يامان ئاتنى مىنىۋىلىپ چۈشەلمەي .
    دۇنيانى بىر بىر ياماننى چۈشەنمەي،
    جاندىن ئەزىز كۈرگەن گۇناھ ئۈزەمدە.

    تۈلكە كەلگەن ئىكەن مەندىن گۈل سوراپ،
    بېرىپتىمەن بۇ كۈڭۈلنى ئالدىراپ .
    كىشى كەلمەس ئەمدى مەندىن ھال سوراپ،
    ياۋ كەينىگە كىرگەن گۇناھ ئۈزەمدە.

    ئاران يوللاپ بولدۇم رەھمەت

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    [center]
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-29 00:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق DAWAKOL

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 53<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 46
    UID نۇمۇرى : 18784
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 41
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
    شۆھرەت: 38 نۇمۇر
    پۇل: 131 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08


    نىمىدىگەن ئىسىل شىئىرلار بۇ~~!

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار:
    سىلەرگە بىر ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى شىئىر يېزىش قابىليىتى بار دوسلار ماڭا ياردەم قىلىپ <سۈزۈك سۇ> مەدىيلەنگەن ، ياكى مۇشۇ تىما توغرىسىدا شىئىر يېزىپ بەرسەڭلەر ،جاپا چىكىدىغان بولدۇڭلار رەھمەت.

    Atlan
    ??????
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-29 10:58 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق DAWAKOL

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 53<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 46
    UID نۇمۇرى : 18784
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 41
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
    شۆھرەت: 38 نۇمۇر
    پۇل: 131 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08


    مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىمىزنى بىر كۆرگۈم بارتى  قاچانمۇ غۇلجىغا بېرىش پۈرسىتى كىلە.
    ئۆمرىنى ئۈزۈن قىلغاي خۇدايىم.

    Atlan
    ??????
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-29 11:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق yolbax1

    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 353<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 246
    UID نۇمۇرى : 19924
    دەرىجە: سەپ بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 345
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە345دانە
    شۆھرەت: 319 نۇمۇر
    پۇل: 1270 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-03


    مەن مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىېرلىرىنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،يوللىغۇچىغا رەخمەت.

    QiQan Uyghur Ulinix Tori
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-29 12:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق vadarih



    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 53<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 46
    UID نۇمۇرى : 21234
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 44
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    پۇل: 232 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08


    ۋاي - ۋۇي باللا ! بۇ يەردە مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىئىرلار توپلىمىنى << نەشىر >> قىلىۋىتىپسىلەرغۇ ؟ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . بۇ ئادەم ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە سازاۋەر بولۇشقا مۇناسىپ . ئۇنىڭ يەنە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن شىئىرلىرى بولسا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈڭلار .

    داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-29 13:26 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق muallim88



    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 115<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 184
    UID نۇمۇرى : 20811
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 85
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە85دانە
    شۆھرەت: 85 نۇمۇر
    پۇل: 362 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-10


    پەخىرلىنىمەن ، بىزنىڭ مۇشۇنداق شاىرلىرىمىز بولغانلىغىدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ شىىرلارنىڭ ھەممىسى بىرنى قويماي ئوقۇپ چىقتىم ، ھەتتا بەزەنلىرىنى نەچە قايتىلىدىم. رەىمەت    

    QiQan Uyghur Ulinix Tori
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-29 18:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1851<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3148
    UID نۇمۇرى : 17636
    دەرىجە: سانغۇن
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1712
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1712دانە
    شۆھرەت: 1560 نۇمۇر
    پۇل: 5361 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07


    بۇ ئەل سۆيگەن شائىرىمىزنىڭ تەرجىمالىنى يوللاپ تولىمۇ ياخشى قىپسىز،رەھمەت.

    ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 10:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق handan610

    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 223<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 76
    UID نۇمۇرى : 16321
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 155
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە155دانە
    شۆھرەت: 145 نۇمۇر
    پۇل: 598 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07


    بارماق بىلەن سانىغۇدەك شائىرلىرىمىزنىڭ ئالدى بۇ شائىرىمىز. پۈتۈنلەي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەقنى سۆزلەيدۇ، خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئېيتىدۇ. تاشمۇھەممەت ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتسا گۈل ئۈستىگە گۈل قونىدۇ.
    ئاللا شائىرىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن!

    ئابدۇۋەلى ئېسىل تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، ھارماڭ!

    6xahar
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 11:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق kunkiz
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5450<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4549
    UID نۇمۇرى : 14159
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 5306
    ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5306دانە
    شۆھرەت: 2025 نۇمۇر
    پۇل: 9831 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07


    مۇھەممەتجان ئەپەندىنىڭ شېېرلىرىنى تولمۇ ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن . شېېر ئادەمگە ئوزگىچە زوق ئاتا قىلالايدۇ تىمىڭىزغا رەخمەت.

    6xahar
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 11:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق sapdil0521

    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى <br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 392<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 207
    UID نۇمۇرى : 20327
    دەرىجە: سەپ بىشى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 344
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە344دانە
    شۆھرەت: 344 نۇمۇر
    پۇل: 1232 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-15


    مەنمۇ مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شىېرلىرىنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ئەجرىڭىزگە رەخمەت. كۆپ جاپا تارتىپسىز.

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-30 17:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق kiqiksapra

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 18<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
    UID نۇمۇرى : 11949
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 22 نۇمۇر
    پۇل: 139 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-21


    ئوغال بالا ئەكەك....بەك ياخشى تىما يوللاپسىز.. مەن 1- شىئىرنى بەك ياقتۇرىمەن ......بۇ  شىئىرنى كورسەم دەسلەپ خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقىتلىرىم  يادىمغا كېلىدۇ......ئېسىل  شىئىردە بۇ.... تىمىڭىزغا رەخمەت .

    داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-03 00:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق birkoray



    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 9<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 90
    UID نۇمۇرى : 21210
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 9
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-04


    ياخشى نادىر تىمىلار نى يولاپسىز ئابدىۋەلى سىزگە رەخمەت مۇھاممەتجان راشىدىن بىلەن كۆرۇشۇشنى
    خالايدىغانلار غۇلجىغا كىلىپ مىنى ئېىزدىسۇن مەن بۇ ئادامنىڭ يان خوشنىسى

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-04 13:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق lutpulla2

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 97<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3
    UID نۇمۇرى : 11378
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 97
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە97دانە
    شۆھرەت: 34 نۇمۇر
    پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05


    مۇھەممەتچان راشىدىن ئەپەندى ، خۇددى تاڭ شائېرى بەي جۇيىنىڭ ئۆزى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەي جۇيى شىئېر يازسا ئەڭ ئاۋۋال قىرى مۇمىسىغا ئوقۇپ بىرىپ مۇمىسى چۈشەنگۈچە تۈزۈتەتتىكەن ، مۇھىممەتچان رەشىدىننىڭ شىېئىرلىرىمۇ نەق شۇنداق ھەتتا ساۋاتسىز دىھقانلارمۇ چۈشىنەلەيدۇ.

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    ????? ????? ?????????? ?????? ?????? ? ?? ????? ??? ????? ????? ????????. ????? ????? ??? ??????? ????? ??????. ?? ????? ??? ????? ????? ???????...
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-04 13:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق 7bura

    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 267<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 32
    UID نۇمۇرى : 8358
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 251
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە251دانە
    شۆھرەت: 79 نۇمۇر
    پۇل: 500 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-24
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-26


    abduwali503تىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت مۈمكىن بولسا داۋامىنى يوللارسىز ، .

    6xahar
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-04 22:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق kixlikkiyim



    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 10<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 89
    UID نۇمۇرى : 21921
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 8
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-04
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-05


      راشىدىنكام ئوغلىنى ،
      بۇلماق بەمەي بېقىپتۇ.
      بۇلماق يىگەن بالىلار.
      تىللىرىدىن قېرىپتۇ.

      گاھى قېرى موماينىڭ ،
      گاھى دېھقان تومپاينىڭ
      دەرتلىرىنى ئېيتىدۇ .
      يەنە يوقسۇل گاداينىڭ

      سوزلىرىڭنىڭ تاتلىقى،
      خۇددى ئانام سوزىدەك.
      مىسرالىرىڭ ئاچچىقى،
      قىلىچ-نەيزە كۈيىدەك.

    داۋامىنى ئەتە........ماقۇما
     

    Atlan
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-05 00:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق YALHUZ216

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 47<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 53
    UID نۇمۇرى : 14574
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 47
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە47دانە
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    پۇل: 57 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-03


    ئەتىنى كۈتىۋاتىمىز

    ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-06 22:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق muzkalip

    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 232<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 67
    UID نۇمۇرى : 10916
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 223
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە223دانە
    شۆھرەت: 95 نۇمۇر
    پۇل: 532 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-09
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05


      مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇيغۇر شىېئىرىيەتچىلىكىنىڭ يول باشچىلىرىدىن بىرى.ئۇنىڭ شىئېر لىرى ھەقىقەتەن بەكلا ياخشى يېزىلغان. بەلكى بەزىلىرىمىزگە نامەلۇم دەسلىۋىدە بەزىلەر شائېر ۋە رۇزىسايىت ئۇستازنى<<قۇشاقچى>>دەپ .مازاق قىلىشقانكەن. مانا رىياللىق بۇ ئىككى <<قۇشاقچى>>نى ھەممىمىزگە تۇنۇتتى.

    ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
    ????? ????? ?????!!!!!!!!!!!!!!!
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-07 10:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق wapadar520



    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 17<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 83
    UID نۇمۇرى : 22219
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 17
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 221 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-12
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-01-04


    راسىلا ياغىشى يىزپىز ، بۇنىڭىدىن كىيىن تىغىمۇ تىرشىڭ جۇما . رەھمەت سىزىگە.

    داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-12 05:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [23 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق .yaxligim

    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 150<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 149
    UID نۇمۇرى : 22222
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 150
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە150دانە
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    پۇل: 641 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-12
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-27


    ،يوللىغۇچىغا رەخمەت

    ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-12 06:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [24 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق 麦尔但

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 43<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 56
    UID نۇمۇرى : 20998
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 33
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
    شۆھرەت: 33 نۇمۇر
    پۇل: 241 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-25


    ئۇلۇغ ئھللا شائىرىمىزغا ئوزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي.

    Atlan
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-12 14:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [25 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق alram@

    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 81<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 18
    UID نۇمۇرى : 17369
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 75
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە75دانە
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 205 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-23
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-24





    خوپ ئۆزەڭ دۇنيا بىراق 
    شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن 
    بىگۇنانى باغلىغان
    ئارقانلىرىڭدىن قورقىمەن 
                                              بىر دېڭىزغا ئوخشۇتۇپ
                                              دائىم سىنى ماختاي دىسەم 
                                              قانچە كىمەمنى غەرىق 
                                            قىلغانلىرىڭدىن قورقىمەن
    بەرگىنڭ بەرگەنگەقوشلاپ 
    مىنى ھەيران ئەيلىدى
    ئويلىسام دىھقاننى ئاچ 
    قويغانلىرىڭدىن قورقىمەن 

                                            مەن خۇمارمەن تىنچ ھاياتقا 
                                            تۈندىمۇ ئت ھاۋشىماس 
                                          كۈندۈزۇڭدە قايغۇيەپ
                                          ئاخشاملىرىڭدىن قورقىمەن.

                                         
                              قورقىمەن (غەزەل )
                            مۇھەممەتجان راشىدىن
     
    خوپ ئۆزۇڭ ، دۇنيا ، بىراق شەيتانلىرىڭىزدىن قورقىمەن ،
    بىگۇناھنى باغلىغان ئارقانلىرىڭىدىن قورقىمەن . 
    بىر دېڭىزغا ئوخشۇتۇپ دائىم سېنى ماختاي دېسەم ، 
    قانچە كېمەمنى غەرىق قىلغانلىرىڭىدىن قورقىمەن .
    بەرگىنىڭ بەرگەنگە قوشلاپ مېنى ھەيران ئەيلىدى ،
    بەرمەيمەن ئەكىسچە جان ئالغانلىرىڭىزدىن قورقىمەن . 
    ئەلگە ئاش بەرگەن قۇلۇڭنى بۇ ئەمەس ئۆچ كۆرگۈنۈم ، 
    گاھ سېخى ۋە گاھ بېخىل ئالقانلىرىڭدىن قورقىمەن . 
    قۇرۇسۇن كۆرگەن كۈنى ئاق نانلىرىڭىدىن ئايرىلىپ ، 
    ئويلىسام ، دېھقاننى ئاچ قويغانلىرىڭىدىن قورقىمەن . 
    مەن خۇمارمەن تىنىچ جاھانغا تۈندىمۇ ئىت ھاۋشىماس ، 
    گاھ ئۆزۈڭ ئوت ئىلكىدە قالغانلىرىڭدىن قورقىمەن . 
    تۈزلىرىڭدە تۈلكە يۈرسە كۈندە ئەلگە ئارلىشىپ
    بۆرە يوق دەپ ماختىما ، ئورمانلىرىڭدىن قورقىمەن ،
    جىق بالىلار قۇتىرىشىپ كىملەرگىدۇر تەھتىت سېلىپ ،
    كۈندىزىڭدىن قايغۇ يەپ ، ئاخشاملىرىڭدىن قورقىمەن .
    يورغا ئاتقا ئوخشىساڭ مىنسەم ئەجەپ راھەت ئىدى ، 
    يۇرغىلاپ ، ئەمما سېنىڭ چانغانلىرىڭدىن قورقىمەن .
    ئارلىشىپ ئاچچىققا تاتلىق كەلگىنى يا شۇمىكىن ،
    ھەركۈنى راستىڭغا قۇل يالغانلىرىڭدىن قورقىمەن


    [ بۇ يازما alram@ تەرپىدىن 2007-12-13 00:59 دە قايتا ]

    يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
    ????????? ????????.................
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-13 00:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [26 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق boway-1

    تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 169<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 130
    UID نۇمۇرى : 7850
    دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 166
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە166دانە
    شۆھرەت: 15 نۇمۇر
    پۇل: 278 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-24


    دوستلارغا  دىگەن شىېئىرى بولسا يۇللاپ  قويارسىلە تورداشلار
    تىما ئىگىسىگە كوپ تەشەككۇر.

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-22 23:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [27 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق mamhmutjiang

    تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1441<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3558
    UID نۇمۇرى : 16988
    دەرىجە: سانغۇن
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1221
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1221دانە
    شۆھرەت: 1226 نۇمۇر
    پۇل: 4094 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08


    نېمە دىگەن جىق بۇ

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    كۆزۇڭنى ئاچ . ئۆزۇڭنى تاپ ئەركەكلەر..........

    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-23 02:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [28 -قەۋەت]
    بۇ ئەزا توردا يوق alim020



    تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 99
    UID نۇمۇرى : 22661
    دەرىجە: Ordinary Member
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-12-24


              ئەسسا لامۇئەلەيكۇم  تورداشلار ئەڭ ئاۋال ھەممىڭلارنىڭ <<قۇربان ھىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن>>  .      ئۇيغۇرلىمىز نىڭ ئارىسدىن چىققان بۇ<< ئوت يۇرەك>>شائىرىمىزنىڭ بولغىنىدىن      بىز پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز .    چۇنكى بۇ شائىرىمىز بىز ئۇىغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان بىر نامى ئولمەس شائىرىمىز.                                                                                                                                                  پەخىرلەنسەك ئەرزىدۇ،بىز ئەسلىمىز ئۇيغۇر.          ئەجداتلارنىڭ ۋارىسى بىز نەسلىمىزئۇيغۇر.    چىن تۆمۇردەك باتۇرنىڭ پۇشتى بىز ئۇيغۇر.        ئناق بولۇپ شاتياشايلى چۇنكى بىز ئۇيغۇر.       

    دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
    چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-24 05:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [29 -قەۋەت]
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 03-08 08:54
    Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation